ماقالىلار

زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى 10 كۈنىنى غەنىمەت بىلەيلى!

2026-05-14
A-
A+

زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى 10  كۈنىنى غەنىمەت بىلەيلى!

إنَّ الْحَمْدَ لِلهِ نَحْمَدُهُ وَنَسْتَعِينُهُ وَنَسْتَغْفِرُهُ، وَنَعُوذُ بِاللهِ مِنْ شُرُورِ أَنْفُسِنَا وَمِنْ سَيِّئَاتِ أَعْمَالِنَا، مَنْ يَهْدِهِ اللهُ فَلاَ مُضِلَّ لَهُ، وَمَنْ يُضْلِلْ فَلاَ هَادِىَ لَهُ، وَأَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ.

 أوصيكم عباد الله، ونفسي أولاً بتقوى الله، ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِ وَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنْتُمْ مُسْلِمُونَ

أَمَّا بَعْدُ: فَإِنَّ أَصْدَقَ الْحَدِيثِ كِتَابُ اللهِ، وَخَيْرَ الْهَدْيِ هَدْيُ مُحَمَّدٍ صلى الله عليه وآله وسلم،                       وَشَرَّ الأُمُورِ مُحْدَثَاتُهَا، وَكُلَّ مُحْدَثَةٍ بِدْعَةٌ، وَكُلَّ بِدْعَةٍ ضَلاَلَةٌ، وَكُلَّ ضَلاَلَةٍ فِى النَّار.

بارلىق ھەمدۇسانا بەندىلىرىگە رەھمەت دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، ئەجىر-ساۋابلىرىنى قاتمۇقات كۆپەيتىش ۋە قەلبلەردە ئۆزىگە بولغان ئىشتىياق ھەم تەۋبە تۇيغۇلىرىنى ئويغىتىش ئۈچۈن خەيرلىك پۇرسەتلەرنى ئاتا قىلغان رەببىمىز ئاللاھقا خاستۇر. بىز ئۇلۇغ رەببىمىزگە تەسبىھ ئېيتىمىز، تەۋبە قىلىمىز، مەغپىرەت ۋە ھىدايەت تىلەيمىز. گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يېگانىدۇر، شېرىكى يوقتۇر. يەنە گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر. ئۇ ئاللاھقا كۆپ يېلىنغۇچى ۋە كۆپ تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتقۇچى زاتتۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالاملىرى ئۈممىتىگە پەزىلەتلىك پۇرسەتلەرنى كۆرسىتىپ بەرگەن ھەمدە مۇشۇنداق مۇبارەك كۈنلەردىكى ئاللاھنىڭ رەھمەت شاماللىرىدىن غەنىيمەت بىلەن بەھرىمەن بولۇشقا دەۋەت قىلغان رەھبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ساداقەت بىلەن ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن.

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!

ئاللاھ تائالا بەزى كېچە ۋە كۈندۈزلەرنى پەزىلەتلىك قىلغاندۇر. كېچە ۋە كۈنلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق قىلىنىشى بىزنى ئۇلاردىكى ياخشىلىقلارنى غەنىيمەت بىلىشكە بىر چاقىرىقتۇر. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلار تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئۇنى قاچۇرۇپ قويغان كىشى زىيان تارتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نېمەتلەرنى غەنىيمەت بىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بەش نەرسە كېلىشتىن بۇرۇن بەش نەرسىنى غەنىيمەت بىلگىن: قېرىشتىن بۇرۇن ياشلىقىڭنى، كېسەل بولۇشتىن بۇرۇن سالامەتلىكىڭنى، كەمبەغەل بولۇشتىن بۇرۇن بايلىقىڭنى، ئالدىراش بولۇپ قېلىشتىن بۇرۇن بوش ۋاقتىڭنى ۋە ئۆلۈشتىن بۇرۇن ھاياتىڭنى غەنىمەت بىلگىن» (نەسائى رىۋايەت قىلغان).

ھۆرمەتلىك مۇسـۇلمانلار!

مانا بىز زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇۋاتىمىز. ئاللاھ تائالا بۇ كېچىلەر بىلەن قەسەم قىلىپ: ﴿وَٱلْفَجْرِ ۝ وَلَيَالٍ عَشْرٍ﴾ «تاڭ بىلەن قەسەم، (زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى بىلەن قەسەم» دېگەن. (سۈرە فەجر، 1-2-ئايەتلەر) زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنىڭ كۈندۈزلىرى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ كۈندۈزلىرىدىنمۇ ئەۋزەلدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دۇنيادىكى ئەڭ ئەۋزەل كۈنلەر زۇلھەججىنىڭ ئون كۈنىدۇر» دېگەن (ئىبنى ھىببان رىۋايەت قىلغان). بۇ كۈنلەرنىڭ پەزىلەتلىك بولۇشى ناماز، روزا، سەدىقە ۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ بۇ كۈنلەردە جەم بولغانلىقىدىندۇر. بۇ خىل جەملىنىش باشقا ۋاقىتلاردا تېپىلمايدۇ.

بۇ كۈنلەردە قىلىنغان ھەر قانداق سەمىمىي ئەمەل ئاللاھقا باشقا ۋاقىتلاردىكىدىن بەكرەك سۆيۈملۈكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مۇشۇ ئون كۈندە قىلىنغان ئەمەلدىن ئەۋزەلرەك ئەمەل يوقتۇر» دېگەندە، ساھابىلەر: «جىھادمۇ ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟» دەپ سوراشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جىھادمۇ ئەۋزەل ئەمەس، پەقەت جېنى ۋە مېلى بىلەن چىقىپ، ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ قايتۇرۇپ كېلەلمىگەن (شېھىت بولغان) كىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا» دەپ جاۋاب بەردى (بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئىبنى رەجەب رەھمەتۇللاھى ئەلەيھ مۇنداق دېگەن: «بۇ ھەدىس شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بۇ ئون كۈندە قىلىنغان ئەمەل ئاللاھقا يىلنىڭ باشقا كۈنلىرىدىكى ئەمەللەردىن بەكرەك سۆيۈملۈكتۇر». سەلەپ سالىھلار بۇ كۈنلەردە بارلىق كۈچى بىلەن ئىبادەت قىلاتتى.

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!

بۇ كۈنلەردە قىلىنىشى تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مۇشۇ ئون كۈندىن ئۇلۇغراق ۋە بۇ كۈنلەردىكى ئەمەلدىن سۆيۈملۈكرەك كۈن يوقتۇر. شۇڭا بۇ كۈنلەردە تەھلىل (لائىلاھە ئىللەللاھ)، تەكبىر (ئاللاھۇ ئەكبەر) ۋە تەھمىد (ئەلھەمدۇلىللاھ) نى كۆپ ئېيتىڭلار» دېگەن (ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: «بۇ ئون كۈندە زىكىرنى باشقا ۋاقىتلاردىكىدىن كۆپ قىلىش مۇستەھەبتۇر، بولۇپمۇ ئاراپات كۈنىدە تېخىمۇ كۆپ قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ». ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىشمۇ ئەڭ ئۇلۇغ زىكىردۇر، چۈنكى ئۇ ھىدايەت ۋە ئوچۇق نۇردۇر.

بۇ ئون كۈننىڭ دەسلىپىدىكى توققۇز كۈندە روزا تۇتۇش مۇستەھەبتۇر. ئىمام نەۋەۋى بۇنى «قاتتىق تەۋسىيە قىلىنغان مۇستەھەب» دېگەن. سەدىقە بېرىشمۇ بىر سالىھ ئەمەل بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن قىيىنچىلىقلار ئاسانلىشىدۇ ۋە غەم-قايغۇلار يوقىلىدۇ. سەدىقەنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئېھتىياج چۈشكەن ۋاقىتتا ۋە مۇشۇنداق شەرەپلىك زامانلاردا بېرىلگىنىدۇر.

بۇ كۈنلەردە ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك بولغان ئەمەللەرنىڭ بىرى تۆۋبە-ئىستىپارنى كۆپ قىلىشتۇر. تەۋبە-ئىستىپار نىجاتلىق ۋە سائادەتنىڭ سەۋەبىدۇر. كىم تەۋبىسىدە سەمىمىي بولسا، دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ ۋە ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ساۋابقا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَتُوبُوٓا۟ إِلَى ٱللَّهِ جَمِيعًا أَيُّهَ ٱلْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ﴾ «ئى مۇئمىنلەر! نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار.» - (سۈرە نۇر، 31 - ئايەت). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈنىگە يۈز قېتىم ئىستىغپار ئېيتاتتى ۋە: «ئى ئىنسانلار! ئاللاھقا كۆپ ئىستىغپار ئېيتىڭلار، مەن بىر كۈندە يۈز قېتىم ئىستىغپار ئېيتىمەن» دەيتتى (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). بىز بولساق تەۋبە-ئىستىغپارغا تېخىمۇ موھتاجمىز.

ھۆرمەتلىك مۇسـۇلمانلار!

زۇلھەججە ئېيىنىڭ بۇ ئون كۈنىدە ئىسلامنىڭ تۈۋرۈكلىرىدىن بىرى بولغان ھەج ئىبادىتى باردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلِلَّهِ عَلَى ٱلنَّاسِ حِجُّ ٱلْبَيْتِ مَنِ ٱسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًا﴾ «قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ كەئبىگە (كېلىپ) ھەج قىلىشى ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققىدۇر..» - (سۈرە ئال ئىمران، 97 - ئايەت). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە ھەجنى پەرز قىلدى، ھەج قىلىڭلار» دېگەن (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ھەج ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئەۋزەل ئەمەللەردىندۇر. قوبۇل بولغان ھەجنىڭ مۇكاپاتى جەننەتتۇر، ئۇ گۇناھلارنى يۇيۇپ تاشلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى گۇناھ-مەئسىيەت ۋە شەھۋانىي سۆزلەردىن ساقلانغان ھالدا ھەج قىلسا، ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈندىكىدەك پاك بولىدۇ» دېگەن (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

بۇ ئون كۈننىڭ توققۇزۇنچى كۈنى ئەرپات كۈنى بولۇپ، ئۇ كۈندە تۇتۇلغان روزا ئۆتكەن بىر يىللىق ۋە كېلەركى بىر يىللىق گۇناھلارنى يۇيىدۇ. ئاللاھ تائالا ئەرپات كۈنىدىكىدەك كۆپ بەندىسىنى دوزاختىن ئازاد قىلىدىغان باشقا بىر كۈن يوقتۇر.

بۇ كۈننىڭ ئونۇنچى كۈنى قۇربان ھېيت كۈنىدۇر. ئۇ ھەج ئىبادەتلىرىنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ۋە ئەڭ داغدۇغىلىق كۈنىدۇر. ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ كۈندۇر. بۇ كۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى ھېيتىنىڭ بىرى بولۇپ، شادلىق كۈنىدۇر. بۇ كۈندە قۇربى يېتىدىغان كىشىلەر خۇشاللىق ئىچىدە ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدۇ. قۇربانلىق قىلىش بولسا مالىي ۋە بەدەنىي بىر ئىبادەت بولۇپ، ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك ئەمەللەردىندۇر.

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!

بەختلىك كىشى ئايلار، كۈنلەر ۋە سائەتلەردىكى پۇرسەتلەرنى غەنىيمەت بىلىپ، ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەتلەر بىلەن يېقىنلاشقان كىشىدۇر. شۇنداق قىلغاندا، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت شاماللىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك بولىدۇ؛ دوزاختىن قۇتۇلۇپ، كەڭلىكى ئاسمان-زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿سَابِقُوٓا۟ إِلَىٰ مَغْفِرَةٍ مِّن رَّبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا كَعَرْضِ ٱلسَّمَآءِ وَٱلْأَرْضِ أُعِدَّتْ لِلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِ﴾ «رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىنى، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقانلارغا تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان _ زېمىندەك كېلىدىغان جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئالدىراڭلار..» - (سۈرە ھەدىد، 21 - ئايەت).

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!

گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئاللاھتىن يىراقلىشىشنىڭ سەۋەبىدۇر، تائەت-ئىبادەتلەر بولسا ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنىڭ سەۋەبىدۇر. گۇناھلار شەخس ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن بەختسىزلىك ئېلىپ كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَذَرُوا۟ ظَـٰهِرَ ٱلْإِثْمِ وَبَاطِنَهُۥٓ ۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَكْسِبُونَ ٱلْإِثْمَ سَيُجْزَوْنَ بِمَا كَانُوا۟ يَقْتَرِفُونَ﴾ «ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن گۇناھلارنى تاشلاڭلار، شەكسىزكى، گۇناھكارلار ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى چوقۇم تارتىدۇ.» - (سۈرە ئەنئام، 120 - ئايەت).

بۇ ئۇلۇغ كۈنلەردە سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشنىڭ ساۋابى قانچىلىك چوڭ بولسا، گۇناھ قىلىشنىڭ ۋابالىمۇ شۈنچىلىك ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا، دەرىجىلەر يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغان بۇ رەھمەت كۈنلىرىنى غەنىيمەت بىلىڭلار، ئاللاھنىڭ مەغپىرەت ۋە رەھمىتىگە توسالغۇ بولىدىغان گۇناھ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى بۇ ئۇلۇغ كۈنلەرنىڭ رەھمەت ۋە بەرىكىتىدىن بەھرىمەن بولغىلى نېسىپ قىلسۇن.

أَلاَ إِنَّ أَحْسَنَ الْكَلاَمِ وَ أَبْلَغَ النِّظاَمِ • كَلاَمُ الله ِالْمَلِكِ الْعَزِيزِ الْعَلاَّمِ. كَماَ قَالَ الله ُتَباَرَكَ وَ تَعاَلَى فِي الْكَلاَمِ • وَ إِذاَ قُرِئَ الْقُرْآنُ فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَ أَنْصِتُوا لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ • أَعُوذُ بِاللهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ ... بِسْمِ اللهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ ... إِنَّ الدِّينَ عِنْدَ الله ِاْلإِسْلاَمُ ... صَدَقَ الله ُالْعَظِيمُ

وقال عليه الصلاة والسلام: "التائب من الذنب كمن لا ذنب له" أستغفر الله العظيم وأتوب إليه، وأسال الله لي ولكم التوفيق


 

ئىككىنچى خۇتبە

 

 اَلْحَمْدُ لِلّٰهِ حَمْدَ الْكَامِلِينَ وَالصَّلاَةُ وَالسَّلاَمُ عَلٰى رَسُولِنَا مُحَمَّدٍنِ اْلْأَمِينِ وَ عَلٰى اٰلِهِ وَأَصْحَابِهِ أَجْمَعِينَ تَعْظِيمًا لِنَبِيِّهِ وَتَكْرِيمًا لِفَخَامَةِ شَانِ شَرَفِ صَفِيِّهِ

فَقَالَ عَزَّ وَجَلَّ مِنْ قَائِلٍ مُخْبِرًا وَ اٰمِرًا ﴿اِنَّ اللّٰهَ وَمَلَائِكَتَهُ يُصَلُّونَ عَلَى النَّبِيِّ يَا اَيُّهَا الَّذِينَ اٰمَنُوا صَلُّوا عَلَيْهِ وَسَلِّمُوا تَسْلِيمًا

اَللّٰهُمَّ صَلِّ عَلٰى مُحَمَّدٍ وَعَلٰى اٰلِ مُحَمَّدٍ كَمَا صَلَّيْتَ عَلٰى اِبْرَاهِيمَ وَعَلٰى اٰلِ اِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ. اَللّٰهُمَّ بَارِكْ عَلٰى مُحَمَّدٍ وَعَلٰى اٰلِ مُحَمَّدٍ كَمَا بَارَكْتَ عَلٰى اِبْرَاهيمَ وَعَلٰى اٰلِ اِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ

ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بىزنى ئۆزلىرىگە يېقىنلاشتۇرىدىغان سالىھ ئەمەللەر بىلەن بۇ پەزىلەتلىك كۈنلەرنىڭ غەنىيمىتىگە ئېرىشتۈرسىلە.

ئى رەببىمىز! بىزنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرگەندىن كېيىن، قەلبلىرىمىزنى ھەقتىن بۇرۇۋەتمىسىلە.

ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بىزنى دۇنيا ھاياتىدا ئىسلامدا مۇستەھكەم قىلىپ ئاخىرەتكە ئىمان بىلەن بارغىلى نېسىپ قىلسىلا. ئى ئاللاھ! بىزنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن پىتنىلەردىن ئۆز پاناھلىرىدا ساقلىسىلا.

ئى ئىگىمىز ئۇلۇغ ئاللاھ! بۇ دۇنيادىن ئۆتۈپ كەتكەن ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، قەۋم-قېرىنداشلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىپ، جايىنى جەننەتتە قىلسىلا. ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بالاچاقىلىرىمىزغا ئىنساپ، تەۋپىق، ھىدايەت، شەرمى ھايا ۋە گۈزەل ئەخلاق ئاتا قىلسىلا. ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا تائەت-ئىبادەتلەردىن مەھرۇم قىلىنغان مەزلۇم خەلقىمىزنى زالىم خىتايلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتقۇزسىلا. ۋەتىنىمىزنى ئازات قىلىپ، سىلىنىڭ سۆزلىرىنى ئۈستۈن قىلىش، دىنلىرىنى ھاكىم قىلىش ئۈچۈن، بىزگە ياردەم، نۈسرەت ئاتا قىلسىلا. ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلسىلا، كۇپرىنى ۋە كاپىرلارنى خار قىلسىلا، زالىملارنى ھالاك قىلسىلا. مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى زالىملارنىڭ زۇلمىدىن قۇتقۇزسىلا. ئامىين يا رەببەلئالەمىين.

اَللَّهُمَّ اغْفِرْ لِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَالْمُسْلِمِينَ وَالْمُسْلِمَاتِ اَلْأَحْيَاءِ مِنْهُمْ وَالْأمْوَاتِ بِرَحْمَتِكَ يَا أَرْحَمَ الرَّاحِمِينَ وَسَلَامٌ عَلَى الْمُرْسَلِينَ وَالْحَمْدُ للّٰهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ

اِنَّ اللّٰهَ يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ وَالْاِحْسَانِ وَاِيتَائِ ذِي الْقُرْبٰى وَيَنْهٰى عَنِ الْفَحْشٓاءِ وَالْمُنْكَرِ وَالْبَغْيِ يَعِظُكُمْ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ