باياناتلار

شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بايانات

0000-00-00
A-
A+

    شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇش ئوغلىنىڭ 16 – ئاپرىل ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش پىلانىنى خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش سايلىمىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىغا، شۇنداقلا ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرى فاتىمە بەتۈل سايان كايا خانىمنىڭ گوللاندىيەدىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن روتتېردام شەھىرىدە ئۇچرىشىشىغا توسالغۇ بولۇشى ۋە بۇنىڭ بىلەن توختىماي، مەزكۇر شەھەردە توپلانغان تۈركلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئەخلاققا خىلاپ مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنى ئىتلارغا تالىتىش ۋە ئاتلارغا باستۇرۇشىغا قەتئىي نارازى بولغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىدۇ.

    ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان ئۇزۇن تارىخى نەپرەت ۋە ئاداۋىتى بىلەن تونۇلغان گوللاندىيە ھۆكۈمىتى بۇ قىلمىشى بىلەن ۋيېنا ئەھدىنامىسىغا رېئايە قىلماسلىق بىلەن بىرگە، خەلقارا قانۇنلارنى ئاياغ ئاستى قىلىپ، خەلقارا قانۇندىكى توپلىنىش ۋە ساياھەت قىلىش ئەركىنلىكىگە زوراۋانلىق بىلەن قارشى چىققان. گوللاندىيە ھۆكۈمىتى بۇ قىلمىشى بىلەن غەربتە ئەۋج ئېلىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئىرقچىلىق ئوتىنىڭ ئۇلغىيىشىغا سەۋەب بولىۋاتىدۇ.

    شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۇلارنىڭ بۇ زوراۋان قىلمىشىغا قەتئىي نارازى ئىكەنلىكىمىزنى بايان قىلىمىز ۋە تۈركىيە دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئىرقچىلىققا ئوخشاش جىنايەتلەرگە لەنەت ئوقۇيمىز.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى