ماقالىلار

ئىتقاد ۋە بىزنىڭ ئىتقادىمىز

2024-11-20
A-
A+

ئېتىقاد ۋە بىزنىڭ ئېتىقادىمىز

 

دوتسېنت، دوكتور ئالىمجان بۇغدا

 

ئەقىدە بىلمىگەن شەيتانغا ئەلدۇر،

ئەگەر مىڭ يىل «ئەمەل» دەپ قىلسا يەلدۇر.

 سۇپى ئاللاھيار 

 

بارلىق كائىنات ۋە مەۋجۇداتنى ياراتقان، مەخلۇقاتلار ئىچىدىن ئىنساننى ئەقىل ۋە ئىدراك بىلەن شەرەپلىك قىلغان، بىز ئاجىز بەندىلىرىنى ئىمان نۇرى بىلەن رىزىقلاندۇرغان جانابىي ئاللاھ تائالاغا تۈمەن مىڭ ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئىنسانىيەتنى جاھالەت زۇلمىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىمان نۇرى ئارقىلىق يورۇقلۇققا چىقىرىشقا سەۋەبچى بولغان، كائىناتنىڭ پەخرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ۋە سالام بولسۇن!

ئەقىل ئىگىسى بولغان ھەرقانداق ئىنسان ئۆزىنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنى ۋە ئۆزى ياشاۋاتقان كائىنات، ئىچىدىكى بارلىق مەۋجۇدات ۋە مەخلۇقاتلارنى، ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ھادىسىلەرنى تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر قىلغىنىدا، بۇلارنىڭ قۇسۇرسىز بىر نىزام ۋە سىستېما ئىچىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ، كائىنات ۋە دۇنيا ھاياتىنىڭ غايىسىز، مەنىسىز ۋە پايدىسىز يارىتىلمىغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلەيدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ ساغلام فىترىتى (تۇغۇلۇشتىكى ھالىتى) ئاساسىدا ئەقلىنى ۋە زېھنىنى تاشقى قوشۇمچىلاردىن خالىي قىلغان ھالدا تەپەككۇر قىلىدىغان بولسا، بۇ قەدەر مۇئەززەم بىر سىستېما، كائىنات ۋە ئىچىدىكى ھېچبىر شەيئىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تاسادىپىيلىق بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىپ قالمىغانلىقىنى، ئىنساندىن ئىبارەت بەشەرنىڭ بۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، بۇنىڭ ماھىيىتىگە تولۇق ۋاقىپ بولۇشىنىڭمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بۇنى قۇسۇرسىز قۇدرەت ۋە ئىلىم ساھىبى يېگانە زاتى ۋاجىبۇل ۋۇجۇد ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيدۇ.

ئىنسان ئەقلى تارىختىن بېرى تەبىئەتنى، ئالەمنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ قانداق ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋە كەلتۈرۈلگەنلىكى، ئۇنىڭ قانداق ئىكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇم ئىزاھات ۋە نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئاخىرقى نەتىجىدە ئەقىل ۋە ئىدراكىمىز بۇ ئالەمنىڭ ئۆزلۈكىدىنتاسادىپلىق بىلەن مەيدانغا چىقىپ قالمىغانلىقى ۋە چوقۇم مۇتلەق كۈچ ۋە قۇدرەت ساھىبى بىر زات تەرىپىدىن مەيدانغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

چۈنكى ئىنسانىيەت تارىخىدا يۈز بەرگەن كۆپلىگەن ۋەقە ۋە ھادىسىلەر شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئىنساننىڭ زېھنى، قەلبى ۋە پاك تەبىئىتى ئىمان ھەقىقەتلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسان قەلبىنىڭ نۇرانىي چوڭقۇرلۇقىدا ھەقىقەت تۇيغۇسى، ئەقىدە ئېھتىياجى، ياراتقۇچىنى بىلىش، ئۇنىڭغا ئىشىنىش، ئۇنىڭغا يۆنىلىش ۋە ئۇنىڭغا قايتىش ئارزۇسى بار. ساغلام ئەقىل - ئىدراكىمىز ئاسمان – زېمىن ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى يوقتىن بار قىلغان ياراتقۇچىنى ئېتىراپ قىلغان ھالدا، ئۇ زات ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ھەقىقىي مەنىدە ئۇ زاتى ۋاجىبۇل ۋۇجۇد بولغان يېگانە ياراتقۇچىنى تولۇق چۈشىنىشكە ئىنساننىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. بۇ جەھەتتە ئىنسان كۆپىنچە يالغۇز ئۆز ئەقلى بىلەن ئۇ زاتنى ئويلاپ تەپەككۇر قىلىشقا ئۇرۇنسىمۇ، نەتىجىدە ياراتقۇچىنىڭ زاتى ھەققىدە توغرا بىر مەلۇماتقا ئىگە بولالمايدۇ، ئۇ زات ھەققىدە بىر قىسىم خىيال ۋە شۈبھىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كامىل ئىمانغا دەخلى يەتكۈزۈپ قويىدۇ. تارىختىكى ۋە كۈنىمىزدىكى بۇتپەرەسلىك، ئازغۇنلۇق ۋە باتىل دىنلارنىڭ مەنبەسى مۇشۇنىڭدىن ئوتتۇرىغا چىققان.

ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەقىل ۋە ئىدراكى بىلەن كائىناتنىڭ، ئالەمنىڭ يېگانە ياراتقۇچىسىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، قوبۇل قىلغان ۋە ئىشەنگەن بولسىمۇ، ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇ ياراتقۇچىنىڭ ئىسمى، زاتى، سۈپەتلىرى، بىزلەرنى نېمىشقاياراتقانلىقى، بىزدىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى، نېمىدىن رازى بولۇپ، نېمىدىن رازى بولمايدىغانلىقى، ئۇ زات رازى بولىدىغان ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارنىڭ ۋە ئۇ زات رازى بولمايدىغان يامان ئىشلارنى قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى، دۇنيا ھاياتى، ئۆلۈم ۋە ئىنساننىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتى... قاتارلىق سوئاللارنىڭ توغرا جاۋابىنى تاپالمايدۇ.

جانابىي ئاللاھ ئىنساننى ئاپىرىدە قىلغان ۋاقىتتا تۇنجى ئىنسان ھەزرىتى ئادەمگە ئۆزىنىڭ ئىسمى، سۈپەتلىرى، ئىنساننى يارىتىشتىكى غايىسى ۋە ئۆزى رازى بولىدىغان ۋە رازى بولمايدىغان ئىشلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. «ئەلمىساق»تا ھەزرىتى ئادەمدىن باشقا ھېچبىر ئىنسان نەسلى بولمىغان بىر ۋاقىتتا، جانابىي ئاللاھ ھەزرىتى ئادەمنىڭ قىيامەتكىچە ئاپىرىدە بولىدىغان پۇشتىنى (نەسلىنى) ھەزرىتى ئادەمگە كۆرسىتىپ ئۇلاردىن: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دەپ سوئال سورىغاندا، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەركىن ۋە ھۆر ئىرادىسى بىلەن: «قالۇ بەلا (سەن ئەلۋەتتە بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزسەن)» دەپ ئۆز ئېغىزىدىن ئىقرار قىلغان. ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئىنساننىڭ ساغلام ۋە پاك تەبىئىتىدىكى ئەقىل ۋە ئىدراكىدا بىر ياراتقۇچى زاتنى ئېتىراپ ۋە قوبۇل قىلىش مايىللىقى بولىدۇ. ئىسلام دىنىدا بۇنى «فىترەت» ۋە ئىسلام دىنىنىمۇ بەزىدە «فىترەت دىنى» دەپ ئاتايمىز.

جانابىي ئاللاھ تۇنجى ئىنسان ھەزرىتى ئادەمنى پەيغەمبەر قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ نەسلىدىن كەلگەن پۇشتىغا ئىنسان ئەقلى ئويلاپ يېتەلمەيدىغان ياراتقۇچىنىڭ ئىسمى، زاتى، سۈپەتلىرىنى، ئۇ زاتقا قانداق ئىبادەت قىلىش ۋە قانداق ئالاقە قۇرۇشنىڭ يول - ئۇسۇللىرىنى، ئاللاھ رازى بولىدىغان ياخشى، پاكىز، مۇباھ ۋە ھالال نەرسىلەرنىڭ بايانىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۆزى رازى بولمايدىغان ناچار، مەينەت، مەكرۇھ ۋە ھارام نەرسىلەرنى ۋەھيى ئارقىلىق بىلدۈرگەن. جانابىي ئاللاھ ھەر دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي شەرت – شارائىتىغا كۆرە، ھەربىر قەۋم ۋە ئايماقلارغا بەزەن ئۆز ئىچىدىن، بەزەن ئالەمشۇمۇل پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىپ، ئۇلارغا ۋەھيى يوللاش ئارقىلىق ھەر دائىم ئىمان، ئىبادەت ھەقىقەتلىرىنى ۋە گۈزەل ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى ئەسلىتىپ تۇردى.

زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىنسانلار بەزىدە ئۆز نەپسى - خاھىشىنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ، ئىمان ۋە ئىبادەت ھەقىقەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈپ، باتىل خۇراپاتلىققا چۆمگەن ۋە ئەخلاقىي ئۆلچەمدىن تايغان بولسىمۇ، ھەر دەۋردە كەلگەن پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغان سالىھ – مۇتتەقى كىشىلەر ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ، ھەقىقەتنى دادىللىق بىلەن ئەسكەرتىپ تۇردى. تۇنجى ئىنسان ۋە تۇنجى پەيغەمبەر ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ تاكى ئاخىرقى پەيغەمبەر ھەزرىتى مۇھەممەد مۇستاپا ئەلەيھىسسالامغىچە بارلىق پەيغەمبەرلەر بارلىق ئىنسانلارنى يېگانە بىر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشكە، يالغۇز ئۇ زاتقىلا بەندىچىلىك ۋە ئىبادەت قىلىشقا، ئۇ زات رازى بولىدىغان ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ۋە ئۇ زات رازى بولمايدىغان يامان، پاسكىنا ۋە گۇناھ ئىشلاردىن ئۇزاق تۇرۇشتىن ئىبارەت فىترەت دىنى بولغان ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلدى.

ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كامالەتكە ئېرىشكەن ئىسلام دىنى ئىمان - ئېتىقاد، ئىبادەت، ئەخلاق ۋە ئىنسانىي مۇناسىۋەت جەھەتتىن بەزى ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىسلام دىنىغا ئىشەنگەن ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئۇ پىرىنسىپلارنى چىن قەلبىدىن تەستىقلىشى، ئېغىزى بىلەن ئىقرار قىلىشى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئورۇندىشى لازىم بولىدۇ. بىز بۇ يەردە ئىسلام دىنىنىڭ ئىمان ۋە ئېتىقاد جەھەتتىكى بەزى پىرىنسىپلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىشقا تىرىشىمىز.

ئۇيغۇرچىدە ئىمان، ئېتىقاد ۋە ئەقىدە سۆزلىرى بىر - بىرىگە يېقىن، كۆپىنچە بىر - بىرىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. «ئىمان» ئەرەبچە كەلىمە بولۇپ، «جەزم قىلىش، چىن قەلبىدىن ئىشىنىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئېتىقاد، ئەقىدىمۇ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، «چېگىش، باغلاش، باغلىنىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىمان بولسا ئەقىل ۋە تەپەككۇر بىلەن ھەممە نەرسىنىڭ يەنى كائىنات، بارلىق مەۋجۇدات ۋە مەخلۇقاتنىڭ ياراتقۇچىسى، ياشاتقۇچىسى، باشقۇرغۇچىسى ۋە ئىگىسى يېگانە بىر ئاللاھ ئىكەنلىكىگە شەك - شۈبھىسىز ئىشىنىش دېگەنلىك بولىدۇ. ئېتىقاد بولسا ئۇ يېگانە ياراتقۇچى زاتقا قەلبىنى، ئۆزىنى ۋە بارلىقىنى تاپشۇرۇش، باغلاش، ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بەندىچىلىك قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. ئىمان بىلىش، جەزم قىلىش، ئىشىنىش ۋە ئەقىدە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىشى بىلگىنىگە ئىشىنىدۇ، ئۇنىڭغا ئەقىدە قىلىدۇ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قەلبىنى باغلايدۇ ۋە بارلىقىنى ئۇنىڭغا بېغىشلايدۇ.

ئىمان ۋە ئېتىقاد بىر مۇسۇلماننىڭ جانابىي ئاللاھنىڭ ئۇلۇھىيىتىگە (ھەقىقىي يەككە - يېگانە ئىلاھلىقىغا رۇبۇبىيىتىگە (جانابىي ئاللاھنىڭ ھەر شەيئىنىڭ يېگانە باشقۇرغۇچىسى ۋە مالىكى ئىكەنلىكىگە) قەلبى، دىلى ۋە كۆڭلىدىن ئىشىنىش، تەستىقلاش، ئېغىزى بىلەن ئىقرار قىلىش، بايان قىلىش ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن كۆرسىتىش ۋە ئورۇندىشىنى ۋە ئۇنىڭغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ھەر دائىم ئىزھار قىلىپ تۇرۇشنى ئىپادىلەيدۇ. ئىسلام دىنى تەۋھىد دىنىدۇر. ھەربىر مۇسۇلمان «ئىلاھ، تەڭرى ۋە خۇدا يېگانە جانابىي ئاللاھتۇر، ئۇ باردۇر، بىردۇر ۋە ھېچ شېرىكى يوقتۇر» دەپ ئىشىنىشى، شۇنداق تونۇشى ۋە قەتئىي ئىككىلەنمەسلىكى لازىم.

بىر ئىنساننىڭ ھەر قانچە قىلسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ زاتى ھەققىدە ئېنىق بىرەر مەلۇماتقا ئىگە بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى كىشىنىڭ تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرى خىيالى بىر ۋەھىمدىن ئىبارەت بولۇپ، ھېچقانداق بىر بەشەر ئەقلى ئۇنىڭ زاتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئىدراك قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ھېچبىر مەخلۇقات ۋە مەۋجۇدات تۈرلۈك تىرىشچانلىق ۋە ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سالسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ زاتىنى بىلەلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما بىر ئىنسان سائەتنى كۆرۈپ سائەتچىنىڭ بارلىقىنى ۋە ماھارىتىنى قانداق ئىدراك قىلغان بولسا، بىر ئەسەردىن ئۇنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىنىڭ تەسىرىنى بايقىيالىغان بولسا، بىر سەنئەتتىن سەنئەتكارنى بىلەلىگەن بولسا، سەۋەبتىن مۇسەببىبكە (سەۋەبنى پەيدا قىلغۇچىغا) ئۇلاشقىلى بولىدىغان ۋە بۇنىڭغا بارىدىغانلىقىنى ئىدراك قىلغىلى بولىدىغان بولسا، خالىس تەپەككۇرى، ساغلام فىترىتى، ساپ ئىدراكى ۋە ھۆر ئىرادىسى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى ۋە پېئىللىرىگە نەزەر سالغىنىدا، ئۇ زاتنىڭ بەرھەق ۋاجىبۇل ۋۇجۇد (بار بولۇشى لازىم ۋە زۆرۈر بولغان) جانابىي ئاللاھنىڭ بىر ۋە بارلىقىنى ئىنكار قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. 

ئىماننىڭ ھەقىقىتى ۋە ئۆزىمۇ غەيىبكە (يەنى كۆز بىلەن كۆرۈش مۇمكىن بولمايدىغان زاتقا) ئۇ زاتنىڭ قۇدرەت ۋە كامالى سۈپەتلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق، خۇددى ئۇ زاتنى ئەينەن كۆرگەندەك جەزم ۋە ئىشەنچ قىلغان ھالەتتە بار ۋە بىر دەپ ئېتىقاد قىلىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ زاتىنى ئويلاپ تەپەككۇر قىلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن زېھنىگە بىر قىسىم خىيال ۋە شۈبھىلەرنى كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىمانىغا دەخلى يەتكۈزۈشنىڭ ئورنىغا، جانابىي ئاللاھنىڭ سۈپەت ۋە قۇدرەتلىرىنى تەپەككۇر ۋە كۆزىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىمانىنى كامىل تۇتۇشقا تىرىشىدۇ. 

ئىسلام ئۆلىمالىرى ۋە مۇجتەھىدلەر قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ سۈننەتلىرىگە ئاساسەن ئىمان ئاساسلىرىنى يەتتە ماددىغا ئىخچاملىغان. ئۇلار:

1. ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىگە ئىشىنىش

قەلبى، دىلى ۋە سەمىمىيىتى بىلەن «كەلىمە تەۋھىد»نى، يەنى «لَا إِلَٰهَ إِلَّا ٱللَّٰهُ مُحَمَّدًا رَسُولُ ٱللَّٰهِ» سۆزىنىڭ مەنە ۋە ھەقىقىتىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە «كەلىمە شاھادەت»نى يەنى «أشْهَدُ أنْ لا إلَهَ إلَّا الله وأنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ ورَسُولُه» سۆزىنىڭ مەنە ۋە ھەقىقىتىنى ھۆر ئىرادىسى ۋە سەمىمىيىتى بىلەن ئىنسانلارغا جاكارلاش ۋە باشقىلارنى بۇنىڭغا گۇۋاھچى قىلىش. بۇ ئىككى كەلىمەنىڭ ئۆزىدە ھەر شەيئىنىڭ پانى (يوق) بولىدىغانلىقى، پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ زاتى ۋە سۈپەتلىرىنىڭلا باقى ھەم دائىم بولىدىغانلىقى، ئىبادەت ۋە چوقۇنىشنىمۇ پەقەت مەئبۇدى بەرھەق ئاللاھ تائالاغىلا قىلىش، باشقا تەڭرى، خۇدا ۋە ھەر خىل نامدىكى ئىلاھلارغا چوقۇنماسلىق ۋە مەدەت تەلەپ قىلماسلىق ياكى بۇلارنى ئاللاھغا شېرىك قىلماسلىق، ھەممە نەرسىنىڭ يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ھەقىقىيمالىكى ۋە ئىگىسى جانابىي ئاللاھ ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تەۋھىد ئېتىقادىنى، قىسقىچە ئېيتقاندا جانابىي ئاللاھنىڭ ئۇلۇھىيىتىنى، رۇبۇبىيىتىنى، بارلىق زاتى ۋە سۇبۇتى سۈپەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىش باردۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىنى جانابىي ئاللاھنىڭ زاتىنىڭ ئەينى ياكى غەيرى دېيىشكە ۋە جانابىي ئاللاھنىڭ زاتى ياكى سۇبۇتى سۈپەتلىرىنىڭ ھېچبىرىنى باشقا مەخلۇقات ياكى مۇمكىناتقا ئوخشىتىشقا بولمايدۇ. چۈنكى جانابىي ئاللاھ ۋاجىبۇل ۋۇجۇد، ھاكىمى ۋە فائىلى مۇتلەق، مەئبۇدى بەرھەق، كامالاتى سىفات (سۈپەت)، ئەبەدۇلئەبەد بولۇشى ۋاجىپ ۋە زۆرۈر بولغان يەككە – يېگانە زاتتۇر. كەلىمەئى تەۋھىد ۋە كەلىمەئى شاھادەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش يەر ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش، پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈشنى، پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈشمۇ ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى جانابىي ئاللاھ ئۆزىنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىنى، ئەمر - پەرمانلىرىنى پەيغەمبەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بىزلەرگە خەۋەر بەرگەن بولۇپ، ئۆزىگە ئىمان كەلتۈرۈشكە، پەيغەمبەرلىرىگە قوشۇپ ئىمان كەلتۈرۈشنى شەرت قىلغان. شۇڭا پەيغەمبەرنىڭ دىنىنى، پەيغەمبەرلىكىنى ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن ۋەھيىنى ئىنكار قىلغانلىق ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

2. ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە ئىشىنىش

پەرىشتىلەرنىڭ جانابىي ئاللاھ تەرىپىدىن نۇردىن يارىتىلغان پاك بەندىلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش. پەرىشتىلەر بىزنىڭ بۇ جىسمانىي كۆزىمىز ۋە ياكى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن بولسىمۇ كۆرۈنمەيدىغان، ئاللاھ تائالاغا ھەر دائىم ھەمدۇسانا ئېيتىدىغان، بەلگىلىك تائەت - ئىبادەت ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر - پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش بىلەن مەشغۇل تۇرىدىغان نۇرانىي بەندىلىرىدۇر. قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ سۈننەتلەردە پەرىشتىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە ھەقىقىتى، ئىلاھىي ئەمىرگە كۆرە مۇئەككەل قىلىنغان خىزمەت تۈرلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى ۋە بەزىلىرىنىڭ ئىسىملىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە سوئال - سوراقسىز ئىشىنىشىمىز كېرەك. پەرىشتىلەر يېمەك - ئىچمەك ۋە ھاياتىي ئالەمدىكى ھەر خىل ماددىي ئېھتىياجلاردىن خالى بولۇپ، ئۇلار ئەركەك ياكى چىشى دېيىلمەيدۇ، ئۇلار تۈرلۈك نەپسى شەھۋەت، جىنسى مۇناسىۋەت تەقەززاسى ۋە ھەر خىل گۇناھ - مەسىيەت ئامىللىرىدىن مۇنەززەھدۇر. پەرىشتىلەر بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدا جىندىن ئىبارەت جانابىي ئاللاھنىڭ ئالاھىدە بەندىلىرى بار بولۇپ، ئۇلارمۇ بەزى ئالاھىدىلىك جەھەتتە پەرىشتىلەرگە، بەزى ئالاھىدىلىك جەھەتتىن ئىنسانغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. يەنى جىنلارنىڭ بىزگە كۆرۈنمەيدىغان مەخلۇق بولۇش جەھەتتىن پەرىشتىلەرگە، تۈرلۈك نەپىسى تەقەززالار، ئىرادە ۋە ئىلاھىي ئەمىرگە تەكلىپ قىلىنىش بولۇش جەھەتتىن ئىنسانغا ئوخشايدۇ. بىر مۇسۇلماننىڭ پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش بىلەن بىر قاتاردا جىنلارنىڭمۇ بارلىقىغا، ئۇلارنىڭمۇ بىزگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلاھىي دەۋىتىگە چاقىرىلغانلىقىغا ئىشىنىشى لازىم كېلىدۇ.

3. ئاللاھنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىغا ئىشىنىش

ئاللاھ تائالا تۇنجى پەيغەمبەر ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ تاكى ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى يوللاش ئارقىلىق، بارلىق ئىنسانلارغا ئۆزىنىڭ زاتىنى، سۈپەتلىرىنى، ئۇلۇغ قۇدرىتىنى، ئىرادىسىنى بايان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت - سائادىتىنى، پاك تۇرمۇش، ھالال كەسىپ ۋە ساغلام ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت يوللىرىنى بىلدۈرۈش، ھەر خىل پايدىلىق ئىلىم - پەن كەشپىياتلىرى، تەبىئەت ئالىمىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بايان قىلىش ۋە ھەر زاماننىڭ شارائىتىغا مۇۋاپىق ئىلاھىي ھۆكۈم - پەرمانلارنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كىشىلەرگە يەتكۈزۈش، ئىنسانلارغا بىلدۈرگەن ئەمر - پەرمان ۋە يوليورۇقلىرىنىڭ پەيغەمبەرلەر بۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىكى ۋە ئىنسانلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلمەسلىكى ئۈچۈن، جانابىي ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىلىرىگە ۋەھيى يولى بىلەن كىتاب نازىل قىلغان. ئاللاھنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىغا ئىشىنىش پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن بارلىق كىتاب ۋە سەھىپىلەرنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنىڭ ھەق ۋە راستلىقىغا ئىشىنىشتىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەرلەرگە نازىل بولغان كىتاب ۋە سەھىپىلەر ئادەم ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «سۇھۇفى ئادەم»، ھەزرىتى شىس ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «سۇھۇفى شىس»، ئىدرىس ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «سۇھۇفى ئىدرىس»، ھەزرىتى نۇھ ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «سۇھۇفى نۇھ» ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «سۇھۇفى ئىبراھىم»غا ئوخشاش 100 دىن ئارتۇق سۇھۇف ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «تەۋرات»، داۋۇت ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «زەبۇر»، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «ئىنجىل» ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «قۇرئان كەرىم»دىن ئىبارەت تۆت مەشھۇر كىتابقا ئوخشاش.

4. ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىش

پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش بولسا جانابىي ئاللاھ ئۆزىنىڭ زاتىنى، سۈپەتلىرىنى، ئۇلۇغ قۇدرىتىنى، ئىرادىسىنى بەندىلىرىگە ئىزھار قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت - سائادىتىنى، ساغلام ئىمان - ئەقىدە يوللىرىنى كۆرسىتىش، پاك تۇرمۇش، ھالال كەسىپ ۋە ساغلام ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت يوللىرىنى بىلدۈرۈش، ھەر خىل پايدىلىق ئىلىم - پەن كەشپىياتلىرى، ماددىي تەبىئەت ئالىمىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بايان قىلىش ۋە ھەر زاماننىڭ شارائىتىغا مۇۋاپىق ئىلاھىي ھۆكۈم - پەرمانلارنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش، بەندىلەرنى يامان ئىشلاردىن ۋە باتىل، خۇراپات يامان ئەقىدە، يامان يوللاردىن توسۇپ، ياخشىلىققا، ھەق دىن ۋە توغرىلىققا (مۇقەددەس ئىسلام دىنىغا) دەۋەت قىلىش، تەلىمات ۋە يوليورۇق ئاڭلاش ئۈچۈن ئىنسانلار ئىچىدىن ئۆزى تاللاپ ۋەھيى يوللىغان ھەقىقىي ئەلچىلىرى، پەيغەمبەرلىرى ۋە پاك راستچىل بەندىلىرى دەپ ئىشىنىشتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەربىر پەيغەمبەرنىڭ ھەق ۋە راستلىقىنى ھەر زاماندىكى ھەقىقەتپەرۋەر كۆپچىلىك ئىنسانلارنىڭ ئومۇمىي گۇۋاھلىقى بىلەن ھەربىر پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىگە خاس مۆجىزىسى (ئادەتتىن تاشقىرى ئاجايىپ ئىشلار) بىلەن ۋە ئالدىنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىشلىرىنى تەستىقلىغان ھۆججەت، تەرىپلىگەن خەۋەرلىرى بىلەن ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك ئېنىق دەلىل، ئىلمىي پاكىت ئاساسلار بىلەن ئىشىنىمىز.

ئىنسانلار تارىخىدا ھەر زامان، ھەر ماكان ۋە تۈرلۈك قەۋملەر ئىچىدە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن بولۇپ، جانابىي ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ مىللىتىنىڭ تىلى بىلەن بەزىلىرىنى ئۆز قەۋمىگە، بەزىلىرىنى بارلىق ئىنسانلارغا ھىدايەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ يوللىغان. پەيغەمبەرلەر ئىمان - ئېتىقاد، تائەت - ئىبادەت، مەكارىمى ئەخلاق ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت جەھەتلەردە ئىنسانلار ئىچىدە ئەڭ مۇكەممەل، باشقىلارغا يولباشچى ئۆرنەك كىشىلەردۇر. جانابىي ئاللاھ ئەلچى قىلىپ يوللىغان پەيغەمبەرلەر مۇرسەل ۋە نەبى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار دەرىجىدە پەرقلەنسىمۇ، ماھىيەتتە ھەممىسى ئوخشاش ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىدۇر.

تەۋرات، زەبۇر، ئىنجىل، قۇرئان كەرىم، باشقا سەھىپىلەر ۋە تارىخىي قىسسەلەردە بىر نەچچە تىپىك مىساللار بىلەن بىر قانچە پەيغەمبەرنىڭ تەرىپلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، پەيغەمبەرلەرنىڭ سانى بىزگە ئېنىق ئەمەس. جۈملىدىن قۇرئان كەرىمدە 25 پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى شەرىپى زىكىر قىلىنغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ۋە ئۇنىڭ دىنىي تەلىماتىنى قوبۇل قىلىپ ئەمەل قىلىش ماھىيەتتە بارلىق پەيغەمبەرلەرگە، كىتاب، سەھىپىلەرگە ۋە ئۇلۇغ مۇقەددەس ئىسلام دىنىغا ئومۇميۈزلۈك قايىل بولۇپ، ھەقىقىي ئەمەل قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

5. ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش

ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش سىناق دۇنياسىدا يارىتىلغان ئىنسانلارنىڭ قىلغان ياخشى- يامان ئىشلىرى دۇنيا ئاخىرلىشىدىغان قىيامەتتىن كېيىنكى ئاخىرەت كۈنىدە خۇلاسە قىلىنىپ، ئۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ كۆرسىتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش دېمەكتۇر. يەنى ساۋاب ۋە گۇناھقا قاراپ ياخشى - يامان جازا بېرىلىدىغان بىر دەۋرنىڭ (باقى ئالەمنىڭ) مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇ باقى ئالەمدە قىيامەت، ھەشر - نەشر (ھېساب مەيدانى) بەرپا قىلىنىشنىڭ، ھېساب، مىزان، پىلسىرات، ھەۋزى كەۋسەر، جەننەت ۋە دوزاخنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشتىن ئىبارەتتۇر.

جانابىي ئاللاھ ئىنساننى ياخشى - يامان، ھەق - ناھەقنى پەرق قىلالايدىغان ئىدراك ۋە نۇرلۇق روھ بىلەن ياراتتى، ئاسمان ـ زېمىندىكى ماددىي مەنپەئەتلەرنى ئىنسانلار ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ بەھرىمەن بولالايدىغان قابىلىيەتكە ئىگە قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساننى بۇ سىناق دۇنياسىغا خوجايىن قىلدى ۋە ھەممە مەخلۇقتىن ئىززەتلىك، ھۆرمەتلىك ۋە پەزىلەتلىك قىلىپ ياراتتى. ئىنسانلارنى ۋە بارلىق مەخلۇقاتلارنى يوقتىن بار قىلىپ ياراتقان ئۇلۇغ ئاللاھ ئەلۋەتتە يەنە قايتا تىرىلدۈرۈپ، ئاخىرەت ئالىمىگە لايىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە قادىر. 

ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى ئالدىدا ئۇنىڭغا ھېچقانداق توسالغۇنى ۋە ئاجىزلىقنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. بەلكى باقى ئالەم ھاياتىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى بۇ پانى ئالەمدە سىناق ئۈچۈن بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە يارىتىشتىكى ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسى ۋە ئۇلۇغ قۇدرىتىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئاخىرەت كۈنىنىڭ بولۇشىدا ھېچ شەك - شۈبھە يوقتۇر. سالىھ، ياخشى بەندىلەر جەننەتكە ۋە راھەتكە سازاۋەر بولۇشى ۋە يامان، زالىم كاپىرلار دوزاخ ۋە ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار بولۇشى، بۇ ئىككى جاينىڭ ئاخىرەت ئالىمىدە مەۋجۇتلۇقى ئەينەن ھەقىقەتتۇر. بۇنداق بولۇشى ھەقىقىي پادىشاھ بولغان، ئالەمنىڭ پەرۋەردىگارى جانابىي ئاللاھ تائالانىڭ ئادالەت سۈپىتىنىڭ تەقەززاسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرەتكە ئىشىنىش ئىماننىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمىدۇر.

6. قازا ۋە قەدەرگە ئىشىنىش

بۇ ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى ۋە خاھىشى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ قازا ۋە قەدەرىگە ئىمان كەلتۈرۈش دېگەنلىك دۇنيادا بولغان، بولىدىغان، بولمىغان ۋە ھەر نەۋئى (تۈرلۈك) مەخلۇقات، پۈتۈن ئالەم ۋە ئادەم، بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ھاياتىي قانۇنى، ئومۇمىي قانۇنى، ئىختىيارى ئىشلىرى، ئاللاھ تائالا ئۆزى بەلگىلىگەن نىسبەتتە بولۇشقا تېگىشلىك مۇئەييەن ئۆلچەم، قىسمەت، مىقدارىدا بولۇشىنىڭ ۋە ھەر ياخشىلىق - يامانلىق ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىر ۋە ئىرادىسىگە باغلىق بولغان چەك - چېگرا ئىچىدە بولۇشىنىڭ ھەق ۋە راستلىقىغا ئىشىنىشتىن ئىبارەتتۇر. 

بەندە ئۆز ھەرىكىتىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىدۇ، لېكىن بۇنى تەقدىر قىلغۇچى ئاللاھ تائالادۇر. ئومۇمىي ئىختىيارى ۋە ماددىي ئىمكانىيەتلىرى ئاللاھ تائالانىڭ خاھىشىغا باغلىقتۇر. يەنى ھېچقانداق نەرسە قەدەردىن (تەقدىر ۋە قانۇنى ئىلاھىيدىن) تاشقىرى ئەمەس دەپ ئىشىنىشتۇر. بۇ تەقدىر مەسىلىسى ئىنسانلارنىڭ ئۆز ھاياتىنى بەرپا قىلىشىغا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئومۇمىي تەرەققىياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ، بەلكى ماددىي تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قانۇنىي(توغرا ئۇسۇلدا) بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن ئىلاھىي قانۇنىيەتنى ئالدىنئالا چۈشىنىپ، ئالغا ئىلگىرىلەشتە كۈچ سەرپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. تەقدىر مەسىلىسىگە بۇنىڭ ئەكسىچە قاراش ئىسلام ئېتىقادىغا، قۇرئان تەلىماتىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان جاھالەتتۇر.

قەدەر ياكى تەقدىر ئىنتايىن ئىنچىكە ۋە نازۇك بىر مەسىلە بولۇپ، ئۇنى سۈننەتۇللاھقا يەنى ئالەم ۋە ھايات قانۇنىيىتىگە، ئىنسانلارنىڭ دۇنيا نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن جىددۇ - جەھد ۋە سەئيى - سەۋەبلىرىگە قارىتا زىت ئورۇنغا قويۇشقا ئۇرۇنۇش تەقدىرنى خاتا چۈشەنگەنلىكتۇر. تەقدىر ئاللاھ تائالانىڭ خالىق (ياراتقۇچى)، مۇدەببىر (ھەممە نەرسىنى ئالدىنئالا پىلانلىغۇچى، تەدبىرىنى ئالغۇچى)، ئەلىم (بارلىق نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرغۇچى ئىلىم ساھىبى) ۋە ھەكىم قاتارلىق سۈپەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئۇقۇم بولۇپ، بارلىق مەخلۇقات، مەۋجۇدات، بارلىق ھادىسە ۋە ۋەقەلەرنى مۇئەييەن نىزام ۋە ئۆلچەمگە ئاساسەن بارلىققا كەلتۈرگەن جانابىي ئاللاھ تائالانىڭ ئەزەلدىن ۋە مەڭگۈگە بولىدىغان شەيئىلەرنىڭ قەيەردە، قانداق شەكىلدە ۋە قاچان بولىدىغانلىقىنى، بارلىق ھادىسە ۋە ۋەقەلەر مەخلۇقاتلارنىڭ زامان، ماكان ۋە شەكىل جەھەتتىن ئۆزىنىڭ تاللىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ مۇتلەق ئىرادىسى، تەقدىر قىلىشى، قانۇنى ئىلاھىي ۋە ئىلمى ئەزەلىيسى دائىرىسىدە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئىچىدە ماقالە - تەمسىل ھالىتىگە كەلگەن «ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن تاشقىرى قىل تەۋرىمەيدۇ» دېگەن سۆز قەدەرنىڭ قىسقا ئىپادىسىدۇر.

7. ئۆلۈمدىن كېيىن قايتا تىرىلىشنىڭ ھەق ۋە راستلىقىغا ئىشىنىش

ئۆلگەندىن كېيىن بىرىنچى قېتىم روھنى تەننىڭ قېشىدا ھازىرلاپ سىناق ئۈچۈن سوراق - سوئال قىلىنىشنىڭ ھەق ۋە راستلىقىغا، مۇئمىن سالىھلارنىڭ، كافىر، مۇشرىكلارنىڭ روھلىرىنىڭ جەننەت ۋە دوزاختىن ئىبارەت ئىككى جايغا ئايرىلىشىنىڭ ھەق ۋە راستلىقىغا ئىشىنىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ تىرىلدۈرۈش دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈنچى ئالەمى بەرزەختە (ئوتتۇرا ئالەمدە) بولىدىغان سوراق ـ سوئال ئەھۋالى بولۇپ، بۇ دۇنيادىكىگە ئوخشاش يېمەك - ئىچمەك ۋە جىسمانىي ھەرىكەتلەرگە باغلىق ئەمەس ياكى ئاخىرەتتە جەننەت ۋە دوزاختا بولىدىغان ھايات ھەم ئەمەس. بەلكى تەن بىلەن روھنىڭ جۇدالىشىش باسقۇچىدا سىناق سوئال ئۈچۈن روھقا مۇناسىۋەتلىك بىر خىل ئەھۋالدۇر. ئۆلگەن كىشى قايسى جاي ۋە قانداق ھالەتتە جان ئۈزگەن بولسۇن ياكى ئۇنى ھايۋاناتلار يۇتۇپ كەتكەن بولسۇن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ياخشى - يامانلىقىنى ئۆزىگە تونۇتۇپ قايىل قىلىش ئۈچۈن روھنى ھازىرلاپ سوراق ـ سوئال قىلالايدۇ ۋە چەكلىك ئازاب، راھەت بىلەن تېگىشلىك مۇئامىلە قىلالايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ مالائىكىلىرىگە ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغىنىنى ئىجرا قىلىپ ئۆلگەن كىشىنى سوراق قىلىش ئۈچۈن ۋە تېگىشلىك سىناقتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھېچ نەرسە توسالغۇ بولالمايدۇ. بۇ ئەھۋاللارنى تىرىك ئادەم كۆزى بىلەن كۆرۈپ، قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ ياكى باشقا ۋاسىتە بىلەن سېزەلەيدىغان ئەھۋال ئەمەس، بەلكى بۇ ئەھۋاللار سىناق دۇنياسىدا مەزكۇر ئۆلگەن كىشىدىن باشقا ھايات ئادەملەرگە سېزىلمەيدىغان، مەخپىي تۇتۇلغان خاس ئۆتكەلدىكى ئەھۋالدۇر.

يۇقىرىقى ئىمان ئاساسلىرى قۇرئان كەرىم ۋە مۇتەۋاتىر سۈننەتلەردە قەتئىي دەلىللەر بىلەن سابىت بولغان ۋە ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئىمان كەلتۈرۈشى زۆرۈر بولغان كەسكىن ھۆكۈملەردۇر. چۈنكى ئىمان ۋە ئېتىقادقا دائىر مەسىلىلەردە چوقۇم قۇرئان كەرىم ۋە ياكى مۇتەۋاتىر سۈننەتتە دالالىتى قەتئىيەت ئىپادىلەيدىغان ھۆكمى ئېنىق ۋە ئوچۇق دەلىل بولۇشى شەرتتۇر. بارلىق مۇجتەھىد ئالىملار بۇ ماددىلارنىڭ ئىماننىڭ ئاساسى ۋە شەرتى ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاققا كەلگەن بولۇپ، ھەر بىر مۇئمىن ۋە مۇسۇلماننىڭ ئۇنىڭغا ئىشىنىشى ۋە ئىمان كەلتۈرۈشى زۆرۈر ۋە شەرتتۇر.

قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەرىمىزنىڭ سەھىھ سۈننەتلىرىدە ئىمان ۋە ئېتىقاد مەسىلىلىرىگە دائىر نۇرغۇن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىر قىسمى بارلىق مۇجتەھىد ئالىملار تەرىپىدىن ئىتتىپاققا كەلگەن ۋە بىر قىسمى بولسا بەزى ئالىملار تەرىپىدىن ئىختىلاپ قىلىنغان مەسىلىلەردۇر. بۇلار ئىسلام دىنى ئەقىدىسى ۋە كالام ئىلمى ساھەسىدىكى مۇجتەھىد ئالىملار تەرىپىدىن دەلىللىرى بىلەن تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئىسلام تارىخىدا ئىسلام دىننىڭ پەرقلىق رايون، پەرقلىق مىللەتلەرگە تارقىلىشى بىلەن بىرگە ئۇ رايون ۋە مىللەتلەردىكى كۈلتۈرلەرنىڭ تەسىرى ئىچىدە پەرقلىق ئېتىقادىي مەزھەپلەر ئوتتۇرىغا چىققان. بولۇپمۇ ئاللاھ تائالانىڭ زاتى ۋە سۈپەتلىرىگە ئائىت بولغان بەزى مەسىلىلەرنىڭ تەشبىھ ۋە تەئۋىل قىلىنىپ قىلىنماسلىقى، ياخشى ۋە يامانلىقلارنى بىززات ئەقىلنىڭ بەلگىلىشى ۋە ئىنساننىڭ ئىشلىگەن پېئىللىرىدىكى ئىرادىسى قاتارلىق... نۇرغۇن مەسىلىلەردە كالام ئالىملىرى ئۆز ئارا پىكرى ئىختىلاپ ۋە مۇناقەشە قىلىشقان بولۇپ، بۇلاردىن بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسلىرى، يەھۇدىي - ناسارالارنىڭ ۋە ھەر خىل دىنلارنىڭ باتىل چۈشەنچىلەرنى ئىسلام ئېتىقادىغا سۆرەپ كىرىپ، توغرا ئىسلام ئەقىدىسىدىن چىقىپ ئازغۇن يوللارغا كېرىپ قالغان. زامان ئىچىدە بۇ ئازغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىگە تەرەپدار توپلاپ، جامائەت ۋە ھەتتا مەزھەپ شەكىللەندۈرۈشكە ۋە ساغلام مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىغا تەھدىت سېلىشقا ۋە مۇسۇلمان خەلقنى توغرا ئىسلام ئېتىقادىدىن چىقىرىۋېتىشقا باشلىغان. 

ئىسلام تارىخىدا ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپە سايلىمىدىكى سىياسىي تالاش - تارتىش سەۋەبلىك، تۇنجى بولۇپ «خارىجىييە» نامىدا بىر مەزھەپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، «چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلار كاپىر بولىدۇ» دېگەن كۆز قاراش بىلەن نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ قېنى تۆكۈلدى ۋە ھەتتا ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شېھىد قىلىندى. يەنە ئىلاھىي تەقدىرنى ئىنكار قىلىپ، بەندىنىڭ ئىرادىسىنى ئاساس قىلىدىغان «قەدەرىيە»، بەندىنىڭ ھېچبىر ئىرادىسىنىڭ يوقلۇقىنى دەۋا قىلىدىغان «جەبرىييە»، چوڭ گۇناھ ئىشلىگەنلەرنىڭ جەننەت ياكى دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى دۇنيادا بىلگىلى بولمايدۇ، دەيدىغان كۆزقاراشنى دەۋا قىلىدىغان «مۇرجىئە»، ئاللاھ تائالانىڭ زاتىنى ۋە سۈپەتلىرىنى بەندىگە ئوخشىتىشنى توغرا دەپ دەۋا قىلىدىغان «مۇشەببىھە» دېگەنگە ئوخشاش ۋە بۇنىڭ سىرتىدا بۇ يەردە مەلۇمات بېرىلمىگەن نۇرغۇن ئېتىقادىي كۆزقاراشلار ۋە مەزھەپلەر ئوتتۇرىغا چىققان. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى غەيرى دىن ۋە كۈلتۈرلەرنى ئىسلام دىنىغا سۆرەپ كىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەقلى ۋە ياكى باشقا كۈلتۈر ۋە پەلسەپەلىرى بىلەن قۇرئان كەرىمنى ئۆزى خالىغانچە تەئۋىل قىلىشىپ، ئىسلام دىنىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولغان. بۇ كۆز قاراش ۋە مەزھەپلەر مۇسۇلمانلار ئىچىدە پىكرىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن بۆلۈنۈش، مۇسۇلمانلار ئىچىدىن كاپىر ئىزدەپ بىر - بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىشتەك يامان ئاقىۋەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بۇ تەھلىكىگە قارشى رەببانىي ئالىملار (سۆزى ئەمەلىيىتىگە مۇۋاپىق بولغان ئۈلگىلىك ئالىملار) ئېتىقادىي مەزھەپلەر ئىچىدىن «ماتۇرىدىي» ۋە «ئەشئەرىي» مەزھىپىنى قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ سۈننەتكە ئەڭ ئۇيغۇن ئېتىقادىي مەزھەپ دەپ قارىغان. ئىسلام ئالىملىرى ئىسلام دىنىنى قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ سۈننەتكە ئەڭ ئۇيغۇن تەرىقىدەچۈشەنگەن ۋە قۇرئان كەرىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىىسسلام ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىپ ماڭغان مۇسۇلمان جامائىتىنى ئازغۇن پىرقىلەردىن ئايرىش ۋە ئۇلارنىڭ ئازدۇرۇپ كېتىشىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى «ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە» دېگەن «قورغان»نىڭ ئىچىگە ئالغان. «ماتۇرىدىي» ۋە «ئەشئەرىي» مەزھىپى بۇ قورغان ئىچىدىكى ئەڭ ساغلام ئىككى ئېتىقادىي مەزھەپتۇر.

تۈركىستان دىيارى قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم باھىلىي (714  668) قوماندانلىقىدىكى مۇسۇلمان قوشۇنلىرى تەرىپىدىن فەتھ قىلىنىپ، ئىسلام نۇرى تۈركىستان خەلقىنىڭ قەلبىنى يورۇتۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، تۈركىستان خەلقى ئىچىدىن ئىمام بۇخارىي (870 - 810)، ئىمام تىرمىزىي (892 – 824)، ئىمام ماتۇرىدىي (944  852 فارابىي (950  871 سەمەرقەندىي (983   ) ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ (1077  1019)... كەبى نۇرغۇن ئالىم - ئۆلىمالار يېتىشىپ چىققان.

تۈركىستان خەلقى ئېتىقادىي جەھەتتىن ئىمام ماتۇرىدىينىڭ قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ سۈننەتنى ئاساس قىلغان ھالدا ئېتىقادىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئىزاھاتلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئىمام ماتۇرىدىي ئېتىقادقا ئائىت مەسىلىلەردە ئوتتۇرا يولنى تۇتقان بولۇپ، ۋەھيىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئەقىلگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ ئېتىقادىي مەسىلىلەردە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان تارىختىن بۇيان ئىمام ماتۇرىدىينىڭ يولىنى تۇتۇپ كەلگەن، ئۆلىمالىرىمىزمۇ مەدرىسىلەردىكى تەلىم – تەربىيەلەردە ۋە خەلق ئاممىسىغا قىلغان ۋەز - نەسىھەتلىرىدە مۇشۇ يولنى ئاساس قىلغان. بۇ مەزھەپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېتىقادى، پىكىر - چۈشەنچىلىرى، ئىجتىمائىي ھاياتى ۋە ئۆرپ – ئادەت ئەنئەنىلىرىگىمۇ تەسىر قىلغان.

بۈگۈنكى كۈندە ۋەتىنى كاپىر خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان، ئىبادەتلىرى چەكلىنىۋاتقان ۋە بارلىق ھەق - ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بىرلىك ئىنتايىن مۇھىم. بىزلەرنى بىرلەشتۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل دىنىمىز، ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىزدۇر. ئالىم – ئۆلىمالىرىمىزنىڭ دىنىي جەھەتتە خەلقىمىز ۋە ئالىملىرىمىز مىڭ يىلدىن بېرى تۇتۇپ كەلگەن يولغا ۋارىسلىق قىلىپ مېڭىشى ئەڭ ئاقىلانىلىقتۇر.

جانابىي ئاللاھ ھەر بىرىمىزگە ھىدايەت ۋە تەۋپىق، خەلقىمىزگە ساغلام ئېتىقاد، ئالىم - ئۆلىمالىرىمىزغا ئەقىل - پاراسەت، بايلىرىمىزغا ئىنساپ، ياشلىرىمىزغا شىجائەت ۋە قىزلىرىمىزغا ئىپپەت، شەرمى ھايا ئاتا قىلسۇن، ئامىن.