ماقالىلار

ئىجابىي ۋە ئاكتىپ بولۇش

2025-10-31
A-
A+
ئىجابىي ۋە ئاكتىپ بولۇش
بسم الله الرحمن الرحيم
 
إنَّ الْحَمْدَ لِلهِ نَحْمَدُهُ وَنَسْتَعِينُهُ وَنَسْتَغْفِرُهُ، وَنَعُوذُ بِاللهِ مِنْ شُرُورِ أَنْفُسِنَا وَمِنْ سَيِّئَاتِ أَعْمَالِنَا، مَنْ يَهْدِهِ اللهُ فَلاَ مُضِلَّ لَهُ، وَمَنْ يُضْلِلْ فَلاَ هَادِىَ لَهُ، وَأَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ.
أوصيكم عباد الله، ونفسي أولاً بتقوى الله،
﴿يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِۦ وَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنتُم مُّسْلِمُونَ﴾
أَمَّا بَعْدُ: فَإِنَّ خَيْرَ الْحَدِيثِ كِتَابُ اللهِ، وَخَيْرَ الْهَدْيِ هَدْيُ مُحَمَّدٍ صلى الله عليه وآله وسلم، وَشَرَّ الأُمُورِ مُحْدَثَاتُهَا، وَكُلَّ مُحْدَثَةٍ بِدْعَةٌ، وَكُلَّ بِدْعَةٍ ضَلاَلَةٌ، وَكُلَّ ضَلاَلَةٍ فِى النَّار.
بىزنى ئىسلام بىلەن شەرەپلەندۈرگەن، قەلبىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ بىر ئۈممەت قىلغان ۋە گۈزەل ئەخلاق بىلەن زىننەتلەپ ئىنسانىيەتكە ئۈلگە قىلغان ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدۇسانا ئېيتىمىز. يول باشچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سانسىز دۇرۇد سالام يوللايمىز.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
ئاشكارا- مەخپى بارلىق ئەھۋاللاردا تەقۋادار بولۇڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
ئىسلام دىنى توغرا-خاتانى پەرق ئەتمەستىن، كىشىلەر قاياققا ماڭسا شۇ ياققا مېڭىشنى، قايسى ئېقىم كۈچلۈكرەك بولسا، شۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتىشنى، ئاجىزلىقنى، ھورۇنلۇقنى، تەسلىمىيەتچىلىكنى، شامال قاياققا ھەيدىسە شۇ ياققا يۈزلىنىدىغان شېخىدىن ئاجراپ كەتكەن، تۇراقسىز يوپۇرماقتەك بولۇشنى قوبول قىلمايدۇ. ئىسلام دىنى جاسارەتلىك بولۇشقا، كۈچلۈك بولۇشقا، كۈرەشچان بولۇشقا، ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە، ئۈمىدسىزلىك، تىرىكتاپلىق، ئاجىزلىق ۋە ھورۇنلۇقتەك سەلبىي ھالەتنى يوقىتىپ، ئاكتىپ-پائالىيەتچان ۋە غەيرەتلىك بولۇشقا تەرغىپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ﴿خُذِ ٱلْكِتَـٰبَ بِقُوَّةٍ ۖ﴾ «بۇ كىتابنى كۈچ بىلەن تۇتقىن» دەيدۇ. يەنى كىتاپتىكى تەلىماتلارنى ئىجرا قىلىشتا بوشاڭلىق قىلمىغىن، زەئىپ، ئاجىز بولمىغىن دېگەن سۆز.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئمىننىڭ كۈچلۈك ۋە ئىجابىي بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «المُؤْمِنُ الْقَوِيُّ خَيْرٌ وأَحَبُّ إِلَى اللَّهِ مِنَ الْمُؤْمِنِ الضَّعِيفِ، وفِي كُلٍّ خَيْرٌ، احْرِصْ عَلَى مَا يَنْفَعُكَ، واسْتَعِنْ بِاللَّهِ، ولَا تَعْجَزْ، وإِنْ أَصَابَكَ شَيْءٌ فَلَا تَقُلْ: لَوْ أَنِّي فَعَلْتُ كَذَا كَانَ كَذَا وكَذَا، ولَكِنْ قُلْ: قَدَّرَ اللَّهُ، ومَا شَاءَ الله فَعَلَ؛ فَإِنَّ لَوْ تَفْتَحُ عَمَلَ الشَّيْطَانِ» «كۈچلۈك مۇئمىن ئاجىز مۇئمىندىن ياخشى ۋە ئاللاھقا سۆيۈملۈكراقتۇر. ھەممىسىدە ياخشىلىق بار. ساڭا پايدىلىق نەرسىگە ھېرسمەن بولغىن، ئاللاھتىن ياردەم تىلىگىن، ئاجىزلىق قىلمىغىن، ئەگەر بېشىڭغا بىرەر كېلىشمەسلىك كەلسە، <كاشكى ئۇنداق قىلغان بولسامچۇ؟، مۇنداق قىلغان بولسامچۇ...> دېمىگىن، بەلكى <ئاللاھنىڭ تەقدىرى، ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ> دېگىن. چۈنكى <كاشكى، ئەگەر> دېگەن سۆزلەر شەيتاننىڭ ئىشىكىنى ئاچىدۇ» (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).
يەنى ئىسلام دىنى پاسسىپلىقنى، ئاجىزلىقنى، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئارقىسىدا قېلىشنى، تەرەققىي تاپقان مىللەتلەرنىڭ قالدۇقلىرىنى ئىشلىتىدىغان تەييارتاپ بولۇشنى رەت قىلىدۇ. دېمەك، ئىسلام مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكى چۈشكۈن، بىقۇۋۋەت ھالىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَعِدُّوا۟ لَهُم مَّا ٱسْتَطَعْتُم مِّن قُوَّةٍ وَمِن رِّبَاطِ ٱلْخَيْلِ﴾ «(دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن) ئۇلارغا قارشى قولۇڭلاردىن كېلىشىچە كۈچ، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار..» - (سۈرە ئەنفال، 60 - ئايەت). بۇ يەردىكى كۈچ ئىمان كۈچى، ئىلىم كۈچى، پەن–تېخنىكا كۈچى، سانائەت كۈچى، ئىقتىساد كۈچى، قورال كۈچى، بىرلىك كۈچى، ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق كۈچ قۇۋەتلەردىن ئىبارەتتۇر. يەنى مۇسۇلمان ھەرساھەدە كۈچلۈك بولۇشى كېرەك.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
ئىسلام دىنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ دىنى بولغان ئىكەن، ئۇ پۈتكۈل دىنلاردىن ئۈستۈن بولۇشى ۋە ئۇ دىننىڭ مەنسۇپلىرى بولغان مۇسۇلمانلار بارلىق ئىنسانلارغا ئۈلگە بولۇشى لازىم. شۇڭا ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىش ئىسلام دىنىنى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿هُوَ ٱلَّذِىٓ أَرْسَلَ رَسُولَهُۥ بِٱلْهُدَىٰ وَدِينِ ٱلْحَقِّ لِيُظْهِرَهُۥ عَلَى ٱلدِّينِ كُلِّهِ﴾ «ئاللاھ شۇنداق ئۇلۇغ زاتكى، ھەق دىننى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، پەيغەمبىرىنى ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى..» - (سۈرە فەتىھ، 28 - ئايەت).
ھەممىمىز كۆرۈۋاتقاندەك، بۇ دۇنيانىڭ قانۇنىيىتى «كۈچلۈك ئاجىزدىن ئۈستۈن بولىدۇ؛ كۈچلۈكلەر ھوقۇقنى ئىگىلەپ، ئاجىزلارنى بويسۇندۇرىدۇ؛ كۈچلۈك قەۋمنىڭ دىنى ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ، دۆلىتى مۇستەھكەم بولىدۇ». ئاللاھ تائالانىڭ كۈچلۈك مۇسۇلماننى ئاجىز مۇسۇلماندىن بەكرەك ياخشى كۆرۈشىنىڭ سەۋەبى، كۈچلۈك مۇئمىننىڭ ئاللاھنىڭ مۇقەددەس دىنىنى ياخشى مۇداپىئە قىلىپ، ئۈستۈن ئورۇندا تۇتالايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر.
ئى مۇسۇلمان قېرىندىشىم! ئۆزەڭگە، دىنىڭغا، خەلقىڭگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشتا جاسارەتلىك، جۈرئەتلىك بولغىن؛ ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىپ، ئالغا ئىلگىرلەشتىن قورقمىغىن؛ ئەگەر قىلغان ئىشىڭدىن كۈتكەن نەتىجە چىقماي قالسا، ئۈمىدسىزلەنمە، ئۇنداق قىلمىسام بوپتىكەن، بۇنداق قىلغان بولسام بۇ ئىش بېشىمغا كەلمەيتتى، دەپ كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، چۈنكى ئۇنداق ئويلاش شەيتاننىڭ سېنى ئالداپ، ئالغا ئىلگىرىلەشتىن توسۇشىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ. شۇڭا باشقا كەلگەن كېلىشمەسلىك ياكى زىيان-زەخمەتلەرگە ئاھ ئۇرۇپ كەتمەستىن، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى، بۇ ھاياتتا پايدا بولغاندەك، زىيانمۇ بولىدۇ، دەپ ئالدىغا مېڭىۋىرىشىڭ كېرەك. بۇنىڭ مەنىسى خاتا يولدا مېڭىۋەرگىن، دېگەنلىك بولمايدۇ. ئەلبەتتە قىلغان ئىشلارنى تەكشۈرۈپ، قەيەردە كەمچىلىك بولدى؟، قانداق خاتالىق يۈز بەردى؟ ئۇنى تېپىپ كەمچىلىكنى تولۇقلاپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، ئىشىڭنى ئىلگىرلىتىشىڭ كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى بىلەن چوقۇم غەلبىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
كۈچ ئۆزلىگىدىن كەلمەيدۇ؛ كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈن ھارماي-تالماي ئىشلەش لازىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئمىنلەرنى ھاياتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز ئىشلەشكە، ئىشنىڭ نەتىجىسىدىن ھېچكىم پايدىلىنالمايدىغان بىر شارائىت بولسىمۇ، ئىشنىڭ ئۆزى قىممەتلىك بولغىنى ئۈچۈنلا ئىشلەش كېرەكلىكىگە تەرغىب قىلىپ: «بىرىڭلارنىڭ قولىدا تىكمەكچى بولغان بىر كۆچەت بولۇپ، قىيامەت قايىم بولغىچە قولىدىكى كۆچەتنى تىكىۋېلىشقا ئۈلگۈرسە تىكسۇن» دېگەن.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ سۆزى ئىنتايىن چۇڭقۇر مەنىلىك، مۇسۇلمان كىشى ھازىر قىيامەت قايىم بولىدىغان تۇرسا، بۇ كۆچەتنى تىكسەم بەرىبىر يوقۇلىدۇ، ئۇنى تىكىپ نىمە قىلىمەن، دېمەسلىك، بەلكى قولىدىن كېلىدىغان ئىشنى قىلىشى كېرەك. يەنە بۈگۈننىڭ ئىشىنى ئەتىگە قويماسلىق لازىم. «بۈگۈننى غەنىمەت بىل، ئەتىنى خىيال ئەتمە. ئۈنمىگەن تىرەكتىن قىيغۇسىز پىيالەتمە» دەيدىغان ئاتا سۆزىمىز بار. ھەر كىشىنىڭ قىيامىتى دۇنيا ھاياتىغا كۆز يۇمۇش بىلەن قايىم بولغان بولىدۇ. بۇ مەنىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا، مۇسۇلمان ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ئىشلىشى، قولىدىن كېلىدىغان ئىشنى تەرك ئەتمەسلىكى، «يىشىم چوڭىيىپ قالدى، ئىشلەپ نىمە قىلىمەن» دېمەسلىكى، قىلغان ئىشىدىن ئۆزى پايدىلىنالمىسىمۇ، كېيىنكىلەرنىڭ پايدىلىنىشىنى كۆزلەپ ئىشىنى داۋاملاشتۇرىشى لازىم. ئاتىلىرىمىزمۇ «بىكار ئولتۇرغىچە بىكارغا ئىشلە» دېگەن.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
مۇسۇلماننىڭ ئىجابىي ۋە ئاكتىپ بولۇشى كېرەك بولغان ساھەلەردىن بىرى ياشاۋاتقان جەمئىيىتى. ئىسلام مۇسۇلماننىڭ ئۆز نەپسىنىلا تۈزىتىپ، ئۆزىلا توغرا يولدا مېڭىشى بىلەن كۇپايىلىنىشنى، ئۆزىلا سالىھ كىشىلەردىن بولۇپ، ئەتراپىدىكى جەمئىيەتتىكى بۇزغۇنچىلىقلار بىلەن كارى بولماسلىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بەلكى ھەر بىر مۇسۇلمانغا ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئاندىن كۈچ-قۇدرىتى يېتىدىغان دائىرىدە باشقىلارنى ياخشىلىققا چاقىرىپ، يامانلىقتىن توسۇشنى ۋە بۇ يولدا كەلگەن جاپا-مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىقلارغا سەۋر قىلىپ دەۋەتنى دەۋاملاشتۇرۇشنى پەرز قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿كُنتُمْ خَيْرَ أُمَّةٍ أُخْرِجَتْ لِلنَّاسِ تَأْمُرُونَ بِٱلْمَعْرُوفِ وَتَنْهَوْنَ عَنِ ٱلْمُنكَرِ وَتُؤْمِنُونَ بِٱللَّهِ﴾ «(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، (كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا (مۇكەممەل) ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر..» - (سۈرە ئال ئىمران، 110 - ئايەت).
﴿وَٱلْعَصْرِ ۝ إِنَّ ٱلْإِنسَـٰنَ لَفِى خُسْرٍ ۝ إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ وَتَوَاصَوْا۟ بِٱلْحَقِّ وَتَوَاصَوْا۟ بِٱلصَّبْرِ﴾ «زامان بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر–بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا جىمى ئىنسان چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر.» - (سۈرە ئەسر، 1- 3- ئايەت).
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
ئىسلام دىنى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي بۇزغۇنچىلىق، ئەخلاقىي ۋە دىنىي چىرىكلىشىش ئالدىدا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشنى رەت قىلىدۇ؛ مۇسۇلماندىن جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلۇشىغا، ئەخلاقسىزلىقنىڭ يامراپ كېتىشىگە، ياشلارنىڭ چىرىكلىشىشىگە يول قويماسلىقنى، كۆرگەن يامانلىقلارنى قولىدىن كېلىشىچە تۈزۈتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى بىر يامانلىقنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن تۈزەتسۇن، قولى بىلەن تۈزىتەلمىسە تىلى بىلەن تۈزەرسۇن، تىلى بىلەن تۈزىتەلمىسە دىلى بىلەن ئۇنىڭغا قارشى تۇرسۇن، مانا بۇ ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز نۇقتىسىدۇر».
يامانلىقنى دىلى بىلەن تۈزىتىش: دىلىدا ئۇنى يامان كۆرۈش ۋە ئۇنى تۈزىتىش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈش دېگەنلىكتۇر. بۇ مۇسۇلماننىڭ بۇزغۇنچىلىققا قارشى قەلبىدىكى نەپرىتى بولۇپ، پۇرسەت تاپقان ھامان ئەمەلىي ھەركەتكە ئايلىنىدۇ.
أَلاَ إِنَّ أَحْسَنَ الْكَلاَمِ وَ أَبْلَغَ النِّظاَمِ • كَلاَمُ الله ِالْمَلِكِ الْعَزِيزِ الْعَلاَّمِ. كَماَ قَالَ الله ُتَباَرَكَ وَ تَعاَلَى فِي الْكَلاَمِ • وَ إِذاَ قُرِئَ الْقُرْآنُ فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَ أَنْصِتُوا لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ • أَعُوذُ بِاللهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ ... بِسْمِ اللهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ ... إِنَّ الدِّينَ عِنْدَ الله ِاْلإِسْلاَمُ ... صَدَقَ الله ُالْعَظِيمُ
وقال عليه الصلاة والسلام: "التائب من الذنب كمن لا ذنب له" أستغفر الله العظيم وأتوب إليه، وأسال الله لي ولكم التوفيق
ئىككىنچى خۇتبە
اَلْحَمْدُ لِلّٰهِ حَمْدَ الْكَامِلِينَ وَالصَّلاَةُ وَالسَّلاَمُ عَلٰى رَسُولِنَا مُحَمَّدٍنِ اْلْأَمِينِ وَ عَلٰى اٰلِهِ وَأَصْحَابِهِ أَجْمَعِينَ تَعْظِيمًا لِنَبِيِّهِ وَتَكْرِيمًا لِفَخَامَةِ شَانِ شَرَفِ صَفِيِّهِ،
فَقَالَ عَزَّ وَجَلَّ مِنْ قَائِلٍ مُخْبِرًا وَ اٰمِرًا ﴿اِنَّ اللّٰهَ وَمَلَائِكَتَهُ يُصَلُّونَ عَلَى النَّبِيِّ يَا اَيُّهَا الَّذِينَ اٰمَنُوا صَلُّوا عَلَيْهِ وَسَلِّمُوا تَسْلِيمًا﴾
اَللّٰهُمَّ صَلِّ عَلٰى مُحَمَّدٍ وَعَلٰى اٰلِ مُحَمَّدٍ كَمَا صَلَّيْتَ عَلٰى اِبْرَاهِيمَ وَعَلٰى اٰلِ اِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ. اَللّٰهُمَّ بَارِكْ عَلٰى مُحَمَّدٍ وَعَلٰى اٰلِ مُحَمَّدٍ كَمَا بَارَكْتَ عَلٰى اِبْرَاهيمَ وَعَلٰى اٰلِ اِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ
ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بىزلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەقىقىي ئۈممەت بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان كىشىلەردىن قىلسىلا. بىزلەرگە، ئوغۇل-قىز پەرزەتلىرىمىزنى دىنىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدىغان كىشىلەردىن قىلسىلا. ئى ئۇلۇغ رەببىمىز! مۇسۇلمانلارنىڭ سەپلىرىنى بىرلەشتۈرسىلە. ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! ئىسلامى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلسىلا، كۇپرىنى ۋە كاپىر زالىملار خار قىلسىلا. سىلىنىڭ مۇقەددەس دىنلىرىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان، مۇسۇلمان بەندىلىرىنى چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال دېمەي ئۆلتۈرۈۋاتقان زالىملارنى ھالاك قىلىپ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتسىلە. ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! زالىملارنىڭ زۇلمى ئاستىدا ئىڭراۋاتقان مەزلۇملارغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرسىلا، بىزگە دۈشمەنگە قارشى نۈسرەت ئاتا قىلسىلا. ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھ! بۇ دۇنيادىن ئۆتۈپ كەتكەن ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، قەۋم-قېرىنداشلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىپ، جايىنى جەننەتتە قىلسىلا. ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بالاچاقىلىرىمىزغا ئىنساپ، تەۋپىق، ھىدايەت، شەرمى ھايا ۋە گۈزەل ئەخلاق ئاتا قىلسىلا. بىزنىڭ ئىمانىمىزنى سالامەت قىلسىلا، بىزنى ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرىدىغان، ئىمان بىلەن ياشاپ، ئىمان بىلەن بۇ دۇنيادىن كېتىدىغان كىشىلەردىن قىلسىلا. ئامىين يا رەببەلئالەمىين.
اَللَّهُمَّ اغْفِرْ لِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَالْمُسْلِمِينَ وَالْمُسْلِمَاتِ اَلْأَحْيَاءِ مِنْهُمْ وَالْأمْوَاتِ بِرَحْمَتِكَ يَا أَرْحَمَ الرَّاحِمِينَ وَسَلَامٌ عَلَى الْمُرْسَلِينَ وَالْحَمْدُ للّٰهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
اِنَّ اللّٰهَ يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ وَالْاِحْسَانِ وَاِيتَائِ ذِي الْقُرْبٰى وَيَنْهٰى عَنِ الْفَحْشٓاءِ وَالْمُنْكَرِ وَالْبَغْيِ يَعِظُكُمْ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
 
تەييارلىغۇچى: ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ھاپىز.