خەۋەرلەر

ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم ئوغلى ئابدۇقەييۇم ھاجىم خىتاي زىندانلىرىدا شېھىد قىلىندى

2020-10-05
A-
A+

ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم ئوغلى ئابدۇقەييۇم ھاجىم خىتاي زىندانلىرىدا شېھىد قىلىندى

ئابدۇقەييۇم ھاجىم 1957 – يىلى گۇماناھىيىسىدە مۇجاھىد، ئۆلىما، ئۇستاز ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئىككى ياش ۋاقتىدا يەنى 1959- يىلى دادىسى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم خىتاي ھاكىمىيىتى تەرەپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئابدۇقەييۇم ھاجىمنىڭ دادىسى خىتاي زىندانلىرىدا ھەرتۈرلۈك خورلۇق ۋە زۇلۇم تارتقان بولسا ئابدۇقەييۇم ھاجىم، ئانىسى ۋە ئىككى  ئاچىسى بىلەن جەمىيەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنساننىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايدىغان ھەرتۈرلۈك جىسمانى ۋە رۇھى جەھەتلەردىن خورلۇشىغا ئۇچراش بىلەن بىرگە پەننىي ۋە دىنىي بىلىملەردە ئوقۇپ، تەربىيەلىنىشتىن مەھرۇم قالغان. دادىسى ئۇستاز  ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم قاماقتىن بوشاپ جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن، 1979- يىلىدىن  باشلاپ  تاكى ۋاپات قىلغانغا قەدەر يېشى بىر ئاز چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي  دادىسىدىن تەلىم - تەربىيە ئېلىپ خىلى يېتىشكەن ئۆلىما بولۇپ  قالغان. دادىسى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئىزچىل دادىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ قولىدىن كېلىشىچە قاغىلىق خەلقىنىڭ دىنىي خىزمەتلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىپ كەلگەن.

ئابدۇقەييۇم ھاجىم 2017 - يىلى  ئائىلە بويىچە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرەپىدىن تۇتقۇن قېلىنىغان ھەمدە ئۆيلىرى ۋە ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئۇستاز ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم باشچىلىقىدا سېلىنغان مەسچىت  چېقىپ تۈزلىۋىتىلگەن.

ئىشەنجىلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئابدۇقەييۇم ھاجىمنىڭ 2020 - يىلى 8 - ئايلاردا تۈرمىدە شېھىت بولۇپ كەتكەنلىكى مەلۇم.

ئابدۇقەييۇم ھاجىمنىڭ بوۋىسى ئابدۇلجەلىل داموللا ھاجىممۇ  1937 - يىلى جاللات شىڭشىسەي تەرىپىدىن تۇتقۇن قېلىنىپ، بىر تۈركۈم ۋەتەنپەرۋەرلىرىمىز بىلەن بىرگە بوغۇپ ئۆلتۈرىۋىتىلگەن. دادىسى ئۇستاز ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىممۇ 1936- يىلىدىن 1937- يىلىغىچە ئىككى يىل ( دادىسى بىلەن بىرگە)، 1947- يىلىدىن 1948- يىلىغىچە ئىككى يىل، 1954- يىلىدىن 1956- يىلىغىچە ئىككى يىل، 1959- يىلىدىن 1979- يىلىغىچە 20 يىل بولۇپ جەمئىي 26 يىل دىنى، ۋەتىنى ئۈچۈن خىتاي زىندانلىرىدا ياتقان.

ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم 1979 - يىلىدىن 1993 - يىلى ۋاپات بولۇپ كەتكىچە (خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن دىگەن گۇمان بار) بولغان قىسقىغىنە 14 يىللىق ھاياتىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىزچىل نازارىتى، پاراكەندىچىلىكى ۋە تەقىبى ئاستىدىمۇ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ،  مېنۇت، سېكىنۇت ۋاقتىنى قولدىن بەرمەي ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تالىبۇلئىلمىلەرنى تەربىيەلەش بىلەن بىرگە ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەبلىغ ۋە تەشۋىقات ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ يىگىرمىنچى  ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىكى مىللى ۋە دىنى جەھەتلەردىكى ئويغىنىش ۋە گۈللىنىش مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

بۇ جەرياندا ئابدۇقەييۇم ھاجىم  دادىسى ئۇستاز  ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن قوللاپ، ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ،  ۋەتەن، مىللەت ۋە دىن يولىدا  خىزمەت قىلىش شارائىتىنى ئىزچىل يارىتىپ كەلگەن.

ئابدۇقەييۇم ھاجىم دادىسىدەك كېچىك پىئىل، خۇشخۇي، چىقىشقاق، كەمتەر، ياردەم پەرۋەر ، ۋەتەن سۆيەر ئۆلىما، جامائەت ئەربابى ئىدى.

ئاللاھ مەرھۇمنىڭ شاھادىتىنى قوبۇل قىلسۇن، ياتقان جايىنى جەننەتۇل فىردەۋستە قىلسۇن.  ئامىن!
 
2020- يىلى 9- ئاينىڭ 30 - كۈنى

http://turkistantimes.com/uy/news-13662.html

باشقا خەۋەرلەر
ھەممىسى
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيارمۇ قاتناشقان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئۇ خىتاينىڭ شەرقى

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
سۈرىيەدە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ھەمشىرىلەر ھەققىدە شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باياناتى
سۈرىيەدە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ھەمشىرىلەر ھەققىدە شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باياناتى

شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى چەتئەلدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆلىمالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ تىلى، ئۈمىدى ۋە يېتەكچىسىدۇر. ئۆلىمالار بىرلىكى مىللىتىمىزگە توغرا يول كۆرسىتىش، مەسلىھەت بېرىش، خاتا ئېقىملاردىن

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامدىكى ھالال-ھارامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش  ۋە توڭگۇز گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاش جىنايەتلىرىگە قارشى بايانات
شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامدىكى ھالال-ھارامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە توڭگۇز گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاش جىنايەتلىرىگە قارشى بايانات

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى يەنىمۇ ۋەھشىيلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھالال يېمەك-ئىچمەكنى چەكلەش سىياسىتى يولغا قويغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنى كەسكىن ھارام قىلغان توڭگۇز گۆشىنى يېيىشكە مەجبۇرلىغانلىقى دۇنيا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارقىلىشقا باش

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى  ئەھمەد تاشگېتىرەننى زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەھمەد تاشگېتىرەننى زىيارەت قىلدى.

ئەھمەد تاشگېتىرەن ئەپەندىم ئۆزىنىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا مەرھۇم ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بىرگە بۇ دەۋاغا خىزمەت قىلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭمۇ ئىسلام تۇپراقلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكە

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى مىيۇنخىندا ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچراشتى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى مىيۇنخىندا ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچراشتى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى 2018-يىلى 09-ئاينىڭ 15-كۈنى، مىيۇنخىندا ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالائۇددىن ۋە مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەرجان ئېمىن قاتارلىق مەسئۇللارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، مېيۇنخىندىكى ئۇيغۇر جامائەتلىر

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

2018-يىلى 09-ئاينىڭ 13-كۈنى جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى شەيخ نۇرىددىن ئەلفەرجانىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت جەريانىدا ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار ئۆلىمالار بىرلىكىنى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىن

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى جەنۋەدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى  بىلەن   ئۈچراشتى .
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى جەنۋەدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بىلەن ئۈچراشتى .

ياۋرۇپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە جەنۋە شەھرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۈچراشتى.

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنى زىيارەت قىلدى .
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنى زىيارەت قىلدى .

2018-يىلى 09 -ئاينىڭ 11-كۈنى، دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشق

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى .
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى .

ھازىر ياۋروپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت، 2018-يىلى9-ئاينىڭ 10-كۈنى، گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت پىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت پىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

دوكتۇر ئاتائۇللاھ شەھيار ۋەتەن ئىچىدە يۈز بىرىۋاتقان ئېغىر زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەش بىلەن بىرگە، مىللى ۋە دىنىي مە

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
قۇربان ھېيت تەبرىكنامىسى
قۇربان ھېيت تەبرىكنامىسى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنىڭ خەلقىمىز بېشىدىن كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ماركۇ رۇبىئو: خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارشى ھەرىكىتى
ماركۇ رۇبىئو: خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارشى ھەرىكىتى

تىلەك :<<ئۇيغۇر -ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى -نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار قىلالايدىغان بىردىنبىر ئۇرۇش،ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە خىتتاي ھاكىمىيتى ئۈستىدىن يېڭەلەيدىغان بىردىنبر ئۇرۇش .بۇ ئۇرۇش ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ،بىر نەچچە چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناس ،مۇخبىرلار،سياسئونلارنى

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
مۇبارەك رامىزان تەبرىكنامىسى
مۇبارەك رامىزان تەبرىكنامىسى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلار نىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنىڭ خەلقىمىز بېشىدىن كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن چەتئەللەردىكى بارلىق شەرقىي تۈركىس

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمىنى (ناھىيە باشلىقى) زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمىنى (ناھىيە باشلىقى) زىيارەت قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار، باش كاتىپ دوكتۇر ئابدۇلۋارىس خوتەن، باش كاتىپ ۋەكىلى ئابدۇلئەھەد ئۇجات ۋە ئۇستاز نىزامىددىن تەمكىنى قاتارلىق بىر ھەيئەت ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ھارۇن قايانىي زىيار

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئالىمى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ھەققىدە بايانات
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئالىمى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ھەققىدە بايانات

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىنى تىزدىن قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دۆلەتلىرى، دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تە

داۋامى ئۇچۇن چىقىش