ماقالىلار

رامىزاننىڭ پەزىلەتلىرى

2024-03-21
A-
A+

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

رامىزاننىڭ پەزىلەتلىرى

 ئابدۇلئەھەد ھاپىز

 ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن بىر يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان ئەڭ پەزىلەتلىك ۋە ئۇلۇغ ئاي - رامىزانغا ئېرىشتۇق. بۇ ئايدا ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە رەھمەت نەزىرى بىلەن قارايدۇ؛ بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ گۇناھلىرىنى كەچۈرىدۇ؛ نۇرغۇن بەندىلىرىنى دوزاختىن ئازاد قىلىپ جەننەت ئەھلى قىلىدۇ. بىز تۆۋەندە بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ بەرىكىتىدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىزغا تۈرتكۈ بولسۇن ئۈچۈن، رامىزان ئېيىنىڭ بىر نەچچە پەزىلىتىنى بايان قىلىمىز:

 

1_ رامىزان قۇرئان كەرىم لەۋھۇلمەھفۇزدىن بەيتۇلئىززەتكە نازىل بولغان ۋە ئۇ يەردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولۇشقا باشلىغان ئايدۇر «رامىزان ئېيى ئىنسانلارغا يېتەكچى، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى روشەن (ئايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) قۇرئان نازىل بولغان ئايدۇر..»[1]

 

2_ رامىزان ئېيىدا جەننەتلەرنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخلارنىڭ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ ۋە ئىنسانلارنى گۇناھقا باشلايدىغان جىن-شەيتانلار باغلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامىزان كەلسە، جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ ۋە شەيتانلار باغلىنىدۇ».[2]

 

3_ رامىزان روزىسىنى ئىخلاس بىلەن ۋە ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن تۇتقان كىشىنىڭ بىر يىللىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن، ساۋاپ ئۈمىد قىلغان ھالدا رامىزان روزىسىنى تۇتسا، ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.»[3]

 

4_ رامىزان كېچىلىرىدە ئىخلاس بىلەن ۋە ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغان كىشىنىڭ ئىلگىرى ئۆتكەن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن، ساۋاپ ئۈمىد قىلغان ھالدا رامىزان كېچىلىرىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزسە، ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.»[4]

 

 

5_ قەدىر كېچىسىنى ئىخلاس بىلەن ۋە ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ ئۆتمۈش گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن، ساۋاپ ئۈمىد قىلغان ھالدا قەدىر كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزسە، ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.»[5]

 

6_ بۇ رامىزاندا ئۆتكەن يىللىق كىچىك گۇناھلار يۇيۇلۇپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانسا، بەش ۋاقىت ناماز، جۈمەدىن جۈمەگىچە، رامىزاندىن رامىزانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كىچىك گۇناھلارغا كەپارەت بولىدۇ (يەنى گۇناھلىرى كەچۈرىلىدۇ).»[6]

 

7_ رامىزاندا قىلغان بىر ئۆمرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە قىلغان ھەجگە ئوخشاش بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامىزاندا قىلغان بىر ئۆمرە مەن بىلەن قىلغان ھەجگە تەڭدۇر.»[7]  

 

8_ رامىزاندا گۇناھكارلار دوزاختىن ئازات قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ ھەر كۈنى ئىپتاردا دوزاختىن ئازاد قىلىدىغان كىشىلىرى بار.»[8] يەنە مۇنداق دېگەن: «رامىزاننىڭ بىرىنچى ئاخشىمى بولسا، بىر پەرىشتە مۇنداق نىدا قىلىدۇ: ئى ياخشىلىق قىلىشنى ئىرادە قىلغۇچى! كەل ياخشىلىقلىرىڭنى قىلغىن، ئى يامانلىق قىلىشىنى ئويلىغۇچى! يامانلىقىڭنى توختاتقىن، ئاللاھ ھەر كېچە نۇرغۇن كىشىلەرنى دوزاختىن ئازاد قىلىدۇ.»[9]

 

10_ ھەربىر مۇسۇلماننىڭ رامىزاننىڭ ھەر كۈنىدە ئىجابەت بولىدىغان بىر دۇئاسى بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تەبارەك ۋە تائالانىڭ (رامىزاننىڭ) ھەر كېچە-كۈندۈزىدە دوزاختىن ئازاد قىلىدىغان كىشىلىرى بار. ھەربىر مۇسۇلماننىڭ رامىزاننىڭ ھەر كېچە-كۈندۈزىدە ئىجابە بولىدىغان دۇئاسى بار.»[10]

 

11_ رامىزان مۇئمىن مۇسۇلمان ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلارغا كەلگەن ئەڭ ياخشى ئاي رامىزاندۇر؛ مۇناپىقلارغا كەلگەن ئەڭ يامان ئاي رامىزاندۇر. بۇنداق بولۇشى مۇسۇلمانلار ئۇنىڭدا ئىبادەت ئۈچۈن قۇۋەت تەييارلايدۇ (يەنى ئۇلار رامىزان كېلىشتىن ئاۋۋال رامىزاندا ئىبادەتكە بېرىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك تەييارلىق قىلىدۇ). مۇناپىقلار كىشىلەرنى غەپلەتكە چۈشۈرىدىغان ۋە ئەۋرەتلىرىنى ئاچىدىغان نەرسىلەرنى تەييارلايدۇ (يەنى مۇناپىقلار كىشىلەرنى ئىبادەتلەردىن غەپلەتتە قالدۇرىدىغان ۋە گۇناھقا ئۈندەيدىغان ھەر تۈرلۈك ئويۇن ۋە فلىملەرنى تەييارلايدۇ). رامىزان مۇئمىن ئۈچۈن غەنىمەت، گۇناھكار ئۈچۈن ئازابتۇر.»[11]

 

12_ رامىزان ئېيى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ئاي. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە رامىزان روزىسىنىڭ پەرزلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن دۇئانى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «(ئى پەيغەمبەر!) مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، (ئۇلارغا ئېيتقىنكى) مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن. ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، شۇڭا ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن.»[12]

 

13_ رامىزاندا مىڭ ئايدىن ئارتۇق بولغان قەدىر كېچىسى بار. بۇ كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگە كىشى مىڭ ئاي نەپلە ئىبادەت قىلغاننىڭ ساۋابىدىن كۆپرەك ساۋابقا ئېرىشىدۇ. گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ «قەدر كېچىسى مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر.»[13] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن، ساۋاپ ئۈمىد قىلغان ھالدا قەدىر كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزسە، ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.»[14]

 

14_ رامىزان ئېيىدا قىلغان ئىبادەت ۋە ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابى باشقا ۋاقىتلاردىكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولىدۇ. ھەدىس قۇدسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم بالىسىنىڭ قىلغان بارلىق ئەمەلى ئۆزى ئۈچۈندۇر. ئۇنىڭ بىر ياخشى ئەمەلىگە ئون ھەسسىدىن يەتتەيۇز ھەسسىغىچە ساۋاب بېرىلىدۇ. ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە دېدىكى: <روزا مۇستەسنا (يەنى يۇقىرىدىكى مۇكاپاتقا رامىزان روزىسى كىرمەيدۇ)، چۈنكى روزا تۇتقۇچى شەھۋىتىنى، يېمىكىنى ۋە ئىچمىكىنى مەن ئۈچۈن تەرك ئەتتى. شۇڭا روزا مەن ئۈچۈندۇر، ئۇنىڭ ماكاپاتىنى ئۆزەم بېرىمەن>. روزا تۇتقۇچىغا ئىككى خۇشاللىق بار: بىرى ئىپتار قىلغاندا، يەنە بىرى رەببى بىلەن كۆرۈشكەندە. روزا تۇتقۇچىنىڭ ئاغزىنىڭ پۇرىقى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئىپارنىڭ پۇرىقىدىنمۇ خۇشبۇيراقتۇر.»[15] ئۆلىمالار: ئاللاھ تائالانىڭ روزىنى يەتتەيۈز ھەسسە مۇكاپاتتىن ئايرىپ، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزەم بېرىمەن، دېگەنلىكى، روزىنىڭ ساۋابىنىڭ ھېسابىنىڭ ساناش مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىدە كۆپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، دەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامىزاندا بىر نەپلە ئىبادەت قىلسا، باشقا ۋاقتىدا بىر پەرزنى ئادا قىلغاندەك بولىدۇ. كىم رامىزاندا بىر پەرزنى ئادا قىلسا، باشقا ۋاقتىدا يەتمىش پەرزنى ئادا قىلغاندەك بولىدۇ.»[16]

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قايسى سەدىقە ئەۋزەل؟ دەپ سورىغاندا، «رامىزاندا قىلىنغان سەدىقە» دەپ جاۋاب بەرگەن.[17]

 

15_ روزا تۇتقان كىشى جەننەتكە رەييان دەرۋازىسىدىن كىرىدۇ. ئاللاھ تائالا روزا تۇتقانلارنى مۇكاپاتلاپ، جەننەتتە ئۇلارغا خاس بىر دەرۋازا ئاچقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى رەيياندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەتتە رەييان دېيىلىدىغان بىر دەرۋازا بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن پەقەت روزا تۇتقۇچىلارلا كىرىدۇ، باشقىلار كىرەلمەيدۇ. <روزا تۇتقۇچىلار قېنى؟ دەپ نىدا قىلىنىدۇ. روزا تۇتقۇچىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرىدۇ ۋە ئۇ رەييان دەرۋازىسىدىن كىرىدۇ. ھېچكىم ئۇلارغا قوشۇلۇپ كىرىۋالالمايدۇ. روزا تۇتقۇچىلار كىرگەندىن كېيىنلام بۇ دەرۋازا تاقىلىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭدىن كىرەلمەيدۇ.»[18]

مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ يۇقىرىدىكى پەزىلەتلىرى بىزگە بۇ ئاينى غەنىمەت بىلىپ، بارلىق كۈچىمىز بىكەن ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇنداق پەزىلەتلىك ۋاقىتلارنى چىڭ تۇتمىسا، تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ. قىيامەت كۈنى بىزگە ئەسقاتىدىغان، بىزنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشتۈرۈپ، غەزىۋىدىن ساقلايدىغان، بۇندىن ئىلگىرى مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى قىلغان ياكى قىلىشقا بۇيرۇلغان ئەمەللەرنى ياخشى قىلمىغان سەۋەبلىك ئەمەل دەپتىرىمىزگە پۈتۈلۈپ كەتكەن گۇناھلىرىمىزدىن تەۋبە قىلىش ئارقىلىق پاكلىنىپ، بۇندىن كېيىن قالغان ئۆمرىمىزنى ياخشىلىق بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سالىھ كىشىلەردىن بولۇش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەت ئۇلۇغ رامىزان ئېيىدۇر. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى بۇ مۇبارەك رامىزاندا دوزاختىن ئازاد قىلىپ، جەننەت ئەھلىدىن قىلسۇن. بىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن. بىزگە نەپسى-شەيتانغا يېڭىلمەيدىغان كۈچلۈك ئىرادە ئاتا قىلسۇن. ئامىين. 



[1] سۈرە بەقەرە، 185 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[2] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[3] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[4] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[5] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[6] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

[7] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[8] ئىمام ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس.

[9] ئىمان تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس.

[10] ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس.

[11] ئىمام بەيھەقى، تەبەرانىي ۋە ئىبنى خۇزەيمە رىۋايەت قىلغان. ئۇستاز ئەھمەد شاكىر: ئىسنادى سەھىھ دېگەن.

[12] سۈرە بەقەرە، 186 – ئايەت.

[13] سۈرە قەدر، 3 – ئايەت.

[14] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[15] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[16] ئىمام ئىبنى خۇزەيمە رىۋايەت قىلغان، شاھىدلىرى بىلەن ھەسەن ھەدىستۇر.

[17] ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان، شاھىدلىرى بىلەن ھەسەن ھەدىس.

[18] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.