باياناتلار

تارىخىي مىراسلىرىمىزنى قوغداش ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى

2024-02-17
A-
A+

‎تارىخىي مىراسلىرىمىزنى قوغداش ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى

  ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ 70 يىللىق ئاسارەت تارىخىدا مۇستەملىكىچى خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مىللەت سۈپتىدە يوق قىلىش، دىنىي پرىسنىپلىرى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئېتنىك كۈلتۈرلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، خەلقىمىزنىڭ ئىرادىسى، قۇربان بېرىشلىرى سەۋەبىدىن قىممەت قاراشلىرىمىز ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن ئىدى. خىتاي مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتى يېقىنقى يىللاردىن بىرى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە غالجىرلىشىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوق قىلىش مەقسىتىدە مىليۇنلىغان بىگۇناھ ئىنسانلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ يوق قىلىشقا باشلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ۋە تارىخىي مىراسلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئۆيلىرى بولغان جامىي-مەسچىتلەرنى چېقىشقا باشلىدى. يېقىنقى بىرقانچە يىل ئىچىدە مىڭلارچە مەسچىتنى چېقىپ تاشلىدى، ئاخىرقىسى ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كېرىيە ناھىيەسىنىڭ 800 يىللىق تارىخقا ئىگە كېرىيە جامىيسىنى چېقىپ تاشلىغانلىقى دەلىل-پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاندى.

‎ شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي شۇئارلىرىمىز بولغان مەسچىتلەرنىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن چېقىپ تاشلىنىشى ھەققىدە يالغۇز تەشۋىقات ساھەلىرىدىلا ئەمەس، كۆپلىگەن ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارغا دوكلاتلارنى سۇنۇش ئارقىلىق نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئىنسانىيەت ھەمدە ئىسلامىيەتكە قارشى ۋەھشىيانە جىنايىتىنى توسۇپ قېلىشتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاجىز كەلگەن بولسىمۇ دۇنيا جامائەتچىلىكى، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلىپ ئىلتىماسلارنى سۇنۇپ كەلدى.

‎ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىپ، ئىشغالىيىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە قاراپ مېڭىشى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق جىنايەت بولۇپ، ئاللاھنىڭ بۇنداق زۇلۇمنى راۋا كۆرمەيدىغانلىقىغا ئىمانىمىز كامىل. شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭمۇ بۇ ھەقتە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇشى باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيەتتۇر.

‎شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولسا شەخسىي ۋە تەشكىلاتلار مەسچىتلەرنىڭ چېىقىلىشىغا قارىتا ھازىرقى نارازىلىقلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇشىنى ھەمدە ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي بېسىملار ئارقىلىق بۇ زۇلۇمنى توختىتىشقا ھەسسە قوشۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.

‎ھۆرمەت بىلەن:

 ‎ شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى