ماقالىلار

ئەخلاق ۋە ئەخلاقىمىز

2026-09-02
A-
A+

ئەخلاق ۋە ئەخلاقىمىز

 

«مەن گۈزەل ئەخلاقنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم».

ــ ھەدىس شەرىف

جانابى ئاللاھ ئىنساننى توغرا بىلەن خاتانى، ياخشى بىلەن ياماننى، پاكىز بىلەن نىجىسنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ئالاھىدىلىك ھەم ساغلام تەبىئەت بىلەن ياراتقان. ئاللاھ تائالا ئىنسانغا ئۆز ئىرادىسى بىلەن ياخشىلىققا، توغرىغا ۋە پاكىزلىققا مايىل بولىدىغان؛ خاتالىق، يامانلىق ۋە پاسكىنىلىقتىن يىرگىنىدىغان ساغلام تەبىئەت، ياخشى خىسلەت ۋە قىممەتتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكلەرنى ئاتا قىلغان. ئىنسان بۇ خىسلەتلىرىنى قەدىرلەش ۋە ئۆزىگە سىڭدۈرۈشكە تىرىشىش ئارقىلىق گۈزەل خۇي – مىجەزگە ھەمدە ياراتقۇچىسى بىلەن، پۈتكۈل ئىنسانىيەت بىلەن، بارلىق مەخلۇقات ۋە مەۋجۇداتلار بىلەن بولغان ئالاقە – مۇناسىۋەتلەردە ساغلام ۋە گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولالايدۇ. جانابى ئاللاھ گۈزەل ئەخلاقنى ئىنسانلىقىمىزنىڭ خىسلىتى، زىننىتى ۋە ئالاھىدىلىكى قىلغان. ئۇنىڭ ئۈچۈن، گۈزەل ئەخلاق بىلەن ئىنسان بەزى پەرىشتىلەردىنمۇ يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە بولسا، ئەخلاقسىزلىق بىلەن ھايۋاندىنمۇ بەتتەر ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

ئىسلام ئەخلاقى نوقۇل پەلسەپىۋى چۈشەنچە ياكى كۈلتۈر نامايەندىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىنسان يارىتىلغاندا ئۇنىڭ پىترىتى ۋە تەبىئىتىگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئىلاھىي نۇر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مۇكاپات ياكى جازاسى بولغان ئىلاھىي پەرمان ۋە ئىلاھىي ۋەھىي بىلەن شەكىللەنگەن مۇئەييەن بىر ھاياتلىق پىرىنسىپىدۇر. ئىسلام دىنىدا گۈزەل ئەخلاق مۇسۇلماننىڭ ئىمانىنىڭ مېۋىسى دەپ قارالغان بولۇپ، ئىمان، ئەمەل، ئىبادەت ۋە ئەخلاق بىر - بىرىگە چەمبەرچاس باغلانغان. كىشى ئۆزىنىڭ ئەقلى، ئىلمى ۋە ئەركىن ئىرادىسى ئاساسىدا ئەخلاقىي پوزىتسىيەسى ۋە ھەرىكىتى بىلەن ئاللاھنىڭ ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

ئىسلام ئەخلاقى ـ تەۋھىد، دۇرۇسلۇق، سەمىمىيەت، ئادالەت، ئىشەنچ، ئىپپەت ۋە مەرھەمەتكە ئوخشاش ساغلام پىترەت ۋە گۈزەل خىسلەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئىسلام بۇلارنى ھەقىقىي مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ئۆلچىمى قىلغان. ئىسلام دىنى بۇنىڭ ئەكسىچە، شېرىك، يالغانچىلىق، رىياكارلىق، ئادالەتسىزلىك، خىيانەت ۋە زۇلۇم كەبى قەبىھ، ناچار ئىللەتلەرنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدۇ ھەم قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. ئىسلام دىنى ئەخلاقسىز قىلمىشلاردىن ھايا قىلىشنى، كىشىلەردىن خېجىل بولۇشنى ئىماننىڭ يېرىمى دەپ قارايدۇ، يالغانچىلىق ۋە خىيانەتكارلىقلاردىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلار كىشىنىڭ ئىمانىنى ۋە دىنىنى يوقىتىدۇ.

ئىسلام دىنىدا ئەخلاق پىرىنسىپلىرىنىڭ ئاساسىي مەنبەسى قۇرئان ۋە سۈننەت بولۇپ، قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئاساسلانغاندا ھەربىر پەيغەمبەر ئەخلاق ئۈلگىسى، نەمۇنىلىك كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ تەلىماتىغا قارىغاندا، پەيغەمبەرلەر پەقەت ئىنسانلارغا ئىسلام دىنىنىڭ ئېتىقاد سىستېمىسىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتنى ئۆزلىرىنىڭ تۇغما ئالاھىدىلىكى ۋە ئادىمىي خىسلىتىنى ساقلاپ قېلىشى ھەمدە ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئەخلاق ئابىدىلىرىدۇر. شۇڭا، پەيغەمبەرلەرنىڭ تارىخى ئىنسانىيەت تارىخىدا گۈزەل ئەخلاق بەرپا قىلىش؛ شېرىك، زۇلۇم، خۇراپاتلىق ۋە ئىستىبداتلىققا قارشى ۋەھدانىيەت، ئادالەت، ھەققانىيەت ۋە ھۆرلۈكنى ئومۇملاشتۇرۇش تارىخىدۇر. مەسىلەن:

نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمىنى ئۇزۇن يىللار تەۋھىد ۋە ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۆز قەۋمىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، ئائىلىسىنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ھېچقاچان ئىرادە ۋە غەيرىتىنى يوقاتمىغان. قۇرئان كەرىمگە ئاساسلانغاندا، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبلىغ ۋە دەۋىتى تەخمىنەن 950 يىل داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇ ئۆز قەۋمىنىڭ ئاللاھقا ئىشەنمەسلىكتىن ئىبارەت كۇپۇرلۇق، زۇلۇم، سەركەشلىك، ھەر تۈرلۈك ئەخلاقسىزلىق ۋە جاھالىتىگە قارىتا چىدامچانلىقىنى، ئىرادىسىنى يوقاتماي، پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان. نۇھ ئەلەيھىسسالام بۇ جەھەتتىن ھەقىقەتنى يەتكۈزۈش، تەتبىقلاش ۋە قوغداشتىكى سەۋرچانلىقنىڭ ۋە قەيسەرلىكنىڭ سىمۋولى بولغان.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇتپەرەسلىك ۋە زۇلۇم ئەۋج ئالغان، ھاكىمىيەت تەرىپىدىن قوغدالغان بىر جەمئىيەتتە تەۋھىد ئېتىقادىنى قوغدىغان ھەمدە ئۆزى يالغۇز تەۋھىد ۋە ھەققانىيەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەن. ئۇ ئىمانىنى قوغداش ۋە تەۋھىد دىنى بولغان ئىسلامنى پۈتكۈل ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ھەم جەمئىيەتتىكى بۇتپەرەسلىك، شېرىك، زۇلۇم ۋە خۇراپاتلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىگەن. ئۇ دەۋەتنى دەسلەپتە ئۆز ئائىلىسى ۋە تۇغقانلىرىنىڭ كىرىم مەنبەسى بولغان ھەيكەل ۋە بۇتلارنى چېقىش بىلەن باشلىغان. ئۇنىڭ ھەر تۈرلۈك ماددىي مەنپەئەتلەرنى، ئائىلە ۋە ئۇرۇق – تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، ئەقىل ۋە ھېكمەت بىلەن ئاتا – ئانىسى ۋە مىللىتى ئېتىقاد قىلىۋاتقان بۇتپەرەسلىككە قارشى چىقىشى، ئۇلارنى ئويغىتىش ئۈچۈن ئۇلار چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان بۇتلارنى ۋەيران قىلىشى ۋە خەلقنى ئەقلىنى ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىشى، ھەتتا ئۆلۈمدىنمۇ قورقماي زالىم نەمرۇدقا قارشى ھەقىقەتنى قوغدىشى ۋە ئوتقا تاشلىنىش خەۋپىگە قارىماي، ئاللاھقا بولغان ئىمانىدىكى ساداقەت ۋە سەمىمىيىتى ھەمدە ئاللاھقا قەتئىي بويسۇنۇشتىن ئىبارەت جاسارىتى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىمان ۋە سەمىمىيەتنىڭ سىمۋولى بولغان.

يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى قۇرئاندا ئەڭ تەپسىلىي بايان قىلىنغان قىسسەلەردىن بىرى. ئۇ قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن قۇدۇققا تاشلىنىش، قۇللۇققا سېتىۋېتىلىش ۋە ناھەق زىندانغا تاشلىنىش قاتارلىق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئىزچىل ئەخلاقىنى ساقلاپ كەلگەن. قۇلى بولۇپ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خوجايىنىنىڭ ئايالىنىڭ شەھۋانىي تەلىپىگە قارشى ئىپپىتىنى ۋە پاكلىقىنى ساقلاپ، خوجايىنىغا خىيانەت قىلمىغانلىقى؛ ۋەزىرلىك ماقامىغا ئېرىشىپ، پۈتۈن ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە بولغان ۋاقىتتىمۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان قېرىنداشلىرىنى كەچۈرگەنلىكى ئۇنىڭ شەرم – ھايا، ئىپپەت – نومۇس ۋە ئەپۇچانلىقتىن ئىبارەت ئەخلاقىي پەزىلىتىنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلىرىدۇر.

 مۇسا ئەلەيھىسسالام كىچىكلىكىدىن ئېتىبارەن پىرئەۋننىڭ ھىمايىسىدە چوڭ بولغان ۋە شۇنچىۋالا سەلتەنەت ئىگىسى بولسىمۇ، ئاللاھقا بولغان ئىمانى ئۇنى ئادالەت ۋە ھەققانىيەتتە مۇستەھكەم تۇرۇشقا يېتەكلىگەن. مۇسا ئەلەيھىسسالام خۇدالىق دەۋاسى قىلغان مىسىر پادىشاھى پىرئەۋننىڭ زومىگەرلىكىگە ۋە زۇلمىغا قارشى ئۆز مىللىتىنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش كۈرىشى بىلەن تونۇلغان. ئۇنىڭ ئىسرائىل خەلقىنى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا قەۋمىنىڭ ناچار خاھىشلىرىغا قارشى سەۋر ۋە ھېكمەت بىلەن قىلغان كۈرىشى، ھەرقانداق ئەھۋالدىمۇ ئۆزىنىڭ ئېتىقاد ۋە ئىمانىي قىممەت قاراشلىرىدىن ۋاز كەچمەسلىكتىن ئىبارەت مۇئمىنلىك خىسلىتى، ھەر خىل قىيىنچىلىقلار ئالدىدا ئادالەت ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن قىلغان كۈرىشى ئۇنى زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ ۋە ئادالەتنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇرغان.

ئەييۇب ئەلەيھىسسالام ئۇزۇن مەزگىل كېسەللىك، ئائىلە ۋە پەرزەنت ھەسرىتى قاتارلىق ھەر خىل قىيىنچىلىقلار بىلەن سىنالغان. شۇنداقتىمۇ، ھەرگىز ئاللاھقا بولغان ساداقىتىنى يوقاتماي، سەۋرچانلىقىنى ساقلىغان. بۇ جەھەتتىن ئەييۇب ئەلەيھىسسالام سەۋرچانلىق ۋە ئاللاھقا تايىنىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نەمۇنىلىرىدىن بىرى دەپ قارىلىدۇ.

شۇنىڭدەك، يەئقۇب ئەلەيھىسسالام بىر ئۆمۈر پەرزەنت ھەسرىتى بىلەن سەۋر - تاقەتنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان بولسا، زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمى ۋە خەلقىنى ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش ئارقىلىق يەھۇدىي پوپلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىرقچىلىق، ھەسەتخورلۇق ۋە ھىيلە - مىكىرلىرىگە قارشى سەۋرچانلىق ۋە ھوشيارلىقنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان؛ ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمى تەرىپىدىن رەت قىلىنىش ۋە ئۆلتۈرۈلۈشكىمۇ پىسەنت قىلماي، تەۋھىد ۋە ھەققانىيەتتىن ئەسلا ۋاز كەچمەي، قەيسەر ئىرادىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان.

دېمەك، ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۆتكەن بارلىق پەيغەمبەرلەر ئۆز ۋاقتىدا، ئۆز جەمئىيىتىدە ئېتىقادىي، ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي قاتارلىق ھەر خىل ساھەلەردە ئۆز رولىنى ئىنتايىن مۇكەممەل رەۋىشتە جارى قىلدۇرۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئەخلاق ئۈلگىسى بولغان.

ئىسلام ئېتىقادىغا ئاساسەن، پەيغەمبەرلىك زەنجىرى ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن تاماملىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى تەكشۈرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ ھاياتىدا ئالدىنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسىنى كۆرىمىز. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھاياتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ھەر دائىم پاك قەلب، ئاللاھقا بولغان سەمىمىي ئىمان، راستچىللىق، رەھىمدىللىك، كەچۈرۈمچانلىق، ئاددىي - ساددىلىق، كەمتەرلىك ۋە ئادالەت قاتارلىق پەزىلەتلەر بىلەن مۇكەممەل ئۈلگە بولغان. مەككىدە ئۆز قەۋمى تەرىپىدىن شۇنچە كۆپ زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، پۇرسەت كەلگەندە ئۇلاردىن ئۆچ ئالماستىن، دۈشمەنلىرىنى كەچۈرۈشى ھەمدە مەدىنىدىكى بارلىق پۇقرالارنىڭ مىللىتى ۋە دىنى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە ئىززەت - شەرىپى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئادىل بىر جەمئىيەت بەرپا قىلغانلىقى ئۇنىڭ ئەخلاقىنىڭ ئومۇمىي تەبىئىتىنى نامايان قىلىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن گۈزەل ئەخلاقنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم» دېگەن سۆزى ئارقىلىق ئەسلىي ۋەزىپىسىنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىن مۇكەممەل بىر ئەخلاق ئابىدىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. شۇڭا، جانابى ئاللاھ ئۆزىگە ئىمان ئېيتقان بارلىق مۇسۇلمانلارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە، ھەربىر ئىش - ھەرىكىتىدە ئۇنى ئۈلگە قىلىشقا بۇيرۇغان. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدىكى: «(ئى پەيغەمبەر!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن»؛ «پەقەت ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرىدىغان، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلىدىغان (ئىشىنىدىغان) ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، ھەقىقەتەن رەسۇلۇللاھتا (يەنى ئۇنىڭ گەپ - سۆزلىرى ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىدە) سىلەرگە ياخشى ئۈلگە بار» دېگەن ئەمرى ئارقىلىق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى بولغان بارلىق مۇئمىن - مۇسۇلمانلارنى ئېتىقاد، ئىبادەت، ئەخلاق ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، ئائىلە ۋە ئىقتىسادىي مۇئامىلە، قىسقىسى، بارلىق ساھەدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆرنەك قىلىشقا چاقىرغان. شۇڭا، ئىسلام دىنىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەخلاق - پەزىلەتنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ئۈلگىسى دەپ قارىلىدۇ.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جانابى ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا پەقەت ئىلاھىي ۋەھىينى يەتكۈزىدىغان بىر ئەلچى بولۇپلا قالماي، ھەربىر ۋەھىينى ھەم سۆزى، ھەم ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە تەتبىقاتى ئارقىلىق ئىنسانلارغا يەتكۈزگۈچى بىر پەيغەمبەر ۋە بىر ئەخلاق نەمۇنىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن ئىلاھىي ۋەھىينىڭ 23 يىل داۋام قىلىشىدىكى ھېكمەت ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىدا ۋەھىينىڭ بىرىنچى ئوبيېكتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرىنى تەتبىقلاپ، ئۈممىتىگە ئەمەلىي ئۈلگە بولۇشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ كىشىلىك خاراكتېرى، پاكىزلىقى ۋە لاتاپىتى، ياراتقۇچىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئائىلە ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، قوشنىدارچىلىق ۋە ھەقەمسايىلىق مۇناسىۋىتى، باشقا ئىنسانلار بىلەن بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرى، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرى، قىسقىسى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئالاقىدار ھەربىر سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتتە ئەڭ گۈزەل ئۆرنەك بولغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە ئەگەشكەن ساھابىلىرىگە ھەر ساھەدە ئۆرنەك بولغان ھەم ئۇلارنى ئۆزىنىڭ كۆزى ئالدىدا ئەڭ گۈزەل ئەخلاق تەربىيەسى بىلەن يېتىشتۈرگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ساھابە كىراملاردىن ھەربىرى ئۆزى ياشىغان مۇھىت ۋە جەمئىيەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلغان ئاساستا، ئەڭ گۈزەل ئەخلاق ئابىدىسى بولۇشقا تىرىشىپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا مۇكەممەل ئۈلگە يارىتىپ بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەخلاقىي نەمۇنىلىكى ھەر ئەسىردە ياشىغان مۇجتەھىدلەر، ئۆلىمالار، ئەدىبلەر، تەسەۋۋۇپچىلار، پەيلاسوپلار، تىجارەتچىلەر، زىرائەتچىلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كەسىپ ئىگىلىرى بولغان تەقۋادار مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ، قانچىلىغان ئەسىرلەر مابەينىدە پۈتۈن مۇسۇلمان جەمئىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەخلاقى ئۇلارنىڭ يەككە ۋە كوللېكتىپ ھاياتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسىغا ئايلانغان.

شەرقىي تۈركىستان خەلقى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ئۆتمۈشى ۋە جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى ئاساسىدا شەكىللەنگەن دىن، ئۆرپ – ئادەت ۋە ئەنئەنىسىنى، مىجەز - خۇلقلىرىنى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىش بىلەن پاك ئىسلام دىنىغا ۋە ئىسلام ئەخلاقىغا ماس ھالەتكە كەلتۈرگەن؛ يەنى ئۇيغۇرلار شېرىك ۋە باتىل دىننى تەرك ئېتىپ، ئاللاھ رازى بولغان، پاك ھەم ئەڭ ساغلام ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان؛ ئۆرپ – ئادەت ۋە ئەنئەنىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، ئىسلامىي تۈسكە كىرگۈزۈپ، شۇ بويىچە ئۆزلەشتۈرگەن. بىز يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق ئەسىرىدە، مەھمۇد قەشقەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە، ئەھمەد يۈكنەكىينىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقائىق» ناملىق ئەسەرىدە، تەجەللى ھەزرىتىم، ئابدۇقادىر داموللام ۋە ئابدۇلھېكىم مەخسۇم ھاجىم قاتارلىق ئۇستازلىرىمىزنىڭ ھاياتىدا بۇ ھەقىقەتنى كۆرۈۋالالايمىز. ئەجدادىمىزدىن بىزگىچە كەلگەن ئېسىل ئۆرپ – ئادەت ۋە ئەنئەنىمىز، خەلقىمىزنىڭ گۈزەل خىسلەتلىرىنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلغان ئىسلام ئەخلاقى ۋە پەزىلىتىدۇر.

ـ دوكتور ئالىمجان بۇغدا