ماقالىلار

ئىسلامدا پۇل- مالنىڭ ماھىيىتى

2020-12-04
A-
A+
ئىسلامدا پۇل- مالنىڭ ماھىيىتى
مۇھەممەد يۈسۈپ
 
ئىسلام نەزىرىدە، ئىنسانلار قانچىلىك كۆپ پۇل - مال ئىگىسى بولۇپ كەتسۇن ۋە بۇلارنى قانچىلىك جاپا بىلەن ئىشلەپ تاپقان بولسۇن ئۇلار قوللىرىدىكى مال - مۈلۈكنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى ئەمەستۇر. بەلكى ئۇلار قوللىرىغا كەلگەن بۇ پۇل - ماللارنى تەسەررۇپ قىلغۇچى ۋەكىللەردۇر، خالاس. چۈنكى مال - مۈلۈكنىڭ ئەسلى ئىگىسى ۋە ئاتا قىلغۇچىسى ئاللاھ تائالادۇر! قۇرئان كېرىم بۇ ھەقىقەتنى جاكارلاپ مۇنداق دېگەن: ﴿لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا وَمَا تَحْتَ الثَّرَى ﴾ يەنى﴿ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋە يەر ئاستىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر﴾( ).
ئاللاھ تائالا مال - دۇنيانى ئىنسانلارغا ئىككى مەقسەت بىلەن بېرىدۇ: بىرى ئۇلارغا ئېھسان ۋە ئىنئام قىلىش؛ يەنى بىرى، ئۇلارنى بۇ مال - دۇنيا بىلەن سىناش يۈزىسىدىن بېرىدۇ. مال - دۇنيا كىشىلەرنىڭ ئىقتىدارى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىگە ئاساسەن ئىگە بولىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئاتا - ئېھسانىدۇر. ئوخشاش ئىقتىدارغا، ئوخشاش دىپلومغا ئىگە ۋە ئوخشاش ئىشتا ئىشلەيدىغان ئىككى ئادەمنىڭ بىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ باي قىلىدىغانلىقى يەنە بىرىنى ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك ياكى پېقىر قىلىدىغانلىقى بىر رېئاللىقتۇر. ئەگەر مال - دۇنيا ئىقتىدار بىلەنلا قولغا كېلىدىغان نەرسە بولسا ئىدى، يۇقىرىقى ئىككى ئادەم ئىقتىسادىي جەھەتتە ئوخشاش بولغان بولاتتى. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان پۇل - مالنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر. شەكسىزكى، پۇل - مالنىڭ ھەققى زاكاتتۇر. شۇڭا زاكات بەرگۈچىنىڭ «مەن پېقىرلارغا ئۆز مۈلكۈمدىن خەير - ئېھسان قىلىۋاتىمەنغۇ » دەپ مىننەت قىلىش ھەققى يوق. ئەگەر شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇنىڭ بەرگەن زاكىتى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللاھ تائالا تاپشۇرغان ئامانەتنىڭ تېگىشلىكىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قولىدا قالغان قىسمىنى ھارامدىن (يەنى پېقىرلارنىڭ ھەققىدىن) پاكلىغان كىشىدۇر. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا تُبْطِلُوا صَدَقَاتِكُمْ بِالْمَنِّ وَالْأَذَى كَالَّذِي يُنْفِقُ مَالَهُ رِئَاءَ النَّاسِ وَلَا يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآَخِرِ فَمَثَلُهُ كَمَثَلِ صَفْوَانٍ عَلَيْهِ تُرَابٌ فَأَصَابَهُ وَابِلٌ فَتَرَكَهُ صَلْدًا لَا يَقْدِرُونَ عَلَى شَيْءٍ مِمَّا كَسَبُوا وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ ﴾ يەنى﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! پۇل _ مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىگە ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بېكار قىلىۋەتمەڭلار. بۇنداق ئادەم خۇددى ئۈستىگە توپا - چاڭ قونۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن يۇيۇلۇپ (بۇرۇنقىدەك بولۇپ) كەتكەن سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ. ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن(ئاخىرەتتە ساۋابتىن) ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئاللاھ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ﴾( ).
پۇل - مالنىڭ ۋەزىپىسى
ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە پېقىرلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى جىددىي بىر يېتەرسىزلىك دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ پاراۋانلىق، باراۋەرلىك ئىچىدە ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن ئەڭ مۇكەممەل پىرىنسىپلارنى بەلگىلىگەن. ئىسلام شەرىئىتى بويىچە مال - مۈلۈكنىڭ ۋەزىپىسىنى تۆۋەندىكى ئۈچكە قىسقارتىشقا بولىدۇ:
1. پۇل - مالنى ئىسلام شەرىئىتىدە كۆرسىتىلگەن ۋە بۇيرۇلغان يوللار بىلەن تېپىش ۋە ئۆستۈرۈش.
2. پۇل - مالنى ئېھتىياجغا قاراپ ئىسراپ قىلماستىن، ھەددىدىن ئاز قىسىۋالماستىن نورمال ھالدا قوللىنىش.
3. پۇل - مالنىڭ زاكىتىنى تولۇق ئايرىش ۋە سەدىقە، ياردەم، ئېھسانغا ئوخشاش ئىختىيارى ياردەم ۋاسىتىلىرى بىلەن ئېھتىياج ئىگىلىرىگە ياخشىلىق قىلىش.
يۇقىرىقىلار ئىسلام دىنىنىڭ پۇل _ مالنى سەرپ قىلىشتىكى كۆرسەتمىسىدۇر.
ئىشلەشنىڭ قىممىتى
ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارغا ئىشلەشنى پەرز قىلىپ بەلگىلىگەن ۋە ئىشلىگەننىڭ شەنىنى، قەدىر - قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن يېگانە دىندۇر. مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقئارالىق رىقابەتكە دادىل كىرىپ ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئورنىنى نامايان قىلىش يولىدا ئىشلەشنىڭ رولى ئالاھىدە چوڭدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿وَأَنْ لَيْسَ لِلْإِنْسَانِ إِلَّا مَا سَعَى﴾ يەنى﴿ئىنسان پەقەت ئۆزى قىلغان ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ ﴾( ) دەپ كۆرسەتكەن.
خەلقىمىزدىمۇ: «ئىشلىگەن چىشلەيدۇ» دەيدىغان ھېكمەت بار. ھالال رىزىق تېپىش يولىدا ئىشلەش ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئەمەللەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە مۆتىۋەر ئىبادەتتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇيرىغان زاكات، ھەج، ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە جىھاد قاتارلىق ئىقتىساد بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەردىن باشقا پەرزلەرنىمۇ تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىنساننىڭ تەن ساقلىقى ۋە بەدەننىڭ كۈچ - قۇۋۋىتى تەلەپ قىلىنىدۇ. مەلۇمكى، تەن ساقلىقىنى ۋە بەدەننىڭ قۇۋۋىتىنى ساقلاپ قېلىش كۈندىلىك كېرەكلىك يېمەك - ئىچمەكلەرنى تەمىنلەيدىغان ئىقتىسادقا مۇھتاجدۇر. ئىقتىساد پەقەت ئىشلەش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. ئىشلەش تەرەققىي قىلىشنىڭ ئالدىنقى ئامىلىدۇر. قۇرئان كەرىم پۇل - مال تېپىش ئۈچۈن ئىشلەشنى ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ئىبادەت دائىرىسىدىن ساناپ مۇنداق دېگەن: ﴿فَإِذَا قُضِيَتِ الصَّلَاةُ فَانْتَشِرُوا فِي الْأَرْضِ وَابْتَغُوا مِنْ فَضْلِ اللَّهِ وَاذْكُرُوا اللَّهَ كَثِيرًا لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ﴾يەنى ﴿ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىنغا تارقىلىپ (تىرىكچىلىك قىلىش ئارقىلىق) ئاللاھنىڭ پەزلىدىن (رىزقىڭلارنى) تەلەپ قىلىڭلار، مەقسىتىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار﴾( ).
ئاللاھ تائالا ئىشلەشنىڭ قەدىر - قىممىتىنى ۋە ئۇنىڭ مۇكاپاتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿مَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَى وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَجْرَهُمْ بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ﴾ يەنى ﴿ئەر - ئايال مۇئمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە ئەڭ ياخشى ھاياتتا ياشىتىمىز ۋە ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بىلەن بېرىمىز﴾( ).
ئىسلام دىنىدا ئىبادەتنىڭ دائىرىسى شۇنچىلىك كەڭ بولۇپ، ئۇ ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان ھەر قانداق ئىجتىمائىي خىزمەتلەر، دىن ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن ۋە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئىشلەشلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلىگەن بولۇش شەرتى بىلەن ئىبادەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تۇللارغا، پېقىرلارغا ياردەم قىلىش يولىدا يۈرگەن كىشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان مۇجاھىدغا ياكى كېچىسى ئىبادەت قىلىپ، كۈندۈزى روزا تۇتىدىغان ئابىدقا ئوخشاشتۇر»( ) دېگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە پەزىلىتىنى كۆرسىتىپ: «ھالال رىزىق ئۈچۈن ئىشلەش پەرزدۇر»( ). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «ھالال رىزىق تېپىش يولىدا ئىشلەش جىھادتۇر»( ) دېگەن.
«قۇرئان ئايەتلىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ۋە ئۆلىمالارنىڭ ئەسەرلىرى ئىشلەشنىڭ ئىسلام نەزىرىدە قانچىلىك قەدىر - قىممەتكە ئىگە ئىبادەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا. قۇرئاندا «ئىشلەش» دېگەن ئىبارە 359 ئورۇندا تىلغا ئېلىنغان. ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئىشلەشكە ۋە شۇ ئارقىلىق تەرەققى قىلىشقا چاقىردى. ئىشلەشكە قادىر بولغانلار ئۈچۈن ئىشلەشنى پەرز قىلدى. دېمەك، ئىشلەش ھەقىقىي ئىماننىڭ ئاساسلىرىدىن بىرىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نىڭ كۆپ ئايەتلىرىدە «ئەمەل(يەنى ئىشلەش)»نى ئىمانغا يانداشتۇرۇپ بايان قىلغان»( ).
شۇڭا دەيمىزكى، ئىشلەش پېقىرلىققا خاتىمە بېرىش ۋە جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدىكى ئالدىنقى ئامىلدۇر.
مال - دۇنيا غايە ئەمەس
ئىسلام نەزىرىدە مال - دۇنيا غايە ئەمەس. بەلكى ئۇ غايىگە يېتىشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر. مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ ھالالدىن تاپقان مال - دۇنياسىنى ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلىش ئارقىلىق ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشىشتىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسىگە يېتىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «(ھالالدىن تاپقان) ياخشى مال - دۇنيا ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلىشنى بىلىدىغان ياخشى ئادەم ئۈچۈن نېمە دېگەن ياخشى - ھە!»( ).
كىمكى مال _ دۇنيانى ئۆزى ئۈچۈن غايە قىلىۋېلىپ، ھالال - ھارامنى ئايرىماستىن توپلايدىكەن ۋە ياخشى - ياماننى ئايرىماستىن سەرپ قىلىدىكەن، مۇنداقلارنىڭ مال - دۇنياسى ئۆزىنىڭ دوزاختىن ئورۇن ئېلىشىغا يېتەرلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھارامدىن مال - دۇنيا تاپقان كىشىنىڭ بەرىكەت بېرىلمەيدۇ. ئۇنىڭ قىلغان سەدىقىسىمۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ھارامدىن قالدۇرغان مىراسلىرى ئۇنىڭ دوزاختىن ئورۇن ئېلىشى ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. چۈنكى نىجىس (يەنى ھارام) نىجىسنى يوق قىلالمايدۇ. پەقەت پاكلار بىلەنلا نىجىسلار پاكلىنىدۇ»( ).