ماقالىلار

كىمگە ئىتائەت قىلىمىز؟

2025-04-08
A-
A+

كىمگە ئىتائەت قىلىمىز؟

 

تاھىرجان ئابباس

 

﴿ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار﴾[1].

 

ئىتائەت كەلىمىسىنىڭ سۆزلۈك مەنىسى بىراۋنىڭ دېگىنىنى قىلىش، سۆزىنى ئاڭلاش، ئەمرىگە بويسۇنۇش، بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش دېگەندەك[2] ئىككى ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.

ئىتائەت چۈشەنچىسى ھەممە جەمئىيەتتە مۇھىم ۋە ئاساسلىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىتائەتنىڭ ئاساسىي ئۇقۇمىنى بەلگىلەيدىغان ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى، شەخسلەرنىڭ ئىتائەتكە بولغان قارىشى، ئۇنىڭ ئۇقۇمى ۋە ۋارىيانتلىرى توغرىسىدا بىرلىككە كېلەلمىگەن.

ئىنسان ئىجتىمائىي جانلىق. شۇڭىمۇ ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن بىرگە ياشاش خاھىشى كۈچلۈك. باشقىلار بىلەن بىرگە ياشاش ئادەتتە چىقىشىش، ھەمكارلىشىش ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا رىئايە قىلىش قاتارلىق بىر تۈركۈم قائىدە - پىرىنسىپلارنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ خىل قائىدە - پىرىنسىپلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە قوغداش ئۈچۈن بىرەر مەمۇرىي ئورگان ۋە باشقۇرغۇچى رەھبەر لازىم بولىدۇ. شۇ سەۋەبلىك بولسا كېرەك، ئىنسان يارىتىلىپ، كائىناتتا ئىجتىمائىيلىشىپ ياشاشقا باشلىغاندىن بېرى، ئۇلار تەدرىجىي ھالدا مەمۇرىي مېخانىزم شەكىللەندۈرۈشكە باشلىغان. بۇ ئاساستا ئۇلار قول ئاستىدىكىلەرنى يېتەكلەش ۋە باشقۇرۇشقا، ئاممىۋىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋە قانۇنلىرىنى قوغداشقا كېرەكلىك سىستېمىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تىرىشقان. لېكىن ئىنساننىڭ ئىقتىدارى چەكلىك، ئەقلىي جەھەتتىن سەۋىيەسى پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار قۇرماقچى بولغان سىستېما ۋە پىرىنسىپلار ئىنسانلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى قوغداشقا، بولۇپمۇ دۇنيا ھاياتىدىن كېيىنكى ھاياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھاياتى دۇنيانى گۈللەندۈرۈپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن يارىتىلغان ئىنساننىڭ تەبىئىتىنى ۋە خاراكتېرىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان زات – جانابىي ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخت – سائادىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن «دىن» نامىدا قانۇن ۋە پىرىنسىپلارنى تۇرغۇزۇپ بەرگەن.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىنسانلار جانابىي ئاللاھ «دىن» نامى بىلەن بەلگىلەپ بەرگەن پىرىنسىپلارنى ئۆزلىرى خىرىستىيان دىنى، يەھۇدىي دىنى، ئۇ دىنى بۇ دىنى دەپ ئاتىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن جانابىي ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىردىنبىر مەقبۇل ۋە كۈچكە ئىگە ھەق دىن ئىسلام دىنىدۇر. بۇ ھەقتە جانابىي ئاللاھ: ﴿چوقۇمكى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا مەقبۇل دىن ئىسلام دىنىدۇر، كىمكى ئىسلام (دىنىدىن) باشقا دىننى تىلەيدىكەن، ئۇ ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئادەم ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر﴾[3] دېگەن.

مانا شۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا مەقبۇل بولغان ئىسلام دىنىدا كىمگە ئىتائەت قىلىش ۋە نېمىگە ئىتائەت قىلىش ھەققىدە بىر قاتار كۆرسەتمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ جۈملىدىن قۇرئان كەرىمدە جانابىي ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار﴾[4]. جانابىي ئاللاھ بۇ ئايەتتە باشتا ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشقا ئەمر قىلغان.

نېمە ئۈچۈن ئاللاھقا ئىتائەت قىلىمىز؟

قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىگە دىققەت نەزىرىمىزنى ئاغدۇرغىنىمىزدا، ﴿ئاسمان ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى يوسۇندا ئاللاھقا بويسۇنىدۇ، ئەتىگەن – ئاخشامدا (يەنى داۋاملىق تۈردە) ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ سەجدە قىلىدۇ﴾[5] دېگەن ئايىتىنىڭ ئۇقۇم مەزمۇنى بىزگە مەۋجۇدات ئالىمىنىڭ يارىتىلىش خاراكتېرىدا ئىختىيارى بولسۇن ياكى مەجبۇرىي بولسۇن، مۇتلەق بىر ئاللاھنىڭ ئەمرىگە باش ئېگىش، قانۇن – پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەمەلىيەتتىمۇ نىسپىي ئىرادە، يۈكسەك ئاڭ ۋە ئەركىن تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ئىگە ئىنسان تائىپىسىدىن باشقا كائىنات ۋە كائىنات ئالىمىدىكى پۈتۈن جانلىق ۋە جانسىز مەۋجۇداتلار ھەممىسى جانابىي ئاللاھنىڭ ئەمرىگە مۇتلەق ئىتائەت قىلىپ، تەسلىم بولماقتا ۋە ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىشىغا لايىق رەۋىشتە بەندىچىلىك مەجبۇرىيىتىنى بەجا كەلتۈرمەكتە. چۈنكى بىر ئاللاھقا ئىشىنىش، ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇپ باش ئېگىش پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ خاراكتېرىدا يارىتىلىشىدىن بېرى بار بولغان ئىستىخىيلىك تەسلىمىيەتتۇر. بۇ تەسلىمىيەت ئېڭى ئىنسانلاردا مۇنداقچە يېتىلىپ قالغان ئاددىي نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشىدىن بېرى ماھىيىتىدە بار بولغان چارىسىزلىك، موھتاجلىق، ئىمكان دائىرىلىرىنىڭ چەكلىك ۋە ئەقلى كۈچىنىڭ يېتەرسىز بولۇشىدەك ھېس تۇيغۇلىرى ئۇلاردا ئۆزىدىن كۈچلۈك، ھەممىدىن ئۈستۈن بىر كۈچكە چوقۇنۇش ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بوي سۇنۇش ئاساسىدا يېتىلگەن ئاڭ.

ئەسلىدە ئىنساننىڭ خاراكتېرىدا كىم كۈچلۈك بولسا شۇنىڭغا تېۋىنىدىغان، كىم ئۇلۇغ بولسا شۇنىڭغا چوقۇنىدىغان پىسخىكا مەۋجۇت. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا تېۋىنىش، ئىبادەت قىلىش، چوقۇنۇش مەسىلىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى تەبىئىيلا ئىتائەت ئېڭىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن يېتىلگەن ئىدىيە. بۇ ئىدىيەنىڭ خاراكتېرى ئەلۋەتتە تېۋىنىشقا، ئىبادەت قىلىنىشقا ئەرزىيدىغان، ئۇلۇغلاپ، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بىر كۈچ ئىگىسىنىڭ بولۇشىنى لازىم قىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ كۈچ كىم؟ كائىنات ئالىمىدە تا ئۈ كۈندىن بۇ كۈنگىچە ئاللاھتىن باشقا بىر كۈچ چىقىپ: «سىلەرنى مەن ياراتتىم، ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار، رىزقىڭلارنى مەن بېرىمەن، ماڭا تەسلىم بولۇپ ماڭا بويسۇنۇڭلار» دەپ ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق. ئەسلىدە، ياراتقۇچى بىر ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن ئۆزىگە بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىشى ئۇ بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ بەندىلەرنىڭ ئىتائىتىگە، ئىبادىتىگە ئەسلا ھاجىتى يوق. بەلكى بەندىلەرنىڭ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، يېلىنىپ دۇئا ۋە تەلەپتە بولۇشقا ئېھتىياجى بار.

ئاللاھقا ئىتائەت ئۇ زاتقا مۇتلەق تەسلىم بولۇپ، بويسۇنۇشنى، ھۆرمەتلەپ، ئىبادەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن قۇرئان كەرىم پۈتۈن ئىنسانلارنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا چاقىرغان. ئەمەلىيەتتىمۇ مۇتلەق ئىتائەت قىلىش كائىناتنى ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ھەققىدۇر. چۈنكى ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ رەببى، ئىلاھى ۋە پادىشاھىدۇر. ئىنسانلارمۇ ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى بىلەن ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە قۇلىدۇر. مۇتلەق ۋە ھەقىقىي مەۋجۇت زات پەقەت ئاللاھتۇر. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. بۇيرۇق قىلىش، يارىتىش، يوقىتىش، ئۆلتۈرۈش، تىرىلدۈرۈش، جازالاش ۋە مۇكاپاتلاش قاتارلىق ئىشلاردا ئۇنىڭ ھېچبىر شېرىكى يوقتۇر. ئۇ بىردىنبىر ھەقىقىي ۋە مۇتلەق ياراتقۇچىدۇر. ئۇ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلالايدۇ. ئۇ ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ گۈزەل سۆزلەرنىڭ ئىگىسىدۇر. ھېچكىممۇ ئۇنىڭدەك راست ۋە توغرا سۆز سۆزلىيەلمەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىنسانلارنىڭ ئاللاھقا شەرتسىز بويسۇنۇشنى، تەسلىم بولۇپ، ئەمرىگە مۇتلەق ئىتائەت قىلىشنى، خالىس ئىبادەت قىلىپ، بەندىچىلىك بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ھەقىقەتەنمۇ ئىسلام دىنى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دىنى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كائىنات ۋە كائىناتتىكى پۈتۈن مەۋجۇداتلارنىڭمۇ بىردەك دىنى ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەشتۈرەلەيمىز. چۈنكى كائىناتتا ھەر بىر شەيئىنىڭ پەۋقۇلئاددە پىلان، زىل قۇرۇلما ۋە ئىنچىكە ئىنتىزام بىلەن بەلگىلىك ھەرىكەت قىلىپ، بىر – بىرىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن رىتىملىق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ خىزمەت ئوبيېكتى بىز ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك، ئىنسانلارنىڭ بۇ شەيئىلەرنىڭ خىزمىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىش غايىسى بولغان بىر ئاللاھقا بەندىچىلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمىز.

ئۇنداق بولغاندا، كائىنات ۋە كائىناتتىكى ئەشيا ۋە ھادىسىلەرنىڭ جانابىي ئاللاھنىڭ سۈننەتۇللاھ قانۇنىي بويىچە ھەرىكەت قىلىپ، ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقى ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئەگىشىپ، بىر ئاللاھنىڭ ئەمرىگە تەسلىم بولغانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر. چۈنكى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «ئىسلام» دېمەك پۈتۈن مەۋجۇدات ئالىمىنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ئىگىسى بۈيۈك ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، تەسلىم بولۇش دېگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئېتىبار بويىچە بولغاندا، ئىنس - جىن ۋە بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ خالاپ – خالىماي ئاللاھنىڭ ئەمرىگە باش ئېگىپ ئىتائەت قىلىشى زۆرۈرىيەت قاتارىدىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

 

نېمە ئۈچۈن پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىمىز؟

قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفلەردە ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىش چۈشەنچىسى بويسۇنۇش، بۇيرۇقنى ئورۇنداش، ئۈلگە قىلىش ۋە يولىغا ئەگىشىش ئۇقۇمى بويىچە مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. ئەسلىدە بۇ ئۇقۇملارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە بولغان ئىتائەت چۈشەنچىسى مەۋجۇداتلارنىڭ ئاڭسىز ھالدىكى ئىستىخىيلىك ئىتائەت چۈشەنچىسى ئەمەس، بەلكى ئىختىيارى ۋە ئاڭلىق ھالدىكى ئىتائەتنى تەشكىل قىلىدۇ. مانا بۇ ماھىيەتتىكى ئىتائەت چۈشەنچىسى ئىلاھىي سىستېما بىلەن ئىنسانلارنىڭ سىستېمىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم پەرقنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پەرقنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئىلاھىي سىستېمىلار ئىنسانلارنىڭ ماھىيىتى ۋە خاراكتېرىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ماددىي ۋە مەنىۋى مەنپەئەتى ئاساسىدا سۆيگۈ، مۇھەببەت ۋە تىنچلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسا، ئىنسانلار ئوتتۇرىغا قويغان سىستېمىلار پەقەتلا ماددىي مەنپەئەت ئاساسى ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئىلاھىي تەلىماتلار بىلەن ئىنسانلار سىستېمىسىنىڭ يەنە بىر تۈپ پەرقى شۇكى، ئىلاھىي تەلىماتلار نەزەرىيەگە ئەمەس، بەلكى ئىلاھىي مۇئەللىملەرنىڭ، يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆرنەك ھاياتى ۋە ئەمەلىي تەتبىقلاشقا ئاساسلىنىدۇ.

مانا بۇ سەۋەبتىن، ئەڭ ئاخىرقى ئىلاھىي كىتاب مۇسۇلمانلارنى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇغان. پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغانلىق ماھىيەتتە ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق بولىدۇ. ھەمدە ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش پەيغەمبەرنىڭ يولىغا ئەگىشىش بىلەن نامايەندە بولىدۇ. ﴿شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزگىنىمدەك) ئۆز ئىچىڭلاردىن سىلەرگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، سىلەرنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھدىن) پاك قىلىدىغان، سىلەرگە كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى دىنىي ئەھكاملارنى) ئۆگىتىدىغان، سىلەرگە بىلمىگەنلىرىڭلارنى بىلدۈرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق﴾ دېگەن ئايىتى بۇ پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

پەيغەمبەرلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى كىشىلەرگە يەتكۈزگەن ئەلچىلەر بولغاچقا، بۇ ئەلچىلەرگە ئىتائەت قىلىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئوخشاش دەپ قارالغان. بۇنىڭغا دىققەت تارتماقچى بولغان رەسۇلۇللاھ: «ماڭا ئىتائەت قىلغان كىشى ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغان كىشى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ» دېگەن. ئوخشاش ئەھۋال تۆۋەندىكى يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق تەكىتلەنگەن: ﴿كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ (چۈنكى پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزىدۇ). كىمكى (ئى مۇھەممەد!) سەندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، (بىلگىنكى) بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ، ئەمەللىرىگە قاراپ ھېساب ئالغۇچى) قىلىپ ئەۋەتمىدۇق﴾[6]. ﴿(ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلار (ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتسا، پەيغەمبەرنىڭ ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتى بار، سىلەرنىڭ ئىتائەت قىلىش مەسئۇلىيىتىڭلار بار، ئەگەر پەيغەمبەرنىڭ (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلساڭلار، ھىدايەت تاپىسىلەر، پەيغەمبەرنىڭ پەقەت چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتى بار»﴾[7].

پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش، ئۇنىڭ يولىغا ئەگىشىش قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئاللاھنى سۆيۈشنىڭ ئالامىتى، ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلىش ۋە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. بۇ سەۋەبتىن رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىشنى بىلدۈرىدىغان تۈرلۈك چۈشەنچە پىكىر، سۆز ۋە ھەرىكەت ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە يېتىشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر. بۇنداق بىر شارائىتتا پەرز، ۋاجىپ، نەپلە قاتارلىق ئىبادەتلەر ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىنغان ھەر خىل ياخشى ئەمەللەرمۇ ئىتائەتنىڭ نامايەندىسىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا، ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش، ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش، ئاللاھ ياخشى كۆرگەننى ياخشى كۆرۈش، ئاللاھتىن كەلگەنگە رازى بولۇش، پەيغەمبەرنى ياخشى كۆرۈش، پەيغەمبەرنىڭ قىلغانلىرىنى قىلىش، توسقانلىرىدىن يېنىش، ئاللاھتىن قورقۇش، ئاللاھ بەلگىلىگەن چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىك، ئاللاھتىن ھايا قىلىش، ئاللاھقا دۇئا قىلىش، ئاللاھقا تەۋبە قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ھەممىسى ئادەتتە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنىڭ نامايەندىلىرىندۇر.

قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ھۆرمەت قىلىش[8] ۋە دىنىي تەلىمات جەھەتتە ئۇنىڭغا شەرتسىز ئىتائەت قىلىشنى بۇيرۇش بىلەن بىرگە، ئۇ يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاق ئىشلىرىدا ئەگىشىشكە تېگىشلىك ئەڭ ياخشى ئۈلگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارغا پەقەتلا ئىمان ۋە ئىبادەت ئىشلىرىدا ئەمەس، بەلكى ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە رەھبەر ۋە يېتەكچىدۇر. ئۇ ئىنسانلارنى ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ شەرەپلىك، ئەڭ پەزىلەتلىك ئىش ۋە ھەرىكەتكە يېتەكلەيدۇ ۋە ئۇلارغا ئەڭ ئېسىل ھەقىقەتلەرنى سىڭدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ «ياخشى ئەخلاقنى تولۇقلاش» ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئايالى، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئائىشە ئانىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا سورالغاندا: «ئۇنىڭ ئەخلاقى قۇرئاندۇر»[9] دەپ جاۋاب بەرگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەدەپ - ئەخلاقىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۇ زاتنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ، ھاياتىنى ئۇنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇشنى، ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ، قەلبىنى ئۇنىڭغا باغلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ پىرىنسىپ ئاساسىدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان كىشى ھەممىگە قادىر ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىدۇ. بۇنداق بىر ئادەمنى ئاللاھ تائالا ھەم باشقىلارغا ياخشى كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئۆزى ياخشى كۆرۈپ ھىمايىسىگە ئالىدۇ. بۇ مەسىلىدە كىشىنى رەببىنىڭ رازىلىقىغا ئۇلاشتۇرغان نۇقتا ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاڭسىزلارچە تەقلىد قىلىپ تۇرۇش ئەمەس، ئاڭلىق ھالدا ئۇنى پۈتۈن ئىش - ھەرىكىتىدە ئۈلگە قىلىشتىن ئىبارەت.

نېمە ئۈچۈن «ئۇلۇل ئەمر»گە ئىتائەت قىلىمىز؟

«ئۇلۇل ئەمر» ئاتالغۇسىنىڭ ئۇقۇم مەنىسى: ئىش ئىگىلىرى، ئەمىر، رەھبەر، باشقۇرغۇچى دېگەندەك مەزمۇندا گەۋدىلەنسىمۇ، لېكىن بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنە – مەزمۇنىنى باشقا ئايەت ۋە ھەدىسلەر بىلەن بىرگە چۈشەنگەندە، ئاندىن ئۇنىڭ دائىرىسى كەڭ ۋە مەزمۇنى مول ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلەيمىز. چۈنكى، «ئۇلۇل ئەمر» كەلىمىسىنى پەقەت باشقۇرغۇچى، ئەمىر، رەھبەرلەردىن تەركىب تاپقان شەخسلەر دەپ چۈشىنىۋېلىشقا بولمايدۇ. بەلكى بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسى بىلەن بىرگە چۈشەنگەندە ئاندىن بۇ كەلىمىنىڭ مەنىسى چۈشىنىشلىك، مەزمۇنى ئېنىق بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كُلُّكُمْ رَاعٍ وَكُلُّكُمْ مَسْئُولٌ عَنْ رَعِيَّتِه» (سىلەر ھەممىڭلار پادىچى، ھەممىڭلار ئۆز پاداڭلاردىن جاۋابكارلىققا تارتىلىسىلەر)[10].

بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن شۇ مەلۇم بولىدۇكى، پەيغەمبەرلەر ئۈممىتىگە، ھاكىملار خەلقىگە، ئالىملار جەمئىيەتكە، ئىماملار جامائەتكە، ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىگە، ئەرلەر ئائىلىسىگە، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇلدۇر.

مەسئۇللۇق مەسئۇل بولغۇچىدىن ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلسا، تۆۋەندىكىلەردىن مەسئۇل بولغۇچىغا ئىتائەت قىلىپ يول - يورۇقىغا بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر مەسئۇل بىلەن مەسئۇل بولغۇچىلار ئۆزئارا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلسا، ئىناق جەمئىيەت، ئىناق ئائىلە ۋە تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەتلىك دۆلەت بارلىققا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن جانابىي ئاللاھ بارچە مەخلۇقاتلارنىڭ ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشنى، پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشنى، ئىش بېشىدىكى رەھبەرلەرگە ئىتائەت قىلىشنى ئەمر قىلغان.

«ئۇلۇل ئەمر»گە ئىتائەت قىلىش مەسىلىسى شۇ قەدەر مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىككى، بۇ توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر مۇسۇلماننىڭ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشتىن باشقا ھەرقانداق ئىشتا (مەيلى ئۇ ئىشنى ياقتۇرسۇن ياكى ياقتۇرمىسۇن) ئەمىر (يەنى ئىدارە قىلغۇچى رەھبەر) گە بوي سۇنۇپ، ئىتائەت قىلىشى شەرتتۇر. ئەمما گۇناھلىق ئىشلارغا ئەمر قىلىنسا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ»[11]. يەنە بىر ھەدىستە: «ماڭا ئىتائەت قىلغانلىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق، ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلىق ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىق، ئەمىرگە ئىتائەت قىلغانلىق ماڭا ئىتائەت قىلغانلىق، ئەمىرگە ئاسىيلىق قىلغانلىق ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلىق»[12] دېيىلگەن بولسا، يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «ئەمىرىڭلار ھەبەشىستانلىق قارا قۇل بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار»[13].

بۇ يەردە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك مەسىلە شۇكى، مەزكۇر ئايەتتىكى «مىنكۇم» ئىپادىسى پەقەت مۇسۇلمان ئەمىرگە يەنى مۇسۇلمان رەھبەرلەرگە ئىتائەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنى مۇسۇلمان ۋە غەيرى مۇسۇلمان رەھبەر شەكلىدە ئومۇملاشتۇرۇپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئەمىرگە مۇتلەق، ھەممە ئىشتا ئىتائەت قىلىش، دېگەن مەنىدە چۈشىنىۋېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى «ئۇلۇل ئەمر»نىڭ تەپسىرلىك مەنىسىنى نۇرغۇن مۇپەسسىر ئۆلىمالىرىمىز كۆرسەتكىنىدەك، شۇئەرا سۈرىسىدىكى ﴿ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماڭلار﴾[14] دېگەن بۇ ئايەت كەرىم بىلەن بىرگە چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. يەنى ھۆكۈمدارلارغا ئىتائەت قىلىش، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىش دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەسلىك ئاساسىدا بولىدۇ.

بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «باشقۇرغۇچىلار سىلەرنى گۇناھ – مەسىيەتكە بۇيرۇمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىڭلار»[15]، يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر مۇسۇلمان گۇناھ – مەسىيەتكە بۇيرۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، مەيلى ياقتۇرسۇن ياكى ياقتۇرمىسۇن، پۈتۈن ئىشلاردا ئىش ئۈستىدىكىلەرگە بويسۇنۇشى كېرەك. ئەگەر گۇناھ – مەسىيەتكە بۇيرۇلغان بولسا، كىم بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ»[16]. شۇنىڭدەك يەنە بىر ھەدىس شەرىفتە: «باشقۇرغۇچىغا بويسۇنۇش پەقەت توغرا ۋە شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئىشلار بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ»[17] دېيىلگەن.

ئەينى ۋاقىتتا بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قوماندانلىرىدىن بىرى بىر كۈنى مەلۇم سەۋەبتىن ئاچچىقلىنىپ، قول ئاستىدىكىلەرنى ئوتۇن يىغىپ كېلىپ، ئوت قالاپ، ئوتقا ئۆزلىرىنى تاشلاشقا بۇيرۇغان. بەزى ئەسكەرلەر قوماندانغا بويسۇنۇش پەرز دەپ قاراپ، ئۆزلىرىنى ئوتقا تاشلاشقا تەييارلانغاندا، يەنە بەزى ئەسكەرلەر بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قارشى چىققان. بۇ جەرياندا ئوتۇن كۆيۈپ، ئوت ئۆچۈپ قالغان. كېيىن ئۇلار بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بايان قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بويسۇنمىغانلارنىڭ توغرا قىلغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئۆزلىرىنى ئوتقا ئاتماقچى بولغانلارغا قارىتا ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىنى ئوتقا ئاتقان بولسا، ئۇلارنىڭ قىيامەتكىچە ئۇ ئوتتىن چىقالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ھۆكۈمدارلارغا ئىتائەت قىلىشتا تۆۋەندىكى پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويغان: «گۇناھ - مەسىيەتكە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. ئىتائەت قانۇن ئىچىدە، يەنى شەرىئەتتىن چەتنەپ كەتمىگەن دائىرە ئىچىدە بولىدۇ»[18]

يەنە بىر مۇھىم مەسىلە شۇكى، جەمئىيەتتە ئەڭ كىچىك، ئەمما ماھىيەتتە ئەڭ چوڭ «دۆلەت» دەپ قارىلىدىغان ئائىلىدە بىر باشقۇرغۇچىنىڭ بولۇشىنى ۋە بۇ باشقۇرغۇچىغا بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلى پۇختا قۇرۇلۇپ، تەشكىلاتچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئائىلىلەر ئۇزۇن يىللىق چىنار دەرىخىگە ئوخشاش ئۇزۇنغىچە داۋام قىلىدۇ.

ئائىلە مېخانىزمىنىڭ قۇرۇلما سىستېمىسى تەبىئىي ھالدا باشقۇرغۇچى خادىمنىڭ بىرىنچى ھەقدارلىقى ئەردە ئىكەنلىكى تالاش تارتىش قىلمايدىغان مەسىلە. بۇ ھەقدارلىق مەسىلىسى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدە «قەۋۋام» (يەنى «ھامىي» دەپ تەسۋىرلەنگەن، يەنى «ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن (يەنى ئەرلەرنى كۈچ - قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل - ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر (يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكتىندۇر»[19].

بۇ ۋەجىدىن ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ئاللاھقا، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە «ئۇلۇل ئەمر»گە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇلغاندىن سىرت، يەنە ئۇلار ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلىشقا ھەم مۇكەللەف قىلىنغان. بۇ ھەقتە نۇرغۇن ھەدىسلەر كەلگەن ۋە بۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئالاھىدە تەرغىباتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىر ھەدىستە ئاياللار ئەگەر بەش ۋاخ نامىزىنى ئەدەپ - ئەركانى بىلەن ئادا قىلسا، ئىپپەت - نومۇسىنى ساقلىسا، پەرز روزىنى تۇتسا ۋە ئېرىگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.

يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك، بىز ئائىلىنى كىچىك بىر دۆلەتكە ئوخشاتساق، ئەرلەر ئۇ دۆلەتنىڭ رەئىسى، ئاياللار باش مىنىستىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قاتلامدا ھەممە ئادەم ئۆز مەجبۇرىيىتىنى توغرا رەۋىشتە ئادا قىلىپ، باشقۇرغۇچىغا ھۆرمەت قىلىشى ۋە كۆرسەتمىلىرىگە ئىتائەت قىلىپ ئەمرىگە بويسۇنۇشى كېرەك. بولمىسا مەمۇرىي باشقۇرۇش مېخانىزمىدا قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ. «قايسى ئايال ئەڭ ياخشى؟» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قارىسا ئېرىگە خۇشاللىق بېغىشلايدىغان، ئەمرىگە ئىتائەت قىلىدىغان، ئۆزى ۋە مال – مۈلكىدە ئېرى ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردا ئېرىگە قارشىلىق كۆرسەتمەيدىغان ئايالدۇر»[20] دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە بىر ھەدىس شەرىفتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەن بىر ئىنساننىڭ باشقا بىر ئىنسانغا سەجدە قىلىشىنى بۇيرۇيدىغان بولسام، ئەلۋەتتە ئايالنىڭ يولدىشىغا سەجدە قىلىشىنى بۇيرۇغان بولاتتىم»[21].

ئاياللارنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىش مەسىلىسى تولىمۇ مۇھىم مەسىلە. بولۇپمۇ پۈتۈن قىممەت قارىشىمىز تارمار قىلىنغان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە بۇ مەسىلىنىڭ قانچىلىك زۆرۈر ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. چۈنكى ئاتالمىش مەدەنىي دۇنيانىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا تامامەن زىت كېلىدىغان تۈرلۈك ئىجتىمائىي توقۇلمىلارغا مەركەزلەشكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئاياللار ئەركىنلىك ئىدىيەسى، ئەر - ئايال باراۋەرلىكى، ئاياللارنى ئازاد قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش، سىياسىي پائالىيەتچانلىقىنى ئاشۇرۇپ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇش دېگەندەك چوڭ شوئارلار بىلەن ئۇلارنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادەت، ئىسلامىي ئەدەپ - ئەخلاق، ئىنسانىي قىممەت قاراشلىرىغا تامامەن زىت باشقىچە بىر ئاياللار دۇنياسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە كۈچەۋاتقانلىقى بىر ھەقىقەت.

دەرھەقىقەت ئاياللىرىمىز غەرب ئىدىيەسىنىڭ بۇ قاينام - تاشقىنلىق دولقۇنى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئاياللارغا خاس نازاكىتىنى، دىنىي، مىللىي ۋە ئەخلاقىي قىممەت قارىشىنى يوقاتتى... بەزىلەر مىللەتچى، يەنە بەزىلەر ۋەتەنپەرۋەر بولۇۋېلىپ، خۇددى دىنىي ئېتىقادى، مىللىي قىياپىتى بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىدىغاندەك دىنىدىن ۋە مىللىي كىملىكىدىن يىراقلاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسلامىي پىرىنسىپتىن، مىللىي قىممەت قارىشىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك مەزكۇر ئەپسانىلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان خانىم-قىزلار ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلىق ئوبرازىنى، مىللىي قىممەت قارىشىنى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ۋەيران قىلدى. ئىسلامنى ئۆزلىرىگە پۇتلىكاشاڭ دەپ قارىدى.

بىز بۇ ئاچچىق رېئاللىقنى ئەتراپلىق چۈشىنىپ، ئاياللارنى تەربىيەلەش ۋە ئۇلارنى يېتەكلەشتىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئۇلار شەيتاننىڭ قىلتاقلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئىسلامىي ئەخلاق ۋە مىللىي مەدەنىيەت مىراسىغا تويۇنغان ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان مەزكۇر ئاتالمىش مەدەنىيەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالمايدۇ.

يەنە بىر مۇھىم مەسىلە شۇكى، ئىسلام دىنىدا ئىلىم ئىگىلەش ئەر – ئايال پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا پەرز بولغىنىدەك، ئىلىم ئىگىلىرىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنى قوغداش ۋە ئۇلارنىڭ توغرا كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇش ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنغان مۇھىم ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى ھەر قانداق بىر جەمئىيەتتە ئىلىم بېرىلگەنلەر بىلەن ئىلىم بېرىلمىگەنلەرنىڭ دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. ساغلام جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا ئىلىم ئەھلىنىڭ رولىغا سەل قاراشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

ئىسلام دىنىدا ئىلىم – مەرىپەتلىك بولۇش ئىنتايىن ئۇلۇغ ۋە ئۈستۈن مەرتىۋە. ساغلام بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا بىر رەھبەرنىڭ قانچىلىك ئەھمىيىتى بولسا، ئالىم ۋە ئۆلىمالارنىڭمۇ شۇنچە ئالاھىدە رولى بولىدۇ.

جانابىي ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿ئى مۇئىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، بۇ (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر﴾[22]،

بۇ ئايەتتە بىرەر مەسىلىدە ئىختىلاپ كۆرۈلگەندە، قۇرئان ۋە سۈننەتكە قايتىش تەلەپ قىلىنغان. بۇ ھەقىقەتتە مەزكۇر ئىككى مەنبەنى ياخشى بىلىدىغان ئۆلىمالارغا ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

﴿ئەگەر ئۇلار ئۇ خەۋەرنى پەيغەمبەرگە ۋە ئۇلار (يەنى مۇئىنلەر) نىڭ ئىچىدىكى "ئۇلۇل ئەمرى" (يەنى ئالىملاردىن) سورغان بولسا، ئۇلاردىن ئەلۋەتتە بىلىۋالاتتى﴾[23].

ئايەتتە زىكىر قىلىنغان «ئۇلۇل ئەمر» كەلىمىسىنىڭ ئۇقۇم مەنىسىنى «ئالىملار» دەپ تەپسىر قىلغان نۇرغۇن مۇپەسسىرلىرىمىز بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆزىنىڭ بىر ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: «‹ئۇلۇل ئەمر› فىقھىشۇناس ئالىملاردۇر»[24]، «ئالىملارغا ئەگىشىڭلار! چۈنكى ئۇلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نۇرىدۇر»[25]، «ئالىملار قۇتۇلۇش يولىنى كۆرسىتىدىغان رەھبەر ۋە يول باشچىدۇر»[26]، «ئالىملار بولمىغان بولسا، ئىنسانلار ھالاك بولغان بولاتتى»[27].

سۆزىمىزنى خۇلاسىلىسەك، ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت – سائادىتى، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقى ۋە ئاسايىشلىقى ئۈچۈن، ئاللاھقا، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ يولىغا ئەگەشكۈچى «ئۇلۇل ئەمر» (باشقۇرغۇچى رەھبەر ۋە ئۆلىمالار) غا بويسۇنۇش ۋاجىبتۇر.

ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىش ئاللاھنىڭ ئەمرى. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلماي توغرا يول تاپقىلى بولمايدۇ. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشنى لازىم قىلىدۇ، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى لازىم قىلىدۇ. يەنى ئىككىسى بىر ھەقىقەتنىڭ ئىككى يۈزىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئىككىسىنى بىر - بىرىدىن ئايرىپ قاراش، «بىرىنى تاشلاپ يەنە بىرىنى تۇتىمەن» دېيىش ئازغۇنلۇقنىڭ ئىپادىسىدۇر. چۈنكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلماي، ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىش بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلماي ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بولمايدۇ.

دېمەك، نىجاتلىق ۋە خۇشاللىققا ئېرىشىش پەقەت ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىش ئارقىلىقلا مۇمكىن بولىدۇ. مانا بۇ بىر ئىنسان ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئەڭ چوڭ شەرەپ ۋە ئەڭ كاتتا ئۇتۇقتۇر.



[1] سۈرە شۇئەرا، 50 – ئايەت.

[2]  ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى

[3] سۈرە ئال ئىمران، 18 ئايەت.

[4] سۈرە نىسا، 59 – ئايەت.

[5] سۈرە رەئد، 15 – ئايەت.

[6] سۈرە نىسا، 80 – ئايەت.

[7] سۈرە نۇر، 54 – ئايەت.

[8] ئاللاھ تائالا مۆمىنلەردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارىتا ھۆرمەتتە ھەرگىز يېتەرسىزلىك قىلماسلىقنى ۋە ئۇنىڭغا باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلماسلىقنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىدا (ھېچقانداق بىر ئىشنى ۋە سۆزنى) ئالدى بىلەن قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيىتىڭلارنى ۋە ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئى مۆمىنلەر! (رەسۇلۇللاھقا سۆز قىلغان چېغىڭلاردا) ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى قىلماڭلار، سىلەر بىر - بىرىڭلار بىلەن (توۋلاپ) يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكەندەك، پەيغەمبەرگە (توۋلاپ) يۇقىرى ئاۋازدا سۆز قىلماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۆزلىرىڭلار تۇيماستىن، (قىلغان ياخشى) ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ، شۈبھىسىزكى، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا پەس ئاۋازدا گەپ قىلغانلارنىڭ دىللىرىنى ئاللاھ تەقۋا ئۈچۈن سىنىغان، ئۇلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ. شۈبھىسىزكى، سېنى ھۇجرىلار (يەنى پاك ئاياللىرىڭنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى) ئارقىسىدىن توۋلايدىغانلارنىڭ تولىسى ئەقىلسىز كىشىلەردۇر، سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىققىنىڭغا قەدەر ئۇلار سەۋر قىلىپ تۇرۇشسا، ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر».

[9] ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى.

[10] ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى.

[11] ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى.

[12] ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى.

[13] ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.

[14] سۈرە شۇئەرا، 51 – 52 – ئايەتلەر.

[15] ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى، جىھاد بابى.

[16] ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى، ئەھكام بابى.

[17] ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى، ئەھكام بابى.

[18] ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى، ئەھكام بابى.

[19] سۈرە نىسا، 34 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[20] نەسەئىي رىۋايىتى، (نىكاھ بابى)

[21] ئىمام تىرمىزىي رىۋايىتى.

[22] سۈرە نىسا، 59 – ئايەت.

[23] سۈرە نىسا، 83 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[24] ئىمام دارەمىي رىۋايىتى.

[25] مۇھەددىس دەيلىمى رىۋايىتى.

[26] ئىبنى نەججار رىۋايىتى.

[27] ئىبنى مەۋرىد رىۋايىتى.