ماقالىلار

رامىزاننى قانداق قارشى ئالىمىز؟

2024-03-21
A-
A+

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

رامىزاننى قانداق قارشى ئالىمىز؟

ئابدۇلئەھەد ھاپىز

 بىزنى رەھمەت ئېيى بولغان مۇبارەك رامىزانغا يەتكۈزگەن، رامىزان ئېيىنى بەندىلەر ئۈچۈن گۇناھلاردىن پەكلىنىۋېلىش ۋە كۆپلەپ ساۋابقا ئېرىشىۋېلىش مەۋسىمى قىلغان ئۇلۇغ رەببىمىزگە چەكسىز ھەمدۇسانا ئېيتىمىز. بىزگە رامىزاننى قانداق ئۆتكۈزۈشنى ئۆگەتكەن رەھبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سانسىز دۇرۇد سالام يوللايمىز.  

ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىش، قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارغا ئىبادەتنى قانداق قىلىدىغانلىقىنى ئۆگەتكەن؛ توغرا بىلەن خاتانى، ھەق بىلەن باتىلنى ۋە ياخشى بىلەن ياماننى بىر-بىردىن ئايرىپ كۆرسەتكەن. شۇنداقتىمۇ ئىنسانلار نەپسى-شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرىپ ھەرخىل گۇناھلارنى قىلىپ سالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆتمۈش گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىپ پاكلىنىۋېلىش ۋە ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق نامە ئەمال دەپتىرىنى ساۋابلار تولدۇرىۋېلىشى ئۈچۈن بىر ئاي رامىزاننى ئاتا قىلغان.

ئاللاھ تائالا رامىزاندا بەندىلەرنىڭ گۇناھلاردىن قول يىغىپ، ساۋابلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىۋېلىشىغا ياردەمچى بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنى ۋەسۋەسە قىلىپ گۇناھقا باشلايدىغان شەيتانلارنى باغلىۋېتىدۇ. دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرىنى تاقۋېتىدۇ، جەننەتلەرنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىۋېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامىزان كەلسە، جەننەتنىڭ دەرۋالىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ ۋە شەيتانلار باغلىنىدۇ».[1]

مانا بىز ھازىر ئەنە شۇ ئۇلۇغ رامىزاننى كۈتۈپ تۇرۇپتىمىز. بۇ رامىزاندىن ئەڭ ياخشى شەكىلدە پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۇ كېلىشتىن بۇرۇن تەييارلىق قىلىشىمىز، ئۇنىڭدا نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىمىزنى پىلانلىشىمىز لازىم بولىدۇ. بولمىسا رامىزان كېلىدۇ، چاقماق تېزلىكىدە ئۆتۈپ كېتىدۇ، بىز ئۇنىڭدىن لايىقىدا پايدىلىنالماي قالىمىز. كېلەر يىلى رامىزانغىچە ئۆمرىمىز بارمۇ-يوق بىلمەيمىز. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە ئاندىن قېرىنداشلىرىمىزغا رامىزانغا قانداق تەييارلىنىش ھەققىدە تەۋسىيەدە بولماقچىمىز.

 

1_ ئاللاھ تائالادىن رامىزانغا سالامەت يەتكۈزۈشىنى ۋە رامىزاندا ئەمەل-ئىبادەتكە مۇۋەپپەق قىلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھىم! رەجەب بىلەن شەباننى بىزگە بەرىكەتلىك قىلغىن، بىزنى رامىزانغا يەتكۈزگىن»[2] دەپ دۇئا قىلاتتى. بۇرۇنقى سالىھ زاتلار رامىزان كېلىشتىن ئىلگىرى بىزنى رامىزانغا يەتكۈزگىن دەپ دۇئا قىلاتتى ۋە رامىزان چىقىپ كەتكەندىن كېيىن رامىزاندا قىلغان ئىبادەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلغىن دەپ دۇئا قىلاتتى.

 

2_ رامىزان ئېيىدا قىلماقچى بولغان ئەمەل-ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنىڭ پىلانىنى تۈزۈش. مەسىلەن: رامىزاندا مۇنچىلىك قۇرئان ئوقۇيمەن دېگەنگە ئوخشاش ئىشلارنىڭ پىلانىنى تۈرۈزپ، شۇ بويىچە ئىش قىلىشقا تىرىشىش.

 

3_ رامىزان ئېيىنىڭ تەربىيەسىدە ياخشى تەربىيەلىنىپ، رامىزاندىن ئىلگىرى كۆنۈپ قالغان يامان ئادەت ۋە قىلىقلىرىنى تۈزىتىپ، نەپسىنىڭ كەينىگە كىرمەيدىغان ۋە ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارنى قىلىدىغان، گۈزەل ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك كىشى بولۇشقا نىيەت قىلىش ۋە بۇ نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بەل باغلاش.

 

4_تەۋبە-ئىستىغفارنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق رامىزاننى پاك قەلب ۋە پاك بەدەن بىلەن قارشى ئېلىش.  

 

5_ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى جېنىدىن بەكرەك ياخشى كۆرۈش، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كۈنى رەسۇلۇللاھقا كۆپ دۇرۇد ئوقۇش.

 

6_ روزىنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئۆگىنىش. چۈنكى روزىنى توغرا تۇتۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى بىلىش ۋە ئۇنى بۇزىدىغان ئىشلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىش لازىم بولىدۇ.

 

7_ رامىزاننىڭ ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسلەپ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىككە تىرىشىش.

 

8_ ئاللاھ تائالاغا رامىزانغا سالامەت يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن كۆپ شۈكۈر قىلىش. چۈنكى رامىزانغا ئېرىشىش چوڭ نېمەتتۇر. نېمەتكە شۈكۈر قىلىش، ئۇنى زىيادە قىلىدۇ.

 

9_ رامىزان كىرىشتىن ئاۋۋال بىر قانچە كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق بەدەننى رامىزان روزىسىغا تەييارلاش، رامىزاندا روزا تۇتۇش ئاسان بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شەبان ئېيىدا ئەڭ كۆپ روزا تۇتاتتى. ئۇسام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن «يا رەسۇلەللاھ! ئۆزلىرىنىڭ شەبان ئېيىدا ئەڭ كۆپ روزا تۇتقانلىرىنى كۆرىمەن، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شەبان رامىزان بىلەن رەجەبنىڭ ئارىسىدا قالغان ئاي بولۇپ، ئىنسانلار ئۇنىڭدىن غەپلەتتە قالىدۇ. ھالبۇكى ئۇ ئەمەللەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا كۆتۈرۈلىدىغان ئايدۇر. مەن روزا تۇتقان ھالدا ئەمەلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى ياخشى كۆرىمەن» دېدى. شۇڭا مۇسۇلمان كىشىنىڭ رامىزان كىرىش ئالدىدا روزا تۇتۇش ۋە باشقا ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق بەدىنىنى ۋە روھىنى رامىزانغا تەييارلىشى ناھايىتى ياخشىدۇر. ئەگەر روزا تۇتالمىسا، تاماقنى ئازايتىش لازىم. ھەر كۈنى ئۈچ ۋاخ تويغۇچە تاماق يەپ كۆنۈپ قالغان كىشى رامىزان كىرىش بىلەن ئون نەچچە سائەت تاماق يېمەي ئاچ تۇرۇشقا سەۋر قىلىشى تەس بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رامىزاننىڭ ئالدىدا تاماقنى ئازراق يەپ ئاشقازىنىنى ئاز تاماققا كۆندۈرسە، بولسا ئىككى ۋاخ تاماق يېيىشكە ئادەتلەنسە، روزا تۇتقاندا، قاتتىق چاچراپ كەتمەيدۇ.

 

ئەمدى تۆۋەندە رامىزاندا روزا تۇتۇش ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش ئۈچۈن ياردەمچى بولىدىغان بىر نەچچە ئامىلنى بايان قىلىمىز:

 

1_ ئاللاھتىن ھەقىقىي رەۋىشتە قورقۇش: رامىزاندا روزا تۇتۇشنىڭ پەرز قىلىنىشىنىڭ ھېكمىتىمۇ تەقۋالىقنى كۈچەيتىشتۇر. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ ياخشى-يامان بارلىق ئىشلىرىدىن ھېساب بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ھېساب بېرەلمەيدىغان ئىشلارنى تاشلاش ھەقىقىي تەقۋالىقتۇر.

 

2_  يامان ئادەتلەرنى تاشلاش: تاماكا چېكىش ۋە باشقا يامان ئادەتلەرنى تاشلاپ، ئۆزىنى تۈزىتىشكە قەتئىي ئىرادە باغلاش لازىم. شۇنداق قىلغاندا رامىزاننىڭ بەرىكىتىدىن ياخشى پايدىلانغىلى بولىدۇ. رامىزاننىڭ شاراپىتى بىلەن يامان ئادەتلەردىن قۇتۇلۇپ ياخشى ئىشلارغا ئۆزىنى كۆندۈرەلەيدۇ.

 

3_ يامان دوست، ئەل-ئاغىنىلەردىن يىراق تۇرۇش. چۈنكى يامان دوست ئادىمىي شەيتان بولۇپ، كىشىنى يامان ئىشلارغا قىزىقتۇرۇپ، ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلاردىن غەپلەتتە قالدۇرىدۇ.

 

4_ قەلبنى قارايتىدىغان ۋە شەھۋەتنى قوزغايدىغان كۆرۈنۈشلەردىن ساقلىنىش.

 

5_ تىلنى غەيۋەت، يالغان سۆز، گەپ توشۇش، كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىش ۋە ھاقارەت قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن ساقلاش.

 

6_ ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى بىلىش.

 

7_ رامىزان ئېيىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە پەزىلىتىنى ئەسلەپ تۇرۇش.

 

8_ ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش.

 

9_ كىشىلەرنى كەچۈرۈش. چۈنكى ئاللاھ تائالا كىشىلەرنى كۆچۈرگەن كىشىنى ئەپۇ قىلىپ كەچۈرىدۇ.  

 

10_ قولىدىن كېلىشىچە كۆپ سەدىقە بېرىشكە تىرىشىش، مۇھتاجلارنىڭ، يېتىم-يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاش. بۇنداق قىلىش قەلبنى يۇمشىتىپ، رامىزاندا كىشىلەرگە تېخىمۇ مېھرى شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولىدۇ.

 

11_ ئىبادەتلەرنى كۆپەيتىش: رامىزاننىڭ كېلىشى بىلەن بۇرۇن قىلىۋاتقان ئىبادەتلەرنى كۆپەيتىش لازىم. مەسىلەن: بۇرۇن ھەر كۈنى بىر بەت قۇرئان ئوقۇيدىغان بولسا، رامىزاندا ئۇنى بىر نەچچە بەتكە چىقىرىش، باشقا چاغدا پەرز نامازنىلا ئوقۇيدىغان بولسا، رامىزاندا پەرز نامازغا قوشۇپ نەپلە نامازلارنى ئوقۇش، كېچە قوپۇپ تەھەججۇد نامىزى ئوقۇش، نەپلە سەدىقنى كۆپ بېرىش قاتارلىق ئىبادەتلەرنى كۆپەيتىش ئارقىلىق رامىزاننىڭ مۇكاپاتىدىن پايدىلىنىش مۇھىم.  چۈنكى رامىزاندا قىلىنغان ئەمەل-ئىبادەتلەرگە باشقا ۋاقتىدا قىلىنغان ئەمەل-ئىبادەتلەردىن نەچچە ھەسسە كۆپ ساۋاب بېرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رامىزاننى غەپلەتتە ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، قولىدىن كېلىشىچە كۆپ ئىبادەت قىلىۋېلىشقا تىرىشىش لازىم.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى كېلىۋاتقان ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنى غەنىمەت بىلىپ، لايىقىدا پايدىلانغىلى نېسىپ قىلسۇن. رامىزاندا تائەت-ئىبادەتلەرنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلىپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشكە مۇۋەپپەق قىلسۇن. ئامىين.

 

 

 

 

 

 



[1] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[2] ئىمام ئەھمەد ۋە تەبەرانى رىۋايەت قىلغان.