ماقالىلار

ئىسلام دىنىمىزنىڭ قانۇن مەنبەسى قۇرئان كەرىم

2024-08-27
A-
A+

ئىسلام دىنىمىزنىڭ قانۇن مەنبەسى قۇرئان كەرىم

ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر

 ئىنسان تۇغۇلىشىدىنلا ئىنسانلار جەمىئىيىتىگە مۇھتاج. چۈنكى، ئۇ جەمىئىيەتتە تۇغۇلىدۇ، جەمىئىيەتتە ئۆسۈپ چوڭ بولىدۇ، جەمئىيەتتىكى ئىنسانلار بىلەن بىللە ئۆتىدۇ. دېمەك، ئىنسان دائىم بىر توپ كىشىلەر ئىچىدە ياشايدۇ، ئۇنىڭ جەمئىيەتكە ئارىلاشماي يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرەلىشى ناتايىن. جامائەت، توپلۇم مەۋجۇت بولغان ئىكەن چوقۇم ئۇ توپلۇمدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى تەرتىپكە سالىدىغان، ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغان بىر قانۇن-تۈزۈم بولۇشى كېرەك، چۈنكى كىشىلەردە ئۆز مەنپەئەتىنى ياخشى كۆرۈشتىن ئىبارەت تۇغما تەبىئەت ئەزەلدىن مەۋجۇت. شۇنىڭ ئۈچۈن يەر شارىغا تۇنجى ئىنسان ئادەم ئەلەيھىسسالام چۈشكەندىن باشلاپ ئاللاھ قانۇن-تۈزۈملەرنى چۈشۈرگەن. «قُلْنَا اهْبِطُوا مِنْهَا جَمِيعًا فَإِمَّا يَأْتِيَنَّكُمْ مِنِّي هُدًى فَمَنْ تَبِعَ هُدَايَ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ». تەرجىمىسى: «(ئۇلارغا) "ھەممىڭلار بۇيەردىن چۈشۈڭلار، سىلەرگە مەن تەرەپتىن بىر يول كۆرسەتكۈچى (يەنى پەيغەمبەر ۋە كىتاب) كېلىدۇ، مەن كۆرسەتكەن يولغا ئەگەشكەنلەرگە (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم- قايغۇ بولمايدۇ" دېدۇق».[1]

ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئەنە شۇ قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ يىغىندىسى ۋە ئەڭ مۇكەممەل قىسمى بولغان ئىلاھىي دەستۇرنى پەيغەمبىرىمىز ئارقىلىق بىزلەرگە يەتكۈزگەن. پەيغەمبىرىمىز ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزۈلگەن بۇ ئەڭ ئاخىرقى ئىلاھىي دەستۇر بولسا قۇرئان كەرىمدۇر. قۇرئان كەرىم بولسا ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى كىشىلەرگە ئىسپاتلاش ئۈچۈن نازىل قىلغان مۆجىزە خاراكتېرلىك كىتاب بولۇپ، بۇ كىتاب ئۆز ئىچىگە ئالغان مۆجىزىلەر ئارقىلىق كىشىلەر ئۇنىڭدىكى بارلىق ھۆكۈملەرنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانىيەتنى بەخت -سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن نازىل قىلغان تەلىماتلىرى ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرىدۇ. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىم نازىل بولغاندىن باشلاپ تا ھازىرغا قەدەر بارلىق مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمىگە مۇتلەق بويسۇنۇشنىڭ پەرزلىكىدە ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ دىنىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قانۇن مەنبەسى ئىكەنلىكىدە ئىتتىپاقتۇر. چۈنكى، قۇرئان كەرىمگە ئىمان كەلتۈرگەن ھەرقانداق مۇسۇلمان ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى مۇنۇ ئايەتلىرىگە تولۇق ئىمان كەلتۈرمىگۈچە مۆمىن بولالمايدۇ: «وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلَا مُؤْمِنَةٍ إِذَا قَضَى اللَّهُ وَرَسُولُهُ أَمْرًا أَنْ يَكُونَ لَهُمُ الْخِيَرَةُ مِنْ أَمْرِهِمْ وَمَنْ يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا مُبِينًا». «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر – ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان ئىكەن، ھېچ بىر ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ)، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ».[2] «وَمَنْ لَمْ يَحْكُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأُولَئِكَ هُمُ الْكَافِرُونَ». «كىملەركى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر».[3] «وأَنِ احْكُمْ بَيْنَهُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَهُمْ ....أَفَحُكْمَ الْجَاهِلِيَّةِ يَبْغُونَ وَمَنْ أَحْسَنُ مِنَ اللَّهِ حُكْمًا لِقَوْمٍ يُوقِنُون». «ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ ئەھكامى بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ (ئاللاھقا) چىن ئىشىنىدىغان قەۋمنىڭ نەزىرىدە ھۆكۈمدە ئاللاھتىنمۇ ئادىل كىم بار».[4]

قۇرئان كەرىم ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈملەر

قۇرئان كەرىم ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈملەر ھەر تۈرلۈك بولۇپ، بۇلارنى ئاساسلىق چوڭ ئۈچ تۈرگە ئايرىش مۇمكىن.

1.        ئەقىدىگە ئالاقىدار ھۆكۈملەر. (بۇلارنىڭ تەپسىلاتى ئەقىدە ئىلمىدە تونۇشتۇرۇلغان).  

2.        ئەخلاققا دائىر ھۆكۈملەر. (بۇلارنىڭ تەپسىلاتى ئەخلاق، ياكى تەسەۋۋۇف ۋە تەزكىيە نامى ئاستىدىكى پەنلەردە بايان قىلىنغان).

3.        مۇكەللەفلەرنىڭ (يەنى قانۇن يېشىغا يەتكەنلەرنىڭ) سۆز ۋە ئىش ھەرىكەتلىرىگە ئالاقىدار ھۆكۈملەر بولۇپ، بۇ ھۆكۈملەرنى فىقىھ (ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى) ئىلمىغا كۆرە ئىككى تۈرگە ئايرىپ ئىزاھلاشقا بولىدۇ:

بىرىنجى: ئىبادەتلەر. بۇنىڭدىن ناماز ۋە روزىغا ئوخشاش بەندە بىلەن رەببىنىڭ ئارىسىدىكى ئەمەللەر كۆزدە تۇتىلىدۇ.

ئىككىنجى: مۇئامىلىلەر. بۇنىڭدىن نىكاھ، تالاق ۋە جىھادقا ئوخشاش شەخىس بىلەن شەخىسنىڭ مۇناسىۋىتىنى، شەخىس بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ۋە ئامما بىلەن ئاممىنىڭ، ياكى دۆلەت بىلەن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى بېكىتىدىغان ھۆكۈملەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ھۆكۈملەر تۆۋەنكىچە:

1.                    نىكاھ، تالاق، بالا، نەسەب قاتارلىق ئائىلىگە ئالاقىدار ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى بايان قىلغان ھۆكۈملەر. (بۇ توغرۇلۇق كەلگەن ئايەتلەر (70).

2.                    شەخىسلەر ئارىسىدىكى پۇل مۇئامىلە، سودا – سېتىق قاتارلىق ئىقتىسادىي مەسىللەرگە ئالاقىدار ھۆكۈملەر. (70 ئايەت).

3.                    سوت ۋە ئەدلىيەگە ئالاقىدار  ھۆكۈملەر. (13).

4.                    جىنائىي ئىشلار قانۇنىغا ئالاقىدار ھۆكۈملەر. (30).

5.                    دۆلەت تۈزۈمى، رەئىس ۋە پۇقرانىڭ ھەق - ھوقۇقىغا ئائىت ھۆكۈملەر. (10).

6.                     ئىسلام دۆلىتنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىغا دائىر ھۆكۈملەر. (25).

7.                    دۆلەت ئىقتىسادىغا ئالاقىدار ھۆكۈملەر. (10).

قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكۈملەرنى بايان قىلىش ئۇسلۇبى

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «وَنَزَّلْنَا عَلَيْكَ الْكِتَابَ تِبْيَانًا لِكُلِّ شَيْءٍ وَهُدًى وَرَحْمَةً وَبُشْرَى لِلْمُسْلِمِينَ». «ساڭا بىز كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ھەممە نەرسىنى (يەنى كىشىلەر موھتاج بولىدىغان دىنىي ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى) چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، (دىللارغا) ھىدايەت، (بەندىلەرگە) رەھمەت، مۇسۇلمانلارغا مەڭگۈلۈك سائادەت بىلەن خۇش خەۋەر يەتكۈزىدىغان قىلىپ نازىل قىلدۇق»،[5] دېگەن.

دېمەك، قۇرئاندا بارلىق شەرئىي ھۆكۈملەر بايان قىلىنغان، بىراق قۇرئاننىڭ ھۆكۈملەرنى بايان قىلىشى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل شەكىلدە بولغان:

1.        ئاساسلىق قائىدە-تۈزۈملەرنى بايان قىلىش.

قۇرئان كەرىم تا قىيامەتكىچىلىك كۈچكە ئىگە ئىلاھىي دەستۇر بولغانلىقى ئۈچۈن، زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان مەسىلىلەرگىمۇ ئۇنىڭدا ئەلۋەتتە جاۋاپ بولۇشى كېرەك ئىدى. ھىكمەتلىك بۈيۈك ئاللاھ بۇ مەسىلىنى ھۆكۈملەرنىڭ ئاساسلىق قائىدە-تۈزۈملىرىنى قۇرئاندا زىكرى قىلىش ۋە بۇ قائىدىلەرگە ئاساسەن مەسىلىلەرنىڭ تەپسىلىي ھۆكۈملىرىنى بايان قىلىشنى مۇجتەھىد ئالىملارغا ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلغان. مەسىلەن ئاساسلىق قائىدە-تۈزۈملەرنى بايان قىلغان ئايەتلەردىن:

· «إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ». «ئاللاھ ھەقىقەتەن (كىشىلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا بۇيرۇيدۇ».[6]  بۇ ئايەتتە پۈتۈن قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ تۈپ مەقسىتى بولغان ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا بۇيرىغان.

· «وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى». «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار».[7]  بۇ ئايەتتە ھەر قانداق ياخشى ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا بۇيرىغان.

· «وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ». «سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى)».[8] «لَا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا». «ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ».[9] بۇ ئايەتلەردە دىندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشتا ئىنساننىڭ تاقىتى ئاساس قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

· «فَمَنِ اضْطُرَّ غَيْرَ بَاغٍ وَلَا عَادٍ فَلَا إِثْمَ عَلَيْهِ». «كىمكى ئۆز ئىختىيارىچە ئەمەس، ئىلاجىسىزلىقتىن (يۇقىرىقى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ».[10] بۇ ئايەتتە دىندا چەكلەنگەن ئىشلارنى زۆرۈرىيەت تېپىلغاندا قىلىشقا يول قويۇلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

· «يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا أَوْفُوا بِالْعُقُودِ». «ئى مۆمىنلەر! ئەھدىلەرگە (يەنى ئاللاھ بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ۋە سىلەرنىڭ ئۆزئاراڭلاردىكى ئەھدىلەرگە) ۋاپا قىلىڭلار».[11] بۇ ئايەتتە ئۆزئارا تۈزۈشكەن كېلىشىملەرگە رىئايە قىلىشنىڭ پەرزلىكى بايان قىلىنغان.

· «وَلَا تَكْسِبُ كُلُّ نَفْسٍ إِلَّا عَلَيْهَا وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَى». «ھەر ئادەم ئۆزى قىلغان گۇناھقا ئۆزى جاۋابكار، بىر گۇناھكار ئادەم باشقا ئادەمنىڭ گۇناھىغا جاۋابكار ئەمەس (يەنى بىر ئادەمنىڭ گۇناھى بىلەن باشقا بىر ئادەم جازاغا تارتىلمايدۇ)».[12] بۇ ئايەتتە ھەر ئىنسان ئۆزىنىڭ جىنايىتىدىنلا جاۋاپكار ئىكەنلىكى، باشقىلارنىڭ سادىر قىلغان جىنايىتى ئۇنىڭغا يۈكلەنمەسىلىكى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ ھۆكمىنى بۇ قائىدىلەرگە ئاساسەن بېكىتىش ئالىملارغا ھاۋالە قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: «فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِنْ كُنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ». «بىلمىسەڭلار ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراڭلار».[13] «فَلَوْلَا نَفَرَ مِنْ كُلِّ فِرْقَةٍ مِنْهُمْ طَائِفَةٌ لِيَتَفَقَّهُوا فِي الدِّينِ وَلِيُنْذِرُوا قَوْمَهُمْ إِذَا رَجَعُوا إِلَيْهِمْ لَعَلَّهُمْ يَحْذَرُون». «ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر جامائەدىن يەنە بىر تۈركۈمى دىنىي ئالىم بولۇپ، ئۇلار قەۋمىنىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن قەۋمنىڭ ئاللاھ دىن قورقۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە نېمىشقا (ئىلىم تەلەپ قىلىشقا) چىقمىدى؟».[14]

2.        ئەھكاملارنى ئومۇمىي بايان قىلىش. قۇرئاندىكى كۆپ ساندىكى ئەھكاملار مۇشۇ خىلدا زىكرى قىلىنغان. مەسىلەن زاكات بېرىشكە بۇيرىغان، تەپسىلىي شەرت ۋە ئۆلچەملىرى قۇرئاندا زىكرى قىلىنمىغان، قىساسنىڭ پەرىزلىكى توغرىسىدا ئايەت كەلگەن، بىراق قىساسنىڭ شەرتلىرى بايان قىلىنمىغان. بۇنداق ئەھكاملارنى سۈننەت تەپسىلىي بايان قىلغان.

3.        ئەھكاملارنى تەپسىلىي بايان قىلىش. قۇرئاندا بۇ خىلدا بايان قىلىنغان ئەھكاملار ناھايىتى ئاز. تەپسىلىي بايان قىلىنغان ئەھكاملاردىن ئەقىدە، مىراس مىقتارلىرى، تالاقنىڭ قانداق بولۇشى ۋە سانى، ئەر-ئايال ئارىسىدا لەنەت ئېيتىشىشنىڭ شەكلى، ئۆيلىنىشكە بولمايدىغان ئاياللار قاتارلىق بىر قانچە مەسىلە بار.

قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكۈملەرنى بايان قىلىشتىكى ئۆزگىچىلىكى

قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكۈملەرنى بايان قىلىشى ئۆزگىچە بولۇپ، نۆۋەتتىكى قانۇن كىتابلىرىغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن ھۆكمى ۋاجىپ بولغان مەسىلىنى بەزىدە بۇيرۇق پېئىلى بىلەن ئپادىلىسە «آتوا الزكاة» «زاكات بېرىڭلار» دېگەندەك، بەزىدە شۇ ئىشنى قىلىش مۇكەللەفلەرگە يېزىلغانلىقنى بىلدۈرىدىغان پېئىل بىلەن زىكرى قىلىدۇ. مەسىلەن: «يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ» «ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى».[15]

بىرەر ئىشنى قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن بەزىدە چەكلەش فورمىلاسى ئىشلىتىلسە، يەنە بەزىدە "ئۇ ئىشنى قىلغۇچى دوزاخ بىلەن جازالىنىدۇ" دېگەن ئىبارە قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: «وَلَا تَقْتُلُوا النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّهُ إِلَّا بِالْحَق». «ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەڭلاركى، ئاللاھ (ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشنى) ھارام قىلدى».[16] «إِنَّ الَّذِينَ يَأْكُلُونَ أَمْوَالَ الْيَتَامَى ظُلْمًا إِنَّمَا يَأْكُلُونَ فِي بُطُونِهِمْ نَارًا وَسَيَصْلَوْنَ سَعِيرًا». «زۇلۇم قىلىپ يېتىملەرنىڭ مال-مۈلكىنى (ناھەق) يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا (قىيامەت كۈنى يېنىپ تۇرىدىغان) ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار يېنىپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ».[17]

شۇنداقلا قۇرئان كەرىم بىر قىسىم مەسىلىلەرنىڭ ھۆكمىنى بىر يەردىلا بىر پۈتۈن بايان قىلماستىن بىر قانچە سۈرىگە بۆلۈپ پارچە پارچە بايان قىلغان. مەسىلەن ھەجنىڭ بىر قىسىم ئەھكاملىرى سۈرە بەقەرەدە بايان قىلىنغان بولسا داۋامى سۈرە ھەجدە بايان قىلىنغان. تالاققا دائىر بىر قىسىم ئەھكاملار سۈرە بەقەرە ۋە سۈرە نىسادا بايان قىلنغان بولسا يەنە بىر قىسمى سۈرە تالاقتا بايان قىلىنغان. دېمەك، قۇرئان كەرىمدىن بىرەر مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى بىلمەكچى بولغان كىشى قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكۈم بايان قىلىشتىكى ئۆزگىچە ئۇسلۇبىغا دائىر بىلىملەرنى تولۇق ئىگەللىشى ۋە شۇ مەسىلە ھەققىدە كەلگەن ئايەتلەرنىڭ ھەممىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇشى كېرەك.

قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ ئۇقۇمى

قۇرئان كەرىمنىڭ بىزگە نەقىل قىلىنىشى شەك شۈبھىسىز مۇتەۋاتىر يول بىلەن بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ بىرمۇ ئايىتىدە شەك - شۈبھە يوق، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمدىكى ئەھكاملارنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھ نىڭ تەلىماتى ئىكەنلىكىدە ھېچ شۈبھە يوقتۇر. ئەمما قۇرئان كەرىمدىكى ئايەتلەر مۇئەييەن مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىغاندا "قەتئىي" (يەنى كەسكىن) ئۇقۇملۇق ئىبارىنىمۇ ئۇچرىتىمىز، "زەننىي" ئۇقۇملۇق (يەنى بىر قانچە خىل مەناغا ئېھتىماللىق) ئىبارىلەرنىمۇ ئۇچرىتىمىز.

ئايەتتە ئىشلىتىلگەن ئىبارىنىڭ ئەرەپ تىلىدا پەقەت بىرلا ئۇقۇمى بولسا مەسىلىنىڭ ھۆكمى شۇ ئايەت بىلەن "قەتئىي" (كەسكىن) ئىسپاتلىنىدۇ، بۇنىڭدا ئىجتىھاد قىلىشقا ھېچ يول قالمايدۇ. مەسىلەن: «الزَّانِيَةُ وَالزَّانِي فَاجْلِدُوا كُلَّ وَاحِدٍ مِنْهُمَا مِئَةَ جَلْدَةٍ». «زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار».[18] "يۈز" دېگەن بۇ ئىبارە پەقەت بىرلا ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان، 90 ياكى 80 دەررە ئۇرساقمۇ بولار دەيدىغانغا ھېچ بىر ئېھتىمال قالدۇرمايدىغان ئىبارىدۇر. بۇ خىل ئايەتلەر بىلەن ئىسپاتلانغان ھۆكۈملەرنى ئىنكار قىلغۇچى كاپىر بولىدۇ. ئايەتتە ئىشلىتىلگەن ئىبارە "زەننىي" ئۇقۇملۇق ئىبارە بولسا، يەنى بىر قانچە مەناغا ئىگە سۆز بولسا، ئايەتنىڭ مۇئەييەن مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى ئىسپاتلاشتىكى "دەلىللىق" رولى "زەننىي" (يەنى ئېھتىماللىق) بولىدۇ. مەسىلەن: «وَالْمُطَلَّقَاتُ يَتَرَبَّصْنَ بِأَنْفُسِهِنَّ ثَلَاثَةَ قُرُوءٍ». «تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە ئىددەت تۇتىدۇ».[19] "قُرُوء" دېگەن سۆز ئەرەپچىدە "ھەيز" دېگەنمۇ بولىدۇ، "پاكلىق" دېگەنمۇ بولىدۇ. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىبارىنىڭ "ھەيز" دېگەن ئۇقۇمىغا ئاساسلىنىپ "تالاق قىلىنغان ئايال ئۈچ قېتىم ھەيز كۆرۈشى كېرەك" دېگەن ھەنەفىي مەزھىپىدىكىلەرگە دەلىل بولۇشىمۇ ئېھتىمال، "قُرُوء" كەلىمەسىنىڭ "پاكلىق" دېگەن مەناسىغا ئاساسلىنىپ "ھەيزدىن ئۈچ قېتىم پاك بولۇشى كېرەك" دېگەن شافىئىي مەزھىپىدىكىلەرگە دەلىل بولۇشىمۇ ئېھتىمال. ھەر ئىككىلىسگە ئېھتىماللىقى مەۋجۇت بولغان ئىكەن بۇ ئايەتنىڭ ئۇقۇمى ھەققىدە ئىجتىھاد قىلىشمۇ دۇرۇس، ئىجىتىھاتتىن چىققان ھۆكۈممۇ "زەننىي" ھۆكۈم بولىدۇ. يەنى توغرا بولىشىمۇ مۇمكىن خاتا بولىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى ئايەتتىكى "قُرُوء" دېگەن بۇ كەلىمە بۇ ئىككى مەنادىن ھېچ بىرىنى كەسكىن مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىلدىكى ئايەتلەر بىلەن ئىسپاتلانغان ئېھتىماللىق ھۆكۈملەردىن بىرەرسىنى رەت قىلغان كىشىمۇ كاپىر بولمايدۇ.

ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ تۇغۇلىشى، ھەتتا بىرەر مەسىلە ئۈستىدە كۆز قاراشلىرى يەتتە - سەككىز خىلغا يېتىشى ۋە مەزھەپلەرنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشنىڭ سەۋەپلىرىدىن بىرى قۇرئان ۋە ھەدىستە ئىشلىتىلگەن ئىبارەلەرنىڭ "زەننىي" بولۇشىدۇر.

ئاللاھ تائالا ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قەتئىي (كەسكىن) ئۇقۇملۇق قىلىپ نازىل قىلىشقا ئەلۋەتتە قادىر ئىدى، شۇنداق تۇرۇقلۇق ھەممىسىنى قەتئىي ئۇقۇملۇق قىلىۋەتمەسلىكى بۇ قۇرئان كەرىمنى تا قىيامەتكىچىلىك دەۋر سۈرىدىغان، بارلىق ئىنسانىيەتكە ئىلاھىي دەستۇر قىلىپ چۈشۈرگەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئىسلام قانۇنىنىڭ ئەسىرلەر بويى، ھەر زامان ھەر ماكاندا يېڭىلىنىۋاتقان ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەرگە ھەل تاپالىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللاردىن بىرى دەل قۇرئان ۋە ھەدىستىكى كۆپ ساندىكى ئىبارەلەرنىڭ "قەتئىي" ئۇقۇملۇق بولماي مۇشۇنداق "زەننىي" ئۇقۇملۇق بولۇشىدۇر.

قۇرئان كەرىمگە قانداق مۇراجىئەت قىلىمىز؟

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَأُولِي الْأَمْرِ مِنْكُمْ فَإِنْ تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّهِ وَالرَّسُولِ إِنْ كُنْتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآَخِرِ ذَلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلًا». «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزەڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە (ھەقىقىي) ئىشىنىدىغان بولساڭلار، بۇ (يەنى ئاللاھ نىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر».[20]

بۇ ئايەتكە ئاساسەن ھەر بىر مۇسۇلمان بىرەر شەيئىنىڭ ھۆكمىنى بىلمەكچى بولسا قۇرئان كەرىمگە مۇراجىئەت قىلىشى كېرەكتۇر. مۇراجىئەت ئىككى خىل بولىدۇ:

بىرىنجى: ئۇ شەيئىنىڭ ھۆكمىنى بىۋاستە قۇرئان كەرىمدىن ئىزدەش. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشىدە تۆۋەندىكى شەرتلەر تېپىلىشى كېرەك:

1.        ئەرەپ تىلىنى پىششىق بىلىش. چۈنكى قۇرئان كەرىم ئەرەپ تىلى بىلەن نازىل قىلىنغان، بۇنىڭدا تەرجىمىگە تايىنىشقا بولمايدۇ.

2.        قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى يادقا بىلىش. ھېچ بولمىغاندا ئەھكام ئايەتلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى ئورنىنى ۋە مەزمۇنىنى تولۇق بىلىش.

3.        قۇرئان كەرىم بىلىملىرى ھەققىدە يېزىلغان ئاساسلىق ماتېرياللاردىن خەۋەردار بولۇش.

4.        سۈننەتنى بىلىش.

5.        ئىجما قىلىنغان (ئالىملار ئارىسىدا ھۆكمى ھەققىدە بىرلىككە كېلىنگەن) مەسىلىلەرنى بىلىش.

6.        شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى بىلىش.

7.        ئىجتىھاد قابىلىيىتى بولۇش.

ئىككىنجى: قۇرئان كەرىمدىن ۋاسىتىلىك ئىزدەش. قۇرئان كەرىمدىن بىۋاستە ئىزدەشكە قادىر بولالمايدىغانلار ئالىملارغا مۇراجىئەت قىلىشى كېرەك. قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقتە «فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِنْ كُنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ». «بىلمىسەڭلار ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراڭلار»[21] دەيدۇ. ساھابىلەر دەۋرىدىمۇ بىلمىگەنلەر بىلگەن ئالىملىرىدىن سورايتتى، بۇنىڭدا ھېچكىم دەتالاش قىلمايتتى.

 

 

 


[1] بەقەرە، 38.

[2] ئەھزاب، 36-ئايەت.

[3] مائىدە، 44.

[4] مائىدە، 49-50.

[5] نەھل، 89.

[6] نەھل، 90.

[7] مائىدە، 2.

[8] ھەج، 78.

[9] بەقەرە، 286.

[10] بەقەرە، 173.

[11] مائىدە، 1.

[12] ئەنئام، 164.

[13] نەھل، 43.

[14] تەۋبە، 122.

[15] بەقەرە، 183.

[16] ئىسرا، 33.

[17] نىسا، 10.

[18] نۇر، 2.

[19] بەقەرە، 228.

[20] نىسا، 59.

[21] نەھل، 43.