پەتىۋالار

ناماز ئوقۇشقا ئىمكانىيىتى بولمىغان بىر ئادەم ئۈچۈن باشقىلار ناماز ئوقۇپ قويسا بولامدۇ؟

0000-00-00
A-
A+

ناماز ئوقۇشقا ئىمكانىيىتى بولمىغان بىر ئادەم ئۈچۈن باشقىلار ناماز ئوقۇپ قويسا بولامدۇ؟

   1007- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

   ئەگەر قېرىندىشى ياكى ئاتا-ئانىسى تۇرمىدە بولۇپ قالسا ئۆزىنىڭ نامازلىرىدىن كىيىن، ئۇلارنىڭ پەرز نامىزىنى ئوقۇپ قويسا ئۇلارنىڭ زىممىسىدىن ناماز ساقىت بولامدۇ؟ ھەتتا ئىشارەت قىلىپ ئوقۇسىمۇ، ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇدۇڭ دەپ تۈرلۈك قىيناش ۋە جازالارغا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە، مەھبۇس تۇرمىدا نامازنى قانداق ئادا قىلىشى كېرەك؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاب:

   بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

   ۋاپات قىلغان ئادەم بولسۇن ياكى ئۆزى ھايات بولسىمۇ ناماز ئوقۇشقا قەتئىي ئىمكانىيىتى بولمىغان ئادەم بولسۇن ئوخشاشلا ئۇنىڭ ئوقۇيالمىغان نامىزىنى باشقا بىرىنىڭ ئوقۇپ قويۇشىغا بولمايدۇ. ئىسلامدا ئىبادەت جىسمانىي ئىبادەت، ئىقتىسادىي ئىبادەت، جىسمانىي ھەم ئىقتىسادىي ئىبادەت دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

     جىسمانىي ئىبادەت دېگىنىمىز: ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، ئاتا-ئانىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش دېگەنگە ئوخشاش بەدەننىڭ ھەرىكىتى بىلەن ئورۇندىلىدىغان ئىبادەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

   ئىقتىسادىي ئىبادەت دېگىنىمىز: زاكات، سەدىقە ۋە پىتىر سەدىقىسى بېرىش، يوقسۇللارغا خالىسانە ماددى ياردەم قىلىش دېگەنگە ئوخشاش پۇل سەرپ قىلىش بىلەن ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

    جىسمانىي ھەم ئىقتىسادىي ئىبادەت دېگىنىمىز: جىھاد، ھەج-ئۆمرە، ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدا سەپەر قىلىش دېگەنگە ئوخشاش بەدەننىڭ ھەرىكىتى بىلەن ھەم پۇل-مال سەرپ قىلىش بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىبادەت تۈرلىرىدە ۋاكالەت قوبۇل قىلىنامدۇ دېگەن مەسىلىنى تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلىشىمىز مۇمكىن:

   1-جىسمانىي ئىبادەتلەردىن ناماز ئۈچۈن ۋاكالەت قوبۇل قىلىنمايدۇ. يەنى بىراۋنىڭ يەنە بىرى ئۈچۈن ناماز ئوقۇپ قويۇشى جايىز ئەمەس. بۇنىڭغا پۈتۈن فۇقەھالار (ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى) بىرلىككە كەلگەن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە: «بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئانىسىنىڭ رامىزاندا تۇتالمىغان پەرز روزىسى قالغان ھالدا ۋاپات بولغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا روزا تۇتۇپ قويۇش ھەققىدە سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: ئاناڭنىڭ ئۈستىدە بىراۋنىڭ قەرزى بولسا، ئۇنى ئۆتەمتىڭ؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ كىشى: ھەئە، ئۆتەتتىم دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ھەممىدىن مۇھىمدۇر،» دېدى. [ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

     ھەنەفىي، شافىئىي، مالىكى ۋە ھەنبەلىي مەزھەبلىرىنىڭ قارىشىچە، ھايات ئادەم ئۈچۈن باشقا بىرىنىڭ روزا تۇتۇپ قويۇشى جايىز ئەمەس. چۈنكى ئۇ ئادەم تېنى ساق بولسا ئۆزى تۇتىدۇ. ئەگەر كېسەل بولسا، ساقايغاندا قازاسىنى تۇتىدۇ. ئەگەر ساقىيىشتىن ئۈمىد بولمىسا ياكى بەك قېرىپ كەتكەن بولسا، تۇتالمىغان ھەر بىر كۈنى ئۈچۈن شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن بويۇنچە كاپارەت بېرىدۇ.

    2-زاكات، پىتىر سەدىقىسى ۋە ھەر قانداق بىر خەير-ئىھسانغا ئوخشىغان ئىقتىسادىي ئىبادەتلەردە ۋاكالەت قوبۇل قىلىنىدۇ، يەنى زاكات، پىتىر سەدىقىسى ۋە خەير-ئېھسان قاتارلىقلارنى ھەقلىق بولغان كىشىلەرنىڭ قوللىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە تەقسىم قىلىشقا ئوخشىغان ئىشلاردا، پۇل-مال ئىگىسى باشقا بىرىنى ۋەكىل قىلىپ بەلگىلىسە بولىدۇ.

    3-ھەجگە ئوخشىغان جىسمانىي ھەم ئىقتىسادىي ئىبادەتلەرنى بىراۋنىڭ باشقا بىرى ئۈچۈن ئادا قىلىپ قويۇش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ بار. مالىكىي مەزھىبىدىن باشقا مەزھەبلەرنىڭ قارىشىچە، جىسمانىي ھەم ئىقتىسادىي ئىبادەتلەرنى مەلۇم شەرتلەر ئاستىدا ۋاكالەت بىلەن ئادا قىلغىلى بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

     ئەمدى سوئالنىڭ جاۋابىغا كەلسەك؛ شۇنى دەيمىزكى، ئىسلام ئۆلىمالىرى بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەم ئۈچۈن ئوقۇپ قويغان نامىزىنىڭ قوبۇل بولمايدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن. شۇڭا، بۇ مەسىلىسدە قىلچە شەك يوق ۋە ئىختىلاپمۇ يوق. بۇ دۇنيادا ناماز ئوقۇماي ئۆلگەن ئادەمنىڭ ئوقۇمىغان نامىزىنى ھېچكىم ئوقۇپ ياكى پۇل بېرىپ ئادا قىلىپ قويالمايدۇ. ئىمام مالىك «الموطأ»  ناملىق ئەسىرىدە، ئىمام نەسائى «السنن الكبرى»  ناملىق ئەسىرىدە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «بىراۋ باشقا بىرىنىڭ نامىزىنى ئوقۇپ قويالمايدۇ» دېگەن سۆزىنى رىۋايەت قىلغان. ئەللامە ھافىز ئىبنى ئابدۇلبەر ئەلمالىكى «الاستذكار» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: "بىر ئادەم يەنە بىر ئادەم ئۈچۈن ناماز ئوقۇپ قويالمايدۇ. مەيلى پەرز بولسۇن، مەيلى سۈننەت بولسۇن، مەيلى نەپلى بولسۇن، مەيلى ئۇ كىشى ھايات بولسۇن، مەيلى ئۆلۈپ كەتكەن بولسۇن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچكىم ناماز ئوقۇپ قويالمايدۇ. ئوقۇسىمۇ قوبۇل بولمايدۇ. ھايات ئادەم ئۈچۈن روزا تۇتۇپ قويسىمۇ قوبۇل بولمايدۇ. بۇنىڭغا بارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى بىرلىككە كەلگەن".

    ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرىمۇ شۇنداق قارايدۇ. ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىين مۇنداق دېگەن: ئىنسان نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇشى كېرەك. ئەگەر كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇشقا قادىر بولالمىسا ئولتۇرۇپ ئوقۇشى، ئولتۇرۇپ ئوقۇشقا قادىر بولالمىسا رۇكۇدىن سەجدىنى بەكراق تۆۋەن ئىشارەت قىلىپ ئوقۇشى، بۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا يېنىچە يېتىپ قىبلىگە يۈزىنى قىلىپ تۇرۇپ ئوقۇشى، بۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى كۆزى بىلەن ئىشارەت قىلىپ ئوقۇشى لازىم، يەنە بۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا قەلبىدە رۇكۇ ۋە سەجدە ۋە تەشەھھۇتتا ئولتۇردۇم دەپ ناماز ئاخىرلاشقىچە قەلبىدە نىيەت قىلىپ ئوقۇشى لازىم. ئىنساننىڭ ئەقلى-ھۇشى جايىدىلا بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن ناماز ساقىت بولمايدۇ. چۈنكى جانابى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿فَاتَّقُوا اللَّـهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ﴾ تەرجىمىسى: «تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇغان. [سۈرە تەغابۇن 16-ئايەتنىڭ بىرقىسمى]. 

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: «مەن سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرۇسام قۇدرىتىڭلارنىڭ يەتكىنىچە ئورۇنداڭلار» دەپ كۆرسەتكەن.

    تۈرمىلەرگە تاشلانغان قېرىنداشلارنىڭ ناماز ئوقۇشنى چەكلەيدىغان ۋە ناماز ئوقۇغانلىقى بىلىنىپ قالغان شارائىتتا تەن جازاسى ئارقىلىق ئازابلايدىغان ئەھۋال ئاستىدا سەۋر قىلىش بىلەن بىرگە ئىمكانىيىتىنىڭ بېرىچە نامازنى تولۇق ئوقۇشقا تىرىشىشىنى، ئەگەر نامازنىڭ ھەرىكەتلىرىنى قىلىش مۇمكىن بولمىغان شارائىتلاردا قەلبىدە ئويلاپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى شەرىئەتنىڭ ھۆكمى ئەقىلنىڭ جايىدا بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەقىل جايىدىلا بولىدىكەن، جانابى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى كۈچىنىڭ يېتىشچە ئورۇنداش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر. تاھارەت ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان كىشى تەيەممۇم بىلەن قۇدرىتى يەتكەن بويۇنچە نامازنى ئادا قىلىدۇ. ئەگەر تەيەممۇم قىلىشقىمۇ ئىمكانىيەت بولمىسا شۇ بويۇنچە نامازنى ئادا قىلىدۇ. تۇرمىدىن چىققاندىن كىيىن مەزكۇر نامازلارنى قايتا ئوقۇشقا بۇيرۇلمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَا يُكَلِّفُ اللَّـهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ.» [سۈرە بەقەرە 286-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

   تۈرمىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پات پۇرسەتتە ئازادلىققا چىقىشىنى، بۈيۈك ئىمان ۋە سەبرى ئاتا قىلىشىنى جانابى ئاللاھتىن تىلەيمىز. جانابى ئاللاھ مەرھەمەت قىلغۇچى ۋە ئەجىر ئاتا قىلغۇچىدۇر.

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى پەتىۋا ھەيئىتى