رامىزان

خەيرلىك ئىشلار مەۋسىمىنى غەنىمەت بىلىش

2020-04-21
A-
A+

 خەيرلىك ئىشلار مەۋسىمىنى غەنىمەت بىلىش

د. مەجدىي ھىلالى

 ئىمام ھافىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا ئايلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن پەزىلەتتە ئارتۇق قىلغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ (قەمەرى) ئايلارنىڭ سانى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (يەنى، لەۋھۇلمەھپۇزدا) 12 دۇر، ئۇلاردىن تۆتى (يەنى، زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم، رەجەپ) ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلاردۇر، بۇ توغرا دىندۇر (يەنى، مەزكۇر تۆت ئايدا ئۇرۇشنىڭ ھارام قىلىنىشى ئاللاھنىڭ توغرا دىنىدۇر)، بۇ ئايلاردا (ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن) ئۆزۈڭلارغا زىيان سالماڭلار!»[1]

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ھەج ۋاقتى مەلۇم بىرقانچە ئايدۇر (يەنى، شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئون كۈنىدۇر).»[2]

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «رامزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى.»[3]

 خۇددى شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا يەنە كۈنلەر ۋە كېچىلەرنىڭ بەزىلىرىنى بەزىسىدىن ئەۋزەل قىلغان. مەسىلەن، قەدىر كېچىسىنى مىڭ ئايدىن ئەۋزەل قىلغان. سەھىھ رىۋايەتكە بىنائەن زۇلھەججىنىڭ ئون كۈنى بىلەن قەسەم قىلدى.

 ئاللاھ تائالا يەنە ھەر بىر پەزىلەتلىك مەۋسىمدە ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان بىر قاتار تائەت-ئىبادەتلەرنى تەيىن قىلغان. ئاللاھنىڭ بۇ مەۋسىملەردە شۇنداق بىر رەھمەت شاماللىرى بولىدۇكى، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆز پەزلى ۋە مەرھىمىتى بىلەن خالىغان بەندىسىگە ئۇدۇللاپ بېرىدۇ. سائادەت ئەھلى بولغانلار مانا بۇ پەزىلەتلىك ئايلارنى، كۈنلەرنى ۋە ۋاقىتلارنى غەنىمەت بىلىپ، بۇ مەۋسىملەردە تېگىشلىك ئىبادەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىن بولىدۇ. بەلكىم ئۇلار ئاشۇنداق پۇرسەتلەردە، ئاللاھنىڭ ئاشۇ رەھمەت شاماللىرىدىن نېسىۋىلىرىنى ئېلىشى ۋە بۇ ئارقىلىق دوزاخ ئوتى ۋە ئۇنىڭدىكى ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن ئامان قېلىپ، ئەبەدى سائەدەتكە ئېرىشىشى مۇمكىن.[4]

 مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «رەببىڭلارنىڭ شۇنداق كۈنلىرى باركى، ئۇ كۈندە ئۇنىڭ رەھمەت شاماللىرى بولىدۇ. سىلەر ئۇ رەھمەت شاماللىرىغا يۈزلىنىڭلار! بەلكىم، ئۇ شاماللار سىلەرگە يېتىپ قىلىشىى، شۇ ئارقىلىق ئەبەدى بەخىتسىز بولماسلىقىڭلار مۇمكىن.»[5] شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان بۇ پەزىلەتلىك مەۋسىملەرنى غەنىمەت بىلىشى ۋە بۇ مەۋسىملەردە غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى زۆرۈر.

بۇ يەردە يەنە بىر كېچە-كۈندۈز ئېچىدىمۇ پەزىلەتلىك ۋاقىتلار بار بولۇپ، ئالىملار بۇ ۋاقىتلارنىڭ شەرىپىنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن ئۇلارنى «ئاللاھقا يۈزلىنىش ۋاقىتلىرى» دەپ ئاتىغان ئىدى. بۇ يەردە يەنە جۈمە كۈنىگە ئوخشاش ئالاھىدە پەزىلەتلىك كۈنمۇ بار. رامزان ئايلىرىمۇ باشقا ئايلارغا قارىغاندا ئەۋزەلدۇر.



[1] (تەۋبە سۈرىسى 36–ئايەت)

[2] (بەقەرە سۈرىسى 197–ئايەت)

[3] (بەقەرە سۈرىسى 185–ئايەت)

[4] ("لەتائىفۇل مىنەن"-ئىبنى رەجەب ھەنبەلىي)

[5] (ئىمام تەبەرانىي رىۋايەت قىلغان)