رامىزان

رامىزان ئېيى رەھمەت، بەرىكەت، مەغپىرەت، روھانىيەت ۋە ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىش ئېيىدۇر.

2020-04-26
A-
A+

رامىزان ئېيى رەھمەت، بەرىكەت، مەغپىرەت، روھانىيەت ۋە ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىش ئېيىدۇر.

پەزىلەتلىك شەيخ دوكتور/ سەئۇد بىن ئىبراھىم ئەششۈرەيم .

(2010-8-20)

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «رامىزان ئېيى رەھمەت، بەرىكەت، مەغپىرەت، روھانىيەت ۋە ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىش ئېيىدۇر» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

 ئى مۇسۇلمانلار! ئاللادىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

تۇرمۇشىمىزنىڭ ئاچچىق-تاتلىق كۈنلىرىنى بۇ ئۇلۇغ ئاينى كۈتۈپ 11 ئاينى تاقىتىمىز تاق بولۇپ ئۆتكۈزدۇق. بىز ھەقىقەتەن يۈكلىرىمىزنى يەڭگىللىتىش ۋە ياشلىرىمىزنى تۆكۈش ئۈچۈن شۇنداق بىر روھانىي كۈنلەرگە موھتاج ئىدۇق. مانا بۇ ئۇلۇغ كۈنلەر يېتىپ كەلدى. بىز بۇ ئۇلۇغ رامىزاننىڭ روھانى كۈنلىرىدە دىللىرىمىزنى ئىمان بىلەن مۇستەھكەملەيمىز، ئۇسسۇزلىقىمىزنى قاندۇرىمىز. بىز ئۆزىمىزنى رامىزان ئېيىغا، خۇددى بالا ئۆزىنى ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا ئاتقاندەكلا ئاتتۇق. بىز بۇ ئۇلۇغ ئايدا ئىشلىرىمىزنى تەرتىپكە سالىمىز، ئاساسىي غايىمىز ۋە ئاخىرقى مەنزىلىمىز بولغان جەننەتكە يېتىش ئۈچۈن ئەڭ ئاسان ۋە تىز يولنى ئىزدەش ئۈچۈن رامىزان ئېيىدىن ئىبارەت بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكىمىز كېرەك.

بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنبەرگە ئۆرلەپ: «ئامىن! ئامىن! ئامىن!» دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىغاندا، ساھابىلار: ئى رەسۇلۇللاھ، مۇنبەرگە چىقىپلا ئۈچ قېتىم ئامىن! دېدىڭىز دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: ماڭا جىبرىل كېلىپ: رامىزاننى تاپقان لېكىن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنمىغانلىقتىن جەھەننەمگە كىرگەن ئادەمنى ئاللاھ ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرسۇن! «ئامىن» دېگىن. دېدى، مەن: «ئامىن» دېدىم. دەپ جاۋاپ بەرگەن.

رامىزان ئېيى رەھمەت، بەرىكەت، مەغپىرەت، روھانىيەت ئېيى بولغاندىن باشقا، يەنە نېمەتلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ ئويلىنىدىغان ئايدۇر. بۇ ئايدا مەسچىتلەر نۇرلار بىلەن بىزىلىدۇ. رامىزاننى زايا قىلىۋەتكەن ئادەمگە نىسبەتەن رامىزاندىن باشقىنى زايا قىلىش تېخىمۇ ئاساندۇر. رامىزان ئېيى ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ، ھاياتىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش، ياخشى بولسا تېخىمۇ ياخشىلىققا ئىنتىلىش ئۈچۈن بىر پۇرسەتتۇر.

ئىنسان بار يەردە شەيتان بارلىقىدا شەك يوق، لېكىن شەيتانلارنى كۆزدىن يىراق قىلىپ باغلاپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ، رامزاندا شەيتانلار باغلىنىپ، خالىس ئىبادەتكە پۇرسەت كېلىدۇ. ئىنسان ئۆزىنى تەربىيەلەپ، شەيتانغا تاقابىل تۇرۇش ئىممونېتىنى كۈچلەندۈرىدىغان ۋاكسىنىغا موھتاج. رامىزان بولسا، ئەنە شۇ ۋاكسىندۇر. ئىنساننىڭ ئىمانى كۈچلەنگەنسىرى شەيتاننىڭ كۈچى ئاجىزلىشىپ بارىدۇ.

ھەممىگە مەلۇمكى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەمەس، پەرىشتىمۇ ئەمەس، لېكىن ئىمانى كۈچلۈك مۆمىن بەندە ئىدى. بۇ ئايدا ھەقىقىي مۆمىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىبادەتكە بېرىلىپ، كېچىلىرى ناماز بىلەن، كۈندۈزى روزا بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئايدۇر. رامىزان ئېيى قۇرئان ئېيىدۇر. بارلىق مۇسۇلمانلار بۇ ئايدا بىر ئايلىق ھاياتىنى ئىبادەتكە ئايرىپ مەخسۇس ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. داۋاملىق ناماز ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇش، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىرگە رۇكۇ قىلىش، دىلى قارا كىشىلەرنىڭ دىلىنى ئېرىتىشى ۋە غەپلەتتىن ئويغىتىشى مۇمكىن.

ئىنسانلارنى دىنىدىن يىراقلاشتۇرۇشنى خالىغان شەيتانلارنىڭمۇ ئۇسۇللىرى رەڭگارەڭ، ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھېچقاچان بەرمىگەن ھەجۋى فىلىملەر ۋە ئىتوتلارنى رامىزان ئېيىغا توغرىلاپ بېرىدۇ. ئەخلاقسىز، ناچار تىلىۋىزور قاناللىرى رامىزاندا تېخىمۇ ۋەھشىيلىشىپ بۇزۇق نەرسىلەرنى تارقىتىشقا باشلايدۇ. بۇ مۇ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىبرەت ۋە سىناق بولسا كېرەك. داستىخانلارمۇ ئادەتتىكىدىن تاشقىرى ئاۋاتلىشىپ، رەڭگارەڭ تائاملار بىلەن بېزىلىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدىغان تائاملارنى كۆپرەك يەپ قويۇپ، ئېغىرلىشىپ نامازغا چىقىش خۇشياقماي، ئىبادەت قيامىغا يېتىدىغان ۋاقىتلاردا ئۆيدە ئۇخلاپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشلىرىدىن بولىدىغان ئالامەتلەردۇر.

رامىزان ئېيى قۇرئان ئېيى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. روزا تۇتقان كىشىلەر ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزمەستىن، قۇرئان كەرىمنى تەدەببۇر قىلىپ (مەنىسىنى مۇلاھىزە قىلىپ) ئوقۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى قىسسىلەر ھەقىقەتەن مۇلاھىزە قىلىپ، ئىبرەت ئېلىشقا لايىق قىسسىلەردۇر. ئاللاھ راست سۆزلىگۈچىدۇر، ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي راست سۆزلەيدىغان كىم بار؟!. ھەقىقىي مۇئمىنلەر قۇرئان تىلاۋەت قىلغانلىرىدا قۇرئاننىڭ مەنىلىرىنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىدىن تەسىرلىنىپ دىللىرى ئېرىيدۇ. قۇرئاندا قىسسىلەردىن تالۇت-جالۇت، ھابىل-قابىل، ئەسھابۇلكەھف، قارۇن، زۇلقەرنەيىن، فىرئەۋن، ھامان، ئەسھابۇلئۇخدۇد قىسسىلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان قىسسىلەر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتنىڭ ھىدايىتى ئۈچۈن سەۋەب بولىدىغان تەسىرلىك ھەمدە ھەقىقىي يۈز بەرگەن قىسسىلەردۇر.

روزا تۇتقۇچىلار ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قانۇنىيەتلىرىنى ئوقۇپ، بىلىپ تەدەببۇر قىلىشى كېرەك. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنغان مىللەتلەرنىڭ قانداق روناق تاپىدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئاسىيلىق قىلىپ يەر يۈزىدە پىتنە-پاسات قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ۋەيرانلىق، يوقىلىپ كېتىش ۋە باشقىلارغا بېقىندى بولۇپ، قۇل بولىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتلەرنى كۆرۈۋالالايدۇ.

ئاخىرىدا شۇ ھەقىقەتنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، قۇرئان كەرىم بىزنىڭ پايدىمىزغا ياكى زىيىنىمىزغا گۇۋاھچىدۇر. ئاللاھ بىزنى قۇرئاننى ئوقۇپ ئەمەل قىلغۇچىلاردىن قىلسۇن، قۇرئاننى ئوقۇپ، ئەمەل قىلمىغانلىقتىن قۇرئان لەنەت قىلىدىغان لەنەت كەردىلەردىن قىلمىسۇن، ئامىن!!.

تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى