ماقالىلار

جامائەتنىڭ مەسئۇلىيىتى

2025-10-31
A-
A+
جامائەتنىڭ مەسئۇلىيىتى
 
بسم الله الرحمن الرحيم
 
إنَّ الْحَمْدَ لِلهِ نَحْمَدُهُ وَنَسْتَعِينُهُ وَنَسْتَغْفِرُهُ، وَنَعُوذُ بِاللهِ مِنْ شُرُورِ أَنْفُسِنَا وَمِنْ سَيِّئَاتِ أَعْمَالِنَا، مَنْ يَهْدِهِ اللهُ فَلاَ مُضِلَّ لَهُ، وَمَنْ يُضْلِلْ فَلاَ هَادِىَ لَهُ، وَأَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ.
أوصيكم عباد الله، ونفسي أولاً بتقوى الله،
﴿يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِۦ وَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنتُم مُّسْلِمُونَ﴾
أَمَّا بَعْدُ: فَإِنَّ خَيْرَ الْحَدِيثِ كِتَابُ اللهِ، وَخَيْرَ الْهَدْيِ هَدْيُ مُحَمَّدٍ صلى الله عليه وآله وسلم، وَشَرَّ الأُمُورِ مُحْدَثَاتُهَا، وَكُلَّ مُحْدَثَةٍ بِدْعَةٌ، وَكُلَّ بِدْعَةٍ ضَلاَلَةٌ، وَكُلَّ ضَلاَلَةٍ فِى النَّار.
بىزنى ئىسلام بىلەن شەرەپلەندۈرگەن، قەلبىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ بىر ئۈممەت قىلغان ۋە گۈزەل ئەخلاق بىلەن زىننەتلەپ ئىنسانىيەتكە ئۈلگە قىلغان ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدۇسانا ئېيتىمىز. يول باشچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سانسىز دۇرۇد سالام يوللايمىز.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
ئاشكارا- مەخپى بارلىق ئەھۋاللاردا تەقۋادار بولۇڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
ئىسلامدا ھەر بىر شەخسنىڭ مەسئولىيىتى بولغاندەك، جامائەتنىڭمۇ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئوليەتلىرى بار. جەمئىيەتتە ياخشىلىقلارنى ئوموملاشتۇرۇش، يامانلىقلارنى يوقىتىش، جامائەتنىڭ تەرتىپ – نىزامىغا ئەمەل قىلىپ ئۇنى قوغداشقا تېرىشىش، مۇھىتنى ئاسراش، ھەق – ھوقۇقلارغا رىئايە قىلىش، ئادالەتلىك بولۇش، كىشىلەر ئارىسىدا ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىككە سەۋەب بولىدىغان پىتنە-پاسات پەيدا قىلماسلىق، تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى مۆمكىنقەدەر ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئادا قىلىش قاتارلىقلار جامائەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسئولىيەتلەرنىڭ بېشىدا كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿كُنتُمْ خَيْرَ أُمَّةٍ أُخْرِجَتْ لِلنَّاسِ تَأْمُرُونَ بِٱلْمَعْرُوفِ وَتَنْهَوْنَ عَنِ ٱلْمُنكَرِ وَتُؤْمِنُونَ بِٱللَّهِ﴾ «(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، (كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا (مۇكەممەل) ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر..» - (سۈرە ئال ئىمران، 110 - ئايەت). ﴿وَلْتَكُن مِّنكُمْ أُمَّةٌ يَدْعُونَ إِلَى ٱلْخَيْرِ وَيَأْمُرُونَ بِٱلْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ ٱلْمُنكَرِ ۚ وَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُفْلِحُونَ﴾ «سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا (كىشىلەرنى) خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر.» - (سۈرە ئال ئىمران، 104 - ئايەت).
دېمەك، كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش، ياخشىلىقلارنى ۋە پەزىلەتلەرنى ئوموملاشتۇرۇش ۋە يامانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تەسىرسىز ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېرىشىپ ئىشلەش مۇسۇلمان جامائەتنىڭ ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىدۇر. ئەگەر جامائەت بۇ ۋەزىپىگە سەل قاراپ، جەمئىيەت بىلەن كارى بولمىسا، يامانلىق ۋە ناچار قىلىقلارنىڭ تاراپ كېتىشىگە يول قويغان بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
رەسۇلۇللاھ سەللەللەھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جامائەتنىڭ مەسئولىيىتىنى بىر كېمىگە چىققان كىشىلەرگە ئوخشىتىپ مۇنداق بايان قىلىدۇ: «جەمئىيەت بىر كېمىگە ئوخشايدۇ. بۇ كېمىگە بىر جامائە چىقىدۇ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى كېمىنىڭ ئاستى قەۋىتىگە، بىر قىسمى ئۈستى قەۋىتىگە ئولتۇرىدۇ؛ ئاستى قەۋەتتە ئولتۇرغانلار سۇ ئىچىش ئۈچۈن ئۈستى قەۋەتكە چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاستى قەۋەتتىكىلەر ھەرقىتىم سۇ ئېلىش ئۈچۈن ئۈستى قەۋەتتىكى قىرىنداشلىرىمىزنى بىئارام قىلىدىكەنمىز، كېمىنىڭ ئاستىدىن بىر تۆشۈك ئېچىپ، سۇ چىقارساق، ھەم سۇ ئىھتىياجىمىزنى تەمىنلەيمىز، ھەم ئۈستىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى بىئارام قىلمايمىز، دەپ كېمىدىن بىر تۆشۈك ئاچماقچى بولىدۇ. ئەگەر كېمىدىكىلەر ئۇلارنى خاھىشىغا قويۇپ بەرسە، ھەممىسى ھالاك بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇلارنىڭ قولىدىن تۇتۇپ، كېمىنى تىشىشتىن مەنئى قىلسا، ھەممىسى قۇتۇلۇپ قالىدۇ.» (بۇخارى رىۋايىتى)
ئاللاھ تائالاھ بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللارنى بىر پىتنە دەپ سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَٱتَّقُوا۟ فِتْنَةً لَّا تُصِيبَنَّ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ مِنكُمْ خَآصَّةً ۖ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلْعِقَابِ﴾ «سىلەر ئاراڭلاردىكى زۇلۇم قىلغانلارنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان پىتنە (بالا-مۇسىبەت) تىن ساقلىنىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.» - (سۈرە ئەنفال، 25 - ئايەت). يەنى جەمئىيەتتىكى ياخشىلار، ئالىملار، جامائەت ئەربابلىرى ۋە رەھبەرلەر جەمئىيەتكە ئەھمىيەت بەرمىسە ۋە جامائەتكە قارىتا مەسئولىيىتىنى ئادا قىلمىسا، يامانلارنىڭ سەۋەبى بىلەن كېلىدىغان پالاكەت ۋە بالا-مۇسىبەت ئۇلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ قۇرۇق بىلەن ھۆلمۇ تەڭ كۆيۈپ كۈل بولىدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «سىلەردىن كىم بىر يامانلىقنى كۆرسە، ئۇنى قولى بىلەن تۈزەتسۇن، ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا تىلى بىلەن تۈزەتسۇن، بۇنىڭغىمۇ كۈچى يەتمىسە ئۇنى قەلبى بىلەن تۈزەتسۇن، بۇ ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز مەرتىۋىسىدۇر» (مۇسلىم رىۋايىتى). دېمەك، ھېچكىم مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ھەربىر كىشى جەمئىيەتنى ھەر تۈرلۈك ئەخلاقسىزلىق ۋە چىرىكلىكتىن قوغداش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىشى لازىم.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
جەمئىيەتنى ياخشى ساقلاش مەسئۇلىيەتلىرىدىن بىرى چوڭ-كىچىك مۇناسىۋىتىدۇر. ئىسلامدا چوڭلارنىڭ كىچىكلەرنى سۆيۈشى، قوغدىشى، ئۇلارغا مېھرى-شەپقەت كۆرسىتىشى ۋە كەڭ قورساق بولۇشى، چىرايلىق نەسىھەت قىلىشى ئاساس بولغاندەك، كىچىكلەرنىڭ چوڭلارنى ھۆرمەتلىشى، سۆزىنى ئاڭلىشى، تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىشى ئاساستۇر. چۈنكى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىسىدە: «كىچىكلىرىمىزگە شەپقەت كۆرسەتمىگەن، چوڭلىرىمىزغا ھۆرمەت قىلمىغان كىشى بىزدىن ئەمەس» (مۇسلىم رىۋايىتى) دەيدۇ. يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بىر ياش، ياشانغان بىر كىشىگە ھۆرمەت قىلسا، ئۇ قېرىغاندا چوقۇم ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدىغان بىر ياشنى يارىتىدۇ» (تىرمىزى رىۋايىتى).
بۈگۈنكى ياش ئەۋلاتلار ياشانغان چوڭلارنى ھۆرمەتلىسە، ئەتە ئۇلار قېرىغاندا چوقۇم ياشلاردىن ھۆرمەت–ئېھتىرام كۆرىدۇ. ئۇستاز-تالىپ، ئۇستام-شاگىرت، باشلىق–ئىشچى، ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ھۆرمەت، ئىھتىرام؛ مېھرى شەپقەت مۇشۇ شەكىلدە داۋاملاشسا، كىشىلەرنىڭ قەدىر–قىممىتىنى بىلىنىدۇ، ھېچكىم چەتكە قېقىلىپ قالمايدۇم كۆڭۈل ئاغرىقى بولمايدۇ.
جامائەتنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىدىن بىرى مۇھىتنى ئاسراشتۇر. يول، كوچا، مەيدان، ئورمان، ئېرىق، ئۆستەڭ، دېڭىز، دەريانىڭ قىرغاقلىرىغا ئوخشاش ئاممىۋىي ئورۇنلارنى پاكىزە تۇتۇش جەمئىيەتتە سالامەتلىكنى قوغداش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇھىتنى ئاسراش ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «پاكىزلىق ئىماندىندۇر» (مۇسلىم رىۋايىتى). «ئىمان يەتمىش نەچچە شاخچىدۇر. ئەڭ يۇقىرىسى <لائىلاھە ئىللەللاھۇ>، ئەڭ تۆۋىنى يولدىن كىشىلەرگە ئەزىيەت بېرىدىغان نەرسىنى ئېلىۋىتىشتۇر» (مۇسلىم رىۋايىتى). يەنە بىر ھەدىستە «مۇسۇلمان باشقا مۇسۇلمانلارغا تىلى ۋە قولى بىلەن ئەزىيەت بەرمىگەن كىشىدۇر» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى) دەيدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئاممىنىڭ مۈلكى بولۇپ، كىشىلەر ئورتاق پايدىلىنىدىغان يول، بازار، باغچە، ئورمانلىققا ئوخشاش ئورۇنلارغا شىشە پۇچۇقى، ئەينەك پارچىلىرى، ئەخلەت قاتارلىقلارنى تاشلاش، ئوت كېتىشكە سەۋەپ بولىدىغان شەكىلدە ئوت قالاشقا ئوخشاش ئىشلار كىشىلەرگە ئەزىيەت بېرىدىغان، مۇھىتنى بۇلغايدىغان، دىنىمىزدا گۇناھ بولغان يامان ئىشلاردۇر. بىر ئورمانلىقنىڭ كۆيۈپ كېتىشى نۇرغۇنلىغان دەل – دەرەخلەرنىڭ كۈل بولۇشىدىن باشقا ئورمانلىقتا ياشايدىغان ھايۋاناتلارنىمۇ كۆيدۈرىدۇ.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
ئاللاھ تائالا ياراتقان ھەربىر نەرسىدە بىر ھېكمەت، بىر پايدا ۋە بىر سەۋەپ بار. بارلىق ئۆسۈملۈكلەر ۋە جانلىقلار ئىنسانلار ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿هُوَ ٱلَّذِى خَلَقَ لَكُم مَّا فِى ٱلْأَرْضِ جَمِيعًا﴾ «ئاللاھ زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى..» - (سۈرە بەقەرە، 29 - ئايەت). بىز ئۈچۈن يارىتىلغان گىياھلار بىلەن جانلىقلارنى يوقىتىش ئۆزىمىزنى ۋەيران قىلىش ۋە بىزدىن كېيىن كېلىدىغان نەسىللەرگە ياشاش ناھايىتى قىيىن بىر دۇنيا قالدۇرۇش دېگەنلىك بولۇپ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ھالاكەتكە تاشلىغان بولىمىز. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا تُلْقُوا۟ بِأَيْدِيكُمْ إِلَى ٱلتَّهْلُكَةِ ۛ وَأَحْسِنُوٓا۟ ۛ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلْمُحْسِنِينَ﴾ «ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، ياخشى ئىش قىلىڭلار. چۈنكى ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.» - (سۈرە بەقەرە، 195 - ئايەت).
ئاممىنىڭ مۈلكى بولغان نەرسىلەرنى ئۆزىمىزنىڭ مۈلكىدەك ئاسراش، قوغداش، زەرەر بەرمەسلىك، زىيان ئۇرماسىلىق، زىيان ئۇرغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش قاتارلىقلار جەمئىيەتكە قارىتا بۇرچىمىز ۋە مەسئولىيىتىمىزدۇر.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
جەمئىيەتتىكى ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك ھەربىر كىشى ئۆز ساھەسىدە مەسئۇلدۇر. خۇتبىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن: «ھەممىڭلار پادىچىسىلەر، ھەممىڭلار قول ئاستىڭلاردىكىلەردىن مەسئولسىلەر. باشلىق بىر پادىچى ۋە قول ئاستىدىكىلەردىن مەسئۇلدۇر. ئەر كىشى ئائىلىسىدە بىر پادىچى ۋە قولى ئاستىدىكىلەردىن مەسئۇلدۇر. ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىدە بىر پادىچى ۋە قولى ئاستىدىكىلەردىن مەسئۇلدۇر. خىزمەتچى خوجايىنىنىڭ مېلىدا بىر پادىچى ۋە قولى ئاستىدىكىلەردىن مەسئۇلدۇر. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ھەممىڭلار بىرەر پادىچىسىلەر ۋە قول ئاستىڭلاردىكىلەردىن مەسئۇلسىلەر» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).
أَلاَ إِنَّ أَحْسَنَ الْكَلاَمِ وَ أَبْلَغَ النِّظاَمِ • كَلاَمُ الله ِالْمَلِكِ الْعَزِيزِ الْعَلاَّمِ. كَماَ قَالَ الله ُتَباَرَكَ وَ تَعاَلَى فِي الْكَلاَمِ • وَ إِذاَ قُرِئَ الْقُرْآنُ فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَ أَنْصِتُوا لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ • أَعُوذُ بِاللهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ ... بِسْمِ اللهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ ... إِنَّ الدِّينَ عِنْدَ الله ِاْلإِسْلاَمُ ... صَدَقَ الله ُالْعَظِيمُ
وقال عليه الصلاة والسلام: "التائب من الذنب كمن لا ذنب له" أستغفر الله العظيم وأتوب إليه، وأسال الله لي ولكم التوفيق
ئىككىنچى خۇتبە
اَلْحَمْدُ لِلّٰهِ حَمْدَ الْكَامِلِينَ وَالصَّلاَةُ وَالسَّلاَمُ عَلٰى رَسُولِنَا مُحَمَّدٍنِ اْلْأَمِينِ وَ عَلٰى اٰلِهِ وَأَصْحَابِهِ أَجْمَعِينَ تَعْظِيمًا لِنَبِيِّهِ وَتَكْرِيمًا لِفَخَامَةِ شَانِ شَرَفِ صَفِيِّهِ،
فَقَالَ عَزَّ وَجَلَّ مِنْ قَائِلٍ مُخْبِرًا وَ اٰمِرًا ﴿اِنَّ اللّٰهَ وَمَلَائِكَتَهُ يُصَلُّونَ عَلَى النَّبِيِّ يَا اَيُّهَا الَّذِينَ اٰمَنُوا صَلُّوا عَلَيْهِ وَسَلِّمُوا تَسْلِيمًا﴾
اَللّٰهُمَّ صَلِّ عَلٰى مُحَمَّدٍ وَعَلٰى اٰلِ مُحَمَّدٍ كَمَا صَلَّيْتَ عَلٰى اِبْرَاهِيمَ وَعَلٰى اٰلِ اِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ. اَللّٰهُمَّ بَارِكْ عَلٰى مُحَمَّدٍ وَعَلٰى اٰلِ مُحَمَّدٍ كَمَا بَارَكْتَ عَلٰى اِبْرَاهيمَ وَعَلٰى اٰلِ اِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ
ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بىزلەرنى ئۆزلىرى رازى بولىدىغان ياخشى ئۈممەت بولغىلى نېسىپ قىلسىلا. ئوغۇل-قىز پەرزەتلىرىمىزنى دىنىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدىغان كىشىلەردىن قىلسىلا. ئى ئۇلۇغ رەببىمىز! مۇسۇلمانلارنىڭ سەپلىرىنى بىرلەشتۈرسىلە. ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! ئىسلامى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلسىلا، كۇپرىنى ۋە كاپىر زالىملار خار قىلسىلا. سىلىنىڭ مۇقەددەس دىنلىرىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان، مۇسۇلمان بەندىلىرىنى چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال دېمەي ئۆلتۈرۈۋاتقان زالىملارنى ھالاك قىلىپ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتسىلە. ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! زالىملارنىڭ زۇلمى ئاستىدا ئىڭراۋاتقان مەزلۇملارغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرسىلا، بىزگە دۈشمەنگە قارشى نۈسرەت ئاتا قىلسىلا. ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھ! بۇ دۇنيادىن ئۆتۈپ كەتكەن ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، قەۋم-قېرىنداشلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىپ، جايىنى جەننەتتە قىلسىلا. ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بالاچاقىلىرىمىزغا ئىنساپ، تەۋپىق، ھىدايەت، شەرمى ھايا ۋە گۈزەل ئەخلاق ئاتا قىلسىلا. بىزنىڭ ئىمانىمىزنى سالامەت قىلسىلا، بىزنى ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرىدىغان، ئىمان بىلەن ياشاپ، ئىمان بىلەن بۇ دۇنيادىن كېتىدىغان كىشىلەردىن قىلسىلا. ئامىين يا رەببەلئالەمىين.
اَللَّهُمَّ اغْفِرْ لِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَالْمُسْلِمِينَ وَالْمُسْلِمَاتِ اَلْأَحْيَاءِ مِنْهُمْ وَالْأمْوَاتِ بِرَحْمَتِكَ يَا أَرْحَمَ الرَّاحِمِينَ وَسَلَامٌ عَلَى الْمُرْسَلِينَ وَالْحَمْدُ للّٰهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
اِنَّ اللّٰهَ يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ وَالْاِحْسَانِ وَاِيتَائِ ذِي الْقُرْبٰى وَيَنْهٰى عَنِ الْفَحْشٓاءِ وَالْمُنْكَرِ وَالْبَغْيِ يَعِظُكُمْ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ھاپىز