ماقالىلار

روزىنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىرى

2024-03-21
A-
A+

ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

روزىنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىرى

 روزا ئىنسان بەدىنىدىكى شەكەر ماددىسىنى تەڭشەيدۇ:

 ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ بەدىنىدىكى بارلىق ئەزالارنى ئىنتايىن نازۇك سىستېما ۋە ئىنچىكە تەڭپۇڭلۇق ئىچىدە ياراتقان بولۇپ، ئۇ تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن بەدەندىكى بارلىق ئەزالار بەدەنگە كىرگەن يېمەك-ئىچمەكلەردىن ئۆزىگە كېرەكلىك ماددىلارنى بەلگىلەنگەن مىقداردا قوبۇل قىلىدۇ. تاماق ھەزىم بولغاندىن كېيىن جىسىم قاندىكى زىيادە شەكەرنى باشقا بىر خىل ماددىغا ئايلاندۇرۇپ، جېگەر ۋە پەي قاتارلىق ئەزالاردا زاپاس ساقلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن قاندىكى شەكەر نىسبىتى نورمال مىقدارىنى ساقلاپ قالىدۇ. روزا تۇتقاندا قاندىكى شەكەر نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ. شەكەر بولسا بەدەن ئۈچۈن بولۇپمۇ مېڭە ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر غىزادۇر. قاندىكى شەكەر نىسبىتى تۆۋەنلىگەن ھامان جىسىم جېگەر ۋە باشقا ئەزالاردا زاپاس ساقلىغان ماددىلارنى دەرھال شەكەرگە ئايلاندۇرۇپ، قاندىكى شەكەر نىسبىتىنى نورمال سەۋىيەگە چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مېڭە ۋە باشقا شەكەرگە مۇھتاج ئەزالار ئۆز ۋەزىپىلىرىنى توختاېسىز داۋاملاشتۇرالايدۇ. ئەگەر قان نىسبىتى نورمالدىن چۈشۈپ كەتسە، بىر نەرسىنى ئېسىدە تۇتالماسلىق ۋە ئايلىنىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.

70 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئادەمنىڭ جېگىرىدە ساقلانغان زاپاس شەكەر ماددىسى 100 گرام بولۇپ، بەدەننىڭ 60 سائەتلىك شەكەر ئىھتىياجىنى قامداشقا يېتىدۇ. جېگەردىكى زاپاس شەكەر تۈگىگەندىن كېيىن جىسىم باشقا ماددىلاردىن گلىكوزىد ئىشلەپ چىقىرىشقا باشلايدۇ. ئەگەر روزا تۇتقان كىشى ئېغىر ئىشلار بىلەن شۇغۇللانسا، جىسىم بەدەندىكى ماي ماددىلىرىدىن گلىكوزىد ئىشلەپ چىقىرىدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق بەدەندىكى شەكەر نىسبىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 30 كۈن روزا تۇتۇش جەريانىدا بەدەندىكى زاپاس مايلار شەكەرگە ئايلاندۇرۇلۇپ ئىشلىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەدەن باشتىن ئايال تازىلىنىدۇ. بەدەننىڭ قان بېسىمى ۋە ھالسىراشقا قارشى كۈرەش قىلىش كۈچى ئاشىدۇ.

 

روزا بەدەننىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى يېڭىلايدۇ:

 

روزا تۇتۇش جەريانىدا ئۈچەيلەر بىلەن ئاشقازاننىڭ ھەرىكىتى تۆۋەنلەيدۇ. شۇنىڭدەك ئۈچەي ۋە ئاشقازاننىڭ كىسلاتا ئىشلاپ چىقىرىشى ئازىيىدۇ. روزا تۇتقان كىشىنىڭ تاماق ھەزىم قىلىش ئورگانلىرى ئارام ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنى يېڭىلايدۇ. بۇ ئارام ئېلىش بەدەن ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بولىدۇ.

 

روزا تۇتقاندا يۈرەكتە يېڭىلىق مەيدانغا كېلىدۇ:

 

يۈرەك جىسىمدىكى قاننىڭ % 10 پىرسەنتىنى ھەزىم ئورگانلىرىغا ئەۋەتىدۇ. روزا تۇتقاندا ھەزىم ئورگانلىرى دەم ئالغانلىقى ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك كۆپ قانغا ئىھتىياجى بولمايدۇ. بۇ ئىش يۈرەكنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىدۇ، ئۇنىڭ راھەتلىنىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئاشقازان كېسىلى بولغان كىشىلەر روزا تۇتۇش جەريانىدا ئاشقازىنىدىكى ئاغرىشنىڭ ئازايغانلىقىنى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ھېس قىلىدۇ.

بۇ يەردە روزا تۇتۇش ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تىببىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمەن:

دوكتۇرلار ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى كىشىلەردىن ھەرخىل ياشتىكى ئەر-ئايال بولۇپ يۈز كىشىنىڭ قېنىنى ئانالىز قىلغان. مەزشكۇر كىشىلەردىن رامىزاندىن ئىلگىرى قان ئېلىنغان. رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرىدا يەنە قان ئېلىنغان. بۇ تەتقىقات روزىنىڭ نورمال ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان. ئانالىز قاندىكى ماي، ئاقسىل، شەكەر، خولېستېرىن ۋە باشقا ماددىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن. 

نەتىجىدە مەزكۇر ماددىلاردا مۇھىم دەرىجىدە پەرق بولغانلىقى بايقالغان. ئۇندىن باشقا قان تومۇر قېتىپ قېلىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان فوسفولىد ماددىسىنىڭ رامىزاندا كۆرۈنەرلىك مىقداتدا كۆتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولغان. بۇنىڭدىن رامىزان ئېيىنىڭ قان تومۇر قېتىپ قېلىش كېسىلىگە شىپالىق ئاي بولغانلىقى ئاسپاتلانغان.

بۇ تەتقىقات يەنە روزا تۇتۇش جەريانىدا جىسىمنىڭ جېگەر ۋە پەيلەردە ساقلانغان شەكەر ۋە ماي ماددىلىرىنى ئىشلىتىپ تۆگىتىدىغانلىقىنى ۋە بەدەندىكى ئارتۇق ماددىلارنى يوقىتىپ، ئىچكىي ئەزالارنى ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

بۇ تەتقىقاتتىن مۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇ: روزا تۇتۇش قان تومۇر قېتىپ قېلىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى چارىدۇر. قان تومۇر قېتىپ قېلىش بولسا يۈرەك، بۆرەك ۋە باشقا ئەزالاردا ھەر تۈرلۈك كېسەللەرگە يول ئاچىدىغان بولغاچقا، ئۇ «كېسەل ئاپىتى» دەپ ئاتىلىدۇ. رامىزان روزىسى مانا مۇشۇنداق ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «روزا تۇتۇڭلار، سالامەت بولىسىلەر» دېگەن.[1]

روزىنىڭ تەسىرى ھەققىدە مۇھىم تەتقىقات ئېلىپ بارغان خەلقئارالىق دوكتۇر مالىك فادۇن مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەت شۇكى، روزا ئىنسان سالامەتلىكىنىڭ ئاساسلىق ئامىلى ھېسابلىنىدۇ».

مەشھۇر بىيولوگىيە ئالىمى دوكتۇر ئابدۇلباسىت مۇھەممەد مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسان بەدىنى كۆپلىگەن زىيانلىق ماددىلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ ماددىلار بەدەنگە كۆپۈنچە يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق كىرىدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئىنسانلار باياشات، كەڭ-تاشا تۇرمۇش ياشاۋاتقان؛ خىلمۇخىل تاماقلار ئىجاد قىلىنىپ، ئېلانات ئورگانلىرى ھەر تۈرلۈك تاماقلارغا قىزىقتۇرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنىمىزدە كىشىلەر يېمەك-ئىچمەكنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان بولدى. بۇ ئەھۋال ئىنسان بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ پائال ھەرىكەت قىلىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كۈنىمىزدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەمرىپ قېلىش، قان تومۇر قېتىپ قېلىش، قان بېسىمى ئۆرلەپ كتىش، يۈرەك توختاپ قېلىش ۋە باشقا تۈرلۈك راك كېسەللىكلىرى پەيدا بولدى.

تىببى تەتقىقاتلار ھەرقانداق تاماقتا ئاز مىقداردا زەھەر ماددىسى بارلىقىنى، بەزى سەي-كۆتاتلارنىڭ تەركىبىدە بەزى زىيانلىق ماددىلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ماشىنىلارنىڭ تۈتۈنلىرى ۋە زاۋۇد-فابرىكىلاردىن چىققان گازلار بىلەن بۇلغانغان ھاۋادىنمۇ نەپەس ئارقىلىق زەھەرلىك مىكروپلار بەدەنگە كىرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسان ۋۇجۇدىدا يۇقىرىقىدەك زەھەرلىك مىكروپلارنى سىرتقا چىقىرىپ تاشلايدىغان سىستېمىلارنى ياراتقان. مەسىلەن، جېگەر بەدەننى يۇقىرىقىدەك زەھەرلەردىن تازىلايدىغان ئەزا بولۇپ، ئۇ زەھەرلىك مەددىلارنى پايدىلىق ماددىلارغا ئايلاندۇرىدۇ ياكى ئىشلىمەس ھالغا كەلتۈرىدۇ. جېگەر بۇ ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرپ قىلىدۇ. بەزى كېسەللىك ياكى قېرىلىق سەۋەبىدىن جېگەرنىڭ يۇقىرىدىكى پائالىيەتلىرى ئاجىزلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەدەنگە كىرگەن زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەزىسى بەدەنگە تاراپ كېتىدۇ.

روزا تۇتۇش جەريانىدا بەدەندە توپلىشىپ قالغان مايلار جېگەر ھۈجەيرىلىرىگە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭدىكى زەھەرلىك ماددىلار ئېرىپ چىقىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق بەدەن ھەم ماي ھەم ئۇنىڭدا ساقلىنىپ قالغان زەھەرلىك ماددىلاردىن پاكىزلىنىدۇ.

دېمەك، روزا تۇتۇش جېگەر ھۈجەيرىلىرىگە ناھايىتى چوڭ خىزمەت قىلىدۇ. جېگەر ھۈجەيرىلىرى يېڭىلىنىپ پائال شەكىلگە كىرىدۇ-دە، ئۆز رولىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئىجرا قىلالايدىغان بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان زەھەرلىك ماددىلارنى ئۆلتۈرۈپ زەرەرسىز ھالغا كەلتۈرىدۇ. جېگەر يەنە قانغا ئارىلىشىپ قېلىش ئېھتىمالى كۈچلۈك بولغان ئىنتايىن كىچىك ماددىلارنى يۇتۇپ، ئۇلارنىڭ قانغا ئارىلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، كېيىن ئۇنى ئۆت خالتىسىغا تاشلايدۇ. روزا تۇتۇش جەريانىدا جېگەر ۋە باشقا پائال ھۈجەيرىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقى ئېشىپ، ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئىجرا قىلىدىغان بولىدۇ. روزىنىڭ شاراپىتى بىلەن بارلىق ئىچ ئورگانلار زىيانلىق باكتىرىيلەر ۋە زەھەرلىك مىكروپلاردىن قۇتىلىدۇ.         

 



[1] ئىمام تەبەرى رىۋايەت قىلغان، سۇيۇتىي ھەسەن دېگەن. مەنىسى ھەم ئىلمىي تەتقىقاتقا ھەم «روزا تۇتۇشۇڭلار سىلەر ئۈچۈن خەيرلىكتۇر» دېگەن ئايەتكە ئۇغۇندۇر.