ماقالىلار

قۇربانلىق شۈكۈر ۋە ساداقەتنىڭ نىشانىسى

2026-05-20
A-
A+

قۇربانلىق شۈكۈر ۋە ساداقەتنىڭ نىشانىسى

بسم الله الرحمن الرحيم

 

إنَّ الْحَمْدَ لِلهِ نَحْمَدُهُ وَنَسْتَعِينُهُ وَنَسْتَغْفِرُهُ، وَنَعُوذُ بِاللهِ مِنْ شُرُورِ أَنْفُسِنَا وَمِنْ سَيِّئَاتِ أَعْمَالِنَا، مَنْ يَهْدِهِ اللهُ فَلاَ مُضِلَّ لَهُ، وَمَنْ يُضْلِلْ فَلاَ هَادِىَ لَهُ، وَأَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ.

 أوصيكم عباد الله، ونفسي أولاً بتقوى الله،

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِ وَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنْتُمْ مُسْلِمُونَ
 

أَمَّا بَعْدُ: فَإِنَّ خَيْرَ الْحَدِيثِ كِتَابُ اللهِ، وَخَيْرَ الْهَدْيِ هَدْيُ مُحَمَّدٍ صلى الله عليه وآله وسلم، وَشَرَّ الأُمُورِ مُحْدَثَاتُهَا، وَكُلَّ مُحْدَثَةٍ بِدْعَةٌ، وَكُلَّ بِدْعَةٍ ضَلاَلَةٌ، وَكُلَّ ضَلاَلَةٍ فِى النَّار.

بىزنى بۇ ئۇلۇغ كۈنلەرگە ساق-سالامەت يەتكۈزگەن رەببىمىز ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدۇسانا ئېيتىمىز. يول باشچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سانسىز دۇرۇد سالام يوللايمىز. 

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!

ئاشكارا- مەخپى بارلىق ئەھۋاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!

ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ۋە پەزلى كەرىمى بىلەن يىلنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ پەزىلەتلىك كۈنلىرىدە تۇرۇۋاتىمىز. ئىسلامنىڭ شىئارى، بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە قېرىنداشلىقنىڭ نىشانىسى بولغان قۇربانلىق ئىبادىتىنى ئادا قىلىدىغان قۇربان ھېيت ئايىمىگە يېقىنلاشتۇق. ئاللاھ نېسىپ قىلسا ئالدىمىزدىكى چارشەنبە كۈنى قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى يەنى قۇربانلىق قىلىدىغان كۈنى بولىدۇ.

قۇربانلىق قىلىش − بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى ھوشى جايىدا بولغان ۋە ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن ئېشىپ 85 گىرام ئالتۇن كەلگۈدەك ئىقتىسادقا ئىگە بولغان ئەر-ئايال ھەربىر مۇسۇلمانغا ۋاجىبتۇر. ئاللاھ تائالا قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَٱنْحَرْ﴾ «سەن رەببىڭ (نىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش) ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن.» - (سۈرە كەۋسەر، 2 - ئايەت). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم بالىسىنىڭ قۇربان ھېيت كۈنى قىلغان ئەمەللىرى ئىچىدە، ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈك بولغان ئەمەل قۇربانلىق قېنىنى ئېقىتىشتۇر. قۇربانلىق قىلىنغان مال قىيامەت كۈنى مۈڭگۈزلىرى، يۇڭلىرى ۋە تۇياقلىرى بىلەن كېلىدۇ. ئېقىتىلغان قان تېخى يەرگە چۈشۈپ بولمايلا، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۆز ئورنىنى تاپىدۇ (قوبۇل بولىدۇ). شۇنداق ئىكەن، قۇربانلىقنى چىن دىلىڭلاردىن خۇشاللىق بىلەن قىلىڭلار» (ئىمام تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى).

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!

قۇربانلىق قىلىش بىر مالنى كېسىش ۋە ئۇنىڭ گۆشىدىن پايدىلىنىشتىنلا ئىبارەت ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ چوڭقۇر مەنە ۋە ھېكمەتلىرى بار.

قۇربانلىق قىلىش − ئاللاھ تائالانىڭ بەرگەن سانسىز نېمەتلىرىگە، جۈملىدىن ھىدايەت نېمىتىگە ۋە بىر يىلدىن يەنە بىر يىلغا ساق - سالامەت يېتىپ كېلىش (ھاياتلىق) نېمىتىگە شۈكرىمىزنىڭ ئىپادىسىدۇر.

قۇربانلىق قىلىش − ئاللاھ تائالاغا بولغان سەمىمىي مۇھەببىتىمىزنىڭ بارلىق مۇھەببەتتىن ئۈستۈن بولغانلىقىنىڭ ئېلانىدۇر.

قۇرنلىق قىلىش − ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ھېچنەرسىگە تەڭ قىلمايدىغانلىقىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىدۇر.

قۇربانلىق قىلىش − ئاللاھنىڭ ئەمرى _ پەرمانلىرىغا ئەستايىدىللىق بىلەن تەسلىم بولۇشتۇر.

قۇربانلىق قىلىش − نەپسىمىزنى بېخىللىقتىن، دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق لەززىتىگە بېرىلىپ كېتىشتىن ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا توسالغۇ بولىدىغان گۇناھلاردىن پاكلاشتۇر.

قىسقىسى قۇربانلىق قىلىش − مېلىمىزنى، جېنىمىزنى ۋە ئىلكىمىزدىكى ھەممە نەرسىمىزنى ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھنىڭ يولىدا چىن كۆڭلىمىزدىن پىدا قىلالايدىغانلىقىمىزنىڭ سىمۋولىدۇر.

قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈش − پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىر يەرگە كېلىپ، خۇشاللىقىمىزنى ئورتاقلىشىشتۇر. رەھىم -شەپقەت ۋە مۇھەببەتنى ئۆيىمىزدىن باشلاپ، مەھەللىمىزگە، شەھىرىمىزگە ۋە پۈتكۈل دۇنياغا ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشتۇر.

قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈش – يېتىم _ يېسىر، تۇل خوتۇن، ئىگە _ چاقىسىز يوقسۇللارنىڭ يۈزىنى كۈلدۈرۈشتۇر. پېقىر، مۇھتاجلارنىڭ ئۆيلىرىگە خۇشاللىق ۋە مۇھەببەت كىرگۈزۈش، ئۇلارنى خۇشال قىلىش ئارقىلىق خۇشال بولۇش ۋە خۇشاللىقتىن ھەممە تەڭ بەھرىمەن بولۇشتۇر.

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!

ئىبادەتلەر ئاللاھ بۇيرۇغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن بويىچە ئادا قىلىنىدۇ. قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن يارايدىغان ماللار قوي، ئۆچكە، كالا ۋە تۆگىدۇر. قوي بىلەن ئۆچكە بىر كىشى ئۈچۈن بولىدۇ. كالا بىلەن تۆگە يەتتە كىشى ئۈچۈن كۇپايە قىلىدۇ. بۇنىڭ شەرتى يەتتە كىشىنىڭ ھەممىسى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئورتاق بولۇشى كېرەك. ئائىلە باشلىقى بولغان كىشىنىڭ قىلغان قۇربانلىقى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن كۇپايە قىلىدۇ.

قۇربانلىق قىلىنىدىغان مالنىڭ گۆشىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ياكى ئۇنى يېگۈچىلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئېغىر نۇقسان - ئەيىبلەردىن خالىي ۋە ساغلام بولۇشى لازىم. شۇڭا، كېسىلى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغان، بىر كۆزى كور، ئاقساق، زىيادە ئورۇق ۋە قوتۇر بولغان ماللارنى قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن مالنىڭ سېمىز، چىرايلىق ۋە يوغان بولغىنىنى تاللاش مۇستەھەبتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۈڭگۈزلۈك ئاق قوچقارنى قۇربانلىق قىلاتتى.

قۇربانلىقنى سويۇش ۋاقتى قۇربان ھېيت نامىزىدىن كېيىن باشلىنىپ، ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى كۈن پاتقۇچە داۋاملىشىدۇ. ئەلۋەتتە، قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ۋاقتى − ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى، ھېيت نامىزىدىن كېيىن تاكى چۈش ۋاقتى بولغۇچە بولغان ئارىلىقتۇر.

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!

ئەسلىدە ھەر كىشى تۇرغان يېرىدە ئۆزىنىڭ قۇربانلىق مېلىنى ئۆزى سويۇشى لازىم. قۇربانلىقنى سويغاندا قىبلىگە يۈزلىنىشى ھەمدە سويۇۋاتقاندا: «بىسمىللاھى ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھىم! بۇ سېنىڭ ئىنئامىڭدۇر ۋە يەنە سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن سويىمەن. ئاللاھىم! بۇنى مەندىن ۋە ئائىلەمدىكىلەردىن قوبۇل قىلغىن» دەيدۇ.

قۇربانلىق قىلغۇچى مالنى ئۆزى سويالمىسا، باشقا بىرىنىڭ سويۇپ بېرىشىگە ۋەكىل قىلسىمۇ بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا قۇربانلىق سويۇلۇۋاتقاندا ئۆزىنىڭمۇ ھازىر بولۇشى مۇستەھەبتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا مۇنداق دېگەن: «ئەي فاتىمە! تۇرۇپ قۇربانلىقىڭىزنىڭ يېنىغا بېرىڭ ۋە ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇڭ. چۈنكى ئۇنىڭ قېنىدىن تامچىغان تۇنجى تامچە بىلەن سىزنىڭ ئۆتكەن بارلىق گۇناھلىرىڭىز مەغپىرەت قىلىنىدۇ». فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بۇ پەقەت بىز ئەھلى بەيتكىلا خاسمۇ ياكى بىزگە ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئورتاقمۇ؟» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياق، بەلكى بىزگە ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئورتاقتۇر»، دەپ جاۋاب بەرگەن. (مۇنزىرى ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان).

لېكىن قۇربانلىقنى سويۇپ بەرگەن كىشىنىڭ ھەققىگە قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىدىن بەرسە بولمايدۇ. ئۇنىڭ ھەققىگە پۇل يا باشقا نەرسە بېرىش كېرەك. شۇنىڭدەك ئۆز يۇرتىدا ياكى باشقا يۇرتلاردا ۋەكالەت ئارقىلىق قۇربانلىق قىلدۇرسا بولىدۇ.

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!

قۇربانلىق گۆشىنى ئۈچكە بۆلۈش مۇستەھەب (تەۋسىيە) قىلىنىدۇ: ئۈچتىن بىرىنى ئۆزى ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى يەيدۇ؛ ئۈچتىن بىرىنى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھېيتلاپ كەلگەن قېرىنداش، ئۇرۇق - توغقانلىرىغا، دوستلىرىغا ۋە خوشنىلىرىغا يېگۈزىدۇ؛ قالغان ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىنى بولسا پېقىر - مىسكىنلەرگە ۋە موھتاج مۇسۇلمانلارغا سەدىقە قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «قۇربانلىق تۆگىلىرىنىمۇ سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن كۆپ مەنپەئەتلەر بار، ئۇلارنى تۇرغۇزۇپ بوغۇزلىغىنىڭلاردا (بىسمىللاھ دەپ) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاڭلار، ئۇلارنىڭ جېنى چىققاندا، ئۇلاردىن يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە ئىھتىياجىنى بايان قىلغانلارغا بېرىڭلار، ئۇ تۆگىلەرنى سىلەرگە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شۈكرى قىلغايسىلەر. ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى ھەرگىزمۇ ئاللاھقا يېتىپ بارمايدۇ، ئاللاھقا يېتىپ بارىدىغىنى پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلاردۇر. ئاللاھنىڭ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا (تەكبىر ئېيتىپ) ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. (ئى پەيغەمبەر! تائەت _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن.» - (سۈرە ھەج، 36- 37 - ئايەتلەر).

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!

ئالدىمىزدىكى سەيشەنبە ئەرەفات كۈنى بولىدۇ. كۈنلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى ۋە ئەڭ شەرەپلىكى ئەرەفات كۈنىدۇر. بۇ كۈندە ھەجگە بارغان مۇسۇلمانلار ئەرەپات مەيدانىدا توپلىشىپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئاللاھقا زىكىر ـ تەسبىھلەرنى كۆپ ئېيتىش ۋە كۆپ دۇئا بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەڭ ياخشى دۇئا ئەرەفات كۈنى قىلىنغان دۇئادۇر. مەن ۋە مېنىڭدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئېيتقان زىكىرلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى  )لاَ إِلٰهَ إِلاَّ اللّهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ: لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ( ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوق، ئاللاھ يالغۇزدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇسانا ئۇنىڭغا خاستۇر. ئۇ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر› دېگەن تەۋھىد كەلىمىسىدۇر».

ھەجگە بارالمىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇش ناھايىتى كاتتا ساۋابلىق ئەمەلدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە سورالغىنىدا، «بۇ كۈندە روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ۋە كېلىدىغان بىر يىللىق گۇناھلىرىنى ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېگەن.

ئاللاھ تائالا بۇ ئۇلۇغ كۈنلەرنى تائەت - ئىبادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزگىلى نېسىپ قىلسۇن.

أَلاَ إِنَّ أَحْسَنَ الْكَلاَمِ وَ أَبْلَغَ النِّظاَمِ • كَلاَمُ الله ِالْمَلِكِ الْعَزِيزِ الْعَلاَّمِ. كَماَ قَالَ الله ُتَباَرَكَ وَ تَعاَلَى فِي الْكَلاَمِ • وَ إِذاَ قُرِئَ الْقُرْآنُ فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَ أَنْصِتُوا لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ • أَعُوذُ بِاللهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ ... بِسْمِ اللهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ ... إِنَّ الدِّينَ عِنْدَ الله ِاْلإِسْلاَمُ ... صَدَقَ الله ُالْعَظِيمُ

وقال عليه الصلاة والسلام: "التائب من الذنب كمن لا ذنب له" أستغفر الله العظيم وأتوب إليه، وأسال الله لي ولكم التوفيق

 

 

ئىككىنچى خۇتبە

 

 اَلْحَمْدُ لِلّٰهِ حَمْدَ الْكَامِلِينَ وَالصَّلاَةُ وَالسَّلاَمُ عَلٰى رَسُولِنَا مُحَمَّدٍنِ اْلْأَمِينِ وَ عَلٰى اٰلِهِ وَأَصْحَابِهِ أَجْمَعِينَ تَعْظِيمًا لِنَبِيِّهِ وَتَكْرِيمًا لِفَخَامَةِ شَانِ شَرَفِ صَفِيِّهِ

فَقَالَ عَزَّ وَجَلَّ مِنْ قَائِلٍ مُخْبِرًا وَ اٰمِرًا ﴿اِنَّ اللّٰهَ وَمَلَائِكَتَهُ يُصَلُّونَ عَلَى النَّبِيِّ يَا اَيُّهَا الَّذِينَ اٰمَنُوا صَلُّوا عَلَيْهِ وَسَلِّمُوا تَسْلِيمًا

اَللّٰهُمَّ صَلِّ عَلٰى مُحَمَّدٍ وَعَلٰى اٰلِ مُحَمَّدٍ كَمَا صَلَّيْتَ عَلٰى اِبْرَاهِيمَ وَعَلٰى اٰلِ اِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ. اَللّٰهُمَّ بَارِكْ عَلٰى مُحَمَّدٍ وَعَلٰى اٰلِ مُحَمَّدٍ كَمَا بَارَكْتَ عَلٰى اِبْرَاهيمَ وَعَلٰى اٰلِ اِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ

ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بىزنى بۇ ئۇلۇغ كۈنلەردە ئۆزلىرىگە لايىق تائەت-ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىۋېىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسىلا. قىلغان تائەت-ئىبادەتلىرىمىزنى، قۇربانلىقلىرىمىزنى ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل قىلسىلا. بىزنى قۇربان ھېيتنى ساق-سالامەت، خۇشال-خورام ئۆتكۈزگىلى نېسىپ قىلسىلا.

بىزنى دىنىمىزغا تولۇق ئەمەل قىلىدىغان، گۈزەل ئەخلاقلىق كىشىلەردىن قىلسىلا. بىزنى ھالال يول بىلەن تۇرمۇشىمىزنى قامدىغىلى نېسىپ قىلسىلا. ھارام يەپ سېلىشتىن، يامان ئىشلاردىن، ناچار قىلىقلاردىن ۋە ھەر تۈرلۈك گۇناھلاردىن ساقلىسىلا. ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بۇ دۇنيادىن ئۆتۈپ كەتكەن ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، قەۋم-قېرىنداشلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىپ، جايىنى جەننەتتە قىلسىلا. ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بالاچاقىلىرىمىزغا ئىنساپ، تەۋپىق، ھىدايەت، شەرمى ھايا ۋە گۈزەل ئەخلاق ئاتا قىلسىلا. ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى مەزلۇم خەلقىمىزنى زالىم خىتايلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتقۇزسىلا. ۋەتىنىمىزنى ئازات قىلىپ، سىلىنىڭ سۆزلىرىنى ئۈستۈن قىلىش، دىنلىرىنى ھاكىم قىلىش ئۈچۈن، بىزگە ياردەم، نۈسرەت ئاتا قىلسىلا. ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلسىلا، كۇپرىنى ۋە كاپىرلارنى خار قىلسىلا، زالىملارنى ھالاك قىلسىلا. مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى زالىملارنىڭ زۇلمىدىن قۇتقازسىلا. ئامىين يا رەببەلئالەمىين.

اَللَّهُمَّ اغْفِرْ لِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَالْمُسْلِمِينَ وَالْمُسْلِمَاتِ اَلْأَحْيَاءِ مِنْهُمْ وَالْأمْوَاتِ بِرَحْمَتِكَ يَا أَرْحَمَ الرَّاحِمِينَ وَسَلَامٌ عَلَى الْمُرْسَلِينَ وَالْحَمْدُ للّٰهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ

اِنَّ اللّٰهَ يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ وَالْاِحْسَانِ وَاِيتَائِ ذِي الْقُرْبٰى وَيَنْهٰى عَنِ الْفَحْشٓاءِ وَالْمُنْكَرِ وَالْبَغْيِ يَعِظُكُمْ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ