رامىزان

روزا تۇتۇش

2020-04-23
A-
A+

روزا تۇتۇش

 روزا ئىبادىتى نەپسنى پاكلاش ۋە ئۇنىڭدىن ھاۋايى-ھەۋەسلەرنى چىقىرىپ تاشلاش جەھەتلەردە تەسىرى كۈچلۈك ئىبادەتتۇر. بۇ ئارقىلىق ئىماننى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئى مۇئمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى، ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامزان روزىسى) پەرز قىلىندى.»[1]

 روزا ئىبادىتى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش پەرز قىلىنغان ھەر بىر ئۈممەتنىڭ ئاللاھنىڭ قانۇنىنى زېمىندا ھاكىم قىلىشى، تەننىڭ بارلىق جىددى ئېھتىياجلىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىشى، خەتەرلىك ئاقىۋەتلەر ۋە تېكەنلەر بىلەن تولغان يولنىڭ مۇشەققەتلىرىگە بەرداشلىق بىرىشى ۋە ئەتراپىنى قاماپ تۇرغان نەپس رىغبەتلىرى ۋە شەھۋەتلىرىنى يېڭىشى ئۈچۈن ھازىرلىقتۇر.

 چۈنكى روزا تۇتۇش ئىرادىنى تاۋلايدىغان ۋە بوي بەرمەس ھاۋايى-ھەۋەسنى بوي ئەگدۈرىدىغان ئىبادەتلەر ئىچىدە ئەڭ بۈيۈكىدۇر. شۇڭلاشقا روزا «تەڭداشسىز ئىبادەت» دەپ تەرىپلەنگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «روزا تۇتقىن، ئۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر ئىبادەت يوق.»[2]

 روزا خاتارلىقلارغا كاپارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئائىلىسى، مال-مۈلكى، نەپسى، پەرزەنتى ۋە قوشنىسى قاتارلىقلار ھەققىدە خاتالىق سادىر قىلىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ روزا تۇتقىنى، ناماز ئوقۇغىنى، خەير-ئېھسان قىلغىنى ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسقىنى خاتالىقلىرى ئۈچۈن كاپارەت بولىدۇ.»[3]

 روزا تۇتقۇچىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت يوللىشى ۋە پەرىشتىلەرنىڭ مەغپىرەت تەلەپ قىلىشىنىڭ ئۆزى بۇ ئىبادەتنىڭ شەرىپىنىڭ بۈيۈكلىكىگە يېتەرلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى سەھەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ روزا تۇتقۇچىلارغا رەھمەت يوللايدۇ مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ.»[4] شۇنىڭدەك، روزا ئىبادىتى دوزاختىن ساقلايدىغان قالقاندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھ يولىدا بىركۈن روزا تۇتىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ ئادەم بىلەن دوزاخ ئوتتۇرىسىدا ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئارىسىدەك كېلىدىغان بىر خەندەكنى پەيدا قىلىدۇ.»[5]

 شۇنداقلا جەننەتتىكى «رەيھان» ناملىق ئىشكتىن پەقەت روزا تۇتقۇچىلارلا كىرەلەيدىغان بولۇپ، ئۇلار تولۇق كىرىپ بولغاندا ئۇ ئىشك تاقىۋېتىلىدۇ.



[1] (بەقەرە سۈرىسى 183 –ئايەت)

 [2] (ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان)

 [3] (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

 [4] (ئىمام ئىبنى ھىببان رىۋايەت قىلغان)

 [5] (ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)