خەۋەرلەر

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەلەپ قىلدى

2020-09-17
A-
A+

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەلەپ قىلدى

خىتاي تاراتقۇلىرى دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا-خىتاي سىنلىق يىغىنىدا ئىككى تەرەپنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ كېلىشىمى ھەققىدە ئورتاق قاراش ھاھىل قىلغانلىقىنى، بۇ يىل يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن كېلىشىم تۈزۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ چوقۇم بازار رىقابىتىدە ئادىل بولۇشىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا بەرگەن پۇرسەتلەرنى خىتاينىڭمۇ ياۋروپاغا بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. 

14- سىنتەبىر، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل، ياۋروپا كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسدا ئۆتكۈزۈلگەن سىنلىق يىغىندا، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش يىغىننىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىدىن بىرى ئىدى. گەرچە خىتاي شىنخۇا تورى خىتاي ۋە ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ «خىتاي-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ سۆھبىتىنى تېزلىتىپ، بۇ يىل ئىچىدە سۆھبەتنى تاماملاش نىشانىغا يېتىشنى قارر قىلغانلىقىنى» خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى رىقابەتتە ئادىل بولۇشنى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى قىيىن بولغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەكىتلىدى. 

خىتاي بىلەن ئۆز-ئارا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى مۇزاكىرە قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى خىتايدىن ياۋروپانىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە تەمىنلىگەن پۇرسەتلىرىنى خىتاينىڭمۇ ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. يىغىندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋون دېر لېيېن مۇنداق دېدى: «يىل ئاخىرىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىلگىرىلەشلەرگە موھتاج. بىز خىتاي بازىرىغا كىرىش ۋە توسالغۇلارنى يېڭىشتەك پاكىتنى ئەستايىدىللىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز. خىتاي بىزنى كېلىشىم ئىمزالاشقا ئەرزىيدىغانلىقىغا قايىل قىلىشى كېرەك». ۋون دېر لېيېن خىتاينىڭ تېلېگراف ۋە ماشىنا ساھەسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تېخىمۇ ئېچىۋېتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە «ياۋروپا بازىرى خىتاي شىركەتلىرىگە ئېچىۋېتىلدى، شۇڭا ياۋروپا شىركەتلىرىمۇ خىتاي بازىرىدا ئوخشاش مۇئامىلىگە ئېرىشىشى كېرەك» دېدى. 

ھازىرغا قەدەر، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى 6 يىلدىن كۆپرەك سۆھبەتلەشتى. ياۋروپا ئىتتىپاقى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، خىتاي بازارغا كىرىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق مەسىلىلەردە تېخىمۇ كۆپ يول قويۇشى ھەمدە بۇنى سودا كېلىشىمى توغرىسىدا داۋاملىق سۆھبەتلىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىشى كېرەك.

ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «ياۋروپا تەرەپ يىغىن جەريانىدا شى جىنپىڭغا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ داۋاملىق پايدىلىنىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقى رىقابەتچىگە ئايلىنىشى كېرەك، ئەكىسچە باشقىلارنىڭ رىقابەت مەيدانى ئەمەس، بىز تېخىمۇ ئادىل سودا مۇناسىۋىتىنى تەلەپ قىلىمىز، بىز تېخىمۇ تەڭپۇڭ بولغان ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە موھتاج، بۇ باراۋەر پرىنسىپتىن دېرەك بېرىدۇ».

يىغىندا يەنە، ياۋروپا رەھبەلىرى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى - خوڭكوڭ، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتگە بولغان ئەندشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

بېرلىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر، خوڭكوڭ ۋە تىبەت سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭ ۋە تىبەت رايونلىرىغا قاراتقان زۇلۇم سىياسىتىگە نارازلىق بىلدۈردى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېل ۋە ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ۋون دې لېئون بىلەن خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سىن يىغىنى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، پائالىيەتچىلەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بېرلىندىكى باش مىنىستىر مەھكىمىسى ئالدىدا يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭ ۋە تىبەتتە زۇلۇم ۋە رەھىمسىز سىياسەتلەرنى يولغا قويغانلىقىنى تەنقىد قىلدى ھەمدە ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناس ۋە پائالىيەتچى ئىلھام تۇختىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم سىياسىتىنىڭ باياناتچىسى مارگارېت بوۋز يېقىندىن بۇيان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتاي-ياۋروپا سۆھبىتىدىكى مۇھىم مەسىلە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

http://turkistantimes.com/uy/news-13546.html

باشقا خەۋەرلەر
ھەممىسى
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيارمۇ قاتناشقان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئۇ خىتاينىڭ شەرقى

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
سۈرىيەدە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ھەمشىرىلەر ھەققىدە شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باياناتى
سۈرىيەدە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ھەمشىرىلەر ھەققىدە شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باياناتى

شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى چەتئەلدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆلىمالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ تىلى، ئۈمىدى ۋە يېتەكچىسىدۇر. ئۆلىمالار بىرلىكى مىللىتىمىزگە توغرا يول كۆرسىتىش، مەسلىھەت بېرىش، خاتا ئېقىملاردىن

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامدىكى ھالال-ھارامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش  ۋە توڭگۇز گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاش جىنايەتلىرىگە قارشى بايانات
شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامدىكى ھالال-ھارامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە توڭگۇز گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاش جىنايەتلىرىگە قارشى بايانات

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى يەنىمۇ ۋەھشىيلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھالال يېمەك-ئىچمەكنى چەكلەش سىياسىتى يولغا قويغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنى كەسكىن ھارام قىلغان توڭگۇز گۆشىنى يېيىشكە مەجبۇرلىغانلىقى دۇنيا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارقىلىشقا باش

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى  ئەھمەد تاشگېتىرەننى زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەھمەد تاشگېتىرەننى زىيارەت قىلدى.

ئەھمەد تاشگېتىرەن ئەپەندىم ئۆزىنىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا مەرھۇم ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بىرگە بۇ دەۋاغا خىزمەت قىلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭمۇ ئىسلام تۇپراقلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكە

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى مىيۇنخىندا ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچراشتى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى مىيۇنخىندا ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچراشتى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى 2018-يىلى 09-ئاينىڭ 15-كۈنى، مىيۇنخىندا ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالائۇددىن ۋە مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەرجان ئېمىن قاتارلىق مەسئۇللارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، مېيۇنخىندىكى ئۇيغۇر جامائەتلىر

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

2018-يىلى 09-ئاينىڭ 13-كۈنى جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى شەيخ نۇرىددىن ئەلفەرجانىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت جەريانىدا ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار ئۆلىمالار بىرلىكىنى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىن

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى جەنۋەدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى  بىلەن   ئۈچراشتى .
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى جەنۋەدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بىلەن ئۈچراشتى .

ياۋرۇپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە جەنۋە شەھرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۈچراشتى.

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنى زىيارەت قىلدى .
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنى زىيارەت قىلدى .

2018-يىلى 09 -ئاينىڭ 11-كۈنى، دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشق

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى .
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى .

ھازىر ياۋروپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت، 2018-يىلى9-ئاينىڭ 10-كۈنى، گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت پىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت پىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

دوكتۇر ئاتائۇللاھ شەھيار ۋەتەن ئىچىدە يۈز بىرىۋاتقان ئېغىر زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەش بىلەن بىرگە، مىللى ۋە دىنىي مە

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
قۇربان ھېيت تەبرىكنامىسى
قۇربان ھېيت تەبرىكنامىسى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنىڭ خەلقىمىز بېشىدىن كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ماركۇ رۇبىئو: خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارشى ھەرىكىتى
ماركۇ رۇبىئو: خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارشى ھەرىكىتى

تىلەك :<<ئۇيغۇر -ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى -نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار قىلالايدىغان بىردىنبىر ئۇرۇش،ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە خىتتاي ھاكىمىيتى ئۈستىدىن يېڭەلەيدىغان بىردىنبر ئۇرۇش .بۇ ئۇرۇش ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ،بىر نەچچە چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناس ،مۇخبىرلار،سياسئونلارنى

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
مۇبارەك رامىزان تەبرىكنامىسى
مۇبارەك رامىزان تەبرىكنامىسى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلار نىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنىڭ خەلقىمىز بېشىدىن كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن چەتئەللەردىكى بارلىق شەرقىي تۈركىس

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمىنى (ناھىيە باشلىقى) زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمىنى (ناھىيە باشلىقى) زىيارەت قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار، باش كاتىپ دوكتۇر ئابدۇلۋارىس خوتەن، باش كاتىپ ۋەكىلى ئابدۇلئەھەد ئۇجات ۋە ئۇستاز نىزامىددىن تەمكىنى قاتارلىق بىر ھەيئەت ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ھارۇن قايانىي زىيار

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئالىمى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ھەققىدە بايانات
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئالىمى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ھەققىدە بايانات

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىنى تىزدىن قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دۆلەتلىرى، دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تە

داۋامى ئۇچۇن چىقىش