خەۋەرلەر

ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ياۋروپا «ماگنىتسكى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» ئۈچۈن چوڭ بىر سىناق

2021-07-16
A-
A+

ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ياۋروپا «ماگنىتسكى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» ئۈچۈن چوڭ بىر سىناق

 

ماكرون: ياروپا ئىتتىپاقى ئومۇمىي ھالەتتە خىتايغا يۈزلەنگەندە ئاندىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەت دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا نۇسخىسىدىكى «ماگنىتسكى قانۇنى»نى ماقۇللاپ، دۇنيا خاراكتېرلىك كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مېخانىزمى قۇرۇپ چىقتى، ھەمدە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان ئەمەلىي گەۋدە ۋە شەخسلەرگە ئىمبارگو يۈرگۈزدى. قانۇن ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو دەرھال بايانات ئىلان قىلىپ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسەف بورېل بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سەۋەبلىك خىتايغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈش يۈرگۈزمەسلىكىنىڭ يېڭى قانۇن دۇچ كەلگەن چوڭ بىر سىناق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا ئامېرىكىنى ئۈلگە قىلىپ كىشىلىك ھوقۇق ئىمبارگو قانۇنى ماقۇللىدى

خەۋەر قىلىنىشىچە، ياۋروپا كېڭىشى 7- دىكابىر «ماگنىتسكى قانۇنى»نى ماقۇللىغان. بۇ قانۇنغا ئاساسەن كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەرىجىدە تاجاۋۇز قىلغان شەخس، ئەمەلىي گەۋدە، ئورگان ۋە دۆلەتلەرگە ئىمبارگو يۈرگۈزىدۇ.

ياۋروپا كېىشى ئىلان بايانات ئىلان قىلىپ، بۇ قارارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداشنىڭ يەنىلا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز ۋە دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنى ھەل قىلىش ئىرادىسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى جوسەپ بورېلنىڭ ئېيتىشىچە،  دەل بىر يىل بۇرۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇلتۇرقى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ھارپىسىدا «ماگنىتسكى قانۇن لايىھەسى» تۈزۈشنىڭ قانۇنىي تەرتىپىنى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى قۇرغان تۇنجى ئىمبارگو مېخانىزمى ئىكەن.

 ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇق ئىمبارگو مېخانىزمى ھەققىدە بۇ ئاينىڭ بېشىدا 27 دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋەكىلى قاتناشقان يىغىندا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، 7- دېكابىر تەستىقلانغان ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق ئىمبارگو مېخانىزمى ئامېرىكىنىڭ «يەرشارى ماگنىتسكى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى»نى ئۆرنەك قىلغان. بۇندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك ئالىي ۋەكىلىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئىمبارگو تىزىملىكى بېكىتىدۇ، تەكشۈرىدۇ ۋە تۈزۈپ چىقىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئىمبارگو مېخانىزمى ئىرقىي قىرغىنچلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە باشقا ئېغىر دەرىجىدە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىغا، مەسىلەن تەن جازاسى، قۇل قىلىش، قانۇنسىز ئۆلتۈرۈش، خالىغانچە قولغا ئېلىش ياكى تۇتۇپ تۇرۇش قاتارلىقل قىلمىشلارغا قاتناشقۇچىلارغا قارىتا ئىمبارگو يۈرگۈزۈدىغان بولۇپ، ئىمبارگو تەدبىرلىرى ساياھەت چەكلىمىسى، مال-مۈلكىنى توڭلىتىش، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەر قانداق شەخس ۋە دۆلەتنىڭ ئىمبارگو يۈرگۈزۈلگەن كىشىلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشىنى مەنئىي قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قوللايدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىر مايك پومپېيو دەرھال بايانات ئىلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ماقۇللىغان يەرشارى كىشىلىك ھوقۇق ئىمبارگو مېخانىزمىسىنى قارش ئالىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى دەرھال ئىمبارگو تەدبىرلىرى قوللىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

ماكرون: خىتايغا بىر گەۋدە ھالىتىدە تاقابىل تۇرۇشىمىز لازىم

فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون بولسا، خىتايغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشكە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتلىمىدا مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ماكرون 4- دىكابىر BRUT تاراتقۇسىنىڭ نەخ مەيدان زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، نۇرغۇن تورداشلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە، «پەقەت ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇمىي ھالەتتە خىتايغا يۈزلەنگەندىلا مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ، بىر ب د ت ياكى خەلقئارا كۆزىتىش ھەيئىتى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىر دائىمىي ئەزاسىنىڭ ب د ت ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان بىر چارە ئىزدىشىنى رەت قىلىشىنى قوبۇل قىلالمايمىز.» دېگەن.

ماكروننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا بۇ مەسىلە ھەققىدە ئېغىز ئاچقان. ئۇ يەنە بۇ مەسىلە سەۋەبلىك خىتايغا دۈشمەنلىك قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ شى جىنپىڭ ۋە باشقا خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بۇ مەسىلىنى ئاشكارە مۇزاكىرە قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ماكرونمۇ خىتاينى دەرھال يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى تاقاشقا ۋە زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خىتايچە تورى

  • يىلى 7- دىكابىر

تەرجىمە قىلغۇچى: دىلشات سۇلتان

https://turkistantimes.com/ug/news-13997.html

باشقا خەۋەرلەر
ھەممىسى
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيارمۇ قاتناشقان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئۇ خىتاينىڭ شەرقى

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
سۈرىيەدە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ھەمشىرىلەر ھەققىدە شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باياناتى
سۈرىيەدە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ھەمشىرىلەر ھەققىدە شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باياناتى

شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى چەتئەلدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆلىمالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ تىلى، ئۈمىدى ۋە يېتەكچىسىدۇر. ئۆلىمالار بىرلىكى مىللىتىمىزگە توغرا يول كۆرسىتىش، مەسلىھەت بېرىش، خاتا ئېقىملاردىن

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامدىكى ھالال-ھارامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش  ۋە توڭگۇز گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاش جىنايەتلىرىگە قارشى بايانات
شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامدىكى ھالال-ھارامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە توڭگۇز گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاش جىنايەتلىرىگە قارشى بايانات

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى يەنىمۇ ۋەھشىيلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھالال يېمەك-ئىچمەكنى چەكلەش سىياسىتى يولغا قويغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنى كەسكىن ھارام قىلغان توڭگۇز گۆشىنى يېيىشكە مەجبۇرلىغانلىقى دۇنيا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارقىلىشقا باش

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى  ئەھمەد تاشگېتىرەننى زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەھمەد تاشگېتىرەننى زىيارەت قىلدى.

ئەھمەد تاشگېتىرەن ئەپەندىم ئۆزىنىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا مەرھۇم ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بىرگە بۇ دەۋاغا خىزمەت قىلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭمۇ ئىسلام تۇپراقلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكە

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى مىيۇنخىندا ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچراشتى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى مىيۇنخىندا ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچراشتى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى 2018-يىلى 09-ئاينىڭ 15-كۈنى، مىيۇنخىندا ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالائۇددىن ۋە مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەرجان ئېمىن قاتارلىق مەسئۇللارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، مېيۇنخىندىكى ئۇيغۇر جامائەتلىر

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

2018-يىلى 09-ئاينىڭ 13-كۈنى جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى شەيخ نۇرىددىن ئەلفەرجانىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت جەريانىدا ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار ئۆلىمالار بىرلىكىنى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىن

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى جەنۋەدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى  بىلەن   ئۈچراشتى .
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى جەنۋەدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بىلەن ئۈچراشتى .

ياۋرۇپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە جەنۋە شەھرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۈچراشتى.

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنى زىيارەت قىلدى .
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنى زىيارەت قىلدى .

2018-يىلى 09 -ئاينىڭ 11-كۈنى، دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشق

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى .
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى .

ھازىر ياۋروپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت، 2018-يىلى9-ئاينىڭ 10-كۈنى، گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت پىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت پىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

دوكتۇر ئاتائۇللاھ شەھيار ۋەتەن ئىچىدە يۈز بىرىۋاتقان ئېغىر زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەش بىلەن بىرگە، مىللى ۋە دىنىي مە

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
قۇربان ھېيت تەبرىكنامىسى
قۇربان ھېيت تەبرىكنامىسى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنىڭ خەلقىمىز بېشىدىن كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ماركۇ رۇبىئو: خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارشى ھەرىكىتى
ماركۇ رۇبىئو: خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارشى ھەرىكىتى

تىلەك :<<ئۇيغۇر -ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى -نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار قىلالايدىغان بىردىنبىر ئۇرۇش،ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە خىتتاي ھاكىمىيتى ئۈستىدىن يېڭەلەيدىغان بىردىنبر ئۇرۇش .بۇ ئۇرۇش ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ،بىر نەچچە چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناس ،مۇخبىرلار،سياسئونلارنى

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
مۇبارەك رامىزان تەبرىكنامىسى
مۇبارەك رامىزان تەبرىكنامىسى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلار نىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنىڭ خەلقىمىز بېشىدىن كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن چەتئەللەردىكى بارلىق شەرقىي تۈركىس

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمىنى (ناھىيە باشلىقى) زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمىنى (ناھىيە باشلىقى) زىيارەت قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار، باش كاتىپ دوكتۇر ئابدۇلۋارىس خوتەن، باش كاتىپ ۋەكىلى ئابدۇلئەھەد ئۇجات ۋە ئۇستاز نىزامىددىن تەمكىنى قاتارلىق بىر ھەيئەت ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ھارۇن قايانىي زىيار

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئالىمى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ھەققىدە بايانات
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئالىمى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ھەققىدە بايانات

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىنى تىزدىن قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دۆلەتلىرى، دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تە

داۋامى ئۇچۇن چىقىش