ماقالىلار

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ قىسقىچە ھاياتى

2023-01-31
A-
A+

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ قىسقىچە ھاياتى

ئۆلىمالار كانى قەشقەر «خانلىق مەدرىسەسى»نىڭ ئاخىرقى تەۋەررۈكى

 

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئىلمىي ھاياتى

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم مىلادىيە 1915 - يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرى لاسكۇي بازىرى ئارغۇل كەنتىدە مەھپۇز ئاخۇن ئىسىملىك ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. خوتەن شەھىرى يورۇڭقاش دەرياسى بىلەن قاراقاش دەرياسىدىن ھاسىل بولغان تىنما تۈزلەڭلىككە جايلاشقان، تارىختا «ئۇدۇن» نامى بىلەن تونۇلغان قەدىمىي شەھەر بولۇپ، خەلقى ئىنتايىن دىندار، سەمىمىي، ئاقكۆڭۈل كىشىلەردۇر. مەزكۇرنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن جاي بولغان لاسكۇي يېزىسى ئەنە شۇ خوتەن شەھىرىگە قاراشلىق يېزىلاردىن بىرى بولۇپ، شەرق تەرىپى شەھەر بىلەن، غەرب تەرىپى خانئېرىق يېزىسى بىلەن، شىمال تەرىپى يېڭىئېرىق يېزىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى شورباغ يېزىسى بىلەن چېگرالىنىدۇ. لاسكۇي مەمۇرىي جەھەتتىن ئون كەنتتىن تەشكىل تاپقان، زېمىنى كەڭ، تۇپرىقى مۇنبەت، سۈيى ئەلۋەك، مەنزىرىسى گۈزەل، تولىمۇ مېھرى ئىللىق بىر يۇرتتۇر. لاسكۇي خەلقى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ئۆلىمالىرىنىڭ كۆپلۈكى، ئىلىم - مەرىپەتكە بولغان ئاشىنالىقى، ئالىملارغا بولغان چىن ھۆرمىتى، دىن - دىيانىتىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە گۈزەل ئەخلاقى بىلەن تونۇلۇپ كەلگەن ئېسىل، پەزىلەتلىك خەلقتۇر.

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم ئەنە شۇنداق مۇھىتتا ئۆسكەن بولغاچقا، كىچىكىدىن باشلاپلا ئىلىمگە ئىشتىياق باغلاپ  چوڭ بولغان. ئۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا سەۋىيەدىكى شەرئىي بىلىملەرنى لاسكۇي ۋە توساللا يېزىسىدىكى پىشقەدەم ئۇستازلاردىن ئالغاندىن كېيىن، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇپ جاھالەت پاتقىقىدا ئىڭراۋاتقان ئەزىزانە خەلقىنىڭ ياراملىق ئالىمى بولۇپ يېتىشىپ چىقىش ئۈچۈن، ئەينى يىللاردا «ئىككىنچى بۇخارا» دەپ نام ئالغان ئىلىم بۇلىقى قەشقەرگە ئالىي غايىلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن ھالدا تاغدەك ھىممەت بىلەن 15 كۈنلۈك يولنى پىيادە بېسىپ يېتىپ كەلگەن. بۇ ۋاقىت دەل 1944 - يىللارغا توغرا كېلىدۇ. ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ ئامراق قىزى ئاسىيەخان ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم قەشقەردە مەشھۇر خوتەن ئالىمى ئابدۇللاھ روزى داموللا ھاجىم بىلەن بىرگە ئوقۇغان ئىكەن.

ئۇ زامانلاردا قەشقەر شەھىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ ئاۋات بىلىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ، شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان خانلىق مەدرىسەسى[1]، ساقىيە مەدرىسەسى[2]، ھېيتگاھ جامىي مەدرىسەسى[3] قاتارلىقلار پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى 48 دانە[4] چوڭ - كىچىك مەدرىسەلەر ئىچىدە مۇدەررىسلىرىنىڭ سەرخىللىقى بىلەن ئالاھىدە ئورۇن ئالغان ھەمدە تەرەپ - تەرەپتىن ئىلىم شەربىتى ئىچىش ئۈچۈن كەلگەن تالىپلار بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى.

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم ئەنە شۇ ئۆلىمالار ئىچىدىن مەھمۇد داموللام[5]، ھاشىم ئاخۇن داموللام[6]، سۇلايمان داموللام[7]، ئىمىن مەۋلىۋى[8]، ئىسمائىل داموللام، ئابدۇللاھ داموللام، ھامىد داموللام، ئابدۇرېشىت مەۋلىۋى، ئەھمەدخان داموللام، مۇھەممەدخان مەخدۇم، ئابدۇلباقىي داموللام، ئابدۇقادىر سەئىدىي داموللام قاتارلىق كاتتا ئۆلىما ۋە مۇدەررىسلەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان.

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم ئەنە شۇنداق ئىلىم پېشۋالىرىدىن ھەدىس، تەپسىر، فىقىھ، ئۇسۇل فىقىھ، ئەقىدە قاتارلىق تۈرلۈك شەرىئەت ئىلىملىرىنى پىششىق ئىگىلىگەندىن باشقا سەرف، نەھۋى، بالاغەت، ئەرەب نەسرىي ئەدەبىياتى ۋە شېئىرىي ئەدەبىياتىغا ئالاقىدار مەشھۇر كىتابلارنى ئىنتايىن پىششىق ئوقۇغان ھەمدە تالىپلار ئارىسىدا خەلپەت[9] بولۇپ، دەرس ئۆگىتىشكە ماھىر، كىلاسسىك كىتابلارنىمۇ تەمتىرىمەي ئۆگىتەلەيدىغان يېتۈك ئۇستازغا ئايلانغان.

ئەينى چاغدا خوتەن، بولۇپمۇ قەشقەر مەدرىسەلىرىدە «پەنجى گەنجى، تۆھپەتۇن نەسائىھ، بىدىل، مەسنەۋى، بوستان، گۈلىستان، مەكتۇبات شەرىف، تەپسىر ھۈسەينىي» قاتارلىق پارسچە كىتابلارمۇ مەدرىسەلەردە دەرس پىروگراممىسى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى. «ئەلفىييە» قاتارلىق بىر قىسىم دەرسلىك كىتابلارنىڭ شەرھلىرىمۇ پارسچە ئىدى. شۇڭا ئۇ چاغلاردا پارسچىنىمۇ پىششىق بىلمىگەن ئالىم چوڭ ئۆلىما ھېسابلانمايتتى. ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم پارس تىلىنىمۇ پىششىق ئۆگەنگەن بولۇپ، پارس ئەدەبىياتىغا ھەقىقەتەن ماھىر ئالىم بولۇپ يېتىشىپ چىققان ئىدى.

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم  قەشقەردىكى مەزگىللەردە ئۇنىڭ ئىلمىي قابىلىيىتىدىن سۆيۈنگەن ئۆلىما ۋە تالىپلار ئۇنى قەشقەر ھېيتگاھ مەدرىسەسىدە مۇدەررىسلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن بىرگە ئوقۇغان ئىلمىنى تالىپلارغا ئۆگەتكەن.

ھەر يىلى 6 - ئايدىن 8 - ئايغىچە يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە تالىپلارنى تەتىلگە قويۇۋېتىش قەشقەر مەدرىسەلىرىنىڭ، جۈملىدىن خانلىق مەدرىسەنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىسى ئىدى. ھەرقايسى شەھەر - يېزىلاردىن كەلگەن ئىلىمخۇمار تالىپلار تەتىل مەزگىلىدە يۇرتلىرىغا قايتىپ، ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇپ، ئويناپ - كۈلۈپ 9 - ئاينىڭ بېشىدا يېڭىچە روھ بىلەن مەدرىسەگە قايتىپ كېلەتتى. مەلۇم بىر يىلى ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم ئاتۇشلۇق بىر ساۋاقدىشىنىڭ تەكلىپى بىلەن تەتىلنى ئاتۇشتا ئۆتكۈزمەكچى بولغان. لېكىن ئۇ ئاتۇشنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە مەپتۇن بولۇپ، ئويۇن - تاماشىغا بېرىلىپ كەتمىگەن. ئۆزىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ھەر كۈنى ئۆستەڭ بويىدىكى سۆگەت تۈۋىدە ئولتۇرۇپ «ماقامات ھەرىيرىي» ناملىق يېتۈك ئەدەبىي ئەسەرنى باشتىن - ئاخىر 24 قېتىم ئۆتكۈزگەن ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك، ئۇ ماقاماتنى ياد بىلىدىغاندەك ئۆگىتەتتى، شەرھىسىگە قاراشقىمۇ ئېھتىياجى چۈشمەيتتى.

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم ئىلىم خەتمە قىلغانغا قەدەر قېرىندىشى ئىبىيلاجىم (ئۇبەيدۇللاھ ھاجىم) ئېشەككە مىنىپ خوتەندىن قەشقەرگە بېرىپ، پات - پات ئۇنىڭغا نان ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى يەتكۈزۈپ تۇرغان.

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم قەشقەردىكى ئىلىم تەھسىلىنى تۈگىتىپ ئۇستازلىرىنىڭ دۇئا ۋە ئىجازىتىنى ئالغاندىن كېيىن، «داموللا» ئۇنۋانى بىلەن كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتى لاسكۇيغا قايتىپ كېلىپ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ۋە جامائەتلەرگە ۋەز ئېيتىش بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە يۇرت ئۆلىمالىرىنىڭ چىن ئېتىراپى ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

1966 - يىلىدىن 1976 - يىلىغىچە داۋاملاشقان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»[10] مەزگىللىرىدە ئەل - يۇرت ئارىسىدا چوڭقۇر بىلىمى، پىشقان سۆزمەنلىكى، شېئىر - قوشاقلارغا ماھىرلىقى بىلەن تونۇلغان ئابدۇقادىر داموللا ھاجىممۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ئېغىر كۈنلەردىن بەزىدە سەۋرچانلىقى، بەزىدە سۆزمەنلىكى بىلەن، يەنە بەزىدە قەستەن ساراڭ بولۇۋېلىش قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلىرى بىلەن ساق - سالامەت ئۆتۈپ كەتكەن.

80 - يىللاردىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە بىر ئاز ياخشىلىنىش بولدى. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى سىياسىي بوران  - چاپقۇنلاردىن ئامان قالغان ياكى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن بىر قىسىم ئۆلىمالار، مۇدەررىس ئۇستازلار، ۋەزخان ۋە دەۋەتچىلەر قايتىدىن دىنىي خىزمەتلەرنى جانلاندۇرۇشقا باشلىدى. ئېغىل قىلىنغان ياكى يىقىۋېتىلگەن مەسچىتلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش دولقۇنى قوزغالدى. كىشىلەر دىنىي پائالىيەتلەردە نىسبەتەن ئەركىنلىككە ئېرىشتى. 30 يىللىق قارا كۈنلەر ئاخىرلىشىپ، گويا جۇتتىن كېيىنكى باھاردەك ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم قەشقەردە ئوقۇش مەزگىللىرىدە ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، خېلىلا دەرد تارتقان، ئەتراپتىكى تېۋىپلارنىڭ دورىلىرى ئۇنىڭ كېسىلىگە تازا ماس كەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پارسچە ۋە ئەرەبچە تېبابەت كىتابلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆز دورىسىنى ئۆزى ياساشقا بەل باغلىغان ھەمدە قايتا - قايتا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆزىدىكى ئاشقازان كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك رېتسىپىنى تېپىپ چىققان. يەنىمۇ ئىزدىنىش ئارقىلىق باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئۈنۈملۈك رېتسىپلىرىنىمۇ تېپىپ چىقىپ، مەجۇن (دورا ئۆسۈملۈكلەرنى سوقۇپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ياسىلىدىغان خېمىرغا ئوخشاش يۇمشاق دورا)، شەربەت ۋە كۇمىلاچ دورىلارنى ھەمدە تۈرلۈك مۇراببالارنى ياسىيالايدىغان بولغان، ساۋاقداشلىرى ۋە ئەتراپتىكى تونۇش - بىلىشلىرى ئۈچۈنمۇ دورا ياساپ بېرىپ، بارا - بارا تېبابەت جەھەتتىمۇ تونۇلۇشقا باشلىغان.

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم شۇ چاغلاردا ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ ئۆگىنىۋالغان بۇ ماھارىتىنى «داشقازان»[11] چېقىلىپ، جاھان ئازادىلاشقان بۇ كۈنلەردە ئىشقا سېلىشنى ئويلاپ، دەرھال لاسكۇي بازىرى قاراقاش يولى بويىدىكى قاتار سېلىنغان بوتكا دۇكانلار جايلاشقان يەردىن (ھازىرقى پوچتا تېلېگراف ئىدارىسىنىڭ يېنىدىن) دورا ئۆسۈملۈكلەر تېبابەت دۇكىنىدىن بىرنى ئېچىپ تىجارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلىۋالغان. لاسكۇي بازىرى ئىچىدە ئۈچ قېتىم دۇكان ئالماشتۇرغان. گەرچە بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، مۇدەررىسلىك خىزمىتىنى قەتئىي تاشلىۋەتمەي، بىر تەرەپتىن، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي كېسەللىرىنى داۋالىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىزچىل دەرس ئۆگىتىش بىلەن شۇغۇللانغان.

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم بۇ جەرياندا پەرزەنتلىرىدىن بەرىكەتۇللاھ ھاجىم بىلەن تۆھپەتۇللاھ ھاجىمنى تېبابەت ۋارىسى قىلىپ يېتىشتۈرگەندىن كېيىن دۇكاننى شۇلارغا قالدۇرۇپ، لاسكۇي بازىرى سەيشەنبە بازار يولى دوقمۇشىغا جايلاشقان ئۆيىدە پۈتۈن ۋاقتىنى مۇدەررىسلىك قىلىشقا ئاجراتقان. ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ شان - شۆھرىتىنى ۋە ئىلىمدىكى كامالىتىنى ئاڭلىغان خوتەن شەھەر ۋە ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان ئىلىم ئاشىقلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىغا خۇددى ھەسەل ھەرىلىرى گۈل شىرنىسىگە ئولاشقاندەك ئولىشىۋالغان. ئاقكۆڭۈل، مېھماندوست، تالىپسۆيەر لاسكۇي خەلقى تۇشمۇتۇشتىن كەلگەن تالىپلارنى شارائىتىنىڭ ياخشى - يامان بولۇشىغا قارىماي، ئۆز پەرزەنتلىرىدەك كۆرۈپ، ئۆيلىرىدىن مەخسۇس ھۇجرىلارنى ئايرىپ بەرگەن.

 

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسى

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ ئىبىيلاجىم (ئۇبەيدۇللاھ ھاجىم) ھېبىبۇللاھ ئاخۇن، بۇسەلىمەخان قاتارلىق ئىككى ئوغۇل، بىر قىز قېرىندىشى بار بولۇپ، ھەممىسى ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمدىن بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كەتكەن.

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ جەمئىي 11 پەرزەنتى بولۇپ، چوڭ ئوغلى غۇلام قادىر ئاخۇن ئاتىكەخان ئىسىملىك ئانىدىن، ئىككىنچى ئوغلى غۇلام مۇھەممەد ئاخۇن يەنە بىر ئاتىكەخان ئىسىملىك ئانىدىن، نۇرئىمانخان ھاجىم، بەيتۇللاھ ئاخۇن، بەرىكەتۇللاھ ھاجىم، ئاسىيەخان ھاجىم، تۆھپەتۇللاھ ھاجىم، شۆھرەتۇللاھ قاتارلىق ئالتە قېرىنداش ھاۋاخان ئىسىملىك ئانىدىن، ئايقىز، ئىجادۇللاھ، زۇلھايا قاتارلىقلار تۇردىگۈلخان ئىسىملىك ئاخىرقى ئايالىدىن تۇغۇلغان. دېمەك، ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ ئۆمرىدە تۆت قېتىم ئۆيلەنگەنلىكى مەلۇم.

ئۇلاردىن 2021 - يىلى تۈرمىدە ۋاپات بولۇپ كەتكەن تۆھپەتۇللاھ ھاجىمدىن باشقىسى ھايات بولۇپ، بالا - چاقىلىرى بىلەن خوتەننىڭ شەھەر - يېزىلىرىغا تارقالغان. ھازىر ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ نەۋرە - چەۋرىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 50 كە يەتتى. ئاسىيەخان ھاجىم ئىسىملىك قىزى يولدىشى ئابدۇللاھ ھاجىم ۋە 6 قىز پەرزەنتى بىلەن ھازىر ئىستانبۇل شەھىرىدە ياشاۋاتىدۇ.

 

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ جىسمانىي ۋە ئەخلاقىي سۈپەتلىرى

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم ئورۇق، ئەمما قاۋۇل، ئېگىز بويلۇق، كۆزى چۇقۇر ھەم ئۆتكۈر، قاڭشارلىق، يۈزى ئۇزۇنچاق، بۇغداي ئۆڭ، ساغلام كىشى ئىدى. 85 ياشلارغا كىرگەندىمۇ، پەلەمپەي ئارقىلىق يەتتىنچى قەۋەتكە بىمالال چىقىپ - چۈشەلەيتتى.

گەپ - سۆزى ئوچۇق ھەم قەتئىي بولۇپ، چوڭ - كىچىك ھەممەيلەن ئۇنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيتتى. ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم مەردانە، دادىل ئالىم ئىدى. ھەق بىلگەن سۆزىدە چىڭ تۇراتتى، ھېچكىمگە، ھەتتا ھوقۇقى چوڭ ئەمەلدارلارغىمۇ خۇشامەت قىلمايتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىشتىن، قالايمىقان گەپ قىلىشتىن ئەيمىنەتتى. تۇرمۇشتا ئاددىي - ساددا، ھەشەمەتچىلىكتىن خالىي ئىدى. تۈرلۈك ئىسراپچىلىققا، بولۇپمۇ داستىخان ئىسراپچىلىقىغا بەكمۇ قارشى ئىدى. مۇڭداشقىلى ئامراق، چىقىشقاق، چايخۇمار، ھەمراھخۇمار ئىدى. يالغۇز قېلىشنى خالىمايتتى.

 

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ سەپەرلىرى

قەشقەر سەپىرى: ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم تەخمىنەن 30 ياشلارغا كىرگەندە يەنى 1944 - يىلى ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن بەزىدە ئېشەك بىلەن، بەزىدە پىيادە خوتەندىن قەشقەرگە بىرقانچە قېتىم سەپەر قىلغان. تاكى ئىلىم خەتمە قىلغانغا قەدەر قەشقەر خوتەن ئارىسىدا كۆپ قېتىم سەپەر قىلغانلىقى تەخمىن قىلىنسىمۇ، ئېنىق سانى مەلۇم ئەمەس.

پاكىستان سەپىرى: ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم پاكىستانغا ئىككى قېتىم بارغان بولۇپ، بىرىنچى قېتىم ھەج قىلىش نىيىتىدە يولغا چىقىپ، ھەج ۋىزىسى ھەل بولماي قايتىپ كەتكەن. يەنە بىر قېتىم ئوغلى بەرىكەتۇللاھ ھاجىمنى پاكىستاندا ئوقۇش ئۈچۈن ئېلىپ چىققان.

ھەج سەپىرى: شەرقىي تۈركىستاندا 1980 - يىللاردىن كېيىن 30 يىلدىن ئارتۇق تاقىۋېتىلگەن چېگرا ئېچىلىپ، كىشىلەر بەلگىلىك ئېغىر شەرتلەر ئاستىدا بولسىمۇ ھەجگە بارالايدىغان بولدى. ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم 1984 - يىلى تېبابەتچىلىك قىلىپ يىغقان ھالال پۇللىرى بىلەن قىزى نۇرئىمانخاننىڭ ھەمراھلىقىدا پاكىستان يولى ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىپ ئۈچ ئاي تۇرغاندىن كېيىن، يەنە سەئۇدىي ئەرەبىستانغا كېلىپ، 6 ئاي تۇرۇپ ھەج قىلىپ قايتقان.

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم يەنە 1999 - يىلى ئوغلى بەرىكەتۇللاھنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەجگە بارغان. بۇ قېتىم ئۇ تالىپلىرىنىڭ دەرىسسىز قالماسلىقى ئۈچۈن مەككە ۋە مەدىنىدە تەخمىنەن ئىككى ئاي تۇرۇپ ھەجدىن كېيىنلا قايتىپ كەلگەن.

 

 

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشكە ئاشىنالىقى

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم ئىلىم يولىدا نۇرغۇن رىيازەتلەرنى چەككەن بولۇپ، بۇ قىسقىغىنا ماقالىدە ئۇنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنىڭ ھەممىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولالمايمىز. ئۇ تالىپلىرىغا خوتەن - قەشقەر ئارىسىدىكى ئىلىم سەپىرى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دەيتتى:

«سىلەر «ياغنىڭ ئىچىدىكى بۆرەكتەك» راھەتتە ئوقۇۋاتىسىلەر. مەن ئەينى چاغدا قەشقەرگە پىيادە بېرىپ - كېلىپ ئوقۇغان. ئۇ چاغلاردا يوللار ئېگىز - پەس، بەك ناچار ئىدى. خۇرجۇننىڭ ئىككى پېيىغا ئانام يېقىپ بەرگەن بۇغداي نېنى بىلەن زاغرا ناننى قاچىلاپ ئوڭ مۈرەمگە، سۇ قاچىلانغان قاپاقنى سول مۈرەمگە ئارتىپ ماڭاتتىم. ئۇ چاغلاردا بۇغداي نېنى ئەتىۋار بولغاچقا، ئەلۋەتتە ئازراق ئىدى. قەشقەرگە بېرىپ بولغۇچە ئېلىپ ماڭغان نانلارمۇ تۈگەپ قالاتتى. ھازىرقىدەك ئاياغلارنى چۈشۈمدىمۇ كۆرەلمەيتتىم. پۇتۇمغا يۇڭ پايتمىنى كىيىۋالاتتىم. يول ئۇزۇن ھەم ئېگىز - پەس بولغاچقا، پايتمىلار ئۇپراپ، يىرتىلىپ كېتەتتى. پۇتلىرىمغا لاتا ئوراپ يولۇمنى داۋاملاشتۇراتتىم. ئۇزۇنغا قالماي ئورىغان لاتىمۇ يىرتىلىپ پۇتۇمدىن چۈشۈپ قالاتتى. پۇتلىرىم قاپىرىپ، ئىششىپ، ھەتتا قاناپ كەتكەن چاغلارمۇ بولغان. مىڭبىر جاپادا قەشقەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ۋەخپىلەردىن مۇدەررىس ۋە تالىپلارغا ياش ئۆلچىمى ۋە ئوقۇش دەرىجىسىگە قاراپ بېرىلىدىغان نورمىلىق ئاشلىقتىن تاماق ئېتىپ يەيتتۇق. ئۇ چاغلاردىكى شارائىت بەكمۇ ناچار ئىدى. ھازىرقىدەك ئېسىل، ئوخشىغان تاماقلار نەدە تۇرۇپتۇ؟ ھەتتا ئوتۇنمۇ قىس بولغاچقا، قىش كۈنلىرى تاھارەت سۈيىنى ئاخشىمى يوتقانغا تىقىپ قوياتتۇق، سەھەردە شۇ سۇ بىلەن غۇسلى قىلاتتۇق ياكى تاھارەت ئالاتتۇق. سىلەر ھەقىقەتەن راھەتتە ئوقۇۋاتىسلەر. شۇڭا ئىلىمنىڭ قەدرىگە يېتىڭلار. بۇ ئىلىم ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس...».

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم مۇدەررىسلىككە ئىنتايىن ھېرىسمەن، ۋاقىتقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان، تالىپخۇمار ئۆلىما ئىدى. توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ۋە تۈرلۈك زىياپەتلەرنى باھانە قىلىپ تالىپلارنى دەرسسىز قويمايتتى. مۇدەررىسلىكنى ئەڭ مەنپەئەتلىك، ئەڭ ئۇلۇغ ھەم ساۋابى كۆپ خىزمەت دەپ بىلىپ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلاتتى، تالىپلارنى ھەممىدىن ئەزىز بىلەتتى. پات - پات «ئوقۇغان كىشى ھامان توغرا يول تاپىدۇ» دەپ قوياتتى. ئۆزى بىلەن ئوخشاش يول تۇتۇپ ماڭمىغان تالىپلىرىغىمۇ ناھايىتى مېھرىبان ئىدى. كۈنلىرىنى كىتابسىز، دەرسسىز ئۆتكۈزۈشنى خالىمايتتى.

مەلۇم بىر پىشقەدەم ئۇستاز مۇنداق دەيدۇ: «ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن پاتقانغا قەدەر كوممۇنانىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى تېرىش، ئوغۇت توشۇش، بوز يەر ئېچىش قاتارلىق ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلىپ تۇرۇپمۇ، دەرس ئۆگىتىشتىن ئىبارەت شەرەپلىك خىزمەتنى تاشلىمىغان. ئۇ چاغلاردا دىنىي ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرى قاتتىق چەكلەنگەن بولۇپ، بايقىلىپلا قالسا 1520 يىل تۈرمىدە يېتىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن ئۇ شۇنچىۋالا خەتەرگىمۇ پىسەنت قىلماي، كېچە سائەت ئۈچتىن باشلاپ تاڭ يورۇغىچە بىر قىسىم قەيسەر تالىپلارغا دەرس ئۆگىتىپ، ھېچكىم تۇيماستا يولغا سېلىپ بولاتتى. جۈملىدىن، مەنمۇ كېچە سائەت 3:00 تە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يەتتە كىلومېتىر يولنى بېسىپ شۇنداق ئوقۇغان ئىدىم.

سىياسىي ۋەزىيەت ناھايىتى يامانلىشىپ كەتكەن 2009 - يىللارغا قەدەر ھەر كۈنى نۇرغۇنلىغان تالىپلار داموللامنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، دەرس ئېلىپ قايتاتتى. بەزى گۇرۇپپىدىكى تالىپلارغا ئالدىن كېلىشىپ قويغان ئۆيلەرگە بېرىپ دەرس ئۆتەتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، داموللا ھاجىم 90 ياشقا كىرىپ قالغان بولۇشىغا قارىماي، ھەر يەكشەنبە كۈنى قاراقاشنىڭ يېزا، شەھەرلىرىدىن يىغىلغان تالىپلارغا دەرس بېرىش ئۈچۈن بىرقانچە يىل ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ قاراقاشقا بارغان ئىدى. خوتەن شەھىرىدىكى بىر قىسىم تالىپلارغا دەرس بېرىش ئۈچۈنمۇ بىر - ئىككى يىل شەھەرگە كىرىپ - چىققان ئىدى.

 

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ ئەقىدىسى ۋە فىقھىي مەزھىبى

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم «ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە»نىڭ تارماقلىرىدىن ماتۇرىيدىي ئەقىدىسىنى[12]، فىقھىي جەھەتتە ھەنەفىي مەزھىپىنى تۇتۇپ ماڭغان ھەمدە شۇلارنى بويلاپ دەرس ئۆگەتكەن ئىدى. سۇپى ۋە باشقا ئېقىمدىكىلەرگە قارىتا «توغرىسىنى قوبۇل قىل، خاتاسىنى قوي!» پىرىنسىپى بويىچە مۇئامىلە قىلاتتى. ئەمما ئۇلاردىن ھېچبىرىگە تەۋە ئەمەس ئىدى. باشقا فىقھىي مەزھەپلەرگە بولغان كۆزقارىشىمۇ ياخشى ئىدى، ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ فىقھىدا ھەنەفىي مەزھەپنى ئاساس قىلىشنى بەكرەك تەكىتلەيتتى.

 

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ ئىلمىي تالانتى

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ تىل بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، قامۇسلارغا ئاساسەن ئېھتىياجى چۈشمەيتتى. ئۆيىدىمۇ ئۇنداق كىتابلار يوق ئىدى. داموللامنىڭ ئۆزىنى بىر «تىرىك قامۇس» دېيىشكە بولاتتى. مۇقىم ئۆگىتىدىغان مەيلى شەرىئەت ئىلىملىرى ھەققىدىكى كىتابلار بولسۇن ياكى ھەماسە، مۇتەنەببىي، ماقامات دېگەندەك ئەدەبىياتقا دائىر كىتابلار بولسۇن، ھېچبىر يېڭى سۆزلۈك ئۇنىڭغا پۇتلىكاشاڭ بولالمايتتى. تالىپلىرى ئۆز ئالدىغا كۆرگەن كىتابلىرىدىن بىلەلمىگەن كەلىمە، چۈشىنەلمىگەن جۈملىلەرنى ياكى شەرئىي مەسىلىلەرنى سورىسا، ھەر ۋاقىت ھازىر جاۋاب ئىدى.

 

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ دەرسلىك پىروگراممىسى

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن مۇقىم دەرسلىك پىروگراممىسى بار ئىدى. خالىغانچە ئۇدۇل كەلگەن كىتابلارنى دەرسلىك قىلمايتتى. بۇخارا، قەشقەر ۋە خوتەن مەدرىسەلىرىدە نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان دەرسلىك قىلىنىپ كەلگەن، نۇرغۇن كاتتا ئۆلىمالارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان دەرسلىك پىروگراممىسىنى ئاساس قىلىپ دەرس ئۆگىتەتتى. ئۇنىڭ دەرسلىك كىتابلىرى مۇنداق ئىدى:

·        سەرف ئىلمى: «شەرىف جۇرجانىي»نىڭ «بىدان (فارسچە)»، «مۇھەممەد ئىبنى ئەبى قاسىم مۇئزىي»نىڭ مۇئزىي، «مەھمۇد ئىبنى ئەھمەد زەنجانىي»نىڭ «زەنجانىي»، «ئەھمەد ئىبنى ئەلى»نىڭ «مەراھۇل ئەرۋاھ»، «ئىبنى ھاجىب»نىڭ «شافىيە قاتارلىق» كىتابلار.

·        نەھۋى ئىلمى: «ئابدۇلقاھىر جۇرجانىي»نىڭ «ئەۋامىل»، «ھەرەكات(يازغۇچىسى نامەلۇم)»، «ئەبۇ ھەييان ئەندولۇسىي»نىڭ «ھىدايەتۇن نەھۋى»، «ئىبنى ھاجىب»نىڭ «كافىيە»، «ئابدۇراھمان ئىبنى ئەھمەد نۇرىدىن جامى»نىڭ «فەۋائىد زىيائىييە (شەرھى موللا جامى)» قاتارلىق كىتابلار.

·        بەلاغەت ئىلمى: «جالالىدىن قەزۋىينىي»نىڭ «تەلخىيسۇل مىفتاھ»، «سەئدىددىن تەفتازاني»نىڭ «مۇختەسەر مەئانىي (شەرھى تەلخىيس)» قاتارلىق كىتابلار.

·        نەسرىي ئەدەبىيات: «ئەبۇ مۇھەممەد ھەرىيرىي»نىڭ «مەقامات ھەرىيرىي».

·        شېئىرىي ئەدەبىيات: «كەئب ئىبنى زۇھەير»نىڭ «بانەت سۇئاد»، «شەرەفىدىن بۇسىرىي»نىڭ «قەسىدە ھەمزىيە»، «مۇھەممەد ئىبنى سەئىد بۇسىرىي»نىڭ «قەسىدە بۇردە»، «ئىبنى نەھۋىي»نىڭ «قەسىدە مۇنفەرىجە»، «ئەبۇ بەكرى ئەنبارىي»نىڭ «سەبئى مۇئەللەق»، «ئابدۇقادىر داملام»نىڭ «مىفتاھۇل ئەدەب»، «ئەبۇ تەممام»نىڭ «ھەماسە»، «ئەھمەد ئىبنى ھۈسەيىن مۇتەنەببىي»نىڭ «مۇتەنەببىي» قاتارلىق كىتابلار.

·        مەنتىق ئىلمى: «ئەسىيرۇددىن ئەبھەرىي»نىڭ «ئىيسا غوجى ۋە قالە ئەقۇلۇ»، «نەجمىدىن قەزۋىينىي (كاتىبىي)»نىڭ «شەمسىيە»، «ئابدۇللاھ ئىبنى شىھاب يەزدىي»نىڭ «ھاشىيە»، «مۇھىببۇللاھ ئىبنى ئابدۇشۇكۇر بەھارىي»نىڭ «سۇللەم» قاتارلىق كىتابلار.

·        ئىلمى ئۇرۇز (قافىيە ئىلمى): مەن ئۇستازىم ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ مۇنداق شىكايەت قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «ئىلمى ئۇرۇزنى مەندە ئوقۇۋالىدىغان تالىپ چىقمىدى».

·        ھەدىس ئىلمى: «مۇھەممەد خەتىب تىبرىزىي»نىڭ «مىشكاتۇل مەسابىھ»، «مۇھەممەد فۇئاد ئابدۇلباقىي»نىڭ «ئەللۇئلۇئ ۋەلمەرجان»، «مۇھەممەد ئىبنى ئىسمايىل بۇخارىي»نىڭ «سەھىھ بۇخارىي» قاتارلىق كىتابلار.

·        تەپسىر ئىلمى: «جالالۇددىن سۇيۇتىي»نىڭ «تەپسىر جەلالەين»، «ئەلائۇددىن باغدادىي»نىڭ «تەپسىر خازىن»، «مۇھەممەد ئەلى سابۇنىي»نىڭ «سەفۋەتۇت تەپاسىر»، «قازى ناسىرۇددىن بەيزاۋىي»نىڭ «تەپسىر بەيزاۋىي»، «ئەبۇلقاسىم زەمەخشەرىي»نىڭ «تەپسىر كەششاف» قاتارلىق كىتابلار.

·        فىقىھ ئىلمى: «ئەبۇ ھۈسەين قۇدۇرىي»نىڭ «مۇختەسەر قۇدۇرىي»، «مۇھەممەد ئاشىق ئىلاھىي»نىڭ «تەسھىيل زەرۇرىي»، «ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد»نىڭ «مۇختەسەر ۋىقايە»، «ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد مەھبۇبىي»نىڭ «شەرھى ۋىقايە»، «ئەلى ئىبنى ئەبى بەكرى مەرغىينانىي»نىڭ «ھىدايە» قاتارلىق كىتابلار.

·        ئۇسۇل فىقىھ: «نىزامىدىن شاشىي»نىڭ «ئۇسۇل شاشىي»، «شەيخ ئەھمەد موللا جەينۇن»نىڭ «نۇرۇل ئەنۋار»، «ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد مەھبۇبىي»نىڭ «تەۋزىھ» ۋە «سەئدىددىن تەفتازانىي»نىڭ «تەۋزىھ»كە يازغان شەرھىسى «شەرھى تەلۋىيھ» قاتارلىق كىتابلار.

·        ئەقىدە ئىلمى: «ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە»نىڭ «فىقھى ئەكبەر»، «ئەبۇ جەئفەر تەھاۋىي»نىڭ «ئەقىدە تەھاۋىيە»، «ئۆمەر ئىبنى مۇھەممەد نەسەفىي»نىڭ «ئەقائىد نەسەفىي» قاتارلىق كىتابلار.

·        پارسچە كىتابلاردىن: «نىزامى گەنجىۋىي»نىڭ «پەنجى گەنجى»، «يۈسۈف گىدا»نىڭ «تۆھپەتۇن نەسائىھ»، «جالالۇددىن رۇمىي»نىڭ «مەسنەۋى»، «شەيخ سەئد شىيرازىي»نىڭ «بوستان ۋە گۈلىستان»، «ھۈسەينخان تەجەللىي»نىڭ «بەرقۇ تەجەللىي»، «تەپسىر ھۈسەينىي»، «ئابدۇقادىر بىدىل»نىڭ «بىدىل» قاتارلىق كىتابلار.

 

 

 

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ دەرس مېتودى

ئىبارەت ئوقۇتۇپ، ئاندىن دەرس باشلاش ئۇسۇلى: ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم ھەرقانداق دەرس ئۆگەتسە، تالىپلارغا نۆۋەت بىلەن ئىبارەت ئوقۇتاتتى، بىرەر خاتالىقنىمۇ «بولدىلا، كۆزىگە كىرىشىۋالمايچۇ» دەپ ئۆتكۈزۈۋەتمەيتتى. ئالدىراش بولۇپ قالغان ۋاقىتلىرىدا دەرس مىقدارىنى ئازايتسا ئازايتاتتىكى، ئىبارەت ئوقۇتماي دەرس ئۆتمەيتتى. شۇڭا دەرسخانىدىكى ھېچكىم ئۆزىنى ئىبارەت ئوقۇشتىن قاچۇرالمايتتى - دە، دەرسلەرگە ياخشى تەييارلىق قىلىپ كېلەتتى. كۆپرەك خاتا ئوقۇپ قويسا، ئاچچىقلىنىپ قالاتتى، بەزىدە ئاتايىن يېنىغا بېرىپ قۇلىقىنى چىمدىپ، سوزۇپ قوياتتى، يەنە بەزىدە خاپا بولۇپ دەرسخانىنى تاشلاپ چىقىپ كېتەتتى ياكى «ئىبارەت كۆرمەپسىلەر، دەرسىڭلارنى تەكرارلىماپسىلەر، قايتىپ كېتىڭلار!» دەپ شۇنچە كۆپ تالىپنى دەرستىن مەھرۇم قوياتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىش دەسلەپتە ئېغىر تۇيۇلغان بىلەن تالىپلار كېيىن پايدىسىنى كۆرەتتى. چۈنكى، بۇ ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ ئاقىلانە تەدبىرى ئىدى. نەتىجىدە تالىپلار دەرسكە ئەستايىدىللىق بىلەن ئالدىن تەييارلىق قىلاتتى. بارا - بارا ئىلمىي سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ قالاتتى. مەن «نامى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق» تالىپلاردىن ھەتتا «تەپسىر بەيزاۋىي» ئوقۇغانلارنىڭمۇ «سەرف، نەھۋى»لەرنى قايتىدىن ئوقۇغانلىقىغا شاھىت بولغان ئىدىم.

 ھەرپىي تەرجىمە ئۇسۇلى: ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم دەرسنى بىر باشتىن، كەلىمىمۇكەلىمە، ھەرپمۇھەرپ تەرجىمە قىلاتتى. زەمىر (كىشىلىك ئالماش) لەرنى دەل جايىغا مىخلايتتى، مۇرەككەپ جۈملىلەرنى تەرجىمە ئاخىرىدا خۇلاسىلەپ بېرەتتى. كەلىمىگە مەنە بەرگەندە گۇمانىي گەپ قىلماي، مۇقىم، مۇناسىپ تەرجىمە بېرىپ، قاداپ ماڭاتتى. مۇناسىۋەتسىز بىرنەچچە خىل مەنىلەرنى شەرھلەپ تالىپلارنىڭ زېھنىنى چاچمايتتى. بىر قىسىم مۇدەررىسلەردەك يۇمىلاقلاپ، بوداپ، پوملاپ، پەردازلاپ، قاملاشتۇرۇپ ياكى تەخمىن قىلىپ ياكى يېڭى تەرجىمە ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ دەرس ئۆگىتىشنى ئەسلا خالىمايتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇنداق قىلىش تالىپنى ئالدىغانلىق، ئۆمرىنى ئىسراپ قىلغانلىق ئىدى. ئۇ پات - پات: «ئۇنداق ئۇسۇلدا ئوقۇغان تالىپ ئون - يىگىرمە يىل ئوقۇسىمۇ كىتابنىڭ تېگىگە يېتەلمەيدۇ، مۇستەقىل كىتاب كۆرۈپ چۈشىنەلمەيدۇ، مەلۇماتلىق بولالىسىمۇ، موللا بولالمايدۇ، مۇدەررىسلىك قىلالمايدۇ» دەيتتى.

تېپىشماق ئۇسۇلى: ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم بەزىدە تالىپلىرىغا شەرىئەت ياكى سەرف، نەھۋى ۋە بالاغەتكە ئالاقىدار مۈجمەل، مۇئەممالارنى، مۈشكۈل سوئاللارنى تاشلاپ قىزغىن مۇزاكىرىگە سالاتتى، توغرا جاۋابىنى تاپالىغانلارنى ماختاپ قوياتتى، ھېچكىم تاپالمىسا، ئاخىرىدا ئۆزى ئېيتىپ بېرەتتى. بەزى مۇھىم سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىرنەچچە كۈندىن كېيىن يالۋۇرتۇپ ئېيتىپ بېرەتتى. شۇنىڭ بىلەن تالىپلار بۇنداق تەستە قولغا كەلگەن تاتلىق جاۋابنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايتتى.

مۇنازىرىلىشىش ئۇسۇلى: ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم بەزىدە تالىپلارغا سوئال تاشلاپ ئۆزئارا مۇنازىرىلىشىپ قوياتتى، مۇنازىرە ئەخلاقىنى ئۆگىتەتتى. بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن، ئۇلارغا يېقىنلىق بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى مۆلچەرلەپ، مۇناسىپ دەرسلەرگە قوشۇپ قوياتتى.

يادلىتىش ئۇسۇلى: ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم بەزى زېرەك، ئەقىللىق تالىپلىرىغا «بانەت سۇئاد، قەسىدە ھەمزىيە، قەسىدە مۇنفەرىج، سەبئى مۇئەللەق، مىفتاھۇل ئەدەب، ھەماسە، مۇتەنەببىي، ماقامات» قاتارلىق شېئىرىي ۋە نەسرىي ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تالىپلارنىڭ سۆز بايلىقىنى موللاشتۇرۇش، تەرجىمە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، مۇستەقىل كىتاب كۆرۈش ئىقتىدارىغا تۈرتكە بولۇش دېگەندەك ئالاھىدىلىكلىرى بارلىقىنى تەكىتلەيتتى ۋە يادلاشنى تەۋسىيە قىلاتتى. بەزىدە ئۆزىمۇ بۇلاردىن بىر قىسمىنى يادقا ئوقۇپ كېتەتتى.

مۈشكىلاتلارنىلا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ بەزى مۇدەررىس تالىپلىرى ئۆگەتمەكچى بولغان ياكى ياقتۇرۇپ كۆرۈپ چىقماقچى بولغان، ئەمما مۈشكۈلرەك كىتابلارنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، داموللا ھاجىمنىڭ ئالدىدا تېز سۈرئەتتە بىر - بىرلەپ ئوقۇپ چىقاتتى، مۈشكۈلاتلىرىنى سوراپ ھەل قىلاتتى.

 

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ ئىسلام دىنىغا قوشقان تۆھپىسى

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ تىلى راۋان، ئەدەبىي تالانتى يۇقىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىلىم - مەرىپىتىدىن تالىپ - شاگىرت، ئالىم - ئۆلىما، ئاۋام - خاس ھەممەيلەن پايدىلىناتتى. لاسكۇي، شورباغ، خانئېرىق، لاڭرۇ، باغچى قاتارلىق يېزىلاردا ئاز بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ئىلىم ئالمىغان تالىپ يوق دېيەرلىك ئىدى. كىشىلەر نىكاھ – تالاق ياكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە پەتىۋا سوراپ كېلىپ تۇراتتى. تالىپلارمۇ، ھەرقايسى يۇرت - مەھەللىنىڭ ئىمام  - خەتىبلىرىمۇ ھەل قىلالمىغان ياكى تېگىگە يېتەلمىگەن مەسىلىلەرنى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ھەل قىلىپ كېتەتتى. كۈن بويى دەرس ئۆتۈش ۋە پەتىۋا بېرىش ئۇنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتىنى پىششىق بىلىدىغان خوتەندىكى بەزى كىشىلەر ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمغا تالىپ بولغانلارنىڭ سانى 1000 دىن ئاشىدۇ، دەپ تەخمىن قىلىشاتتى.

داموللا ھاجىم قەشقەردىكى مەزگىللەردە قەشقەر ھېيتگاھ مەدرىسەسىدە مۇدەررىسلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن خوتەنگە قايتقۇچە بولغان ئارىلىقتا شۇ يەردە بىر مەزگىل مۇدەررىسلىك قىلغان.

ئۇ 1980 - يىللاردىن كېيىن خوتەن شەھىرىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدىغان گۈلباغدىكى مەدرىسەدە (ھازىرقى لىيەنتۇڭ تېلېگىراف ئىدارىسىنىڭ ئورنى) مۇدەررىسلىك قىلغان ئىدى. 1985 - يىللار ئەتراپىدا خانئېرىق يېزىسىدا ئىككى يىل تۇرۇپ، خانئېرىق بازىرى ئىچىدىكى مەلۇم بىر مەسچىتتە، يەنە 2000 - يىللاردىن كېيىن بىر مەزگىل لاسكۇي بازىرى مەسچىتىدە خەتىب بولۇپ كىشىلەرگە ۋەز - نەسىھەت قىلغان. بۇ جەرياندا ئەلۋەتتە مۇدەررىسلىك خىزمىتىنىمۇ بىرگە قىلاتتى.

 

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ تېبابەتكە قوشقان تۆھپىسى

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم تېبابەتچىلىك قىلىش جەريانىدا بەرىكەتۇللاھ ھاجىم، تۆھپەتۇللاھ ھاجىم، شۆھرەتۇللاھ قاتارلىق ئۈچ ئوغلىنى يېتىشتۈرگەن بولۇپ، ئۇلاردىن شۆھرەتۇللاھ ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ نۇرغۇن بىمارلارنىڭ دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپا بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. تۆھپەتۇللاھ ھاجىم بولسا تاكى 2016 - يىلى تۈرمىگە تاشلانغانغا قەدەر خوتەن خەلقىنىڭ ساغلاملىقىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان.

 

ئۆلىمالارنىڭ مەدھىيەسى

ھازىر ئىستانبۇلدا مۇدەررىسلىك قىلىش، مۇسۇلمانلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلىش، پەتىۋا بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك دىنىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈيۈك ئالىمى ئۇستاز ئاتاۋۇللاھ خەلپەت ھاجىم ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ ھاياتى ئاخىرقى نەپەسلىرىگىچە مۇدەررىسلىك قىلىش بىلەن ئۆتتى. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە نۇرغۇن ئىلىم ئەھلىنى يېتىشتۈردى. ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. شۇنچىۋالا بېسىملارغا سەۋر قىلدى. ئۇ ئەل - جامائەتكە ھەقنى يەتكۈزۈشتە مۇستەھكەم تۇراتتى، ۋاقىتقا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى، تالىپلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭمۇ ۋاقتىنى قەدىرلەيتتى. يېڭىدىن يېتىشكەن ئىلىم ئەھلىلىرىگىمۇ قەۋەتلا ئامراق ئىدى. ماڭىمۇ بەك مۇھەببىتى بار ئىدى. تالىپلاردىن ئۇچرىغان يەردە قىيىنچىلىقى بار - يوقلۇقىنى سوراپ، ئىلىمگە رىغبەتلەندۈرۈپ تۇراتتى. ئۈنسى - ئۈلپەتلىك، خۇشخۇي، ئىلىمخۇمار، كاتتا مۇدەررىس ھەم ئۆلىما ئىدى.

 

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ ۋاپاتى

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم 2010 - يىلى كۈز پەسلى 11 - ئاينىڭ يامغۇر يېغىۋاتقان بىر كۈنى ئۆيىگە يېقىن يولدا تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشكەن باھانە بىلەن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. بىراق شۇنداق كۈنلەردىمۇ ئاز بولسىمۇ دەرس ئۆگىتىشتىن توختاپ قالمىدى.

2011 - يىلى 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىنتايىن قايغۇلۇق، مۇسىبەتلىك بىر كۈن بولدى. بۈيۈك ئالىم ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم 96 يېشىدا كېسەل سەۋەبىدىن بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى. لاسكۇي - قاراقاش يولى بويىدىكى لاسكۇي بازىرىغا يېقىن مەركىزىي مەسچىتتە ئوقۇلغان مېيىت نامىزىغا خوتەن ۋە قاراقاشنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇنلىغان داڭلىق ئالىملار ۋە مۇدەررىسلەردىن باشقا يەنە ئون مىڭلارچە جامائەت قاتناشتى. نامازدىن كېيىن مەسچىتنىڭ يېنىدىكى «باش لاسكۇي كەنتى»گە تەۋە قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىندى.

ھاياتىنى ئىلىم - مەرىپەتكە بېغىشلىغان، مىڭلىغان تالىپلارنىڭ ئېغىزىغا ئىلىم سالغان، «خانلىق مەدرىسەسى»نىڭ بىردىنبىر تەۋەررۈكى بولغان پىشقەدەم ئالىمنىڭ ۋاپاتى ئۈچۈن چوڭ - كىچىك، ئەر - ئايال ھەممەيلەن ھەسرەتلىك قايغۇغا چۆمدى.

 

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ ئەسەرلىرى

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ زېھنى ئۆتكۈر، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىزچىل مۇدەررىسلىك قىلىش بىلەن ئۆتكەن بولغاچقا، ئوقۇغان  - كۆرگەنلىرى ئانچە ئۇنتۇپ كەتمىگەن. نورمال ئادەملەر 70 ياكى 80 ياشلارغا كىرسە ئەقلى - ھوشىنى يوقىتىپ كىچىك بالىدەك بولۇپ قالىدۇ. ئىلىمنىڭ بەرىكىتى بولسا كېرەك، ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ 90 ياشلىرىدىمۇ ئەقلى نورمال، زېرەك بولۇپ، ھەتتا ئاخىرقى نەپەسلىرىگە قەدەر نورمال دەرس ئۆگىتىشنى توختاتمىغان. مەرھۇم 92 ياشقا كىرگەندە ھېچبىر مەنبەگە تايانماستىن، قەلبىدە جۇش ئۇرۇپ تۇرۇۋاتقان ئەدەبىيات ئۈنچىلىرىنى قەغەز يۈزىگە تۆكۈشنى ئويلىغان.

ئۇزاق ئۆتمەي مەرھۇمنىڭ ئىككى ئەسىرى پۈتۈپ، بىر قىسىم ئۆلىمالار ۋە تالىپلار ئارىسىدا يوشۇرۇنچە تارقالغان. ئەسەرلەرنى كۆرگەن ھەممە كىشىنىڭ ئەقلى لال بولاتتى. ئۇنىڭ بىرى بالاغەت ئىلمىنىڭ بىر تۈرى بولغان «بەدىئ ئىلمى»گە تەۋە جىناس قانۇنىيىتى بويىچە يېزىلغان «لۇغاتۇل جىناس لىنەپئى خاسسەتىل ئۇناس» ناملىق كىتابى، يەنە بىرى «ئەلقەسىيدەتۇت تەرتىيبىييە» ناملىق ئەرەب تىلىدىكى 26 ھەرپنىڭ ھەممىسى قاپىيەداش قىلىپ يېزىلغان شېئىرلار توپلىمى ئىدى. بۇ ئەسەر ھازىرغىچە قولىمىزغا چۈشمىدى.

 جىناس: لوغەتتە «بىر تۈردىن بولۇش، شەكلى ئوخشاش بولۇش» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بالاغەت ئىستىلاھىدا ئىككى كەلىمىنىڭ مەنىلىرى پەرقلىق، ئەمما تەلەپپۇزى ئوخشاش بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

جىناس ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى «كامىل جىناس» يەنە بىرى «ناقىس جىناس»تۇر. كامىل جىناس: مەنىسى ئوخشىمايدىغان ئىككى كەلىمىنىڭ ھەرپلىرىنىڭ سانى، شەكلى، تۈرى ۋە رەت – تەرتىپىدىكى ئوخشاشلىقنى كۆرسىتىدۇ. داڭلىق شائىر ئەبى نەۋۋاسنىڭ ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئوغلى پەزل ۋە رەبىيئ قاتارلىقلارنى مەدھىيەلەپ ئوقۇغان تۆۋەندىكى شېئىرى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى بولالايدۇ:

 

عَبَّاسُ عَبَّاسٌ إِذَا احْتَدَمَ الوغَى   والْفَضْلُ فَضْلٌ، والرَّبيعُ رَبيعُ

 

نەسرىي يەشمىسى: ئابباس جەڭ تازا قىزىغاندا قوشۇمىسىنى تۈرىدۇ، پەزل پەزىلەتلىكتۇر، رەبىيئ بولسا باھارنىڭ ئۆزىدۇر.

 

يۇقىرىقى مىسرالاردا ئابباس، پەزل ۋە رەبىيئ كەلىمىلىرى ئىككى قېتىم تەكرارلانغاندەك كۆرۈنسىمۇ، مەنىلىرى پەرقلىق شەكىلدە ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن ئىشلىتىلگەن.

«ناقىس جىناس» بولسا ئوخشاش كۆرۈنگەن ياكى ئاڭلانغان ئىككى كەلىمىنىڭ ھەرپلىرىنىڭ سانى ياكى شەكلى ياكى رەت - تەرتىپىدە پەرقلىق بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى بولالايدۇ: {وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ نَّاضِرَةٌ إِلَىٰ رَبِّهَا نَاظِرَةٌ}. تەرجىمىسى: «بۇ كۈندە (سائادەتمەنلەرنىڭ) يۈزلىرى نۇرلۇق بولىدۇ، (ئۇلار) پەرۋەردىگارىغا قاراپ تۇرىدۇ».

يۇقىرىقى ئايەتتە «نازىرە» كەلىمىسى ھەرپلىرىنىڭ سانى، رەت تەرتىپى ۋە ھەرىكەتلىرى ئوخشاش شەكىلدە ئىككى قېتىم تەكرارلانغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئىنچىكە قارىغىنىمىزدا ئۈچىنچى ھەرپىنىڭ تەلەپپۇزدا ئۆزئارا يېقىن، ئەمما «مەخرەج (چىقىش ئورنى) نىڭ ۋە مەنىلىرىنىڭ بىر - بىرىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ «لۇغاتۇل جىناس» ناملىق ئەسىرىنىڭ پۈتۈن قۇرلىرى ئەنە شۇنداق جىناس شەكلىدە كەلگەن شېئىرىي ئىبارىلەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، بۇ يېزىقچىلىق سەنئىتىدىكى كەم تېپىلىدىغان قابىلىيەت، يۈكسەك سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان ماھارەت ھېسابلىنىدۇ.

بۇ ئەسەرنىڭ ئەسلىي قوليازمىسى يوق. پەقەت ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ مەلۇم تالىپى تەرىپىدىن 2010 - يىللىرى كومپيۇتېرغا ئېلىنىپ، ئادەتتىكى كۆپەيتىش ماشىنىسىدا چەكلىك ساندا بېسىلىپ تارقىتىلغان. ئىستانبۇلدا تىنىمسىز دىن ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان شائىر ئابدۇلقاھار مەھزۇن ئەينى چاغدا مەزكۇر ئەسەرنى بىر - بىرلەپ سۈرەتكە تارتىپ ئېلىپ چىققان.

ئەسەر كومپيۇتېرغا ئېلىنغاندا ناھايىتى كۆپ ئىملا، كەلىمە ۋە جۈملە خاتالىقلىرى ساقلانغان. ئالىمنىڭ بۇ ئەسىرىنىڭ نەشرىيات يۈزىنى كۆرۈشى ئۈچۈن پېقىر ئەسەرنىڭ تۈزىتىش، مۈجمەل يەرلىرىنى ئىزاھلاش، چۈشىنىشلىك شەكىلدە ھازىرقى زامان ئىملاسى بويىچە قايتىدىن يېزىش، مەزمۇن بويىچە تۈر ۋە ماۋزۇلارغا ئايرىش، ئالىمنىڭ تارىخىنى يېزىش قاتارلىق پۈتۈن ئىشلىرىنى تاماملىدىم. ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئۇستازىمنىڭ ۋە مېنىڭ بۇ خالىسانە ئەمىلىمنى قوبۇل قىلىپ، جەننەتتىن ئورۇن بېرىشىنى تىلەيمەن. 

 

ئاپتورى: مۇھەممەد ئەمىن بېشارەت



[1] قەشقەرنىڭ ياۋاغ رايونىغا جايلاشقان قەشقەر خانلىق مەدرىسسى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە تەخمىنەن مىلادى 1625 - يىللىرى بەرپا قىلىنغان، 1966 - يىلى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە مەزكۇر مەدرىس تارىختا بىر قېتىم چوڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ چېقىۋېتىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا بىر قانچە ئېغىز خانىسى ساق قالغان، شۇنداقلا مەدرىسنىڭ ئورنىنىڭ بىر قىسمى قەشقەر ۋىلايەتلىك سىياسىي مەكتەپكە، يەنە بىر قىسمىنى قەشقەر شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپكە قوشۇۋېتىلگەن. ھازىر ئىزىمۇ سۈپۈرۈپ تاشلانغان.

[2] ساقىيە مەدرىسىسى 1900 - يىللىرى شەيخ ئىسلام باھاۋۇدۇن مەخدۇم تەرىپىدىن قەشقەردە قۇرۇلغان. 1914 - يىلى رەسمىي ئېچىلىش قىلىنىپ ئوقۇتۇش باشلانغان. شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ يۇقىرى بىناكارلىق سەنئىتىنى قوللىنىپ ناھايىتى ھەيۋەتلىك سېلىنغان. كەڭ دەرۋازىلىق، ئىككى تەرىپىدە بىر ئىگىز مۇنار، تۆت ئەتراپى دەرسخانا، نۇتۇق سالونى ۋە تالىپلار ياتىقى، ئوتتۇرىسى كەڭ مەيدان، قىبلە تەرىپى چوڭ مەسجىدتىن تەركىب تاپقان بۇ گۈزەل تارىخى ئەسەر مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان.

[3] ھېيتگاھ جامىي مەدرىسىسى 1436 -  يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىمۋوللۇق ئىمارەتلىرىدىن بىرى بولغان بۈيۈك ھيېتگاھ جامىسى بىلەن بىللە قۇرۇلغان جامى تەۋەلىكىدىكى ياتاقلىق مەدرسە.

[4] مەنسۇر ئابدۇلباقىي بۇخارىنىڭ «ئىككى ھەرەمگە ھىجرەت قىلغان ماۋەرائەننەھىر ئۆلىمالىرى» ناملىق كىتابنىڭ 252 - بېتىگە قاراڭ. 1914 -  يىلى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان نۇشىرۋان يائوشىفنىڭ «ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ 551 -  بەتتە خاتىرىلىنىشىچە، شۇ زاماندا قەشقەردە 14 مەدرىسە، 79 مۇدەررىس، 10085 تالىپ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ چىقىملىرى ۋەقپىلەردىن بېرىلەتتى.

[5] مەهمۇت ئاخۇن داموللام: 1869 - يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان، كىچىكىدىنكلا ئىلىمگە ئىشتىياق باغلاپ قەشقەردىكى ئۇستازلاردا ئىلىم تەھسىل قىلغان، 1894 -  يىلىدىن 1901 - يىلىغىچە بۇخاراغا بېرىپ ھەرقايسى پەنلەر بويىچە بىلىم ئاشۇرۇپ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى داڭلىق ئالىم، مەشھۇر فىقھىشۇناس بولۇپ، ئۆمۈر بويى مۇدەررىسلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ نۇرغۇنلىغان كاتتا ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان.

[6] ھاشىم ئاخۇن داموللامنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى قاسىم ئاخۇن ناۋاي بولۇپ، مىلادىيە 1887 - يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. ئۇ ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن مەھمۇد ئاخۇن داموللام، شەمسىدىن داموللام، ئابدۇلقادىر داموللام قاتارلىق ئۇلۇغ ئۇستازلىرى بىلەن مۇدەررىسلىك ھاياتىنى باشلىغان. كېيىن شەرىئەت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش رەئىس، شەيخۇلئىسلام قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. مەسئۇد سەبرى ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا مۇسۇلمانلارنىڭ باش ۋەكىلى بولغان. ئۇ فىقھى، ھەدىس، قىرائەت ئىلىملىرىدە كامالەتكە يەتكەن. ئىزچىل مۇدەررىسلىك قىلغان. ئوقۇتۇش بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، ئەسەر يېزىپ قالدۇرالمىغان ئىدى. 1947 - يىلى ئايالى ۋە ھارۇن، ئەمىن ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بىلەن ھەجگە كېلىپ، شۇ يىلى شابان ئېيىدا مەدىنەدە ۋاپات بولغان ۋە بەقىئ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.

[7] سۇلايمان داموللام سەئىد ئاخۇننىڭ ئوغلى سادىق ھاجىمنىڭ پەرزەنتى بولۇپ، ئۇ مىلادىيە 1910 - يىلى خوتەندە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئىلىمسۆيەر كىشى بولۇپ، خەنزۇ تىلىنى ياخشى بىلەتتى. ئۇلار 1916 - يىلى قەشقەرگە كۆچۈپ كەلگەن. سۇلايمان داموللام دىنىي ۋە بىر قىسىم پەننىي بىلىملەرنى شەمسىدىن داموللام، مەھمۇد ئاخۇن داموللام، باھاۋۇدۇن مەخدۇم، ئەپەندى مەخدۇم، ئابدۇلقادىر داموللام ۋە ئەبۇلقاسىم ئاخۇن قاتارلىق كاتتا مۇدەررىسلەردە ئوقۇغان. ئۇ قەشقەردىكى ئەڭ بىلىملىك، ئەدەپلىك، تەقۋادار ئالىملاردىن ھەم ئۆز دەۋرىدىكى داڭلىق تىلشۇناس، تارىخشۇناس، ئەدىب، فىقھىشۇناسلارنىڭ بىرى ئىدى. ئەدەبىيات ۋە بالاغەت ئىلمىدە ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلاتتى. مۇتەنەببىي، ئىمرىئۇل قەيس، جەرىر، نابىغە، ئەختەل، ئەھمەد شەۋقىي قاتارلىقلارنىڭ نۇرغۇن شېئىرلىرىنى ياد بىلەتتى. بىدئەت ۋە خۇراپاتلارغا قارشى ئىدى. ئىزچىل مۇدەررىسلىك بىلەن شۇغۇللىناتتى. 12 يىل تۈرمىدە يېتىپ، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن كىتاب يېزىش بىلەن مەشغۇل بولغان. ئەپسۇسكى، بىزگە يېتىپ كەلگەن ئەسەرلىرى يوق.

[8] خانلىق مەدرىسەنىڭ ئاتاقلىق ئۆلىما ۋە كاتتا مۇدەررىسى.

[9] خەلپەت: ئوقۇغۇچىلارغا دەرس مۇزاكىرە قىلىپ بېرىدىغان، ئۇستازغا ۋاكالىتەن دەرس ئۆگىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە چوڭ تالىپ.

[10] 1966 — 1976 - يىللار ئارىسىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە ماۋزېدۇڭ تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى.

[11] مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك بىكار قىلىنىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك يولغا قويۇلغان، ئۆيدە تاماق ئېتىش پۈتۈنلەي چەكلىنىپ، ئۆلچەم بويىچە ئوپچە تاماق يېيىش بەگىلەنگەن. ماۋزېدۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن بۇ ئېغىر، بولمىغۇر تۈزۈلمىلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بۇنى «داشقازاننىڭ چېقىلىشى» دېيىلىدۇ. بۇ چوڭ قازاننىڭ تامىقىنى يېيىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ھەركىشىنىڭ ئۆز ئۆيىدە تاماق يېيەلەيدىغان بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

[12] ماتۇرىيدىي ئەقىدىسى: ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىيغا مەنسۇپ قىلىنىپ كەلگەن «سۈننىي ئەقىدە» تارماقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تۆتىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سەمەرقەند تەرەپلەردە نامايان بولۇشقا باشلىغان. ئەقلىي دەلىللەر بىلەن نەقلىي دەلىللەرنى بىرلەشتۈرۈپ، «مۇرجىئە، مۇئتەزىلە، خەۋارىج، جەھمىيە» قاتارلىق بىدئەت پىرقىلەرگە رەددىيە بېرىپ ئىسلام ئەقىدىلىرىنى قوغداپ قېلىشتا ئالاھىدە رول ئوينىغان.