غەپلەتتىكى قەلبلەرگە

غەپلەتتىكى قەلبلەرگە
﷽
إنَّ الْحَمْدَ لِلهِ نَحْمَدُهُ وَنَسْتَعِينُهُ وَنَسْتَغْفِرُهُ، وَنَعُوذُ بِاللهِ مِنْ شُرُورِ أَنْفُسِنَا وَمِنْ سَيِّئَاتِ أَعْمَالِنَا، مَنْ يَهْدِهِ اللهُ فَلاَ مُضِلَّ لَهُ، وَمَنْ يُضْلِلْ فَلاَ هَادِىَ لَهُ، وَأَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ.
أوصيكم عباد الله، ونفسي أولاً بتقوى الله، ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِ وَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنْتُمْ مُسْلِمُونَ﴾
أَمَّا بَعْدُ: فَإِنَّ أَصْدَقَ الْحَدِيثِ كِتَابُ اللهِ، وَخَيْرَ الْهَدْيِ هَدْيُ مُحَمَّدٍ صلى الله عليه وآله وسلم، وَشَرَّ الأُمُورِ مُحْدَثَاتُهَا، وَكُلَّ مُحْدَثَةٍ بِدْعَةٌ، وَكُلَّ بِدْعَةٍ ضَلاَلَةٌ، وَكُلَّ ضَلاَلَةٍ فِى النَّار.
بارلىق ھەمدۇسانا پۈتۈن ئىنسانلارنى كېلىشىدە شەك بولمىغان قىيامەت كۈنىگە جەم قىلغۇچى، بەندىلەرنىڭ يوشۇرغان ۋە ئاشكارا بارلىق ئىشلىرىنى بىلگۈچى ۋە ئۇلاردىن ھېساب ئالغۇچى ئاللاھقا خاستۇر. بىز ئۇلۇغ رەببىمىزگە تەسبىھ ئېيتىمىز، تەۋبە قىلىمىز، مەغپىرەت ۋە ھىدايەت تىلەيمىز. گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يېگانىدۇر، شېرىكى يوقتۇر. ئۇ گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچى، تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى ۋە جازاسى قاتتىق زاتتۇر. يەنە گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر. ئۇ ئاللاھقا كۆپ يېلىنغۇچى، ئاللاھتىن ئەڭ بەك قورققۇچى ۋە ئەڭ كۆپ تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتقۇچى زاتتۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالاملىرى تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ رەھبىرى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ساداقەت بىلەن ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداش، توسقانلىرىدىن چەكلىنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش، تائەت-ئىبادەتلەرگە ئالدىراش بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىڭلار. ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سۇنۇق قەلب بىلەن كېلىڭلار؛ گۇناھلىرىڭلارغا تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىڭلاركى، ئاللاھنىڭ مەغپىرەت، ئەپۇ ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىڭلار، نېمەتلىرى بىلەن بەھرىمەن بولۇپ، نىجاتلىق تاپقۇچىلاردىن بولۇڭلار.
ھۆرمەتلىك مۇسـۇلمانلار!
ھەممىمىز تەۋبىگە، كەچۈرۈم قىلىنشقا ۋە رەھمەتكە موھتاج، بىزنى ئاللاھنى ئەسلىتىدىغان، قەلبىمىزنى يۇمشىتىدىغان ۋە رەببىمىزگە يېقىنلاشتۇرىدىغان ياخشى ئەمەللەرگە موھتاج. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ يَـٰعِبَادِىَ ٱلَّذِينَ أَسْرَفُوا۟ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا۟ مِن رَّحْمَةِ ٱللَّهِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ يَغْفِرُ ٱلذُّنُوبَ جَمِيعًا ۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلْغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ﴾ «(ئى پەيغەمبەر! گۇناھ قىلىۋېرىپ) ئۆزىگە ئۇۋال قىلغان بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (تەۋبە قىلغان كىشىلەرنىڭ) بارلىق گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.» - (سۈرە زۈمەر، 53 - ئايەت).
بۇ ئايەتتە رەببىمىز بىزگە شۈنچىلىك مېھرىبانلىق بىلەن خىتاب قىلىدۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ گۈزەللىكىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بولغىلى بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ «ئى بەندىلىرىم!» دېگەن سۆزىگە ۋە بۇ سۆزلەرنىڭ قەلبىمىزگە بېغىشلايدىغان ئۈمىد ۋە خاتىرجەملىككە بىر قاراڭلار! گۇناھلىرىڭلار ۋە خاتالىقلىرىڭلار قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىدىن ئۈمىد ئۈزمەڭلار. ئاللاھ تەرەپكە يۈزلىنىڭلار ۋە ئىستىغپار ئېيتىڭلار، ئاللاھ تائالا ئەپۇ قىلغۇچى ۋە مېھرىبان زاتتۇر، دەيدۇ.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
ھەممىمىز ئۆز گۇناھلىرىمىزنى، خاتا قىلمىشلىرىمىزنى بىلىمىز. شۇڭا بىز ئاللاھقا يۈزلىنىشىمىز، ئۇنىڭدىن ئەپۇ، مەغپىرەت ۋە ئامانلىق سورىشىمىز كېرەك. رەببىمىز مېھرىباندۇر، ئۇ بەندىسى تەۋبە قىلسا خۇشال بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: »ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ تەۋبىسىنى جىنى ھەلقىگە كەلمىگۈچە (يەنى جان تالىشىش باشلانغۇچە) قوبۇل قىلىدۇ « دېگەن.
دۇنياغا شۇنچىلىك بېرىلىپ كەتتۇقكى، خۇددى دۇنيادا ئۆلۈم يوقتەك، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىغا ھېساب بەرگىلى بارمايدىغاندەك غەپلەتتە ياشايمىز. ھەر كۈنى دېگۈدەك بىرلىرىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلايمىز؛ جىنازىلەرنى كۆرىمىز، يەنىلا ئىبرەت ئالمايمىز؛ غەپلەتتىن ئويغانماي، دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىلا ئويلايمىز. خۇددى بىز ئۆلمەيدىغاندەك، خۇددى ئۇ ئۆلگەنلەر بىر چاغلاردا بىزگە ئوخشاش تىرىك، ئارزۇ-ئارمانلىرى كۆپ كىشىلەر ئەمەستەك پەرۋاسىز ئۆتۈپ كېتىمىز. ۋەز-نەسىھەتلەرنى ئاڭلىساق، ئۇنى باشقىلار ئۈچۈن دەپ ئويلايمىز.
ھۆرمەتلىك مۇسـۇلمانلار!
دۇنيا ھاياتى قىسقا، كۈنلەر تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ، كېچىلەر چاقماقتەك غايىب بولىدۇ. بۇ دۇنيا بىزنى نامازلىرىمىزدىن، ئىبادەتلىرىمىزدىن توسۇپ قويىۋاتىدۇ. ئاللاھ تائالا بىزنى دۇنيانىڭ ئالداپ قويۇشىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنَّ وَعْدَ ٱللَّهِ حَقٌّ ۖ فَلَا تَغُرَّنَّكُمُ ٱلْحَيَوٰةُ ٱلدُّنْيَا﴾ «ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەلۋەتتە ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا ھاياتى ئالداپ قويمىسۇن،.» - (سۈرە فاتىر، 5 - ئايەت).
غەپلەتتىن ئويغىنايلى، تەۋبە ئىشىكى يېپىلىشتىن بۇرۇن تەۋبىگە ئالدىرايلى؛ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلەيلى. كىمكى تەۋبە قىلماي تۇرۇپ كۈننى ئۆتكۈزسە، ئۇ خەتەر ئۈستىدىدۇر. ئاللاھ تائالا تەۋبە دەرۋازىسىنى كەڭ ئېچىپ قويدى، ئۇ قايسى گۇناھنى قىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چىن قەلبىدىن تەۋبە قىلىپ كەلگەن ھەر قانداق كىشىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَن يَعْمَلْ سُوٓءًا أَوْ يَظْلِمْ نَفْسَهُۥ ثُمَّ يَسْتَغْفِرِ ٱللَّهَ يَجِدِ ٱللَّهَ غَفُورًا رَّحِيمًا﴾ «كىمكى بىرەر يامانلىق ياكى ئۆزىگە بىرەر زۇلۇم قىلىپ قويۇپ، ئاندىن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسە، ئۇ ئاللاھنىڭ بەكمۇ مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ.» - (سۈرە نىسا، 110 - ئايەت).
دۇنيا ئىشلىرىغا قانچىلىك بېرىلىپ كەتكەن بولايلى، ئىشلىرىمىز قانچە كۆپ، ئالاقە دائىرىلىرىمىز قانچىلىك كەڭ بولسۇن، دۇنيانىڭ جۇلاسى، زىننىتى ۋە گۈزەللىكى بىزنى قانچىلىك مەشغۇل قىلىۋالغان بولسۇن؛ شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈنى كۈچلۈككە كۈچ-قۇۋۋىتى پايدا بەرمەيدۇ، ئەقىللىقكە زېرەكلىكى ئەسقاتمايدۇ، بايغا مال-دۇنياسىدىن مەنپەئەت يەتمەيدۇ. ھەممىمىز ئۆز گۇناھلىرىمىزنى بىلىمىز، خاتالىقلىرىمىزدىن خەۋەردارمىز، شۇڭا بىز پەقەت ئاللاھقا يۈزلىنىشىمىز، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۆزىمىزنى تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇشىمىز، ھەمدە ئۇنىڭدىن ئەپۇ ۋە مەغپىرەت، كەچۈرۈم ۋە ئامانلىق، ياخشلىق ۋە ئېھسان تىلىشىمىز كېرەك. نۇرى بىلەن گۇناھ-مەئسىيەتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىنى يورۇتىدىغان تەۋبە تىلىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلساق، رەببىمىز تولىمۇ رەھىمدىل، بەكمۇ مەغپىرەت قىلغۇچى، كەرەملىك ۋە مېھرىباندۇر. ئۇ بەندىسى تەۋبە قىلىپ، ئۆزىگە يالۋۇرسا، ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ گۇناھلىرىدىنى كەچۈرىدۇ. ﴿ٱسْتَغْفِرُوا۟ رَبَّكُمْ إِنَّهُۥ كَانَ غَفَّارًا﴾ «رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.» - (سۈرە نۇھ، 10 - ئايەت).
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
ئويلاپ باقايلى: ئەگەر بىز تۇيۇقسىز دۇنيا ئالەمىدىن ئاخىرەت ئالەمىگە، بۇ ھاياتتىن قەبرە ۋە بەرزەخ ھاياتىغا كۆچۈپ كەتسەك قانداق بولار؟ سەۋەنلىكلىرىمىز ۋە كەمچىلىكلىرىمىز ھەققىدە رەببىمىزگە نېمە دەرمىز؟ بىز گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە چۈمگەن ھالەتتە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا قايسى يۈزىمىز بىلەن چىقارمىز؟ كەچۈرۈم سوراش، ئۆتۈنۈش پايدا بەرمەيدىغان، پۇشايمانلار ئەسقاتمايدىغان، نالە-پەريادلارنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدىغان شۇ كۈندە قانداقمۇ ئۆزىمىزنى ئاقلارمىز؟ شۇڭا مۇشۇ دۇنيادا تەۋبە قىلىپ ئاللاھ تائالادىن ئەپۇ-مەغپىرەت تەلەپ قىلىشىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَنِيبُوٓا۟ إِلَىٰ رَبِّكُمْ وَأَسْلِمُوا۟ لَهُۥ مِن قَبْلِ أَن يَأْتِيَكُمُ ٱلْعَذَابُ ثُمَّ لَا تُنصَرُونَ وَٱتَّبِعُوٓا۟ أَحْسَنَ مَآ أُنزِلَ إِلَيْكُم مِّن رَّبِّكُم مِّن قَبْلِ أَن يَأْتِيَكُمُ ٱلْعَذَابُ بَغْتَةً وَأَنتُمْ لَا تَشْعُرُونَ أَن تَقُولَ نَفْسٌ يَـٰحَسْرَتَىٰ عَلَىٰ مَا فَرَّطتُ فِى جَنۢبِ ٱللَّهِ وَإِن كُنتُ لَمِنَ ٱلسَّـٰخِرِينَ﴾ «سىلەرگە ئازاب كېلىپ، ياردەمگە ئېرىشەلمەي قېلىشتىن بۇرۇن رەببىڭلار تەرەپكە يۈزلىنىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار. سىلەر غەپلەتتە تۇرغاندا ئۇشتۇمتۇت ئازاب كېلىشتىن، «ۋاي ئېسىت! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا كەمچىلىك ئۆتكۈزۈپتىمەن، مەن راستتىنلا (ئاللاھنىڭ دىنىنى) مەسخىرە قىلغانلاردىن بولغان ئىكەنمەن» دەيدىغان كۈنگە قېلىشىدىن بۇرۇن ئۆزۈڭلارغا رەببىڭلار تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان (كىتابلارنىڭ) ئەڭ گۈزىلى (قۇرئان)غا ئەگىشىڭلار.» - (سۈرە زۈمەر، 54 -56- ئايەت).
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى تەۋبە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تالە مۇنداق دەيدۇ: - ئى ئادەم بالىسى! سەن ماڭا دۇئا قىلغان ۋە مەندىن ئۈمىد كۈتكەن ئىكەن سەن، مەيلى سەندە قانچىلىك گۇناھ بولمىسۇن، مەن ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىمەن ۋە گۇناھىڭنىڭ قانداقلىقىغا پەرۋا قىلمايمەن.
ئى ئادەم بالىسى! ئەگەر سېنىڭ گۇناھلىرىڭ ئاسماننىڭ بۇلۇتلىرىغا يەتكەن بولسىمۇ، ئاندىن مەندىن مەغپىرەت تىلىسەڭ، سېنى مەغپىرەت قىلىمەن ۋە بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايمەن..» (ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى).
ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلماسلىق ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَن لَّمْ يَتُبْ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّـٰلِمُونَ﴾ «كىمكى تەۋبە قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار زالىملاردۇر.» - (سۈرە ھۇجۇرات، 11 - ئايەت).
ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ گۇناھكارلار ئۈچۈن تەۋبە قىلىش، ھىدايەت تېپىش ۋە توغرا يولغا قايتىش يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى. بەلكى، ئاللاھ تائالا سەمىمىي تەۋبە قىلىشنى خالىغانلار ئۈچۈن تەۋبە ئىشىكىنى ئاخىرىغىچە ئېچىپ قويدى. رەھمەت ئۈمىد قىلىپ كەلگەن ھېچقانداق كىشى بۇ ئىشىكتىن قايتۇرۇلمايدۇ؛ گۇناھلىرى ۋە يامانلىقلىرى قانچىلىك ئېغىر ۋە كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پاناھ تىلەپ كەلگەن ھېچقانداق كىشىنىڭ يۈزىگە بۇ ئىشىك يېپىلمايدۇ.
ئاللاھ تائالا قۇرئان ۋە سۈننەتنى ھەممىمىزگە بەرىكەتلىك قىلسۇن، بىزنى قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى ئايەتلەر ھەم ھېكمەتلەر بىلەن مەنپەئەتلەندۈرسۇن.
أَلاَ إِنَّ أَحْسَنَ الْكَلاَمِ وَ أَبْلَغَ النِّظاَمِ • كَلاَمُ الله ِالْمَلِكِ الْعَزِيزِ الْعَلاَّمِ. كَماَ قَالَ الله ُتَباَرَكَ وَ تَعاَلَى فِي الْكَلاَمِ • وَ إِذاَ قُرِئَ الْقُرْآنُ فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَ أَنْصِتُوا لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ • أَعُوذُ بِاللهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ ... بِسْمِ اللهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ ... إِنَّ الدِّينَ عِنْدَ الله ِاْلإِسْلاَمُ ... صَدَقَ الله ُالْعَظِيمُ
وقال عليه الصلاة والسلام: "التائب من الذنب كمن لا ذنب له" أستغفر الله العظيم وأتوب إليه، وأسال الله لي ولكم التوفيق
ئىككىنچى خۇتبە
اَلْحَمْدُ لِلّٰهِ حَمْدَ الْكَامِلِينَ وَالصَّلاَةُ وَالسَّلاَمُ عَلٰى رَسُولِنَا مُحَمَّدٍنِ اْلْأَمِينِ وَ عَلٰى اٰلِهِ وَأَصْحَابِهِ أَجْمَعِينَ تَعْظِيمًا لِنَبِيِّهِ وَتَكْرِيمًا لِفَخَامَةِ شَانِ شَرَفِ صَفِيِّهِ
فَقَالَ عَزَّ وَجَلَّ مِنْ قَائِلٍ مُخْبِرًا وَ اٰمِرًا ﴿اِنَّ اللّٰهَ وَمَلَائِكَتَهُ يُصَلُّونَ عَلَى النَّبِيِّ يَا اَيُّهَا الَّذِينَ اٰمَنُوا صَلُّوا عَلَيْهِ وَسَلِّمُوا تَسْلِيمًا﴾
اَللّٰهُمَّ صَلِّ عَلٰى مُحَمَّدٍ وَعَلٰى اٰلِ مُحَمَّدٍ كَمَا صَلَّيْتَ عَلٰى اِبْرَاهِيمَ وَعَلٰى اٰلِ اِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ. اَللّٰهُمَّ بَارِكْ عَلٰى مُحَمَّدٍ وَعَلٰى اٰلِ مُحَمَّدٍ كَمَا بَارَكْتَ عَلٰى اِبْرَاهيمَ وَعَلٰى اٰلِ اِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ
ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! ئۆز قوللىرىمىز بىلەن قىلغان ناچار ئىشلىرىمىزدىن ۋە نەپسىمىز سادىر قىلغان گۇناھلاردىن سىلىگە سىغىنىپ تەۋبە قىلىمىز. بىز بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان بارلىق خاتالىقلىرىمىز ئۈچۈن سىلىدىن مەغپىرەت تىلەيمىز.
ئى ئۇلۇغ ئىگىمىز ئاللاھ! گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلسىلا، قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلسىلا ۋە كاپىرلارغا قارشى بىزگە نۇسرەت (غەلىبە) ئاتا قىلسىلا. ئى ئىگىمىز ئۇلۇغ ئاللاھ! بۇ دۇنيادىن ئۆتۈپ كەتكەن ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، قەۋم-قېرىنداشلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىپ، جايىنى جەننەتتە قىلسىلا. ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بالاچاقىلىرىمىزغا ئىنساپ، تەۋپىق، ھىدايەت، شەرمى ھايا ۋە گۈزەل ئەخلاق ئاتا قىلسىلا. ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا تائەت-ئىبادەتلەردىن مەھرۇم قىلىنغان مەزلۇم خەلقىمىزنى زالىم خىتايلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتقۇزسىلا. ۋەتىنىمىزنى ئازات قىلىپ، سىلىنىڭ سۆزلىرىنى ئۈستۈن قىلىش، دىنلىرىنى ھاكىم قىلىش ئۈچۈن، بىزگە ياردەم، نۈسرەت ئاتا قىلسىلا. ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلسىلا، كۇپرىنى ۋە كاپىرلارنى خار قىلسىلا، زالىملارنى ھالاك قىلسىلا. مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى زالىملارنىڭ زۇلمىدىن قۇتقۇزسىلا. ئامىين يا رەببەلئالەمىين.
اَللَّهُمَّ اغْفِرْ لِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَالْمُسْلِمِينَ وَالْمُسْلِمَاتِ اَلْأَحْيَاءِ مِنْهُمْ وَالْأمْوَاتِ بِرَحْمَتِكَ يَا أَرْحَمَ الرَّاحِمِينَ وَسَلَامٌ عَلَى الْمُرْسَلِينَ وَالْحَمْدُ للّٰهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
اِنَّ اللّٰهَ يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ وَالْاِحْسَانِ وَاِيتَائِ ذِي الْقُرْبٰى وَيَنْهٰى عَنِ الْفَحْشٓاءِ وَالْمُنْكَرِ وَالْبَغْيِ يَعِظُكُمْ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ



