پەزىلەتلىك بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىش

پەزىلەتلىك بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىش
بسم الله الرحمن الرحيم
إنَّ الْحَمْدَ لِلهِ نَحْمَدُهُ وَنَسْتَعِينُهُ وَنَسْتَغْفِرُهُ، وَنَعُوذُ بِاللهِ مِنْ شُرُورِ أَنْفُسِنَا وَمِنْ سَيِّئَاتِ أَعْمَالِنَا، مَنْ يَهْدِهِ اللهُ فَلاَ مُضِلَّ لَهُ، وَمَنْ يُضْلِلْ فَلاَ هَادِىَ لَهُ، وَأَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ.
أوصيكم عباد الله، ونفسي أولاً بتقوى الله،
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِ وَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنْتُمْ مُسْلِمُونَ﴾
أَمَّا بَعْدُ: فَإِنَّ خَيْرَ الْحَدِيثِ كِتَابُ اللهِ، وَخَيْرَ الْهَدْيِ هَدْيُ مُحَمَّدٍ صلى الله عليه وآله وسلم، وَشَرَّ الأُمُورِ مُحْدَثَاتُهَا، وَكُلَّ مُحْدَثَةٍ بِدْعَةٌ، وَكُلَّ بِدْعَةٍ ضَلاَلَةٌ، وَكُلَّ ضَلاَلَةٍ فِى النَّار.
بىزنى مۇقەددەس ئىسلام بىلەن شەرەپلەندۈرگەن، گۈزەل ئەخلاق بىلەن زىننەتلەپ ئىنسانىيەتكە ئۈلگە قىلغان ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدۇسانا ئېيتىمىز. يول باشچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سانسىز دۇرۇد سالام يوللايمىز.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.
مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
قۇرئان كەرىمدىكى ئىنساننىڭ ياراتقۇچىسى، پەيغەمبىرى، ئەترپىدىكى كىشىلەر ۋە ياشىغان مۇھىيتىغا قارىتا مۇناسىۋەت ۋە ئالاقىلىرىنى تەرتىبكە سالىدىغان سۈرىلەردىن بىرى ھۇجۇرات سۈرىسىدۇر.
يەنە بىر ئىسمى ئەخلاق سۈرىسى بولغان ھۇجۇرات سۈرىسى بىزگە ئىنسانلارنىڭ پەقەت ئىمان بىلەن شەرەپلىك بولىدىغانلىقىنى ۋە ئىسلام بىلەن ئىززەتكە ۋە غەلىبىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ. مۇئمىن-مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمان رىشتىسى بىلەن بىر-بىرىگە قېرىنداش بولۇشى ۋە قېرىنداشلىقنى داۋاملاشتۇرالىشى پەقەت ئۆزئارا مۇناسىۋەت قائىدە-يۇسۇنلىرىغا ئەمەل قىلىش، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى بۇزىدىغان ھەر تۈرلۈك سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش ئارقىلىق مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ.
ھۆرمەلىك مۇسۇلمانلار!
رەببىمىز ئۇلۇغ ئاللاھ ھۇجۇرات سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تُقَدِّمُوا۟ بَيْنَ يَدَىِ ٱللَّهِ وَرَسُولِهِ﴾ «ئى ئىمان ئېيتقان زاتلار! ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتـۈپ كەتمەڭلار..» - (سۈرە ھۇجۇرات، 1 - ئايەت).
ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتمەسلىك؛ ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنى ھەممىدىن بەك سۆيۈشتۇر.
ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتمەسلىك؛ ئاللاھنىڭ خۇشنۇدلىقىنى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ مۇھەببىتىنى ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن تۇتۇشتۇر.
ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتمەسلىك؛ ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا قۇرئانغا ۋە ھەدىسلەرگە چىن قەلبىدىن باغلىنىپ ئەمەل قىلىشتۇر.
ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتمەسلىك؛ ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى، ھۆكۈملىرىنى شەخسىي قارار ۋە تاللاشلىرىمىزنىڭ ئالدىغا قويۇش، قاراش ۋە پىكىرلىرىمىزدىن مۇھىم ۋە قىممەتلىك دەپ قوبۇل قىلىپ، ئىجرا قىلىشتۇر.
يىغىپ ئېيتقاندا، ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتمەسلىك؛ ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئەمەل قىلىشى لازىم بولغان بۇيرۇق ۋە ئىمانىي بىر مەسئۇلىيەتتۇر.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
ھۇجۇرات سۈرىسىدە رەببىمىز بىزگە تەۋسىيە قىلغان ئۆگۈتلەردىن بىرى مۇنۇ بۇيرۇقتۇر: ﴿يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِن جَآءَكُمْ فَاسِقٌۢ بِنَبَإٍ فَتَبَيَّنُوٓا۟﴾ «ئى ئىمان ئېيتقان زاتلار! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، ئۇ خەۋەرنى ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار.» - (سۈرە ھۇجۇرات، 6 - ئايەت).
بۇ ئايەتتە بىزنى يالغان خەۋەر ۋە خاتا مەلۇماتلارغا ئالدىنىپ، كېيىن پۇشايمانغا قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. شۇڭا ئاڭلىغان ھەر خەۋەرگە، يەتكەن ھەر مەلۇماتقا ئىشىنىشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭ راست ياكى يالغان، توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاشقا بۇيرىدۇ. چۈنكى مەيلى ئەمەلىي ھاياتتا مەيلى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىش، توغرىلىقى تەكىتلەنمىگەن مەلۇماتلارنى ئورتاقلىشىش، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى بۇزۇشقا، جەمئىيەتتە پىتنە-پاساتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا، ھوزۇر ۋە ئىشەنچنىڭ يوقۇلىشىغا سەۋەب بولماقتا. بۇ ئەھۋال كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ۋەيران قىلىش، ئائىلىلەرنى پارچىلاش ۋە دوستلۇقلارنىڭ دۈشمەنلىككە ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. قەتئىي ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، توغرىلىقىنى ئېنىق بىلمىگەن بىر مەلۇماتنى ياكى خەۋەرنى تارقىتىش ناھايىتى چوڭ گۇناھ، كەچۈرگۈسىز جىنايەتتۇر.
مۇھتەرەم مۇسۇلمانلار!
ھۇجۇرات سۈرىسىدە تەۋسىيە قىلىنغان ئۆگۈتلەردىن يەنە بىرى مۇنۇ ئايەتتۇر: ﴿يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا يَسْخَرْ قَوْمٌ مِّن قَوْمٍ﴾ «ئى ئىمان ئېيتقان زاتلار! ھېچبىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى مەسخىرە قىلمىسۇن..»
﴿وَلَا تَلْمِزُوٓا۟ أَنفُسَكُمْ وَلَا تَنَابَزُوا۟ بِٱلْأَلْقَـٰبِ﴾ «بىر _ بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر _ بىرىڭلارنى (يامان) لەقەملەر بىلەن چاقىرماڭلار..» - (سۈرە ھۇجۇرات، 11 - ئايەت).
بىزنىڭ دىنىمىزدا دۇنيادىكى مەخلۇقاتلارنىڭ ئىچىدە ئىنسان ئەڭ شەرەپلىك بولۇپ، ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر. ھېچبىر شەكىلدە ئۇنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ۋە يۈز ئابرۇيىغا چېقىلىشقا بولمايدۇ. چاقچاق قىلىپ بولسىمۇ قول، تىل، قاش ۋە كۆز ئىشارەتلىرى بىلەن ئۇنى مەسخىرە قىلىش، زاڭلىق ئېتىش ۋە ئېتىبارىنى چۈرۈشكە بولمايدۇ. ئىنساننىڭ غۇرۇرىغا تىل تەككۈزۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ. ئۇنىڭغا شەرەپ ۋە يۈزىنى چۈشۈرىدىغان ھاقارەت قىلىش ۋە يامان لەقەملەرنى قويۇشقا بولمايدۇ. بۇ ناچار قىلىقلارنىڭ سەۋەبى ئاللاھ تائالا يامان كۆرىدىغان يوغانچىلىق، ياراتماسلىق ۋە كۆزىگە ئىلمەسلىكتۇر. ئۆزىگە تەمەننا قىلىپ، باشقىلارنى تۆۋەن كۆرۈشتۇر.
ھۇجۇرات سۈرىسىدىكى يەنە بىر تەۋسىيە مۇنداق: ﴿يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱجْتَنِبُوا۟ كَثِيرًا مِّنَ ٱلظَّنِّ إِنَّ بَعْضَ ٱلظَّنِّ إِثْمٌ ۖ وَلَا تَجَسَّسُوا۟ وَلَا يَغْتَب بَّعْضُكُم بَعْضًا﴾ «ئى ئىمان ئېيتقانلار! (بىر _ بىرىڭلار ھەققىدە) تولا گۇمان قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى بەزى گۇمانلار گۇناھتۇر. بىر _ بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار، بىرـ بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار...» - (سۈرە ھۇجۇرات، 12 - ئايەت).
مۇئمىن-مۇسۇلمان قولى ۋە تىلى بىلەن ھېچكىمگە زىيان ئۇرمايدىغان، كىشىلەر ئۇنىڭدىن زىيان كەلمەيدۇ، دەپ ئىشەنچ قىلىدىغان كىشىدۇر. مۇئمىن كىشىلەر ھەققىدە يامان گۇمان قىلمايدۇ، بەلكى ھەر دائىم ياخشى گۇمان قىلىدۇ. باشقىلارنىڭ ئەيىب ۋە كەمچىلىكلىرىنى ئىزدىمەيدۇ، بەلكى ئۆزىدىكى ئەيىب ۋە خاتالىقلارنى تېپىپ تۈزۈتۈشكە تىرىشىدۇ. مۇئمىن غەيۋەت قىلمايدۇ، سۈخەنچىلىك قىلىپ گەپ توشىمايدۇ، ئالدىدا ماختاپ ئارقىسىدا يامان گېپىنى قىلمايدۇ.
قىممەتلىك مۇسۇلمانلار!
ئاللاھ تائالا ھۇجۇرات سۈرىسىدە پۈتكۈل ئىنسانلارغا مۇنداق خىتاپ قىلىدۇ: ﴿يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَـٰكُم مِّن ذَكَرٍ وَأُنثَىٰ وَجَعَلْنَـٰكُمْ شُعُوبًا وَقَبَآئِلَ لِتَعَارَفُوٓا۟ ۚ إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِندَ ٱللَّهِ أَتْقَىٰكُمْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ﴾ «ئى ئىنسانلار! شەكسىزكى، بىز سىلەرنى بىر ئەر، بىر ئايالدىن ياراتتۇق، ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە قەبىلىلەر قىلدۇق. شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىدىغىنىڭلار ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلاردۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.» - (سۈرە ھۇجۇرات، 13 - ئايەت).
ئۇلۇغ دىنىمىز ئىسلام مانا مۇشۇنداق پەزىلەتلىك جەمئىيەت بەرپا قىلىدۇ. بۇ جەمئىيەتتە كىشىلەر بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، يامان كۆرمەيدۇ. بىر-بىرىنى سۆيىدۇ، دۈشمەنلەشمەيدۇ. بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ، مەسخىرە قىلمايدۇ، كەمسىتمەيدۇ ۋە تۆۋەن كۆرمەيدۇ. بىر-بىرىنى قوللايدۇ، ياردەم قىلىدۇ، ھەمكارلىشىدۇ، ھەسەتخورلۇق، چىدىماسلىق قىلمايدۇ. ئىسلام بەرپا قىلغان جەمئىيەتتە يۇرتۋازلىق، قەبىلىۋازلىق ۋە ئىرقچىلىقنى چەكلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھىم! قۇلىغىمنىڭ يامانلىقىدىن، كۆزۈمنىڭ يامانلىقىدىن، تىلىمنىڭ يامانلىقىدىن ۋە قەلبىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن.
بۈگۈن ئۆزىنى مەدەنىيەتلىك ھېساپلايدىغان، ئىنسانىيەت تۇيغۇسى يوق، ۋەھشىيلىك بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان زالىملار شەرقىي تۈركىستان، غەززە ۋە باشقا نۇرغۇن جايلاردىكى مۇسۇلمانلارغا ھەرخىل رەھىمسىزلىك، قىيناش ۋە زۇلۇملارنى قىلىۋاتىدۇ. ئاللاھ تائالا ھۇجۇرات سۈرىسىدە مۇسۇلمانلارغا بۇ زۇلۇملارغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّمَا ٱلْمُؤْمِنُونَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ ثُمَّ لَمْ يَرْتَابُوا۟ وَجَـٰهَدُوا۟ بِأَمْوَٰلِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلصَّـٰدِقُونَ﴾ «شەكسىزكى، (ھەقىقىي) مۇئمىنلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاندىن ھەرگىز شەك كەلتۈرمىگەن، پۇل _ ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلاردۇر. ئەنە شۇلار (ئىمانىدا) راستچىل كىشىلەردۇر.» - (سۈرە ھۇجۇرات، 15 - ئايەت).
رەببىمىز ئۇلۇغ ئاللاھ بىزگە ھۇجۇرات سۈرىسىدە ئەسلەتكەن ھەقىقەتلەرنى ھاياتىمىزدا ئەمەلىلەشتۈرۈشنى نېسىپ قىلسۇن. زىھنىمىزنى، قەلبىمىزنى ۋە تىلىمىزنى بۇلغايدىغان، بىرلىكتە تىنچ ئامان ياشىشىمىزغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن.
أَلاَ إِنَّ أَحْسَنَ الْكَلاَمِ وَ أَبْلَغَ النِّظاَمِ • كَلاَمُ الله ِالْمَلِكِ الْعَزِيزِ الْعَلاَّمِ. كَماَ قَالَ الله ُتَباَرَكَ وَ تَعاَلَى فِي الْكَلاَمِ • وَ إِذاَ قُرِئَ الْقُرْآنُ فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَ أَنْصِتُوا لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ • أَعُوذُ بِاللهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ ... بِسْمِ اللهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ ... إِنَّ الدِّينَ عِنْدَ الله ِاْلإِسْلاَمُ ... صَدَقَ الله ُالْعَظِيمُ
وقال عليه الصلاة والسلام: "التائب من الذنب كمن لا ذنب له" أستغفر الله العظيم وأتوب إليه، وأسال الله لي ولكم التوفيق
ئىككىنچى خۇتبە
اَلْحَمْدُ لِلّٰهِ حَمْدَ الْكَامِلِينَ وَالصَّلاَةُ وَالسَّلاَمُ عَلٰى رَسُولِنَا مُحَمَّدٍنِ اْلْأَمِينِ وَ عَلٰى اٰلِهِ وَأَصْحَابِهِ أَجْمَعِينَ تَعْظِيمًا لِنَبِيِّهِ وَتَكْرِيمًا لِفَخَامَةِ شَانِ شَرَفِ صَفِيِّهِ
فَقَالَ عَزَّ وَجَلَّ مِنْ قَائِلٍ مُخْبِرًا وَ اٰمِرًا ﴿اِنَّ اللّٰهَ وَمَلَائِكَتَهُ يُصَلُّونَ عَلَى النَّبِيِّ يَا اَيُّهَا الَّذِينَ اٰمَنُوا صَلُّوا عَلَيْهِ وَسَلِّمُوا تَسْلِيمًا﴾
اَللّٰهُمَّ صَلِّ عَلٰى مُحَمَّدٍ وَعَلٰى اٰلِ مُحَمَّدٍ كَمَا صَلَّيْتَ عَلٰى اِبْرَاهِيمَ وَعَلٰى اٰلِ اِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ. اَللّٰهُمَّ بَارِكْ عَلٰى مُحَمَّدٍ وَعَلٰى اٰلِ مُحَمَّدٍ كَمَا بَارَكْتَ عَلٰى اِبْرَاهيمَ وَعَلٰى اٰلِ اِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ
ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بىزلەرنى دىنىمىزغا تولۇق ئەمەل قىلىدىغان، گۈزەل ئەخلاقلىق كىشىلەردىن قىلسىلا. بىزلەرنى ھالال يول بىلەن تۇرمۇشىمىزنى قامدىغىلى نېسىپ قىلسىلا. يامان ئىشلاردىن، ناچار قىلىقلاردىن ۋە ھارام يېيىشتىن ساقلىسىلا. ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بۇ دۇنيادىن ئۆتۈپ كەتكەن ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، قەۋم-قېرىنداشلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرات قىلىپ، جايىنى جەننەتتە قىلسىلا. ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بالاچاقىلىرىمىزغا ئىنساپ، تەۋپىق، ھىدايەت، شەرمى ھايا ۋە گۈزەل ئەخلاق ئاتا قىلسىلا. ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى مەزلۇم خەلقىمىزنى زالىم خىتايلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتقۇزسىلا. ۋەتىنىمىزنى ئازات قىلىپ، سىلىنىڭ سۆزلىرىنى ئۈستۈن قىلىش، دىنلىرىنى ھاكىم قىلىش ئۈچۈن، بىزگە ياردەم، نۈسرەت ئاتا قىلسىلا. ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلسىلا، كۇپرىنى ۋە كاپىرلارنى خار قىلسىلا، زالىملارنى ھالاك قىلسىلا. مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى زالىملارنىڭ زۇلمىدىن قۇتقازسىلا. ئامىين يا رەببەلئالەمىين.
اَللَّهُمَّ اغْفِرْ لِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَالْمُسْلِمِينَ وَالْمُسْلِمَاتِ اَلْأَحْيَاءِ مِنْهُمْ وَالْأمْوَاتِ بِرَحْمَتِكَ يَا أَرْحَمَ الرَّاحِمِينَ وَسَلَامٌ عَلَى الْمُرْسَلِينَ وَالْحَمْدُ للّٰهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
اِنَّ اللّٰهَ يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ وَالْاِحْسَانِ وَاِيتَائِ ذِي الْقُرْبٰى وَيَنْهٰى عَنِ الْفَحْشٓاءِ وَالْمُنْكَرِ وَالْبَغْيِ يَعِظُكُمْ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ.
ئۆزلەزشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇلئەھەد ھاپىز
تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشقانلىقى تەرىپىدىن 2025- يىلى 04- ئاينىڭ 18- كۈنى تەييارلانغان جۈمە خۇتبىسى.



