ئۆلىمالىرىمىز

ئۇستاز ئابدۇسسالام ئابدۇلغەنى

0000-00-00
A-
A+

     شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ۋە ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى، ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەسمىي باياناتچىسى ئۇستاز ئابدۇسسالام ئابدۇلغەنى 1973 ـ يىلى ئۈرۈمچىنىڭ قۇتۇبى ناھىيسىدە تۇغۇلۇپ، خوتەندە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا ئاتا-ئانىسىدىن دىنى تەلىم ئالىدۇ ۋە 9 يېشىدا قۇرئاننى ياد ئىلىپ خوتەندىكى مەشھۇر دىنى ئالىملار تەربىيىسىدە ئەرەپ تىلى ۋە شەرىئەت بىلىملىرىگە ئاساس سالىدۇ.

    ئۇستاز ئابدۇسسالام ئابدۇلغەنى 1985 ـ يىلى پاكىستانغا كېلىپ لاھۇردىكى ئىمام مەۋدۇدى ئىنىستېتۇتىدا 4 يىل ئۇقۇپ 1989ـ يىلى پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلام ئاباد شەھىرىدىكى خەلقئارالىق ئىسلام ئۇنىۋېرسىتىنىڭ "شەرىئەت ۋە قانۇن" پاكۇلتىتىغا قۇبۇل قىلىنىپ 1998 ـ يىلى ماگىستىرلىقنى تاماملايدۇ.

     1999 ـ يىلنىڭ ئاخىرىدا جەنۇبى ئاۋسترالىيە ئىسلام جەمىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىماملىق ۋە دەۋەت خىزمىتى بىلەن ئاۋىسترالىيىنىڭ ئادىلايد شەھىرىگە ئائىلە بويۇنچە يەرلىشىدۇ.

     ئۇستاز ئابدۇسسالام مەزكۇر خىزمەتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن ئەينى ۋاقىتتا شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى ۋە جەنۇبى ئاۋسترالىيە ئىسلام جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلاردا مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋە رەئىسلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەيدۇ.

ھازىر ئۇ ئاۋسترالىيە ئىسلام جەمئىيىتىگە قاراشلىق مەسچىتنىڭ ئىماملىق ۋەزىپىسىنى ئۆتۈگەچ، ئادىلايد شەھىرىدىكى گاردېن كولىجنىڭ باشلانغۇچ قىسمىدا مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئۆتەۋاتىدۇ.

    ئۇستاز ئابدۇسسالام ھازىرغا قەدەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېچىلغان خەلقئارالىق ئىسلامى قۇرۇلتايلارغا، شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلار نامىدىن تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ كەلدى. ئاللاھ تائالادىن ئۇستازنىڭ خىزمىتىگە ئۇتۇق ۋە نەتىجە تىلەيمىز.