ھەج ۋە ئۆمرە

ھەجدىكى سىر-ھېكمەتلەر

0000-00-00
A-
A+

ھەجدىكى سىر-ھېكمەتلەر

   ئۇستاز ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى

   ئىسلام دىنىدا ھەربىر ئەمەل-ئىبادەتنىڭ ئارقىسىدا ئاللاھ تائالا ئورۇنلاشتۇرغان نۇرغۇن پايدا-مەنپەئەت ۋە سىر-ھېكمەتلەر بولىدۇ، بىز ئاللاھنىڭ قۇدرەت ۋە ئۇلۇغلىقىغا بولغان ئىمانىمىزنى كۈچەيتىشىمىز ئۈچۈن ئۇلار ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ.» [سۈرە نەجم 39-ئايەت].

   ھەج دىنىمىزدىكى بەش ئاساسىنىڭ بىرى بولۇپ، پەۋەردىگارىمىزغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام دىنىدا بەش ۋاقىت نامازغا ئوخشاش كۈندىلىك ئىبادەت، جۈمە نامىزىغا ئوخشاش ھەپتىلىك ئىبادەت، ئىككى ھېيت نامازلىرى، زاكات، رامىزان روزىسى قاتارلىقلارغا ئوخشاش يىللىق ئىبادەتلەر بار. شۇنىڭغا ئوخشاش ئىبادەتلەر جىسمانىي ئىبادەت، ئىقتىسادىي ئىبادەت دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. ھەج ئىبادىتى بولسا جىسمانىي ۋە ئىقتىسادىي ئىبادەت بولۇپ، شەرت-شارائىتلارغا ئىگە بولغان ھەربىر مۇسۇلمانغا ئۆمرىدە بىر قېتىم ئادا قىلىش پەرز قىلىنغان. شۇڭا بۇ ئۇلۇغ ئىبادەتتە ئىماننى كۈچەيتىدىغان نۇرغۇن تەربىيىۋىي پايدا-مەنپەئەت، سىر-ھېكمەتلەر، ۋە ئارقا كۆرۈنۈشلەرنىڭ بولىشى مۇقەررەر.

   ئاللاھ تائالا بەيتۇللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئىبادەت ئۈچۈن تۇنجى سېلىنغان ئۆي ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بەرىكەتلىك ۋە جاھان ئەھلىگە ھىدايەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدا ماقامى ئىبراھىمغا ئوخشاش ئۇچۇق ئالامەتلەرنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭغا كىرگەن كىشىنىڭ ئەمىن بولىدىغانلىقىنى، قادىر بولالىغان كىشىلەرگە ئۇنى زىيارەت قىلىشنى پەرز قىلغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە دۇنياۋىي نۇرغۇن مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىنى جاكارلاپ مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن ئىنسانلارغا (ئىبادەت ئۈچۈن) تۇنجى سېلىنغان ئۆي (يەنى بەيتۇللاھ) مەككىدىدۇر، مۇبارەكتۇر، جاھان ئەھلىگە ھىدايەتتۇر. ئۇنىڭدا ئوچۇق ئالامەتلەر باركى، ماقامى ئىبراھىم شۇلارنىڭ بىرى، بەيتۇللاھغا كىرگەن ئادەم ئەمىن بولىدۇ. قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن بەيتۇللاھنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. كىمكى ئىنكار قىلىدىكەن (يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگە)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن) بىھاجەتتۇر.» [سۈرە ئال-ئىمران 96-، 97- ئايەتلەر].

   بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرغۇن ھەدىسلىرى بار. ھەدىستە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئەمرى ئىبنى ئاسقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «مۇسۇلمان بولۇش، ھىجرەت قىلىش، ھەج قىلىش قاتارلىق ئەمەللەر، ئىلگىرىكى گۇناھلارنى ئۇچۇرۋېتىدىغانلىقىنى بىلمەمسىز؟!.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

   ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «كىمكى ھەج قىلىپ، (بۇ جەرياندا) ئىسلام ئەخلاقىغا زىت سۆز-ھەرىكەتلەرنى قىلمىسا، گۇناھ سادىر قىلمىسا گويا ئۇ كىشى (گۇناھ-مەسىيەتلەردىن پاكلىنىپ) ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك بولۇپ قايتىدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

 يەنە بىر ھەدىستە: «ئۆمرە يەنە بىر ئۆمرىنىڭ ئارىلىقىدىكى گۇناھلارغا كەففارەتتۇر، مەقبۇل بولغان ھەجنىڭ مۇكاپىتى جەننەتتۇر.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرىيىنىڭ ئونىنچى يىلى ھەج قىلىپ، ئىسلام ئۈممىتىگە ھەج پائالىيەتلىرىنىڭ قانداق قىلىنىدىغانلىقىنى ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئۇلارنى ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىشتا ئۆزىنى ئۈلگە قىلىشقا چاقىرىپ: «ھەج پائالىيەتلىرىڭلارنى مەندىن ئېلىڭلار، بەلكى مەن بۇ يىلدىن كېيىن سىلەر بىلەن ئۇچرىشالماسلىقىم مۇمكىن» دېدى. [ئىمام ئەھمەد، ئىمام مۇسلىم، ئىمام نەسەئى قاتارلىقلار رىۋايىتى].

بۇ ھەج ئىسلام تارىخىدا «ۋىدالىشىش ھەججى» دەپ ئاتالدى، شۇ يىلى جۈمە كۈنىگە توغرا كەلگەن ئەرەپات كۈنى ئەسىردىن كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ: «بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم» دېگەن سۆزى نازىل بولدى. [سۈرە مائىدە 3- ئايەت].

   شەكسىزكى، ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ قەلبى ئاللاھنىڭ بەيتىنى كۆرۈشكە، تاۋاپ قىلىشقا، ھەجدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىبادەتنى مۇكەممەل ئادا قىلىشقا تەلپۈنىدۇ. چۈنكى مۇسۇلمانلا بولىدىكەن ئۇنىڭ قەلبى ئاللاھنىڭ بەيتىگە باغلانغان بولىدۇ. مۇسۇلمان ئائىلىدە تۇغۇلغان ھەر قانداق بىر بوۋاق ئىسلامدىكى ھەجنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش پەرزنى ئاڭلاپ چوڭ بولىدۇ، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ھەر قانداق بىر كىشى شاھادەت كەلىمىسىدىن كېيىن ناماز، زاكات، روزا، ھەج قاتارلىق ئىسلامدىكى پەرزلەرنى ئۆگىنىدۇ ۋە ئادا قىلىدۇ، نامازلاردا ئاللاھنىڭ بەيتى تەرىپىگە يۈزلىنىدۇ. «بىز سېنىڭ (كەبە قىبلەڭ بولۇشىنى تىلەپ) قايتا-قايتا ئاسمانغا قارىغانلىقىڭنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. سېنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. (نامازدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) قەيەردە بولماڭلار (نامازدا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار.» [سۈرە بەقەرە 144- ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

   مۇسۇلمانلار پەرز ياكى نەپلە نامازلاردا ۋە ياكى دۇئالاردا بولسۇن ئاللاھنىڭ مۇقەددەس بەيتى تەرىپىگە يۈزلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ قەلبى بۇ مۇقەددەس جايغا كېچە-كۈندۈز تەلپۈنىدۇ.

   مانا بۇ باغلىنىش مۇسۇلمانلارنىڭ كېچە-كۈندۈز ئاللاھنىڭ مۇقەددەس بەيتىنى كۆرۈش، تاۋاپ قىلىش تەشنالىقىنى كۈچەيتىپ تۇرىدۇ.

   شۇڭا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار شەرت-شارائىت ھازىرلانسىلا بۇ مۇقەددەس ئورۇنغا كېلىپ، چاڭقىغان يۈرەكلىرىنى قاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىشىدۇ.

   ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ ھەرىمىگە كېلىش نېسىپ بولغان ھەربىر ھاجى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى بولغان ئاللاھنىڭ بۇ مۇقەددەس بەيتىنى كۆرۈش، تاۋاپ قىلىش، ئۆمرە ۋە ھەجدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىبادەتنى ئادا قىلىش نېمىتىگە ئېرىشتۈرگەن مېھرىبان ئاللاھقا چەكسىز مەدھىيەلەرنى ئېيتىشى، ھەج پائالىيەتلىرىنى كەم-زىيادە قىلماستىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن، مۇكەممەل شەكىلدە ئادا قىلىشقا، ھەجنىڭ دىنىي ۋە دۇنياۋىي مەنپەئەتلىرىدىن تۇلۇق بەھرىلىنىشكە تىرىشىشى، بۇ ئىبادەتتىن پەقەت رەببىنىڭ رىزاسىنى ۋە بارلىق گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى مەقسەت قىلىشى، گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىپ، يېڭى سەھىپە ئېچىلىپ، ھاياتىنى قايتىدىن باشلاش پۇرسىتى بېرىلگەن ھالدا يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، ئۆز خەلقى ئۈچۈن ھىدايەت مەشئىلى بولۇشقا تىرىشىشى لازىم.

  ھەج ھەربىر مۇسۇلماننىڭ بارلىق گۇناھلىرىغا تۆۋبە قىلىپ، ئاللاھ تائالا تەرىپىگە يۈزلىنىشى، ئاللاھنىڭ رىزاسىگە ئېرىشىشى، ياخشى ئەمەل ۋە تەقۋالىقتىن ئىبارەت ئاخىرەتكە ياخشى ئۇزۇق تەييارلىۋېلىشى ئۈچۈن كاتتا پۇرسەتتۇر.

   ھاجىلار ئۆيلىرىدىن چىقىپ، ئېھرام باغلىغاندىن باشلاپ تا ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلىپ، ئۆز ئۆيلىرىگە قايتقىچە بولغان ئارىلىقتا ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق ۋە تۈرلۈك ساھەلەردە نۇرغۇن پايدا-مەنپەئەتلەرگە، سىر-ھېكمەتلەرگە، تارىخىي ئەسلىمىلەرگە، تەسىرلىك ئىبرەتلەرگە ئېرىشىش پۇرسەتلىرىگە ئىگە بولىدۇ. ھەج مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىي تەربىيە ئالىدىغان ئالى مەكتىپى ياكى ئۇلارنىڭ خەلقئارالىق ئەڭ چوڭ قۇرۇلتىيى ئورنىدا بولۇپ، ئۇلار بۇ جەرياندا دىنىي ۋە دۇنياۋىي نۇرغۇن مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمغا بەيتۇللاھنىڭ ئورنىنى تەيىنلەپ بەردۇق، (ئۇنىڭغا ئېيتتۇقكى)ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگىن، تاۋاب قىلغۇچىلارغا، قىيام قىلغۇچىلارغا، رۇكۇ قىلغۇچىلارغا، سەجدە قىلغۇچىلارغا مېنىڭ ئۆيۈمنى پاك قىلغىن. كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا (ئۇلارنى) ھەجگە چاقىرىپ نىدا قىلغىن، ئۇلار پىيادە ۋە ئورۇق تۆگىلەرگە مىنىپ كېلىدۇ، ئورۇق تۆگىلەر يىراق يوللارنى بېسىپ كېلىدۇ. كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنى ۋە دۇنياۋى) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە (يەنى قۇربانلىق كۈنلىرىدە) ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى (يەنى تۆگە، قوي، ئۆچكىلەرنى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلسۇن. سىلەر قۇربانلىقلارنىڭ گۆشىدىن يەڭلار، مۇھتاجقا، پېقىرغا بېرىڭلار.» [سۈرە ھەج 26-، 27-، 28- ئايەتلەر].

   ھەجنىڭ پايدا-مەنپەئەت، سىر-ھېكمەتلىرى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنى بۇ يەردە يېزىپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس، بىز بۇ يەردە پەقەت ھەجنىڭ بەزى تەربىيىۋىي مەنپەئەتلىرىگىلا ئىشارەت قىلىپ ئۆتىمىز. بۇنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

   1- ئاللاھ تائالانى ھەقىقى تونۇش. مەنىسىنى بىلىپ ئۆمرە ياكى ھەجگە تەلىبىيە ئېيتىپ ئېھرامغا كىرگەن، كەبىنىڭ تارىخىنى بىلىپ، ھۆرمىتىنى ساقلاپ تاۋاپ قىلغان، سافا-مەرۋە ئوتتۇرىسىدا چۈشىنىپ سەئيى قىلغان، مۇزدەلىفىدە ھېكمىتىنى بىلىپ قونغان، مىنا ۋە ئەرەفاتتا مەنا ۋە سىر-ھېكمەتلەرنى بىلىپ تۇرغان، تاش ئېتىش، قۇربانلىق قىلىش، چاچنى چۈشۈرۈش ياكى قىسقارتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى چۈشىنىپ ئادا قىلغان ھەربىر ھاجىنىڭ ئىمانى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ ۋە ئاللاھنى ھەقىقى تونۇيدۇ.

   2- ئىمان ۋە تەۋھىدنى مۇستەھكەملەش ۋە ئاللاھ رىزالىقىغا ئۆزىنى بېغىشلاش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار.» [سۈرە بەقەرە 196- ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ھەج ئىبادىتى) ئەنە شۇدۇر، كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۇلۇغلىسا (يەنى ھەج جەريانىدا ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلەنسە)، بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى) ئۈچۈن ياخشىدۇر، سىلەرگە چاھارپايلاردىن قۇرئاندا (ھاراملىقى) بايان قىلىنغانلىرىدىن باشقىلىرى ھالال قىلىندى. سىلەر بۇتلاردىن ئىبارەت نىجىستىن ساقلىنىڭلار، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن ساقلىنىڭلار. ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەڭلار.» [سۈرە ھەج 30-، 31- ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى].

   3- ئىمانىي قېرىنداشلىقنى، ئىسلامىي بىرلىكنى كۈچەيتىش. تىل، رەڭ، ۋەتەن ۋە ئىرقى ھەرخىل ھاجىلار بىرلا زاماندا بىرلا ماكانغا يىغىلىدۇ. بۇ ھاجىلارنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇشى، ھەمكارلىشىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە جانلىنىشىدا ئىمانىي قېرىنداشلىق، ئىسلامىي بىرلىك بەكمۇ مۇھىم. تىللىرى، رەڭلىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەر خىل بولغان مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بۇ مۇقەددەس زېمىنگە يىغىلىدۇ، بۇ ئورۇندا ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپىتى بىر بولغىنىدەك، ئىچكى دۇنياسى ۋە غايىلىرىمۇ بىر بولىدۇ. مەسىلەن: بۇ مۇقەددەس زېمىنگە يىغىلغان ھەربىر ھاجىدىن: سىز بۇ يەرگە نېمە مەقسەتتە كەلدىڭىز؟ دەپ سورىسىڭىز ئۇ ئىككىلەنمەستىنلا: ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىنى ۋە رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ كەلدىم، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. مانا بۇ، ئۇلارنىڭ بۇ مۇقەددەس جايدا ئىچكى-تاشقى جەھەتلەردىن بىرلىك ھاسىل قىلغانلىقىنىڭ ئاددى مىسالىدۇر. شۇنىڭ بىلەن ھاجىلار بۇ بىرلىكتىن چوڭ ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى چۈشكۈنلىكىنىڭ ئورنىنى ئۈمىدۋارلىق ئىگىلەيدۇ، ئۇلاردا يۇرت-ماكانلىرىغا قايتقاندىن كېيىن، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت-شەرىپى ئۈچۈن بىرلىشىپ خىزمەت قىلىش ئېڭى پەيدا بولىدۇ. ھەجدە بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق پايدا-مەنپەئەت بولمىغان تەقدىردىمۇ بۇ يېتەرلىك بولاتتى، ئەلۋەتتە!.

   شەرق ۋە غەربتىكى ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ ئۆمرە ۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرگە مۇمكىن قەدەر چەكلىمە قويۇپ، مۇسۇلمانلارنى بۇ پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرماسلىققا تېرىشىشى ھەج ئارقىلىق مۇسۇلمانلاردىكى ئىمانىي قېرىنداشلىق ۋە ئىسلامىي بىرلىكنىڭ كۈچىيىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

   4- دىنى پرىنسىپنى ئۇلۇغلاش ئېڭى بىلەن بىلىپ ھەج قىلغان كىشى ئىبادەتلەرگە سەل قارىمايدىغان، دىنى ھۆكۈملەرنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن جان پىدا قىلالايدىغان ھەقىقى تەقۋا مۆمىنلاردىن بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئىش مانا شۇنداق، كىمكى دىنى ئىشلارنى (جۈملىدىن ھەجنىڭ ئەمەللىرىنى قۇربانلىقلارنى) ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ، دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇر.» [سۈرە ھەج 32- ئايەت].

   5- ھېسسىياتنى كونترول قىلىش، گۇناھ-مەئسىيەتتىن قول يىغىش، ئاچچىقنى يۈتۈش، جىدەل-ماجرا قىلماسلىق، كەمتەر بولۇش، مۇلايىم بولۇش، سېخى بولۇش، ياخشى ئىش قىلىش قاتارلىق گۈزەل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرۈش. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھەج ۋاقتى مەلۇم بىرقانچە ئايدۇر (يەنى شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئون كۈنىدۇر). بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان (يەنى ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقە قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ (ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن) زاد-راھىلە ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى زاد-راھىلە تەقۋادارلىقتۇر. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.» [سۈرە بەقەرە 197- ئايەت]

     6- تەلبىيە، تەكبىر، تەھلىل ۋە دۇئالارنى كۆپ ئوقۇپ، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش ھەجنىڭ ئەڭ ئالى غايىلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ روشەن ھېكمەتلىرىنىڭ بىرى: ئاللاھنى كۆپ ياد ئېيتىشنى ئادەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ھەقىقى مەنىدىكى ئادىمىيلىكنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەرەفاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا مەشئەرى ھەرەمدا (يەنى مۇزدەلىفەدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ياد ئېتىڭلار، ئىلگىرى سىلەر ھەقىقەتەن گۇمراھ ئىدىڭلار (يەنى ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلىشتىن ئىلگىرى گۇمراھلار قاتارىدا ئىدىڭلار).» [سۈرە بەقەرە 198- ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

   7- ۋاقىتقا رىئايە قىلىش. ھەج پائالىيەتلىرىنىڭ ۋاقىتقا بولغان باغلىنىشى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، بۇ ئىنسان ھاياتىدا ۋاقىتقا رىئايە قىلىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. ئەرەفاتتا تۇرۇش، مۇزدەلىفىدە قونۇش ۋە ئۇ يەردىن مىناغا قايتىش، مىنادا بىر قانچە كۈن تۇرۇش ۋە كېچىلىرى قونۇش، تاش ئېتىش پائالىيەتلىرىدىكى ئىنچىكە ۋاقىت تەرتىپلىرى شۇنىڭدەك، ھەج قىلىش ۋاقتىنىڭ يىل ئىچىدىكى مۇئەييەن بىر ۋاقىتقا بەلگىلىنىشى قاتارلىقلار بىزگە ۋاقىتقا رىئايە قىلىشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى ئۆگىتىدۇ. ۋاقىت دېمەك ھايات دېمەكتۇر. ھەج پائالىيىتى جەريانىدا ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن كىشى ھەجدىن كېيىن ۋاقىتنى ھەرگىز زايە قىلمايدىغان بەلكى داۋاملىق ۋاقىتقا رىئايە قىلىدىغان بولىدۇ.

   8- ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىش، قىيىنلاشتۇرماسلىق. بۇ، ئىسلام دىنىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىك ھەجدە ناھايىتى روشەن ناماياندە بولىدۇ. ھەدىس كىتابلىرىدا بەزى ساھابىلارنىڭ «ۋىدالىشىش ھەججى» دە مىنادا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بەزى پائالىيەتلەرنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قالغانلىقىدىن سورىغاندا، ئۇ زاتنىڭ: «پائالىيىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرىۋېرىڭ، (بىلمەستىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قالسا) ھېچقىسى يوق»، [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى] دەپ جاۋاپ بەرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئابباس ئىبنى ئەبدۇ مۇتەللىبكە ھاجىلارنى سۇغۇرۇش خىزمىتى ئۈچۈن مىنادا تۇرۇش كۈنلىرىنىڭ كېچىلىرى مەككىدە قونۇشقا ئىجازەت بەرگەنلىكى، ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنىڭ مۇزدەلىفىدىن كىچىدە مىناغا كېلىپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن تاش ئېتىشقا رۇخسەت بەرگەنلىكى قاتارلىق ھاجىلارغا ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىش، قىيىنلاشتۇرۇپ قويماسلىققا ئالاقىدار ھەدىسلىرى بايان قىلىنىدۇ. ھەجدە ئاسانلاشتۇرۇش، قىيىنلاشتۇرماسلىق پىرىنسىپلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: ھەج قىلماقچى بولغان كىشىگە ھەج تەمەتتۇئ ياكى ھەج قىران ۋە ياكى ھەج ئىفراد قىلىشتىن بىرىنى تاللاش، ھاجىلار ئېھرامدىن چېچىنى چۈشۈرۈپ چىقىش ياكى قىسقارتىپ چىقىش، مىنادىن زۇلھەججىنىڭ 12-كۈنى قايتىش ۋە ياكى 13- كۈنى قايتىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش بەزى ئىشلاردا ئاسان ۋە يېنىكىنى تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئىشلار مۇسۇلمانلارغا ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىش، قىيىنلاشتۇرماسلىق، مۇشەققەت سالماسلىق ھەققىدە دىنىي يېتەكچىلەرگە ناھايىتى چوڭ تەربىيىدۇر. ھەدىس كىتابلىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يەنە: «ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىڭلار، قىيىنلاشتۇرۇپ قويماڭلار، بىشارەت بېرىڭلار، نەپرەتلەندۈرمەڭلار»، دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

   9- بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش ۋە تەقۋالىقنى يېتىلدۈرۈش. ھەج قىلغان كىشى ئېھرامغا كىرىش بەلگىلىمىلىرى، تاۋاپ ۋە سەئيە قىلىش بەلگىلىمىلىرى، ئەرەفات، مىنا ۋە مۇزدەلىفەلەردە تۇرۇش ۋە قايتىش بەلگىلىمىلىرى، تاش ئېتىش، قۇربانلىق قىلىش بەلگىلىمىلىرى ۋە ئېھرامغا كىرگەندىن كېيىن قىلىش چەكلەنگەن بەلگىلىمىلەر قاتارلىق ھەج پائالىيەتلىرىدىكى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ بارلىق بەلگىلىمىلىرىگە تولۇق رىئايە قىلىش ۋە تەقۋالىقنى يېتىلدۈرۈشنى ئۆگىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماڭلار، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار زالىملاردۇر.» [سۈرە بەقەرە 229- ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە: «ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ قانۇنىدۇر، كىمكى ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ.» [سۈرە تالاق 1- ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

   بۇ ئايەتلەرگە كۆرە، ھاجىلار بارلىق پائالىيەتلىرىدە ئاللاھنىڭ قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھەر دائىم كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ-دە، ئۇلارنىڭ تەقۋالىقى كۈچىيىدۇ.

   ھەدىس كىتابلىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاجىلارغا پائالىيەت جەريانلىرىدا بىر-بىرىنى ئىتتىرمەسلىككە، ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىشقا ئىشارەت قىلغانلىقى ھەتتا بەزىلەر مېڭىشنى تىزلىتىۋەتكەندە: «ئى خالايىق! ئالدىرىماي مېڭىڭلار، ئالدىراڭغۇلۇق ياخشى ئىش ئەمەس»، دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. [ئىمام بۇخارى رىۋايىتى].

   قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاجىلارغا ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىش قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش ۋە تەقۋالىقنى يېتىلدۈرۈش ھەققىدىكى بۇ گۈزەل تەربىيىسىگە قاراڭلار. ھاجىلارنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا بۇ گۈزەل تەربىيە بىلەن قايتىشى نېمىدېگەن ياخشى مەنپەئەت!.

   10- تونۇشۇش، دوستلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھاجىلار ھەج پائالىيىەتلىرىنى ئادا قىلىش جەريانىدا بىر-بىرى بىلەن تونۇشىدۇ، دوستلىشىدۇ، سىردىشىدۇ ۋە ھەمكارلىشىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئەھۋاللىرىدىن خەۋەردار بولىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا بىر-بىرىنىڭ ياردىمىدە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىنى پەقەت دىنى قېرىنداشلىق رىشتىسى باغلاپ تۇرىدۇ.

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىن مۆمىن ئۈچۈن بىر-بىرىنى چىڭىتىپ تۇرغان پۇختا بىناغا ئوخشاشتۇر.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

   ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام راۋھا دېگەن جايدا بىر كارۋان بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، ئۇلاردىن «سىلەر كىم بولىسىلەر؟» دەپ سورىۋىدى. ئۇلار: بىز مۇسۇلمانلار بولىمىز دەپ جاۋاپ بېرىپ، سىز كىم؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن رەسۇلۇللاھ بولىمەن، دېدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر ئايال بىر كىچىك بالىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ: بۇ بالا ھەج قىلسا بولامدۇ؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بولىدۇ، سىزگە ئەجىر بېرىلىدۇ»، دېدى. [ئىمام بۇخارى رىۋايىتى]. مانا مۇشۇنداق ئۆزئارا تونۇشۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مېھرى-مۇھەببەت، بىر-بىرىگە كۆيۈنۈش، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ھاسىل بولىدۇ.

   11- كەچۈرۈش ۋە ئەپۇ قىلىش. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «ئەرەفات كۈنى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى دوزاختىن ئەڭ كۆپ ئازات قىلىدىغان كۈندۇر.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

   بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ ناھايىتى كەچۈرۈم قىلغۇچى، ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچى، بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىبان زات ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ كەچۈرۈم قىلىشىنى، ئەپۇ قىلىشىنى، رەھىم-شەپقەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن ھەربىر ھاجى بۇ ئۈمىدلىرىگە يېتىش ئۈچۈن ئەۋۋەل بىر-بىرىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، ئەپۇ قىلىدۇ، رەھىم-شەپقەت قىلىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام ئۈممىتىگە ئاللاھ تائالانىڭ باشقىلارنى كەچۈرگەنلەرنى كەچۈرىدىغانلىقىنى، باشقىلارغا رەھىم قىلغانلارغا رەھىم قىلىدىغانلىقىنى ئۈگەتكەن.

   12- پىداكارلىق. ھەرەم مەسجىتىگە كىرىپ، ئاللاھنىڭ بەيتىنى كۆرگەن ھەر قانداق ھاجى كۆز ئالدىدىكى بۇ ئۇلۇغ كەبىنى بىنا قىلغان ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملارنى، ئۇلارنىڭ پىداكارلىقلىرىنى ۋە كېيىن بۇ كەبىنى مۇشرىكلەرنىڭ قولىدىن ئازات قىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بۇتلارنى چېقىپ تاشلاپ، ئۇنى شېرك ئېتىقاتلارنىڭ كىرلىرىدىن پاكلىغان سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، ئۇ زاتنىڭ پىداكار ساھابىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ تەۋھىد، ھەقىقەت يولىدىكى پىداكارلىقلىرىنى ئەسكە ئالغاندا، ئۇلاردا پىداكارلىق روھلىرى جانلىنىشقا باشلىنىدۇ.

   13- تارىخىي ئەسلىمىلەردىن ئىمانىي دەرس ئېلىش. ھەربىر ھاجى ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن تارىخىي ئەسلىمىلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ھەربىر ھاجى ھەجگە يېتەرلىك زاد-راھىلە ئېلىش بىلەن ئاخىرەت زاد-راھىلىنى ئەسلەپ، رىياخورلۇق بىلەن ئەمەللىرىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىشىدىن ھەزەر ئەيلەيدىغان، ئاخىرەتكە ياخشى زاد-راھىلە تەييارلاشقا تىرىشىدىغان بولىدۇ. كېيم-كېچەكلىرىنى سېلىپ ئېھرامغا كىرىش جەريانىدا ئاللاھنىڭ ئالدىغا دۇنيا ئەھلىنىڭ كېيىملىرىگە ئوخشايدىغان كىيىملەر بىلەن ئەمەس بەلكى باي-كەمبەغەللىك پەرقلەنمەيدىغان كېپەنلىك كېيىپ بارىدىغانلىقىنى ئەسلەپ، ھەشەمەتلىك تۇرمۇشنىڭ كەينىدىن قوغلاشماي ئاددا-ساددا ياشايدىغان، داۋاملىق ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرىدىغان بولىدۇ. سافا-مەرۋە ئوتتۇرىسىدا سەئيى قىلىش جەريانىدا، ھاجەر ئانىنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدۋار بولۇپ، بۇ ئىككى تاغ ئوتتۇرىسىدا ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ يۈگۈرگەنلىكىنى، ئاخىرى ئۇنىڭ مۇرادى ھاسىل بولغانلىقىنى ئەسلەپ، ھەر قانداق ھاجەتلىرىنى ئاللاھدىن تىلەيدىغان ۋە ئۇمىدۋار ياشايدىغان بولىدۇ. شۇنىڭدەك، قىيامەت مەيدانىدا نامە-ئەمالىنىڭ قايسى تەرەپتىن بېرىلدىغانلىقىنى ئەسلەپ، ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىپ، ياخشى ئەمەللەر ئارقىلىق تارازىسىنى ئېغىرلىتىشقا تىرىشىدىغان بولىدۇ. ئەرەفاتتا تۇرۇش جەريانىدا قىيامەت ۋە مەھشەر مەيدانى قاتارلىقلارنى ئەسلەپ، بۇ كۈن ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىدىغان بولىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ھەربىر ھاجى زەمزەم ئىچكەندە ھاجەر ئانىنى، ئۇنىڭ: «نە ئادىمىزات، نە يېمەك-ئىچمەك يوق بۇ جىلغىغا مېنى بۇ بوۋىقىم بىلەن بىرگە قويۇپ كېتىش ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بولغان بولسا، ئاللاھ بىزنى ھەرگىز زايە قىلۋەتمەيدۇ!»، دېگەن ئۇنىڭدىكى كۈچلۈك ئىمانغا دالالەت قىلىدىغان سۆزىنى ئەسلەپ، ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى بەندىلەرنى ھەرگىز زايە قىلۋەتمەيدىغانلىقىغا ئىمانى مۇكەممەل بولىدۇ. ھەربىر ھاجى يەنە مىنادا تاش ئېتىش پائالىيىتى جەريانىدا ھاجەر ئانىنىڭ يەنە بىر قېتىم سىنىلىپ، ئىش-كۈشلىرىگە يارىغىدەك بولغان تۈنجى ئوغلىنى ئاللاھ يولىدا قۇربانلىق قىلىش ئەمرى كەلگەندە: «ئاللاھ يولىدا ھىلىغۇ بىر ئوغلۇمكەن، مىڭ ئوغلۇم بولسا بېرىشكە رازىمەن!» دېگەن ئۇنىڭدىكى ئىمانى كۈچ-قۇۋۋەتنى ئەسلەپ، ياخشى كۆرگەن نەرسىلىرىنى ئاللاھ يولىدا تەقدىم قىلالايدىغان ھەقىقى مۆمىنلاردىن بولۇشقا تىرىشىدۇ. ھەربىر ھاجى يەنە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسلامغا: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشقا (ئەمر قىلىنىپ) چۈشەپتىمەن (پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ھەقىقەتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ)، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟» دېگەن سوئالىغا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، ئاللاھ خالىسا (ئۇنىڭغا) مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن»، [سۈرە ساففات 102- ئايەت] دەپ جاۋاپ بەرگەن كۈچلۈك ئىرادە ۋە مۇستەھكەم ئىماننى ئەسلەپ، زۆرۈرىيىتى كەلگەندە ئاللاھ يولىدا جان ۋە مېلىنى ئايىمايدىغان ئىمانى كۈچلۈك مۆمىنلاردىن بولۇشقا تىرىشىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ھەربىر ھاجى ئۇلۇغ كەبىنى كۆرگەندە ۋە ئۇنى تاۋاپ قىلغاندا يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، نۇرغۇن سىناقلاردىن ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ئۇلۇغ كەبىنى بىنا قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئۇغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغ كەبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇۋېتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز بىزنىڭ (خىزمىتىمىزنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمىزنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمىزنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن. پەرۋەردىگارىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەجىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەن. پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، كىتابىڭنى (يەنى قۇرئاننى)، ھېكمەتنى (يەنى پاك سۈننەتنى) ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھلاردىن) پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن، ھەقىقەتەن سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن»، [سۈرە بەقەر 127-، 128-، 129- ئايەتلەر] دېگەن بۇ كەمتەرلىك بىلەن قىلغان دۇئالىرىنى ئەسلەپ، شۇلاردەك كەمتەرلىك بىلەن دۇئا قىلىپ، «ھاجى» بولغان سەۋەپلىك ئۆزلىرىدە كىبرى پەيدا بولۇپ قېلىشىغا يول قويمايدىغان بولىدۇ.

   ھەجنىڭ ھەربىر پائالىيەتلىرىدىن شۇ قەدەر ئىنچىكە ھېكمەتلەرنى يەكۈنلىيەلىگەن ھەربىر ھاجى ھەجنىڭ ھەقىقى لەززىتىنى تېتىيالايدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ: «كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنىي ۋە دۇنياۋىي) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن»، دېگەن مۇبارەك سۆزىدىكى مەنپەئەتلەردىن ئاز-تۇلا بەھرىلىنەيدۇ. شۇڭا ھەج ياكى ئۆمرە ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ھەربىر ھاجىنىڭ بۇ ئبادەتلەرنى مۇنداقلا ئادا قىلىپ قويماستىن بەلكى بۇ ئىبادەتلەرنى توغرا ۋە مۇكەممەل ئادا قىلىپ، «ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنىي ۋە دۇنياۋىي) مەنپەئەتلەر» دىن ئاز-تولا بەھرىلىنىش ئۈچۈن بۇ ئىبادەتلەرگە ئائىت ياخشى ماتىرياللارنى تېپىپ ئوقۇشى ياكى بۇ مەزمۇندا سۆزلەنگەن دەرس سورۇنلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ قاتنىشىشى ئىنتايىن مۇھىم.

   ئاللاھ تائالا ھەممىمىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن.