ماقالىلار

ئىلىم ھەقنى بىلىپ ئەمەل قىلىشتۇر

2025-09-13
A-
A+

ئىلىم ھەقنى بىلىپ ئەمەل قىلىشتۇر

بسم الله الرحمن الرحيم

 

إنَّ الْحَمْدَ لِلهِ نَحْمَدُهُ وَنَسْتَعِينُهُ وَنَسْتَغْفِرُهُ، وَنَعُوذُ بِاللهِ مِنْ شُرُورِ أَنْفُسِنَا وَمِنْ سَيِّئَاتِ أَعْمَالِنَا، مَنْ يَهْدِهِ اللهُ فَلاَ مُضِلَّ لَهُ، وَمَنْ يُضْلِلْ فَلاَ هَادِىَ لَهُ، وَأَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ.

 أوصيكم عباد الله، ونفسي أولاً بتقوى الله،

﴿يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِۦ وَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنتُم مُّسْلِمُونَ

أَمَّا بَعْدُ: فَإِنَّ خَيْرَ الْحَدِيثِ كِتَابُ اللهِ، وَخَيْرَ الْهَدْيِ هَدْيُ مُحَمَّدٍ صلى الله عليه وآله وسلم، وَشَرَّ الأُمُورِ مُحْدَثَاتُهَا، وَكُلَّ مُحْدَثَةٍ بِدْعَةٌ، وَكُلَّ بِدْعَةٍ ضَلاَلَةٌ، وَكُلَّ ضَلاَلَةٍ فِى النَّار.

بىزنى ئىسلام بىلەن شەرەپلەندۈرگەن، قەلبىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ ئۈممەت قىلغان ۋە گۈزەل ئەخلاق بىلەن زىننەتلەپ ئىنسانىيەتكە ئۈلگە قىلغان ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدۇسانا ئېيتىمىز. يول باشچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سانسىز دۇرۇد سالام يوللايمىز. 

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!

ئاشكارا- مەخپى بارلىق ئەھۋاللاردا تەقۋادار بولۇڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!

ئىسلام دىنى ئىزدىنىشكە، بىلىشكە، ئۆگىنىشكە، ئۆگىتىشكە ۋە تەتقىق قىلىشقا ناھايىتى بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىنساننى باشقا مەخلۇقاتلاردىن ئۈستۈن قىلغان نەرسە ئوقۇش، يېزىش، ئۆگىنىش، ئويلاش، چۈشىنىش، تەتبىقلاش ۋە باشقىلارغا ئۆگىتىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكىدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە تۇنجى نازىل قىلغان ئايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئوقۇشقا بۇيرۇش بىلەن بىرگە، ئىنسانغا قەلەم بىلەن يېزىشنى ئۆگەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: ﴿ٱقْرَأْ وَرَبُّكَ ٱلْأَكْرَمُ. ٱلَّذِى عَلَّمَ بِٱلْقَلَم. عَلَّمَ ٱلْإِنسَـٰنَ مَا لَمْ يَعْلَمْ﴾ «ئوقۇغىن، رەببىڭ ئىنسانغا قەلەم بىلەن يېزىشنى ئۆگەتكەن، بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈرگەن ئەڭ كەرەملىك زاتتۇر.»  (ئەلەق: 3-5- ئايەتلەر) بۇ ئايەتلەر بىر تەرەپتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىنسانغا بىلمىگەننى بىلدۈرگەن ۋە قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ئۆگەتكەن زاتنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىنى خەۋەر بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇش، ئۆگىنىش، ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىلىمگە ئىگە بولۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدۇ.

 

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!

ئىسلامدا بىلىمگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىلگەن ۋە بىلىم بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار مەدھىيەلەنگەن. قۇرئان كەرىمدە پەرىشتىلەر بىلەن ئالىملارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ مۇتلەق كۈچ ۋە ئىلىم ئىگىسى بولغانلىقىغا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿شَهِدَ ٱللَّهُ أَنَّهُۥ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ وَٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ وَأُو۟لُوا۟ ٱلْعِلْمِ قَآئِمًۢا بِٱلْقِسْطِ ۚ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ﴾ «ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقلۇقىغا گۇۋاھلىق بەردى، پەرىشتىلەر ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ (شۇنداق دەپ گۇۋاھلىق بەردى). ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.» (ئال ئىمران: 18- ئايەت )

قۇرئان كەرىمدە يەنە ئىلىم ئەھلىنى مۇنداق مەدھىيەلىگەن: ﴿قُلْ هَلْ يَسْتَوِى ٱلَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَٱلَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ ۗ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُو۟لُوا۟ ٱلْأَلْبَـٰبِ﴾ «(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ (بۇنىڭ پەرقىنى) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا تونۇپ يېتەلەيدۇ».» (زۈمەر: 9- ئايەتنىڭ بىر قىسمى ) ﴿إِنَّمَا يَخْشَى ٱللَّهَ مِنْ عِبَادِهِ ٱلْعُلَمَـٰٓؤُا۟﴾ «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ..» ( فاتىر: 28- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) ﴿وَقُل رَّبِّ زِدْنِى عِلْمًا﴾ «ئى رەببىم! ئىلىمىمنى زىيادە قىلغىن، دېگىن.» (تاھا، 114 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ نەپلە ئىبادەتتىن ئەۋزەللىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئىلىمنىڭ پەزىلىتى ماڭا ئىبادەتنىڭ پەزىلىتىدىن سۆيۈملۈكراقتۇر.» (بۇخارى رىۋايىتى) بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلىم ئىگىلەشكە ئىبادەتكە ئەھمىيەت بەرگەندەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «كىم ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ يولىنى تۇتسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ» دېگەن (ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى). يەنە «ئىلىم ئۆگىنىش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر» دېگەن (ئىمام ئىبنى ماجە رىۋايەت).

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!

تەپەككۇر قىلىش، ئويلاش، ئىبرەت ئېلىش، ئۆگۈت ئېلىش، ھىدايەت تېپىش، جاھالەتتىن قۇتۇلۇش، كائىناتتىكى ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىش، ياراتقۇچىنىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى كۆرۈش، ھەقىقەتلەر ئالدىدا كور، گاس ۋە گاچا بولماسلىق ئۈچۈن ئەقىلنى ئىشلىتىپ ئىلىم ئۆگىنىش لازىمدۇر. بولۇپمۇ قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىسىنى، ئىسلامدىكى بۇيرۇقلارنى ۋە بۇلاردىكى ھېكمەتلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىلىم كېرەك. تەپەككۇر قىلىش ۋە توغرىنى تېپىپ ئاللاھقا تەسلىم بولۇش ئۈچۈن ئىلىم لازىم. قۇرئان كۆپلىگەن ئايەتلەردە ئىنسانلارنى ئويلاش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ھەقىقەتنى بىلىشكە تەشەببۇس قىلىدۇ. مەسىلەن ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ فِى خَلْقِ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَٱخْتِلَـٰفِ ٱلَّيْلِ وَٱلنَّهَارِ وَٱلْفُلْكِ ٱلَّتِى تَجْرِى فِى ٱلْبَحْرِ بِمَا يَنفَعُ ٱلنَّاسَ وَمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مِن مَّآءٍ فَأَحْيَا بِهِ ٱلْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَبَثَّ فِيهَا مِن كُلِّ دَآبَّةٍ وَتَصْرِيفِ ٱلرِّيَـٰحِ وَٱلسَّحَابِ ٱلْمُسَخَّرِ بَيْنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلْأَرْضِ لَـَٔايَـٰتٍ لِّقَوْمٍ يَعْقِلُونَ﴾ «شەكسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەردە، ئاللاھ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ قاقاس زېمىننى جانلاندۇرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋانلاردا، شامال يۆنىلىشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان _ زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر.» (بەقەرە، 164 – ئايەت).

ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي قۇلچىلىق قىلىش ئۈچۈن قۇرئاننىڭ نېمە دېگەنلىكىنى چۈشىنىش، قىلىش ۋە قىلماسلىق كېرەك بولغان ئىشلارنى بىلىش لازىم. بۇ پەقەت ئىلىم بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. بۇ مەنىدە ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئەقلىنى ئىشلىتىپ قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىشكە تىرىشىش ئەر-ئايال ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿سَنُرِيهِمْ ءَايَـٰتِنَا فِى ٱلْـَٔافَاقِ وَفِىٓ أَنفُسِهِمْ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَهُمْ أَنَّهُ ٱلْحَقُّ ۗ أَوَلَمْ يَكْفِ بِرَبِّكَ أَنَّهُۥ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ شَهِيدٌ﴾ «ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغانغا قەدەر، بىز ئۇلارغا ئاسمان _ زېمىن ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىمىز، رەببىڭنىڭ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (ھەمدە قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ بولغانلىقى ئۇلارغا) يېتەرلىك (دەلىل) ئەمەسمۇ؟» (فۇسسىلەت، 53 – ئايەت)

 

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!

ئىلىم يولىمىزنى يورىتىدىغان، دۇنيا ھاياتىنىڭ ۋە مەڭگۈلۈك ئاخىرەت ھاياتىنىڭ ھەقىقىتىنى كۆرسىتىدىغان، بىزگە ھەر ساھەدە رەھبەرلىك قىلىدىغان ناھايىتى قىممەتلىك خەزىنىدۇر. مەنبەسى ساغلام بولمىغان، توغرا مەلۇماتلاردىن ئېلىنمىغان، ئاساسسىز ئىلىم ھەم ئۇنى ئۆگەنگۈچىگە ھەم باشقىلارغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام ئىلىم ئۈستىدە ناھايىتى سەزگۈر بولغان. ئىسلامدا ھەر ساھەنىڭ بىر ئەخلاقى بولغاندەك، ئىلىمنىڭمۇ ئەخلاقى بار. ئىلىم ئەينى ۋاقتىدا بىر كۈچتۇر. ئۇنى ياخشىلىققا ئىشلەتكىلى بولغاندەك يامانلىققىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام تارىخ بويىچە ئىلىم ئەخلاقىغا ئەھمىيەت بەرگەن ۋە ئىلىمنى يامان غەرەزدە ئىشلىتىشنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرغان.

ئىلىمنى خەتەرلىك كۈچكە ئايلاندۇرۋالغانلار ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ يامان غەرەزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىپ، دۇنيانى خاتىرجەم ياشىغىلى بولمايدىغان بىر يەرگە ئايلاندۇردى. ئىنسانلار ئىلىم ئارقىلىق ئاتومنى پارچىلاشقا قادىر بولدى. ئەينى ۋاقتىدا ئىلىم ئەخلاقىغا ئەمەل قىلمايدىغانلارنىڭ ئىلىمنى يامان غەرەزگە ئىشلىتىشى پالاكەتلەرنىڭ، كۆز ياشلىرىنىڭ سەۋەبى بولىدىغانلىقىنىمۇ ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردى.

ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىنسانلارغا ئاتا قىلىنغان ئەڭ كاتتا نېمەتلەردىن بىرى بولغان ئىلىم، ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئىتىگە، ياخشى ۋە توغرا ئىشلاردا ئىشلىتىلسە، قىممەتلىك نەرسە بولىدۇ. بۇ پەقەت ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئىلىم ئەخلاقىغا ئەمەل قىلىشى بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. ئىلىم ئىگىلىرىدىن كۈتۈلگەن نەرسە، ئاللاھ تائالادىن ئەڭ بەك قورقىدىغان كىشى بولۇشىدۇر. قۇرئان كەرىمدە بۇنى مۇنداق ئىپادىلىگەن: ﴿إِنَّمَا يَخْشَى ٱللَّهَ مِنْ عِبَادِهِ ٱلْعُلَمَـٰٓؤُا۟﴾ «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن ھەقىقىي قورقىدىغانلار ئالىملاردۇر..» (فاتىر: 28- ئايەت).

ئاللاھتىن قورقىدىغان ئالىم ئىلىمنى ئىنسانلارغا پايدىلىق ئىشلاردا ئىشلىتىدۇ، دۇنيانى جەننەتكە ئايلاندۇرىدۇ. ئاللاھتىن قورقمايدىغان، رەھىم-شەپقەتنى بىلمەيدىغان ۋە ئىنساننى قەدىرلىمەيدىغان بىلىم ئىگىلىرى بولسا، دۇنيانى قىيىنچىلىقلار ۋە ھەر تۈرلۈك زۇلۇم مەركىزىگە ئايلاندۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىلىم ئىگىلىرى ئىلىم ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ئەخلاق-پەزىلەتتىمۇ ئۆزىنى يېتىشتۈرسە، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىگە ھەقىقىي مەنىدە ھەسسە قوشالايدۇ.

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!

ئىسلامنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ئەسناسىدا ئەمەل قىلىنىشى كېرەك بولغان مەخسۇس پىرىنسىپلىرى بار. ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ ئەڭ كاتتا نېمەتلىرىدىن بىرى بولغان ئىلىمگە ئۇيغۇن ئاڭ ۋە كۆز قاراشقا ئىگە بولۇش ۋە ئۇنى تۇرمۇشىدا تەتبىقلاپ ئىجرا قىلىشتۇر. ﴿أَتَأْمُرُونَ ٱلنَّاسَ بِٱلْبِرِّ وَتَنسَوْنَ أَنفُسَكُمْ وَأَنتُمْ تَتْلُونَ ٱلْكِتَـٰبَ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ﴾ «كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇپ قالامسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر كىتابنى ئوقۇپ تۇرىسىلەر، سىلەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» (بەقەرە، 44 – ئايەت).

ئىلىم ئەخلاقىنىڭ پىرىنسىپلىرىدىن بىرى بىلگىنىنى يوشۇرماسلىق، باشقىلارغا ئۆگىتىشتۇر. دىنىمىزدا ئىلىم ئەھلىنىڭ ۋەزىپىلىرىدىن بىرى بىلگىنىنى ھېچكىمدىن ئايىماسلىق، كىشىلەرگە ياخشى ئىشلارنى كۆرسىتىپ، ئۇنى قىلىشقا ئۈندەش؛ يامان ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. ﴿لَوْلَا يَنْهَىٰهُمُ ٱلرَّبَّـٰنِيُّونَ وَٱلْأَحْبَارُ عَن قَوْلِهِمُ ٱلْإِثْمَ وَأَكْلِهِمُ ٱلسُّحْتَ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا۟ يَصْنَعُونَ﴾ «ئۇلارنىڭ رەببانىي ئالىملىرى ۋە ئىلىم ئەھلىلىرى نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى يالغان سۆزلەشتىن، ھارام يېيىشتىن توسمىدى؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدىگەن يامان!» (مائىدە، 63 – ئايەت).

ئىلىمنى مۇھاپىزەت قىلىپ ساقلاشمۇ ئىلىم ئەخلاقىنىڭ پرىنسىپلىرىدىن بىرىدۇر. ئىلىمنىڭ يوق بولۇپ كەتمەسلىكى ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن ئۇنى يېزىپ قالدۇرۇش ۋە باشقىلارغا ئۆگىتىش لازىم. بولمىسا ئالىمنىڭ ۋاپاتى بىلەن ئۇنىڭ بىلگەنلىرىمۇ بىللە كېتىدۇ، بىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن تارتقان جاپا-مۇشەققەت ۋە ئۆتكۈزگەن ئۆمۈر زايە بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ھەقىقەتنى بىلىپ يەتكەن ئالىملار ھەر ساھەدە كىتابلار يېزىپ قالدۇرغان، بىزلەر ئۇ كىتابلارنى ئوقۇپ ئىلىم ئېلىۋاتىمىز. ئاشۇ كىتابلار بولمىغان بولسا، بىز قەيەردىن ئىلىم ئالار ئىدۇق؟ دېمەك، ئىلىم قانچىلىك مۇھىم بولسا، ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىپ ساقلاپ كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشمۇ شۈنچىلىك مۇھىم ۋە لازىمدۇر. ئاللاھ تائالا بىز بىزلەرگە پايدىلىق ئىلىم، بىرلىك، ئىناقلىق ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلسۇن.

أَلاَ إِنَّ أَحْسَنَ الْكَلاَمِ وَ أَبْلَغَ النِّظاَمِ • كَلاَمُ الله ِالْمَلِكِ الْعَزِيزِ الْعَلاَّمِ. كَماَ قَالَ الله ُتَباَرَكَ وَ تَعاَلَى فِي الْكَلاَمِ • وَ إِذاَ قُرِئَ الْقُرْآنُ فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَ أَنْصِتُوا لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ • أَعُوذُ بِاللهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ ... بِسْمِ اللهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ ... إِنَّ الدِّينَ عِنْدَ الله ِاْلإِسْلاَمُ ... صَدَقَ الله ُالْعَظِيمُ

وقال عليه الصلاة والسلام: "التائب من الذنب كمن لا ذنب له" أستغفر الله العظيم وأتوب إليه، وأسال الله لي ولكم التوفيق

 

 

ئىككىنچى خۇتبە

 

 اَلْحَمْدُ لِلّٰهِ حَمْدَ الْكَامِلِينَ وَالصَّلاَةُ وَالسَّلاَمُ عَلٰى رَسُولِنَا مُحَمَّدٍنِ اْلْأَمِينِ وَ عَلٰى اٰلِهِ وَأَصْحَابِهِ أَجْمَعِينَ تَعْظِيمًا لِنَبِيِّهِ وَتَكْرِيمًا لِفَخَامَةِ شَانِ شَرَفِ صَفِيِّهِ

فَقَالَ عَزَّ وَجَلَّ مِنْ قَائِلٍ مُخْبِرًا وَ اٰمِرًا ﴿اِنَّ اللّٰهَ وَمَلَائِكَتَهُ يُصَلُّونَ عَلَى النَّبِيِّ يَا اَيُّهَا الَّذِينَ اٰمَنُوا صَلُّوا عَلَيْهِ وَسَلِّمُوا تَسْلِيمًا

اَللّٰهُمَّ صَلِّ عَلٰى مُحَمَّدٍ وَعَلٰى اٰلِ مُحَمَّدٍ كَمَا صَلَّيْتَ عَلٰى اِبْرَاهِيمَ وَعَلٰى اٰلِ اِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ. اَللّٰهُمَّ بَارِكْ عَلٰى مُحَمَّدٍ وَعَلٰى اٰلِ مُحَمَّدٍ كَمَا بَارَكْتَ عَلٰى اِبْرَاهيمَ وَعَلٰى اٰلِ اِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ

ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بىزلەرگە، ئوغۇل-قىز پەرزەتلىرىمىزگە پايدىلىق ئىلىم ئاتا قىلسىلا، دىنىمىز تولۇق ئەمەل قىلىدىغان، گۈزەل ئەخلاقلىق كىشىلەردىن قىلسىلا. بىزلەرنى ۋە پەرزەتلىرىمىزنى مەنپەئەت قىلمايدىغانن ئىلىمدىن، يامان ئىشلاردىن، ناچار قىلىقلاردىن ۋە ھارام يېيىشتىن ساقلىسىلا. ئۇ ئۇلۇغ رەببىمىز! مۇسۇلمانلارنىڭ سەپلىرىنى بىرلەشتۈرسىلە. ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! ئىسلامى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلسىلا، كۇپرىنى ۋە كاپىر زالىملار خار قىلسىلا. سىلىنىڭ مۇقەددەس دىنلىرىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان، مۇسۇلمان بەندىلىرىنى چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال دېمەي ئۆلتۈرۈۋاتقان زالىملارنى ھالاك قىلىپ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتسىلە. ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! زالىملارنىڭ زۇلمى ئاستىدا ئىڭراۋاتقان مەزلۇملارغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرسىلا، بىزگە دۈشمەنگە قارشى نۈسرەت ئاتا قىلسىلا. ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھ! بۇ دۇنيادىن ئۆتۈپ كەتكەن ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، قەۋم-قېرىنداشلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىپ، جايىنى جەننەتتە قىلسىلا. ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بالاچاقىلىرىمىزغا ئىنساپ، تەۋپىق، ھىدايەت، شەرمى ھايا ۋە گۈزەل ئەخلاق ئاتا قىلسىلا. بىزنىڭ ئىمانىمىزنى سالامەت قىلسىلا، بىزنى ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرىدىغان، ئىمان بىلەن ياشاپ، ئىمان بىلەن بۇ دۇنيادىن كېتىدىغان كىشىلەردىن قىلسىلا. ئامىين يا رەببەلئالەمىين.

اَللَّهُمَّ اغْفِرْ لِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَالْمُسْلِمِينَ وَالْمُسْلِمَاتِ اَلْأَحْيَاءِ مِنْهُمْ وَالْأمْوَاتِ بِرَحْمَتِكَ يَا أَرْحَمَ الرَّاحِمِينَ وَسَلَامٌ عَلَى الْمُرْسَلِينَ وَالْحَمْدُ للّٰهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ

اِنَّ اللّٰهَ يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ وَالْاِحْسَانِ وَاِيتَائِ ذِي الْقُرْبٰى وَيَنْهٰى عَنِ الْفَحْشٓاءِ وَالْمُنْكَرِ وَالْبَغْيِ يَعِظُكُمْ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ.

ئۇستاز: ئابدۇلئەھەد ھاپىز