ئۆلىمالىرىمىز

ئابدۇلخەبىر داموللاھاجىم

2026-05-06
A-
A+

ئابدۇلخەبىر داموللاھاجىم ھىندىستاندىكى دىيۇبەند (دارىلئۇلۇم) بىلىمگاھىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئاندىن ۋەتەنگە قايتىپ بېرىپ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كۆرەش سېپىگە قېتىلغان، كېرىيەدە ئىسلام ھاكىمىيىتى قۇرغان، ئىنقىلاب مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ، پادىشاھ ئابدۇلئەزىزنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە كاتتا ئۆلىمالار ھەيئىتىنىڭ مەسئۇلى بولغان، كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كېتىپ خىتاينىڭ تۈرمىسىگە چۈشكەن ۋە 1971-يىلى تۈرمىدە شېھىت قىلىنغان ئوت يۈرەك مۇھاجىد، كاتتا ئۆلىمادۇر.

داموللاھاجىمىنىڭ ھاياتىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە باسقۇچقا يىغىنچاقلاپ چۈشۈنۈش مۇمكىن:

1. ئۆسۈپ يىتىلىش، ۋەتەندە بىلىم ئېلىش باسقۇچى ۋەتەندىكى ئۇستازلىرى.

2. چەتئەلدە ئوقۇش باسقۇچى ۋە ئۇستازلىرى.

3. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىرىنچى قېتىملىق ۋەتەنگە قايتىشى، مۇدەررىسلىكى ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكىتى.

4. ئىنقىلابتىن كېيىنكى چەتئەلگە 2-ھىجرىتى ۋە چەتئەلدىكى ئىلمىي ھاياتى.

5. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىنكى ئىلمىي، سىياسى ھاياتى ۋە شېھىت بولۇشى.

داموللاھاجىمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋەتەندە بىلىم ئېلىش باسقۇچى ۋەتەندىكى ئۇستازلىرى

ئابدۇلخەبىر داموللاھاجىم 1900-يىلى توخسۇن ناھىيە بوستان يېزا خاتىپ كارىز مەھەللىسىدە مەرىپەتپەرۋەر دىنىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، ئاتا-ئانىسى خالىس نىيەتلىك، تەقۋا كىشىلەر بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپلا بالىسىنى دىنى ئالىم قىلىشقا بەل باغلىغان.

يەتتە ياشتا مەھەللىدىكى يەرلىك مەكتەپكە كىرىدۇ. 12 ياشقا كىرگەن يىلى توخسۇندىكى مەشھۇر مەدرىس بوستان مەدرىسىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ، مەدرىستە ئوقۇش جەريانىدا، زېرەكلىكى، تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ئۇستازلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، سەرف، نەھۋى، بالاغەت بىلىملىرىنى ئىگەللىگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ زىرەكلىكى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن مەدرىستىكى چوڭ ئۇستاز زاھىد قازى ئالدىدا بىر قوللۇق تەربىلىنىشكە مۇيەسسەر بولىدۇ.

داموللاھاجىمنىڭ ئۇستازى زاھىد قازى

ئۇستازنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ كىشى بۇخارادا 8 يىللىق ئوقۇشنى تاماملاپ شاھادەت ئالغان، يەنە شام ۋە پەلەستىن رايونلىرىغا كېلىپ، مەشھۇر ئۇستازلاردىن تەفسىر، ھەدىس ئىلىملىرىدە تېخىمۇ چۇڭقۇر بىلىم ئاشۇرۇپ، ئۇ يەردىمۇ ئۇستازلاردا ئوقۇغان مەخسۇس ئىلىملىرىدە ئىجازەتنامە ئالغان، (بۇ ئۇستاز سابىت داموللامدىن پىشقەدەم بولۇپ، بۇخارانى پۈتتۈرۈپ شامغا ماڭغاندا، سابىت داموللامنىڭ بۇخارادا قالغانلىقى مەلۇم)، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، توخسۇن بوستان مەدرىسىنى ئىلمىي مەركەز قىلىپ مەدرىسنى گۈللەندۈرگەن، تۇرپاندىن، كورلا ۋە قەشقەرغىچە بولغان ئارىلىقلاردىن نەچچە يۈزلىگەن تالىپلار بۇ يەرگە جەم بولغان، ئۆزى مول ئىلمىي تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ، خەلق ئىچىگە چوڭقۇر چۆككەن، ئەمەلىي تەجىربىگە باي، پەتىۋا ئىشلىرى بىلەن شوغۇللانغان، خەلق ئىچىدە زاھىت قازى نامى بىلەن ئاتالغان كىشىدۇر.

 

ئابدۇلخەبىر داموللامنىڭ چەتئەلدىكى ئوقۇش باسقۇچى ۋە ئۇستازلىرى

ئابدۇلخەبىر داموللام بۇ ئۇستازىنىڭ يېنىدا تاكى 23 ياشقىچە ئىلىم ئېلىپ، دەرس تۈگىتىپ ئۇستازىدىن شاھادەت ئالىدۇ، ئىلىمگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن، چەتئەللەردە ئىلىم ئاشۇرۇش، ئىلىم ئەھلىلىرىدىن ئىستىفادە ئېلىش ئىستىگىدە بولىدۇ، ئۇستازلىرىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ھىندىستاندىكى دىيۇبەند (دارۇلئۇلۇم) بىلىمگاھىغا بېرىشنى قارار قىلىدۇ.

1923-يىلى باشلىرىدا ھىندىستانغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئىلىم سەپىرى جەريانىدا، قەشقەر خانلىق مەدرىسە ۋەساقى مەدرىسەلەرنى زىيارەت قىلغاچ بەزى دەرسلىرىگە داخىل بولۇپ، يەنە سەپىرىنى داۋام قىلىدۇ.

سەپەر جەريانىدا ئەرەبچە شېئىر يازغاچ ماڭىدۇ، شېئىردىن 20 كۇپلىتنى يېڭىسادىكى ئۆزى قونغان مەسچىتنىڭ تېمىغا يېزىپ قويىدۇ، بۇ شېئىر تاكى 1955-يىلىغىچە شۇ يەدە بار بولۇپ، بۇنى 1955-يىلى يازدا كېرىيەلىك مەتتوختى ئاخۇنۇم قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇۋاتقان چاغدا، خانلىق مەدرىسە ۋە ساقى مەدرىسە تالىپلىرى بىلەن يازلىق دەم ئېلىشقا چىققاندا، مەزكۇر مەسچىتنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا تالىپلار بىلەن بۇ شېئىرنى ئوقۇغان بولۇپ، شېئىرنى بىر ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ يازغىنىنى بىلىپ، بۇنچە ئەرەب تىلى قۇۋۋىتى، پاساھىتى، ئىلمىيلىكى بىلەن قەيەرگە ئىلىم تەلەپ قىلىپ ماڭغاندۇ، دەپ ھەيران قېلىشقانلىقىنى ئېيتىدۇ.

 

ئابدۇلخەبىر داموللامنىڭ چەتئەلدىكى ئۇستازلىرى

داموللام دىيۇبەندتە تىرىشچانلىق بىلەن 6 يىلدا دىيۇبەندتىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ، يۇقىرى باھا بىلەن ئۇستازلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىدۇ.

داموللام دۇنياغا مەشھۇر ئۇستازلاردىن دەرس ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان بولۇپ، مۇفەسسىر، مۇھەددىس ۋە فەقىھ ئۇستازلاردا ئوقۇغان.

1. ئەنۋەر شاھ كەشمىرى (فەيزۇل بارى-شەرھى سەھىھۇل بۇخاري) ۋە (ئەرىف شەزي شەرھى تىرمىزى) نىڭ مۇئەللىپى.

2. خەلىل ئەھمەد ساھىب ساھارانفوى «بەزھۇل مەجھۇد» (ئەبۇ داۋۇدنىڭ ھەدىس توپلىمى شەرھىنىڭ مۇئەللىپى)

3. شەبىرى ئەھمەد ساھىب «فەتھۇل مۇلھىم» (سەھىھ مۇسلىمنىڭ شەرھى)نىڭ مۇئەللىپى.

يۇقىرىقى ئۇستازلاردا ھەدىستىن بۇخارى، مۇسلىم، تىرمىزىلەرنى تاماملىغان ۋە باشقا ھەدىس كىتابلاردىن ئىستىلاھ ئالغان. تەفسىردىن ئىبنى كەسىر، تەبەرى ، بەيزاۋىيلەرنى تۇلۇق تاماملىغان. مەنتىق، ئۇسۇل ۋە باشقا پەنلەرنى مۇكەممەل شەكىلدە ئوقۇپ ئىزنى ئالغان. فىقھى ئىلمىدىن تۆت مەزھەپ فىقھىسىنى ئىگەللىگەن بولۇپ، ئۆتكۈرلىكى بىلەن ئۇ يەردىمۇ ئۇستازلانىڭ دىققىتىنى تاتىدۇ.

دارۇلئۇلۇمدا ئوقۇلۇۋاتقان دەرسلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى يۇقىرى نەتىجە بىلەن تاماملاش جەرياندا ئۇستاز ئەنۋەر شاھنىڭ مەسچىتىدە ئىماملىق قىلغاچ، ئەنۋەر شاھ كەشمىرىدىن باشقا تالىپلارغا قارىغاندا پەرىقلىق شەكىلدە پايدىلانغان.

دارۇلئۇلۇمنى پۈتتۈرگەن چاغدا ئوقۇتۇش ھەيئىتى ۋە باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن داموللامغا «مەۋلىۋى» ئۇنۋانى بىلەن بىرگە «ئالىم فازىل» ۋە «جەلىل» ئۇنۋانى بېرىلگەن، بۇ ئۇنۋان داۇلئۇلۇمدا ھېچ بىر ئوقۇغۇچىغا بېرىلمىگەن ئىكەن.

داموللامنىڭ ئۇنۋانى توغرىسىدا ئاتۇشتىكى تونۇشلۇق ئالىم زەينۇل ئابىدىن مەۋلىۋىدىن ئاڭلايلى: بۇ ئالىم داموللامدىن ۋە مەرۇپ ھەسەن مەۋلىۋىدىن كېيىن دارۇلئۇلۇمنى پۈتكۈزگەن، داموللامنىڭ ئۇنۋانىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋەداموللامنىڭ چەتئەلدىكى ئىشلىرىدىن خەۋىرى بولغان كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، زامانىمىزنىڭ ئىلىملىك پىشقەدەملەرىدىن ئىدى.

-1972يىلى 4-ئاينىڭ بېشى، مەن (نىياز داموللاجىم) جەنۇپقا قىلغان سەپەرىمدە زەينۇل ئابىدىن مەۋلىۋى بىلەن ئۇچرۇشۇش ئىستىگىدە ئاتۇشقا باردىم. ئەزىز سۇلتانىم جامىدىكى جامائەتلەردىن مەۋلىۋىنى سۈرۈشتۈردۈم، بىرئازدىن كېيىن جامائەتلەر مەۋلىۋى كەلدى دىيىشتى، مەۋلىۋى بىلەن سالام-سائەت قىلىشقاندىن كېيىن، مەۋلىۋى كەمتەرلىك ۋە ئەدەپ بىلەن، نەدىن كېلىشتىلەر؟ دەپ سوردى.

مەن جاۋابەن: توخسۇندىن كەلدۇق تەقسىر دىدىم.

مەۋلىۋى دەرھاللا داموللام ئابدۇلخەبىر بامۇ؟ دەپ سورىدى.

مەن ئۆتكەن يىلى ئۇزۇتۇپ قۇيغانلىقىمىزنى دىدىم.

مەۋلىۋى: شېھىت كەتتىمۇ يا نورمال كەتتىمۇ؟ دىدى.

مەن شېھىت كەتتى، تۈرمىدىن مىيتىنى ئاچىقىپ ئۆيىگىمۇ بەرمەي كۈمۈۋەتتى دىيىشىمگىلا، قايغۇدىن چىرايى ئۆزگىرىپ ئىچىدىن ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى، نەچچە مىنۇت ئۆزىنى توختىتالماي يىغلاپ دۇئا-ئىستىغفار ئوقۇدى، ئەتراپتىكىلەرمۇ مەۋلىۋىگە قاراپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى.

ئۆيىگە باشلاپ، داستىخان راسلاپ، بىز بىلەن سۆھبەتتە بولدى، بۇ ئەسنادا ئۇستازىمىزنىڭ دىيۇبەندتىكى ئىش-ئىزلىرىدىن ياخشى مەلۇماتلارغا ئىرىشىۋالدىم.

زەينۇل ئابىدىن مەۋلىۋى دىيۇبەندىكى كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ؛ مەن دىيۇبەنگە بارغاندا ئۇستاز ئابدۇلخەبىر ھەسەن ۋە مەرۇپ مەۋلىۋىلەر پۈتتۈرۈپ كىتىپ بوپتۇ، مەن ئۇلاردىن كېيىن ئوقۇغان، بىركۈنى دىيۇبەند مەدرىستىكى ئۇستازلارنىڭ ئىشخانىسىنى ۋە ئارخىپلىرىنى كونا ئورنىدىن يېڭى ئورنىغا يۆتكىمەكچى بولدى، ئارخىپ يۆتكىگەنلەرنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بارئىدىم. باش مۇدررەس ئەنۋەر شاھ كەشمىرىنىڭ ئىشخانىسىدىكى ئارخىپلارنى مەن يۆتكىدىم، تۇيۇقسىز ئابدۇلخەبىر تۇركىستانى دەپ ئىسىم يېزىلغان ئارخىپ خالتىسى قولۇمغا چىقىپ قالدى، مەن دەرھال ئېچىپ، ئۇنىڭ ئۇستاز ئابدۇلخەبىرگە بېرىلگەن ئۇنۋان ئارخىپى ئىكەنلىكىنى بىلدىم، ئۇنۋانغا ئابدۇلخەبىر تۈركىستانى، مەۋلىۋى، فازىل، جەلىل دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇنۋانغا دىيۇبەند دارۇلئۇلۇم ئىمتىھان تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ تامغىسى ۋە باش مۇدەررىس ئەنۋەر شاھ كەشمىرىنىڭ ئىمزاسىمۇ قويۇلغانىدى، شۇنداقلا جەلىل دىگەن ئۇنۋاننىڭ دىيۇبەند بويىچە بۇ ئۇستازدىن باشقا ھېچكىمگە بېرىلمىگەنلىكىنىمۇ بىلدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇستاز بىلەن ئۇچرىشىش ئىستىگىدە بولدۇم، ئەمما تەغدىر مۇشۇ ئوخشايدۇ، بۇ قالايمىقانچىلىقلاردا كۆرۈشەلمەي قاپتىمىز دىگىنىچە كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلدى.

 

 ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىرىنچى قېتىملىق ۋەتەنگە قايتىشى، مۇدەررىسلىك ھاياتى ۋە ۋەتەندىكى ئىنقىلاب ھەرىكىتى

ئەمدى سۆزنى مەرۇپ ھەسەن مەۋلىدىن ئاڭلايلى، بۇ كىشىمۇ زامانىدا توخسۇننىڭ مۇفتىسى بولغان كىشى بولۇپ، داموللام بىلەن دارۇلئۇلۇمنى بىللە پۈتكۈزگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

بىز 1931-يىللىرى ئەتراپىدا ھىندىستاندىن ۋەتەنگە قايتتۇق ۋە قەشقەگە كەلگەن ۋاقتىمىزدا تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇشتا ئىكەنلىكىنى، يوللارنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى بىلدۇق-بىز ۋەتىنىمىز ئىسلاھاتى ۋە ئىھتىياجى ئۈچۈن نۇرغۇن پايدىلىق كىتاب-ماتىرىياللارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدۇق، يولدا يوقىتىپ قۇيۇشتىن ئەنسىرىدۇق، باشقا يول ئىزدەيلى دەپ، خوتەن ئارقىلىق كېرىيەگە كېلىپ ۋەزىيەتنى كۈزەتكەچ تۇرۇپ قالدۇق، ۋەتەننىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ۋاقىت قىس، مائارىپقا كۈچىمىسەك بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، كېرىيەدە دەرھال ئىككى مەدرىسىگە ئورۇنلىشىپ دەرس باشلىدۇق، داموللام شۇ چاغدا ئىككى، ئۈچ يۈزدەك تالىپى بولغان چوڭ بىر جامىگە مۇدەرىسلىك قىلىشقا باشلىدى، داموللام دەرس باشلىغاندىن كېيىن تالىپلارنىڭ سانى تېزلا ئېشىپ، مەدرىستە مىڭلىغان تالىپلار دەرس ئالىدىغان ھالەتكە كەلدى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئىلىم سۆيەر ياشلار كۆپىيىپ، جامىلەر كىچىك كەلدى. مەن (مەرۇپ ھەسەن مەۋلىۋى) بىر يىلدىن كېيىن توخسۇنغا قايتتىم، داموللام كېرىيەدە قالدى.

 كېرىيەدە داموللام بىلەن ھەمكارلاشقان ئادەملەردىن بىر نەچچە كىشى بىلەن سۆھبەت:

بىرى روزاخۇن مۇدەررەس يەنە بىرى روزاخۇنباي ۋە مۇھەممەد ئاخۇن ئاكىلار

ئەمدى گەپنى كېرىيەلىك روزاخۇن مۇدەررىستىن ئاڭلايلى.

-1972يىلى 5-ئاي مەن (داموللامنىڭ تالىپى نىياز دامۇللاجىم) روزاخۇن مۇدەررىس بىلەن ئۇچراشتىم. روزاخۇن مۇدررىس چوڭ مەدرىسىگە مەسئۇل مۇدەرىس ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

 بىر كۈنى مەدرىسىمىزگە ئىككى ئادەم كىرىپ كەلدى، ئۇلار قەشقەر تەرەپتىن كەلگەنلىكىنى، توخسۇنغا كىتىدىغانلىقىنى، ھازىر ماڭالمىغانلىقىنى ئېيتتى، بىز ئۇلارنى ئېلىپ قالدۇق.

بىر كۈنى مەن سانىي ھىدايىغا دەرس ئېيتىۋاتقان ئىدىم، دەرس ئارىلىقىدا ماڭا بىر جۈملە يەر ئېنىقسىز بولۇپ قالدى، شۇ ئەسنادا تالىپلار ئىچىدىن بىرى ئىككى كەلىمە بىلەن بۇنى يەشتى، مەن چۆچۈپ كەتتىم، بۇلارنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەر ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم، كەچتە 3 تالىپنى چاقىرىپ مۇنداق مەسلىھەت قىلدىم، سىلەر بۇلارنى سىناپ بېقىڭلار، تەفسىردىن فاتىھەنى تەفسىر قىلدۇرىڭلار، بۇخارىدىن ئېيتقىلى سېلىڭلار، فىقھىدىن ھىدايىنى دېگىلى سېلىڭلار، ئىلمى بار يوقلىقىنى بىلەيلى دىدىم، كەچتە ئۇلار پىلان بۇيىچە ئىش كۆدى، مەن دەرسخانا دەرىزىسىدىن ئۇلارنىڭ دەرسىنى ئاڭلىدىم، دەرسنى ئاجايىپ ئېيتتىكى، دەرس تۈگەپ بوغىچە دەرستىن تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتتىم ۋە دەرس تۈگىشىگىلا داموللامنىڭ قېشىغا كىرىپ قۇچاقلاپ تۇرۇپ، نەچچە كۈندىن بېرى ئالدىغا ئۈتۈپ دەرس سۆزلەپ ئەدەپسىزلىك قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئەپۇ سوردۇم، بۇ جامە مىنىڭ باشقۇرۇشۇمدا ئىدى، بۈگۈندىن باشلاپ جامە تالىپلارنىڭ پۈتۈن باشقۇرىشىنى سىلىگە تاپشۇردۇم، ئۈممەتنىڭ خىزمىتىنى بىللە قىلايلى دىدىم. داموللاممۇ تەلىپىمگە قوشۇلدى.

شۇ چاغدىكى تالىپلاردىن مىڭدەك تالىپ مۇدەرىسلىك قىلغۇدەك دەرىجە كەلگەن ھازىر (1972-يىلى) ئۇلاردىن نەچچە يۈز كىشى ھازىرمۇ كېرىيەدە ھايات دېگەنىدى.

داموللام شۇنىڭدىن باشلاپ جەمئىيەتتە ھەرخىل قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى. ھەممىسىگە ئىلىم، ئىمان نۇرى چاچقان ئىدى.

شۇ كۈنلەردە كېرىيەدە نوپۇزلۇق كىشىدىن بىرى ۋاپات بولدى. ئەتراپتىكى ناھىيىلەردىنمۇ ئادەم جىق كەلدى، ئادەتلىرىمىزدە ئۈچ كۈنگىچە قەبرە بېشىدا ۋەز نەسىھەت قىلىدىغان ئىش بارئىدى، تەكلىپ بىلەن داموللام سۈرە قىيامەتنى تەفسىر قىلدى، شۇ تەبلىغدىن داموللام تېخىمۇ ياخشى تونۇلۇپ كەتتى .

روزىئاخۇن مۇدەررىس داموللامنىڭ مەدرىستىكى پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:

بۇ كۈنلەردە ھەر تەرەپتىن ئىنقىلاب خەۋەرلىرى كىلىپ تۇردى، شۇنىڭ بىلەن داموللاممۇ بۇنى ياخشى پۇرسەت بىلىپ، دەرھاللا بايلارنى ۋە ھۈنەرۋەنلەرنى يىتەكلەپ قورال تېپىش ۋە قورال ياساش ئارقىلىق ھەر قايسى تەرەپتىكى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، ئىنقىلابقا تەييارلىق كۆرىۋاتاتتى. بۇ ئىشلارغا روزاخۇنباي داموللام بىلەن شۇ ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى.

 

 روزاخۇنباي بىلەن سۆھبەت

مەن (نىياز داموللاجىم) روزاخۇنبايدىن ئىنقىلاب ئەھۋال سۈرۈشتۈرگىنىمدە، ئۇ ئەسلىمىسىدە: بىز ئىنقىلابنى باشلاش ئۈچۈن بىر قىسىم قوراللارنى سېتىپ ئەكەلدۇق يەنە بىر قىسمىنى ئۇستا ھۈنەرۋەنلەرنى ئىشقا سېلىپ كېرىيەنىڭ ئۆزىدە قورال ياساشقا كىرىشىپ، مەلۇم مىقداردا قورال تەييارلىدۇق، ئاندىن ھەر قايسى يېزا كەنتلەردىن ئىشەنچلىك ئىمام مۇئەززىنلەرنى چاقىرىپ داموللام جىھادنىڭ ئەھمىيىتى، رولى، مۇھىملىقى توغرىسىدا ۋە قانداق بۇلىدىغانلىقىنى ئېنىق دەرسلىك قىلىپ سۆزلىدى.

بۇ كىشىلەر ئۆلسەك شېھىد، قالساق غازى دېگەن ئىرادىگە كەلدى. ئىنقىلاب جەڭچىلىرى دەسلەپكى قەدەمدە ھازىر بولغان ئىدى. بۇ ئىمام-مۇئەززىنلەر داموللامنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن جايىلىرىغا قايتىپ ئىنقىلاب روھىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ 18 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرنى جىھادقا چاقىرىشقا ئاتلاندى. دۈشەنبە كۈنى، كېرىيەنىڭ غەربى-شىمالىدىكى شەنبە بازار دېگەن جايدىكى مەيدانغا سائەت 10 دا يىغىلىش ئۇقتۇرۇلدى. بىز ئۆزىمىزمۇ تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ، كېرىيە بازىرىنىڭ غەرىپ تەرەپتىكى كونا دەريا ئېقىنى بىلەن شەنبە بازارغا قاراپ يولغا چىقتۇق. مەيدانغا يېنىپ كەلگەندە كۆردۇقكى، ئىسلامنى، ھۈررىيەتنى خالاپ جان تىكەر ئەزىمەتلەردىن نەچچە يۈزلىگەن ئەزىمەتلەر يىغىلىپ تۇرۇپتۇ.

بىز دەرھال داموللامنى ھەربىي كىيىم كىيگۈزۈپ، ھەربىي پاگون تاقاپ، قارا ئارغىماققا مىنگۈزۈپ خوجىنىياز ھاجىغا ئوخشاش قىلىپ، ئاتلىنىشقا تەييار بولدۇق، ئىككى قولىدا ئىككى تاپانچا ۋە ئەتراپىدا سەككىز قوغدىغۇچى قىلىپ، قوشۇننى باشلاپ ھەربىي ھۆكۈمەتكە يۈرۈش قىلدۇق، داموللام ئالدىن ئىككى ئادەمنى ئاتلىق شەھەر ئىچىدە خوجىنىياز ھاجى يىتىپ كەلدى دەپ توۋلاشقا بۇيرىدى. چۈنكى، خوجىنىياز ھاجىمنىڭ باتۇرلۇقى ۋە ئەسكىرى كۈچى ھەممە يەرگە پۇر كەتكەچكە، ئىسمى چىقسا دۈشمەنمۇ ئۈركۈيتتى، بۇ بىر تاكتىكا ئىدى. قۇماندان سېپىلغا يېقىنلاشقان چاغدا، ئۆزى قوشۇننى توختىتىپ جىھاد ھەققىدە يېرىم سائەت سۆزلەپ قوشۇنغا روھىي ئوزۇق بەردى. قولىمىزدا يېشىل رەڭلىك بايراق بۇلۇپ، كەلىمە شاھادەت يېزىلغان ئىدى، مۇجاھىدلار تەكبىر ئېيتقانچە شەھەر سېپىلغا بېسىپ كەلدۇق، كاپىرلار بىلەن تۇتۇشۇش قاتتىق بولدى. بەزىلەر شىھىتلىك شەربىتىنى ئىچتى، قوشۇندا بىر ئاز بوشىشىشمۇ كۆرۈلدى، داموللام تېز سۈرئەتتە قوشۇننى تەرتىپكە سېلىپ، قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتتۇق.

بىز شېھىتلىرىمىزنى ئاتلاپ ئۈتۈپ سېپىل قېشىغا باردۇق. ئوق چىقىۋاتقان ئاپتۇمات تۆشۈكلىرىنى ئېتىشكە تىرىشتۇق. بىر قىسىملار سىپىل ئۈستىگە چىقىپ، ئىچى تەرەپكە چۈشۈشكە باشلىدى، شۇ چاغدا دۈشمەن ئەھۋالنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يىتىپ، تەسلىم بولۇپ چوڭ قۇۋۇقنى ئېچىۋەتتى، دۇشمەننىڭ باشلىقلىرىدىن 3 كىشىنى باغلاپ جازا مەيدانىغا ئېلىپ چىقتۇق، باش قۇمانداننى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، نەخ مەيداندىلا ئىجرا قىلىنىپ ئېتىپ تاشلاندى. ئۇلارنىڭ ھاكىملىق تامغىسىنى خەلىققە كۆرسىتىپ تۇرۇپ، پالتا بىلەن پارچىلىۋەتتۇق، غەنىمەتلەر ئىسكىلاتتا ساقلاشقا بۇيرۇلدى.

نەق مەيداندا كېرىيەدە ۋاقىتلىق ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى، داموللامنى ھاكىم سايلىدۇق، روزاخۇنغا كېرىيەنىڭ مۇدەررىسلىك ۋە ئىسكىلاتتىكى غەنىمەتلەرنى ساقلاش زىپىسى تاپشۇرۇلدى. ھۆكۈمەتنىڭ باشقا ئورۇنلىرىغىمۇ ئادەم سايلاندى. داموللامنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى پىلانى بولسا، بۇ ئىنقىلابنى ئاساسىي قوشۇن بولۇپ كېلىۋاتقان ھاجىنىڭ قوشىنىغا، شۇنداقلا سابىت داموللامغا ئۇلاپ، قەشقەر بىلەن خوتەن رايونىنىڭ ئارلىقىنى ئېچىش ئىدى.

يۇقىرىقى جەڭ 3 سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشتى، پىشىندىن كېيىن شېھىدلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بولدى.

روزاخۇنباي ۋە مۇھەممەد ئاخۇن ئاكىلارنىڭ كېرىيەنى ئازاد قىلىش قىسقىچە ۋەقەلىكى تۈگىدى.

داموللام سەھەر سائەت 3 تە مەدرىسنىڭ دەرسىگە چىقىدۇ، سائەت يەتتىگىچە دەرستە بۇلىدۇ، سائەت سەككىزدە ھۆكۈمەتكە بېرىپ ئىدارە ئىشلىرى بىلەن بۇلىدۇ، ئەسىردىن كېيىن شامغىچە يەنە ئىككى سائەت دەرس ئۆتىدۇ، ئۇندىن كېيىن ئۆز مەشغۇلاتلىرى بىلەن بۇلىدۇ. بۇ مەشغۇلات تەخمىنەن 3 يىلغا يېقىن داۋام قىلىدۇ.

 كۈنلەر مۇشۇ شەكىلدە بىر مەزگىل داۋام قىلدى، بىر كۈنى خوتەندىن نەچچە كىشى كىرىپ كەلدى، ئۇلار ئۆزلىرىنى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئەۋەتكەن ئادەملەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، خوتەندىمۇ ئىنقىلاب قىلىنىۋاتقانلىقىنى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ داموللام بىلەن ھەمكارلىشىش پىلانى بارلىقىنى داموللامنىڭ كېرىيە يۇرت مۆتىۋەرلىرى بىلەن خوتەنگە بىر زىيارەتكە كېلىشنى ئېيتىپ تەكلىپ ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. داموللام كېرىيەدىكى ئىشلىرىنى پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىنقىلابنىڭ ئاخىرىنى داۋام قىلىش ۋە كېڭەيتىش پىلانىغا ئۇيغۇن دەپ، بۇ تەكلىپنى قۇبۇل قىلدى. ئاندىن روزاخۇنباي قاتارلىق يۇرت چوڭلىرى دەرھال ھازىرلىق كۆرۈپ، داموللامنى ئېلىپ خوتەنگە قاراپ يولغا چىقتى.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرامۇ داموللامنىڭ نامىنى ئاڭلىغانلىقىنى ۋە كۆرۈشۈش ئىستىكى بارلىقى، بۈگۈن نىسىپ بولغانلىقىدىن خۇرسەن بولدى. خوتەنگە كېلىپلا داموللام مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئىنقىلاب پىلانى، تاكتىكا ۋە ئىنقىلابقا ئالاقىدار ئىشلاردا مەسلىھەت كېڭەشتە بولدى ۋە تەپسىلىي پىلان تۈزۈپ چىقتى. بۇ مەسلىھەتلەردىن كېيىن داموللام مۇنداق دەپ چىقتى.

جەنۇپتىكى ئىنقىلابنى كېڭەيتىش ئۈچۈن قەشقەر بىلەن خوتەننىڭ ئوتتۇرىسىنى ئېچىشقا ۋە باغلاشقا ئېھتىياجىمىز بار، گۇمىدا تۇرۇۋاتقان 2000 ئەسكەر بار، جىنشۇرىن ئەسكەرلىرىنى يوقىتىشىمىز لازىم. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن شۇ پىكىردە بىرلىككە كەلدۇق ۋە دەرھال ئاتلىنايلى دېدى. بىز دەرھال ھازىرلىق كۆرۈپ گۇمىغا 400 كىشى بىلەن جەڭگە ئاتلاندۇق.

داموللام ئۇيەرگە بارغاندىن كېيىن، ئاۋۋال جەڭ قىلماي سۈلھى ئۇسۇلى قوللاندى، نىمىشقا دەرھال ئۇرۇش ئاچمايدىغانلىقىنى سورىساق، خىتاي 2000 ھەم قوراللىرى ئىلغار، بىز ئاز، تاكتىكا قوللىنىش كېرەك. دىگىنىمىزگە كەلمىسە ئاندىن ئۇرۇش ئاچىمىز دېدى. خىتاي بىلەن بىر ھەپتە سۈلھى قىلدۇق، بىز دېگەن يەرگە كەلمىدى. ئەڭ ئاخىرقى كۈنى جۈمە كۈنى ئىدى، بىز يەنە ئۇلارنىڭ ئىشخانىسىغا ماڭدۇق، سېپىل قېشىغا بارغاندا داموللام ماڭا بۈگۈن تۆت سائەتكىچە چىقالمىسام جۈمە ۋاقتىغىچە مۇداپىئەدە تۇرۇڭلار، بۇلار مىنى قەستلەپ سىلەرگىمۇ ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن دېدى. جۈمە ۋاقتى يېقىنلاشقاندا داموللام چىقتى. داموللام بىزگە سۈلھى مەزمونىنى بىلدۈردى. ھەپتىدىن بۇيان بۇلار ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرگەن ئىكەن. مەن بۇ قارارىدىن ۋاز كەچتۈردىم، ھازىر مۇنداق كېلىشىم تۈزدۇق. بىر ھەپتىگىچە بۇلار ئالالىغان نەرسىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغان بولدى. بىز بۇلارنى 60 ئەسكەر بىلەن (قوشۇننىڭ ئالدىدا 30 كەينىدە 30) قۇمۇلنىڭ چىگراسىغا ئاپىرىپ قۇيىدىغان بولدۇق. ئەمما مىنىڭ يۇشۇرۇن تاكتىكام بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۆكتۈرمىدە قىرىپ تاشلايمىز، دىدى.

پىلان بويىچە، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن دېگەندەك خىتايلار كوچىغا كىرىپ بولغاندا ھۇجۇم باشلىدۇق. ئايەتتىكى سەبىر قىلغۇچىلارنىڭ قوشۇنىدىكى يىگىرمە كىشى ئىككى يۈزگە تېتىيدۇ دېگەن مۆجىزىنى كۆرگەن بولدۇق. ئاندىن بۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى كونا دەريا ئېقىنى بولغان بىر ئېقىنىغا ئاپىرىپ كۆمىۋەتتۇق.

جەڭدە غەنىمەت ئالغان ئېغىر ۋە يىنىك تىپتىكى قوراللارنى ئېلىپ خوتەنگە قايتىپ كەلدۇق، بىز كېرىيەدىن كېلىشتىن بۇرۇن خوتەندىكى قېرىنداشلىرىمىز قورال قىسىنچىلىقىدا ئىكەن، ئازغىنى قوراللىق بۇلۇپ، قالغانلىرى تاياق-توقماق تۇتۇپ يۈرگەن ئىكەن. بۇ جەڭدىكى قوراللار مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە باشقا قېرىنداشلارنى خوش قىلىۋەتتى. 

بۇ جەڭدىن ئېلىنغان غەنىمەتلەر خوتەن قوشۇنىنىڭ قورال ئاز بۇلۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خوتەن قوشۇنى رەسمىي قوراللانغان قوشۇن بولدى. بۇ غەلبىدىن سۈيۈنگەن قېرىنداشلار دەرھال يېڭىساردىكى جىددى ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا پىلان تۈزۈشكە باشلىدۇق. يېڭىساردا لو جاڭجۇڭ دېگەن خىتاينىڭ قولىدا مۇنتىزىم قوراللانغان 2000 ئەسكەر بار ئىدى-بۇ خوتەن بىلەن قەشقەر ئوتتۇرىدىكى چوڭ بىر توسالغۇ ئىدى. داموللامنىڭ باتۇرلىقى ۋە جەڭ تاكتىكىسىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن ھەممىنى قايىل قىلغان بولغاچقا، بۇ قوشۇنغىمۇ داموللام ئۆزى بىر قوللۇق قوماندانلىق قىلىدىغان بولدى. مەن قوماندان ياردەمچىسى بولدۇم.

يېڭىسارغا بارغاندىن كېيىن، يېڭىساردىكى پىداكار ئەزىمەتلەر بىزگە قېتىلدى، سانىمىز تېخىمۇ كۆپەيدى. بىز دۈشمەنگە بىرىنچى بۇلۇپ تەسلىم بۇلۇش ئىككىنچى بۇلۇپ سۈلھى تۈزۈش تەكلىپى بەردۇق، ئەمما ئۇلار قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۇرۇش ئېچىشقا ئۇرۇندى، بىزمۇ ئۇرۇش قىلىشنى قارار قىلدۇق. ئۇلار سېپىل ئىچىدە، بىز ھۇجۇم قىلغاندا ئۇلار سېپىل تۆشۈكلىرىدىن بىزگە ئوت ئېچىپ قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. مۇجاھىدلىرىمىز يامغۇردەك ئوققا قارىماي شىددەت بىلەن سېپىلغا ھۇجۇم قىلدى، ئالدى تەرەپ سېپىلغا يامىشىپ چىقىشقا باشلىدى، ئاخىرى سېپىل ئىچىگە ئەسكەرلەر سەكرەپ چۈشۈپ چوڭ دەرۋازىنى ئاچتى، ئۇرۇش غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشتى. 

يېڭىسار خەلقى شۇ چاغدا شەھىدلەرگە مۇنداق مەرسىيە شېئىرلىرىنى ئوقۇغانىدى:

شەھىدلەر قان تۈكۈپ بولدى يېڭىسار ئازاد،

شېھىتلىكنى ئارزۇ قىلىپ ئۇلار قىلغان ئىدى غازات،

شەھىدلەرنىڭ تۆككەن قېنى بىزنى قويدى ھايات،

ئاللاھ كەرىم ئاتا قىلسۇن فىردەۋسۇل جەننات.

 داموللام يېڭىساردىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ خوتەنگە قاراپ يولغا چىقتۇق، مەلۇم مەزگىل خوتەندىكى پىلان مەسلىھەتلەردىن كېيىن، قارغىلىقتا دەرھال ھۆكۈمەت تۇرغۇزۇش پىلانى تۈزۈلدى، بۇ ئىشقا يەنە داموللام مەسئۇل بولدى، بىز داموللام بىلەن قارغىلىققا كەلدۇق، دەرھال ھۆكۈمەت قۇرۇپ داموللامنى ھاكىم قىلىپ سايلىدۇق، بۇ چاغدا تۇڭگان ما خوسەننىڭ قوشۇنلىرى قارغىلىققا كەلدى، ماخوسەننىڭ كۈچلۈك مۇنتىزىم قوشۇن ئىدى، بىز زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشنى پىلانلاپ، قوشۇننى خوتەنگە چېكىندۈردۇق ۋە ئارقىدىنلا كېرىيەنىڭمۇ تۇڭگاننىڭ پىلانى ئىچىدە بۇلىدىغانلىقىنى پەملەپ دەرھال كېرىيەنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كېرىيەگە ئاتلاندۇق. كېرىيەدە بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىز بار ئىدى، ئۇزۇن ئۆتمەي تۇڭگان قوشۇنلار كېرىيەگىمۇ يىتىپ كەلدى، بىزنىڭ قوشۇن ئۇلارغا تەڭ كىلەلمىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ سانى كۆپ، مۇنتىزىم قوراللىق ئىدى. ئۇلار داموللامنى زىندانغا تاشلىدى. ۋە داموللام تۈرمىدە قاتتىق قىيىن-قىستاق ئىچىدە بىرمەزگىل يېتىپ كەتتى، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن، تۈرمىدىن يۇشۇرۇنچە چىقىپ، ھەر قايسى جايلاردىكى ئىنقىلابنىڭ جىمىپ كەتكەنلىكىنى، مەغلۇبىيەتكە يۈز تۇتقانلىقىنى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭمۇ خوتەننى تاشلاپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ، قاتتىق ئەپسۇسلاندى، داموللام ئەسلىدە كىچىك قوشۇنلارنىڭ ھەممىسى ئاساسى قوشۇن بولغان ھاجىىڭ قوشۇنىغا قېتىلىدۇ دەپ چۈشەنگەن ئىدى. داموللام كېرىيەدىكى چوڭ باي ئابلەي مەخسۇمنىڭ ياردىمىدە ھىندىستانغا قاراپ يولغا چىقتى. ئابلەي مەخسۇم ئۆزىنىڭ يېقىن تۇققىنى ئىززەتخاننى داموللامغا نىكاھلاپ بىللە ھىندىستانغا چىقىرىۋەتكەن ئىدى.

 

ئىككىنجى قېتىملىق ھىجرەت

بۇ قېتىملىق ھىجرىتىدە داموللام دىيۇبەندىكى ئۇستازلىرىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن، مەدىنىدىكى دىيۇبەند نىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى مەكتەپكە مۇدەررىس بولۇپ بارىدۇ، بۇ جەرياندا مەيلى مەكتەپتە بولسۇن مەيلى خەلىقئارا ئىلىم مۇنبەرلىرىدە بولسۇن، ئەجەم بولسىمۇ مول بىلىم ئىستىئدادى بىلەن ئەرەپ دۇنياسىدىكى ئالىملارنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشىدۇ، دۇنياۋى ئالىملار ئارىسىدا بىر كىشىلىك ئورنىنى تاپىدۇ. بۇ زاماندىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىملىرى داموللامغا يىقىندىن دىققەت قىلىپ، ئىككى ھەرەم مۇفتىلىك خىزمىتىگە ئېلىپ كىرىدۇ، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارغا ھەرخىل پەنلەردە گۇۋاھنامە بېرىدۇ.

(يۇقىرىدىكى شۇ زاماندا بېرىلگەن گۇۋاھنامەنىڭ بىر نۇسخىسى) 

ئابدۇلخەبىر داموللام مەدىنىدىكى كاتتا ئالىم، باش مۇدەررىس داموللام مۇھەممەد تەييىب ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا باش مۇدەررىس بولغان.

 ئۇ يەنە پادىشاھ ئابدۇلئەزىزنىڭ دىنىي ئىشلار مەسلەھەتچسى بولغان ۋە مۇدەررسىلىك قىلىش جەريانىدا ئەرەب-ئەجەملەردىن نۇرغۇن شاگىرىتلارنى تەربىيلىگەن.

ئەرەبىستاندىكى ئالىملاردىن: 5 توملۇق ئەرەبچە "منار القاري شرح مختصر صحيح البخاري" دېگەن ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى كاتتا ئالىم ھەمزە مۇھەممەد قاسىم، مەشھۇر ئالىم سۇلايمان سەنىئ ۋە داموللام سەييىد ئابباس ئىبنى ئەھمەدلەر ئابدۇلخەبىر داموللامدىن «ئىجازەت» (ئالاھىدە دىپلوم) ئالغان ۋە ئۇنىڭ قولىدا يېتىشكەن شاگىرىتلىرىدۇر.

شۇ جەرياندا مەدىنە مەسچىتىنىڭ تېمىغا يېزىلغان دالائىلۇلخەيرات كىتابىنىڭ ئەھلى سۇننە ۋەل جامائە ئەقىدىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان يەرلىرىنى ئۆچۈرگۈزىۋەتكەن، قىرىپ تاشلانغان ئورۇنغا قۇرئان كەرىمنى يازدۇرغان. 

بۇ يىللاردىكى خەلىقارالىق ئىسلام ئىلمىي مۇنبەرلەردە سەئۇدىدىكى ئالىملارغا ۋەكالەتەن سۆز قىلىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىملارنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

 

 ۋەتەنگە ئىككىنچى قېتىم قايتىپ كىرىشى

گەرچە داموللام شۇنداق كاتتا بىر مەرتىۋە ۋە ئىمتىيازلاردا تۇرغان بولسىمۇ ۋەتەنگە بېرىش تەۋەككۈلچىلىك بولسىمۇ، ئەمما ئانا يۇرتقا بولغان سېغىنىش، ۋەتەنگە بولغان ئىنتىلىش، ئىشتىياق يۈرىكىدىن ئۆچمىگەن، شۇنداقلا ۋەتەنگە قايتىش پۇرسىتىنى كۈتۈپ تۇرغان.

داموللام ۋەتەن ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن 1948-يىلى ھەجگە بارغان ھۇشۇر ھاجى، تۇردى ھاجى خەلپىتىم ۋە رەھمۇتۇللاھ ھاجىلار بىلەن بىرلىكتە سىنگاپور، خوڭكوڭ، شاڭخەي، لەنجۇلارنى بېسىپ 3-ئايدا قۇمۇلغا كەلگەن ۋە بۇيەردە ئۈچ كۈن تۇرغان. بۇ ۋاقىتتا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ئەيسا بەگ، ئابدۇلئەزىز چىنگىزخان داموللام قاتارلىقلار قۇمۇلغا ئايرۇپىلان بىلەن بېرىپ داموللامنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىدۇ، باشقا شىمال ۋە جەنۇپتىن كەلگەن ھاجىلارمۇ ئۆيلىرىگە قايتىشىدۇ.

ئۈرۈمچىدە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن ئۇستازنى قارشى ئېلىش زىياپىتى بېرىلىدۇ، ئالىم ۋە رەھبەرلەر بىلەن سۆھبەتتە بولغان بۇلۇپ، بۇ ئىشلار بىرھەپتە داۋاملاشقان. زىياپەتلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ئەيسا بەگ، ئابدۇل ئەزىز چىنگىزخان داموللام ۋە باشقا بىر قىسىم مەسئۇللار، كىچىك ماشىنا بىلەن داموللامنى توقسۇننىڭ غولبۇيى يېزىسىنىڭ شىمالىدىكى پارچە ساغال سېيىغىچە ئەكىلىپ، توقسۇندىن كۈتىۋېلىشقا چىققان مىڭلىغان جامائەتلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلارغا ئازراق سۆز قىلغان.

بۇ قارشى ئېلىشقا توقسۇننىڭ ئالىملىرىدىن: مەرۇف ھەسەن مەۋلىۋى، مەھمۇد قازى ئاخۇنۇم، ھەمدۇللا مۇفتى ئاخۇنۇم، مۇھەممەد ئەلەم ئاخۇنۇم ۋە باشقا ئەھلى ئىلىملەر چىققان، مەسلىھەت بىلەن، پىشقەدەم مەھمۇد قازى ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىدە زىياپەت راسلانغان. ئۆزىنىڭ ئائىلىسىگە كىرىپ 30 يىللىق ئايرىلىشتىن كېيىن ئايالى، قىزى ۋە باشقا تۇققانلىرى بىلەن جەم بولغان. ئۆيىدە نەچچە كۈنلۈك مىھمان قۇبۇل قىلىشتىن كېيىن، ئالىم ۋە تالىپلار بىلەن ئۆزىنىڭ كونا ئىلىم ماكانى بولغان بوستان مەدرىسكە زىيارەتتە بولغان. جامائەتلەر تىزلا داموللامغا مەسچىتنىڭ يېنىدىن ئۆي ھازىرلاشقا تۇتۇش قىلدى، ئۆي ھازىر بولۇپلا داموللام دەرھاللا دەرس باشلىغان. قەشقەر خانلىق مەدرىسنىڭ شاھادىتىنى ئالغان ئەھلى ئىلىملەرمۇ دەرسكە قاتنىشىپ ئىستىفادە ئالغان، شۇنىڭدەك ۋەتىنىمىزنىڭ تۇرپان، قۇمۇل، كورلا، قەشقەر، خوتەنگىچە نەچچە يۇزلىگەن تالىپلار كېلىپ دەرسكە نائىل بولغان بولۇپ، قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئۇستاز نۇرغۇن تالىپلارغا ئىلىم نۇرى بەرگەن. بۇ جەرياندا دەۋەت ئىشلىرىغىمۇ سەل قارىمىغان بولۇپ، ھەر جۇمە كۈنى، بىر گىكتار چوڭلۇقتىكى مەخسۇس جۈمە ئۈچۈن تەييارلانغان يەردە خەلىققە قۇرئان تەفسىرى قىلىپ، دەۋەت توسالغۇغا ئۇچرىغانغا قەدەر ئەممە پارىنى تاماملىغان.

بۇ ئىشلار 1949-يىلى قىزىل كومۇنىستلار بېسىپ كەلگەندە، ئوقۇ-ئوقۇتۇش، دەۋەت ئىشلىرىغا ھەرخىل توسقۇنلۇقنى ئېلىپ كەلگەن، قىزىل خىتاي كېلىپلا ئۇزۇن ئۆتمەي داموللامغا كۆز تىككەن ۋە ساقچىخانىغا گەپ سورايمىز دەپلا ئېلىپ كەتكەن، بۇنى بىلگەن خەلق ۋە نەچچە يۈزلىگەن تالىپلار ساقچىخانا ئالدىغا يىغىلىپ، داموللامنى تەلەپ قىلىپ، ھەربىيلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان، دەرۋازىلارنى بۇزۇپ ئىچىگە كىرىشكە ئۇرۇنغان، ئىشنىڭ يامىنىغا چىقىشىنى سەزگەن مەككار خىتايلار، داموللامدىن پەقەت گەپ سورايلى دېگەن دەپلا جامائەتكە ئېچىقىپ بەرگەن. بۇ تۇسالغۇلارغىمۇ قارىماي داموللام داۋاملىق دەرس ئۈگىتىۋەرگەن، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بوستان مەدرىسىگە ۋە داموللامغا يىقىندىن كۆزقۇلاق بولغان، داموللانىڭ بۇ خىزمەتلىرى 1952-يىلىغا قەدەر داۋاملاشقان.

-1952يىلى مۇساپىر تالىپلار كەتكەندىن كېيىن داموللام يەنە دەرسلەرنى 1955-يىلغىچە داۋام قىلغان، ئاتالمىش مەدىنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن داموللامنىڭ تالىپلىرى توخسۇندا مەسچىت-مەدرىسلەردە بولسۇن ياكى دىنى سورۇنلار بولسۇن كۈنىمىزگە قەدەر ئاكتىپ شەكىلدە ئالدىنقى سەپتە خىزمەت قىلغان.

 بۇ يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا ئىسلام جەمئيىتى قۇرۇش باھانىسى بىلەن ئالىملارنى بېيجىڭغا چاقىرغان، ئەمىلىيەتتە بۇ ئالىملارنى تونۇۋېلىش ۋە كونتىرول قىلىش نىيىتىدە ئىدى، داموللاممۇ شۇ ئالىملارنىڭ ئىچىدە بار ئىدى، ئۇلار داموللامنى بېيجىڭغا چاقىرتىش بىلەن بىزنىڭ (نىياز داموللاجىم ) دەرسلەرمۇ ۋاقىتلىق توختىدى. داموللام بولمىغاچقا بىز بىكار ۋاقىت ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، دەرس بولۇۋاتقان باشقا جايدىكى ئۇستازلاردىن ئىستىفادە قىلىپ تۇرۇش مەقسىتىدە، سەپەر قىلدۇق. سەپەردە كورلىدا بىرمەزگىل تۇرۇپ قالدۇق.

 

يىغىنغا ماڭغان ئالىملارنىڭ بېيجىڭغا سەپىرى ۋە يىغىن ئەھۋالى:

كورلىدىكى مەدرىستە تۇرغان ۋاقتىمىزدا بىركۈنى مەدرىسكە پىشقەدەم ئالىم مەقسۇد ئەلەم ئاخۇنۇم (75-80 ياش) كىرىپ كەلدى، ئۇ بېيجىڭغا بولغان سەپەردە ۋە يىغىندا ئۇستاز ئابدۇلخەبىر ھەسەن بىلەن بىللە بولغان ئىكەن. ئۇ بېيجىڭدا ئسلام جەمئيىتى قۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى، سەپەردە ئىبرەتلىك ئىشلارنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى ئەمما ۋەتىنىمىزنىڭ سىياسىي جەھەتتە كەلگۈسىمىزدە غەم-ئەندىشىلەرنىڭ بولۇش ئىھتىمالى بارلىقىنى دىدى.

ئۇ سەپەردىكى ئىشلارنى سۆزلەپ: ئابدۇلخەبىر داموللام بىلەن بىر ۋاگوندا تۇرغانلىقىنى، ياندىكى ۋاگوندا قەشقەر خانلىق مەدرىستىكى ئىمىن مەۋلىۋى ۋە كۇچادىكى ھامۇت مەۋلىۋىلەر بىلەن بىللە سەپەر قىلغانلىقىنى، بۇ سەپەردە ئىلمىي سۇئال-سۆھبەتلەر بولۇنغان ئىكەن.

ئۇ سۆزىدە: سەپەردە بىركۈنى ئىمىن مەۋلىۋى ئابدۇلخەبىر داموللامنىڭ قېشىغا كىرىپ كەلدى ۋە ھەمسۆھبەت بولدى، بۇ جەرياندا ھامۇت مەۋلىۋى ئابدۇلخەبىر داموللامدىن ئەقائىدۇننەسەفىدىكى تارتىشىلىۋاتقان مەسىلىلەردىن 12 سۇئال قويدى، بۇ مەسىلىلەر سابىت داموللام زامانىسىدىمۇ تارتىشىلغان مەسىلىلەر ئىدى، داموللام شۇنداق گۈزەل جاۋاپ بەردىكى، ئىمىن مەۋلىۋى ۋە ھامۇت مەۋلىۋىلەرمۇ داموللامنىڭ ئىلمىدىن ئالغان ئىستىفادىدىن بەكلا خۇرسەن بولدى.

بېيجىڭدا يىغىن ئەھۋالى: خىتايلار بىزگە 2 ئاي ئاتېئېزم، ماركىسىزم، لىنىزم، ماۋزىدۇڭ ئىدىيەلىرىنى مەجبۇرى ئۆگەتتى، ئىسلام جەمئىيىتىمۇ قۇرۇلغان بولدى، يىغىنغا مۇئاۋىن زۇڭلى چىنيى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ئاخرلاشقاندا بۇ خىتاي مۇنداق دېدى: سىلەر ۋە ئىسلام جەمىئىتى بىزنىڭ كوممۇنىزمغا بېرىش يولىدا ياردەمدە بولىدىغان بىر كۆۋرۈك، بىز ھازىر سوتسىيالىزمدا، كوممۇنىزمغا ئۆتىۋالغاندىن كېيىن بۇ كۆۋرۈكنى ئېلىپ تاشلايمىز، دىنمۇ، سىلەرمۇ يوقۇلۇپ كېتىسىلەر دېدى ۋە بۈگۈن ئەسلى يىغىن ئاخىرلاشماقچى ئەمما 3 كۈن ئۇزارتتۇق، سەۋەپ، سىلەر بىلەن مۇنازىرلەشمەكچى، سىلەر ئاللاھنى بار دەيسىلەر، ئۆلسەك قايتا تىرىلىمىز دەيسىلەر، ئەمما بىز كۆرمىگەنگە ئىشەنمەيمىز، ئۆلۈكنىڭ تىرىلگىنىنى كىم كۆردى، بۇ توغرىدا مۇنازىرە قىلىمىز، مۇنازىرىگە ئاراڭلاردىن ئىككى ۋەكىل سايلاڭلار، مۇنازىرىدىن كېيىن يىغىننى خۇلاسە قىلىمىز دېدى. بۇ مۇنازىرىگە ئالىملار مەسلىھەت بىلەن داموللامنى سايلىغان، داموللام مۇنازىرە قابىلىيتىنىڭ ئۈستۈنلىكى، ھازىر جاۋاپلىقى بىلەن، زۇڭلىنىمۇ شۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا گەپتە تۇتۇپ قويغان. زۇڭلى مەركەزدە جىددىي ئىشىم چىقىپ قالدى دەپ مۇنازىرىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن.

داموللام گەپتە تۇتۇلۇپ قالغان بولسا ئىدى بۇ خىتتايلار بۈگۈن بىزگە كۈن بەرمەستى دېدى، مەقسۇد ئەلەم ئاخۇنۇم نەق مەيداننى ئەسلەپ. بۇ ئىشلاردىن كېيىن خىتايلار داموللامنى تېخىمۇ قاتتىق كۆزىتىشكە باشلىدى، داموللامنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى ئۇلارنىڭ كۆز ئاستىدا ئىدى.

 1959-يىلى توقسۇندا دىنى ساھەلەر يىغىنى ئېچىپ، ئالىملار ئاراسىدا قاتتىق ئۇرۇپ كۈرەش قىلغان، ھەتتا بەزى كۈنلىرى بەدەندىكى قاننىڭ سەۋەبىدىن ئۈچ قېتىم كىيىم ئالماشتۇرۇپ داۋاملىق ئۇرغان.

1959-يىلدىن 1966-يىلغا قەدەر ئىككى نازارەتچى ئاستىدا، كۈندۈزى كوپراتسىيە ئەزالىرى بىلەن ئىشلىسە، كىچىسى يول تازىلاش، كوپراتسىيە ئاتلىرىنىڭ ئىغىللىرىنى تازلاش قاتارلىق ئەمگەكلەرگە مەجبۇرى سالغان.

-1966يىلى داموللام ئۆزى يازغان ئىككى توملۇق ئىسلام تارىخى كىتابىنى ۋە باشقا ھەدىس، تەپسىرلەرنى سىم بىلەن داموللامنىڭ بوينىغا ئېسىپ، كوچىلاردا دىنى ئۇنسۇر دەپ سازايى قىلغان، سىم بوينىغا پېتىپ كىرىپ قاناپ كەتكەن ھالەتتىمۇ جاللاتلار سىمنى ئېلىۋەتمىگەن.

1967-يىلىدىن 1968-يىلى 8-ئايغىچە ئۆيىدە قوپالماي ھالسىز ياتقان بولسىمۇ، 8-ئاينىڭ 18-كۈنى يەكشەنبە، مىڭغا يېقىن ئەسكەر بىلەن داموللامنىڭ ئۆيىنى قورشاپ، ئەھۋالىغا قارىماستىن تاختايغا ياتقۇزۇپ باغلاپ، تۆت ئادەمنى كۆتەرگۈزۈپ، تىراكتۇر ئىچىگە ئاتقان ۋە شۇ پېتى تۈرمىگە ئېلىپ كەتكەن.

خىتاي كومۇنىستلارنىڭ داموللامنى كۈرەش قىلىش ۋە تۈرمىگە ئېلىشتكى سەۋەبىنى خىتاي غالچىلىرىدىن ئايۇپ تەنجاڭ مۇنداق ئىزاھلىغان: بۇ ئادەم 70 يىللىق ئۈمرىنى ئىسلامغا بېغىشلىغان، چەتئەللەردە تەسىرى بار، ئىسلام ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ئالاقىسى قويۇق، كېرىيەدە ئىنقىلاب قىلىپ نۇرغۇن خىتتاي ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئىسلامى ھۆكۈمەت قۇرغان، گۇما ناھىيىسىدە 2000 خىتتاي ئەسكەرنى قىرىپ تاشلىغان، يېڭىسادا نۇرغۇن ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەن، شۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشقا كۈچ چىقارغان، دۆلەت بۆلگۈنچىسى، مىللى، دىنى بۆلگۈنچى ئۇنسۇر دىگەن.

-1971يىلى1-ئايدا تاياق ۋە ئاچ قويۇش ئارقىلىق تۈرمىدە شېھىت قىلىپ، مېيىتىنى ئائىلىسىگە بەرمەي كىچىسى يۇشۇرۇن كۆمۈۋەتكەن.

ئۇستازنىڭ تارىخى ۋەتەندە مەتبۇئاتتىن چىققان كېرىيە تارىخ ماتىرياللىرى ۋە توخسۇن تارىخ ماتىرياللىرىدىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىغان.

ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن، شېھىتلىق ماقامىغا ئىرىشتۈرسۇن.