مۇھەممەد قۇربان داموللاھاجىم

مۇھەممەد قۇربان داموللاھاجىم
مەرھۇم مۇھەممەد قۇربان داموللاھاجىم، 1980-يىللىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئون بىرىنچى ئەسىردە ئۆتكەن تىلشۇناس ھەم دىنىي ئالىمى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق نادىر ئەسىرىنى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشرگە تەييارلاش خىزمىتىگە تەكلىپ قىلىنغان ۋە ئۈرۈمچىگە بېرىپ كۆپچىلىك ئالىملار بىلەن بىرگە بۇ شەرەپلىك خىزمەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە بۈيۈك ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق ئەسىرىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشرگە تەييارلاشقا مۇئەييەن ھەسسە قوشقان.
مۇھەممەد قۇربان داموللاھاجىم 1932-يىلى خوتەن شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ھالالباغ كەنتىدە مۇھەممەد نىياز ئاخۇننىڭ ئوغلى غوجى ئابدۇللاھ ھاجىم ئىسىملىك دىيانەتلىك، ئىلىم سۆيەر كىشىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەرھۇمنىڭ دادىسى غوجى ئابدۇللاھ ھاجىم ھەجگە بېرىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ۋاپات بولۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد قۇربان داموللاھاجىم دادىسىدىن كىچىك قالغان ۋە ئانىسى بىلەن ئاكىسى ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقان. مۇھەممەد قۇربان، قۇرئان كەرىمنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا باشلانغۇچ ئىلىملەرنى مەھەللىسىدىكى ئالتۇنلۇق مەدرىسەسىدە تۇردى مۇھەممەد داموللامنىڭ يېنىدا، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇشلىرىنى خوتەن شەھەر ئىچىدىكى مەدرىسەلەردە ئوقۇغان. ئۇنىڭ ئۇستازى تۇردى مۇھەممەد داموللام ئۇنىڭ زېرەكلىكى، تىرىشچانلىقى ۋە ئوقۇشقا بولغان ھېرىسمەنلىكىدىن ھەيران قالغان ۋە ئۇنى قەشقەرگە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن ھەمدە قەشقەردىكى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ چوڭ تالىپلىرىدىن بىرى بولغان ئۇستازىغا ناھايىتى زېرەك بىر تالىپىنى ئەۋەتمەكچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ بىر پارچە مەكتۇپ يازغان. شۇنداق قىلىپ مۇھەممەد قۇربان قەشقەرگە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئۇ زامانلاردا قەشقەر شەھىرى ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنىڭ سەرخىللىقى بىلەن ئالاھىدە تونۇلغان شەھەر بولۇپ، مۇھەممەد قۇربان داموللاھاجىم قەشقەردىكى خانلىق مەدرىسەدە ئىمىن مەۋلىۋىي داموللامنىڭ ھۇزۇرىدا 8 يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئۇ 1958-يىلى قەشقەردىكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ، يۇرتى خوتەن شەھىرىگە قايتىپ كەلگەن.
شۇ يىلى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ھەر قايسى شەھەرلەردىكى مەسچىت ۋە مەدرىسەلەر تاقالغان، زۇلۇم ھەددىدىن ئاشقان بولۇپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان ئاسمىنىنى قارا بۇلۇتلار قاپلىغان چاغ ئىدى. مۇھەممەد قۇربان داموللاھاجىم شۇ يىلى خوتەندە بىر يازغۇچىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى نامدىكى بىر كىتابنى تېپىپ ئوقۇغان ۋە كۆچۈرۈپ كۆپەيتكەنلىكى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان.
يىغىندا سۆز قىلغان يازغۇچى مۇھەممەد يۈسۈپ ئەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇھەممەد قۇربان داموللاھاجىم 1958-يىلى خوتەندە تۈرمىگە تاشلىنىپ، 1965-1966يىللار ئارىسىدا قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ تۈرمە ھاياتى جەريانىدا بىر تەرەپتىن تىل ئۆگەنسە، بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇش بىناكارلىق كەسپىنى ئوقۇغان بولۇپ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن خوتەن ۋىلايەتلىك قۇرۇلۇش بىناكارلىق ئىدارىسىدە بىناكارلىق خەرىتە سىزىش ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلىگەن.
1979-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە بىر ئاز ياخشىلىنىش بولۇپ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى سىياسىي بوران-چاپقۇنلاردىن ئامان قالغان ياكى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن بىر قىسىم ئالىم-ئۆلىمالار، مۇدەررىس-ئۇستازلار، ۋەزخان-دەۋەتچىلەر قايتىدىن دىنىي خىزمەتلەرنى جانلاندۇرۇشقا باشلىدى. كىشىلەر دىنى پائالىيەتلەردە نىسبەتەن ئەركىنلىككە ئېرىشتى.
ئابدۇلئەھەد ھافىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇھەممەد قۇربان داموللاھاجىم ۋەزىيەتنىڭ نىسپىي كەڭچىلىكىدىن پايدىلىنىپ، 1979-يىلىدىن باشلاپ دىنى دەۋەت ۋە تەشۋىق قىلىشنى باشلىغان. 1980-يىلى خوتەن شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جامە سېلىش ئۈچۈن باشتا ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ زېمىن سېتىۋالغان ۋە ئىئانە يىغىش ئارقىلىق ئۆزى باش بولۇپ «نۇرلۇق» جامەسىنى سالدۇرغان.
مۇھەممەد يۈسۈپ ئەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇھەممەد قۇربان داموللام قۇرۇلۇش خەرىتىلىرىنى سىزىشقا ماھىر بولۇپ، ئادەتتىكى ئۆينىڭ خەرىتىسى تۈگۈل، بىنا-ئىمارەتلەرنىڭ خەرىتىسىنىمۇ سىزالايتتى ۋە بۇ ئارقىلىق يۇقىرى كىرىم يارىتالايتتى. ئۇ خوتەن ۋىلايەتلىك قۇرۇلۇش بىناكارلىق ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىشتىن سىرت يەنە قوشۇمچە بىناكارلىق خەرىتە سىزىش ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ قوشۇمچە ئىگىلىك تىكلىگەن ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەدرىسە ئېچىپ، ياشلارغا دىنىي تەلىم-تەربىيە ۋە ئەخلاق دەرسلىرى بەرگەن. ئۇ بىناكارلىق خەرىتە سىزىشتىن كىرگەن كىرىم پۇللارنى خوتەن شەھىرىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېچىلغان مەدرىسەلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئۇستازلارغا ئايلىق مائاش بەرگەن، بۇ ئىش 10 يىل داۋاملاشقان. ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتى 1990-يىلغىچە داۋام قىلغاندىن كېيىن چەكلىمىگە ئۇچرىغان.
ئۇ كۈندۈزلىرى ئىدارىسىدە خىزمەت قىلسا ئاخشام ۋە كېچىلىرى 200-300 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىغا دەرس ئۆگىتىش بىلەن شۇغۇللانغان.
ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ھافىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇھەممەد قۇربان داموللامنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇ جۈمە نامىزىدا ئوقۇلىدىغان خۇتبىنى ئەرەبچە ئوقۇماستىن ساپ ئۇيغۇر تىلىدا چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلىگەن. 30 يىللىق كوممۇنىست ئاسارىتىدە ۋەز-نەسىھەتكە تەشنا بولغان ئۇيغۇر خەلقى ئۇنىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن خوتەننىڭ يىراق-يېقىن يېزىلىرىدىن، ھەتتا قاراقاش، يورۇڭقاش، لوپ، ناھىيەلىرىدىن كەلگەن جامائەتلەر مەسچىتكە سىغىشماي قالغان، بەزىدە يوللار توسۇلۇپ قالغان. مۇھەممەد قۇربان داموللاھاجىمنىڭ ئەينى زاماندا جۈمە خۇتبىسىدە سۆزلىگەن ۋەز-نەسىھەتلىرى ئېلىنغان ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى كەڭ تارقالغان. ئۇنىڭ قايىل قىلارلىق جەلپكار نەسىھەتلىرى بىلەن شەھەردىكى ناچار ئادەملەرمۇ بىر-بىرلەپ ياخشىلىنىپ، ئەخلاقلىق، ئاكتىپ، ئىلغار جامائەتكە ئايلانغان.
ئابدۇلئەھەد ھافىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرلۇق مەسچىتى ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىلىم مەرىپەت باغچىسىغا ئايلانغان. مۇھەممەد قۇربان داموللاھاجىم ئۇ مەسچىتتە بىر تەرەپتىن ۋەز-نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق جامائەتلەرنىڭ قەلبىگە ئىلىم نۇرى چاچسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەسچىتنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان يۈزگە يېقىن تالىپ ۋە كېلىپ-كېتىپ ئوقۇيدىغان نۇرغۇن تالىپلارغا ئىزچىل دەرس ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئىلىم نۇرى بېغىشلىغان.
يىغىندا سۆز قىلغان تەتقىقاتچى دىنى ئۆلىما ئابدۇلئەھەد ھافىز، مەرھۇم مۇھەممەد قۇربان داموللام توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇھەممەد قۇربان داموللاھاجىم ئىنتايىن ئاق كۆڭۈل، ساپ نىيەتلىك ئالىم ئىدى، يۈز ئابرۇي، نام-شۆھرەت قوغلاشمايتتى، ئەزىزانە خەلقىنى جاھالەت پاتقىقىدىن ۋە مۇتەئەسسىپلىك سىرتمىقىدىن قۇتقۇزۇپ، ساغلام ئەقىدىلىك، يۇقىرى ئاڭ ساپالىق، ئىلغار مەدەنىيەتلىك، تەرەققىيپەرۋەر مۇسۇلمانلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۇنىڭ بىردىنبىر نىشانى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بۇ يولدا ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى سەرپ قىلدى، ۋاقتىنى ۋە ھاياتىنى بېغىشلىدى، يۈز-ئابرۇي ۋە نام-شۆھرەتنىڭ كەينىدىن قوغلاشمىدى» .
مۇھەممەد قۇربان داموللاھاجىمنىڭ بىر ئوغۇل، ئىككى قىزى بولۇپ، ئابدۇلھەكىم ئىسىملىك ئوغلى تۈرمىگە قامىلىپ 2019-يىلى خىتاي تۈرمىسىدە ۋاپات بولغان.
سىراجىددىن ئەزىزى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇھەممەد قۇربان داموللاھاجىم ئۇنىڭ دادىسىنىڭ يېقىن دوستى ھەم قوشنىسى بولۇپ، سىراجىددىن ئەزىزى ئەپەندى مەرھۇمنىڭ ئابدۇلھەكىم ئىسىملىك ئوغلى بىلەن بىللە ئوقۇغانلىقىنى، كېيىن خىتاي تۈرمىسىگە قامىلىپ 15 يىل يېتىپ چىققاندىن كېيىن قايتا تۇتقۇن قىلىپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ۋە 2019-يىلى 6-ئايدا تۈرمىدە شېھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
يازغۇچى مۇھەممەد يۈسۈپ ئەر، مەرھۇم دىنى ئالىم مۇھەممەد قۇربان داموللاھاجىمنىڭ 1932-يىلى تۇغۇلۇپ 1995-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە «ۋەتەندىكى ئۆلىمالارنىڭ پىداكارلىقىنى دۇنيانىڭ ھېچ قانداق يېرىدە كۆرمىدۇق، ئەرەبلەردىمۇ، تۈركلەردىمۇ بۇنداق پىداكارلارنى كۆرمىدۇق، ئەمما بىزدە مۇشۇنداق جەۋھەرلەر بار ئىكەن» دېدى.
سىراجددىن ئەزىزى ئەپەندى مەرھۇم دىنى ئالىم مۇھەممەد قۇربان داموللاھاجىم توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «داموللاھاجىم شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆلىمالارنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە ئورنى بولغان، ئالاھىدە خىزمەت قىلغان بىر زات، شۇڭا بىز ئۈچۈن بۇنداق شەخسلەرنىڭ ھاياتىنى دەرس قىلىپ ئۆگىنىشىمىز، ئۇنى ئەسلىشىمىز، ئۇنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلىشىمىز مۇھىم. ئۇ ھەقىقەتەن ئىلىم جەھەتتىن بولسۇن، ئىجتىمائىي تەسىرى جەھەتتىن بولسۇن، ئەخلاق ۋە ئىبادەت جەھەتتە بولسۇن بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئۆرنەك بىر شەخستۇر. ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئۈلگە ئېلىشىمىز لازىم».



