دەۋەت ۋە ئىرشاد بۆلۈمى

بۆلۈم مەسئۇلى: مۇھەممەد ئۆمەر قاراجىم

2024-02-26
A-
A+

 خەلق بىلەن مۇناسىۋەت ۋە دەۋەت بۆلۈمى:  بۇ بۆلۈم مۇھاجىرەتتىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دىنى جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرىنى قامداش، خەلقىمىزنى توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراق قاتارلىق پائالىيەتلىرىدە دىنىي ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا  چاقىرىش ۋە بۇ سورۇنلاردا دەۋەت ئېلىپ بېرىش، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەلقىمىزگە ئۇ رايۇنىدىكى ئۆلىمالىرىمىزنى ۋەزىپەلەندۈرۈپ ئۇلارنىڭ دىنىي ئېھتىياجلىرىنى قامداش، ئۇيغۇرلارغا يۈز تۇرانا ۋەز نەسىھەت ۋە تەبلىغ-تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش، تېلىۋېزور، فېيسبوك، يۇتىيوب قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىنمۇ ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ياخشى پايدىلىنىپ تەبلىغ ۋە ۋەز نەسىھەت تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئورۇندىماقتا.