سىيرە

ئەبۇ ھۇرەيرە دەۋسىي

2020-06-05
A-
A+

ئەبۇ ھۇرەيرە دەۋسىي

ئەبۇ ھۇرەيرە ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىن 1600 دىن ئارتۇقنى يادلىغان كىشىدۇر.
— تارىخچىلار

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئىچىدىكى مەشھۇر بىر ساھابە بولغان ئەبۇ ھۇرەيرە ھەققىدە بىلسىڭىز كېرەك؟ ئۆزىنى مۇسۇلمان سانايدىغان كىشىنىڭ ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىمىغان بولۇشلىرى مۇمكىنمۇ؟
ئىسلام كېلىشتىن ئىلگىرى كىشىلەر ئۇنى «ئابدۇششەمس» دەپ چاقىراتتى. ئاللاھ ئۇنى ئىسلامغا كىرىشىگە مۇيەسسەر قىلىش ئارقىلىق شەرەپلەندۈرۈپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچرىشىش شەرىپىگە ئىگە قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن:
— ئىسمىڭ نېمە؟ — دەپ سورىدى.
— ئابدۇشسەمس، — دېدى ئۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
— بەلكى سەن ئابدۇراھمان... — دېۋېدى، ئۇ ھاياجان بىلەن:
— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاتا ـ ئانام ساڭا پىدا بولسۇن! دەل شۇنداق، ئابدۇراھمان،— دېدى.
ئۇنىڭ «ئەبۇ ھۇرەيرە» دەپ ئاتىلىپ قېلىشىدىكى سەۋەب، كىچىك چاغلىرىدا ئۇنىڭ بىر چىشى مۈشۈكى بار بولۇپ، ئۇ دائىم شۇ مۈشۈكنى ئوينىغاچقا، تەڭتۈشلىرى ئۇنى «ئەبۇ ھۇرەيرە» (مۈشۈكنىڭ ئاتىسى) دەپ چاقىرىشقا ئادەتلەنگەن ئىدى. بۇ لەقەم ھەتتا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇلدۇرىۋەتكۈدەك دەرىجىدە ئومۇملىشىپ كەتكەن ئىدى.
ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇقلاشقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، كۆپىنچە ھالدا «ئەبۇ ھىررە» (يەنى ئەركەك مۈشۈكنىڭ ئاتىسى) دەپ چاقىرىدىغان بولدى، ئۇ «ئەبۇ ھىررە» دەپ چاقىرىلىشنى «ئەبۇ ھۇرەيرە» دەپ چاقىرىلىشىدىن ئەلا بىلەتتى ۋە:
— مېنىڭ دوستۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى بۇ لەقەم بىلەن چاقىردى، «ھىررە» بولسا ئەركەك مۈشۈك، «ھۇرەيرە» بولسا چىشى ئاسلان ئىدى، — دەيتتى.
ئەبۇ ھۇرەيرە ئەينى چاغدا تۇفەيىل ئىبنى ئەمىر دەۋسىنىڭ دەۋىتى بىلەن ئىسلامنى قوبۇل قىلغان بولۇپ ھىجرەتنىڭ 6- يىلى ئۆز قوۋمىدىن بولغان بىرمۇنچە كىشىلەر بىلەن مەدىنىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئەلچى بولۇپ بارغانغا قەدەر ئۆز قوۋمى ئىچىدە تۇرغان ئىدى.
دەۋسلىك بۇ يىگىت، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ۋە ئۇنىڭ سۆھبىتىگە ئۆزىنى بېغىشلىدى. مەسجىدنى تۇرار جاي، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇستاز ۋە يېتەكچىسى قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالا-چاقىلىرى يوق بولۇپ پەقەت مۇشرىك ھالىتىدە قېلىۋەرگەن قېرى ئانىسى بار ئىدى. ئۇ ئانىسىغا ئىچ ئاغرىتىپ ۋە ياخشىلىق قىلىپ ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىشنى توختاتمايتتى، لېكىن ئانىسى ئىسلامنى قوبۇل قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ قارشىلىق قىلاتتى.
ئانىسى تەرسالىق قىلىۋەرسە ئۇنىڭغا ئېچىنغان ھالدا ئۇنى بىر مەزگىل ئۆز ھالىغا قويۇپ قوياتتى، شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ يەنە ئانىسىنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشقا دەۋەت قىلغان ئىدى، ئانىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا، ئۇنى ناھايىتى بەك خاپا قىلىدىغان سۆزدىن بىرنى قىلدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا يىغلىغان پېتى كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن:
— ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! نېمىشقا يىغلىدىڭ؟— دەپ سورىدى.
— مەن ئانامنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىشتا ھېچ بوشاپ قالمىغانىدىم، ئۇ تاكى ھازىرغىچە ئۇنىماي كېلىۋاتاتتى، بۈگۈنمۇ يەنە ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلسام، ئۇ سەن توغرىسىدا ياخشى بولمىغان بىر سۆزنى قىلدى، سەن ئاللاھقا ئانامنىڭ دىلىنى ئىسلام ئۈچۈن ئېچىۋىتىشكە دۇئا قىلساڭ،— دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلدى.
ئەبۇ ھۇرەيرە بۇ ئىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
— مەن ئۆيگە قايتتىم، بارسام ئىشىك ئىچىدىن تاقاقلىق ئىكەن، مەن ئۆي ئىچىدە سۇنىڭ شالاقشىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، مەن ئۆيگە كىرمەكچى بولغىنىمدا ئانام: «ئەبۇ ھۇرەيرە! كىرمەي تۇرغىن!» دېدى. ئۇ كىيىملىرىنى كىيىپ بولۇپ: «كىرگىن» دېدى. مەن كىردىم، ئۇ ”بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى!“ دەپ گۇۋاھلىق بەردى. مەن شۇ ھامان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا چاپتىم، بىر ئاز بۇرۇن مەن ھەسرەتلىنىپ يىغلىغان بولسام ئەمدىلىكتە خۇشاللىقتىن يىغلاۋاتاتىم، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! خۇش خەۋەر! ئاللاھ دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىپ، ئەبۇ ھۇرەيرىنىڭ ئانىسىنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلدى، — دېدىم.

ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭغا قاراپ تويمايتتى ۋە: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىنمۇ نۇرلۇق ۋە گۈزەل نەرسىنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم، ئۇنىڭ چىرايىدا خۇددى قۇياش ماڭغاندەك قىلاتتى...» دەيتتى.
ئۇ ئۆزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەمسۆھبەت قىلغان، ئىسلامغا ھىدايەت قىلىش بىلەن ياخشىلىق قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇ ئېيتىپ: «ئەبۇ ھۇرەيرىنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇلار بولسۇن! ئەبۇ ھۇرەيرىگە قۇرئاننى ئۆگەتكەن ئاللاھقا مەدھىيىلەر بولسۇن! ئەبۇ ھۇرەيرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سۆھبەتداش قىلىش بىلەن ياخشىلىق ئاتا قىلغان ئاللاھقا مەدھىيىلەر بولسۇن!» دەيتتى.
ئەبۇ ھۇرەيرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىنى قانداق بېغىشلىغان بولسا بىلىم ئېلىشقىمۇ شۇنداق بېغىشلىغان ئىدى. ئۇ ئىلىم ئىگىلەشنى ئەڭ يۇقىرى نىشانى ۋە ئادىتى قىلغان ئىدى، بۇ ھەقتە زەيدىن ئىبنى سابىت مۇنداق دەيدۇ:
«بىر كۈنى مەن، ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە باشقا بىر كىشى، ئۈچىمىز مەسجىدتە ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىپ ئاللاھنى ئەسلەۋاتاتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ بىزنىڭ ئارىمىزدا ئولتۇردى، بىز جىم بولۇپ قالدۇق. ئۇ بىزگە: ‹ئىشىڭلارنى داۋام قىلىۋىرىڭلار› دېدى. ھەمراھلىرىم بىلەن بىرگە دۇئا قىلدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ‹ئامىن!› دېيىشىپ بەردى، ئاندىن ئەبۇ ھۇرەيرە دۇئا قىلىشقا باشلىدى، ئۇ: ‹ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭدىن ئىككى بۇرادىرىم سورىغان نەرسىنى، ھەمدە ئۇنتۇلمايدىغان ئىلىم ـ مەرىپەتنى سورايمەن!› دەپ دۇئا قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ‹ئامىن!› دېيىشىپ بەردى. بىز قايتىدىن: ‹بىزمۇ ئۇنتۇلمايدىغان بىلىم سورايمىز!› دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹دەۋس قەبىلىسىدىن كەلگەن بۇ بالا سىلەردىن بۇرۇن تىلەپ بولدى› دېدى».
ئەبۇ ھۇرەيرە ئىلىمنى ئۆزى ياخشى كۆرگەندەك، باشقىلارنىڭ ئىلىم ئېلىشىنىمۇ ياخشى كۆرەتتى، بىر كۈنى ئۇ مەدىنە بازىرىدا كېتىۋېتىپ كىشىلەرنىڭ مال- دۇنياغا، سودا- سېتىققا ھەددىدىن ئارتۇق بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى ۋە بۇنىڭغا ھەيران قالدى، ئۇ ئۇلارغا:
— ئى مەدىنە كىشىلىرى! سىلەر نېمىدېگەن ئاجىز؟!— دېدى. ئۇلار:
— ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! سەن بىزنى قايسى تەرەپتىن ئاجىز دەيسەن؟
— مەسجىدتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مىراسى تارقىتىلىۋاتسا سىلەر بۇ يەردە تۇرىسىلەرغۇ؟ بېرىپ نېسىۋەڭلارنى ئېلىۋالمامسىلەر؟— دېدى.
— قەيەردە؟
— مەسجىدتە.
ئۇلار ئالدىرىشىپ كېتىشتى، ئەبۇ ھۇرەيرە ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغان ئىدى، ئۇلار بىردەمدىن كېيىن قايتىپ كېلىشىپ:
— ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! بىز مەسجىتكە كىردۇق، تەقسىم قىلىۋاتقان ھىچنېمىنى كۆرمىدۇق، — دېدى.
— مەسجىدتە بىرەرمۇ ئادەمنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟
— كۆردۇق، ناماز ئوقۇۋاتقان، قۇرئان ئوقۇۋاتقان، ھالال- ھارام توغرىسىدا پىكىرلىشىۋاتقان كىشىلەر بار ئىكەن.
— ۋاي ئىسىت سىلەرگە! ئەنە شۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قالغان مىراسلار ئەمەسمىدى؟!
ئۇ ئىلىم ئۆگىنىش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سورۇنلىرىغا ئۆزىنى ئاتىۋەتكەچكە ھېچكىم تارتمىغان ئاچارچىلىقلارنى تارتقان ئىدى. ئۇ ئۆزى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
مېنىڭ قورسىقىم قاتتىق ئېچىپ كەتكەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىرەرسىدىن قۇرئان ئايەتلىرىنى سورايتتىم، ئەمەلىيەتتە سورىغان ئۇ ئايەتنى مەنمۇ بىلەتتىم، مەقسىتىم ئۇلارنىڭ مېنى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ تاماق بېرىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلاتتىم.
«بىر كۈنى مېنىڭ قورسىقىم ئىنتايىن بەك ئېچىپ كەتتى، ھەتتا مەن قۇرسۇقۇمغا تاش تېڭىپ ساھابىلەر ماڭىدىغان يول ئۈستىدە ئولتۇردۇم، مېنىڭ قېشىمدىن ئەبۇ بەكرى ئۆتتى، مەن ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ئايەت سورىدىم، مەن ئۇنى مېنى ئۆيىگە چاقىرسىكەن، دەپ سورىغان ئىدىم، ئۇ مېنى چاقىرمىدى ئارقىدىن ئۆمەر كەلدى، ئۇنىڭدىنمۇ ئايەت سورىدىم، ئۇمۇ كېتىپ قالدى. ئاخىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەلدى، ئۇ مېنىڭ ئاچ قالغانلىقىمنى سەزدى ۋە:
— ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! — دېدى. مەن:
— خوش؟! ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! — دېگىنىمچە ئۇنىڭغا ئەگەشتىم، بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق.
ئۇ ئۆيدە بىر قاچا سۈت تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ:
— بۇ سۈت نەدىن كەلدى؟— دەپ سورىدى. ئۆيىدىكىلىرى:
— پالانچى سىلىگە ئەۋەتىپتۇ، — دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا قاراپ:
— ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! سەن بېرىپ سۇپا ئىگىلىرىنى چاقىرىپ كەلگىن! — دېدى. ئۇنىڭ بۇيرۇقى مېنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، مەن ئىچىمدە: «بۇ سۈت پەقەت بىر قاچىلا تۇرسا سۇپا كىشىلىرىگە يېتەمدۇ؟» دەپ ئويلىدىم، ئەمەلىيەتتە بولسا مەن ئاشۇ سۈتتىن مېڭىشتىن بۇرۇن بىر يۇتۇم بولسىمۇ ئىچىپ كۈچلىنىۋېلىشنى خالايتتىم. ئەمما ئامالسىز يەنىلا چىقىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چاقىرىپ كىردىم، ئۇلار كىرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، — ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! ئۇ سۈتنى ئېلىپ ئۇلارغا بەرگىن! — دېدى. مەن قاچىنى ئۇلارغا بەردىم، ئۇلاردىن ھەر بىر كىشى ئاشۇ سۈتنى ئىچىپ قاندى، مەن قاچىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۇندۇم، ئۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا، — ئىككىمىز قاپتۇق، — دېدى.
— راست ئېيتىسەن.
— قېنى ئىچكىن! — مەن ئىچتىم.
— يەنە ئىچكىن، — دېدى، يەنە ئىچتىم. ئۇ ماڭا ئىچكىن، دەۋەردى، مەن ئىچىۋەردىم ۋە ئاخىرى:
— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ھەتتا قورسىقىمنىڭ ھېچ بىر بوش يېرى قالمىدى،— دېدىم. ئۇ ئاندىن قولۇمدىن قاچىنى ئېلىپ ئېشىپ قالغىنىنى ئىچتى.
بۇ ئىشلار بولۇپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مۇسۇلمانلارغا مال ـ دۇنيا يېغىپ كەتتى، ئەبۇ ھۇرەيرەمۇ ئايالى ۋە بالىسى بار بىر ئائىلىك ئادەمگە ئايلاندى، لېكىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ پاك قەلبىنى ئۆزگەرتەلمىدى، ئۇ تەنھالىقتىكى كۈنلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ ھەمىشە: «يېتىملىكتە ئۆستۈم، مىسكىن ھالەتتە ھىجرەت قىلدىم، غەزۋاننىڭ قىزى بۇسراغا تامىقىم بەدىلىگە ياللىنىپ ئىشلەيتتىم، كىشىلەر كەلسە ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىدە بولۇپ، ئۇلاغلىرىغا مىنسە ئۇلاغلىرىنى يېتىلەيتتىم، ئاندىن ئاللاھ مېنى خۇجايىنىم بۇسراغا ئۆيلەپ قويدى...» دەيتتى.
دىنىنى قانۇن، تۈۋرۈك قىلغان، ئەبۇ ھۇرەيرەنى رەھبەرلىك دەرىجىسىگە كۆتەرگەن ئاللاھقا مەدھىيىلەر بولسۇن!
ئەبۇ ھۇرەيرە مول ئىلىم ئىگىسى بولۇش بىلەنلا قالماي، كەڭ قورساقلىق، تەقۋالىق، پەرزكارلىقتەك پەزىلەتلەرنىمۇ ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ، ئۇ كۈندۈزى روزا تۇتسا كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە تۇراتتى. ئاندىن ئايالىنى ئويغىتاتتى، ئايالى تۇرۇپ قىزىنى ئويغىتاتتى، كېچىنىڭ قالغان ئۈچتىن بىرىدە قىزى تۇراتتى، دېمەك ئۇنىڭ ئۆيىدە كېچىچە ئىبادەت ئۈزۈلمەيتتى.
ئۇ مۇئاۋىيە تەرىپىدىن كۆپ قېتىم مەدىنىگە ۋالىي قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى. ئەمەل ئۇنىڭ كەڭ قورساق، چىقىشقاق، ئاددىي ـ ساددا مىجەزىدىن ھېچنەرسىنى ئۆزگەرتەلمىدى. ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك جاپا ـ مۇشەققەتلىك تۇرمۇش كەچۈردى. بىر ۋالىي بولۇشىغا قارىماي، يەنىلا بىر ئاددىي پۇخرادىن پەرقسىز سەۋىيىدىكى تىرىكچىلىك ھەرىكىتى ۋە پۇقرالار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى ساددا يېقىنلىقى ھەققىدە شۇنداق بىر ھېكايە بار:
بىر قېتىم ئۇ مەدىنىنىڭ مەلۇم بىر كوچىسىدا ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئوتۇن يۈدۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ قېشىدىن سەلئەب ئىبنى مالىك ئۆتىۋېدى ئۇ ئۇنىڭغا:
— ئى مالىكنىڭ ئوغلى! ۋالىيغا يولنى بوشاتقىن! — دېدى. (ئۇ چاغدا ئۇ ۋالىي ئىدى)
— ئاللاھ ساڭا رەھىم قىلسۇن! شۇنچە كەڭ يول ساڭا تار كېلىۋاتامدۇ؟
— ۋالىي ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يۈك ئۈچۈن يولنى بوشىتىپ بەر، — دېدى.
ئۇنىڭ بىر قارا تەنلىك ئايال خىزمەتچىسى بولۇپ ئۇ ئايال ئەسكىلىك قىلىپ ئۇنىڭ ئائىلىسىنى دەردكە سېلىپ قويغانىدى، ئەبۇ ھۇرەيرە ئۇنى ئۇرۇش ئۈچۈن قامچىسىنى كۆتۈرۈپ توختاپ قالدى ۋە:
— قىيامەتتە قىساس بولۇپ قالمىسا ئىدى، بىزگە يەتكۈزگەن ئەزىيىتىڭ ئۈچۈن ساڭىمۇ ئەزىيەت قىلار ئىدىم، لېكىن مەن سېنى پۇلىنى تولۇق بېرىدىغان بىرىگە ساتىمەن، مەن ئۇ ئارقىلىق ئېرىشىدىغان نەرسىگە بەكمۇ موھتاج، سەن ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئازاد! بارغىن! — دېدى.
ئۇنىڭ ئائىلە ھاياتىنىڭ قانچىلىك ئاددىي، ھەشەمەتتىن يىراق بولغانلىقى، ۋالىيلىق ئەمەلى تۇرۇپمۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كىيىنىش، تارىنىشتا كەمبەغەللەردىن پەرقسىز بولغانلىقى ھەققىدىمۇ شۇنداق بىر ھېكايە بار:
ئۇنىڭ قىزى بىر كۈنى:
— ئى ئاتا! دوستلىرىم، ئاتاڭ نېمىشقا ئالتۇن زىبۇ- زىننەتلەر بىلەن سېنى ياساپ قويمايدۇ، دېيىشىپ مېنى زاڭلىق قىلىشىۋاتىدۇ، — دېگەنىدى. ئۇ:
— ئى قىزىم! سىز ئۇلارغا: دادام مېنىڭ ئوت بىلەن جازالىنىشىمدىن قورقىدۇ، دەڭ، — دېدى.
ئۇنىڭ قىزىنى ياسىنىشتىن چەكلىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بېخىللىق قىلغانلىقىدىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئۇ ئاللاھ يولىدا مەرد، كەڭ قورساق ئادەم ئىدى. بۇ تەرىپىنى شۇ كەچۈرمىشىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:
بىر كۈنى مەرۋان ئىبنى ھەكىم ئۇنىڭغا يۈز دىنار ئالتۇننى خىزمەتكارى ئارقىلىق بەردى، ئاندىن ئەتىسى بىر ئادەمنى ئەۋەتىپ:
— خىزمەتكارىم ئالتۇننى ساڭا خاتا يەتكۈزۈپتۇ، ئەسلىدە مەن ئالتۇننى باشقا بىرىگە بەرمەكچى ئىدىم،— دېگەندە ئەبۇ ھۇرەيرە:
— مەن ئۇنى ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىۋەتكەن ئىدىم، ئۆيۈمدە بىر دىنارمۇ قالمىغان ئىدى، مۇئاشىم چىققاندا ئېلىۋالغىن، — دېدى.
ئەسلىدە مەرۋان بۇ ئىشنى ئەبۇ ھۇرەيرىنى سىناش ئۈچۈن قىلغان بولۇپ ئەبۇ ھۇرەيرىنىڭ ھەقىقەتەن دۇرۇس ئادەملىكىنى بىلدى.
ئەبۇ ھۇرەيرە ئۆمۈر بويى ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىپ كەلدى، ئۇ ھەر قېتىم ئۆيىدىن چىقماقچى بولسا ئانىسىنىڭ ھوجرىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
— ئى ئانا! سىزگە ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە بەرىكەتلىرى بولسۇن! — دەيتتى. ئانىسىمۇ:
— ئى ئوغلۇم! ساڭىمۇ سالامەتلىك، رەھمەت ۋە بەرىكەتلىرى بولسۇن! دەيتتى.
— كىچىك ۋاقتىمدا سىز ماڭا ياخشىلىق قىلغاندەك ئاللاھ سىزگىمۇ رەھمەت ئاتا قىلسۇن!
— چوڭ بولغىنىڭدا ماڭا ياخشىلىق قىلغانلىقىڭغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! — دەيتتى. ئۇ سىرتتىن قايتىپ كەلگەندە يەنە شۇنداق سالام بېرەتتى.
ئۇ كىشىلەرنى ئاتا ـ ئانىلارغا ياردەم بېرىشكە قىززىقتۇراتتى ۋە ئۇلارنى سىلە ـ رەھىمنى ئۇلاشقا دەۋەت قىلاتتى.
بىر كۈنى يولدا ئۇ ئىككى ئادەمنى كۆردى، ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن قېرىراق ئىدى. ئۇلار تەڭ كېتىۋاتاتتى، ئەبۇ ھۇرەيرە ياشراقىدىن:
— ئـۇ كىشى سېنىڭ نېمەڭ؟ — دەپ سورىدى.
— دادام!
— ئۇنى ئىسمى بىلەن ئاتىمىغىن! ئالدىدا ماڭما، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئولتۇرما! — دېدى.
* * * * *
ئۇ سەكراتقا چۈشكەندە تۇيۇقسىز يىغلاپ كەتكەن ئىدى، ئۇنىڭدىن:
— نېمىشقا يىغلايسەن؟— دەپ سوراشتى. ئۇ:
— مەن سىلەرنىڭ دۇنيايىڭلار ئۈچۈن يىغلىمىدىم، بەلكى سەپەرنىڭ يىراق، ئوزۇقلۇقنىڭ ئازلىقىدىن يىغلاۋاتىمەن، مەن ھازىر جەننەت بىلەن دوزاخقا بارىدىغان يولنىڭ ئاخىرىسىدا تۇرۇۋاتىمەن، ئۆزۈمنىڭ قايسىسىدا بولۇشۇمنى بىلمەيمەن، — دېگەن ئىدى.
— ئاللاھ ساڭا شىپالىق بەرسۇن! — دېدى مەرۋان ئۇنى يوقلاپ كېلىپ.
— ئى ئاللاھ، مەن سەن بىلەن ئۇچرىشىشنى خالايمەن، سەنمۇ مەن بىلەن ئۇچرىشىشنى خالاپ تېزرەك ئۆزۈڭگە ئۇچراشتۇرساڭ! — دېدى ئەبۇ ھۇرەيرە.
مەرۋان ئۇنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىپلا ئۇ بۇ دۇنيادىن خوشلاشتى.
ئاللاھ ئەبۇ ھۇرەيرەگە چەكسىز رەھمەت قىلسۇنكى، ئۇ ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن 1600 دىن ئارتۇق ھەدىسنى يادلىغان ئىدى. ئاللاھ ئۇنىڭ ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن يەتكۈزگەن مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالىي مۇكاپاتلارنى بەرسۇن! ئامىن!
مەنبە: ساھابىلار ھاياتى ناملىق كىتاب.