ئۇستاز تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن

0000-00-00
A-
A+

   شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ۋە ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ئۇستاز تۇرغۇنجان ئالاۋىددىن 1966-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1973-يىلىدىن 1983 -يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1983-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە شاياردىكى يەر ئاستى دىنى مەكتەپلەردە دىنى تەلىم-تەربىيە ئالىدۇ.

   ئۇستاز تۇرغۇنجان  1985-يىلدىن 1987-يىلغىچە قەدەر قىسقىغىنا ئىككى يىل ئىچىدە قەشقەردە ئەبەيدۇللاھ داموللام، ئابدۇرىشىت قاراجىملاردا يۇقىرىقى سەۋىيە دىنى تەلىم-تەربىيە ئالغان. 1988-يىلدىن 1989-يىلىغىچە مەككە مۇكەررىمىدە ئابدۇررەقىب قاراجىمدا خۇسۇسىي دەرس ئالغان.

   ئۇستاز تۇرغۇنجان ئالاۋىددىن تېخىمۇ سىستېمىلىق بىلىم ئىگەللەش ئۈچۈن 1989-يىلى مىسىرغا كېلىپ 1999-يىلىغىچە مىسىردا ياشايدۇ ۋە ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتىدا باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. 1999-يىلى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيىگە يەرلىشىدۇ ۋە شۇ يەردىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى يېتەكچىسى سۈپىتىدە دىنى خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئۇستازنىڭ ھازىرغا قەدەر نەچچە ئون پارچە تەرجىمە ئەسەرلىرى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

 ئۇستاز تۇرغۇنجان ئالاۋىددىن ھازىرغا قەدەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېچىلغان ئىسلامى قۇرۇلتايلارغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ كەلمەكتە ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا دىنى رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ.

ئاللاھ تائالادىن ئۇستازنىڭ خىزمەتلىرىگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز.