ماقالىلار

ھەدىس ئىلمىنىڭ ئالتۇن دەۋرىگە ئۇلى

2024-05-16
A-
A+

ھەدىس ئىلمىنىڭ ئالتۇن دەۋرىگە ئۇلى

ئابدۇسسالام تەكلىماكان

ھەدىسلەرنىڭ بىزگە يېتىپ كېلىش جەريانى

ھەدىس: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى، ئىش – ھەرىكەتلىرى، باشقىلارنىڭ سۆزى ياكى ئىشىنى ماقۇللىشى ۋە سۈپەتلىرىنى بىلدۈرىدىغان ئومۇمىي ئاتالغۇدۇر[1]. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھەدىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەۋە بولغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ بىرىكمىسىدۇر. ئون تۆت ئەسىر ئاۋۋال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سادىر بولغان بۇ بىرىكمىنىڭ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كېلىشىنىڭ ئۆزىنىلا بىر مۆجىزە دېسەك ھەرگىزمۇ ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز. ھەدىسلەرنىڭ بىزگە يېتىپ كېلىشى تۆت باسقۇچتىن تەركىپ تاپقان:

1.     (رىۋايەت باسقۇچى) يەنى: ھەدىسلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سادىر بولغاندا، ئۇنى كۆرۈش، ئاڭلاش ۋە ئەستە تۇتۇش ۋە ئەمەل قىلىش باسقۇچى. بۇ باسقۇچ سائادەت دەۋرىدىلا (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا) باشلاپ بولغان.

2.     (كىتابەت باسقۇچى) يەنى: ھەدىسلەرنىڭ رەتلەنمەستىن يېزىلىشى. بۇ باسقۇچمۇ سائادەت دەۋرىدە باشلىغان.

3.     (تەدۋىن باسقۇچى) يەنى: يېزىلغان ھەدىسلەرنى ئىككى مۇقاۋا ئارىسىغا ئېلىپ كىتاپلاشتۇرۇش باسقۇچى.  بۇ باسقۇچ ئەمەۋىي خەلىپىسى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىبنى شىھاب ئەززۇھرى تەرىپىدىن باشلانغان.

4.     (تەسنىف باسقۇچى)، يەنى: ھەدىس ھەققىدە يېزىلغان كىتاپلارنىڭ پەرقلىق مېتوتلار بويىچە رەتلىنىش باسقۇچى. بۇ باسقۇچ ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە باشلىنىپ، ئۈچىنچى ئەسىردە گۈللەنگەن. «ماقالىمىز مۇشۇ ھەقتە بولىدۇ».

ھەدىسلەرنىڭ بىزگە يېتىپ كېلىشىنى مۇشۇ باسقۇچىلار بىلەن ئىزاھلاش مۇمكىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزلىگەن ياكى بىرەر ئىش قىلغان چاغدا، كۆپىنچە ئەھۋالدا بىردىن كۆپ ساھابە سورۇندا بولاتتى. ساھابىلەرنىڭ كۆپ سانلىقى ھەدىسلەرنى يادقا ئېلىپ، كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولسا، ئاز بىر قىسىم ساھابىلەر ھەدىسلەرنى يېزىۋېلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. ماقالىمىزدا ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ھەدىسلەرنىڭ ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە پەقەتلا ئاغزاكى رىۋايەت بىلەن يەتكۈزۈلگەنلىكى، ئاغزاكى رىۋايەتتە ئۇنتۇش ياكى ئۆزگەرتىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرىلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەدىسلەرگە ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سەپسەتىلىرىنى بىتجىت قىلىش مەقسەت قىلىنغان. شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە ئىلمىي خىزمەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ۋە كۈنىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ئاشۇ مۇقەددەس يولغا قايتماي تۇرۇپ، نىجاتىلىققا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىشمۇ مەقسەت قىلىنغان.

ھەدىس تېكىستلىرى تۆۋەندىكى ئىككى مېتود بويىچە رەتلەنگەنلىكىنى بايان قىلىش مۇمكىن؛

1.   ھەدىسلەرنىڭ تېمىغا قارىتا رەتلىنىشى (يەنى: ھەدىس ئەسەرلىرىنىڭ ھەدىس تېكىستىدە بايان قىلىنغان تېمىغا ئاساسەن رەتلىنىپ، يېزىلىشى). سەھىھى بۇخارىدەك «جامىئ»، سۈنەنى ئەبۇ داۋۇدتەك «سۇنەن»، مۇسەننەفى ئابدۇررازقتەك «مۇسەننەف» قاتارلىق تۈرلەردە يېزىلغان ئەسەرلەر بۇنىڭغا ئۆرنەك بولالايدۇ.

2.   ھەدىسلەرنىڭ راۋىيغا قارىتا رەتلىنىشى (يەنى: ھەدىسلەرنىڭ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان راۋىيلارنى ئاساس قىلغان ھالدا رەتلىنىشى). مۇسنەدى ئەھمەدتەك «مۇسنەد»، مۇئجەمۇلكەبىردەك «مۇئجەم» تۈرىدە يېزىلغان ئەسەرلەر بۇنىڭغا ئۆرنەك بولالايدۇ.

ھەدىسلەر يۇقىرىدىكى ئىككى مېتود بويىچە رەتلىنىپ، كۈنىمىزگە قەدەر يېتىپ كەلگەن. تۆۋەندە ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە «مۇسەننەف» ۋە «مۇسنەد» تۈرىدە يېزىلغان ئەسەرلەرنى قىسقىچە تونۇش بىلەن بىللە، ئىككىنچى ئەسىردە  ھەدىس ھەققىدە يېزىلغان ئەسەر بايان قىلىنىدۇ ۋە ھەدىس ئىلمىنىڭ ئالتۇن دەۋرى دەپ ھېسابلانغان ئۈچىنچى ئەسىردىكى ھەدىس تەتقىقاتىغا بولغان تەسىرىنى يورۇتۇشقا تېرىشىمىز.

ھىجرىيەت ئىككىنچى ئەسىردە مۇسەننەف

مۇسەننەف تۈر مەنىسىدە ئىشلىتىلىدىغان سىنف كەلىمىسىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، تۈرلەش ۋە تۈرلەندۈرۈش دېگەن مەنىدە[2]. مۇسەننەف ھەدىس ئىلمىدە: «جامىئ، سۈنەن، مۇستەدرەك، مۇستەخرەج، زاۋائىد» قاتارلىق تېمىغا قارىتا رەتلەنگەن ھەدىسلەرگە بېرىلگەن ئومۇمىي ئاتالغۇ بولۇپ[3]، بۇ تۈردە يېزىلغان ئەسەرلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بىلەن بىللە، ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرى ۋە تابىئىيلارنىڭ پەتىۋالىرىمۇ بايان قىلىنىدۇ[4]. مۇسەننەف مېتودىدا يېزىلغان ئەسەرلەر ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە يېزىلىشقا باشلانغان بولۇپ، ئۈچىنچى ئەسىردە گۈللەنگەن.

ماقالىلىرىمىزنىڭ ئالدىنقى سانىدا ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە يېزىلغان ئەسەرلەرنى بايان قىلغىنىمىزدا «مۇسەننەف» تۈرىدە يېزىلغان ئەسەرلەردىن مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبۇ لەيلا، ھەمماد ئىبنى سەلەمە، ئىسمائىل ئىبنى ئەيياش، ھۈشەيم ئىبنى بەشىر، سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە، ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە قاتارلىق ئالىملارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەنىدۇق. تۆۋەندە يەنە بەزى ئالىملارنىڭ بۇ تۈردە يازغان ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز؛

ئەبۇ يۇسۇف

ئەبۇ يۇسۇف يەئقۇب ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ھەبىب ئەنسارى كۇفى، ئۇ 113 (731) – يىلى كۇفىدە تۇغۇلغان[5]. ئۇ ھىشام ئىبنى ئۇرۋە، يەھيا ئىبنى سەئىد ئەنسارى، ئاتائ ئىبنى سائىب، ئەئمەش، ئەبۇ ھەنىفە قاتارلىق ئالىملاردىن دەرس ئالغان. ئۇنىڭدىن بولسا؛ مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانى، يەھيا ئىبنى مەئىن، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئەلى ئىبنى جەئد، ئەسەد ئىبنى فۇرات، ئەھمەد ئىبنى مەنىئ قاتارلىق ئالىملار دەرس ئالغان[6].

ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل مۇنداق دېگەن: ئىلىم ئۆگىنىشنى باشلىغىنىمدا ئەبۇ يۇسۇفنىڭ دەرسىگە قاتناشتىم، ئۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام مۇھەممەدكە قارىغاندا ھەدىس ئەھلىگە مايىلراق ئىدى، ئەبۇ يۇسۇف ھەدىسكە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى يازغانىدى[7].

ئىمام ئەبۇ يۇسۇف مەھدى، ھادى ۋە ھارۇن رەشىد قاتارلىق ئۈچ ئابباسى خەلىپىسىنىڭ قازىسى بولغانىدى[8].

ئىمام ئەبۇ يۇسۇف فىقىھ بىلەن تونۇلغان ۋە قازىلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەدىس ھەققىدىكى ئاسار ئىسىملىك ئەسىرى ھەدىس ئىلمىدىكى ئورنى ۋە مەرتىۋىسىنى ئوچۇق ئاشكارا نامايان قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئەبۇ يۇسۇفنىڭ ئاسار ئىسىملىك ئەسىرىدە 1067 ھەدىس ۋە رىۋايەت مەۋجۇت بولۇپ، ھەدىسلەر «جامىئ» تۈردىكى تەرتىپ بويىچە رەتلەنگەن. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى 1937 – ھىندىستاننىڭ ھەيدەرئابات شەھىرىدە، ئەبۇ ۋەفانىڭ تەھقىقى بىلەن نەشىر قىلىنغان[9].

ئىمام ئەبۇ يۇسۇفنىڭ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەسەرلىرى ئارىسىدا «خەراج» ئىسىملىك ئەسىرىمۇ بار بولۇپ، ئەسەردە سەدىقە، ئۆشرە، زاكات، خەراج قاتارلىق تېمىلار ھەققىدە ھەدىس ۋە رىۋايەتلەر مەۋجۇتتۇر، ئەسەر 1979 – يىلى بەيرۇتتا نەشىر قىلىنغان[10].

ئىمام ئەبۇ يۇسۇفنىڭ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەسەرلىرىنىڭ يەنە بىرى؛ «ئەررەددۇ ئەلا سىيەرى ئەلئەۋزائى» ئىسىملىك رىسالىسى بولۇپ، ئەسەردە ئىمام ئەبۇ يۇسۇف ئۇستازى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ پىكىرلىرىنى ياقىلاپ، ئەۋزائىينىڭ پىكىرلىرىگە رەددىيە بېرىدۇ. ئەسەر 1975 – يىلى ئەبۇ ۋەفانىڭ تەھقىقى بىلەن ھىندىستاننىڭ ھەيدەرئابات شەھىرىدە نەشىر قىلىنغان[11].

ئىمام ئەبۇ يۇسۇفنىڭ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەسەرلىرىنىڭ يەنە بىرى؛ «ئىختىلافۇ ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىبنى ئەبى لەيلا» ئىسىملىك ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىمام ئەبۇ يۇسۇف ئۇستازى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئىبنى ئەبۇ لەيلا ئارىسىدا تالاش – تارتىش قىلىنغان فىقھىي مەسىلىلەرنى بايان قىلغان. ئەسەر 1939 – يىلى ئەبۇ ۋەفانىڭ تەھقىقى بىلەن ھىندىستاننىڭ ھەيدەرئابات شەھىرىدە نەشىر قىلىنغان[12].

ئىمام ئەبۇ يۇسۇف 182 (798) – يىلى باغداتتا ۋاپات بولغان[13].

مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانى

ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئىبنى فەرقەد كۇفى، 132 (749-750) – يىلى ۋاسىتتا تۇغۇلغان[14]. ئۇ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام ئەبۇ يۇسۇف، مىسئەر ئىبنى كىدام، مالىك ئىبنى مىغۋەل، ئەۋزائى، ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس، قاتارلىق ئالىملاردىن دەرس ئالغان، ئۇنىڭدىن بولسا؛ ئىمام شافىئى، ئەبۇ ئۇبەيد قاتارلىق ئالىملار دەرس ئالغان[15].

ئىمام زەھەبى مۇنداق دېگەن: ئىمام مۇھەممەد ئىمام ئەبۇ يۇسۇفتىن كېيىن ھارۇن رەشىد تەرىپىدىن قازىلىققا تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئىلمى بىلەن بىرلىكتە پاراسىتى بىلەن تونىلاتتى[16].

ئىبراھىم ھەربى مۇنداق دېگەن: ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدىن:

- بۇ ئىنچىكە مەسىلىلەر ھەققىدىكى پىكىرلەرنى نەدىن ئۆگەندىڭ؟ - دەپ سورىغانىدىم، ئۇ:

- ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەننىڭ كىتابلىرىدىن، - دەپ جاۋاب بەرگەن[17].

ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىنىڭ بىر نەچچە ئەسىرى كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەدىس ئىلمىگە ئائىت بولغان ئەسەرلەرمۇ، ھەنەفى فىقھىسىغا ئالاقىدار بولغان كىتابلارمۇ مەۋجۇتتۇر، ئۇنىڭ فىقھى ھەققىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىنىڭ بىرى «جامىئۇسسەغىر» ئىسىملىك ئەسەر بولۇپ، ئەسەردە ئىبادەت، نىكاھ – تالاق، تىجارەت ۋە سودا – سېتىق، جىنائىي ئىشلار قانۇنى، ۋەسىيەت قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىيلىي مەلۇمات بېرىلگەن. بۇ ئەسەر 1990 – يىلى پاكىستاندا نەشىر قىلىنغان[18]. ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەننىڭ فىقىھ ھەققىدىكى يەنە بىر ئەسىرى «ئەلئەسل» ئىسىملىك ئەسەر بولۇپ، ئەسەر دوكتۇر مۇھەممەد بوينۇ كالىن تەرىپىدىن تەھقىق قىلىنغان ۋە 2012 – يىلى بەيرۇتتا نەشىر قىلىنغان[19]. ئۇنىڭ فىقىھ ھەققىدىكى يەنە بىر ئەسىرى «زىيادەتۇززىيادات» ئىسىملىك ئەسىرى بولۇپ، ئەسەر ئەبۇ ۋەفانىڭ تەھقىقى بىلەن 1986 – يىلى بەيرۇتتا نەشىر قىلىنغان[20]. ئىمامنىڭ فىقىھ ھەققىدە يازغان يەنە بىر ئەسىرى «ئەلجامىئۇلكەبىر» ئىسىملىك ئەسەر بولۇپ، ئەسەر 1938 – يىلى ھىندىستاندا نەشىر قىلىنغان[21]. ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن فىقھىنىڭ پەرقلىق تېمىلىرى ھەققىدىمۇ كىتاب يازغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھىلە شەرئىيە ھەققىدە يازغان «ئەلمەخارىج فىلھىيەل» ئىسىملىك ئەسىرى 1999 – يىلى مىسىردا نەشىر قىلىنغان[22]. ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەننىڭ ئەسەرلىرى ئارىسىدا «كەسب» ئىسىملىك ئەسىرىمۇ بار بولۇپ، ئەسەردە تۇرمۇشنى قامداشقا مۇناسىۋەتلىك ئىسلامنىڭ ئۆلچەم ۋە قائىدىلىرى بايان قىلىنغان. ئەسەر ئابدۇلفەتتاھ ئەبۇ غۇددەنىڭ تەھقىقى بىلەن 1997 – يىلى سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە نەشىر قىلىنغان[23]. ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئىسلامدىكى جەڭ ۋە ئۇرۇش ئەھكامىنى بايان قىلىپ، «ئەسسىيەر ئەلكەبىر» ئىسىملىك ئەسەرنى يېزىپ چىققان بولۇپ، مەزكۇر ئەسەر ئىمام سەرەخسىي تەرىپىدىن شەرھىلەنگەن، ئىمام مۇھەممەدنىڭ مەزكۇر ئەسىرى ئىمام سەرەخسىينىڭ شەرھى بىلەن بىللە 1997 – يىلى بەيرۇتتا نەشىر قىلىنغان[24]. ئىمام مۇھەممەدنىڭ ھەنەفىي مەزھىبى بىلەن مالىكى مەزھىبىنى سېلىشتۇرغان ئاساستا يازغان «ئەلھۇججە ئەلا ئەھلىلمەدىنە» ئىسىملىك ئەسىرى فىقھى مۇقارەن (سېلىشتۇرما فىقىھ) ئىلمىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەسەر 1983 – يىلى بەيرۇتتا نەشىر قىلىنغان[25].

ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىنىڭ ھەدىس ئىلمىدە يازغان مۇھىم ئىككى ئەسىرى كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئەسەرلەرنىڭ بىرى ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەسنىڭ «مۇۋەتتائ» ئسىملىك ئەسىرىنىڭ ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانى رىۋايىتى بولۇپ، ئىمام مۇھەممەد ئۇستازى ئىمام مالىكتىن ئاڭلىغان ھەدىسلەرنى بايان قىلىش بىلەن بىللە، كېرەك بولغان يەرلەردە ھەنەفى مەزھىبىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئالاھىدە بايان قىلغان. ئەسەردە 1008 ھەدىس ۋە رىۋايەت بايان قىلىنغان بولۇپ، ئەسەر 1994 – يىلى قاھىرەدە ئابدۇلۋاھاب ئابدۇللەتىف تەھقىقى بىلەن نەشىر قىلىنغان[26]. ئىمام مۇھەممەد رىۋايەت قىلغان بۇ مۇۋەتتەئنى بىر نەچچە ئالىم شەرھىلىگەن بولۇپ، بۇ شەرھىلەرنىڭ بىرى ئىمام لەكنەۋىينىڭ ئەتتەئلىقۇلمۇمەججەد ئىسىملىك ئەسىرى بولۇپ، ئەسەر 1991 – يىلى بەيرۇتتا نەشىر قىلىنغان[27]. ئىمام مۇھەممەدنىڭ «مۇۋەتتائ» رىۋايىتىگە قىلىنغان شەرھلەرنىڭ يەنە بىرى ئىمام ئوسمان ئىبنى سەئىد كۇماخىنىڭ «ئەلمۇھەييائ» ئىسىملىك ئەسىرى بولۇپ، ئەسەر 2005 – يىلى ئەھمەد ئەلى تەھقىقى بىلەن قاھىرەدە نەشىر قىلىنغان[28].

ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەننىڭ ھەدىس ھەققىدىكى يەنە بىر ئەسىرى «ئەلئاسار» ئىسىملىك ئەسىرى بولۇپ، ئەسەردە 913 ھەدىس ۋە رىۋايەت بايان قىلىنغاندۇر. ئىمام مۇھەممەد بۇ ئەسەرنى ئۇستازى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدىن ئاڭلىغان ھەدىس ۋە رىۋايەتلەرنى نەقىل قىلىش ئاساسىدا يېزىپ چىققان. ئەسەر 2008 – يىلى خالىد ئەۋۋاد تەھقىقى بىلەن بەيرۇتتا نەشىر قىلىنغان[29].

ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانى 189 (805) – يىلى رەي دېگەن يەردە ۋاپات بولغان[30].

ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھب

ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھب ئىبنى مۇسلىم فىھرى مىسرى، ئۇ 125 (743) – يىلى قاھىرەدە تۇغۇلغان[31]، ئۇ 17 ياشتا ئىلىم ئۆگىنىشنى باشلىغان ۋە ئىبنى جۇرەيج، يۇنۇس ئىبنى يەزىد، مالىك ئىبنى ئەنەس، لەيىس ئىبنى سەئد قاتارلىق ئالىملاردىن دەرس ئالغان، ئۇنىڭدىن بولسا؛ ئابدۇرراھمان ئىبنى مەھدى، ھەرمەلە ئىبنى يەھيا، ئەھمەد ئىبنى سالىھ مىسرى، ھارىس ئىبنى مىسكىن، يەھيا ئىبنى يەھيا لەيسى، يۇنۇس ئىبنى ئابدۇلئەئلا، ئىبنى ئابدۇلھەكەم قاتارلىق ئالىملار دەرس ئالغان[32].

ئەھمەد ئىبنى سالىھ مىسرى: ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھب 100 مىڭ ھەدىسنى ئۆگەتتى، ئۇنىڭدىن كۆپ ھەدىس ئۆگەتكەن كىشىنى كۆرمىدىم، مەنمۇ ئۇنىڭدىن 70 مىڭ ھەدىس ئۆگەندىم، - دېگەن[33].

ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھبنىڭ بىر نەچچە ئەسىرى كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلاردىن؛ «قەدەر» ناملىق ئەسىرىدە 51 ھەدىس ۋە رىۋايەت بار بولۇپ، بۇ ئەسەرنىڭ بىرىنچى نەشرى 1986 – يىلى مەككىدە[34]، ئىككىنچى باسمىسى 2001 – يىلى رىيادتا نەشىر قىلىنغان[35].

ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھبنىڭ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن يەنە بىر ئەسىرى؛ تەفسىر ھەققىدە يېزىلغان «ئەلجامىئ مىن ئۇلۇمىلقۇرئان» ناملىق ئەسەر بولۇپ، بۇ ئەسەردە 287 ھەدىس ۋە رىۋايەت مەۋجۇتتۇر، ئەسەر 2003 – يىلى بەيرۇتتا نەشىر قىلىنغان[36].

ئۇنىڭ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن يەنە بىر ئەسىرى؛ «ئەلجامىئ فىلھەدىس» ئىسىملىك ئەسىرى بولۇپ، ئەسەردە 717 ھەدىس ۋە رىۋايەت مەۋجۇتتۇر، ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى 1996 – يىلى سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ دەممام شەھىرىدە نەشىر قىلىنغان[37].

ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھبنىڭ يەنە بىر ئەسىرى؛ «ئەلمۇۋەتتەئ» ئىسىملىك ئەسەر بولۇپ، بۇ ئەسەردە 521 ھەدىس ۋە رىۋايەت مەۋجۇتتۇر، ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى 1999 – يىلى سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ دەممام شەھىرىدە نەشىر قىلىنغان[38].

ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھب 197 (813) – يىلى ۋاپات بولغان[39].

ئابدۇراززاق ئىبنى ھەممام سەنئانىي

ئەبۇ بەكر ئابدۇرراززاق ئىبنى ھەممام ئىبنى نافىئ ھىميەرى سەنئانىي، 126 (743-744) – يىلى، يەمەننىڭ سانئا شەھىرىدە تۇغۇلغان[40]. ئۇ ئىبنى جۇرەيج، مەئمەر ئىبنى راشىد، ئەۋزائى، سۇفيان سەۋرى، مالىك ئىبنى ئەنەس، ئىسمائىل ئىبنى ئەيياش، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، فۇزەيل ئىبنى ئىياز، مۇئتەمىر ئىبنى سۇلايمان، ھۇشەيىم ئىبنى بەشىر، ئەبۇ بەكر ئىبنى ئەيياش[41] قاتارلىق ئالىملاردىن دەرس ئالغان. ئۇنىڭدىن بولسا، سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئىسھاق ئىبنى راھۇيەھ، يەھيا ئىبنى مەئىن، ئەلى ئىبنى مەدىنى، ئەھمەد ئىبنى سالىھ مىسرى[42]، ئەبۇ خەيسەمە زۇھەير ئىبنى ھەرب، ئەبد ئىبنى ھۇمەيد، ۋەكىئ ئىبنى جەرراھ قاتارلىق ئالىملار دەرس ئالغان[43].

ئىبنى سەمئانىي مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئىلىم تەلەپ قىلغانلار ئابدۇرراززاقنىڭ يېنىغا بارغاندەك ھېچكىمنىڭ يېنىغا بېرىپ باقمىغان[44].

ئابدۇرراززاق ئىبنى ھەممامنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئەسىرى «مۇسەننەف» ئىسىملىك ئەسەر بولۇپ، بۇ ئەسەردە 21958 ھەدىس ۋە رىۋايەت مەۋجۇتتۇر[45]. كىتاپنىڭ باشقا بىر باسمىسىدا 21033 ھەدىس ۋە رىۋايەت بايان قىلىنغان[46]. بۇ ئەسەر كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ۋە بىر نەچچە قېتىم نەشىر قىلىنغان.

ئابدۇرراززاق سەنئانى 211 (826 ياكى 827) – يىلى، ۋاپات بولغان[47].

ھىجرىيەت ئىككىنچى ئەسىردە مۇسنەد

«مۇسنەد» ئەرەپچىدە كۆتۈرۈش، نىسبەت بېرىش قاتارلىق مەنىلەردە ئىشلىتىلىدىغان سەنەد كەلىمىسىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، ھەدىستىكى مۇسنەد؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامگە نىسبەت بېرىلگەن ھەدىستۇر[48]. مۇسنەد ھەدىس ئىلمىدە: ھەربىر ساھابەنىڭ ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى راۋىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرىنىڭ توپلىمىدۇر، بۇ تۈردىكى ھەدىسلەر توپلانغاندا ھەدىسنىڭ سەھىھ ياكى ئەمەسلىكى نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ[49]. مۇسنەد مېتوتىدا يېزىلغان ئەسەرلەر ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە يېزىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۈچىنچى ئەسىردە گۈللەنگەن.

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك

ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ئىبنى ۋادىھ ھەنزەلى تۈركى مەرۋەزى، 118 (736) – يىلى مەرۋدە دۇنياغا كەلگەن[50]، ئۇ رەبىئ ئىبنى ئەنەس خۇراسانى، ھەمىد تەۋىل، ئاسىم ئەھۋەل، ھىشام ئىبنى ئۇرۋە، يەھيا ئىبنى سەئىد ئەنسارى، ئەۋزائى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، مەئمەر ئىبنى راشىد، سۇفيان سەۋرى، شۇئبە ئىبنى ھەججاج، ئىبنى ئەبۇ زىئب، ھەمماد ئىبنى سەلەمە، ھەمماد ئىبنى زەيد، مالىك ئىبنى ئەنەس، لەيس ئىبنى سەئد، ھۇشەيم ئىبنى بەشىر، سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە قاتارلىق ئالىملاردىن دەرس ئالغان. ئۇنىڭدىن بولسا، ئىبنى ۋەھب، ئابدۇرراھمان ئىبنى مەھدى، ئابدۇرراززاق ئىبنى ھەممام، يەھيا ئىبنى سەئىد قەتتان، يەھيا ئىبنى مەئىن، ئەبۇ بەكر ئىبنى ئەبۇ شەيبە، ئەھمەد ئىبنى مەنىئ، ئەلى ئىبنى ھىجر قاتارلىق ئالىملار دەرس ئالغان[51].

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ئىلىم تەلەپ قىلىش مەقسىتىدە ھىجاز، شام، مىسىر، ئىراق، خۇراسان قاتارلىق يەرلەرگە سەپەر قىلغان[52].

يەھيا ئىبنى ئادەم مۇنداق دېگەن: ئىنچىكە مەسىلىلەرگە ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنىڭ كىتابلىرىدىن جاۋاب تاپالمىسام، ئۈمىدىمنى ئۈزەتتىم[53].

ئابدۇرراھمان ئىبنى مەھدى مۇنداق دېگەن: زامانىمىزدىكى ئالىملار تۆتتۇر؛ سۇفيان، مالىك، ھەمماد ئىبنى زەيد ۋە ئىبنى مۇبارەك[54].

ئىمران ئىبنى مۇسا تەرسۇسى مۇنداق دېگەن: بىر كىشى سۇفيان ئىبنى ئۇيەينەدىن بىر مەسىلىنى سورىغانىدى، سۇفيان ئۇنىڭغا:

- سەن نەدىن؟ - دەپ سورىدى، ئۇ كىشى:

- مەن خۇراساندىن، - دېگەنىدى، سۇفيان:

- شەرقنىڭ ئەڭ كاتتا ئالىمىنىڭ يېنىدىن كېلىپ، مەندىن سورامسەن؟ - دېگەنىدى، ئۇ كىشى:

- كىم ئۇ؟ - دەپ سورىدى، سۇفيان:

- ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكتۇر، - دەپ جاۋاب بەرگەنىدى، ئۇ كىشى:

- ئابدۇللاھ ھەقىقەتەن شەرقنىڭ ئەڭ كاتتا ئالىمىمۇ؟ دەپ سورىدى، سۇفيان:

- ھەم شەرقنىڭ ھەم غەربنىڭ ئەڭ كاتتا ئالىمى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكتۇر، - دەپ جاۋاب بەردى[55].

يەھيا ئىبنى مەئىن: ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ھەدىس ئىلمىدە ئەمىرۇلمۇئمىنىن (مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى)دۇر، - دېگەن[56].

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنىڭ بىر نەچچە ئەسەر يازغانلىقى مەنبەلەردە بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسمى كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنىڭ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەسەرلىرىنىڭ بىرى؛ «زۇھد» ھەققىدە يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، ئەسەردە 2063 ھەدىس ۋە رىۋايەت مەۋجۇتتۇر، ئەسەر 2004 – يىلى بەيرۇتتا نەشىر قىلىنغان[57].

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنىڭ كۈنىمىزگىچە كەلگەن يەنە بىر ئەسىرى «جىھاد» ئىسىملىك ئەسەر بولۇپ، ئەسەردە 262 ھەدىس ۋە رىۋايەت باردۇر. ئەسەر 2009 – يىلى جىددىدە نەشىر قىلىنغان[58].

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنىڭ «مۇسنەد» ئىسىملىك يەنە بىر ئەسىرى كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئەسەردە 286 ھەدىس ۋە رىۋايەت باردۇر، ئەسەر 1991 – يىلى بەيرۇتتا نەشىر قىلىنغان[59].

ئۇنىڭ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەسەرلىرىنىڭ يەنە بىرى؛ «ئەلبىررۇ ۋەسسىلە» ناملىق ئەسەر بولۇپ، ئەسەردە 353 ھەدىس ۋە رىۋايەت باردۇر، ئەسەر 1991 – يىلى بەيرۇتتا نەشىر قىلىنغان[60].

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنىڭ شېئىرلىرىنى توپلىغان بىر دىۋانمۇ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ دىۋان 2011 – يىلى رىيادتا تۆتىنچى قېتىم نەشىر قىلىنغان[61].

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنىڭ «ئەس سۇنەن فىل فىقھ»، «ئەت تارىخ»، «ئەت تەفسىر» ناملىق ئەسەرلىرى مەنبەلەردە بايان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلمىگەن[62].

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك 181 (797) – يىلى ۋاپات بولغان[63].

ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى مۇسا ئىبنى ئەبۇ مۇختار بازام

ئەبۇ مۇھەممەد ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى مۇسا ئىبنى ئەبۇ مۇختار بازام كۇفى، 120 (738) يىلى ئەتراپىدا تۇغۇلغان. ئۇبەيدۇللاھ ھىشام ئىبنى ئۇرۋە، ئەئمەش، ئىبنى جۇرەيج، ئەۋزائى، مىسئەر ئىبنى كىدام، شۇئبە ئىبنى ھەججاج، سۇفيان سەۋرى قاتارلىق ئالىملاردىن دەرس ئالغان. ئۇنىڭدىن بولسا؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋىيەھ، يەھيا ئىبنى مەئىن، ئەبد ئىبنى ھۇمەيد، ئەھمەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىجلىي قاتارلىق ئالىملار دەرس ئالغان.

ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى مۇسا 213 (829) – يىلى ۋاپات بولغان[64].

خەلىلىي مۇنداق دەيدۇ: كۇفىدە مۇسنەد تۈرى ئەسەر يازغان تۇنجى ئالىم ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى مۇسادۇر[65]. ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى مۇسانىڭ مۇسنەد ئىسىملىك ئەسەرنى يازغانلىقى مەنبەلەردە بايان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلمىگەن.

ئىبراھىم ئىبنى نەسر مۇتەۋۋىئىي

ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم ئىبنى نەسر خۇراسانىي مۇتەۋۋىئىي، ئۇ ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، جەرىر ئىبنى ئابدۇلھەمىد، ئەبۇ بەكىر ئىبنى ئەيياش قاتارلىق ئالىملاردىن دەرس ئالغان، ئۇنىڭدىن بولسا؛ ئەبۇ زۇرئە، ئەبۇ ھاتىم قاتارلىق ئالىملار دەرس ئالغان. مۇتەۋۋىئىينىڭ «مۇسنەد» ئىسىملىك بىر ئەسەرنى يازغانلىقى مەنبەلەردە بايان قىلىنغان بولسىمۇ، مەزكۇر ئەسەر كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلمىگەن.

مۇتەۋۋىئىي 213 (829) – يىلى ۋاپات بولغان[66].

ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە ئالاھىدە تېمىلار ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەر

ھەدىسنىڭ چوڭ ئىككى تۈر بويىچە رەتلىنىپ يېزىلغانىلىقىنى يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتتۇق. لېكىن ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردىن باشلاپلا زۇھد، جىھاد، ناماز، خەراج قاتارلىق ئايرىم تېمىلاردىمۇ ھەدىس يېزىلىش باشلانغان. بۇ تۈردىكى ئەسەرلەر جامىئ ۋە سۈنەنگە ئوخشاش تېما ئاساسىدا رەتلەنگەن بولسىمۇ، بەلگىلەنگەن بىر تېما ھەققىدە ئالاھىدە كىتاب يېزىلىشنىڭ ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدىن ئېتىبارەن راۋاجلانغانلىقى، ھەدىسلەرنىڭ يېزىلىشى ۋە بىزگە يېتىپ كېلىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، تۆۋەندە ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئالاھىدە تېمىلار ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ بىر قىسمى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

ۋەكىئ ئىبنى جەرراھ

ئەبۇ سۇفيان ۋەكىئ ئىبنى جەرراھ ئىبنى مەلىھ رۇئاسى كۇفى، 128 ياكى 129 (746-747) يىللىرىدا ئىراقنىڭ كۇفە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ۋەكىئ ھىشام ئىبنى ئۇرۋە، سۇلايمان ئەئمەش، ئىبنى جۇرەيج، ئەۋزائى، ئىبنى ئەبۇ لەيلا، مىسئەر ئىبنى كىدام، ئىبنى ئەبۇ زىئب، شۇئبە ئىبنى ھەججاج، سۇفيان سەۋرى قاتارلىق ئالىملاردىن دەرس ئالغان. ئۇنىڭدىن بولسا، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئابدۇرراھمان ئىبنى مەھدى، ھۇمەيدى، مۇسەددەد ئىبنى مۇسەرھەد، ئەلى ئىبنى مەدىنى، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، يەھيا ئىبنى مەئىن، ئەبۇ بەكىر ئىبنى ئەبۇ شەيبە قاتارلىق ئالىملار دەرس ئالغان[67].

ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل: ۋەكىئ ئىبنى جەرراھتەك ئىلىمنى ياخشى بىلىدىغان بىرىنى كۆرمىدىم، - دېگەن[68]. ئىبنى ئەممار مۇنداق دېگەن: ۋەكىئنىڭ دەۋرىدە كۇفىدە ئۇنىڭدىن ئىلىملىكرەك ئادەم يوقتى[69]. يەھيا ئىبنى مەئىن: ۋەكىئدىن پەزىلەتلىكرەك بىرىنى كۆرمىدىم، - دېگەن[70].

ۋەكىئ ئىبنى جەرراھنىڭ بىر نەچچە ئەسىرى بار بولۇپ، بەزىسى كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بولسا يەنە بەزىسى يېتىپ كەلمىگەن. كىتتانى ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە «مۇسەننەف» ئىسىملىك بىر ئەسەرنىڭ بارلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ[71]، لېكىن ئۇ ئەسەر كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلمىگەن. ۋەكىئنىڭ «زۇھد» ئىسىملىك بىر ئەسىرى بار بولۇپ، 539 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئەسەر 1984 – يىلى، ئۈچ جىلد ھالىتىدە مەدىنىدە نەشىر قىلىنغان[72].

ۋەكىئ ئىبنى جەرراھ 197 (812) – يىلى ۋاپات بولغان[73].

ئەسەد ئىبنى مۇسا

ئەبۇ سەئىد ئەسەد ئىبنى مۇسا ئىبنى ئىبراھىم ئەمەۋى مىسرى، 132 (750) – يىلى مىسىردا تۇغۇلغان[74]. ئەسەد شۇئبە ئىبنى ھەججاج، ئىبنى ئەبۇ زىئب، ھەمماد ئىبنى سەلەمە، جەرىر ئىبنى ئابدۇلھەمىد[75]، ئىسمائىل ئىبنى ئەيياش، سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە، شەرىك ئىبنى ئابدۇللاھ نەخەئىي، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھب، فۇزەيل ئىبنى ئىياز، لەيس ئىبنى سەئد، ۋەكىئ ئىبنى جەرراھ[76] قاتارلىق ئالىملاردىن دەرس ئالغان. ئۇنىڭدىن بولسا؛ ئەھمەد ئىبنى سالىھ مىسرى، ئابدۇلمەلىك ئىبنى ھەبىب، رەبىئ ئىبنى سۇلايمان مۇرادى، سەئىد ئىبنى ئەسەد ئىبنى مۇسا، ھىشام ئىبنى ئاممار قاتارلىق ئالىملار دەرس ئالغان.

ئىبنى دەقىق ئىيد: «مۇسنەد» تۈرىدىكى ئەسەر يازغان تۇنجى كىشى ئەسەد ئىبنى مۇسادۇر، - دېگەن[77]. ئۇنىڭ بۇ سۆزى مىسىردا يېزىلغان تۇنجى «مۇسنەد» نى ئەسەد يازغان دېگەن مەنىدە ئىزاھلانغان. ئۇنىڭ مۇسنەد ئىسىملىك ئەسىرى كۈنىمىزگە يېتىپ كەلمىگەن، لېكىن ئۇنىڭ «زۇھد» ئىسىملىك بىر ئەسىرى كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئەسەردە زاھىتلىققا ئالاقىدار 104 ھەدىس ۋە رىۋايەت مەۋجۇتتۇر[78].

ئەسەد ئىبنى مۇسا 212 (827) – يىلى مىسىردا ۋاپات بولغان[79].

ئەبۇ نۇئەيم فەزل ئىبنى دۇكەين

ئەبۇ نۇئەيم فەزل ئىبنى ئەمر (دۇكەين) ئىبنى ھەمماد كۇفى، 130 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا (748) – يىلى دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، ئەئمەش، مالىك ئىبنى مىغۋەل، مىسئەر ئىبنى كىدام، سۇفيان سەۋرى، شۇئبە ئىبنى ھەججاج، ئەبۇ ھەنىفە، ئىبنى ئەبۇ لەيلا قاتارلىق ئالىملاردىن دەرس ئالغان. ئۇنىڭدىن بولسا، ئىمام بۇخارى، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋىيەھ، ئەبۇ بەكر ئىبنى ئەبۇ شەيبە، ئەبد ئىبنى ھۇمەيد، ئەبۇ زۇرئە رازى، ئەبۇ زۇرئە دىمەشقى، ئەبۇ ھاتەم، ئىبراھىم ھەربى قاتارلىق ئالىملار دەرس ئالغان[80].

ئەھمەد ئىبنى سالىھ: ئەبۇ نۇئەيمدىن ئىشەنچىلىكرەك ھەدىسچى كۆرمىدىم، - دېگەن[81].

ئەبۇ نۇئەيمنىڭ «سالات (ناماز)» ناملىق بىر ئەسىرى بار بولۇپ، بۇ ئەسەر 1996 – يىلى مەدىنىدە نەشىر قىلىنغان. ئەسەردە نامازغا ئالاقىدار 349 ھەدىس بايان قىلىنغان[82].

ئەبۇ نۇئەيم 219 (824) – يىلى ۋاپات بولغان[83].

خۇلاسىلىگەندە: ئىسلامنىڭ ئىككىنچى ئاساسى بولغان ھەدىسنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە ئىسلامدىكى ئورنىنى خۇنۇكلەشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق دىنىمىزنى ھەدىستىن ئايرىپ، تەدرىجىي ھالدا قۇرئانغىمۇ تىل ئۇزىتىش ئارقىلىق دىننى يوقىتىش، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ خىيالى بوپ كەلدى. ئەپسۇسكى بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلارمۇ ئەنە شۇ دىن دۈشمەنلىرىنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ، ئۇلارنىڭ ئازغۇن يولىدا پىداكارانە كېتىپ بارماقتا. دەل شۇنداق پەيتتە ئىسلامنى بىر پۈتۈن قوبۇل قىلغان ۋە ئاللاھنىڭ دىنىنى ئالىي قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر تۈركۈم سالىھ ۋە تەقۋادار ئۆلىمالار ھەدىس ئىنكارچىلىرى ۋە دىن دۈشمەنلىرىنىڭ بۇ رەزىل مەقسەت – مۇددىئالىرىدىن مۇسۇلمانلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە. ئەنە شۇ ئۆلىمالار دىن دۈشمەنلىرىنىڭ دىنىي ئەقىدە ۋە پرىنسىپلارغا قاراتقان ھۇجۇم خاراكتېرلىك سەپسەتىلىرىگە ئىلمىي ئاساسلار بويىچە رەددىيە بېرىش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى قوغداپ قىلىشقا ھەرىكەت قىلماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان زۇلۇم ۋە ئازاب خەلقىمىزنى چىرمىۋالغان مۇشۇ كۈنلەردە ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆزىنى ئۆلىما چاغلىۋالغان بىر تۈركۈم ئىنسانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە تىل ئۇزىتىپ، ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان. ئۇلارنىڭ بۇ سەپسەتەلىرىگە ئىلمىي ئۇسۇلدا رەددىيە بېرىش بىلەن بىللە، ھەدىس تارىخىنى خەلقىمىزگە يەتكۈزۈش مەقسىتىدە بۇ ماقالىنى يېزىپ چىقتىم. يازغانلىرىمنىڭ توغرىسى ئاللاھنىڭ ئىنئامى، خاتالىرى بولسا نەپسىم ۋە شەيتاننىڭ ئازدۇرىشىدىندۇر. ئۇلۇغ ئالاھ بۇ ماقالىنىڭ مۇقەددەس دىنىمىزنى قوغداش يولىدىكى بىر خىزمەت بولۇپ قىلىشىنى نېسىپ قىلسۇن ۋە ماقالىنى يازغان، ئوقۇغان ۋە ئەمگىكى سىڭگەن پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىپ، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل قىلسۇن... ئامىن!



[1] جمال الدين القاسمي الدمشقي، قواعد التحديث من فنون مصطلح الحديث، صـ : بيروت - 2004.

[2] ئىبنى مەنزۇر (لسان العرب) ئىسىملىك ئەسىرى، 9 – جىلد، 199 – بەت. بەيرۇت – 1968.

[3] تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi) مۇسەننەف ماددىسى، ئاپتۇرى: ئىبراھىم خەتىب ئوغلى.

[4] سەييىد ئابدۇلماجىد ئەلغۇرى (الوجيز في تعريف كتب الحديث) ئىسىملىك ئەسىرى، 63 – بەت. بەيرۇت – 2009.

[5] تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi) ئەبۇ يۇسۇف ماددىسى، ئاپتۇرى: سالىم ئۆگۈت.

[6] زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 8 – جىلد،536 – بەت. بەيرۇت – 1996.

[7] زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 8 – جىلد،537 – بەت. بەيرۇت – 1996.

[8] ئىبنى خەللىكاننىڭ (وفيات الأعيان وأنباء أبناء الزمان) ئىسىملىك ئەسىرى، 6 – جىلد،379 – بەت. بەيرۇت – 1990.

[9] ئەبۇ يۇسۇفنىڭ (الآثار) ئىسىملىك ئەسىرى. ھىندىستان – 1937.

[10] ئەبۇ يۇسۇفنىڭ (الخراج) ئىسىملىك ئەسىرى. بەيرۇت – 1979.

[11] ئەبۇ يۇسۇفنىڭ (الرد على سير الأوزاعي) ئىسىملىك ئەسىرى. ھىندىستان – 1975.

[12] ئەبۇ يۇسۇفنىڭ (إختلاف أبي حنيفة وابن أبي ليلى) ئىسىملىك ئەسىرى. ھىندىستان – 1939.

[13] تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi) ئەبۇ يۇسۇف ماددىسى، ئاپتۇرى: سالىم ئۆگۈت.

[14] تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi) مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانى ماددىسى، ئاپتۇرى: ئايدىن تاش، مۇھەممەت ئۆزشەنەل.

[15] زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 9 – جىلد،135 – بەت. بەيرۇت – 1996.

[16] زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 9 – جىلد،135 – بەت. بەيرۇت – 1996.

[17] زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 9 – جىلد،136 – بەت. بەيرۇت – 1996.

[18] مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىنىڭ (الجامع الصغير) ئىسىملىك ئەسىرى، پاكىستان، 1990.

[19] مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىنىڭ (الأصل) ئىسىملىك ئەسىرى، بەيرۇت، 2012.

[20] مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىنىڭ (زيادة الزيادات) ئىسىملىك ئەسىرى، بەيرۇت، 1986.

[21] مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىنىڭ (الجامع الكبير) ئىسىملىك ئەسىرى، ھىندىستان، 1938.

[22] مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىنىڭ (المخارج في الحيل) ئىسىملىك ئەسىرى، بەيرۇت، 1986.

[23] مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىنىڭ (الكسب) ئىسىملىك ئەسىرى، ھەلەب، 1997.

[24] شەمسۇلئەئىممە سەرەخسىينىڭ (شرح كتاب السير الكبير) ئىسىملىك ئەسىرى، بەيرۇت، 1997.

[25] مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىنىڭ (الحجة على أهل المدينة) ئىسىملىك ئەسىرى، بەيرۇت، 1983.

[26] ئىمام مالىكنىڭ (الموطأ) ئىسىملىك ئەسىرىنىڭ ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن رىۋايىتى، قاھىرە، 1994.

[27] ئابدۇلھەي لەكنەۋىينىڭ (التعليق الممجد على موطأ محمد) ئىسىملىك ئەسىرى، بەيرۇت، 1991.

[28] ئوسمان ئىبنى سەئىد كۇماخىنىڭ (المهيأ في كشف أسرار الموطأ) ئىسىملىك ئەسىرى، قاھىرە، 2005.

[29] مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىنىڭ (الآثار) ئىسىملىك ئەسىرى، بەيرۇت، 2008.

[30] تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi) مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانى ماددىسى، ئاپتۇرى: ئايدىن تاش، مۇھەممەت ئۆزشەنەل.

[31] تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi) ئىبنى ۋەھب ماددىسى، ئاپتۇرى: ساففەت كۆسە.

[32] زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 9 – جىلد،223 - 234 – بەت. بەيرۇت – 1996.

[33] ئىبنى ئابدۇلبەرنىڭ (الانتقاء في فضائل الثلاثة الأئمة الفقهاء مالك والشافعي وأبي حنيفة رضي الله عنهم) ئىسىملىك ئەسىرى، 94 – بەت. بەيرۇت – 1997.

[34] ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھبنىڭ (القدر وما ورد في ذلك من الآثار) ئىسىملىك ئەسىرى. مەككە – 1986.

[35] ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھبنىڭ (القدر وما ورد في ذلك من الآثار) ئىسىملىك ئەسىرى. رىياد – 2001.

[36] ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھبنىڭ (الجامع من علوم القرآن) ئىسىملىك ئەسىرى. بەيرۇت – 2003.

[37] ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھبنىڭ (الجامع في الحديث) ئىسىملىك ئەسىرى. دەممام – 1996.

[38] ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھبنىڭ (الموطأ ) ئىسىملىك ئەسىرى. دەممام – 1999.

[39] تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi) ئىبنى ۋەھب ماددىسى، ئاپتۇرى: ساففەت كۆسە.

[40] تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi) ئابدۇرراززاق سانئانىي ماددىسى، ئاپتۇرى: ئەلى ئاكيۈز.

[41] ئەبۇ ھەججاج مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 18 – جىلد،54 – بەت. بەيرۇت – 1980.

[42] زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 9 – جىلد،565 – بەت. بەيرۇت – 1996.

[43] ئەبۇ ھەججاج مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 18 – جىلد،56 – بەت. بەيرۇت – 1980.

[44] ئىبنى خەللىكاننىڭ (وفيات الأعيان وأنباء أبناء الزمان) ئىسىملىك ئەسىرى، 3 – جىلد،216 – بەت. بەيرۇت – 1990.

[45] ئابدۇرراززاق ئىبنى ھەممامنىڭ (المصنف) ئىسىملىك ئەسىرى. بەيرۇت – 2015.

[46] ئابدۇرراززاق ئىبنى ھەممامنىڭ (المصنف) ئىسىملىك ئەسىرى. بەيرۇت – 1983.

[47] تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi) ئابدۇرراززاق سانئانىي ماددىسى، ئاپتۇرى: ئەلى ئاكيۈز.

[48] ئىبنى مەنزۇر (لسان العرب) ئىسىملىك ئەسىرى، 3  – جىلد، 221 – بەت. بەيرۇت – 1968.

[49] تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi) مۇسنەد ماددىسى، ئاپتۇرى: ئىبراھىم خەتىب ئوغلى.

[50] تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi) ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ماددىسى، ئاپتۇرى: راشىت كۈچۈك.

[51] زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 8 – جىلد،380 – بەت. بەيرۇت – 1996.

[52] زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 8 – جىلد،381 – بەت. بەيرۇت – 1996.

[53] زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 8 – جىلد،383 – بەت. بەيرۇت – 1996.

[54] زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 8 – جىلد،388 – بەت. بەيرۇت – 1996.

[55] زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 8 – جىلد،389 – بەت. بەيرۇت – 1996.

[56] زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 8 – جىلد،392 – بەت. بەيرۇت – 1996.

[57] ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنىڭ (الزهد والرقائق) ئىسىملىك ئەسىرى. بەيرۇت – 2004.

[58] ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنىڭ (كتاب الجهاد) ئىسىملىك ئەسىرى. جىددە – 2009.

[59] ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنىڭ (المسند) ئىسىملىك ئەسىرى. بەيرۇت – 1991.

[60] ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنىڭ (البر والصلة) ئىسىملىك ئەسىرى. بەيرۇت – 1991.

[61] ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنىڭ (ديوان الإمام المجاهد ابن المبارك) ئىسىملىك ئەسىرى. رىياد – 2011.

[62] ئىبنى نەدىمنىڭ (الفهرست) ئىسىملىك ئەسىرى،1 – جىلد، 319 – بەت، بەيرۇت – 1978.

[63] تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi) ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ماددىسى، ئاپتۇرى: راشىت كۈچۈك.

[64] زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 9 – جىلد،553 - 557 – بەت. بەيرۇت – 1996.

[65] ئەبۇ يەئلا قەزۋىينى خەلىلىينىڭ (الإرشاد في معرفة علماء الحديث) ئىسىملىك ئەسىرى، 2 – جىلد،512 – بەت. رىياد – 1989.

[66] زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 10 – جىلد، 397 – بەت. بەيرۇت – 1996.

[67] زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 9 – جىلد،142 – بەت. بەيرۇت – 1996.

[68] زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 9 – جىلد،144 – بەت. بەيرۇت – 1996.

[69] زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 9 – جىلد،146 – بەت. بەيرۇت – 1996.

[70] زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 9 – جىلد،148 – بەت. بەيرۇت – 1996.

[71] كىتتانىينىڭ (الرسالة المستطرفة لبيان مشهور كتب السنة المصنفة) ئىسىملىك ئەسىرى، 40 – بەت. بەيرۇت – 1993.

[72] ۋەكىئ ئىبنى جەرراھنىڭ (الزهد) ئىسىملىك ئەسىرى، مەدىنە، 1984.

[73] تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi) ۋەكىئ ئىبنى جەرراھ  ماددىسى، ئاپتۇرى: مۇھەممەد ئەمىن ئۆز ئافشار.

[74] تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi) ئەسەد ئىبنى مۇسا ماددىسى، ئاپتۇرى: بىلال ساكلان.

[75] زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 10 – جىلد، 162 - 164 – بەت. بەيرۇت – 1996.

[76] ئەبۇ ھەججاج مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 2 – جىلد،512-513 – بەت. بەيرۇت – 1980.

[77] زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 10 – جىلد، 164 – بەت. بەيرۇت – 1996.

[78] ئەسەد ئىبنى مۇسانىڭ (كتاب الزهد) ئىسىملىك ئەسىرى. مىسىر – 1993.

[79] تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi) ئەسەد ئىبنى مۇسا ماددىسى، ئاپتۇرى: بىلال ساكلان.

[80] زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 10 – جىلد،146 – بەت. بەيرۇت – 1996.

[81] زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 10 – جىلد،147 – بەت. بەيرۇت – 1996.

[82] ئەبۇ نۇئەيمنىڭ (الصلاة) ئىسىملىك ئەسىرى، مەدىنە، 1996.

[83] تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi) ئەبۇ نۇئەيم فەزل ئىبنى دۇكەين ماددىسى، ئاپتۇرى: مۇھەممەد ياشار كاندەمىر.