پەتىۋالار

باشقىلارنىڭ داڭلىق ماركىسىنى قوللىنىۋىلىش توغرىسىدا

2018-08-18
A-
A+

باشقىلارنىڭ داڭلىق ماركىسىنى قوللىنىۋىلىش توغرىسىدا

    1009-سوئال :

   مەلۇم بىر كىيىم- كېچەك ماركىسىنى ئىگىسىدىن ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ماللىرىغا چاپلاپ ئىشلەتسە شەرىئەتتە دۇرۇس بۇلامدۇ ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

   جاۋاپ :

   بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ئىسلامنىڭ ھۆكۈمىدە ( تىجارەت ماركىسى) ئۇنى كىم دەسلىۋىدە كەشىپ قىلغان بولسا پايدىلىنىش، سېتىش، ئارىيەت بېرىش دىگەندەك پۈتۈن ئىگىدارچىلىق ھەقلىرى شۇ كىشىگە مەنسۇپ بولىدۇ. باشقا بىركىمنىڭ ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز مەزكۇر ماركىنى قوللىنىشى دۇرۇس بولمايدۇ .

    بىزنىڭ دىنىمىز شۇنداق ئېسىل بىر دىن بولغان بولۇپ  ئادالەت، ھەق- ھوقۇق مەسىلىلىرىدە تەڭدىشى يوق دەرىجىدە پرىنسىپلارغا ئىگە بىر دىندۇر.

    تىجارەت ئىسمى، تىجارەت ئادرىسى، تىجارەت بەلگىسى، يېزىش، كەشىپ قىلىش، نەتىجە يارىتىش قاتارلىق ھەق -ھوقۇقلار ئۆز ئىگىسىگە خاس بولىدۇ. يېڭى دەۋرنىڭ چۈشەنچىسىدە بۇ ھەق-ھوقۇقلارنىڭ كىشىلەرنى بايلىققا ئىگە قىلىشتا ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان مالىيە قىممىتى مەۋجۇتلۇقى تۈپەيلى، بۇ شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ھوقۇق بولۇپ، بۇنىڭغا تاجاۋۇز قىلىش توغرا بولمايدۇ.

    ئۇنداقتا بىر شىركەت ۋەياكى بىر شەخس ئۆزىگە خاس بولغان بىر ماركىنى قانۇنى ئورۇنلارغا تىزىملاتقان بولسا ئىككىنچى بىر شەخس ماركىنىڭ ئىگىسىدىن ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ماللىرىغا چاپلاپ ئىشلىتىش باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغانلىق بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھىچ بىر مۇسۇلماننىڭ قولى تەگمىگەن بىر نەرسىنى كىم قولغا چۈشۈرگەن بولسا، ئۇ نەرسە شۇ كىشىنىڭ بولىدۇ.» [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى].

    ئادەتتە ئۇ ماركا بىر سۆز ۋە ياكى بەلگە ۋە ياكى رەسىم ۋە ياكى لاھىيە دېگەندەك نەرسە بولىشى مۇمكىن ئۇنى كىم ئىجاد قىلغان بولسا، ئىگىلىك ھوقۇقى شۇ كىشىگە مەنسۇپتۇر. ئۇنى ئىگىسىدىن سورىماي قوللانغان كىشى بىر تەرەپتىن ماركا ساھىبىنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن يالغانچىلىق قىلىپ خېرىدارلارغا كۆز بويامچىلىق قىلغان ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئىنسانلار مەشھۇر بولغان مالنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئەمەس بەلكى ئەسلى نۇسخىسىنى سېتىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر سېتىۋالغان مالنىڭ ئەسلى ئەمەسلىكى ئاشكارە بولغان تەقدىردە سېتىۋالغۇچى نارازى بولىدۇ. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَكُم بَيْنَكُم بِالْبَاطِلِ إِلَّا أَن تَكُونَ تِجَارَةً عَن تَرَاضٍ مِّنكُمْ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆئمىنلەر! بىر- بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىنغان سودا سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنۇڭدىن مۇستەسنا...» [سۈرە نىسا 29 ئايەت].

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى كۆز بويامچىلىق قىلىدىكەن ئۇ بىزدىن ئەمەس.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

   خۇلاسە: ماركا ساھىبىدىن ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ماللىرىغا چاپلاپ ئىشلەتكەنلىك، ماركا ئىگىسىگە زىيان يەتكۈزگەنلىك بولىدۇ. باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش دىنىمىزدا جايىز بولمايدۇ. ئىسلامدىكى چوڭ پرىنسىپلاردىن بىرى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىكتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ماددى ۋە مەنىۋى زىيانكەشلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزى ۋە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش يوق.» [ئىبنى ماجە ۋە دارۇ قۇتنى رىۋايىتى].

    مۇسۇلمان باشقىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى تىجارەت ئىسمى، تىجارەت ئادرىسى، تىجارەت بەلگىسى، يېزىش، كەشىپ قىلىش، نەتىجە يارىتىش دېگەنگە ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ماددى ۋە مەنىۋى قىممەتكە ئىگە بولغان بۇيۇملارنى، ساھىبىدىن قوللىنىش ھوقۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ئىشلىتىش ئىسلامدا جايىز بولمايدۇ. شۇنداقلا ئىنسانىي ئەخلاققىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى پەتىۋا ھەيئىتى