دىنى مەسىلىلەر

ناخشا-مۇزىكا بىلەن كېسەل داۋالاش توغرىسىدا

0000-00-00
A-
A+

1005- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ئانامنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ پالەچ بولۇپ قالدى، بۇ سەۋەبلىك ئۇ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۈمىدسىزلىنىپ تولا يىغلايدۇ ۋە ئاسان چېچىلىدۇ، روھى كەيپىياتى ئىنتايىن تۆۋەن، ئەگەر ناخشا مۇزىكا ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىسى بولسا، ئانام ئىلگىرى ياخشى كۆرگەن كلاسسىك ناخشىلارنى مۇۋاپىق ۋاقىت ئىچىدە ئاڭلاتساق توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر جانابى ئاللاھقا خاستۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ھەر قانداق كېسەللىك ئۈچۈن ئۇنىڭ لايىقىدا شىپا بولىدىغان نەرسىلەرنى بىزلەرگە نېمەت قىلىپ بەردى. بۇ، ئىنسان جىسمانىي ۋە روھى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاندا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَنُنَزِّلُ مِنَ الْقُرْآنِ مَا هُوَ شِفَاءٌ وَرَحْمَةٌ لِّلْمُؤْمِنِينَ﴾ تەرجىمىسى: «بىز مۆمىنلەرگە (يەنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا) شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز.» [سۈرە ئىسرا 82-ئايەت].

    قۇرئان ھەدىستىكى نۇرغۇن دەلىللەر قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى بىلەن كېسەل داۋالاشنى ئىسپاتلايدۇ. شۇنىڭدەك، كېسەلگە رۇقىيە شەرئىييە ئوقۇش (يەنى سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان ئايەت ۋە دۇئالارنى ئوقۇپ كېسەلگە سۈپلەش ئارقىلىق داۋالاش) دىنىمىزدا يولغا قويۇلغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىگە، ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋە ساھابىلىرىغا رۇقىيە ئوقۇپ قويغانلىقى ھەدىسلەردە بايان قىلىنىدۇ.

     قۇرئان كەرىم ئارقىلىق كېسەل داۋالاش بولسا، مۇزىكا ئارقىلىق كېسەل داۋالاشتىن نەچچە ھەسسە ئۈنۈملۈك ۋە كۈچلۈكتۇر. چۈنكى بەزى بىمارلار مۇزىكا ئاڭلاش جەريانىدا تىنچلىنىپ، راھەتلەنگەندەك ھېس قىلسىمۇ بۇ ۋاقىتلىقدۇر. ئەمما قۇرئان كەرىمنى ئاڭلاشتا كېسەلنىڭ مەنىۋىيىتى كۆتۈرۈلۈپ، كەيپىياتى ياخشىلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن قۇرئان كەرىم جىسمانىي كېسەللەرگىمۇ شىپادۇر. ھازىرقى ۋاقىتتا بەزى پىسخىكا دوختۇرلىرى ۋە ئوپېراتسىيە دوختۇرلىرى بىمارلارنى قۇرئان كەرىمدىن بەزى ئايەتلەرنى تىلاۋەت قىلىشقا ياكى تىڭشاپ بېرىشكە تەۋسىيە قىلىدۇ.

     دىنىمىزدا ئاتا-ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ھاجىتىدىن چىقىش، بولۇپمۇ ئۇلار ياشىنىپ ۋە ئاغرىپ قالغاندا ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى كۈتۈش بولسا، ئىسلام دىنىمىزدا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن مۇھىم ئىبادەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئەمما ئۇلارغا ياخشىلىق  قىلدۇق دەپ، ئاللاھنى نارازى قىلىدىغان، ئاللاھ ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشلار ئارقىلىق ئۇلارنى خۇرسەن قىلساق توغرا بولمايدۇ. ئەگەر بۇ مەسىلىدە: ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش ئارقىلىق كېسەلنىڭ كۆڭلى ئارام تاپىدۇ دەپ قارالغان تەقدىردىمۇ، كېسەلنىڭ روھى كەيپىياتىغا تەسىر قىلغان نەرسە ناخشا-مۇزىكىنىڭ ئۆزى بولماستىن، مۇزىكىنىڭ چېلىنىش ياكى ناخشىنىڭ ئېيتىلىش جەريانىدا كېلىپ چىققان ئاۋاز دولقۇنلىرى ئىنساننىڭ مىڭىسىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىنى كېسەللىرىڭلارغا شىپا قىلىپ بەرمىدى.» [بۇخارى رىۋايىتى].

    يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئانىڭىزنىڭ كەيپىياتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ساغلام بولغان يوللار ئارقىلىق سەۋەپ قىلىشىڭىز لازىم. مەسىلەن: قورئان كەرىمنى ئاڭلىتىش، ۋەز نەسىھەتلەرنى  ئاڭلىتىش، ئەمەلىيەتتە مۇڭلۇق ئوقۇلغان قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ناخشا-مۇزىكىلاردىن نەچچە ھەسسە گۈزەل بولۇشتىن باشقا، ئىنسان قەلبىگە راھەت بېغىشلايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿الَّذِينَ آمَنُوا وَتَطْمَئِنُّ قُلُوبُهُم بِذِكْرِ اللَّـهِ أَلَا بِذِكْرِ اللَّـهِ تَطْمَئِنُّ الْقُلُوبُ﴾ تەرجىمىسى: (تەۋبە قىلغانلار) ئىمان ئېيتقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ، بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ.» [سۈرە رەئد 28-ئايەت].

    بۇ ئارقىلىق كېسەلنىڭ مەنىۋىيىتىگە تەسەللى بېرىلسە روھىي كەيپىياتى ياخشىلىنىدۇ، ھەمدە ساۋاب ھاسىل بولىدۇ ۋە يۇقىرىقى مەسىلىدە توغرا يول تۇتقان بولىسىز.

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش بەدىلىگە، مەخلۇققا ئىتائەت قىلىش يوق» دېگەن سۆزىگە ئاساسەن، ئانىڭىزنىڭ ئىسلامنى چۈشىنىشتىن ئىلگىرىكى ئاڭلايدىغان ناخشىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان تەقدىردىمۇ بۇ خىل تەلەپلەرنى ئورۇندىشىڭىز توغرا بولمايدۇ.

    مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ئاغرىپ قالغان چاغلىرىدا ئاخىرەتلىكىنى ئويلىشى، بولۇپمۇ ياشىنىپ قالغان ۋاقتىدا ئاخىرەتلىك ئۈچۈن بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشى مۇھىمدۇر. ئىنسان قايسى ھالەتتە دۇنيادىن كەتسە شۇنىڭغا قارىتا مۇئامىلە قېلىنىدۇ. شۇڭا مۇسۇلمان كىشى ئىمان بىلەن كېتىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىم. ئىمان بىلەن كېتىش، كىشىلىك تۇرمۇشتا قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ روھى بىلەن ياشاشنى مېتۇد قىلغاندا رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىدا ھېچ شۈبھى يوقتۇر.

    سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: سىز ياشىنىپ قالغان ئانىڭىزغا كۆپرەك قۇرئان تىلاۋەت تىڭشىتىڭ، ئەتتىگەنلىك-كەچلىك زىكىرلەرنى ئاڭلىتىڭ، ئىلىم، ئەخلاق-پەزىلەتكە، ئىمان ۋە سەبرىگە رىغبەتلەندۈرىدىغان، ئۆلۈمنى ئەسلىتىدىغان ئىسلامى نەشىدلەرنى ئاڭلىتىڭ، بۇ ئارقىلىق ئانىڭىزنىڭ مەنىۋىتىي ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن  يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، قەلبى نۇرلىنىپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن يىراق بولغۇسى. بۇ ئانىڭىزغا مۇزىكا قويۇپ بېرىپ كۆڭلىنى ۋەسۋەسىگە سالغاندىن ياخشىدۇر ۋە دۇنيا-ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.  

    ئاللاھ تائالا ئانىڭىزنىڭ كېسىلىگە شىپالىق بەرسۇن، ئۇنىڭغا خەيرلىك ئۆمۈرلەرنى ئاتا قىلىپ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە تائەت-ئىبادەتكە مۇيەسسەر قىلسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.               

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى پەتىۋا ھەيئىتى