ماقالىلار

ياخشىلىق قىلىش سىزنىڭ خىسلىتىڭىز بولسۇن

2021-08-06
A-
A+

ياخشىلىق قىلىش سىزنىڭ خىسلىتىڭىز بولسۇن

مۇھەممەد يۈسۈپ

كۇۋېيتتا چىقىدىغان «ئەل مۇجتەمە» ژۇرنىلىنىڭ 2011 _ يىلى25 _ مارت سانىدا «ياخشىلىق ۋە دۇنيانىڭ چايانلىرى» دېگەن تېمىدا مۇنداق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان: «بىر دانىشمەن ئادەم دېڭىز بويىدا ئولتۇرۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ دېڭىزدىكى ۋە ئەتراپتىكى گۈزەل سەنئەتلىرى ۋە چەكسىز قۇدرىتىنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىۋاتاتتى. شۇ ئارىدا بىر چايان ئۆمىلەپ كېلىپ دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىدۇ ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قاتتىق كۈچەيدۇ، ئەمما سۇدىن چىقىشنى بېجىرەلمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى ئادەم چايانغا ئىچ ئاغرىتىدۇ، ئۇنى سۇدىن قۇتقۇزۇشقا بەل باغلايدۇ ۋە قولىنى سوزۇپ چاياننى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن تۇتقىنىدا، ئۇنىڭ قولىنى چېقىۋالىدۇ، ئادەم چاياننى تاشلىۋېتىپ قولىنى تارتىۋالىدۇ. بىرەر مىنۇت ئۆتمەستىن ئادەمنىڭ كۆزى يەنە چايانغا چۈشىدۇ، كۆڭلى يەنە بىردىنلا ئېرىپ كېتىپ ئۇنى قۇتقۇزغۇسى كېلىدۇ_دە، قولىنى چايانغا سوزۇپ ئۇنى تۇتقىنىدا چايان يەنە ئۇنىڭ قولىنى چېقىۋالىدۇ. يەنە ئۇنى تاشلىۋېتىپ قولىنى تارتىۋالىدۇ، بۇ قېتىم قولى بەك ئاغرىيدۇ. ئۈچىنچى قېتىم يەنە چاياننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تەمشەلگىنىدە، يېنىدا ئولتۇرغان بىر ياش ئۇنىڭغا: ‹سىز قانداق ئىبرەت ئالمايدىغان ئادەمسىز؟ ئىككى قېتىم قولىڭىزنى چېقىۋالغان چاياننى يەنە قۇتقۇزىمەن دەپ ئۆزىڭىزگە زىيان يەتكۈزەمسىز؟› دەيدۇ. ئەمما دانىشمەن ئۇنىڭ سۆزىگە پسەنت قىلماي يەنە چايانغا قولىنى سوزىدۇ ۋە ئاخىرى ئۇنى سۇدىن قۇتقۇزۇپ چىقىپ دېڭىز بويىغا قويۇپ بېرىدۇ. ئاندىن ھېلىقى ياشنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: ‹ئەي ئوغلۇم! چاياننىڭ خاراكتېرى چېقىش، مېنىڭ خاراكتېرىم سۆيۈش ۋە ياردەم قىلىش تۇرسا، مەن قانداقمۇ ئۆزۈمنىڭ خاراكتېرىنى چاياننىڭ خاراكتېرىغا بويسۇندۇرىمەن؟› دەيدۇ».

سىز نۇرغۇن كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىپ ئۇلاردىن يامانلىقتىن باشقىنى كۆرمىگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. بۇ ئەھۋال سىزنى ئىنسانلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن توسۇپ قالالامدۇ؟

ياق، ياخشىلىق قىلىش ئېسىللىكنىڭ ئالامىتىدۇر. بىراۋنىڭ پەزىلىتىنى ئېتىراپ قىلىش، ياخشىلىق قىلغۇچىغا رەھمەت ئېيتىش ئادىمىيلىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ، قەلبنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىر-بىرىگە ياخشىلىق قىلىش، قولىدىن كەلگەن ياردەمنى سۇنۇش ۋە ياخشىلىق قىلغۇچىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت _ دوستلۇق ۋە يېقىنلىق  ئاشىدۇ.

ياخشىلىق قىلىشنىڭ چېكى يوق. ياخشىلىق چەكسىز، مىننەتسىز ۋە ئىككىلىنىشسىز قىلىنىدىغان پەزىلەتتۇر.

قانداق قىلغاندا ئۆزىڭىزنى ياخشىلىققا ئادەتلەندۈرەلەيسىز؟

ئىنسان ياخشىلىق قىلىش يولىدا بەزى قىيىنچىلىقلارغا، توسقۇنلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: سىزنىڭ ياخشىلىقىڭىزنى ۋە ياردىمىڭىزنى كۆرگەن ئىنسانلاردىن سىزگە يامانلىق كەلگەندە، ئەگەر سىز كۈچلۈك ئىمانغا، مۇستەھكەم ئىرادىگە ۋە سەۋر-تاقەتكە ئىگە بولمىسىڭىز بىر ئاندىلا ياخشىلىق قىلىشتىن سوۋۇپ كېتىشىڭىز، ھەتتا ۋازكېچىشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى ئىنسانلاردىن ئاش بەرگەن قازاننى چېقىپ تاشلايدىغان تۇزكور، نان بەرگەن قولنى چىشلەيدىغان ئىت مىجەز ئادەملەر ئاز ئەمەس.

تۆۋەندىكىلەر سىزنىڭ ياخشىلىققا داۋام قىلىشىڭىزغا ياردەمچى بولىدۇ:

1. سىزنىڭ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭىزنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى دەپ بىلىشىڭىز لازىم. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەممىگە ياخشىلىق قىلغۇچى ۋە بىزلەرنىمۇ ياخشىلىققا بۇيرىغان زاتتۇر. «ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك سەنمۇ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغىن»( )، «ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى پەقەت ياخشىلىق بولىدۇ»( ). ھەر كىمگە ياخشىلىق قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بولغان ئىكەن، باش ئۈستىگە دەپ بۇ ئەمرنى ئورۇندىشىڭىز سىزنىڭ ئىمانىڭىزنىڭ تەقەززاسىدۇر.

2.ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە ئاتا قىلغان ئاتا-ئىھسانلىرى، نېمەتلىرى ۋە ياخشىلىقلىرى بىلەن سىزنىڭ باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقلىرىڭىزنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ. بۇ ۋاقىتتا سىزگە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قىلىنىۋاتقان ياخشىلىقلارنىڭ قانچىلىك كۆپ ۋە قانچىلىك كاتتا ئىكەنلىكىنى، سىزنىڭ باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقلىرىڭىزنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ياخشىلىقلىرى ئالدىدا ھېچ نەرسە ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا سىزنىڭ باشقىلارغا  قىلغانلىرىڭىزمۇ ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە ھىدايىتى بىلەن بىلەن بولغانلىق ئېتىبارى بىلەن ئاللاھنىڭ ياخشىلىقى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىز.

3. قۇرئان كەرىمدىكى ياخشىلىققا بۇيرۇغان ئايەتلەر بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى ھەدىسلىرىنىڭ مەنىسىنى بىلىپ، تىلىڭىزغا ھەمىشە جارى قىلدۇرۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىزدە سىزنى ھەمىشە ياخشىلىققا ئۈندەپ تۇرىدىغان تۈرتكىنى ھاسىل قىلىسىز. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئى مۇئمىنلەر! نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن رەببىڭلارغا رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار، ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلار»( ) دەپ كۆرسەتكەن.

4. قانداقلا بىر ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى چوڭ بولىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىق. بۇنداق قىلىش ئەلۋەتتە ياخشىلىقنى كۆپ قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا قىلغان ۋەدىلىرىنى ئەسكە ئېلىش ياخشىلىققا تۈرتكە بولىدۇ. «ياخشى ئىش قىلغانلار جەننەتكە ۋە ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە نائىل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى قارىلىق ۋە خارلىق قاپلىمايدۇ (يەنى ئۇلارغا غەم ـ قايغۇ ۋە پەرىشانلىق يۈزلەنمەيدۇ). ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەت بولۇپ، جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر»( ).

بۇ دۇنيادا ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ئاللاھ تائالا ئاخىرەتتە جەننەتنىڭ ئېسىل قەسىرلىرىگە كىرگۈزىدۇ. جەننەت ئەھلى جەننەتتە كۆز كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان ۋە كۆڭۈلگە كەلتۈرۈپ باقمىغان نازۇنېمەتلەر بىلەن نېمەتلىنىدۇ.

دالى كارنېگ بىزگە كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان تۇزكورلۇق مەسىلىسى توغرىلىق مۇنداق بىر قانچە مىسالنى كەلتۈرىدۇ: «سىز بىراۋنىڭ ھاياتىنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرغان بولسىڭىز ئۇنىڭدىن شۇ قىلغىنىڭىز بەدىلىگە رەھمەت سۆزى كۈتەمسىز؟ بەلكى شۇنداق قىلىشڭىز مۇمكىن. لېكىن سەمۇئېل لايبېتز ئاۋۋال ئادۋوكات، كېيىنچە سوتچى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا 78 كىشىنى توك ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغۇزۇپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان بولسىمۇ،  ئۇلاردىن بېرەرسىمۇ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتمىغان. ئېيسا پالەج كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 10 ئادەمنى بىر كۈندىلا ساقايتقان بولسىمۇ، ئۇلاردىن قانچە كىشىنى ئېيساغا رەھمەت ئېيتتى دەيسىز؟ ئارانلا بىر ئادەم. ئەمما باشقىلار شۇنچە ئەرزان رەھمەت سۆزىنىمۇ ئيتماستىن قايتىپ كېتىشكەن ئىدى. چارلىز شەۋاب ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىسقا ئۇچرىغان بىر سەرراپنى تۈرمە جازاسىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان ئىدى. لېكىن سەرراپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتىمۇ؟ ھەئە بىر كۈنى ئۇنىڭغا رەھمەت سۆزىنى ناھايىتى قىيىن دېيەلىدى، ئاندىن ئۇنى ئارقىسىدىن تىللاشقا باشلىدى».

 دالى كارنېگ گويا ئاللاھنىڭ «ئىنسان ھەقىقەتەن رەببىگە قارىتا بەكمۇ تۇزكوردۇر»( ) دېگەن سۆزىنى شەرھلىگەندەك مۇنداق دەيدۇ «تۇزكورلۇق شۇنداق بىر خاراكتېر بولۇپ، ئۇ زېمىنغا ئۈنگەن ئوت _ چۆپلەرگە ئوخشاش بىراۋ ئۇنى تېرىماستىن ئۆزلۈكىدىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسە، ئەمما شۈكۈر پەقەت ئۇنى ياخشى پەرۋىش قىلىش بىلەنلا ئۈنۈپ چىقىدىغان گۈلگە ئوخشايدۇ. ئىنسان خاراكتېرى يەنىلا شۇ  ئەزەلدىنكى ئىنسان خاراكتېرى بولۇپ، ئۇ مەڭگۈگە ئۆزگەرمەيدۇ». ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئۇنى شۇ بۇيىچە قوبۇل قىلىشىمىز، قىلغان ياخشىلىقىمىزنىڭ مۇكاپاتىنى ئاللاھ تائالادىن كۈتىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا يەر يۈزىدە ياخشىلىق داۋاملىشىدۇ ۋە كۆڭلىمىز ئارام تاپىدۇ.