ماقالىلار

ئىسلام قانۇنىنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرى

2024-04-25
A-
A+

ئىسلام قانۇنىنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرى

مۇھەممەد يۈسۈپ

ھەممىگە مەلۇمكى، ئىسلام قانۇنىنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرى قۇرئان، ھەدىس، ئىجما، قىياستىن ئىبارەت تۆت بولۇپ، بۇ قەدىمدىن تاھازىرغىچە كەلگەن بارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى بىرلىككە كەلگەن مەسىلىدۇر.

ئىسلام ئۆلىمالىرى مانا مۇشۇ تۆت ئاساسلىق دەستۇرغا تايىنىپ نۇرغۇنلىغان ئىسلامىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ كەلدى، يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن ئىشلار ۋە مەسىلىلەرنى جاۋابلاندۇرۇپ كەلدى. يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن كۆپلىگەن نەرسىلەرنىڭ ھالال - ھاراملىق ھۆكمىمۇ بۇ تۆت ئاساسلىق دەستۇرغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق بەلگىلىنىپ كەلدى.

ئەپسۇسكى، يېقىنقى زامانلاردىن بېرى بىر قىسىم كىشىلەر قۇرئاننىلا ئاساس قىلىپ سۈننەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەرغىباتىنى ئېلىپ بارسا، يەنە بىر پىرقە كىشىلىرى مەزھەپكە ئەگىشىشنى ئەخمەقلىق ساناپ، مەزھەپ پىشقەدەملىرىگە تىل ئۇزارتىپ كەلمەكتە. ئالدىنقىسىنىڭ خەتىرى كېيىنكىسىدىن ئەلۋەتتە چوڭدۇر. چۈنكى مەزھەپكە ئەگىشىش پەرز ياكى ۋاجىپ ئەمەس، شۇنداقتىمۇ ئاۋام خەلقنىڭ مەلۇم بىر مەزھەپ سىستېمىسى بويىچە ماڭغىنى ئۇلار ئۈچۈن ياخشى. ئەمما سۈننەتتىن بىھاجەت بولالايمىز، دېگۈچىلەرنىڭ تۇتقان يولى خاتا، سۆزلىگەنلىرى جاھالەت، مەقسىتى كىشىلەرنى ئازدۇرۇشتۇر. «بىز قۇرئانچىلارمىز»، «بىز پەقەت قۇرئانغىلا يۆلىنىمىز»، «قۇرئان ئۆزىلا كۇپايە قىلىدۇ» دېگەنگە ئوخشىغان، ئاڭلىنىشى چىرايلىق، ئەمما باتىل مەقسەت قىلىنغان شۇئارلارنى توۋلاپ يۈرگۈچىلەر ئىسلام دىنىنى يىقىتىشتىن باشقىنى ئويلىمىسا كېرەك. بۇ سۆزلەر باتىل مەقسەت قىلىنغان ھەق سۆزلەردۇر. چۈنكى «بىز قۇرئانچىلارمىز» دېگەن سۆز - ھەق سۆز. ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان قۇرئانچىدۇر. ئۇ قۇرئاننى سۆيىدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. ئەمما بۇ سۆزنى كوزىر قىلىپ تۇرۇپ، ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىدىن بولغان سۈننەت، ئىجما ۋە قىياسلارنى ئىنكار قىلماقچى بولغانلارنىڭ نىيىتى توغرا ئەمەس. ئۇلار بۇ چىرايلىق سۆزى ئارقىلىق ھەممە كىشى بىلىدىغان ھەقىقەتنى ئەمەس، بەلكى باتىلنى مەقسەت قىلغۇچىلاردۇر. ئۇ باتىل قايسى دېگەندە، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەقىقىي تەرجىمانى بولغان سۈننەتنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، «قۇرئان كەرىم»نى ئۆز خاھىشلىرىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ خالىغانچە تەۋىل ۋە تەپسىر قىلىش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى پۈچەكلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت نىجىس مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر!

قۇرئانچىلارنىڭ فىقھىي مەزھەپلىرىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى «ئويدۇرۇلغان دىن» دەپ كەمسىتىشىنىڭ ئارقىسىدىكى رەزىل پىلانمۇ «قۇرئان كەرىم»نى مەزھەپ ئۆلىملىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىدىن ئايرىۋېتىپ، ئاندىن ئۆزى خالىغانچە تەۋىل ۋە تەپسىر قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا ئۇلار تۇرماستىن مەزھەپكە ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە كىشىلەرنى ھەدىستىن يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

«بىزگە قۇرئان كۇپايە قىلىدۇ»، «ھەدىسلارغا ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ» ۋە «ئىسلامدىكى مەزھەپلەر ئويدۇرما دىنلاردۇر» دەپ تەشۋىق قىلغۇچىلار ئۆزلىرى ھېس قىلماستىن ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ پىلانلىرىنى ئىجرا قىلغۇچى ئاۋانگارتلاردۇر. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەربىرى بىرەردىن پىلان. بۇلارنى پىلانلىغانلار مۇسۇلمانلار ئەمەس.

ئاللاھ تائالا ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «قۇرئان كەرىم» بىلەن سۈننەت ھەر ئىككىسىنى بەرگەن. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ سۈننەت «قۇرئان كەرىم»نى ئوچۇقلىسۇن، چۈشەندۈرسۇن، شەرھلىسۇن ئۈچۈن. ئاللاھ تائالا  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا قىلغان خىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَاذْكُرْنَ مَا يُتْلَى فِي بُيُوتِكُنَّ مِنْ آيَاتِ اللَّهِ وَالْحِكْمَةِ«ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ۋە ھېكمەتتىن ئوقۇلۇۋاتقان نەرسىلەرنى ياد ئېتىڭلار»[1].

ئىمام شافىئىي، ئىبنى كەسىر، قەتادە قاتارلىق ئۆلىمالار يۇقىرىقى ئايەتتىكى «ھېكمەت» سۆزىدىن سۈننەت كۆزدە تۇتۇلىدىغانلىقى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە ئوقۇلىدىغان نەرسىلەر «قۇرئان كەرىم» بىلەن سۈننەت ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن[2].

«قۇرئان كەرىم»نى سۈننەتتىن ئايرىماقچى بولغانلار قۇشنى قانىتىدىن ياكى بېلىقنى سۇدىن ئايرىپ ھالاك قىلماقچى بولغانلارغا ئوخشايدۇ. چۈنكى قۇرئاننى سۈننەتسىز توغرا رەۋىشتە چۈشەنگىلى بولمايدۇ. شۇڭا شىئەلەر قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى سۈننەتنىڭ ياردىمىسىز چۈشىنىپ كېتەلەيمىز، دېگەن دەۋا بىلەن ئىش كۆرگەنلىكتىن نۇرغۇنلىغان ئىسلامىي مەسىلىلەردە خاتالاشقان. بۇنىڭ ئاددىي بىر مىسالى، ئەگەر ئۇلار سۈننەتكىمۇ مۇراجىئەت قىلغان بولسا، ھەرگىزمۇ تاھارەت ئالغاندا پۇتلارنى يۇيۇشنىڭ ئورنىغا يالاڭ پۇتنىڭ ئۈستىگە مەسھى قىلمىغان بولاتتى. ئەھلى سۈننەت مۇسۇلمانلىرى «قۇرئان كەرىم» ئايىتىگە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئالغاندا پۇتلىرىنى يۇغانلىقى ھەققىدە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەرگە  ئاساسلىنىپ تاھارەت ئالغاندا پۇتلارنى يۇيۇشنى پەرز دەپ قارايدۇ. چۈنكى شىئەلەر قۇرئاننىڭ تاھارەت ھەققىدە كەلگەن ئايىتىنى تەۋىل قىلىشتا خاتالاشقان. ئەگەر ئۇلار ھەدىسكە ئەگەشكەن بولسا مۇنداق قىلمىغان بولاتتى.

قۇرئاننىلا تۇتۇپ سۈننەت، ئىجما ۋە قىياسنى قوبۇل قىلمايمىز، دېگۈچىلەر قېنى ئېيتىپ باقسۇن! ئاق چېكىملىك ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ؟ ئەگەر ئۇ ھارام بولسا،  «قۇرئان كەرىم»دە ئۇنىڭ ھاراملىقىنى سۆزلىگەن ئايەت بارمۇ؟ جاۋاب: يوق! ئۇنداقتا ئاق چېكىملىك ھالالمۇ؟ بۇنى ئىسلام ئۇممىتىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دىن ئەھلى ۋە بارلىق ئىنسانىيەت شەكسىز ھارام دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنىڭ «قۇرئان كەرىم»دە ھاراملىقىغا ئېنىق ئايەت كەلگەن ھاراقتىنمۇ چوڭلۇقىنى ھەممە ياخشى بىلىدۇ. ئۇنداقتا، ئىسلام ئۆلىمالىرى ئاق چېكىملىكنى قايسى دەلىلغا  ئاساسەن ھارام دەپ كەسكىن ھۆكۈم قىلالىدى؟ شەكسىزكى قىياس دەلىلىغا ئاساسلىنىپ شۇنداق قىلدى. ئەگەر ئىسلام ئۆلىمالىرى ئاق چېكىملىكنىڭ ھاراملىقى توغرۇلۇق بىزنىڭ دەستۇرىمىز «قۇرئان كەرىم»دە ئايەت يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ھارام دېيەلمەيمىز، دېگەن بولسا ئەھۋال نېمە بولماقچىدى؟ شۈبھىسىزكى، دىننىڭ ئىنسانىيەتنى بارچە ھالاكەتلەردىن ساقلاش ۋە ئۇلارنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىك مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتەلمىگەن بولاتتى.

بۇنىڭدىن باشقا، «بىز قۇرئاننىلا تۇتۇپ سۈننەتتىن بىھاجەت بولالايمىز» دېگۈچىلەرمۇ كۈندە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدۇ. ئۇلار قايسى دەلىلغا ئاساسلىنىپ نامازنى بەش ۋاخ ئوقۇيدۇ؟ بەش ۋاخ ناماز رەكئەتلىرىنىڭ سانىنى نەدىن بىلدى؟ بامداتنى مانچە رەكئەت، پېشىننى مانچە رەكئەت  ئوقۇڭلار، دەپ يوققۇ! بۇنى نەدىن بىلدۇق؟ تەبىئىيكى، سۈننەتتىن بىلدۇق. ناۋادا سۈننەت بولمىغان بولسا ئىدى، بىز ئاللاھ تائالانىڭ نامازغا بۇيرۇشتىكى مەقسىتىنى، ئۇنى قانداق شەكىلدە ئادا قىلىش لازىملىقىنى نەدىن بىلگەن بولاتتۇق؟!

«قۇرئان كەرىم»دە زاكات پەرز قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇ قاچان ئادا قىلىنىدۇ؟ زاكات كىملەرگە پەرز بولىدۇ؟ ئۇنىڭ مىقدارى قانچىلىك؟ دېگەنلەر بايان قىلىنغان ئەمەس، بۇلارنى سۈننەت بايان قىلغان. سۈننەتكە ئەمەل قىلمايمىز دېگۈچىلەر «نەق پۇل ۋە ئالتۇن، كۈمۈشتىن يۈزدە ئىككى يېرىم پىرسەنت زاكات بېرىلىدۇ» دېگەن قائىدىنى نەدىن ئۆگەندى؟

بۇنىڭدىن باشقا شەرىئەتنىڭ ھالال- ھارامغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملىرىدىن «ئېمىلداشلار بىر - بىرى بىلەن نىكاھلىنالمايدۇ» دېگەن پىرىنسىپنى نەدىن ئۆگەندى؟ تەبىئىيكى سۈننەتتىن ئۆگەندى.  شۇڭا ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: ﴿وَأَنزَلْنَا إِلَيْكَ الذِّكْرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيْهِمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ «بىز ساڭا بۇ قۇرئاننى ئىنسانلارغا نازىل قىلىنغان (ئەھكاملار)نى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ۋە ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىشى ئۈچۈن نازىل قىلدۇق»[3] دېگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى» نېمە بىلەن چۈشەندۈرۈپ بەردى؟ تەبىئىيكى، ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە سۈننەتلىرى بىلەن چۈشەندۈردى.

 

ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ تۆت ئاساسى

بىرىنچى: «قۇرئان كەرىم»

«قۇرئان كەرىم» ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ دەستۇرى ۋە ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ بىرىنچى ئاساسلىق مەنبەسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿اتَّبِعُواْ مَا أُنزِلَ إِلَيْكُم مِّن رَّبِّكُمْ وَلاَ تَتَّبِعُواْ مِن دُونِهِ أَوْلِيَاء«(ئى ئىنسانلار!) سىلەر رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئەگىشىڭلار، ئاللاھنى قويۇپ، (ساختا) مەدەتكارلارغا ئەگەشمەڭلار، سىلەر ۋەز- نەسىھەتنى بەكمۇ ئاز قوبۇل قىلىسىلەر»[4].

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى تەرىپلەپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿تِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ فَلاَ تَعْتَدُوهَا وَمَن يَتَعَدَّ حُدُودَ اللَّهِ فَأُولَئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ«ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماڭلار، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار زالىملاردۇر»[5].

ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كىشىلەر ئارىسىدا «قۇرئان كەرىم»نىڭ كۆرسەتمىلىرى ۋە ئەھكاملىرى بويىچە ھۆكۈم قىلىشقا ۋە شۇ بويىچە ئىش كۆرۈشكە بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَنزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ مُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ الْكِتَابِ وَمُهَيْمِنًا عَلَيْهِ فَاحْكُم بَيْنَهُم بِمَا أَنزَلَ اللَّهُ وَلاَ تَتَّبِعْ أَهْوَاءهُمْ عَمَّا جَاءَكَ مِنَ الْحَقّ«(ئى پەيغەمبەر!) بىز ساڭا بۇ ھەق كىتاب (قۇرئان)نى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى (ساماۋى) كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئۇلارغا گۇۋاھ بولغۇچى قىلىپ نازىل قىلدۇق. سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ نازىل قىلغان (شەرىئەت) بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن ھەقتىن چەتنەپ، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن»[6]. 

ئىككىنچى: سۈننەت

سۈننەت _ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېيتقانلىرى، قىلغانلىرى، كۆرسەتكەنلىرى ۋە باشقىلارنىڭ ئىسلام روھىغا مۇۋاپىق ھالدا قىلغان ئىشلىرىنى تەستىقلىغانلىرى دېگەنلىكتۇر. سۈننەت ھەدىس ئىككىسى بىر مەنىدە كېلىدۇ. ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئىككىنچى ئاساسلىق مەنبەسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى سۈننەتكە ئەگىشىشكە چاقىرىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانتَهُوا«پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار»[7].

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿مَّنْ يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّهَ «كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ»[8].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى «قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن مۇجمەل ئەھكاملارنى ئۇچۇقلاش، ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈش، شەرھلەش ۋە تەپسىلى بايان قىلىشتەك ئالاھىدە مۇھىم خۇسۇسىيىتى بىلەن «‹قۇرئان كەرىم›نىڭ ھەقىقىي تەرجىمانى» دېيىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «قۇرئان كەرىم»نى چۈشۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا «ھېكمەت» نامى بىلەن سۈننەتتىنمۇ ئاتا قىلغان.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ مەقسەت ۋە غايىلىرىنى چۈشىنىشنىڭ بىردىنبىر يولى سۈننەتتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «قۇرئان كەرىم»نى نازىل قىلىپ، ئۇنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە كىشىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلەشكە ئەمىر قىلغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە «قۇرئان كەرىم»نىڭ كۆرسەتمىلىرىنى، بۇيرۇغانلىرىنى، توسقانلىرىنى ۋە جىمى ئەھكاملىرىنى گاھ ئەمەلىيىتى بىلەن، گاھ سۆزى بىلەن، گاھ باشقىلارنىڭ توغرا قىلغان ئىشلىرىغا سۇكۇت قىلىشى، خاتا قىلغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى بىلەن يەتكۈزگەن.

ئۆچىنچى: ئىجما

ئىجما - ئىسلام ئۈممىتىدىن بولغان زامانداش ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسىنىڭ شەرىئەت مەسىلىلىرىدىن بىرەر مەسىلە ئۈستىدە بىردەك ئىتتىپاققا كېلىشى دېگەنلىكتۇر[9].

ئىجما ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئۈچىنچى ئاساسلىق مەنبەسىدۇر. ئىجما «قۇرئان كەرىم» ياكى سۈننەتلەردە ھۆكمى بولمىغان يېڭى مەسىلىلەر ئۈستىدىلا بولىدۇ. چۈنكى «قۇرئان كەرىم» ياكى سۈننەتتە ھۆكمى بايان قىلىنغان مەسىلىلەرگە ھېچكىمنىڭ چىشى پاتمايدۇ. ئىجما قىلىش پەقەت ئىجتىھاد (بار كۈچىنى سەرپ قىلىپ شەرىئەت دەلىللىرىدىن دىنىي مەسىلىلەرنىڭ ئەھكاملىرىنى چىقىرىش) سالاھىيىتىگە توشقان ئۆلۈمالارغىلا خاستۇر.

ئىجما ئىككى تۈرلۈك بولۇپ:

 بىرىنچىسى: ئۆلۈمالاردىن ھەر بىرىنىڭ ئۆز رەيىنى ئاشكارا سۆزلىشى ئارقىلىق بولىدىغان ئىجما، بۇ «ئىجما سەرىھ» (ئاشكارا ئىجما)دەپ ئاتىلىدۇ.

ئىككىنچىسى: ئۆلۈمالاردىن بەزىسى ياكى بىرەرسى بىرەر مەسىلىدە پەتىۋا چىقارغان بولۇپ، ئۇنى ئاڭلىغان باشقا  ئالىملار ئۇنى ئىنكار قىلماستىن، سۇكۇت قىلسا، بۇ «ئىجما سۇكۇتىي» (مۇۋاپىقلاشقان ئىجما) دەپ ئاتىلىدۇ[10].

ئىجما تۇنجى ئىسلام خەلىپىسى ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ زامانىدىن باشلاپلا جارىي بولۇپ كەلمەكتە. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا، ئۆزى قارار چىقىرىپ مەسىلىنى ھەل قىلاتتى. ئىجما قىلىشقا ھاجەت يوق ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يېڭى كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ۋە بۇرۇن بولمىغان ئىشلار يۈز بېرىشكە باشلىغاندا، ساھابىلەر «قۇرئان كەرىم» بىلەن سۈننەتتە ھۆكمى بولمىغان مەسىلىلەرنى ئىجما قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنلا ئىسلام دىنىنى يوق قىلماقچى بولغانلار زاكات بېرىشنى رەت قىلىش يولى بىلەن بۇ نىجىس پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغاندا، بىرىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ ھوشيارلىقى ئارقىسىدا ساھابىلەر زاكاتنى رەت قىلغۇچىلارغا قارشى ئۇرۇش ئېچىشقا ئىجما قىلغانلىقى ۋە غەلىبە قىلغانلىقى، ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەرنىڭ «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى توپلاپ، دۆلەت ئىشلىرىنى تەرتىپكە سىلىشنى ئىجما يولى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى، يەنە ئۈچىنچى خەلىپە ئوسماننىڭ ئىجما يولى بىلەن «قۇرئان كەرىم»نى نۇسخىلاندۇرۇپ، ئىسلام شەھەرلىرىگە ئەۋەتكەنلىكى، جۈمە نامىزىغا ئىككى قېتىم ئەزان ئوقۇش مەسىلىسىنىڭ ئىجما يولى بىلەن يولغا قويۇلغانلىقى، زاكات ئېلىشقا ھەقلىق بولغۇچىلار قاتارىدىن «كۆڭلىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلار»نىڭ چىقىرىپ تاشلانغانلىقى ۋە باشقا نۇرغۇن مەسىلىلەر ساھابىلەرنىڭ ئىجما قىلىشى ئارقىسىدا ئەمەلگە ئاشقان. ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، ئۇ ئېلىپ كەلگەن دىنغا ۋە بۇ دىننىڭ دەستۇرى «قۇرئان كەرىم»گە ئەڭ ئىزچىل ئەمەل قىلىدىغان ئۈلگىلىك زاتلار ئىدى. تا قىيامەتكىچە ھېچقانداق بىر ئالىمنىڭ ياكى تەقۋادارنىڭ ساھابىلەرنىڭ ماقامىغا يېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس! ئۇلار شۇنداق تەڭداشسىز پارلاق يۇلتۇزلار ئىدى.

ئەمدى، شۇ ئۈلگىلىك ساھابىلەر ئەمەل قىلىشنى باشلىغان ۋە تا ھازىرغىچە ئەسىرلەر بويى ئىسلام ئۇممىتى بىردەك ئېتىراپ قىلىپ كەلگەن ئىجمانى رەت قىلغۇچىلار ئۆزلىرىنى نېمە چاغلايدىغاندۇ؟ ئۇلار ساھابىلەردىنمۇ ئالىم ياكى ئۇلاردىنمۇ ئۇلۇغمۇ؟ ئۇلار ساھابىلەرغا ئەگەشمەي كىملەرگە ئەگىشىدىكىنا؟  ھالبۇكى ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە مۆمىنلەرنىڭ يولىغا ئەگەشمىگۈچىلەرنى ئازاب بىلەن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ﴿وَمَن يُشَاقِقِ الرَّسُولَ مِن بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُ الْهُدَى وَيَتَّبِعْ غَيْرَ سَبِيلِ الْمُؤْمِنِينَ نُوَلِّهِ مَا تَوَلَّى وَنُصْلِهِ جَهَنَّمَ وَسَاءَتْ مَصِيرًا «كىمكى ئۆزىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، مۇئمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقىسىغا ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، (ئاخىر) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!»[11].

تۆتىنچى: قىياس

قىياس _ «قۇرئان كەرىم» ياكى سۈننەتتە ھۆكمى بولغان بىرەر مەسىلىگە بۇ ئىككىسىدە ھۆكمى كەلمىگەن بىر مەسىلىنى قىياس قىلىش(ئوخشىتىش) ئارقىلىق ھۆكۈم چىقىرىش دېگەنلىكتۇر.

مەسىلەن: ھاراقنىڭ ھاراملىقى ۋە قەتئىي مەنئى قىلىنغانلىقى «قۇرئان كەرىم»نىڭ كەسكىن ئايىتى بىلەن بېكىتىلگەن ھۆكۈم. ئەمما نەشە، ئەپيۇن ۋە ئاق چېكىشنىڭ ھاراملىقى ۋە مەنئى قىلىنغانلىقى توغرۇلۇق «قۇرئان كەرىم» ياكى سۈننەتتە ئوچۇق ھۆكۈم يوق. چۈنكى بۇ نەرسىلەر «قۇرئان كەرىم» چۈشكەن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشىغان زامانلاردا يوق ئىدى. ئىسلام ئۆلىمالىرى نەشە، ئەپيۇن ۋە ئاقتىن كېلىپ چىقىدىغان دىنىي، ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي،  ئىقتىسادىي ۋە تەن ساقلىقغا زىيان يەتكۈزۈشى قاتارلىق زىيانلارنى ھاراقنىڭ زىيىنىغا قىياس قىلىپ سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش ئارقىلىق بۇلارنىڭ ھاراملىقىغا ئىتتىپاقلاشقان. چۈنكى ھاراقنىڭ ھارام قىلىنىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى بۇلاردا ئارتۇقى بىلەن تېپىلىدۇ.

قىياس ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ تۆتىنچى ئاساسلىق مەنبەسىدۇر. قىياسنىڭ ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ مەنبەلىرىدىن ئىكەنلىكىگە «قۇرئان كەرىم»، سۈننەت ۋە ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرى دالالەت قىلماقتا.

1. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿كَمَا بَدَأْنَا أَوَّلَ خَلْقٍ نُّعِيدُهُ«مەخلۇقاتنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز»[12]. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، قىيامەت كۈنىدە مەخلۇقاتنى تىرىلدۈرۈشنى ئۇلارنى دەسلەپتە يوقتىن پەيدا قىلغىنىغا ئوخشاتقان. مانا بۇ قىياستۇر.

2. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  ئۆلۈپ كەتكەن ئانىسى ئۈچۈن روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمىنى سوراپ كەلگەن بىر ئايالغا: «قاراڭچۇ! ئەگەر ئانىڭىزنىڭ ئۈستىدە بىراۋنىڭ قەرزى قالغان بولسا، ئۇنى تۆلەيتتىڭىزمۇ؟ دەپ سورايدۇ. ئايال: ھەئە، ئەلۋەتتە تۆلىگەن بولاتتىم، دەپ جاۋاب بەرگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئۇنداقتا ئانىڭىز ئۈچۈن روزا تۇتسىڭىز بولىدۇ»[13] دەپ جاۋاب بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە، ئايالنىڭ ئۆلگەن ئانىسىنىڭ گەردىنىدە قالغان روزىنى، تۆلىيەلمەستىن زىممىسىدە كەتكەن قەرزگە ئوخشاتقان. مانا بۇ قىياستۇر.

ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ تۆت ئاساسلىق مەنبەسى تۆۋەندىكى ئىككى ھەدىستە ئىخچاملانغان:

مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى يەمەنگە قازى قىلىپ ئەۋەتكەندە، ئۇنىڭدىن: «سەن بېرەر مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە نېمە قىلىسەن؟» دەپ سورايدۇ. مۇئاز جاۋاب بېرىپ: «ئاللاھنىڭ كىتابى بويىچە ئىش كۆرىمەن»دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئۇنىڭدىن: «ئاللاھنىڭ كىتابىدا بولمىسا نېمە قىلىسەن؟»دەپ سورايدۇ. مۇئاز جاۋاب بېرىپ: «رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى بويىچە ئىش كۆرىمەن»دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئۇنىڭدىن: «رەسۇلۇللانىڭ سۈننىتىدىمۇ بولمىسا نېمە قىلىسەن؟»دەپ سورايدۇ. مۇئاز : «ئۆز رەيىم بىلەن ئىجتىھاد قىلىپ بىر تەرەپ قىلىمەن»دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئازنىڭ كۆكسىگە قېقىپ تۇرۇپ: «پەيغەمبىرىنىڭ ئەلچىسىنى ئۆزى ۋە پەيغەمبىرى رازى بولىدىغان ئىشقا مۇۋەپپەق قىلغان ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىمەن»دەيدۇ. بۇ ھەدىس ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىدىن قۇرئان، سۈننەت ۋە ئىجتىھاد ئۈچىنى تەرتىپ بىلەن بايان قىلغان. ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ بەسرە شەھىرىنىڭ قازىسى ئەبۇ مۇسا ئەل ئەشئەرىيگە يازغان مەكتۇبىدا: « قۇرئان ۋە سۈننەتتە ھۆكمى بولمىغان مەسىلىلەر توغرۇلۇق كىشىلەر سەندىن ھۆكۈم سوراپ كەلگەندە، ئۇ مەسىلىلەرنى سەن ھۆكمىنى بىلىدىغان مەسىلىلەرگە قىياس قىلغىن، ئاندىن ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىملىق كېلىدىغان، ھەقىقەتكە ئەڭ ئۇيغۇن رەۋىشتە ھۆكۈم چىقارغىن» دېگەن[14]. مانا بۇ خەلىپە ئۆمەرنىڭ ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ تۆتىنچى ئاساسلىق مەنبەسى بولغان قىياس ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى ئىدى.

ئاللاھ تائالادىن بىزلەرگە ھەقىقەتنى كۆرۈۋالالايدىغان قەلب ئاتا قىلىشىنى، قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەمەل قىلىدىغان، ئىسلام دەستۇرلىرىنىڭ مەقامىنى قوغدايدىغان غەيرەت ئاتا قىلىشىنى سورايمىز.

 


[1] ئەھزاب سۈرىسى 34 – ئايەت.

[2] «جامع بيان العلم وفضله» 17- بەت ، الرسالة 78 – بەت.

[3]    نەھل سۈرىسى:44- ئايەت.

[4] ئەئراف سۈرىسى 3 – ئايەت.

[5] بەقەرە سۈرىسى 229 – ئايەت.

[6] مائىدە سۈرىسى 48 – ئايەت.

[7] ھەشر سۈرىسى 7 – ئايەت.

[8] نىسا سۈرىسى 80 – ئايەت.

[9] روضة الناظر  2 - توم 439 - بەت، إرشاد الفحول 63 - بەت، الإحكام للآمدي 1 - توم 196 – بەت.

[10] روضة الناظر  2 - توم 492 - 496 ـ بەتلەر، إرشاد الفحول 74 - 75 ـ بەت، الإحكام للآمدي 1 - توم 252 – بەت.

[11] نىسا سۈرىسى 115- ئايەت.

[12] ئەنبىيا سۈرىسى 104 – ئايەت.

[13]  ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

[14] أخبار القضاة 1 - توم 70 - بەت، أصول التشريع الإسلامي 17 - 79- بەتلەر، مقدمة في الفقه 17 - 38 – بەتلەر.