ماقالىلار

قۇرئان كەرىم

2024-05-21
A-
A+

بسم الله الرحمن الرحيم

قۇرئان كەرىم

دوكتور ئالىمجان بۇغدا

بىزلەرنى ياراتقان، مەخلۇقاتلىرى ئىچىدىن ئەقىل ۋە ئىدراك بىلەن ئالاھىدە  شەرەپلەندۈرگەن، بىلمىگەنلىرىمىزنى قەلەم ۋە يېزىق ئارقىلىق بىلدۈرۈپ ئەقلىمىزنى ئىمان بىلەن نۇرلاندۇرغان جانابى ئاللاھغا ھەمدۇسانا ئېيتىمىز. ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتكەن، ئۇنىڭغا ئىنسانلارنىڭ ھىدايىتى ئۈچۈن ئۆز كالامى بولغان قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغان ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىىسالامغا دۇرۇت ۋە سالام يوللايمىز. ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە بارلىق ساھابىلىرىگە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز.

جانابىى ئاللاھ يەر يۈزىگە تۈنچى ئىنسان ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ھەزرىتى ھاۋۋانى ئاپىرىدە قىلغان دەۋردىن باشلاپ، ئىنسانلارغا ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى بىلدۈرۈش، ئۇلارغا يارىتىلىش غايىسىنى تونۇتۇش ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئەسلىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەر ئەۋەتتى. پەيغەمبەرلەر ھەر دەۋردە ئاللاھ تائالادىن كەلگەن ۋەھيى ۋە تەلىماتلار ئاساسىدا ئىنسانلارغا جانابى ئاللاھنىڭ زاتى سۈپەتلىرىنى، جانابى ئاللاھغا ئىمان كەلتۈرۈش، ئۇ زاتقا ئىبادەت ۋە بەندىچىلىك قىلىشنىڭ يوللىرىنى، ھاياتى دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى، دۇنيا ھاياتىدا ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئەبەدىي ھاياتلىق ئالەمى بولغان ئاخىرەتتە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ جەننەتكە كېرىشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. جانابى ئاللاھ پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئىنسانلارغا بىلدۈرگەن ئەمر-پەرمان ۋە يول-يورۇقلىرى، پەيغەمبەرلەر بۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئونتۇلۇپ كەتمىسۇن ۋە ئىنسانلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىۋەتمىسۇن ئۈچۈن، پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى ئارقىلىق كىتاب ۋە مۇسھەپلەرنى (سەھىپە ياكى ۋراق) نازىل قىلدى. مەسلەن: ئادەم ئەلەيھىسسالامغا نازىل  قىلىنغان «سۇھۇفى ئادەم»، ھەزرىتى شىش ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «سۇھۇفى شىش»، ئىدرىس ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «سۇھۇفى ئىدرىس»، ھەزرىتى نۇھ ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «سۇھۇفى نۇھ» ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «سۇھۇفى ئىبراھىم» غا ئوخشاش 100 دىن ئاتۇق سۇھۇف ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «تەۋرات»، داۋۇت ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «زەبۇر»، ئېيسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «ئىنجىل» ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «قۇرئان كەرىم»دىن ئىبارەت تۆت مەشھۇر كىتابقا ئوخشاش.

ھەر پەيغەمبەر - ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارىتىپ تاكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە – جانابى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھيىنى ئۆز ھاياتىغا تەتبىقلاش ۋە ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىغاندۇر. ھەر بىر پەيغەمبەر ئۆزىدىن بۇرۇن كەلگەن پەيغەمبەرنى ۋە ئېلىپ كەلگەن ئىلاھى ۋەھيىنى تەستىقلاش بىلەن بىرگە، ئىلاھىي كۆرسەتمىلەر ئاساسىدا زامان ئىچىدە ئىنسانلار تەرىپىدىن قوشىۋىلىنغان باتىل ئەقىدە، بىدئەت – خوراپات، ئىنسان تەبىئىتىگە زىت بولغان پاسكىنا، ناچار ئادەت ۋە ھەر خىل زۇلۇم – زوراۋان سستېمىلارنى تازىلاش ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشجانلىق كۆرسەتكەندۇر. ھەر دەۋردىكى پەيغەمبەرلەرگە ۋە ئېلىپ كەلگەن ئىلاھىي ۋەھيىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئۇنى قوللىغان، ئۇنىڭغا ئەگەشگەن مۇئمىن-مۇسۇلمان كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى، پەيغەمبەرنىڭ يولىنى پاك تۇتۇشقا، ئېلىپ كەلگەن ئىلاھىي تەلىماتلار بويىچە ئەمەل قىلىشقا ۋە باشقا ئىنسانلارنىمۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىپ مېڭىشقا دەۋەت قىلغاندۇر.  

بارلىق پەيغەمبەرلەر ئېتىقاد ۋە ئىمان مەسىلىلىرى جەھەتتە ئوخشاش ۋە بىر پۈتۈن بولغان بولسىمۇ، ئىبادەت ۋە ئىجتىمائىي ھۆكۈم جەھەتتىىكى بەزى مەسىلىلەردە بىر-بىرىدىن پەرقلىقتۇر. ھەر پەيغەمبەر ئاللاھ تەرىپىدىن ئايرىم شەرىئەت ئىگىسى سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەن بولۇپ، مۇئەييەن بىر پەيغەمبەر دەۋرىدە كۈچگە ئىگە بولغان بەزى ھۆكۈملەر، كېيىنكى پەيغەمبەر دەۋرىدە مەنسۇخ بولغان (ئەمەلدىن قالغان) ياكى تېگىشتۈرۈلگەندۈر.  پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانىيەتكە باشقا بىر پەيغەمبەر كەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ زاتقا نازىل قىلىنغان كىتاب يەنى قۇرئان كەرىم ھۈكمى قىيامەتكىچە كۈچگە ئىگە، مۇسۇلمانلارغا يول كۆرسەتكۈچى، ئىلاھىي رەھبەر بولغان ئاخىرقى كىتابتۇر.

قۇرئان كەرىمنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش توغرا كەلسە، قۇرئان كەرىم: «جانابى ئاللاھ تەرىپىدىن جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ۋاسىتىسى بىلەن ۋەھيى ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا 23 يىل ئىچىدە ئەرەب تىلىدا نازىل قىلىنغان، سۈرە پاتىھەدىن باشلاپ سۈرە ناستا ئاياغلاشقان ۋە ئىككى مۇقاۋا ئارىسىغا ئېلىنغان، ھېچكىم ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرەلمەيدىغان ۋە بارلىق ئىنسانلار بىر يەرگە كەلسىمۇ قىيامەتكىچە ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرىشى مۇمكىن بولمىغان، ئىچىدىكى ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ۋە ھېچ بىر ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمەستىن تەۋاتۇر يولى ئارقىلىق بىزگە يېتىپ كەلگەن، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قوغدالغان، ئۇنى ئوقۇش ئىبادەت ھېساپلىنىدىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىبادەت قىلىنىدىغان، ئاللاھ تائالانىڭ كالامىدۇر.»

بۇ تونۇشتۇرۇشنى قىسقىچە ئىزاھلاشقا توغرا كەلسە:

-قۇرئان كەرىمنىڭ تامامى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ۋەھيى يولى بىلەن نازىل قىلىنغان ئاللاھنىڭ كالامىدۇر، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ياكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېچقانداق سۆزى ئارلاشمىغاندۇر، ھەر ئىككىسى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا قانداق ۋەھيى قىلغان بولسا شۇنداق يەتكۈزگەندۇر.

-قۇرئان كەرىم پەيغەمبەر ئەلەيھىىسالامغا 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ۋە نۇبۇۋۋەت ۋەزىپىسى ئەسناسىدا پەيدىنپەي ئەمەلىي ئىھتىياجقا ئاساسەن نازىل قىلىنغاندۇر. ئەمەلىي ھاياتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن تەتبىقلانغان ۋە ھۆكۈملىرى ئىجرا قىلىنغاندۇر.

- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن ھەر ۋەھيىنى ئالغان ھېچبىر نەرسىنى يوشۇرماستىن، قاتماستىن شۇ پېتى ساھابىلىرىگە ئۇلاشتۇرغاندۇر ۋە ئۇلارنى كۆز ئالدىدا «ۋەھيى كاتىبى» دەپ ئاتالغان ساھابىلەرگە يازدۇرۇپ، ئوقۇتۇپ تەستىقلىغاندۇر. ساھابىلەرمۇ ھەر كەلگەن ۋەھيىنى يادقا ئېلىپ ياكى يېزىپ ساقلىغان ۋە باشقىلارغا شۇ پېتى يەتكۈزگەندۇر. قۇرئان كەرىمدە يېزىلمىغان ھەر قانداق ئايەت، ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەرەپتىن كۆپەيتىلىپ تارقىتىلغان قۇرئان ھەرپلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قىرائەت ۋە «قۇدسى ھەدىسلەر» دەپ ئاتالغان ھەدىسلەر قۇرئان ھېساپلانمايدۇ.

- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پارچا-پارچا كەلگەن ۋەھيى، پەيغەمبەر ئەلەيھسىىالامنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا جىبرىل ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن بىر پۈتۈن رەت، تەرتىپ ۋە تەرتىل (ئاھاڭ، قىرائەت) ئاساسىدا باشتىن ئاخىرغىچە ئوقۇپ بېرىلگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى تولۇق يادقا ئالغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ جىبرىل ئەلەيھىسسالامغا ئۇنى باشتىن ئاخىرغىچە ئوخشاش بىر رەۋىشتە ئوقۇپ بەرگەن ۋە جىبرىل ئەيھىسسالام ئۇنى تەستىقلىغاندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە – بولۇپمۇ ۋھيى كاتىبى قارى ۋە ھاپىز ساھابىلىرىگە – قۇرئان كەرىمنىڭ مۇشۇ ئاخىرقى شەكلىنى ئوقۇپ بەرگەن ۋە ساھابىلارمۇ مۇشۇ شەكىلدە يادقا ئالغاندۇر.

-قۇرئان كەرىم باشتىن ئاخىرغىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەرەب تىلىدا نازىل قىلىنغاندۇر. قۇرئان كەرىم ئۇنىڭ ئەرەب تىلىدىكى ئورژىنال ھالىتىدىدۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسى ياكى تەپسىرى قانداق بولۇپ كېتىشتىن قەتئىينەزەر قۇرئان كەرىم ھېساپلانمايدۇ.

-قۇرئان كەرىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ چوڭ مۆجىزىسدۇر. قۇرئان كەرىم بالاغىتى ۋە پاساھىتى، ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخىت – سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىچىدە يەر ئالغان ئۆزگەرمەس ئالەمشۇمۇل ھەقىقەتلەر ئېتىبارى بىلەن بارلىق ئىنسانلار ۋە جىنلار بىر يەرگە كەلسىمۇ ئۇنىڭ ئوخشىشنى يازالىشى ۋە ئېيتالىشى مۇمكىن بولمىغان تەڭداشسىز ئىلاھىي مۆجىزىدۇر.

- پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەكلىپى ۋە خەلىپە ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ ماقۇللىقى بىلەن «ۋەھيى كاتىبى» دەپ ئاتالغان ساھابىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت قۇرئان كەرىمنىڭ پارچا – پارچا يېزىلغان نۇسخىلىرىنى ناھايىتى جىددىي تەكشۈرۈپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاخىرقى قېتىم ئوقۇپ بەرگەن شەكلىدە ئىتتىپاق بىلەن بىكىتىپ، جەمئى قىلىپ بىر مۇسھەپ ھالىغا كەلتۈرگەن ۋە بارلىق ساھابىلەر بۇنى تەستىقلىغاندۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ نۇسخىسى سۈرە پاتىھەدىن باشلاپ سۈرە ناستا ئاياغلاشقان ۋە ئىككى مۇقاۋا ئارىسىغا ئېلىنغان، مۇشۇ شەكىلدە نەسىلدىن نەسىلگە مىراس قالغان ۋە ھازىر بىزنىڭ قولۇمىزدا بار بولغان ھالىتىدۇر.

- قۇرئان كەرىمنى ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ ئوقۇش ۋە قاراش ئىبادەت ھېساپلىنىدۇ ۋە ئوقۇغۇچى ساۋاپقا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى جۇنۇپ، ھەيزدار ۋە تاھارەتسىز كىشىلەرنىڭ تۇتۇشى جائىز ئەمەستۇر. باشقا ھېچقانداق كىتابنى – ھەدىسلەرنىمۇ – ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ ئوقۇش بىلەن ئىبادەت ھېساپلانمايدۇ. ھەر قانداق ئىبادەتتە پەقەتلام قۇرئان كەرىمنىڭ ئەسلى يەنى ئەرەبچىسى ئوقۇلىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسى، ھەدىس ياكى باشقا ئەرەبچە سۆزلەرنى نامازلاردا ئايەتنىڭ ئورنىغا ئوقۇشقا بولمايدۇ.    

ئىماننىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى، ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق كىتابلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنىڭ ھەق ۋە راستلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈشتۈر. قۇرئان كەرىمگە ئىمان كەلتۈرۈش دېگەنلىك؛ يۇقارىدا بايان قىلىنغان شەكىلدە، قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغانلىقىغا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىزگىچە ھېچ بىر ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمەستىن تەۋاتۇر يولى بىلەن كەلگەنلىكىنىڭ ھەق ۋە راستلىقىغا شەك – شۈبھە قىلماستىن ئىمان كەلتۈرۈشتۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ كالامى ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئۇنىڭ ھەق ۋە راستلىقىنى تەستىقلاش ماھىيەت ئېتىبارى بىلەن قۇرئان كەرىمدە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە يەر ئالغان بارلىق ئىلاھىي كىتابلارنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى تەستىقلىغانلىق ۋە ئىمان كەلتۈرگەنلىك بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

قۇرئان كەرىم ئۆزىنى «قۇرئان»، «كىتاب» دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئۇنىڭ «ھىدايەتگە باشلىغۇچى» «ھەق باتىلنى ئايرۇغۇچى» ۋە «ھەقىقەتنى بايان قىلغۇچى» قاتارلىق بىرمۇنچە سۈپەتلىرى باردۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ بىر قىسمى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىكى دەۋرىدە يەنە بىر قىسمى بولسا مەدىنەدىكى نۇبۇۋۋەت زامانىدا نازىل بولغاندۇر. مەككىدە نازىل بولغان ئايەت ۋە سۈرىلەر «مەككىي»، مەدىنەدە نازىل بولغانلار بولسا «مەدەنىي» دەپ ئاتىلىدۇ. ماھىيەت ئېتىبارى بىلەن بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسدا ھېچبىر پەرق يوقتۇر. قۇرئان كەرىمدە يەر ئالغان مەزمۇنلار ئاساسەن «خەۋەر» ۋە «ئەمر-پەرمان»دىن ئىبارەت ئىككى كاتۇگورىيەگە ئايرىلغان. «خەۋەر» قىسمىدا، ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى، ئاخىرەت ھايىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر، كائىنات بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ۋە بۇرۇنقىلارنىڭ قىسسىلىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.  «ئەمر-پەرمان» قىسمىدا بولسا، ئىنسانلارنىڭ ھىدايەتگە ئېرىشىپ توغرا يولنى تېپىش بىلەن، مۇكەللەپ ھېساپلانغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتلەر، يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ بۇدۇنيادىكى ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئاخىرەتتە جەننەتتىن ئىبارەت مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نىمەلەرنى قىلىشى ۋە نىمەلەردىن ھەزەر ئەيلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەر بايان قىلىنغان.

قۇرئان كەرىم نازىل بولغان دەۋردىن باشلاپ تاكى قىيامەت كۈنىگىچە مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەت دەستۇرى ۋە ھايات رەھبىرىدۇر. ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم نازىل بولغان دەۋردىن باشلاپ تاكى قىيامەت كۈنىگىچە ھەر دەۋر ۋە ھەر مۇھىتتا ياشىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنى چۈشۈنەلىشى، ئاڭقىرالىشى ۋە ھاياتىغا توغرا تەتبىق قىلالىشى لازىم بولىدۇ. قۇئان كەرىم نازىل بولغان دەۋردە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ئىلاھىي تەلىمات ۋە يول-يورۇقلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ھاياتىغا تەتبىقلىدى ۋە ئۆزىگە ئەگەشگەن مۇۋەھھىد مۇسۇلمان ساھابىلىرىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ئىلاھىي ۋە تەلىمات يول-يورۇقلارنى ئۆز ھاياتىغا تەتبىقلىدى. قۇرئان كەرىمدە ئىزاھلاشقا تېگىشلىك بولغان مەسىلىلەرنى ياكى ساھابىلەر چۈشۈنەلمىگەن يەرلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىزاھلاپ بەردى. بەزىدە مەلۇم بىر شەخس ياكى بىر ھادىسە توغرىسىدا ئايەت نازىل بولغان بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايەتنىڭ نۇزۇل سەۋەبى خاس بولغان تەقدىردىمۇ، ھۈكۈملىرىنىڭ ئومۇملىقى پىرىنسىپى بويىچە باشقا زامان ۋە شارائىتلادا ئوخشاش مەسىلىدە ئۇ ئايەتنى ئاساس قىلغان ھالدا ھۆكۈم بېرىپ، كېيىنكى مۇسۇلمانلارغا قۇرئان كەرىم بىلەن قانداق ئەمەل قىلىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بەردى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتتا ئىكەن، ساھابىلار قۇرئان كەرىم ۋە دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئەقلىگە تاقالغان ھەرقانداق مەسىلىنى ئۇنىڭدىن سوراپ ئۆگېنەتتى. ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمگە قانداق ئەمەل قىلغان ۋە ھاياتىغا قانداق تەتبىقلىغان بولسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شۇنداق قىلاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ۋەھيى ئۈزۈلدى. ھېچكىمگە ئاللاھ تائالادىن ۋەھيى كەلمىدى، ھېچكىممۇ ئۆزىگە ئاللاھ تائالادىن ۋەھيى كەلگەنلىكىنى داۋا قىلمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ساھابىلارنىڭ قولىدا ئىككى نەرسە قالدى: بىرى ئاللاھ تائالانىڭ كالامى بولغان قۇرئان كەرىم، يەنە بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە ۋەھيى ئىلاھىيگە ئاساسەن ئۆتكۈزگەن 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىدا قىلغان ئىش ئىزلىرى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ 23 يىللىق ھاياتىدا ساھابىلارغا ئىسلام دىنىغا ئائىت نۇرغۇن نەرسىنى ئۆگەتتى ۋە ئەمەلىي تەتبىقلاپ كۆرسەتتى. جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمانلارغا؛ «ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنى» شەرت قوشقان ئىدى. ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئالاقىدار نىمە بولسا ئۇنى بىجانىدىللىق بىلەن كۈزەتتى، سۆزلىرىنى يادىدا تۇتتى، ئەگىشىشگە لازىم بولغانلارغا ئەگەشتى، بىر-بىرلىرىنى ئۇنىڭغا ئەگىشىشگە دەۋەت قىلدى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان دىنى، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى، ئائىلىۋى ھاياتى شەكىللەندى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گەپ – سۆز ۋە ئىش ئىزلىرى، ساھابىلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى ئۆز ئارا بىر-بىرلىرىگە سۆزلەپ بەرگەن رىۋايەتلىرى ساھابىلەردىن كېيىنكى نەسىللەر تەرىپىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ۋە ھەدىسلىرى سۈپىتىدە ئالاھىدە ۋاراقلارغا يېزىلىشقا ۋە بىر يەرگە جەم قىلىنىشقا باشلىدى. مۇسۇلمان ئالىملار ئىچىدىن مەخسۇس ھەدىس ئىلمى بىلەن شۇغۇللانغا «مۇھەددىسلەر(ھەدىسشۇناسلار)» ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئائىت بولغانلار بىلەن ئائىت بولمىغانلارنى «رىۋايەت ئىلمى ۋە مېتودى» بويىچە ئىلغاپ، سەھىھ ۋە ئىشەنچىلىك بولغانلارنى كىتاب ھالىتىگە ئېلىپ كەلدى. مۇسۇلمان ئالىملار بۇ ھەدىس كىتابلىرىنى تارىخ بويىچە ئسىلام دىنىنى توغرا چۈشىنىش، قۇرئان كەرىمنى توغرا تەپسىر قىلىش، قۇرئان كەرىمنى ھاياتقا تەتبىقلاشتا ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە توغرا مەنبە دەپ قارىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن تارىخ بويىچە ئىسلام دىنىنىڭ ساپلىقى ساقلاندى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا توغرا بىر شەكىلدە يەتكۈزۈش كاپالەتكە ئېگە قىلىندى.

قۇئان كەرىمنىڭ ئەرەپ تىلىدا نازىل بولۇشى، ئەرەپ تىلىنىڭ مورفولوگىيە ۋە سېنتاكسىس ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزىگە خاس پاساھەت ۋە بالاغەتلىك «ئىستىلىستىكىلىق» ئىپادىلەش شەكىللىرى، قۇرئان كەرىمدە يەر ئالغان ئىلاھىي ئەمر-پەرمان ۋە ئەھكاملارنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپ بولۇشى، كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ تەپسىلاتىغا كىرمەستىن ئىخچام بىر شەكىلدە كېلىشى، نۇرغۇن ھۆكۈملەرنىڭ مەيدانغا كەلگەن ھادىسەلەرگە قارىتا نازىل بولىشى... قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلىرى، بىر مەزگىل مۇسۇلمانلار ئارىسىدا قۇرئان كەرىمنى تەپسىر قىلىش، ھەدىسلەرنى قوللۇنۇشتا بەزى قېيىنچىلىقلارنى ئوتتۇرغا چىقاردى. مۇسۇلمانلار ئىچىدە قۇرئان كەرىمنى خالىغانچە تەپسىر قىلىدىغان، ئىشىغا كېلىدىغان ھەدىسلەرنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆزىنى ھەقلىق چىقىرىشقا تىرىشىدىغان، باشقىلارنى قۇرئاننى ئىنكار قىلىش ۋە ھەدىسگە ئەمەل قىلماسلىق بىلەن تۆھمەت قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشگە باشلىدى. نەتىجىدە مۇسۇلمان دۇنياسىدا پىكرىي ۋە سىياسىي جەھەتتە نۇرغۇن داۋالغۇشلار ۋە پاجىئەلەر يۈز بەردى.

مۇسۇلمان ئالىملار بۇ ۋەزىيەت ئالدىدا قۇئان كەرىمنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى ھاياتىغا تەتبىقلاشتا جىددىي ئىزدىنىش ئېلىپ باردى. مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ تېرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئىمان ۋە ئەقىدە بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلەردە «كالام ئىلمى»، مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيا ھاياتىغا تەئەللۇق ئىبادەت، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، ئائىلىۋىي، سىياسىي مۇئامىلىلەر ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە «فىقھى ئىلمى»، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز نەپسى-خاھىشىنى پاكلاش، باشقىلار بىلەن بولغان ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ئېسىل پەزىلەتلىك مەسىلىلەردە «تەسەۋۋۇپ ئىلمى» قاتارلىق نۇرغۇن ئىلىملار ئوتتۇرغا چىقتى. مۇجتەھىد ئالىملار بۇ ئىلىملارنىڭ ھەر بىرىنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئاساس قىلغان ھالەتتە مەسىلىلەرنى قانداق ئىزاھلاش ۋە قانداق چۈشىنىشنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنىڭ مېتودىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بارلىق ئالىملارنىڭ مۇشۇ مېتود بويىچە ھەرىكەت قىلىشى بىلەن، مۇسۇلمان دۇنياسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغان كەلتۈردى. نۇرغۇن ساھەلەردە يېڭى كەشپىياتلار ۋە ئىجادىيەتلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. دۇنيادا ۋەھشى ۋە ئاچكۆزلۈك، زۇلۇم ۋە ئىستىبدات ئۈستىگە قۇرۇلغان نۇرغۇن مەدەنىيەت ۋە ھۆكۈمرانلىقلار مەغلۇپ ۋە ۋەيران بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئادالەت ۋە ھۆرلۈكنى ئاساس قىلغان ئىسلام مەدىنىيىتى ھاكىم بولدى.    

 مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىم ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى بولغان سۈننەتى رەسۇللاھنى ئاساسىي تۇتقا قىلىپ، مۇشۇ ئىككى ئەڭگۈشتەرنىڭ نۇرى ئاستىدا مەسىلىلەرنى دەۋرنىڭ ئەھلىيەتلىك ۋە قابىلىيەتلىك ئۆلىمالىرىنىڭ ئۆز دەۋرىگە ئۇيغۇن چۈشۈنىشى ئاساسىدا ھاياتىنى نىزامغا كىرگۈزگەن مۇددەتچە تارىختا كاپىرلارغا قارشى ئىززەت ۋە ئۈستۈنلۈك قازاندى. بۇنىڭ ئەكسىچە مۇسۇلمانلار «قۇرئان ماڭا كۇپايە» دەپ، ھەر كىم قۇرئان كەرىمنى ئۆز خاھىشى بويىچە چۈشىنىش ۋە باشقىلارغا «ماۋۇ توغرا» دەپ قارغۇلارچە تېڭىشقا ياكى ھەدىسنى قۇرئان كەرىمنىڭ ئالدىغا چىقىرىپ «ماۋۇ توغرا» دەپ قارىغۇلارچە «ھەدىسچىلىك» قىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى بۇزۇلدى. مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچى ئازالدى، كاپىرلارغا قارشى ئىززەت ۋە ھۆرمىتىنى يوقاتتى. بولۇپمۇ بىزدەك خىتايلارنىڭ ئىرقىي قېرغىنچىلىقىغا دۇچار بولغان، كىملىكىدىن ئايرىلىپ يوق بولۇش گىرداۋىغا دۇچ كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال بىر پاجىئەدىن ئىبارەتتۇر. قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەت ئىككى ئايرىلماس بىردۇر. ھەر ئىككىسى بىر-بىرىنىڭ تاماملىغۇچىسىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ كالامىنى ۋە ئۇنىڭ مۇراد-مەقسىدىنى پەيغەمبەرسىز ۋە پەيغەمبەرنىڭ تەتبىقاتى ۋە ئىزاھاتىسىز چۈشەنگىلى بولمىغاندەك، قۇرئان كەرىمسىز ھەدىسمۇ ھېچ ئىشقا يارىمايدۇ. مۇھىم بولغىنى بۇ ئىككى قىممەتلىك خەزىنىدىن ئەڭ ياخشى شەكىلدە پايدىلىنىپ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ دۇنيادىكى ئىمتىھانىدىن ياخشى ئۆتۈشىمىزدە.

جانابى ئاللاھ بىزلەرگە ھىدايەت ۋە تەۋپىق، ئۆلىمالىرىمىزغا بەسىيرەت ۋە توغرا ئاڭ نېسىپ قىلسۇن.