ئاللاھنىڭ تەدبىرىگە بولغان ئىشەنچ -ھەقىقىي سائادەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر

ئاللاھنىڭ تەدبىرىگە بولغان ئىشەنچ -ھەقىقىي سائادەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر
﷽
بىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغان، بېشىمىزغا كەلگەن بالا-مۇسىبەت، زىيان-زەخمەتلەرنى كۆتۈرۋېتىدىغان ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئاللاھنىڭ سان-ساناقسىز نېمەتلىرىگە ۋە بېشىمىزغا كەلگەن ياخشى سىناقلىرىغا شۈكۈر ئېيتىمىز. ئۇ زىياننى كۆتۈرۈۋەتكۈچىدۇر، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر، كېسەللەرگە شىپا بەرگۈچىدۇر ۋە گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالاملىرى شۈكۈر قىلغۇچىلارنىڭ يېتەكچىسى، سەۋر قىلغۇچىلارنىڭ پىشىۋاسى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ساداقەت بىلەن ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئايالى ھاجەر ۋە ئىمىۋاتقان بالىسى ئىسمائىلنى ئۇزۇن سەپەردىن كېيىن، نە ئىنسان، نە سۇ، نە ئۆسۈملۈك ھېچنەرسە يوق، قاقاس، قاتتىق ئىسسىق، ھېچقانداق ھاياتلىق نىشانىسى يوق بىر يەرگە تاشلاپ قويۇپ، قايتقان ۋاقتىدا، ئايالى ھاجەر ئۇنىڭدىن: «بۇنى ساڭا ئاللاھ بۇيرۇدىمۇ؟» دەپ سورىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: «ھەئە» دېدى. ھاجەر ئانىمىز: «ئۇنداق بولسا، ئاللاھ بىزنى ھەرگىز زايە قىلىۋەتمەيدۇ» دېدى. دەرۋەقە ئاللاھ ئۇلارنى زايە قىلمىدى، ئۇ يەرنى قىيامەت كۈنىگىچە ھەج قىلىنىدىغان شەھەرگە ئايلاندۇردى، ھاجەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ھەج ئىبادىتىنىڭ بىر پارچىسى قىلىپ، ئەسلىنىپ تۇرىدىغان قىلدى.
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ئوغۇل بالىلارنى قىرغىن قىلىدىغان زالىم پىرئەۋننىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن ئەنسىرىگەندە، ئاللاھ بوۋاقنى ساندۇققا سېلىپ، دەرياغا تاشلاشنى بۇيرىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى دەرياغا تاشلىدى. دەريا دولقۇنلىرى بوۋاقنى دەل ئۇ ئۆزى قورققان كىشىنىڭ (پىرئەۋننىڭ) سارىغا ئېلىپ باردى. بوۋاقنى پىرئەۋن بېقىپ چوڭ قىلدى. بۇ بالا پىرئەۋننىڭ تەختىنى ۋەيران قىلىدىغان پەيغەمبەر بولدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىب بىلەن ئايالى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىر يىلدا ۋاپات بولدى؛ ئۇ سەجدىدە تۇرغاندا ئۈستىگە تۆگىنىڭ ئىچ-قېرىنلىرى تاشلاندى؛ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يۇرتى مەككىدىن چىقىرىۋېتىلدى؛ ئەمما، بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، ئۆزىگە ئەزىيەت قىلغان كىشىلەرنىڭ ئالدىغا غەلىبە قىلغۇچى، ئەزىز ۋە ئالىيجاناب بىر يوسۇندا قايتىپ كېلىپ مەككىنى قولىغا ئالدى. ئاللاھ تائالانىڭ تەدبىرى مانا مۇشۇنداقتۇر.
ھۆرمەتلىك مۇسـۇلمانلار!
ئاللاھنىڭ تەدبىرىگە ئىشەنچ قىلىش نېمىدېگەن ياخشى! ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە رازى بولۇش نېمىدېگەن ئاجايىپ بىر مەرتىۋە! بىز بۇ ئىمانىي مەنىلەرنى كۈچەيتىشكە نېمىدېگەن موھتاج!
پەرۋەردىگارىمىزغا بولغان جەزمى ئىشەنچىمىز شۇكى، ياخشىلىق دەل ئاللاھ تاللىغان ئىشتىدۇر. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە مۇئمىننىڭ بارلىق ئىشلىرىنىڭ ياخشىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن: «مۇئمىننىڭ ئىشىغا ھەيرانمەنكى، ئۇنىڭ ھەممە ئىشى ياخشىلىقتۇر. ئەگەر ئۇنىڭغا بىر خوشاللىق يەتسە شۈكۈر قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ؛ ئەگەر بىرەر قىيىنچىلىق يەتسە سەۋر قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ.» ئەگەر بىر بەندە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىدىكى تەدبىرىگە قانائەت قىلسا، بېشىشغا كەلگەن سىناقلار (بالا-مۇسىبەت) دا ئاللاھنىڭ نۇرغۇن ھېكمەتلىرى بارلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. ھەر قانداق قىيىنچىلىق ۋە جاپانىڭ مەڭگۈ داۋاملاشمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يوقىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ؛ چۈنكى ھەر بىر قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئەلۋەتتە بىر ئاسانلىق باردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَإِنَّ مَعَ ٱلْعُسْرِ يُسْرًا﴾ «ئەلۋەتتە ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئوڭايلىق بار.» - (سۈرە ئىنشىراھ، 5 - ئايەت).
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
نۇرغۇن ئىشلار بولغانكى، ئەقىللەر ئۇنىڭ ئالدىدا ئاجىز كەلگەن، چارە-تەدبىرلەر ئۈزۈلۈپ قالغان؛ ئەمما ئاللاھ ئۇ ئىشتا كىشىنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمىگەن بىر قۇتۇلۇش يولىنى ئېچىپ بەرگەن. يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالىغا بىر قاراپ بېقىڭلار: ئۇ كىچىك بىر بالا تۇرۇقلۇق قۇدۇققا تاشلاندى، ئاندىن قۇل سۈپىتىدە سېتىلدى، كېيىن زۇلۇم بىلەن تۈرمىگە تاشلاندى. ئاخىرىدا ئۇ تۈرمىدىن چىقىپ، مىسىرنىڭ خەزىنىلىرىگە مەسئۇل بولغان ئەزىز ۋە ھوقۇقلۇق بىر زات سۈپىتىدە پادىشاھنىڭ سارىيىغا كىردى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆزلىرى يۈسۈپكە ھەۋەس بىلەن قارايدىغان ۋە ئۇنىڭ يېقىنچىلىقىنى تەلەپ قىلىدىغان بولدى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ تەدبىرى بىلەن بولغاندۇر.
ھۆرمەتلىك مۇسـۇلمانلار!
شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىشىمىز لازىمكى، ئاللاھ تەقدىر قىلغان ئىش چوقۇم يۈز بېرىدۇ؛ بالا-مۇسىبەتلەر ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەر ئۆز ئىچىگە سوۋغات ۋە ئاتالارنى يوشۇرغان بولىدۇ. ئارزۇ-ئۈمىدلەر جاپا-مۇشەققەتلەردىن كېيىن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇنىڭ ۋاقتى قانچە ئۇزارمىسۇن، ئەلۋەتتە ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقىتتا يېتىپ كېلىدۇ. ئاللاھنىڭ سىز ئۈچۈن قىلغان تەدبىرىگە ئىشىنىڭ؛ پۈتۈلگەن ھەربىر تەقدىرنىڭ — گەرچە سىزگە ياقمايدىغان بولغان تەقدىردىمۇ — ئەڭ ياخشىسى ئىكەنلىكىگە جەزمەن ئىشىنىڭ. بەلكىم بىر يېقىنىڭىزنىڭ ۋاپات بولۇشى، سىز بارلىق سۆيۈملۈكلىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بۇرۇن خاتالىقىڭىزدىن قايتىشىڭىز ۋە يولۇڭىزنى تۈزىتىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن بىر نەسىھەت بولۇشى مۇمكىن. كىرىمىڭىزنىڭ ئاز بولۇشى، بەلكىم سىزنىڭ نەپسى-خاھىشلىرىڭىز ۋە شەھۋەتلىرىڭىزنى گۇناھتىن توسۇپ قالغۇچى بولۇشى مۇمكىن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَوْ بَسَطَ ٱللَّهُ ٱلرِّزْقَ لِعِبَادِهِۦ لَبَغَوْا۟ فِى ٱلْأَرْضِ وَلَـٰكِن يُنَزِّلُ بِقَدَرٍ مَّا يَشَآءُ ۚ إِنَّهُۥ بِعِبَادِهِۦ خَبِيرٌۢ بَصِيرٌ﴾ «ئەگەر ئاللاھ بەندىلىرىگە رىزىقنى كەڭ قىلىۋەتسە ئىدى، ئۇلار ئەلۋەتتە (يەر يۈزىدە) ھەددىدىن ئېشىپ كېتەتتى. لېكىن، (ئاللاھ ئۇلارنىڭ رىزقىنى) ئۆزى خالىغان مىقداردا چۈشۈرىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر، (ئۇلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.» - (سۈرە شۇرا، 27 - ئايەت).
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
بەلكىم سىزگە بىرەر كېسەللىك يېتىشى مۇمكىن؛ بۇ ئاللاھنىڭ سىزنى جەننەتتىكى ئۆز ئەمىلىڭىز بىلەن يېتەلمەيدىغان يۇقىرى دەرىجىلەرگە ئېرىشتۈرۈشى ئۈچۈندۇر. شۇڭا، ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە قەتئىي نا رازى بولماڭ، ئۆزۈڭىزنى رازىلىققا كۆندۈرۈڭ، ھەر قانداق ئاغرىق ۋە ئېغىر ئىشلاردا تىلىڭىزنى ھەمدۇسانا ۋە رازىلىق بىلەن نەملەپ تۇرۇڭ. چۈنكى، جاپا-مۇشەققەتلەر بولمىسا ئىدى، كىشىلەر پاراۋانلىقنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن بولار ئىدى؛ قۇرغاقچىلىق بولمىسا ئىدى، ئىنسانلار سۇ بىلەن خوشاللانمىغان بولار ئىدى؛ قاراڭغۇلۇق بولمىسا ئىدى، كىشىلەر نۇرغا سۆيۈنمىگەن بولار ئىدى؛ قورقۇنچ بولمىسا ئىدى، ئامانلىقنىڭ لەززىتى بىلىنمىگەن بولار ئىدى؛ ئەگەر دۇنيادىكى مۇسىبەتلەر بولمىسا ئىدى، كىشىلەر قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىغا قۇرۇق قول بېرىپ قالغان بولار ئىدى.
ئۆزۈڭىز ئۈچۈن، خاتىرجەملىكىڭىز ئۈچۈن ۋە كەلگۈسىدىكى بەخت-سائادىتىڭىز ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ تەدبىرىگە ئىشەنچ قىلىڭ. ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە ئىتائەت قىلىڭ؛ شۇنى بىلىڭكى، ئەگەر سىز ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەۋاتقان بولسىڭىز، پۈتۈن دۇنيا قولۇڭىزدىن كەتكەن تەقدىردىمۇ زىيان تارتقان بولمايسىز. ئەگەر ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى قىلىپ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ بارلىق زىننەتلىرىگە ئېرىشكەن بولسىڭىز، چوقۇم زىيان تارتقان ۋە ئۆزىڭىزنى يوقاتقان بولىسىز. تارتىۋاتقان جاپالىرىڭىز، قىلغان دۇئالىرىڭىز، چارچاشلىرىڭىز ۋە بېشىڭغا كەلگەن كرىزىسلار ھەرگىز زايە بولمايدۇ. ئۇلار يا گۈزەل بىر كۈندە (دۇنيادا) ئالدىڭىزغا كېلىدۇ، ياكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنى سىز ئۈچۈن ئاخىرەتكە ساقلاپ قويىدۇ. چۈنكى: ﴿پەرۋەردىگارىڭىز (ھېچنەرسىنى) ئۇنتۇغۇچى ئەمەستۇر﴾ [مەريەم سۈرىسى، 64-ئايەت]
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
بۈگۈنكى كۈندە چارچىغان قەلبلەر، ئەنسىزلىككە تولغان ئەقىللەر نېمىدېگەن كۆپ! «بۇ ئىش نېمىشقا يۈز بەردى؟»، «ئۇ ئىش نېمىشقا كېچىكىپ قالدى؟»، «بۇ ئىشىك نېمىشقا تاقالدى؟» دەپ سورايدىغانلار نېمىدېگەن كۆپ! ئاللاھ تائالا بۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسىگە پەقەت بىرلا جۈملىدە جاۋاب بەرگەن: ﴿يُدَبِّرُ ٱلْأَمْرَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ إِلَى ٱلْأَرْضِ﴾ «ئاسماندىن زېمىنغىچە بولغان (ھەممە) ئىشنى ئاللاھ ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ..» - (سۈرە سەجدە، 5 - ئايەت).
ئاللاھ تائالاغا ئىشەنچ قىلىش: سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا يۈز بېرىۋاتقان بارلىق ئىشلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلمى، ھېكمىتى، رەھمىتى ۋە تەدبىرى ئاستىدا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ قەلبىڭىزنى خاتىرجەم قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا سىز ئۈچۈن تاللىغان ئىشنىڭ — گەرچە سىز ئۇنىڭ ھېكمىتىنى ھازىر بىلەلمىگەن، ياكى ئۇ ئىش سىزنىڭ ئارزۇيۇڭىزغا ئۇيغۇن كەلمىگەن، ياكى ئۇنىڭ سەۋەبىدىن ئازاب چەككەن بولسىڭىزمۇ — سىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىڭىزدۇر. ئاللاھنىڭ تەدبىرىگە ئىشەنچ قىلىش: ئاللاھنىڭ سىز ئۈچۈن يازغان تەقدىرىنىڭ سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن تاللىغان ئىشىڭىزدىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَعَسَىٰٓ أَن تَكْرَهُوا۟ شَيْـًٔا وَهُوَ خَيْرٌ لَّكُمْ ۖ وَعَسَىٰٓ أَن تُحِبُّوا۟ شَيْـًٔا وَهُوَ شَرٌّ لَّكُمْ ۗ وَٱللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ﴾ «بەلكى سىلەر بىر نەرسىنى يامان كۆرۈشۈڭلار مۇمكىن، ھالبۇكى، ئۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىلىقتۇر؛ سىلەر بىر نەرسىنى ياخشى كۆرۈشۈڭلار مۇمكىن، ھالبۇكى، ئۇ نەرسە سىلەر ئۈچۈن يامانلىقتۇر. (سىلەرگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.» - (سۈرە بەقەرە، 216 - ئايەت).
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
ئاللاھنىڭ تەدبىرىگە ئىشەنچ قىلمايدىغان كىشى تۈگىمەس ئەنسىزلىك، بېسىلمايدىغان نارازىلىق ۋە ھەربىر سىناق ئالدىدا تېڭىرقاش ئىچىدە ياشايدۇ. ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئۆزىنىڭ تەدبىرىگە ياكى باشقىلارغا تايانغان كىشى ئۆزىنى ئاساس قىلىپ، پەرۋەردىگارىنىڭ ھەققىنى ۋە قۇدرىتىنى ئۇنتۇغان بولىدۇ؛ ئۇ چاغدا ئاللاھ ئۇنى ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويىدۇ؛ نەتىجىدە ئۇنىڭ بېشىغا خىيالىغىمۇ كەلمىگەن كۆڭۈلسىزلىكلەر كېلىشكە باشلايدۇ؛ ئەنسىزلىك، غەم-قايغۇ، گۇمانخورلۇق، نارازىلىق ۋە روھىي بىئاراملىق قاتارلىقلار ئۇنى بېسىۋالىدۇ.
ئاللاھنىڭ تەدبىرىگە ئىشەنچ قىلىش دېگەنلىك سەۋەبلەرنى تولۇق قىلىپ، ئاندىن ئۇ سەۋەبلەرگە ئەمەس، بەلكى يالغۇز ئاللاھقىلا باغلىنىش دېمەكتۇر. ئاللاھنىڭ تەدبىرىگە ئىشەنچ قىلىشنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئۈنۈملىرىدىن بىرى — قەلبتىن ئورۇن ئالغان خاتىرجەملىك، كرىزىسلار مەغلۇپ قىلالمايدىغان ئاراملىق ۋە ناخۇش ئىشلار يۈز بەرگەندىمۇ تەۋرەنمەيدىغان رازىمەنلىكتۇر. كىمكى بۇ خىسلەتلەرگە ئېرىشسە، ئۇ راھەتكە، بەختكە، ئەنسىزلىك ۋە غەم-قايغۇلاردىن قۇتۇلۇشقا يېتىپ بارىدۇ؛ ئۇنىڭ ئىمانى كۈچىيىدۇ، ياخشىلىقلىرى كۆپىيىدۇ ۋە ياراتقۇچىسى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ دەرگاھىدا ئەجرى بۈيۈك بولىدۇ.
ئاللاھ بىزگە ئۆزىنىڭ تەقدىرىگە ئىشىنىپ، تەدبىرىگە ئىشەنچ قىلىشنى ئاتا قىلسۇن. بىزنى ھەر تۈرلۈك بالا-مۇسىبەت ۋە قىيىنچىلىقلاردىن ساقلىسۇن، ئامىين!
أَلاَ إِنَّ أَحْسَنَ الْكَلاَمِ وَ أَبْلَغَ النِّظاَمِ • كَلاَمُ الله ِالْمَلِكِ الْعَزِيزِ الْعَلاَّمِ. كَماَ قَالَ الله ُتَباَرَكَ وَ تَعاَلَى فِي الْكَلاَمِ • وَ إِذاَ قُرِئَ الْقُرْآنُ فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَ أَنْصِتُوا لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ • أَعُوذُ بِاللهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ ... بِسْمِ اللهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ ... إِنَّ الدِّينَ عِنْدَ الله ِاْلإِسْلاَمُ ... صَدَقَ الله ُالْعَظِيمُ
وقال عليه الصلاة والسلام: "التائب من الذنب كمن لا ذنب له" أستغفر الله العظيم وأتوب إليه، وأسال الله لي ولكم التوفيق
ئىككىنچى خۇتبە
اَلْحَمْدُ لِلّٰهِ حَمْدَ الْكَامِلِينَ وَالصَّلاَةُ وَالسَّلاَمُ عَلٰى رَسُولِنَا مُحَمَّدٍنِ اْلْأَمِينِ وَ عَلٰى اٰلِهِ وَأَصْحَابِهِ أَجْمَعِينَ تَعْظِيمًا لِنَبِيِّهِ وَتَكْرِيمًا لِفَخَامَةِ شَانِ شَرَفِ صَفِيِّهِ
فَقَالَ عَزَّ وَجَلَّ مِنْ قَائِلٍ مُخْبِرًا وَ اٰمِرًا ﴿اِنَّ اللّٰهَ وَمَلَائِكَتَهُ يُصَلُّونَ عَلَى النَّبِيِّ يَا اَيُّهَا الَّذِينَ اٰمَنُوا صَلُّوا عَلَيْهِ وَسَلِّمُوا تَسْلِيمًا﴾
اَللّٰهُمَّ صَلِّ عَلٰى مُحَمَّدٍ وَعَلٰى اٰلِ مُحَمَّدٍ كَمَا صَلَّيْتَ عَلٰى اِبْرَاهِيمَ وَعَلٰى اٰلِ اِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ. اَللّٰهُمَّ بَارِكْ عَلٰى مُحَمَّدٍ وَعَلٰى اٰلِ مُحَمَّدٍ كَمَا بَارَكْتَ عَلٰى اِبْرَاهيمَ وَعَلٰى اٰلِ اِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ
ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بىزنىڭ تەۋبىلىرىمىزنى قوبۇل قىلسىلا، بىزنى ئۆز پاناھلىرىدا ساقلىسىلا. بېشىمىزغا كەلگەن ھەر تۈرلۈك بالا-مۇسىبەتلەرنى كۆتۈرۈۋەتسىلە. ئى ئاللاھ! بىزنى سەمىمىي، ئىمانى مۇستەھكەم بەندىلەردىن قىلسىلا. ئى رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ مېھرىبانى ئاللاھ!. ئى ئىگىمىز ئۇلۇغ ئاللاھ! بۇ دۇنيادىن ئۆتۈپ كەتكەن ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، قەۋم-قېرىنداشلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىپ، جايىنى جەننەتتە قىلسىلا. ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بالاچاقىلىرىمىزغا ئىنساپ، تەۋپىق، ھىدايەت، شەرمى ھايا ۋە گۈزەل ئەخلاق ئاتا قىلسىلا. ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا تائەت-ئىبادەتلەردىن مەھرۇم قىلىنغان مەزلۇم خەلقىمىزنى زالىم خىتايلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتقۇزسىلا. ۋەتىنىمىزنى ئازات قىلىپ، سىلىنىڭ سۆزلىرىنى ئۈستۈن قىلىش، دىنلىرىنى ھاكىم قىلىش ئۈچۈن، بىزگە ياردەم، نۈسرەت ئاتا قىلسىلا. ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلسىلا، كۇپرىنى ۋە كاپىرلارنى خار قىلسىلا، زالىملارنى ھالاك قىلسىلا. مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى زالىملارنىڭ زۇلمىدىن قۇتقۇزسىلا. ئامىين يا رەببەلئالەمىين.
اَللَّهُمَّ اغْفِرْ لِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَالْمُسْلِمِينَ وَالْمُسْلِمَاتِ اَلْأَحْيَاءِ مِنْهُمْ وَالْأمْوَاتِ بِرَحْمَتِكَ يَا أَرْحَمَ الرَّاحِمِينَ وَسَلَامٌ عَلَى الْمُرْسَلِينَ وَالْحَمْدُ للّٰهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
اِنَّ اللّٰهَ يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ وَالْاِحْسَانِ وَاِيتَائِ ذِي الْقُرْبٰى وَيَنْهٰى عَنِ الْفَحْشٓاءِ وَالْمُنْكَرِ وَالْبَغْيِ يَعِظُكُمْ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ



