ماقالىلار

«پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەتلا قۇرئاننى يەتكۈزۈش» دېگەن سەپسەتىگە رەددىيە

2024-05-06
A-
A+

«پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەتلا قۇرئاننى يەتكۈزۈش» دېگەن سەپسەتىگە رەددىيە

ئابدۇلئەھەد ھاپىز

بەزى ھەدىس ئىنكارچىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش پەقەتلا قۇرئاندىن يەتكۈزگەنلىرىدە بولىدۇ، سۈننىتىدە بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى قۇرئاننى يەتكۈزۈشتۇر. قۇرئانغا قوشومچە ھەدىس (بىز تۆۋەندە "قۇرئان ۋە ھەدىس" دېگەننى ئەرەب ئۆلىمالىرىنىڭ ئىستىلاھى بويىچە "كىتاب ۋە سۈننەت" دەپ ئالىمىز) بايان قىلىش ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئۇلار بۇ سەپسەتەلىرىگە مۇنداق دەلىل كەلتۈرىدۇ: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿إِنْ عَلَيْكَ إِلَّا ٱلْبَلَـٰغُ ۗ «سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر»[1] دېدى. يەنە: ﴿وَمَا عَلَى ٱلرَّسُولِ إِلَّا ٱلْبَلَـٰغُ ٱلْمُبِينُ«پەيغەمبەرنىڭ پەقەت چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتى بار»[2] دېدى.

 بۇ ئىككى ئايەتتە ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرنىڭ پەقەت ئۆزىگە ۋەھيى قىلىنغان قۇرئاننى يەتكۈزۈشتىن باشقا ۋەزىپىسىنىڭ يوقلىقىنى بايان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسەن پەيغەمبەرگە ئەگىشىش ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەمەس ئۇ يەتكۈزگەن قۇرئانغا بولىدۇ.

ئۇلار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرگەن ۋەھيىگە ئەگىشىشنى بۇيرىدى. ئۇ بولسىمۇ قۇرئان كەرىمدۇر. پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىگە ياكى سۈننىتىگە ئەگىشىشكە بۇيرىمىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ﴿وَءَامَنُوا۟ بِمَا نُزِّلَ عَلَىٰ مُحَمَّدٍ «مۇھەممەدكە چۈشۈرۈلگەن نەرسىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەر.»[3] يەنە مۇنداق دېدى: ﴿وَٱتَّبِعُوٓا۟ أَحْسَنَ مَآ أُنزِلَ إِلَيْكُم مِّن رَّبِّكُم «سىلەرگە رەببىڭلار تەرەپىدىن چۈشۈرۈلگەن نەرسىنىڭ ئەڭ گۈزىلىگە ئەگىشىڭلار.»[4] بۇ ئايەتتە ئەڭ گۈزىلىگە ئەگىشىشكە بۇيرىدى، قۇرئان سۈننەتتىن گۈزەلدۇر. بۇ ئايەتلەردىن مەلۇم بولىدۇكى، قۇرئان بار يەردە سۈننەت ھۆججەت بولالمايدۇ.

بۇ سەپسەتىگە بىر نەچچە جەھەتتىن رەددىيە بېرىمىز:

بىرىنچى: سەپسەتىچىلەرنىڭ ئۆزىگە ھۆججەت قىلىۋالغان يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنى توغرا چۈشىنىش:

«سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر.»[5] «پەيغەمبەرنىڭ پەقەت چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتى بار.»[6]

بۇ ئىككى ئايەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەرنى ئىسلامغا كىرىشكە، ئىمان ئېيىتىشقا زورلاش ۋەزىپىسى يوقلىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئايەتنىڭ ئىچىدىن بۇ بىر جۈملىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپلا، ئۇنى پەيغەمبەرنىڭ قۇرئاننى يەتكۈزۈپ قويۇشتىن باشقا ۋەزىپىسى يوقلىقىغا دەلىل قىلىۋېلىش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى بۇ ئايەتنى توغرا چۈشەنمىگەنلىك ۋە ئۇنى ئورۇنسىز يەرگە دەلىل قىلىپ ئىشلەتكەنلىك بولىدۇ. ئايەتنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن ئايەتنى تولۇق ئوقۇپ ئۆتەيلى:

بىرىنچى ئايەت: ﴿فَإِنْ أَعْرَضُوا۟ فَمَآ أَرْسَلْنَـٰكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظًا ۖ إِنْ عَلَيْكَ إِلَّا ٱلْبَلَـٰغُ ۗ وَإِنَّآ إِذَآ أَذَقْنَا ٱلْإِنسَـٰنَ مِنَّا رَحْمَةً فَرِحَ بِهَا ۖ وَإِن تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌۢ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ فَإِنَّ ٱلْإِنسَـٰنَ كَفُورٌ «(ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار (ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتسا، بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەتلا دىننى يەتكۈزۈشتۇر. ئەگەر بىز ئىنسانغا دەرگاھىمىزدىن بىر رەھمەتنى تېتىتساق، ئۇ خۇش بولۇپ كېتىدۇ، قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلسە، (بۇنداق چاغدا) ئىنسان تولىمۇ تۇزكورلۇق قىلىدۇ.»[7]

بۇ ئايىتى كەرىمىنىڭ مەنىسى: ئى پەيغەمبىرىم! سەن مۇشرىكلارنى ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيىتىپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئىجرا قىلىشقا چاقىرغىن. ئەگەر ئۇلار بۇ دەۋەتتىن يۈز ئۆرىسە، سېنىڭ چاقىرىقىڭنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمىسا، سەن ۋەزىپەڭنى ئادا قىلغان بولىسەن. چۈنكى سېنىڭ ۋەزىپەڭ تەبلىغ قىلىش، كىشىلەرنى زورلاپ دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئەمەس. كىم دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلىپ ئىمان ئېيتسا، جەننەتكە كىرىدۇ؛ كىم دەۋىتىڭدىن باش تارتسا، بىز سېنى ئۇلارغا كۈزەتچى قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق. سەن ۋەزىپەڭنى ئادا قىلدىڭ. سېنىڭ ئۇلاردىن ھېساپ ئېلىش ياكى ئۇلارنى مەجبۇرلاش ۋەزىپەڭ يوق.

كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، بۇ ئايەتنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ پەقەتلا قۇرئاننى يەتكۈزۈشتۇر دېگەن سەپسەتە بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. بۇ ئايەتتىن مەقسەت، ئىنسانلارنى دەۋەت قىلغاندىن كېيىن قوبۇل قىلمىغانلار ئۈچۈن ئۆزىنى بىئارام قىلماسلىق، كىشىلەر ئىمان ئېيتمىدى دەپ خاپا بولماستىن دەۋىتىنى-تەبلىغىنى داۋاملاشتۇرىۋىرىشتۇر. «سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر» سۆزى  «ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق» دېگەن سۆزىنىڭ بايانىدۇر. يەنى سەن ۋەزىپەڭنى ئادا قىلدىڭ، ئۇلار ئىماندىن يۈز ئۆرۈپ سېنىڭ دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلمىسا بىز سېنى مەسئۇل تۇتمايمىز. چۈنكى سېنىڭ ۋەزىپەڭ تەبلىغ قىلىش، ئىمان ئېيتقۇزۇش ئەمەس، دېمەكچى. چۈنكى «ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق» دېگەن ئايەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبلىغ ۋەزىپىسىنى ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە ئادا قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر تەبلىغ ۋە دەۋەت ياخشى ئادا قىلىنمىغان بولسا، ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئىماندىن يۈز ئۆرىدى دېگىلى بولمايتتى.

ئەمدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى قۇرئاننىلا يەتكۈزۈش، دېگۈچىلەرنىڭ دەلىل قىلىۋالغان ئىككىنچى ئايەتكە كەلسەك، ئايەتنىڭ تولۇق لەپزى مۇنداق: ﴿قُلْ أَطِيعُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُوا۟ ٱلرَّسُولَ ۖ فَإِن تَوَلَّوْا۟ فَإِنَّمَا عَلَيْهِ مَا حُمِّلَ وَعَلَيْكُم مَّا حُمِّلْتُمْ ۖ وَإِن تُطِيعُوهُ تَهْتَدُوا۟ ۚ وَمَا عَلَى ٱلرَّسُولِ إِلَّا ٱلْبَلَـٰغُ ٱلْمُبِينُ«ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلار (ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتسا، پەيغەمبەرنىڭ ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتى بار، سىلەرنىڭ ئىتائەت قىلىش مەسئۇلىيىتىڭلار بار، ئەگەر پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلساڭلار، ھىدايەت تاپىسىلەر، پەيغەمبەرنىڭ پەقەت چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتى بار.»[8]

بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئەگەر ئۇلار ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتسا، ئىتائەت قىلمىسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبلىغ قىلىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ قىلماسلىق تەبلىغ قىلىنغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى مەجبۇرلاپ ئىتائەت قىلدۇرۇش ۋەزىپىسى يوق.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ ھىدايەت تېپىپ ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشى ئۈچۈن ناھايىتى قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتەتتى، ئۆزىنى ئۇپرىتاتتى ھەتتا ئۆزىنى ھالاك قىلىۋەتكۈدەك ھالەتكە كەلگەن ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَعَلَّكَ بَـٰخِعٌ نَّفْسَكَ أَلَّا يَكُونُوا۟ مُؤْمِنِين«(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن.»[9] گويا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دەيدۇ: ئى پەيغەمبىرىم! سەن ئۇلارغا ئېيتقىن ۋە كۆڭلۈڭنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى تەكرار دەۋەت قىلغىن. ئەمما ئۇلارنى ئىمان ئېيتمىدى دەپ ئۆزۈڭنى ھالاك قىلمىغىن، چۈنكى سېنىڭ ۋەزىپەڭ تەبلىغ قىلىش.

يۇقىرىدىكى ئىزاھاتلاردىن كېيىن مەلۇم بولدىكى سېنىڭ ۋەزىپەڭ تەبلىغ قىلىش دەپ كەلگەن ئىككى ئايەتنى، پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەتلا قۇرئاننى يەتكۈزۈش، ئۇنى سۈننىتى بىلەن بايان قىلىش ئەمەس دەپ چۈشىنىش خاتا ۋە باتىل چۈشىنىشتۇر. بۇ ئىككى ئايەت ھەقىقەتتە پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنىڭمو مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدىكى رولىنى، پەيغەمبەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە قانۇن چىقىرىشتىكى رولىنى ۋە قۇرئان كەرىمنى ئۆز سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىزاھلاپ بايان قىلىش رولىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇغان.

دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت قۇرئاننىلا تەبلىغ قىلىش، ئۇنىڭدىن باشقا ۋەزىپىسى يوق دېگۈچىلەر؛ ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى قەستەن بۇرمىلاپ، ئۆزلىرىنىڭ باتىل قاراشلىرىغا دەلىل قىلىۋالغان. بۇ چوڭ جىنايەت بولۇپ، قۇرئاننىڭ تېكىستىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن بىلەن ئوخشاشتۇر.

ئۈچۈنچى ئايەتكە كەلسەك، ﴿وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ وَءَامَنُوا۟ بِمَا نُزِّلَ عَلَىٰ مُحَمَّدٍ وَهُوَ ٱلْحَقُّ مِن رَّبِّهِمْ ۙ كَفَّرَ عَنْهُمْ سَيِّـَٔاتِهِمْ وَأَصْلَحَ بَالَهُمْ﴾ «ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە مۇھەممەدكە رەببىى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەقىقەتكە چىن ئىشەنگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلايدۇ.» [10] بۇ ئايەتتە ھەدىسنى ئىنكار قىلىشقا ھېچقانداق دەلىل چىقمايدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتتىكى ﴿وَءَامَنُوا۟ بِمَا نُزِّلَ عَلَىٰ مُحَمَّدٍ «مۇھەممەدكە چۈشۈرۈلگەن نەرسىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەر.» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن ۋەھيىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەر، دېگەن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن ۋەھيى ئايەت ۋە ھەدىستۇر.

تۆتىنچى ئايەتكە كەلسەك، ئايەتنىڭ تولۇق لەۋزى مۇنداق: ﴿وَٱتَّبِعُوٓا۟ أَحْسَنَ مَآ أُنزِلَ إِلَيْكُم مِّن رَّبِّكُم مِّن قَبْلِ أَن يَأْتِيَكُمُ ٱلْعَذَابُ بَغْتَةً وَأَنتُمْ لَا تَشْعُرُونَ﴾ «سىلەر غەپلەتتە تۇرغاندا ئۇشتۇمتۇت ئازاب كېلىشتىن، بۇرۇن ئۆزۈڭلارغا رەببىڭلار تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان نەرسىنىڭ ئەڭ گۈزىلىگە ئەگىشىڭلار.»[11] بۇ ئايەتتىمۇ ھەدىسقا ئەگەشمەڭلار دېگەن مەنە چىقمايدۇ. تەپسىرى مۇيەسسەردە بۇ ئايەتنى مۇنداق تەپسىر قىلغان: «سىلەر غەپلەتتە تۇرغان ۋاقىتتا ئۇشتۇمتۇت ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن، رەببىڭلار تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئەڭ ياخشىسى بولغان قۇرئانغا ئەگىشىڭلار، ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىڭلار، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يېنىڭلار.»[12] چۈنكى ئايەتتىكى «رەببىڭلار تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان نەرسىنىڭ ئەڭ گۈزىلىگە ئەگىشىڭلار» دېگەن سۆزدىكى نەرسە بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە چۈشۈرۈلگەن كىتاب ۋە سەھىپىلەرنى، ئۇلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى قۇرئان كەرىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئى ئىنسانلار! ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە چۈشۈرۈلگەن كىتاب ۋە سەھىپىلەرنىڭ ئەڭ گۈزىلى ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئەڭ ياخشىسى قۇرئان كەرىمدۇر. ئۇنداق بولغان ئىكەن سىلەر تەۋرات ۋە ئىنجىلغا ئوخشاش بۇرۇنقى كىتابلارغا ئېسىلىۋالماستىن مۇشۇ قۇرئانغا ئەگىشىڭلار! دېگەن بولىدۇ. بۇنىڭدا ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ دېگىنىدەك، ھەدىستىن قۇرئان گۈزەل، شۇڭا ھەدىسنى تاشلاپ قۇرئانغا ئەگىشىڭلار دەيدىغان بىر مەنە يوق.

دېمەك، ھەدىس ئىنكارچىلىرى ئۆزىنىڭ ئازغۇن پىكرىگە قۇرئان كەرىمدىن ھېچقانداق دەلىل تاپالمىغاندىن كېيىن، ئايەتنى پارچىلاپ ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر جۈملە، بىر سۆزنى ئۈزۈپ ئېلىپ دەلىل قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقى ۋە بۇنىڭ بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى بۇرمىلاپ، ئاللاھ تائالا مەقسەت قىلمىغان شەكىلدە چۈشەندۈرگەنلىكى بۇلۇتسىز ئاسماندىكى قۇياشتەك ئوچۇق تۇرماقتا. ئۇلار بۇ قىلمىشى بىلەن ھەم قۇرئان كەرىمنى بۇرمىلاش، ھەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلىش، ھەم ھەدىسلەرنى بىزگە يەتكۈزگەن ساھابە ۋە تابىئىنلارنى يالغانچىلىق بىلەن تۆھمەت قىلغان قاتارلىق بىر نەچچە جىنايەتنى بىراقلا ئىشلىگەن بولىدۇ. 

 

ئىككىنچى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تاپشۇرۇلغان تەبلىغ قىلىش ۋەزىپىسى قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن بولىدۇ.

تەبلىغ ئاللاھنىڭ ۋەھيىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشنى، بايان قىلىشنى، تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشنى، ئىزاھلاشنى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشنى ئۆگىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. سۈننەتنىڭ قىلىدىغىنى مانا مۇشۇ ئىزاھلاش، چۈشەندۈرۈش، قۇرئاندىكى ھۆكۈملەرنى قانداق ئىجرا قىلىشنى ئۆگىتىش ۋە قۇرئاندا كەلمىگەن بەزى ھۆكۈملەرنى قانۇن قىلىپ بېكىتىشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەرلىككە تاللاپ، ئۇنىڭغا ئۆز كالامى بولغان قۇرئان كەرىمنى چۈشۈرگەن. بۇ قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قۇرئان كەرىمنى ئىنسانلارغا بايان قىلىپ بېرىشكە بۇيرۇغان. قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رولىنىڭ كىشىلەرگە قۇرئاننى ئوقۇپ بېرىشلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى بايان قىلىش، ئىنسانلارنى قاراڭغۇلۇقتىن ئايدىڭلىققا چىقىرىش، ئۇلارنى تەربىيەلەش ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان نۇرغۇن ئايەتلەر بار. مۇشۇ ئىشلارنى قىلىشتا سۈننەتكە تايىنىپ قىلماقتىن باشقا يول يوق. بۇنىڭ دەلىللىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَـٰٓأَيُّهَا ٱلرَّسُولُ بَلِّغْ مَآ أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ ۖ «ئى پەيغەمبەر! رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنى يەتكۈزگىن.»[13] بۇ يەردە ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھقا بۇيرۇغان يەتكۈزۈش ئومۇمىي بولۇپ، ئىنسانلار ھازىر ۋە كېلەچەكتە، دىن ۋە دۇنيالىق بارلىق ئىشلىرىدا مۇھتاج بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى يەتكۈزۈشنى ئىچىگە ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يەتكۈزگەن ئىشلىرى بىزگە ئىككى ۋەھيى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن: بىرى ئوقۇلىدىغان ۋەھيى بولۇپ ئۇ قۇرئان كەرىمدۇر. يەنە بىرى ئوقۇلمايدىغان[14] ۋەھيى بولۇپ، ئۇ ھەدىس شەرىفلەردۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ ۋەھيى ئىكەنلىكىدە شەك-شۈبھە يوقتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا يَنطِقُ عَنِ ٱلْهَوَىٰٓ۞إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْىٌ يُوحَىٰ «ئۇ نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. ئۇ (ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى) پەقەتلا ئۇنىڭغا قىلىنغان ۋەھيىدۇر[15] 

بۇ ئايەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىنىڭ ۋەھيى ئىكەنلىكىنى قەتئىي بىر شەكىلدە ئىپادىلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەھيسسالامنىڭ سۆزلىرى بولسا ھەدىسلەردۇر.

ئاللاھ تائالا ھەدىسنىڭ ۋەھيى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَنزَلَ ٱللَّهُ عَلَيْكَ ٱلْكِتَـٰبَ وَٱلْحِكْمَةَ «ئاللاھ ساڭا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى نازىل قىلدى.»[16]

يەنى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىككى نەرسە چۈشۈردى: بىرى كىتاب – ئۇ بولسىمۇ قۇرئان كەرىم، يەنە بىرى ھېكمەت – ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى. بۇ ئايەتنى سەلەف ئالىملار مۇشۇنداق تەپسىر قىلغان.[17]

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَنزَلْنَآ إِلَيْكَ ٱلذِّكْرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيْهِمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ «بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن نەرسىنى بايان قىلىپ بەرسۇن. ئۇلار تەپەككۇر قىلسۇن دەپ نازىل قىلدۇق.»[18]

بۇ ئايەتتە بۇيرۇلغان «بايان قىلىش»، «ئى پەيغەمبەر! رەببىڭدىن ساڭا چۈشۈرۈلگەن نەرسىنى يەتكۈزگىن»[19] دېگەن ئايەتتىكى «يەتكۈزۈش» ئەمەس. دېمەك، بۇ ئىككى ئايەتنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «يەتكۈزۈش» ۋە «بايان قىلىش» تىن ئىبارە ئىككى ۋەزىپىسى بارلىقى مەلۇم بولدى. ھەر ئىككى ۋەزىپىنىڭ تېمىسى قۇرئان كەرىمدۇر. يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان ئايەتتە «رەببىڭدىن ساڭا چۈشۈرۈلگەن نەرسىنى» دېدى. بايان قىلىشقا بۇيرۇغان ئايەتتە «ئۇلارغا چۈشۈرۈلگەن نەرسىنى» دېدى. بۇ ئىككى ئايەتتىكى پەرق ئىككى ۋەزىپىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىدىن كېلىدۇ.

«بايان قىلىش» - بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ مۇرادىنى چۈشىنىپ تەتبىقلىشى ۋە ئۇنىڭغا توغرا ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن ۋەھيىنى ئىزاھلاش، چۈشەندۈرۈش ۋە ئاللاھنىڭ مۇرادىنى ئېچىپ بېرىشتۇر. ئىنسانلار ئۆزلىرىگە يەتكۈزۈلگەن ئەمر-پەرمانلارنى توغرا چۈشىنىشكە، ئۇنى ھاياتىدا تەتبىقلاشقا مۇھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەندىلەرگە يەتكۈزگەن ۋەھيىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەت ئىككىنچى بىر ۋەزىپە تاپشۇرۇلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بايان قىلىشقا بۇيرۇغان ئايەتتە «ئۇلارغا چۈشۈرۈلگەن» ئىبارىسى كەلدى. بۇ ئايەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن بىرگە ئۇنىڭ بايانلىرىمۇ بىلدۈرۈلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايەتلەرنى بايان قىلىشتا ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشى بىلەن قىلمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئىلھام قىلغان ۋەھيى بىلەن قىلىدۇ. «ئۇ نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. ئۇ (ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى) پەقەتلا ئۇنىڭغا قىلىنغان ۋەھيىدۇر[20] دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى مانا مۇشۇنى ئىپادىلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان نەرسىلەردىن بىرەرسىنى يوشۇرۇپ قېلىشى مۇمكىن بولمىغاندەك، يەتكۈزگەن نەرسىنى كىشىلەرگە چۈشەندۈرۈپ بەرمەستىن تاشلاپ قويۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

ئىنسانلارنىڭ قۇرئان ئايەتلىرىنى چۈشىنىشتىكى ئوخشاشماسلىقى، بەزىلەرنىڭ توغرا، بەزىلەرنىڭ خاتا چۈشىنىشى؛ توغرا چۈشەنگەنلەرنىڭمۇ توغرىلىق دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسىقى، قۇرئاننىڭ بايان قىلىنىشقا قانچىلىك مۇھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى ئەڭ توغرا چۈشەندۈرىدىغان كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدۇر.

دېمەك، بۇ ئايەتلەر سۈننەتنىڭ ھۆججەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى ئۇ سۈننەت قۇرئاندا چۈشىنىش قىيىن بولۇپ قالغان يەرنى ئىزاھلايدۇ؛ ئومۇمىي كەلگەن ئىپادىلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ئايەتلەردىن نېمىنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئايەتلەرنى بايان قىلىش ۋەزىپىسىمۇ ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يۈكلىگەن ۋەزىپىدۇر. ھەقىقەت مۇشۇنداق بولغان ئىكەن، قۇرئاننى ئۇنىڭ ئىزاھاتى بولغان سۈننەتتىن ئايرىۋېتىش ۋە قۇرئاننىڭ بايانى بولغان سۈننەتنى ئىنكار قىلىش، ئەمەلىيەتتە قۇرئاننىڭ ئۆزىنى ئىنكار قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟!

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى «ئۇسۋە ھەسەنە» يەنى ياخشى ئۈلگە قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىشىنى پەرز قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ﴿لَّقَدْ كَانَ لَكُمْ فِى رَسُولِ ٱللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَن كَانَ يَرْجُوا۟ ٱللَّهَ وَٱلْيَوْمَ ٱلْـَٔاخِرَ وَذَكَرَ ٱللَّهَ كَثِيرًا «سىلەرگە-ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە- رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر.»[21]

يەنە مۇنداق دېدى: ﴿لَقَدْ مَنَّ ٱللَّهُ عَلَى ٱلْمُؤْمِنِينَ إِذْ بَعَثَ فِيهِمْ رَسُولًا مِّنْ أَنفُسِهِمْ يَتْلُوا۟ عَلَيْهِمْ ءَايَـٰتِهِۦ وَيُزَكِّيهِمْ وَيُعَلِّمُهُمُ ٱلْكِتَـٰبَ وَٱلْحِكْمَةَ وَإِن كَانُوا۟ مِن قَبْلُ لَفِى ضَلَـٰلٍ مُّبِينٍ «ئاللاھ مۇئمىنلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، ئۇلارنى پاكلايدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى (يەنى قۇرئان ۋە سۈننەتنى) ئۆگىتىدىغان، ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئۇلارغا چوڭ ئىھسان قىلدى؛ ھالبۇكى، ئۇلار بۇرۇن ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدى.»[22] ئاللاھ تائالا بۇ يەردە بۇ ئۈممەتكە ئۆز ئىچىدىن بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكەنلىك نېمىتىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ پەيغەمبەر پەقەت قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ بېرىش ئۈچۈنلا كەلمىدى. بەلكى بۇ ئۈممەتنى پاكلاش، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىش ئۈچۈن كەلدى. يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئاننى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنى بايان قىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، ئۈممەتنى تەربىيەلەيدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆگىتىدۇ. بۇ تەربىيەلەش ۋە ئۆگىتىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ تەربىيەلەش ۋە ئۆگىتىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ھىدايەتكە باشلايدۇ ۋە قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىلىرىدىن يەنە بىرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّآ أَنزَلْنَآ إِلَيْكَ ٱلْكِتَـٰبَ بِٱلْحَقِّ لِتَحْكُمَ بَيْنَ ٱلنَّاسِ بِمَآ أَرَىٰكَ ٱللَّهُ ۚ «ئى پەيغەمبەر! سېنى كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن دەپ، ساڭا ھەقىقەتەن ھەق كىتابنى نازىل قىلدۇق.»[23]

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئىلھام قىلىشى ۋە يول كۆرسىتىشى ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن قۇرئاننى چۈشۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى. قانۇن بىلەن ھۆكۈم قىلىش باشقا، قانۇن چىقىرىش باشقا بولغان ئىكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆكۈملىرى قۇرئان كەرىمدە كەلگەن قانۇنلارنىڭ ئەمەلىي بايانى بولۇپ، ئۇ پەقەتلا يەتكۈزۈپ قويۇشتىن زىيادە بىر ئىشتۇر.[24]

ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: ﴿وَأَقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُوا۟ ٱلزَّكَوٰةَ وَأَطِيعُوا۟ ٱلرَّسُولَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ«ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى تولۇق بېرىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار.»[25] ئاللاھ تائالا يەنە كۆپلىگەن ئايەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشقا ئوخشاش پەرز ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىككى ئىتائەتنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. بىز بۇ يەردە پەقەت بىردانە ئايەتنى كەلتۈرىمىز: ﴿يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَطِيعُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُوا۟ ٱلرَّسُولَ وَأُو۟لِى ٱلْأَمْرِ مِنكُمْ ۖ فَإِن تَنَـٰزَعْتُمْ فِى شَىْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى ٱللَّهِ وَٱلرَّسُولِ إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْـَٔاخِرِ ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلًا «ئى ئىمان كەلتۈرگەن زاتلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، بۇ پەيغەمبەرگە ۋە سىلەردىن بولغان باشلىقلارغا ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار بۇ (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر.»[26]

بۇ ئايىتى كەرىمىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەقەت قۇرئان كەرىمنى يەتكۈزۈپ قويۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكى بايان قىلىنماقتا. بۇ ئايەت مۇسۇلمانلارغا بويسۇنۇش پەرز بولغان ئىككى ئىتائەتنىڭ باشقا-باشقا بولغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. يەنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش - ئۇنىڭ كىتابىدىكى ئەمر-پەرمانلىرىغا بويسۇنۇشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش – ئۇنىڭ قۇرئان كەرىمدە كەلمىگەن ئەمىرلىرىگە ئىتائەت قىلىشتۇر. دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىگە ئىتائەت قىلىش قۇرئاننىڭ ئەمرىدۇر.

بۇ ئايەت يەنە شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئىنسانلار ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم قىلمىغۇچە مۇئمىن بولالمايدۇ. ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئىجرا قىلغان ئىشلىرى، بەرگەن ھۆكۈملىرى، بۇيرۇغان ۋە توسقان ئىشلىرىدۇر. بۇ ئىسلامدا ئېنىق مۇئەييەنلەشكەن بىر ئىش بولۇپ ئۇنىڭغا ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. ئاللاھ تائالا مەسىلىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَلَا وَرَبِّكَ لَا يُؤْمِنُونَ حَتَّىٰ يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ لَا يَجِدُوا۟ فِىٓ أَنفُسِهِمْ حَرَجًا مِّمَّا قَضَيْتَ وَيُسَلِّمُوا۟ تَسْلِيمًا «(ئى پەيغەمبەر!) رەببىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غوم بولسىمۇ يوقالمىغۇچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.»[27]

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا «قانۇن چىقىرىش» ھوقۇقىنى بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ٱلَّذِينَ يَتَّبِعُونَ ٱلرَّسُولَ ٱلنَّبِىَّ ٱلْأُمِّىَّ ٱلَّذِى يَجِدُونَهُۥ مَكْتُوبًا عِندَهُمْ فِى ٱلتَّوْرَىٰةِ وَٱلْإِنجِيلِ يَأْمُرُهُم بِٱلْمَعْرُوفِ وَيَنْهَىٰهُمْ عَنِ ٱلْمُنكَرِ وَيُحِلُّ لَهُمُ ٱلطَّيِّبَـٰتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيْهِمُ ٱلْخَبَـٰٓئِثَ وَيَضَعُ عَنْهُمْ إِصْرَهُمْ وَٱلْأَغْلَـٰلَ ٱلَّتِى كَانَتْ عَلَيْهِمْ ۚ فَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ بِهِۦ وَعَزَّرُوهُ وَنَصَرُوهُ وَٱتَّبَعُوا۟ ٱلنُّورَ ٱلَّذِىٓ أُنزِلَ مَعَهُۥٓ ۙ أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُفْلِحُونَ «ئۇلار ئەلچىگە ـ ئۈممى پەيغەمبەرگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىلكىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا ئۇنىڭ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنىڭ) يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ ئۇلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىش قىلىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق، كويزا ـ كىشەنلەردىن بوشىتىدۇ (يەنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئېلىپ تاشلايدۇ)، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (يەنى قۇرئان) غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.»[28]

بۇ ئايىتى كەرىمە ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرۇش بىلەن بىرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا، ھۆكۈملىرىگە ۋە قىلغان ئىشلىرىغا ئەگىشىشكە بۇيرۇيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلمىغان بىراۋنى مۇسۇلمان دېگىلى بولمايدۇ.

بۇ ئايەت يەنە ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قانۇن چىقىرش ھوقۇقى بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ «ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ» دېدى. ئاللاھ تائالا بۇ يەردە ھالال قىلىش ۋە ھارام قىلىشنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەنسۇپ قىلدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىلىرىدىن بىرى قىلدى. ئاللاھ تائالانىڭ ھالال-ھارام قىلغىنى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھالال-ھارام قىلغىنى ئوتتۇرىسىدا پەرق يوقتۇر. ھەر ئىككىسىگە ئەمەل قىلىش ئوخشاشلا پەرزدۇر. مەن مۇسۇلمان دېگەن ئادەمنىڭ ئاللاھنىڭ قۇرئاندا ھالال-ھارام قىلغانلىرىغا ئەمەل قىلىمەن، پەيغەمبەرنىڭ ھالال-ھارام قىلغانلىرىغا ئەمەل قىلمايمەن دېيىش ھەققى يوقتۇر. بۇنداق دېگۈچى ئاللاھنىڭ ئەمرىنى قوبۇل قىلمىغان بولۇپ، دىندىن چىقىپ كېتىدۇ.

بۇ ئايىتى كەرىمە شەرىئەتنى بىرلا مەنبەدىن ئېلىشنى بۇيرۇيدۇ. ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالادىن ئېلىپ كەلگەن ۋە ئۈممىتىگە يەتكۈزگەن ۋەھيىلىرىدۇر. بۇ ۋەھيىلەر قۇرئان ۋە ھەدىستۇر. ھەر ئىككىسى ئاللاھنىڭ ۋەھيىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىلا سۆزلەيدۇ.

يۇقىرىدا كەلتۈرۈلگەن ئايىتى كەرىمەلەردىن – بۇ ھەقتىكى ئايەتلەرنىڭ ئاز بىر قىسمىدۇر – بىر ھەقىقەت ئايدىڭلاشتى. ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدىن بىھاجەت بولۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ۋە قۇرئاننى ھەدىستىن ئايرىشنىڭ قۇرئانغا ئىنكار قىلغانلىق بولىدىغانلىقىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمام شافىئىي مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ پەرزلىرىنى قوبۇل قىلغان كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ ھۆكمىنى قوبۇل قىلىشنى پەرز قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقلىرىنى قوبۇل قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ.»[29]

مانا مۇشۇنداق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرۇق مۇبەللىغ يەنى قۇرئاننى يەتكۈزۈپ قويغۇچىلا ئەمەس، بەلكى قۇرئاننى يەتكۈزگۈچى، بايان قىلغۇچى، شەرھىلىگۈچى ۋە تەپسىلىي ھۆكۈم چىقارغۇچى ئىكەنلىكى قۇرئان كەرىمدە تەكرار-تەكرار تەكىتلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ رولىنى ئۇنىڭ ھەدىسلىرى ئىجرا قىلىدۇ.

دېمەك، قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى ئىزاھلاش ۋە ئومۇمىي يەرلىرىنى خاس قىلىش، ئىخچام جايلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە مۇھتاج؛ ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىشتىن باشقا چارە يوق. ئۇنداقتا قانداقمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت قۇرئاننى يەتكۈزۈپ قويۇش، ھەدىسكە ھاجەت يوق، دېگىلى بولسۇن؟!

 

ئۈچىنچى: قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان ئايەتلىرىدىن باشقا ۋەھيىنىڭ بېرىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئوچۇق دەلىللەر.

بۇ دەلىللەرنىڭ بەزىسى تۆۋەندىكىلەر:

1-         ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بەزى ئەخمەق كىشىلەر: «ئۇلارنى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۆمىنلەرنى) قاراپ كېلىۋاتقان قىبلىسىدىن (يەنى بەيتۇلمۇقەددەستىن) نېمە يۈز ئۆرۈگۈزگەندۇ؟» دەيدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «مەشرىق ۋە مەغرىب (يەنى ھەممە تەرەپ) ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ». شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە) شاھىت بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ياخشى ئۈممەت قىلدۇق. سەن يۈز كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان تەرەپنى (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسنى) قىبلە قىلغانلىقىمىز پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلەرنى ئاسىيلىق قىلغانلاردىن (يەنى مۇرتەد بولۇپ كەتكەنلەردىن) ئايرىۋېلىشىمىز ئۈچۈنلا ئىدى. ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىلارغا بۇ (يەنى قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى) ھەقىقەتەن ئېغىردۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى (يەنى ئىلگىرى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇغان نامىزىڭلارنى) بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ كىشىلەرگە ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر. بىز سېنىڭ (كەبە قىبلەڭ بولۇشىنى تىلەپ) قايتا ـ قايتا ئاسمانغا قارىغانلىقىڭنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. سېنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. (نامازدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن...»[30]

بۇ ئايىتى كەرىمىلەر مۇھىم ئىككى ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

بىرىنچىسى – بەيتۇلمۇقەددەس مۇسۇلمانلارنىڭ بۇرۇنقى قىبلىسى بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭغا قاراپ ناماز ئوقۇيتتى. كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى باشقا بىر قىبلىگە قاراپ ناماز ئوقۇشقا بۇيرىدى. بۇ ئىككىنچى قىبلە كەئبە مۇشەررەفە ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككىنچى قىبلىنى شۈنچىلىك ياخشى كۆرۈپ ۋە ئۇنىڭ قىبلە بولۇشۇنى شۇنداق ئارزۇ قىلىپ تۇرۇپ، يەنە بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ناماز ئوقۇيتتى. بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەسلەپتە بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇلغان. يۇقىرىدىكى ئايەتتىكى «سەن يۈز كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان تەرەپنى (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسنى) قىبلە قىلغانلىقىمىز پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلەرنى ئاسىيلىق قىلغانلاردىن (يەنى مۇرتەد بولۇپ كەتكەنلەردىن) ئايرىۋېلىشىمىز ئۈچۈنلا ئىدى» دېگەن سۆز ئىپادىلەيدۇ.

ئىككىنچىسى – بىرىنچى قىبلە خۇددى ئىككىنچى قىبلىگە ئوخشاش ئاللاھ تائالا تەرەپتىن بەلگىلەنگەن. چۈنكى ئاللاھ تائالا «سەن يۈز كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان تەرەپنى (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسنى) قىبلە قىلغانلىقىمىز پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلەرنى ئاسىيلىق قىلغانلاردىن (يەنى مۇرتەد بولۇپ كەتكەنلەردىن) ئايرىۋېلىشىمىز ئۈچۈنلا ئىدى» دەپ، بىرىنچى قىبلىنى قىبلە قىلغانلىقىنى ئۆزىگە مەنسۇپ قىلدى.

بىز قۇرئان كەرىمگە باشتىن ئاخىر مۇراجىئەت قىلىپ بۇ بىرىنچى قىبلىگە يۈزلىنىشنى بۇيرۇغان ئايەتنى تاپالمايمىز. دېمەك، بۇ بىرىنچى قىبلىگە قاراپ ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇش ئەمرى باشقا بىر ۋەھيى بىلەن كەلگەن. ئو بولسىمۇ ھەدىستۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە بەيتۇلمۇقەددەسنى قىبلە قىلىشقا بۇيرۇغان ئايەت يوق.

2-         ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇسۇلمانلار!) سىلەرنىڭ مەيلى (بەنى نەزىرنىڭ) خورمىلىرىدىن كەسكىنىڭلار، مەيلى ئۇنى بۇرۇنقى پېتى ئۆرە قالدۇرغىنىڭلار، ھەممىسى ئاللاھ بەرگەن رۇخسەت بىلەن بولغاندۇر.»[31] ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بەنى نەزىر قەبىلىسىنىڭ خورمىلىرىنىڭ كېسىلىشى ئۆزىنىڭ رۇخسىتى بىلەن بولغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ خورمىزارلىق كېسىلىپ بولغاندىن كېيىن چۈشكەنلىكى ئېنىق. ئايەتتىكى "كەسكىنىڭلار" ۋە "ئۆز پېتى قالدۇرغىنىڭلار" دەپ ئۆتكەن زامان پېئلى ئىشلىتىشمۇ بۇ ئايەتنىڭ بولۇپ بولغان ئىش ھەققىدە نازىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىز قۇرئان كەرىمنى باشتىن ئاخىر ئاقتۇرۇپ، خورمىلارنىڭ كېسىلىشىگە رۇخسەت بەرگەن ئايەتنى تاپالمايمىز. رۇخسەتنىڭ ئىشتىن كېيىن بولۇشى توغرا ئەمەس. چۈنكى بىر ئىشنى قىلىشقا بېرىلگەن رۇخسەت ئۇ ئىشتىن بۇرۇن بولۇشى لازىم. ئۇنداقتا بەنى نەزىرنىڭ خورمىلىرىنى كېسىشكە بېرىلگەن رۇخسەت قۇرئان ئايىتى بىلەن ئەمەس باشقا بىر ۋەھيى بىلەن بولغان بولۇپ، ئۇ ھەدىستۇر.

3-         ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئاياللىرىدىن بىرىگە (يەنى ھەفسەگە) بىر سۆزنى يوشۇرۇن ئېيتقان ئىدى، ئۇ (يەنى ھەفسە) ئۇنى (ئائىشەگە) ئېيتىپ قويغان، ئاللاھ بولسا سىرنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى (پەيغەمبەرگە) بىلدۈرگەن چاغدا، ئۇ (يەنى پەيغەمبەر) ئۇنىڭغا (ھەفسەگە) ئۇ (يەنى ھەفسە) ئاشكارىلاپ قويغان سۆزلەرنىڭ بەزىسىنى ئېيتتى (يەنى يۈزىگە سالدى). بەزىسىنى ئېيتمىدى (يەنى يۈزىگە سالمىدى). پەيغەمبەر ئۇنىڭغا سىرنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى ئېيتقان چاغدا، ئۇ (يەنى ھەفسە): «بۇنى ساڭا كىم خەۋەر قىلدى؟» دېدى، پەيغەمبەر: «ماڭا (بۇنى) ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھەممىدىن تولۇق خەۋەردار ئاللاھ خەۋەر قىلدى» دېدى.»[32]

بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا ھەزرىتى ھەفسەنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خەۋەر بەرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇنى خەۋەر بېرىشى قۇرئان ئايەتلىرى ئارقىلىق بولمىغان. چۈنكى قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سىرنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ھېچقانداق ئايەت يوق. دېمەك، بۇنى قۇرئاندىن باشقا بىر ۋەھيى بىلەن خەۋەر بەرگە. ئۇ بولسىمۇ ھەدىستۇر.

يۇقىرىدىكى مىساللار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان ئايەتلىرىدىن باشقا بىر ۋەھيىنىڭ بېرىلگەنلىكىگە ئېنىق ۋە قەتئىي شەكىلدە دالالەت قىلىدۇ. بۇ بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى قۇرئاننى يەتكۈزۈشتىنلا ئىبارەت، ئۇنىڭدىن باشقا ۋەزىپىسى يوق؛ ئۇنداق بولغان ئىكەن پەيغەمبەرنىڭ قۇرئاندىن باشقا سۆزىگە ئەگىشىشكە بولمايدۇ، دېگۈچىلەرنىڭ بۇ قارىشىنىڭ باتىللىقىنى كۆرسىتىدۇ.

 

تۆرتىنچى: قۇرئان كەرىمدە ئىشلىتىلگەن «رەسۇل» ۋە «نەبى» سۆزى ھەققىدىكى سەپسەتىگە رەددىيە:

قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئەگىشىشكە بۇيرۇغان ئايەتلەرنىڭ ئالدىدا ئاجىز قالغان سۈننەت ئىنكارچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق خاتا قارىشىغا يوچۇق تېپىش ئۈچۈن باشتا قۇرئاندا ئىشلىتىلگەن «رەسۇل» سۆزى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەمەس، قۇرئاننى مەقسەت قىلىدۇ، دېدى. بۇ سۆزى ئىشقا يارىمىغاچ قۇرئاندا كەلگەن «رەسۇل» بىلەن «نەبى» نى ئايرىش كېرەك، «رەسۇل» دەپ كەلگەدە پەيغەمبەر ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقان بولىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىنىدۇ، «نەبى» دېگەندە ئىتائەت قىلىنمايدۇ، دەپ، بىر پەيغەمبەرنى ئىككى شەخس قىلىپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا. بۇ ھەر ئىككى قاراش نە ئەقىل، نە ئايەت ۋە نە دىن قوبۇل قىلمايدىغان سەپسەتىدۇر.

بۇ ھەر ئىككى سەپسەتىگە ئايەت بىلەن جاۋاب بېرىمىز. بىرىنچى سەپسەتىنىڭ جاۋابى:

قۇرئاندا كەلگەن «رەسۇل» سۆزىنىڭ ھەممىسىدىن قۇرئان مەقسەت قىلىنىدۇ، دېسەك، ئايەتلەرنىڭ مەنىسى دۇرۇس بولمايدۇ. مەسىلەن: تۆۋەندە بىر نەچچە ئايەت ئۈستىدە ئويلىنىپ باقايلى:

1-         ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا مُحَمَّدٌ إِلَّا رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِهِ ٱلرُّسُلُ «مۇھەممەد پەقەت رەسۇل (ئەلچى) دۇر. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ رەسۇللەر (ئەلچىلەر) ئۆتكەن.»[33] بۇ ئايەتتىكى «رەسۇل» سۆزىنى ئەقلى بار بىر ئادەم قۇرئان دەپ تەپسىر قىلامدۇ؟! ئۇ چاغدا ئايەتنىڭ مەنىسى: مۇ ھەممەد پەقەت قۇرئاندۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ قۇرئانلار ئۆتكەن دېگەن بولمامدۇ؟

2-         ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَن يَخْرُجْ مِنۢ بَيْتِهِۦ مُهَاجِرًا إِلَى ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ ثُمَّ يُدْرِكْهُ ٱلْمَوْتُ فَقَدْ وَقَعَ أَجْرُهُۥ عَلَى ٱللَّهِ ۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورًا رَّحِيمًا «كىم ئۆيىدىن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا (يەنى ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا) مۇھاجىر بولۇپ چىقسا، كېيىن يولدا ۋاپات قىلسا، ئۇنىڭ مۇكاپىتى ئاللاھقا ئائىتتۇر. ئاللاھ بەك مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە تولىمۇ مېھرىباندۇر.»[34] بۇ ئايەتتە كەلگەن «رەسۇل» سۆزىنى قۇرئان دەپ تەپسىر قىلسا ئەقىلغا سىغامدۇ؟! ئۇنداق بولغاندا ئايەتنىڭ مەنىسى: كىم ئۆيىدىن قۇرئاننىڭ يېنىغا ھىجرەت قىلىپ چىقىپ يولدا ئۆلسە، دېگەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان بولمامدۇ؟

3-         ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ ءَامِنُوا۟ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَٱلْكِتَـٰبِ ٱلَّذِى نَزَّلَ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ وَٱلْكِتَـٰبِ ٱلَّذِىٓ أَنزَلَ مِن قَبْلُ«ئى ئىمان ئېيتقان زاتلار! ئاللاھقا، ئۇنىڭ رەسۇلىغا، ئۇنىڭ رەسۇلىغا چۈشۈرگەن كىتابقا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى چۈشۈرگەن كىتابقا ئىمان كەلتۈرۇڭلار.»[35] بۇ يەردىكى «رەسۇل» سۆزىنى قۇرئان دېيىش مۇمكىنمۇ؟ ئۇ چاغدا ئايەتنىڭ مەنىسى: ئاللاھقا، ئۇنىڭ قۇرئانىغا ۋە ئۇنىڭ قۇرئانىغا چۈشۈرگەن كىتابقا ئىمان كەلتۈرۇڭلار دېگەن بولمامدۇ؟ بۇ بىمەنىلىك ئەمەسمۇ؟!

بۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەر كۆپتۇر. دېمەك، قۇرئاندا كەلگەن «رەسۇل» سۆزىدىن قۇرئان مەقسەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزى ئەمەس، دېيىش، ئەقلىنى يوقاتقان ساراڭنىڭ بىمەنە سۆزىدۇر.

ئىككىنچى «رەسۇل» بىلەن «نەبى» نى ئايرىش سەپسەتىسىگە مۇنداق جاۋاب بېرىمىز: قۇرئان كەرىمدە بۇ ئىككى سۆز بىر مەنىدە ئىشلىتىلگەن. «رەسۇل» ئەلچى، «رەسۇلۇللاھ» ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دېگەن بولىدۇ. «نەبى» خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچى «نەبىييۇللاھ» ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانىنى ئېلىپ كەلگۈچى دېگەن بولىدۇ. بۇ ھەر ئىككى سۆز تىلىمىزدا «پەيغەمبەر» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە «رەسۇلغا ئەگىشىڭلار» دېگەن ئايەت بولغاندەك «نەبىگە ئەگىشىڭلار» دېگەن ئايەتمۇ بار. بىر پەيغەمبەرنى بىراقلا «رەسۇل-نەبى» دەپ كەلگەن ئايەتمۇ بار. تۆۋەندە بىر نەچچە مىسال كەلتۈرىمىز:

1_ ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَـَٔامِنُوا۟ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِ ٱلنَّبِىِّ ٱلْأُمِّىِّ ٱلَّذِى يُؤْمِنُ بِٱللَّهِ وَكَلِمَـٰتِهِۦ وَٱتَّبِعُوهُ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ«سىلەر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان بۇ ئەلچىسىگە _ ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلمەيدىغان نەبىگە (پەيغەمبەرگە) ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار.»[36] مانا بۇ ئايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى «نەبى» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىشنى بۇيرىدى.

2_ مۇئمىنلارنى نەبىگە ئەگەشكۈچى دەپ ئاتاپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِىُّ حَسْبُكَ ٱللَّهُ وَمَنِ ٱتَّبَعَكَ مِنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ«ئى نەبى (پەيغەمبەر)! ساڭىمۇ ۋە ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلەرگىمۇ ئاللاھ يېتەرلىكتۇر.»[37]

3_ ئاللاھ تائالا نەبىگە ئەگەشكەن مۇئمنىلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَّقَد تَّابَ ٱللَّهُ عَلَى ٱلنَّبِىِّ وَٱلْمُهَـٰجِرِينَ وَٱلْأَنصَارِ ٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُوهُ فِى سَاعَةِ ٱلْعُسْرَةِ«ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قىيىنچىلىق پەيتىدە ئەگەشكەن مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى.»[38]

4_ ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى نەبى دەپ سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِىُّ إِنَّآ أَرْسَلْنَـٰكَ شَـٰهِدًا وَمُبَشِّرًا وَنَذِيرًا ۞ وَدَاعِيًا إِلَى ٱللَّهِ بِإِذْنِهِۦ وَسِرَاجًا مُّنِيرًا«ئى نەبى! بىز سېنى ھەقىقەتەن گۇۋاھچى، بېشارەتچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئىرادىمىز بىلەن يولىمىزغا دەۋەت قىلغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراغ قىلىپ ئەۋەتتۇق.»[39]

5_ ئاللاھ تائالا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى ھەم رەسۇل، ھەم نەبى دەپ ئاتاپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَٱذْكُرْ فِى ٱلْكِتَـٰبِ إِسْمَـٰعِيلَ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ صَادِقَ ٱلْوَعْدِ وَكَانَ رَسُولًا نَّبِيًّا«(ئى پەيغەمبەر! قەۋمىڭگە) قۇرئاندىكى ئىسمائىل (قىسسىسى)نى ئوقۇپ بەرگىن، ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە راستچىل رەسۇل ھەم نەبى ئىدى.»[40] ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىمۇ ھەم رەسۇل ھەم نەبى دەپ ئاتىغان.

دېمەك، ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە بۇيرۇغان ئەمرىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇرۇنۇشلىرى پۈتۈنلەي ئاساسسىز قۇرۇق سەپسەتە بولۇپ، قۇرئان كەرىم ئۆزى رەت قىلىدۇ.

 

بەشىنچى: «مۇھەممەدكە چۈشۈرۈلگەن نەرسىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەر» دېگەن ئايەتتىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن نەرسىدىن مەقسەت يالغۇز قۇرئان كەرىملا ئەمەس، قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ قۇرئان كەرىمدە نۇرغۇن دەلىللىرى بار. تۆۋەندە بەزىسىنى بايان قىلىمىز:

1-         ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَٱلنَّجْمِ إِذَا هَوَىٰ۞مَا ضَلَّ صَاحِبُكُمْ وَمَا غَوَىٰ۞وَمَا يَنطِقُ عَنِ ٱلْهَوَىٰٓ۞إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْىٌ يُوحَىٰ «ساقىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) گۇمراھ بولمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى. (ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. بۇ (ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى) پەقەتلا ئۇنىڭغا قىلىنغان ۋەھيىدۇر[41]

رەببىمىز بۇ ئايەتتە يۇلتۇزغا قەسەم قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئازمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇيرۇغان ۋە توسقانلىرى نەپسى خاھىشى بىلەن سۆزلىگەن نەرسە ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالادىن كەلگەن ۋەھيى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىگەنلىرى مەيلى قۇرئان بولسۇن ياكى ھەدىس بولسۇن ھەممىسى ئاللاھ ئۇنىڭغا بىلدۈرگەن ۋەھيىدۇر. ئەقلى بار ئادەم بۇ ئايەتتىن شۇنى بىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىمۇ قۇرئانغا ئوخشاش ۋەھيىدۇر. چۈنكى ھەر ئىككىسى ئاللاھتىن كەلگەندۇر.

2-         ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَنزَلَ ٱللَّهُ عَلَيْكَ ٱلْكِتَـٰبَ وَٱلْحِكْمَةَ وَعَلَّمَكَ مَا لَمْ تَكُن تَعْلَمُ ۚ «ئاللاھ ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى سۈننەتنى) نازىل قىلدى، ساڭا سەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ۋە غەيب ئىشلارنى) بىلدۈردى..»[42] يەنە مۇنداق دېدى: ﴿هُوَ ٱلَّذِى بَعَثَ فِى ٱلْأُمِّيِّـۧنَ رَسُولًا مِّنْهُمْ يَتْلُوا۟ عَلَيْهِمْ ءَايَـٰتِهِۦ وَيُزَكِّيهِمْ وَيُعَلِّمُهُمُ ٱلْكِتَـٰبَ وَٱلْحِكْمَةَ وَإِن كَانُوا۟ مِن قَبْلُ لَفِى ضَلَـٰلٍ مُّبِينٍ «ئاللاھ ئۈممىلەرگە (يەنى يېزىشنى ۋە ئوقۇشنى ئۇقمايدىغان ئەرەبلەرگە) ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر پەيغەمبەرنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) ئەۋەتتى، ئۇ (يەنى پەيغەمبەر) ئۇلارغا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلاردىن) پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنى) ئۆگىتىدۇ، گەرچە ئۇلار ئىلگىرى ئوچۇق گۇمراھلىقتا بولسىمۇ.»[43] يەنە مۇنداق دېدى: ﴿لَقَدْ مَنَّ ٱللَّهُ عَلَى ٱلْمُؤْمِنِينَ إِذْ بَعَثَ فِيهِمْ رَسُولًا مِّنْ أَنفُسِهِمْ يَتْلُوا۟ عَلَيْهِمْ ءَايَـٰتِهِۦ وَيُزَكِّيهِمْ وَيُعَلِّمُهُمُ ٱلْكِتَـٰبَ وَٱلْحِكْمَةَ وَإِن كَانُوا۟ مِن قَبْلُ لَفِى ضَلَـٰلٍ مُّبِينٍ «ئاللاھ مۇئمىنلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، ئۇلارنى (گۇناھلاردىن) پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى (يەنى قۇرئان ۋە سۈننەتنى) ئۆگىتىدىغان، ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئۇلارغا چوڭ ئېھسان قىلدى؛ ھالبۇكى، ئۇلار بۇرۇن ئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدى.»[44]

ئىمام شافىئىي ئايەتتىكى «ھېكمەت» سۆزىنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: مەن قۇرئان ئىلمىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان بىر كىشى: «ھېكمەت – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدۇر» دېدى[45].

شۇنىسى ئېنىقكى كىتاب بىلەن ھېكمەت بىر مەنىدە ئەمەس. كىتاب قۇرئاننى ۋە ھېكمەت سۈننەتنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى مۇنۇ ئايەت: ﴿وَٱذْكُرْنَ مَا يُتْلَىٰ فِى بُيُوتِكُنَّ مِنْ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ وَٱلْحِكْمَةِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ لَطِيفًا خَبِيرًا «(ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى!) ئۆيلىرىڭلاردا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ۋە ھېكمەت (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى) تىن ئوقۇلۇۋاتقان نەرسىلەرنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىرلارنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.»[46]

بۇ ئايەت ھېكمەتنىڭ قۇرئانغا ئوخشاش ئوقۇلىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدۇر. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿مَّن يُطِعِ ٱلرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ ٱللَّهَ ۖ وَمَن تَوَلَّىٰ فَمَآ أَرْسَلْنَـٰكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظًا «كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) كىمكى سەندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، (بىلگىنكى) بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق.»[47]

ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى: ﴿وَٱتَّبِعُوٓا۟ أَحْسَنَ مَآ أُنزِلَ إِلَيْكُم مِّن رَّبِّكُم «ئۆزۈڭلارغا رەببىڭلار تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان (كىتابلارنىڭ) ئەڭ گۈزىلى (قۇرئان)غا ئەگىشىڭلار.»[48] بۇ يەردىكى «ئەڭ گۈزەل» سۆزىدىن مەقسەت قۇرئان كەرىم. قۇرئان كەرىمنىڭ ھەممىسى گۈزەل، شۇنىڭدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىمۇ گۈزەل. ئىمام سۇددى[49] بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئەڭ گۈزەل نەرسە ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدە بۇيرۇغانلىرىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنى بۇيرىدى. دېمەك، سۈننەتمۇ <ئەڭ گۈزەل> سۆزىنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ.» ئاللاھ تائالا بۇ يەردە قۇرئان كەرىمنى ئەڭ گۈزەل دەپ سۈپەتلەشتە سۈننەت ئىنكارچىلىرى گۇمان قىلغاندەك قۇرئان بىلەن سۈننەتنى ئايرىش ئۈچۈن ئەمەس، قۇرئان بىلەن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات، ئىنجىلغا ئوخشاش كىتابلارنى ئايرىش ئۈچۈندۇر.

بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىدە بولغان بىر ھەقىقەت شۇكى، ئەگىشىشنىڭ پەرز بولۇشىدا قۇرئان بىلەن سۈننەت ئوخشاش مەرتىۋىدە. چۈنكى ھەر ئىككىسى بىر مەنبەدىن چىققان.

 

خۇلاسە:

1-                      ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنى بۇيرۇغان. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەڭ گۈزەل ئۈلگىدۇر. ﴿لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِى رَسُولِ ٱللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ «شەكسىزكى، سىلەرگە رەسۇلۇللاھ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر.»[50] بۇ بولسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭ سۈننىتىنىڭ مەرتىۋىسىنى بايان قىلىش ئۈچۈندۇر. دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنىڭ پەرزلىكى ئۇنىڭ قۇرئاندىن يەتكۈزگەنلىرىدىلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ھەدىسلىرىگىمۇ ئەگىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2-         پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت قۇرئاننى يەتكۈزۈپ قويۇشلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئىزاھلاش، بايان قىلىش، ئۇنىڭ مەقسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇنى ئەمەلىي ھاياتتا قانداق تەتبىق قىلىشنى ئۆگىتىشتۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى سۈننەتنىڭ رولىدۇ. بۇنىڭغا دالالەت قىلىدىغان ئايەتلەر كۆپ بولۇپ بەزىلىرىنى يۇقىرىدا بايان قىلدۇق.

3-         سۈننەت ئىنكارچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە دەلىل قىلىۋالغان ئىككى ئايەت، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ پەقەتلا قۇرئاننى يەتكۈزۈپ قويۇش ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەيدۇ، ئىنسانلارنى زورلاپ ئىمان ئېيتقۇزۇش ۋەزىپىسىنىڭ يوقلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

4-         سۈننەت ئىنكارچىلىرىنىڭ قۇرئاندا كەلگەن «رەسۇل» سۆزىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمەس، قۇرئان مەقسەت قىلىنىدۇ، دېگىنى، ئەرەب تىلى قائىدىسىگىمۇ چۈشمەيدىغان، قۇرئاننىڭ ئۆزىگىمۇ زىت كېلىدىغان خاتا قاراشتۇر. يەنە «نەبى» بىلەن «رەسۇل» ئوتتۇرىسىنى ئايرىش دەۋاسىمۇ قۇرئان كەرىمگە زىت كېلىدىغان بىر سەپسەتىدۇر.

5-         سۈننەت-ھەدىس ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە چۈشۈرۈلگەن ۋەھيىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشى بىلەن سۆزلىمىگەن. ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئۇنىڭغان قىلىنغان ۋەھيىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ مەيلى قۇرئاندىن، مەيلى ھەدىستىن بولسۇن خەۋەر بەرگەنلىرىگە ئەگىشىش پەرزدۇر.

6-         سۈننەت بىلەن قۇرئاننىڭ پەرقى: قۇرئان ئاللاھ تائالا جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئەۋەتكەن ئوچۇق ۋەھيىدۇر. يەنى قۇرئان كەرىمنىڭ لەپزىمۇ، مەنىسىمۇ ئاللاھتىندۇر. سۈننەت ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە ئىلھام قىلغان ۋەھيىدۇر. يەنى سۈننەتنىڭ مەنىسى ئاللاھتىن، لەپزى رەسۇلۇللاھتىندۇر.

ئاللاھ تائالادىن ھەق ئۈستىدە دائىم قىلىشىنى تىلەيمىز.


 



[1]  سۈرە شۇرا: 48- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[2]  سۈرە نۇر: 54- ئايەتنىڭ بىر قىسمى. 

[3]  سۈرە مۇھەممەد: 2- ئايەت.

[4]  سۈرە زۈمەر: 55- ئايەت.

[5]  سۈرە شۇرا: 48- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[6]  سۈرە نۇر: 54- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[7]  سۈرە شۇرا: 47- ۋە 48- ئايەتلەر.

[8]  سۈرە نۇر: 54- ئايەت.

[9]  سۈرە شۇئەرا: 3- ئايەت.

[10]  سۈرە مۇھەممەد: 2- ئايەت.

[11]  سۈرە زۈمەر: 55-ئايەتلەر.

[12]  تەپسىرى مۇيەسسەر، ئيغۇرچە تەرجىمىسى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى نەشر: 736- بەت.

[13]  سۈرە مائىدە: 67- ئايەت.

[14]  ئوقۇلىدىغان ۋەھيى (وحي متلو)– يەنى جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن ئېلىپ كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوقۇپ بەرگەن ئوچۇق ۋەھيى. ھەم ئۇنىڭ لەۋزىنى ئوقۇپ ئىبادەت قىلىنىدىغان ھەم ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىدىغان ۋەھيى. ئۇ بولسىمۇ قۇرئان كەرىمدۇر. ئوقۇلمايدىغان ۋەھيى (وحي غير متلو) – يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىلھام ئارقىلىق بىلدۈرۈلگەن، ئۇنىڭ لەۋزىنى ئوقۇپ ئىبادەت قىلىنمايدىغان، بەلكى ئەملىي ئىجرا قىلىنىدىغان ۋەھيى. بۇنى ھەدىس ياكى سۈننەت دەيمىز.

[15]  سۈرە نەجم: 3- ۋە 4- ئايەت.

[16]  سۈرە نىسا: 113- ئايەت.

[17]  بۇ ھەقتە مۇنۇ تەپسىرلەرگە قاراڭ: روح المعاني. للآلوسي، دار إحياء التراث العربي-بيروت: (5/144) التحرير والتنوير. لابن عاشور، دار سحنون-تونس: (5/197)

[18]  سۈرە نەھل: 44- ئايەت.

[19]  سۈرە مائىدە: 67- ئايەت.

[20]  سۈرە نەجم: 3- ۋە 4- ئايەت.

[21]  سۈرە ئەھزاب: 21-ئايەت.

[22]  سۈرە ئالى ئىمران: 164- ئايەت.

[23]  سۈرە نىسا: 105- ئايەت.

[24]  رد شبهان حول عصمة النبي صلى الله عليه وسلم، د. عماد السيد الشربيني. مطابع دار الصحيفة، القاهرة، 1- باسمىسى، 2003- يىل. 350 ۋە 357- بەتلەر.

[25]  سۈرە نۇر: 56- ئايەت.

[26]  سۈرە نىسا: 59- ئايەت.

[27]  سۈرە نىسا: 65- ئايەت.

[28]  سۈرە ئەئراف: 157 ۋە 158- ئايەتلەر.

[29]  ئەررىسالە: ئىمام شافىئى. ئەھمەد شاكىر تەھقىق قىلغان. بېيرۇتتا بېسىلغان، 33- بەت.

[30]  سۈرە بەقەرە: 142- 143- ۋە 144- ئايەتلەر.

[31]  سۈرە ھەشر: 5- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[32]  سۈرە تەھرىم: 3- ئايەت.

[33]  سۈرە ئالى ئىمران: 144- ئايەت.

[34] سۈرە نىسا: 100- ئايەت.

[35] سۈرە نىسا: 136- ئايەت.

[36] سۈرە ئەئراف: 158- ئايەت.

[37]  سۈرە ئەنفال: 64- ئايەت.

[38] سۈرە تەۋبە: 117- ئايەت. 

[39]  سۈرە ئەھزاب: 45-46- ئايەتلەر.

[40]  سۈرە مەريەم 54- ئايەت.

[41] سۈرە نەجم: 1-4- ئايەتلەر.

[42] سۈرە نىسا: 113- ئايەت.

[43] سۈرە جۇمۇئە: 2- ئايەت.

[44] سۈرە ئال ئىمران: 164- ئايەت.

[45] ئىمام شافىئى: <الرسالة> ئەھمەد شاكىر تەھقىق قىلغان. بېيرۇتتا ئىلمىي كۈتۈبخانا تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. 78- بەت.

[46] سۈرە ئەھزاب: 34- ئايەت.

[47] سۈرە نىسا: 80- ئايەت.

[48] سۈرە زۈمەر: 55- ئايەت.

[49] ئىمام سۇددى: ئىسمائىل ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەل سۇددى، تابىئىن ئالىملاردىن بولۇپ، ساھابەنىڭ ئۆيىدە چوڭ بولۇپ يېتىشكەن. ئۇ ھەم ھەدىس ھەم تەپسىر ئالىمى. ئىمام مۇسلىم ۋە باشقا ھەدىس ئىماملىرى ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئۇنىڭ "التفسير الكامل" ناملىق چوڭ تەپسىرى بار.

[50]  سۈرە ئەھزاب: 21- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.