ماقالىلار

سۈننەتنىڭ دىندىكى ئورنى

2025-01-31
A-
A+

سۈننەتنىڭ دىندىكى ئورنى

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز ئارتۇشىي

مۇقەددىمە

كۈنىمىزدە دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان بەزى ئىنسانلار دىننىڭ ماھىيىتى ۋە ھەقىقىتىنى بىلمەستىن، «قۇرئان بىزگە كۇپايە قىلىدۇ، قۇرئاندىن باشقىسى لازىم ئەمەس»، يەنى سۈننەتكە كېرەك يوق دەيدىغان سەپسەتىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا ئەڭ زور ئېھتىياجى بولغان بۈگۈنكىدەك ھالقىلىق پەيتتە، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتنە - پاسات چىقىرىپ، ئىتتىپاقلىقنى بۇزىدىغان بىر ۋەزىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا. ھالبۇكى، قۇرئان كەرىمدە ئۇلۇغ ئاللاھ تائالا ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ سۈننىتىنى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.

قۇرئانچىلار «قۇرئان بىزگە يېتەرلىك، قۇرئاندىن باشقىسى لازىم ئەمەس» دەيدىغان سەپسەتىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇلار بۇ سەپسەتىسىنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى كۆزگە ئىلمىغان ھالدا ھۇجۇم قىلىپ، سۈننەتنىڭ دىندىكى قىممىتى، ئورنى، رولى ۋە زۆرۈرلۈكى ھەققىدە گۇمان پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇلارنىڭ قىلمىشى ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا قارشى ھۇجۇملىرىغا ياردەم قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

بەزى نادان ۋە دىنىي ئىلىملەردىن يېتەرلىك خەۋىرى بولمىغان كىشىلەر بۇنداق خاتا چۈشەنچىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، سۈننەتكە ئەگىشىشتە بوشاڭلىق بىلەن سەل قاراپ، «سۈننەتكە ئەمەل قىلسىمۇ، قىلمىسىمۇ بولىدۇ» دېگەندەك خاتا پوزىتسىيەدە بولۇپ، ھەرقانداق بىر تېمىدا سۈننەت دەلىل سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنسا، ئۇنىڭغا سەل قاراپ سۈننەتتىن كەلتۈرۈلگەن دەلىللەرگە قايىل بولماستىن، پەقەت قۇرئاندىن دەلىل ئىزدەشكە تىرىشىدۇ. ھالبۇكى، قۇرئان كەرىم سۈننەتتىن ئايرىۋېتىلگەندە، ھەركىم ئۆزى خالىغانچە تەپسىر ۋە تەئۋىل قىلىدىغان بىر كىتابقا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا قارشى ھۇجۇم قىلىش يوللىرى تېخىمۇ كەڭ ئېچىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى پارچىلاپ باشقۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسەتلىرىگە يېتىشى ئوڭايلىشىدۇ.

قۇرئان كەرىم شەرىئەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا دەلىل جەھەتتە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ساھابىلەر رەسۇلۇللاھ ھايات ۋاقتىدا ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئالدى بىلەن قۇرئانغا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلغان. سۈننەت ئىسلام دىنىدا قۇرئان كەرىمدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم مەنبە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمانلار بۇرۇندىن تارتىپ قۇرئانغا قانداق ئەھمىيەت بەرگەن بولسا، سۈننەتكىمۇ شۇنداق ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. ساھابىلەر، تابىئىنلار، ئىسلام ئۆلىمالىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «سىلەرگە ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە مېنىڭ سۈننىتىمدىن ئىبارەت ئىككى نەرسىنى قويۇپ كەتتىم، بۇ ئىككىسىنى چىڭ تۇتساڭلار ئازمايسىلەر» دېگەن بۇ مۇھىم تەۋسىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن دۇنيادا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا سۈننەتنىڭ تارقىلىشى ۋە گۈللىنىشىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، قۇرئان كەرىم بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەمەلىي رەۋىشتە ئەگەشكەن بىر مۇسۇلمان ھەقىقىي مەنىدىكى قۇرئانچىدۇر.

سۈننەت ۋە ھەدىس

سۈننەت لۇغەتتە «يول، ئۇسۇل، مېتود، ئادەت ۋە ئەنئەنە» دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. سۈننەتنىڭ ئۇقۇم مەنىسىگە كەلسەك، گەرچە فىقھى، ھەدىس ۋە كالام ئىلىملىرىدە پەرقلىق تونۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ يولىغا ئەگىشىش نۇقتىسىدا ئىتتىپاقلىشىدۇ.[1] كالام ئۆلىمالىرى سۈننەتنى «ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ئەقىدە ۋە ئەمەلدە ماڭغان يولى» دەپ تەرىپلىگەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سۈننەت ئۈممەتنىڭ ئاساسلىق دىنىي چۈشەنچىسىنى، بىدئەت ۋە زالالەت بولسا بۇ يولدىن چەتنەپ كېتىشنى كۆرسىتىدۇ.[2]

ھەدىس لۇغەتتە «يېڭى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، «قەدىم» سۆزى بىلەن مەنە جەھەتتىن قارىمۇقارىشى سۆزدۇر. بەزى ئۆلىمالار «قەدىم» دېگەن سۆزدىن «قۇرئان كەرىم» كۆزدە تۇتۇلسا، «ھەدىس» دېگەن سۆزدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ، دەپ قارايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دىننى چۈشەندۈرگەن سۆزلىرى «سۈننەتى قەۋلىيە»، ئىش–ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر «سۈننەتى فىئلىيە»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ماقۇللاش يۈزىسىدىن سۈكۈت قىلغانلىرى «تەقرىر» دەپ ئاتالغان. ھەدىس ئالىملىرى ھەدىس بىلەن سۈننەتنى مەنىداش سۆزلەر دەپ قارىغان. قۇرئان كەرىمدە ﴿سُنَّةَ اللَّهِ فِي الَّذِينَ خَلَوْا مِنْ قَبْلُ﴾ «بۇ ئاللاھنىڭ ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە تۇتقان يولىدۇر»[3]. بۇ ئايەتتە «سۈننەت» سۆزى «يول» مەنىسىدە كەلگەن. ھەدىستە «سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمنى مەھكەم تۇتۇڭلار»[4] دەپ كەلگەن. بۇ ھەدىستە «سۈننەت» سۆزى ھەدىس مەنىسىدە كەلگەن.

ئەھلى سۈننەت ئۇقۇمى: لۇغەتتە «مەنىۋى جەھەتتىن تاللانغان يول» دېگەن مەنىدە بولۇپ، «ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت» ئىپادىسىنىڭ قىسقارتىلغان شەكلىدۇر. بۇ يەردىكى سۈننەت دىننى تەشۋىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش بىلەن ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلامنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىنى چۈشىنىشى ۋە قوبۇل قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر. جامائەت ئۇقۇمى بولسا ئىسلام دىنىنى تۇنجى بولۇپ قوبۇل قىلغان ۋە ئېتىقاد، ئىبادەت، قانۇن ۋە ئەخلاق جەھەتتىن ئىسلام دىنىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزگەن ساھابىلەر جامائىتى كۆزدە تۇتۇلغان.[5] بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەھلى سۈننەتنى دىننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىدا رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلىرىنىڭ تۇتقان يولىغا ئەگەشكەنلەر، دەپ تەسۋىرلەش مۇمكىن. بۇنىڭ ئەكسىچە بولغانلار بىدئەتچىلەردۇر.

قۇرئان بىلەن سۈننەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرق

قۇرئان بىلەن سۈننەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئايرىلماس باغنىڭ بولۇشى بىلەن بىرگە بۇلار ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرقلەر مەۋجۇت. قۇرئان ئەقىدە، ئىبادەت ۋە مۇئامىلىگە ئوخشاش ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ئىسلام ئەقىدىسى قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىس بىلەنلا بېكىتىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئاننى يېزىپ خاتىرىلەپ تۇرۇشقا مەخسۇس كاتىپلارنى بېكىتكەن. قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ سۈننەتكە ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، دەسلەپتە سۈننەتنى خاتىرىلەپ يېزىشتىن توسقان. قۇرئان كەرىم نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن يادلىنىپ ۋە يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلىنىپ يېتىپ كەلگەن. قۇرئان كەرىم لەۋزى، مەزمۇنى، ئۇسلۇبى، تەرتىپى ۋە تۈزۈلۈشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قانداق نازىل قىلىنغان بولسا، ھېچقانداق ئۆزگىرىشكە ئۇچرىماستىن، شۇ پېتى بىزگە يېتىپ كەلگەن. ئەمما سۈننەت سۆزمۇ سۆز ئەمەس، بەلكى مەنە ۋە مەزمۇن بويىچە يېتىپ كەلگەن.[6]

سۈننەت قۇرئان كەرىمدىكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇرەككەپ مەزمۇنلارنى روشەن يېشىپ بەرگۈچى بىردىنبىر مەنبەدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارنى ناماز ئوقۇشقا ۋە زاكات بېرىشكە بۇيرۇغان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ قانداق ئادا قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلمىغان بولۇپ، بۇلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەپسىلىي بايان قىلىپ بەرگەن. شۇنداقتىمۇ ئوخشىمىغان فىقھى مەزھەپلەردە نامازنىڭ ئادا قىلىنىشىدا بەزى ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت. ناۋادا بۇلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەپسىلىي بايان قىلىپ بەرمىگەن بولسا، قانداق بولار ئىدى؟ سۈننەتنى قۇرئانغا ئوخشاشلا ۋەھيى دەپ دەۋا قىلىشمۇ ھەقىقەتنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ. گەرچە بەزى ئالىملار جىبرىئىلنىڭ سۈننەتنىمۇ قۇرئانغا ئوخشاش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ كۆپىنچىسى سۈننەتنى قۇرئاندىن قالسا ئىسلام دىنىنىڭ ئىككىنچى ئاساسلىق دەستۇرىدۇر، ئۇ قۇرئانغا ئوخشىمايدىغان بىر خىل ۋەھيى ۋە ئىلھامنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، لەۋزى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، مەنىسى ئاللاھقا تەۋە دەپ قارىغان ۋە ئۇنى ھېچقاچان قۇرئانغا ئوخشاش تىلاۋەت قىلىنىدىغان ھەم لەۋزى، ھەم مەنىسى ئاللاھقا تەۋە ۋەھيى دەپ قارىمىغان.[7]

 

قۇرئانچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قىسقىچە تارىخى

قۇرئانچىلار ئىسلام دۇنياسىدا «ئەھلى قۇرئان»، «قۇرئانىيۇن» دەپ ئاتالغان ۋە قۇرئاننى ئىسلام دىنىنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى دەپ قوبۇل قىلىپ، ھەدىسلەرنى رەت قىلىدىغان پىكىر سىستېمىسى بولۇپ، بۇ چۈشەنچە تۇنجى قېتىم 8 – ئەسىردە خاۋارىجلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان. خاۋارىجلار شۇ زامانلاردا «قۇرئان بىزگە يېتىدۇ» دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ھەدىسنىڭ ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ بىر ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغانىدى. بۇ چۈشەنچە ئىسلام تارىخى بويىچە ئاز بىر قىسىم پىرقە تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەن. بۇ پىكىر يېقىنقى زاماندىكى بايراقدارلىرى 19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىنگلىز مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ھىندىستاندا غۇلام ئەھمەد قادىيانىي ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن پاكىستاندا ئابدۇللاھ چەكرالىۋىي قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان.[8] چەكرالىۋىي ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەھلى ھەدىس بولۇپ ئۆتكۈزگەن. بىراق ئۇ كېيىن بۇ پىكرىدىن يىراقلىشىپ، سۈننەتكە قارشى قاتتىق رەقىبىگە ئايلانغان. ئۇ 1902 - يىلى لاھوردا «ئەھلى زىكىر ۋە قۇرئان» نامىدا بىر جەمئىيەتنىڭ كىملىكى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان. ھىندىستان چوڭ قۇرۇقلۇقىدا مەيدانغا كەلگەن بۇ دىنىي - پىكرىي ھەرىكەت ئۇ دەۋردە ياشىغان بىر قىسىم ئالىملارنىڭ پىكرىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان.

ئۆز ۋاقتىدا ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى مۇسۇلمانلارنى پارچىلاپ باشقۇرۇش ئۈچۈن، غۇلام ئەھمەد قادىيانىيگە ئوخشاش شەخسلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۇنىڭ سۈننەتنى ئىنكار قىلىشتەك بولمىغۇر پىكىرلەرنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بەزى نادان كىشىلەر ئۇلارنىڭ نەيرەڭلىرىگە ئالدىنىپ، مۇستەملىكىچى كۈچلەرنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مۇراد ۋە مەقسەتلىرىگە ئاسان يېتىشى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن. ئەمما ئىسلام ئۆلىمالىرى قۇرئانچىلارنىڭ سۈننەتنى ئىنكار قىلىشتەك بۇ كۇفرىي پىكىرلىرىگە قاراپ تۇرماستىن، ئۆتمۈش تارىختا ئازغۇن پىرقەلەرگە قارشى قانداق كۈرەش قىلغان بولسا، بۇلارغىمۇ ئەجەللىك رەددىيەلەرنى بەرگەن ۋە قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ بىر - بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىككىسىنى بىر - بىرىدىن ئايرىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان.[9]

1857 - يىلىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان رايونغا بۈيۈك بىرىتانىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئەۋەتكەن غەرب مىسسىيونېرلىرى، ئالىم ۋە سىياسىيونلار قۇرئان، ھەدىس، فىقھى ۋە ئىسلام تارىخى ھەققىدە مۇنازىرىلەشكەن. بۇ مۇنازىرە نەتىجىسىدە مەغلۇبىيەت ئىچىدە قالغان بىر قىسىم مۇسۇلمان ئالىملار بۇ مەغلۇبىيەتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ۋە تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلغان دىندۇر، دەپ قارىغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خاتا دىن چۈشەنچىسىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ھەدىس، يەنى سۈننەتتۇر[10]. مەۋدۇدىي بۇ چۈشەنچىنى ئۇزۇن بىر زاماندىن كېيىن ھىندىستاندا سەييىد ئەھمەدخان ۋە غۇلام ئەھمەد پەرۋىزگە ئوخشاش بىر قىسىم شەخسلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بۇ ئىدىيەسىنى مۇسۇلمانلارنىڭ غەرب پەلسەپەسى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەغلۇبىيىتىنىڭ پىسخىكىلىق نەتىجىسى، دەپ قارايدۇ.[11]

19 - ئەسىردىن باشلاپ ھىندىستاندا دىنىي زاتلار بىلەن مۇنازىرە ئۆتكۈزگەن مىسسىيونېرلار مائارىپ، ئىلىم - پەن ۋە سىياسىي ئەربابلار شۇنداقلا شەرقشۇناسلار بۇ پىكرىي ھەرىكەتنىڭ تېز تارقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شەخس سەييىد ئەھمەد خان بولغان. ئۇلار سۈننەتكە قارشى بۇ ھەرىكىتىنى ئۆزلىرىنىڭ نەشر ئورگانلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلار ئاچقان مائارىپ ۋە تەربىيەلەش ئورۇنلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بارغان. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى يېڭى مائارىپ ئاپپاراتلىرىدا ئوقۇغان ياشلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۇلارغا ھۆكۈمەت خىزمىتى بەرگەن ھەمدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنى ئەنگلىيە كامبىرىج ۋە ئوكسفورد قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەن.[12]

1920 - يىلىغىچە كەسكىن داۋاملاشقان بۇ پائالىيەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە، سۈننەتكە قارشى تۇرىدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد بارلىققا كەلگەن. بۇ پىكىرنى ياقىلىغانلارغا بۇرۇن «مۇنكىرىي ھەدىس» ھەدىسنى ئىنكار قىلغۇچىلار ۋە «ناتۇرالىست» قاتارلىق ئىسىملار بېرىلگەن بولسا، كېيىن ئابدۇللاھ چەكرالىۋىي بىلەن بىرلىكتە ئەھلى قۇرئان يەنى قۇرئانچىلار دەپ ئاتالغان. ئەينى يىللاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يۈزلىنىشلەر ئىسلام دۇنياسىنىڭ باشقا جايلىرىدا ئوسمانلى زېمىنى ۋە شىمالىي ئافرىقادىمۇ بارلىققا كەلگەن. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ھىندىستان چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكىگە ئوخشاش سىستېمىلىق ۋە ئۈزلۈكسىز بولمىغان.

20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مىسىردا مۇھەممەد تەۋفىق سىدقىيغا ئوخشاش قۇرئانچىلارنىڭ ئىدىيەسى مۇھەممەد ئابدۇھنىڭ ئىسلاھات ئىدىيەسىدىن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ تەقلىد قىلىشنى رەت قىلىشى ۋە قۇرئانغا ئەھمىيەت بېرىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن. 21 - ئەسىردە قۇرئانچىلارنىڭ بۇ ئىدىيەسى ھەرقايسى دۆلەتلەردە تارقالغان. «قۇرئان مۇسۇلمانلىقى، بىردىنبىر مەنبە قۇرئان، پەقەت قۇرئان كۇپايە» دېگەنگە ئوخشاش سۆز ۋە پىكىرلەر بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيەدىمۇ ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان.

تۈركىيەدە قۇرئان ئىسلامچىلىقىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قېلىشنىڭ ئىككى ئامىلى بار بولۇپ، بۇلار شەرقشۇناسلار ۋە ئىسلامىي ھەرىكەتتىن ئىبارەت، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. چۈنكى بۇ چۈشەنچىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە تارقىلىشىدا شەرقشۇناسلارنىڭ ئەسەرلىرى ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتكەن. لېكىن تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسى ۋە كۆپىنچە سۈننىي ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەش ۋە تەنقىدكە ئۇچرىغان. بۇ ئىدىيە شەرقشۇناسلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان ئاز بىر قىسىم تەتقىقاتچى ۋە زىيالىيلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپىنچە سۈننىي ئالىم ۋە مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغان.[13] بۇ ئىدىيەنى قوغدايدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىسلامچى قاراشلىرىدىن يىراقلاشقان. ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، سۈننىي مەزھىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەر ۋە كۆپىنچە سۈننىي ئۆلىمالار تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىد ۋە قارشىلىققا ئۇچرىغان. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە قۇرئانچىلار سۈننەتكە قارشى بۇ پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنىپ قاتتىق جازالانغان.

 

قۇرئانچىلارنىڭ بەزى ئىدىيەلىرى

«قۇرئان مۇسۇلمانلىقى، بىردىنبىر مەنبە قۇرئان، پەقەت قۇرئان كۇپايە» دېگەنگە ئوخشاش سۆز ۋە پىكىرلەر بىلەن گويا قۇرئان ئىسلامىنى قوغدىغۇچىلار تونىغا ئورىنىۋالغان بۇ گۇرۇھنىڭ ئاساسلىق كۆز قارىشىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىشقا بولىدۇ:

قۇرئان دىندىكى بىردىنبىر ھاكىم مۇتلەق ۋە بىردىنبىر ئاساس مەنبە. قۇرئاندا نەسخ (بەزى ئايەتلەرنىڭ ھۆكمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇشى) يوق بولۇپ، قۇرئاننىڭ بارلىق ئايەتلىرى مۇھكەمدۇر. قۇرئان چۈشىنىشلىك بولۇپ، قۇرئاننى ئوقۇغان ھەر كىشى ئۇنى چۈشىنەلەيدۇ. قۇرئان ئىسلاھاتچى (ئىنقىلاب خاراكتېرلىك) بولۇپ، (ئۇ يېڭىلىقچىدۇر)، ئۇقۇملارغا يېڭى مەنالار يۈكلىگەن. قۇرئاننى چۈشىنىپ ئوقۇش كېرەك. چۈشەنمەستىن ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق. ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ قۇرئاننى بىۋاسىتە ئوقۇپ چۈشىنەلەيدۇ ۋە چۈشەندۈرەلەيدۇ. قۇرئاننىڭ ئۇستازى ئاللاھتۇر. قۇرئاندا ئىبادەتكە مۇناسىۋەتلىك ئوخشىمىغان كۆزقاراش ۋە ئادەتلىرى بار، دېگەنگە ئوخشاش قارىماققا توغرىدەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ئۈستىدە بىر ئاز چوڭقۇر چۈشەنگەندە پۈتۈنلەي ئالدامچىلىق ۋە كۆز بويامچىلىقتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىسلام ۋە قۇرئان روھىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر چۈشەنچە، ئىدىيەدۇر.[14]

 

شەرقشۇناسلارنىڭ سۈننەت چۈشەنچىسى

شەرقشۇناسلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلەرنى خاتىرىلەپ يېزىشنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن، ساھابىلەر تەرىپىدىن ناھايىتى ئاز ھەدىسلەرنىڭ بايان قىلىنغانلىقىنى، ھەدىس توپلىمىنى تولدۇرىدىغان رىۋايەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى، بۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىشقا چارە تېپىش ئۈچۈن ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئەسىرلەردە ئىسلام قانۇنشۇناسلىرى تەرىپىدىن توقۇلغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

ئۇلار يەنە ھەدىسلەرنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى كىشىلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن بىر - بىرىگە زىت ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تەۋرات، ئىنجىل ۋە كونا خۇراپاتلاردىن ئېلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھالبۇكى مۇسۇلمانلارنى ئەھلى كىتابنى دوراشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان پەيغەمبەرنىڭ ئىنجىلدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. شەرقشۇناسلارنىڭ ئۆزىنى ئىلمىي دەپ دەۋا قىلىپ، ھەدىسلەرنى ئۇلارنىڭ تارىخىي ۋەقەلەرگە ماس كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقىغا قاراپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ سەھىھ ۋە توغرا ھەدىسلەرنىڭمۇ مەلۇم ۋاقىتتا ۋە مەلۇم بىر مەقسەت بىلەن توقۇلۇپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۇلارنىڭ بۇ خاتا كۆز قارشىنىڭ ئىلمىيلىق بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ ئارقىسىدىكى ئاساسلىق ئىدىيە بولسا، ئىسلامنىڭ ئىلاھىي ۋەھيىگە تايانمىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىشتىن ئىبارەت بىمەنە بىر نەزەرىيەدۇر.[15]

 

قۇرئانچىلارنىڭ ئىدىيەلىرىگە قارشى قۇرئاندىن دەلىللەر

دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ دىنلىرىنى مەككىگە بېرىپ بىۋاسىتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئالمىغان. ئەكسىچە ساھابىلەر ۋاسىتىسى بىلەن ھەتتا نۇرغۇن مىللەتلەر تابىئىنلار ۋاسىتىسى بىلەن مۇسۇلمان بولغان. دىيارىمىزدا بولسا قاراخانىيلار زامانىدا ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ دەۋەتلىرى نەتىجىسىدە ئىسلامنى قوبۇل قىلغان. بۇ مىللەتلەر قۇرئاننى ئوقۇشنىمۇ بىلمەيتتى. بۇلارغا قۇرئان ئوقۇشنى ۋە مەنىسىنى ئۆلىمالار چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. بۇ ئۆلىمالار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋارىسلىرى بولۇپ، قۇرئاننى ساھابىلەر ۋاسىتىسى بىلەن ئۆگەنگەن. دېمەككى، بۇ ئۆلىمالار ۋە ساھابىلەر قۇرئاننى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ روشەن بايان قىلىپ بېرىشى ۋە چۈشەندۈرۈشى نەتىجىسىدە ئۆگەنگەن. شۇڭا قۇرئان بىلەن سۈننەتنى ئايرىم تۇتۇشقا بولمايدۇ.

بۇ سەۋەبتىن، بۇ ماقالىمىزدا «قۇرئان بىزگە كۇپايە قىلىدۇ. قۇرئاندىن باشقىسى لازىم ئەمەس»، يەنى سۈننەتكە كېرەك يوق، بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز، دەيدىغان كۆز قاراشنىڭ قۇرئاننىڭ روھىغا ماس كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىمىز. ئۆزلىرىنى قۇرئانچى دەۋالغان بۇ ئىنسانلار سۈننەتنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ۋە مول ھەدىسلەر بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى قوبۇل قىلغان قۇرئان كەرىمدىن دەلىل ۋە پاكىتلار كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز.

بىز ئالدى بىلەن قۇرئاننىڭ سۈننەتكە بەرگەن باھاسى ۋە قىممىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن، بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى مەزمۇنلارغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويىمىز:

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان ئايەتلەر

پەيغەمبەرگە ئىشىنىش ئىماننىڭ مۇھىم پىرىنسىپلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ئىسمى كەلىمەئى شاھادەتتە (لا ئىلاھە ئىللەللاھ مۇھەممەدۇن راسۇلۇللاھ) ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن بىرگە تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭغا يەنى پەيغەمبەرگە ئىشىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا قۇرئاندا نۇرغۇن ئايەتلەر بار بولۇپ، بۇلاردىن بەزىلىرى بۇلاردىن ئىبارەت:

«ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى: ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقـا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشـقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئالـلاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىـدۇ. ئاللاھقـا، ئۇنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىـڭ سـۆزلىرىگە ئىمـان كەلتۈرىدىغـان ئەلچىسى ئۇممىـي پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار.» [16] يەنە «كىمكى ئاللاھقـا ۋە ئۇنىـڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەنمەيدىكەن (ئۇ كاپىردۇر)، شۈبھىسىزكى، بىـز كاپىرلارغـا دوزاخنى تەييارلىـدۇق.» [17]

بۇ ئايەتلەردە ئوچۇق قىلىپ ھەقىقىي ئىمان ۋە ھىدايەتنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن بىرىنىڭ پەيغەمبەرگە ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئىكەنلىكى، ئەكسىچە بولغاندا كاپىرلاردىن بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرگە ئىشىنىش پەقەت ئېغىزدا ئىمان ئېيتىش بولماستىن، ئۇنىڭ ئاللاھتىن تاپشۇرۇۋالغان ۋە بىزگە بىلدۈرگەن، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل بۇيرۇق، چەكلىمە، نەسىھەت ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ، ئۇنىڭ ئانالىز ۋە چۈشەندۈرۈشىنىڭ توغرىلىقىنى قوبۇل قىلىش، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇنى ھەر جەھەتتىن ئۈلگە ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا شەرتسىز بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئايەتلەر

قۇرئاندا پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇلغان نۇرغۇن ئايەتلەر بار بولۇپ، بۇ ئايەتلەردە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن پەيغەمبەرگە ئىتائەت بىللە تىلغا ئېلىنغان. شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش پەقەت ھايات ۋاقتىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ۋاجىپتۇر. بۇ ئىتائەت ئەلۋەتتە ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشتىن ئىبارەت. بۇ نۇقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا ئىتائەت قىلغان كىشى ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان، ماڭا قارشى چىققان ئاللاھقا قارشى چىققان كىشىدۇر. ماڭا ئىتائەت قىلغان مېنىڭ ئەمرىمگە بويسۇنغان كىشىدۇر».[18] بۇ ھەدىسنى قوللايدىغان ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشنى تەكىتلەيدىغان نۇرغۇنلىغان ئايەتلەر بار بولۇپ، بىر قانچە ئايەتنى مىسال قىلىپ ئۆتىمىز:

«... پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.» [19]

«(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى: ‹ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر›. ئېيتقىنكى: ‹ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار›. ئەگەر ئۇلار (ئىتائەت قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ كاپىرلارنى (يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنى) دوست تۇتمايدۇ.» [20]

بۇ ئايەتلەردە پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن قول ئۈزۈشكە ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنى ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆزىنى دوست تۇتۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىنغان.

يەنە: «بىز ھەر قانداق پەيغەمبەرنى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن پەقەت ئىتائەت قىلىنىش ئۈچۈنلا ئەۋەتتۇق (ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغانلىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق بولىدۇ)، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) (سېنىڭ ھۆكمىڭنى قوبۇل قىلماي) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغاندا، سېنىڭ يېنىڭغا كېلىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسە، پەيغەمبەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسە ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار ئاللاھنى كەچۈرۈم قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان تاپاتتى.»[21]

بۇ ئايەتتە ئېنىق ۋە ئومۇمىي بىر ھۆكۈم بولغان ھالدا، پەيغەمبەرنى پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن ئەۋەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۈبھىسىزكى، بۇ ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان ئىتائەت پەقەت قۇرئاننىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇشلا ئەمەس. چۈنكى بۇنداق بولسا ئىدى، قۇرئاننىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش بىلەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىرلىكتە زىكىر قىلىنمىغان بولاتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىقىشنى مەنئى قىلغان ئايەتلەر

ئاللاھ قۇرئاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشنى بۇيرۇش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا ھەر قانداق تەرىقىدە قارشى تۇرۇش ياكى ئىسيان كۆتۈرۈشنى چەكلەپ، مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ.»[22] يەنە «كىمكى ئۆزىگە (مۆجىزىلەر ئارقىلىق) توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، مۇئمىنلەرنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!»[23] باشقا بىر ئايەتتە «بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق قىلدى. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ.»[24]

بۇ ئايەتلەردە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى چىققان ۋە مۇخالىپەتچىلىك قىلغانلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان. شۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىدا ئەمەس، بەلكى مەجبۇرىيەتتۇر. بۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئىشىنىش ۋە ھاياتىدا ئۇنى ئۈلگە قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. «بۇ ئايەتلەر مۇناپىقلار ۋە كاپىرلار ئۈچۈندۇر، مۇئمىنلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق» دەپ قاراش ئەمەلىيەتتە مۇئمىنلەر پەيغەمبەرگە بويسۇنمىسىمۇ بولىدۇ، دېگەنلىك بولۇپ، بۇ قۇرئاننىڭ روھىغا قەتئىي زىتتۇر. پەيغەمبەرگە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئاللاھ ئۇنى ئازارلىغانلارنىمۇ ناھايىتى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رەنجىتىدىغانلارنى ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازابنى تەييارلايدۇ.»[25] قۇرئانچىلار بۇ ئوچۇق ئايەتلەر ھەققىدە نېمە دەيدۇ، ئەجەبا!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھۆرمەتلەش ۋە سۆيۈشنى تەۋسىيە قىلىدىغان ئايەتلەر

ئاللاھ قۇرئاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پەقەت ئېغىزدىلا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇش ئەمەس، بەلكى ئۇنى ھەقىقىي ھۆرمەتلەشكە بۇيرۇغان ۋە ئۇنىڭ شەرەپ ۋە قەدىر قىممىتىنى ئېنىق ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىلىرىدىنمۇ چارىدۇر، پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر...».[26] بۇ ئايەتتىن ھەرقانداق ئەھۋالدا مۇئمىنلەر ئۆز نەپسىدىن بۇرۇن پەيغەمبىرىنى ئويلىشى كېرەكلىكىنى، ئەكسىچە بولغاندا مۇئمىنلىق سۈپىتىگە ھەرگىز ماس كەلمەيدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مۇنۇ ھەدىس بۇنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ: «مەن سىلەرگە ئۆز ئاتا ئاناڭلاردىن، بالا - چاقىلىرىڭلاردىن ۋە بارلىق ئادەملىرىدىنمۇ ياخشى كۆرۈلمىگۈچە، ھېچقايسىڭلار ھەقىقىي مۇئمىن بولمايسىلەر.»[27]

ئاللاھنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ئۇنىڭغا بەرگەن يۈكسەك باھاسى ۋە قەدىر قىممىتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن ئايەتلەر كۆپ بولۇپ، بۇلاردىن بەزىلىرى مۇنۇ ئايەتلەردۇر: «ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت قىلىدۇ، شەنىنى ئۇلۇغ قىلىدۇ، دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ)، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن (پەيغەمبەرگە) مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئى مۇئمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار (چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەققى چوڭدۇر، ئۇ سىلەرنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە، زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا چىقارغۇچىدۇر).»[28]؛ «ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىدا (ھېچقانداق بىر ئىشنى ۋە سۆزنى) ئالدى بىلەن قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيىتىڭلارنى ۋە ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.»[29]؛ «ئى مۇئمىنلەر! (رەسۇلۇللاھقا سۆز قىلغان چېغىڭلاردا) ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى قىلماڭلار، سىلەر بىر - بىرىڭلار بىلەن (توۋلاپ) يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكەندەك، پەيغەمبەرگە (توۋلاپ) يۇقىرى ئاۋازدا سۆز قىلماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۆزلىرىڭلار تۇيماستىن، (قىلغان ياخشى) ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ.»[30]

بۇ ئايەتلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاللاھ پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدا تەپسىلىي توختالغان ھالدا، سۈننەتنى ۋە پەيغەمبەرنى كۆزگە ئىلماسلىق ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى سۆز قىلغاندا ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىۋالماسلىق، ھەتتا ئۇنىڭ ئالدىدا يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىمەسلىك كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا بارلىق ئىبادەت ۋە ئەمەللىرىنىڭ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئالدىن خەۋەر قىلىدۇ. مۇنۇ ئايەت بۇ تېمىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ:

«ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەر كامىل مۇئمىنلەردۇر، ئۇلار (مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق) بىر ئىش ئۈستىدە (مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن) پەيغەمبەر بىلەن جەم بولغان چاغلىرىدا، پەيغەمبەردىن ئىجازەت سورىمىغىچە كېتىپ قالمايدۇ، سەندىن ئىجازەت سورايدىغانلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىدىغان كىشىلەردۇر. بەزى شەخسىي ئىش ئۈچۈن ئۇلار سەندىن ئىجازەت سورىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سەن خالىغان ئادەملەرگە ئىجازەت بەرگىن، ئۇلارغا سەن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.»[31]

بۇ ئايەت بولسا يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھۆرمەتلەش، ئۇنىڭغا ئەگىشىش ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلماسلىق توغرىسىدا جانلىق مىسالدۇر. ئايەتتە ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ خەتەر ئىچىدە قالىدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئازابلىق جازادىن ساقلىنىشى ئاگاھلاندۇرۇلغان. بۇنىڭدىن سۈننەتنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇئمىنلەر ئۈچۈن كاتتا نېمەت ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان ئايەتلەر

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۆمىنلەر ئۈچۈن كاتتا بىر نېمەت ئىكەنلىكى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ مۇئمىنلەرگە ئاللاھنىـڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدىغـان، ئۇلارنى (گۇناھلاردىـن( پـاك قىلىدىغان، ئۇلارغـا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى (يەنى قۇرئـان ۋە سـۈننەتنى) ئۆگىتىدىغـان، ئۆزلىرىدىـن بولغـان بىـر پەيغەمبەر ئەۋەتىـپ، ئۇلارغـا چـوڭ ئېھسـان قىلـدى؛ ھالبۇكى، ئـۇلار بـۇرۇن ئوچـۇق گۇمراھلىقتـا ئىـدى»[32] يەنە «)ئى ئىنسـانلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئـۆز ئاراڭلاردىـن پەيغەمبەر كەلـدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغـا ئېغىـر تۇيۇلىـدۇ؛ ئـۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭالارغا) ھېرىسـتۇر، مۇئمىنلەرگە ئامراقتـۇر، ناھايىتى كۆيۈمچانـدۇر.»[33] بۇ تېما بىلەن مۇناسۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئايەتلەر بار بولۇپ، تەپسىلاتى ئۈچۈن قۇرئانغا قاراڭ.[34]

شۈبھىسىزكى، بۇ بۈيۈك نېمەت ئالدىدا ئىنسانلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسى بولسا بۇ مېھىر - شەپقەتنىڭ قەدىر - قىممىتىنى بىلىپ، ئۇنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت. ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر ئادەمنى ئۈلگە قىلىپ پەيغەمبەر ئەۋەتىشى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بەختتۇر.

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىپ كۆرسەتكەن ئايەتلەر

قۇرئاندا ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھنىڭ دىندىكى ئورنىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئۇنىڭ ئۈلگىلىك، نەمۇنە شەخس ئىكەنلىكىنى ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە - ئاللاھنى، ئاخىـرەت كۈنىنى ئۈمىـد قىلغـان ۋە ئاللاھنى كـۆپ يـاد ئەتكەنلەرگە - رەسـۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىـدۇر.»[35]

قۇرئان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇئمىنلەر ئۈچۈن ئۈلگىلىك بىر زات ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپلا قالماستىن، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئەۋزەل ۋە بۈيۈك بىر ئەخلاققا ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: « )ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن.»[36] ھەزرىتى ئائىشەمۇ ئۇنىڭ ئەخلاقىنىڭ قۇرئاننىڭ ئەخلاقى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننىڭ سىرتىدىمۇ ۋەھيى كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان ئايەتلەر

قۇرئانچىلارنىڭ سۈننەتكە قارشى چىقىشلىرىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى بولسا، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ سۈننەت ۋە ھەدىسلەرنى پۈتۈنلەي ۋەھىينىڭ سىرتىدا دەپ خاتا چۈشەنگەنلىكىدىن ئىبارەت. ھالبۇكى، سۈننەتمۇ ۋەھىيگە تايىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئاننىڭ سىرتىدا ۋەھيى ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان كۆپلىگەن ئايەتلەر باردۇر.

«ئالـلاھ ھەر قانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھيى ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا ياكى بىر ئەلچىنى ئەۋەتىپ ئـۆز ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھيىنى قىلىـش ئارقىلىقـلا سـۆز قىلغان. ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەخلۇقلارنىڭ سـۈپەتلىرىدىن) ئۈسـتۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىـش قىلغۇچىدۇر.»[37] ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن كىتاب بىلەن بىرگە ھېكمەت (ئەقىل ۋە سۈننەت) نىمۇ بىللە بەرگەنلىكى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «(ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ساڭا ئاللاھنىـڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىسـا ئىـدى، ئۇلاردىـن بىـر گۇرۇھ ئـادەم چوقـۇم سـېنى ئازدۇرۇشـنى قەسـتلەيتتى. ئـۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى ئازدۇرىـدۇ، سـاڭا قىلچە زىيـان يەتكۈزەلمەيـدۇ. ئاللاھ سـاڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى سـۈننەتنى) نازىـل قىلدى، سـاڭا سەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ۋە غەيب ئىشلارنى) بىلدۈردى. ئاللاھنىڭ ساڭا پەزلى چوڭدۇر.»[38]

ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام ئەلۋەتتە ئۆزىگە نازىل بولغان كىتاب ۋە ھېكمەتنى تولۇق ئۈممىتىگە يەتكۈزگەن. بۇ توغرىدا قۇرئان مۇنداق دەيدۇ: «شـۇنىڭدەك (سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزگىنىمدەك) ئـۆز ئىچىڭلاردىن سىلەرگە بىزنىـڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىـپ بېرىدىغـان، سىلەرنى (مۇشـرىكلىك ۋە گۇناھتىـن) پـاك قىلىدىغـان، سىلەرگە كىتابنى (قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى سەھىھ سـۈننەتني) ئۆگىتىدىغـان، سىلەرگە بىلمىگەنلىرىڭلارنى بىلدۈرىدىغـان بىـر پەيغەمبەر ئەۋەتتـۇق.»[39] بۇ توغرىدا قۇرئاندا كۆپلىگەن ئايەتلەر بولۇپ، تەپسىلاتى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرگە قاراڭ.[40]

بۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەردە كىتاب بىلەن بىرگە زىكىر قىلىنغان «ھېكمەت»نى ئومۇمەن ئالىملار رەسۇلۇللاھقا بېرىلگەن «سۈننەت» دەپ ئىزاھلىغان. چۈنكى قۇرئان ئاۋۋال ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن «ھېكمەت» (ئەقىل سۈننەت) ئايرىم زىكىر قىلىنغان. يەنە قۇرئاندا، نازىل قىلىنغان كىتابلاردىن باشقا ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ۋەھيىلەر ئەۋەتىلگەنلىكى توغرىسىدا بەزى ئۇچۇرلارنى ئۇچرىتىمىز.[41] بۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبەرلەردىن بولمىغان ھەزرىتى مەريەمگە قىلىنغان خىتابمۇ بۇ خىلدىكى ۋەھيىلەردۇر.[42] پەيغەمبەرلەردىن بولمىغان ئىنسانلارغا بېرىلگەن بۇ خىل ۋەھيىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەرگىز بېرىلمىگەن دەپ قاراش ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىمۇ قۇرئاندىن سىرت ئاللاھنىڭ خىتابى بولغانلىقىنى بايان قىلىدىغان كۆپلىگەن ئايەتلەردىن بىرى بولسا مۇنۇ ئايەتتۇر: «(بەش) نامازغـا بولۇپمـۇ ناماز دىگەرگە ئەھمىيەت بېرىـڭلار (يەنى پۈتـۈن شەرتلىرى بىلەن ۋاقتىـدا تولـۇق ئـادا قىلىـڭلار.) ئاللاھنىـڭ ھۇزۇرىـدا (يەنى نامـازدا) ئىتائەتمەنلىـك بىلەن تـۇرۇڭلار.»[43] يەنە «ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىلا سۆزلەيدۇ.»[44]

بۇ ئايەتلەردىن ئېنىقكى، سۈننەتنىڭ مەنبەسى ۋەھيىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سۈننەت شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بەلگىلەشتە قۇرئان كەرىمگە ئوخشاش دەلىل بولالايدۇ. شۇڭا سۈننەتكە ئەگىشىپ، ئۇ بويىچە ئەمەل قىلىش ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن زۆرۈردۇر. بۇ قاراش ئاز بىر قىسىم بىدئەتچىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ ئورتاق پىكرى. چۈنكى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنىڭ ئاللاھقا ئەگىشىش بولىدىغانلىقىنى جېكىلەيدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجتىھادى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان دىنىي سۆزلىرى ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىگە كەلسەك، ئۇنىڭ قارار ۋە بايانلىرىدا بەزى خاتالىقلار يۈز بەرگەندە، دەرھال ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن تۈزىتىلگەن. چۈنكى، ئۇنىڭ بارلىق سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرى ھەممىگە قادىر ئاللاھنىڭ كونتروللۇقىدىدۇر.[45]

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قۇرئاننى بايان قىلىپ بېرىشكە بۇيرۇغان ئايەتلەر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئاننى تەبلىغ قىلىش بىلەن بىرگە، قۇرئاننى چۈشەندۈرۈپ ئىزاھلاش ۋە ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىشكە بۇيرۇلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئايەتلەردە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:

«قانداقلا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتمەيلى، ئۇنى بىز ئۆز قەۋمىگە (ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى) بايان قىلىش ئۈچۈن، پەقەت ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن (سۆزلەيدىغان) قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.»[46]

پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ھەققىدىكى بۇ ھۆكۈم ئەلۋەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە. رەسۇلۇللاھنىڭ قۇرئاننى چۈشەندۈرۈشى ۋە بايان قىلىپ بېرىشى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە بەزى قوشۇمچە بىلىملەرگە ئىگە بولۇشى كېرەك. «(پەيغەمبەرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) دەلىللەر ۋە مۇقەددەس كىتابلار بىلەن (ئەۋەتتۇق)، بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار (بۇ قۇرئاننى) تەپەككۇر قىلىپ (ئۇنىڭدىن ۋەز - نەسىھەت ئالسۇن) دەپ نازىل قىلدۇق»[47]، «(ئى پەيغەمبەر!) بىز كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) پەقەت سېنىڭ كىشىلەرگە ئۇلار (دىنىدىكى) دەتالاش قىلىشقان نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولسۇن ئۈچۈنلا نازىل قىلدۇق»[48]، «(ساڭا جىبرىئىل ئارقىلىق ۋەھيى نازىل بولۇۋاتقاندا، ئۇنى ئېسىڭگە ئېلىۋېلىش ئۈچۈن) ئالدىراپ تىلىڭنى مىدىرلاتما. ئۇنى توپلاش ۋە ئوقۇپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. ساڭا ئۇنى ئوقۇپ بەرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ ئوقۇشىغا ئەگەشكىن، ئاندىن ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر» [49].

بۇ ئايەتلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرگە ئايەتلەرنى چۈشەندۈرۈش ۋە بايان قىلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى بەرگەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنى ھېچقاچان ياردەمسىز تاشلاپ قويمىغان، قۇرئاننىڭ سىرتىدا ئۇنى قۇرئاندىن باشقا ۋەھيىلەر بىلەن قوللاپ - قۇۋەتلىگەن. شۇنداقلا ئىزاھقا موھتاج بولغان بەزى ئايەتلەرنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىن نازىل بولىدىغان ئايەتلەر ئارقىلىق پەيغەمبەر تەرىپىدىن تېخىمۇ ئوچۇق ئىزاھلىنىپ چۈشەندۈرۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئاللاھ بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئاننى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈشتە ئەڭ ئىقتىدارلىق كىشى ئىكەنلىكىدە قىلچە شەك يوق. رەسۇلۇللاھنىڭ قۇرئاننى چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى: ئىخچام ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىش، بەزى ئومۇمىي ھۆكۈملەرنى خاسلاشتۇرۇش، چۈشىنىش قىيىن بولغان بىر قىسىم ئايەتلەرنى چۈشەندۈرۈش، كونكرېت بولغانلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، بەزى ئاز ئۇچرايدىغان سۆزلەرنىڭ مەنىلىرىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئەدەبىي ئىنچىكىلىككە ئىگە بولغان ئايەتلەردىن ئاللاھنىڭ نېمىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن مەسجىدىنى مەكتەپكە ئايلاندۇرۇپ، ساھابىلەرنىڭ ھەربىر قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىپ، سۆزى–ھەرىكىتى ۋە ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۇلارغا خۇددى تىرىك ۋە ياشىغان قۇرئان سۈپىتىدە ئۈلگە بولغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىقارغان ھۆكۈمنى قوبۇل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى بايان قىلىنغان ئايەتلەر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئان ئايەتلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە بۇيرۇلغاندەك، ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىمۇ بېرىلگەن. «(ئى پەيغەمبەر!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.»[50] بۇ ئايەتتە ئاللاھ ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە خىلمۇ خىل كۆزقاراشلار ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەسلىھەت سېلىش ۋە ئۇنىڭدىن سوراشنىڭ لازىملىقىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بەرگەن كۆرسەتمىلىرىنى ۋە ھۆكۈملىرىنى چىن دىلىدىن قوبۇل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەنگەن.

بۇنىڭدىن باشقا «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر - ئايال مۇئمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغانىكەن، ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ)، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ»[51]، «(پەيغەمبەر) مۇئمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چاقىرىلغان چاغدا ئۇلار: ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق، دېيىشلىرى كېرەك. مانا شۇنداق كىشىلەر مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر» [52]، «ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار بۇ (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر.»[53]

بۇ ئايەتلەردە ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە مۇئمىنلەردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. تالاش - تارتىشتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە ئاللاھقا، ئاندىن ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئەگىشىشكە بۇيرۇغان ۋە ئىماننىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىدىن بىرى قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ھۆكۈم قىلىش ۋە قارار چىقىرىش مەسىلىسىدە ئاللاھ بىلەن بىللە پەيغەمبەرمۇ زىكىر قىلىنغان ۋە ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىشتا تولۇق تەسلىم بولۇش تەلەپ قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۆكۈم چىقارغاندا ئاۋۋال قۇرئانغا، ئەگەر قۇرئاندا بولمىسا قۇرئاننىڭ سىرتىدىكى ۋەھيىگە، بۇمۇ بولمىسا قۇرئاننىڭ روھىغا تولۇق ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلاھىي كونترول ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئىجتىھادى بىلەن ھەرىكەت قىلغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئاندا بولمىغان مەسىلىلەر ھەققىدە چىقارغان ھۆكۈملىرىنىڭ مىسالى سۈپىتىدە مۇنۇلارنى زىكىر قىلىشقا بولىدۇ:

قۇرئاندا ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەجنىڭ ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرز ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. ئەمما بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقتى، رەكئەتلىرى، قىيام، رۇكۇ ۋە سەجدىنىڭ قانداق ئىجرا قىلىنىشى، ۋىتىر نامىزىنىڭ ۋاجىپ بولۇشى، روزىنىڭ ۋاقتى، ئىپتار ۋە سوھۇرلۇقنىڭ ۋاقتى، روزىنى بۇزىدىغان ۋە بۇزمايدىغان ئىشلار، زاكاتنىڭ كىملەرگە ۋاجىپ ئىكەنلىكى ۋە مىقدارى، ئالتۇن، پۇل، زىرائەت، مال - چارۋىلاردىن زاكات مىقدارىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى، ھەج پەرزىنىڭ تەپسىلىي پائالىيەت ۋە تەرتىپلىرى، يېمەك - ئىچمەكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن بەلگىلىمىلەر، ھاراق ئىچكەن كىشىگە بېرىدىغان جازا، ئوغرىنىڭ قانچىلىك مىقداردا ئوغرىلىق قىلسا جازاغا تارتىلىدىغانلىقى، ھەيزدار ئايالنىڭ ئەھۋالى، روزا تۇتالمايدىغانلىقى، مومىسىنىڭ مىراسى قاتارلىق ئومۇمىي بايانلار قۇرئاندا ئېنىق بايان قىلىنمىغان بولۇپ، ھېچبىر ئۆلىمانىڭ بۇلارنى تەپسىلىي شەرھلەپ بېرەلىشى مۇمكىن ئەمەس. پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئاندىكى بۇ ئومۇمىي ۋە مۇتلەق رەۋىشتە بايان قىلىنغان ئەھكاملارنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپ، ئۆز ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن كۆرسىتىش ئارقىلىق تەپسىلىي شەرھلەپ بەرگەن.[54] سۈننەتنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكى دەل مۇشۇ يەردە ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ.

 پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا قۇرئان بىلەنلا كۇپايىلىنىپ، سۈننەتكە ئاساسلانماسلىقنى تەكىتلەيدىغان بىر قىسىم بىدئەتچى كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىققان. بىر سورۇندا ئەنە شۇلاردىن بىرى: «قۇرئاندا بولمىغان نەرسىلەردىن باشقا گەپ قىلما!» دېگەندە ساھابىلەردىن ئىمران ئبنى ھۇسەيىن (ۋاپاتى: 52/672م) مۇنداق دېگەن: «سەن بىر ئەخمەق ئادەم ئىكەنسەن! پېشىن نامىزىنىڭ تۆت رەكئەت، پەرز نامازدا قۇرئاننى ئاۋازلىق ئوقۇماسلىق ھەققىدە ئاللاھنىڭ كىتابىدا بىر ھۆكۈم تاپالامسەن؟» دەپ سورىغان. ئاندىن ئۇ زاكات ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى تىلغا ئالغان ھالدا مۇنداق دېگەن: «بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن تاپالامسەن؟ ئاللاھنىڭ كىتابى بۇلارنى ئومۇمىي رەۋىشتە بايان قىلغان. پەقەت سۈننەت كونكرېت بايان قىلىپ بېرىدۇ» دېگەن. يەنە ئەھلى ھەدىستىن بولغان مۇترىف دېگەن ئالىمغا قۇرئان بىلەنلا كۇپايىلىنىپ، سۈننەتكە ئاساسلانمايدىغانلىقىنى ياقىلايدىغان بىر بىدئەتچى كىشى: «سەن بىزگە قۇرئاندىن باشقا نەرسە ھەققىدە سۆز ئاچمىغىن» دېگەندە، مۇترىف: «بىز قۇرئاننى ھېچقانداق نەرسىگە تەڭ قىلمايمىز، بىز پەقەتلا قۇرئاننى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىدىغان ئادەمگە مۇھتاجمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن.[55]

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھارام - ھالال قىلىش ھوقۇقىنى بەرگەن ئايەتلەر

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھۆكۈم چىقىرىش ۋە قارار قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەندەك، قۇرئانغا كىرگۈزۈلمىگەن مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ ھارام ۋە ھالال قىلىش ھوقۇقىمۇ بېرىلگەن. ئايەتلەردە مۇنداق ئىپادىلىنىدۇ: «ئۇلار ئەلچىگە ئۇممىي پەيغەمبەرگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىلكىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا ئۇنىڭ (سۈپىتىنىڭ) يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ ئۇلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىش قىلىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق، كويزا كىشەنلەردىن بوشىتىدۇ (يەنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئېلىپ تاشلايدۇ)، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (يەنى قۇرئان)غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر» [56].

بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا ھالال ۋە ھارام قىلىش ئىشىنى بىۋاسىتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەنسۇپ قىلغان. يەنە باشقا بىر ئايەتتە: «سىلەر ئەھلى كىتابتىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلار (يەھۇدىيلار ئۇزەيرىنى ئاللاھنىڭ ئوغلى، ناسارالار ئىيسانى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئېتىقاد قىلىمىز دېگەن بىلەنمۇ ئېتىقاد قىلمىغاننىڭ ئورنىدىدۇر) بىلەن، ئاللاھ (ئۆزىنىڭ كىتابىدا) ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ (سۈننىتىدە) ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام بىلمەيدىغانلار ۋە ھەق دىن (يەنى ئىسلام دىنى)غا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار بىلەن تاكى ئۇلار سىلەرگە بويسۇنۇپ خار ھالدا جىزىيە تۆلىگەنگە قەدەر، ئۇرۇش قىلىڭلار» [57]. بۇ ئايەتتىمۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام بىلمەيدىغانلارنى، يەنى ئۇنى قوبۇل قىلمىغانلارنى ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار بىلەن بىر ئورۇنغا قويغان ۋە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇلغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ ھارام قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرىدىغان بولساق، مەسىلەن: قۇرئاندا ئۆزى ئۆلگەن ھايۋانلارنىڭ گۆشى چەكلەنگەن بولسىمۇ،[58] يەنى ھارام قىلىنغان بولسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېڭىز ھايۋانلىرىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا قىلغان.[59] بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئايەتتە بىرگە نىكاھلىنىشى ھارام قىلىنغانلار قاتارىدا سانىمىغان بولسىمۇ،[60] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئايال ھاممىسى، سىڭلىسىنىڭ قىزى ۋە ئىنىسىنىڭ قىزى بىلەن توي قىلالمايدىغانلىقىنى قوشقان.[61] يەنە قۇرئاندا تىلغا ئېلىنمىغان قېچىر، ئېشەك، شىر، يولۋاس، پىل، بۆرە، كىرپە، مايمۇن ۋە ئىتقا ئوخشاش ھايۋانلارنىڭ ۋە بۈركۈت، لاچىن قاتارلىق يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ گۆشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، ئەرلەرنىڭ ئالتۇن ۋە يىپەكتىن كىيىم كىيىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى سۈننەت بىلەن سابىت بولغان. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىنى مۇستەقىل (يەنى ئۆز خاھىشى بويىچە) دەپ قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇلارنى ئاللاھتىن ئالغانلىقىدا شەك يوق.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلىگەنلىكىنى بايان قىلغان ئايەتلەر

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلغان ۋە ئۇنىڭ يولىدىن ماڭغانلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئەڭ ياخشى ۋە توغرا يولغا يېتەكلەيدىغانلىقىغا ئۆزى كاپالەت بەرگەن ھالدا، ئايەتلەردە مۇنداق بايان قىلغان: «...ئەگەر پەيغەمبەرنىڭ (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلساڭلار، ھىدايەت تاپىسىلەر...»[62]، «...شەك–شۈبھىسىزكى، سەن توغرا يولغا باشلايسەن»[63]، «سەن ئەلۋەتتە ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىسەن»[64] ۋە «ئەگەر ئۇ بىزنىڭ نامىمىزدىن يالغاننى توقۇيدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنى قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق. ئاندىن ئۇنىڭ ئاساسى قىزىل تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق. سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى»[65].

بۇ ئايەتلەرگە قارىغاندا، ئاللاھنىڭ كاپالىتى ۋە گۇۋاھلىقى بىلەن رەسۇلۇللاھ شەخسەن ئۆزىنىڭ سۆزى ۋە ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئىنسانلارنى توغرا يولغا ۋە ھەقىقەتكە يېتەكلەيدۇ. ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە ئەگەشكۈچىلەرنى توغرا يولدىن يىراقلاشتۇرىدىغان ياكى ئاللاھنىڭ نامىدىن بىرەر نەرسىنى توقۇپ چىققان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئاللاھ مۇنۇ ئايەتتە كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، بۇنى ئەڭ قاتتىق ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلغان بولاتتى. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانلارنى توغرا يولغا ۋە ھەقىقەتكە يېتەكلەشتە ئاللاھنىڭ بۈيۈك بىر كاپالىتىدۇر.

سۈننەتنىڭ ئەھمىيىتى

يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، سۈننەت شەرىئەتنىڭ ئىككىنچى مەنبەسى بولۇپ، قۇرئان كەرىم بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان ھالدا، قۇرئاندىكى مۇتلەق ياكى ئومۇمىي ئەھكاملارنى مۇئەييەن قىلىپ بايان قىلىپ بېرىش ۋە تەپسىلىي رەۋىشتە ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ بولسا سۈننەتنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. سۈننەت كىشىلەر ئىختىلاپ قىلغان دىنىي مەسىلىلەرنى كەڭ كۆلەمدە چۈشەندۈرۈپ بېرىشى، ھىدايەت ۋە رەھمەت مەنبەسى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ پەيغەمبەرگە نازىل بولۇشى، قۇرئاننى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان ۋە ئايەتلەردىكى ئىلاھىي مەقسەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئوبدان بىلىدىغان زاتنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللاپ ئەۋەتكەن ئەلچىسى بولۇشى سۈننەتنىڭ ئەھمىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.[66]

سۈننەت ئىسلام تارىخى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا مىڭلىغان مول مەزمۇن ۋە تېمىلار بار. سۈننەت ئىسلام تارىخىنىڭ دىنىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىش ۋە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى چۈشىنىشتىكى مول ۋە مۇھىم مەنبەدۇر. شۇڭا ئۇ ئىسلامدىن ئىلگىرى ۋە ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە ياشىغان كىشىلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتى، ئەنئەنىسى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشىشتە، ئىنسانلارنىڭ ئىسلام قائىدىلىرى بويىچە ياشىشىدا زۆرۈر بولغان بىلىم مەنبەسى بولۇپ، قۇرئان كەرىمنى چۈشەندۈرۈپ تەپسىلىي بايان قىلىش ئارقىلىق، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا يۆنىلىشنى بەلگىلەش جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

خۇلاسە

قۇرئانچىلار ئىسلام دۇنياسىدا «ئەھلى قۇرئان»، «قۇرئانىيۇن» دەپ ئاتالغان ۋە قۇرئاننى ئىسلام دىنىنىڭ بىردىنبىر ۋە ئاساسلىق مەنبەسى دەپ قاراپ، قۇرئاندىن باشقىسىنى تونۇمايدىغان، سۈننەتنى ئىنكار قىلىدىغان بىر پىكىر سىستېمىسىدۇر. بۇ چۈشەنچىنى تۇنجى بولۇپ خاۋارىجلار ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، يېقىنقى ئەسىرلەردە مىسسىيونېرلارنىڭ ۋە شەرقشۇناسلارنىڭ جىددىي تەسىرى ئاستىدا غۇلام ئەھمەد قادىيانى ۋە ئابدۇللاھ چەكرالىۋىي قاتارلىقلار بۇ پىكىرنىڭ بايراقدارلىقىنى قىلىشقا باشلىغان. ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى مۇسۇلمانلارنى پارچىلاپ باشقۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ سۈننەتنى ئىنكار قىلىشتەك بولمىغۇر پىكىرلىرىنى قوللاپ–قۇۋۋەتلىگەن. بۇلار بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا قارشى ھۇجۇملىرىغا يېقىندىن ھەمكارلاشقان.

سۈننەت «قۇرئان كەرىم»دىكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇرەككەپ مەزمۇنلارنى روشەن يېشىپ بەرگۈچى بىردىنبىر مەنبەدۇر. قۇرئاندىكى نۇرغۇن ئايەتلەردە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ئاللاھغا ئىتائەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭدىن باشقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاندا بولمىغان ئىشلاردا ھۆكۈم چىقىرىش، نېمىنىڭ ھالال ۋە نېمىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بەلگىلەش ھوقۇقى بېرىلگەن. بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، قۇرئاندا تېپىلمىغان ئىشلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىمۇ دىنىي مەنبەدۇر. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سۈننەتكە سەل قاراش قۇرئان كەرىمنىڭ روھىغا ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى ھەممىگە قادىر ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قۇرئاننى كىشىلەرگە يەتكۈزۈش، چۈشەندۈرۈش ۋە ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۇلارغا كۆرسىتىشكە بۇيرۇغان. شۇنداقلا، ئىنسانلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بويسۇنۇشقا ۋە ئۇنى ھاياتىدا ئۈلگە قىلىشقا بۇيرۇغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ سۈننىتى ئارقىلىق قۇرئاننى ئىنسانلارغا يەتكۈزگەن، تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بەرگەن ۋە ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويغان. ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمنى چۈشەندۈرۈپ ۋە ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق كۆرسىتىپ قويمىغان بولسا ئىدى، ئىنسانلار ئۆز خاھىشىغا قاراپ چۈشىنىشكە تىرىشقان ۋە نۇرغۇن ئىسلام ئادەتلىرى بارلىققا كەلگەن، ھەتتا ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزىگە خاس بىر دىنىي چۈشەنچىسى ئوتتۇرىغا چىققان بولاتتى.

ئاخىرىدا شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دىنىنى ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئۆزلىرىنىڭ ھايات ساھەلىرىگە تەتبىقلاپ ياشىشىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسلام دۈشمەنلىرى ناھايىتى ئوبدان بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار بىردىنبىر مۆجىزە بولغان قۇرئاننى ئۆزگەرتىشكە كۆزى يەتمىگەچكە، بىۋاسىتە قۇرئاننى نىشانغا ئېلىشنىڭ ئورنىغا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنىڭ دىندىكى ئورنىنى تەۋرىتىش، ھەدىسلەر ۋە ئۇلارنىڭ راۋىيلىرى ھەققىدە گۇمان پەيدا قىلىش ئارقىلىق، سۈننەتنى نىشانغا ئالغان. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىن چىققان ئاز ساندىكى قۇرئانچىلار «قۇرئاندىن باشقىسى لازىم ئەمەس... سۈننەتكە ئېھتىياجىمىز يوق» دېيىش ئارقىلىق بۇ بولمىغۇر قاراشلىرى بىلەن قۇرئان - سۈننەتنى ۋە بۇ ئىككىسىدىن بارلىققا كەلگەن ئىسلام ئەھكاملىرىنى قوغداشنىڭ ئورنىغا، دۈشمەنلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرغان.

مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز بۇلارنىڭ ئالدام خالتىلىرىغا چۈشمەسلىكى، بۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن، ئىلمىي ئاساسى بولمىغان ساختا ئىلىم ئەھلىلىرىگە، ئازغۇنلارنىڭ سۆز - چۆچەكلىرىگە قۇلاق سالماستىن، چوڭقۇر ئىزدىنىش ئارقىلىق ئىلمىي تەتقىقاتلارغا ئەھمىيەت بېرىشى، بولۇپمۇ قۇرئان ۋە ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە تەپسىلاتى بولغان سۈننەتنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىكى ۋە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

 


[1] مۇرتەزا بەدىر، «سۈننەت»، تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 2010)، 38/150 - 153.

[2] ئىلياس چەلەبى، «ھەدىس»، تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 2010)، 38/153 - 154.

[3] سۈرە ئەھزاب، 62 - ئايەت.

[4] «سۈنەن ئىبنى ماجە»، 2004 چىن مۇسۇلمانلىرى (3)، 7 – بەت

[5] يۇسۇف شەۋكى ياۋۇز، «ئەھلى سۈننەت»، تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 1994)، 10/525 - 530.

[6] 2004 چىن مۇسۇلمانلىرى (3)، 10 - بەت.

[7] م. ياشار كاندەمىر، «ھەدىس»، تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، (ئىستانبۇل: ت د ۋ نەشرىياتى، 1997)، 15/27 - 64.

[8] ئابدۇلھامىت بىرئىشىق، «قۇرئانىييۇن»، تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 2002)، 26/428 - 429.

[9] بىرئىشىق، «قۇرئانىييۇن»، 26/428 - 429.

[10] بىرئىشىق، «قۇرئانىييۇن»، 26/428 - 429.

[11] بىرئىشىق، «قۇرئانىييۇن»، 26/428 - 429.

[12] بىرئىشىق، «قۇرئانىييۇن»، 26/428 - 429.

[13] بىرئىشىق، «قۇرئانىييۇن»، 26/428 - 429.

[14] بىرئىشىق، «قۇرئانىييۇن»، 26/428 - 429.

[15] كاندەمىر، «ھەدىس»، 15/27 - 64.

[16] سۈرە ئەئراف، 158 - ئايەت.

[17] سۈرە فەتھ، 13 - ئايەت.

[18] بۇخارىي رىۋايىتى.

[19] سۈرە ھەشر، 7 – ئايەت.

[20] سۈرە ئال ئىمران، 31 –، 32 - ئايەتلەر.

[21] سۈرە نىسا، 64 – ئايەت. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان نۇرغۇن ئايەتلەر بار بولۇپ، تەپسىلاتى ئۈچۈن مۇنۇ ئايەتلەرگە قاراڭ: سۈرە ئال ئىمران، 132 - 172 – ئايەتلەر؛ سۈرە نىسا،13،59،61، 65، 69 – ئايەتلەر؛ سۈرە نۇر، 51 – 54 – ئايەتلەر؛ سۈرە ئەئراف، 157 – ئايەت؛ سۈرە مۇھەممەد، 33 - ئايەت.

[22] سۈرە نىسا، 14 – ئايەت.

[23] سۈرە نىسا، 115 – ئايەت.

[24] سۈرە ئەنفال، 13 – ئايەت. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان نۇرغۇن ئايەتلەر بار بولۇپ، تەپسىلاتى ئۈچۈن مۇنۇ ئايەتلەرگە قاراڭ: سۈرە نىسا، 42، 80 – 81 – ئايەتلەر؛ سۈرە ئەنفال، 27 – ئايەت؛ سۈرە مۇھەممەد، 32 - ئايەت.

[25] سۈرە ئەھزاب، 57 – ئايەت. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان باشقا ئايەتلەرمۇ بار بولۇپ، تەپسىلاتى ئۈچۈن مۇنۇ ئايەتلەرگە قاراڭ: سۈرە تەۋبە، 61 – 62 – ئايەتلەر.

[26] سۈرە ئەھزاب، 33 – ئايەت.

[27] بۇخارىي، ئىمان: 8؛ مۇسلىم، ئىمان: 70؛ نەسەئىي، ئىمان: 19.

[28] سۈرە ئەھزاب، 56 – ئايەت.

[29] سۈرە ھۇجۇرات، 1 – ئايەت.

[30] سۈرە ھۇجۇرات، 2 – ئايەت.

[31] سۈرە نۇر، 62 – ئايەت. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان باشقا ئايەتلەرمۇ بار بولۇپ، تەپسىلاتى ئۈچۈن مۇنۇ ئايەتلەرگە قاراڭ: سۈرە ھۇجۇرات، 3 – 5 – ئايەتلەر؛ سۈرە ئەھزاب، 53 – ئايەت.

[32] سۈرە ئال ئىمران، 164 - ئايەت.

[33] سۈرە تەۋبە، 128 - ئايەت.

[34] سۈرە بەقەرە، 151 – ئايەت. سۈرە تەۋبە، 61 - 62 - 63 - 65 - 66 – ئايەتلەر؛ سۈرە ئەنبىيا، 107 – ئايەت؛ سۈرە جۇمۇئە، 2 - 3 - ئايەتلەر.

[35] سۈرە ئەھزاب، 21 - ئايەت.

[36] سۈرە قەلەم، 4 - ئايەت.

[37] سۈرە شۇرا، 51 - ئايەت.

[38] سۈرە نىسا، 113 - ئايەت.

[39] سۈرە بەقەرە، 151 - ئايەت.

[40] سۈرە بەقەرە، 129 –، 231 – ئايەتلەر؛ سۈرە ئال ئىمران، 164 – ئايەت؛ سۈرە نىسا، 113 – ئايەت؛ سۈرە ئەھزاب، 34 – ئايەت؛ سۈرە جۇمۇئە، 2 - ئايەت.

[41] سۈرە ئەنكەبۇت، 31 - 32 ئايەتلەر؛ سۈرە ھىجر، 52 - 77 ئايەتلەر؛ سۈرە ئال ئىمران، 38 - 40 ئايەتلەر.

[42] سۈرە ئال ئىمران، 42 - 45 ئايەتلەر.

[43] سۈرە بەقەرە، 238 – ئايەت.

[44] سۈرە نەجم، 3 - 4 ئايەتلەر. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان نۇرغۇن ئايەتلەر بار بولۇپ، تەپسىلاتى ئۈچۈن مۇنۇ ئايەتلەرگە قاراڭ: سۈرە يۇنۇس، 15 – ئايەت؛ سۈرە ئەھقاف، 9 – ئايەت؛ سۈرە بەقەرە، 142 - 144 ئايەتلەر.

[45] سۈرە تەۋبە، 43، 84 - ئايەتلەر: سۈرە ئەنغال،67 - ئايەت.

[46] سۈرە ئىبراھىم، 4 - ئايەت.

[47] سۈرە نەل، 44 – ئايەت. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان نۇرغۇن ئايەتلەر بار بولۇپ، تەپسىلاتى ئۈچۈن مۇنۇ ئايەتلەرگە قاراڭ: سۈرە بەقەرە، 151 – ئايەت؛ سۈرە نىسا، 105 – ئايەت؛ سۈرە مائىدە، 67 – ئايەت.

[48] سۈرە نەھل، 64 – ئايەت.

[49] سۈرە قىيامەت، 16 – 19 ئايەتلەر. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئايەتلەر بار بولۇپ، قۇرئانغا قاراڭ: سۈرە نىسا، 113 - ئايەت.

[50] سۈرە نىسا، 65 – ئايەت.

[51] سۈرە ئەھزاپ، 36 - ئايەت.

[52] سۈرە نۇر، 51 – ئايەت. ئەمەلىيەتتە 47 - 52 - ئايەتلەر بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىز بۇ يەردە كۆپ يەر ئىگىلىمىسۇن دەپ، پەقەت 51 – ئايەتنى مىسال قىلىپ بەردۇق.

[53] سۈرە نىسا، 59 – ئايەت.

[54] 2004 چىن مۇسۇلمانلىرى 3 7 – بەت.

[55] 2004 چىن مۇسۇلمانلىرى 3 7 – بەت

[56] سۈرە ئەئراف، 157 – ئايەت.

[57] سۈرە تەۋبە، 29 – ئايەت.

[58] سۈرە مائىدە، 3 – ئايەت؛ سۈرە ئەنئام، 145 - ئايەت.

[59] ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى.

[60] سۈرە نىسا، 23 - ئايەت.

[61] بۇخارىي، نىكاھ، 27.

[62] سۈرە نۇر، 54 - ئايەت:

[63] سۈرە شۇرا، 52 – ئايەت.

[64] سۈرە مۇئمىنۇن، 73 – ئايەت. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان باشقا ئايەتلەرمۇ بار بولۇپ، تەپسىلاتى ئۈچۈن مۇنۇ ئايەتلەرگە قاراڭ: سۈرە نىسا، 83 – ئايەت؛ سۈرە ئەئراف، 158 – ئايەت؛ سۈرە يۇسۇف، 108 – ئايەت؛ سۈرە نەمل، 79 – ئايەت؛ سۈرە ئەھزاب، 45 – 46 – ئايەتلەر؛ سۈرە ياسىن، 1 - 4 ئايەتلەر.

[65] سۈرە ھاققە، 47 - 47 ئايەتلەر.

[66] كاندەمىر، «ھەدىس»، 15/27 - 64.