پەتىۋالار

قۇربانلىقنىڭ ھۆكمى ۋە ئۇنىڭدىكى ھېكمەت توغرىسىدا

2020-07-17
A-
A+

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

قۇربانلىقنىڭ ھۆكمى ۋە ئۇنىڭدىكى ھېكمەت توغرىسىدا

سوئال: قۇربانلىق دېگەن نېمە؟ قۇربانلىق قىلىش ۋاجىپ ياكى سۈننەتمۇ؟، قۇربانلىق قىلىشتىكى ھېكمەت نېمىلەردىن ئىبارەت؟ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئاتىغان مالنىڭ پۇلىنى سەدىقە قىلسا ياكى باشقا ياخشىلىق ئورۇنلىرىغا سەرپ قىلسا بۇنىڭ  بىلەن قۇربانلىق ئادا بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

ج-قۇربانلىق بولسا: قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن بوغۇزلىنىدىغان قوي، ئۆچكە، كالا ۋە تۆگە قاتارلىق چارۋىلاردىن ئىبارەت.

قۇربانلىق قۇرئان كەرىم ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەلەمنىڭ سۈننىتى ۋە مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن يولغا قۇيۇلغان ئىسلامنىڭ شۇئارلىرىدىن بىرىدۇر.

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «قُلْ إِنَّ صَلاَتِى وَنُسُكِى وَمَحْيَاىَ وَمَمَاتِى للَّهِ رَبِّ الْعَـلَمِينَ * لاَ شَرِيكَ لَهُ وَبِذَلِكَ أُمِرْتُ وَأَنَاْ أَوَّلُ الْمُسْلِمِينَ». تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم (دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت-ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردەگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن مۇشۇنىڭغا (يەنى يالغۇر ئاللاھقىلا خالىس ئىبادەت قىلىشقا) بۇيرۇلدۇم، مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلىمەن». [سۈرە ئەنئام 162-163-ئايەتلەر].  «وَلِكُلِّ أُمَّةٍ جَعَلْنَا مَنسَكًا لِّيَذْكُرُواْ اسْمَ اللَّهِ عَلَى مَا رَزَقَهُمْ مِّن بَهِيمَةِ الاَنْعَـامِ فَإِلَـهُكُمْ إِلَـهٌ وَاحِدٌ فَلَهُ أَسْلِمُواْ وَبَشِّرِ الْمُخْبِتِينَ». تەرجىمىسى: «ھەر ئۈممەت ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋىلارنى (شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن قۇربانلىق قىلغانلىرىدا) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن دەپ، ئۇلارغا قۇربانلىقنى بەلگىلىدۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار، ئىتائەتمەنلەرگە خۇشخەۋەر بەرگىن». [سۈرە ھەج 34-ئايەت].

قۇربانلىقنىڭ ئىسلامنىڭ شۇئارلىرىدىن ئىكەنلىكىگەسۈننەتتىكى دەلىللەر:

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېشى ئاق، باشقا يىرى قارا ئىككى قوچقارنى ئۆز قولى بىلەن قۇربانلىق قىلدى، ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتىدى، تەكبىر ئېيتتى، پۇتىنى قوينىڭ يان تەرىپىگە قويدى دېيىلگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 5558-ھەدىس ۋە مۇسلىم رىۋايىتى 1966-ھەدىس].

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە قۇربانلىق قىلىپ ئون يىل تۇردى. [ئەھمەد رىۋايىتى 4935- ھەدىس ۋە تىرمىزى رىۋايىتى1507-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى "مىشكاتىل مەسابىھ"ناملىق ئەسەر 1475-نومۇرلۇق ھەدىستە ھەسەن دەپ باھا بەرگەن.

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى ئارىسىدا قۇربانلىق ئۇلاغلارنى تەقسىم قىلدى، ئۇقبەگە ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان بىر ئوغلاق چىققان ئىدى، ئۇقبە: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان ئوغلاق قاپتۇ،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنى قۇربانلىق قىلغىن دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 5547-ھەدىس].

بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھېيت نامىزىدىن كېيىن قۇربانلىق قىلغان كىشى قۇربانلىقنى تولۇق ئادا قىلغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يولى بىلەن ئىش تۇتقان بولىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 5545-ھەدىس].

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىمۇ قۇربانلىق قىلدى، شۇنداقلا قۇربانلىق قىلىش مۇسۇلمانلارنىڭ يولى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار قۇربانلىقنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى، نۇرغۇن ئۆلىمالار بۇنى نەقىل قىلدى.

-قۇربانلىقنىڭ ھۆكمى؟

ج- قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھۆكمى ھەققىدە ئۆلىمالار ئىچىدە ئىككى خىل كۆز قاراش بولۇپ، كۆپچىلىك ئۆلىمالار قۇربانلىقنى تەكىتلەنگەن سۈننەت دەپ قارىغان. ئىمام شافىئىينىڭ مەزھىبى، ئىمام مالىك ۋە ئىمام ئەھمەد بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھ قۇدرىتى يەتكەن كىشىنىڭ قۇربانلىق قىلىشىنى ۋاجىپ دەپ قارىغان. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللاپ: "بۇ مالىكى مەزھىپىدىكى ئىككى قاراشنىڭ بىرى ياكى مالىكى مەزھىپىنىڭ ئېنىق قارىشى" دېگەن.

قۇربانلىقنىڭ ۋاجىپلىقىنىڭ قۇرئان سۈننەتتىكى دەلىلى:

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَانْحَرْ» تەرجىمىسى: «رەببىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن». [سۈرە كەۋسەر: 2-ئايەت]. 

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى قۇربى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق قۇربانلىق قىلمايدىكەن، بىزنىڭ نامازگاھلىرىمىزغا يېقىن يولىمىسۇن» دېگەن. «ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى»، 8256 - ھەدىس.

يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىس، شۇنىڭدەك رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قۇربانلىقنى تاشلىماي، ئىزچىل قىلىشى قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھۆكمىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

بىر قىسىم ئۆلىمالار قەرز ئېلىپ قۇربانلىق قىلسا توغرا بولىدۇ دېگەنلىكى ئۈچۈن قەرزدار كىشىنىمۇ قەرز ئىگىسى ئالدىراتماي مۆھلەت بەرگەن ئەھۋالدا، قەرزدار كىشىمۇ قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ.

شۇنىڭدەك بىر ئائىلىدە ياشايدىغان كىشىلەر كۆپ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى بىر بولسا ھەممىسىگە بىر قۇربانلىق كۇپايە قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ  ئىقتىسادى ئايرىم بولسا، ھەر بىرى بىردىن قۇربانلىق قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

قۇربانلىق يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەت نېمىلەردىن ئىبارەت؟

ج-قۇربانلىق قىلىشنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىكى ھېكمەتلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1-ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش.

2-ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ، شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش.

3- ئىنسانلارنى ئاللاھ تائالاغا بەندىچىلىك قىلىشقا يېتەكلەش.

4- قۇربانلىق قىلغاندا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاش ئارقىلىق ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە  تەۋھىد ئەقىدىسىنى جاكارلاش.

5- قۇربانلىق گۆشلىرىدىن پەقىر-مىسكىنلەرگىمۇ يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارغا خوشاللىق بېغىشلاش.

6- قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق ئائىلىسىنى خۇرسەن قىلىش.

7- ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېمىتىگە شۈكۈر قىلىش.

س-قۇربانلىق قىلىدىغان مالنىڭ پۇلىنى سەدىقە قىلسا ياكى باشقا ياخشىلىق ئورۇنلىرىغا سەرپ قىلسا بۇنىڭ  بىلەن قۇربانلىق ئادا بولامدۇ؟.

ج- كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك بولغان قارىشىدا، قۇربانلىققا مال بوغۇزلىماي، مال ئالىدىغان پۇلنى نامراتلارغا سەدىقە قىلسا قۇربانلىق ئادا بولمايدۇ. گۆش سېتىۋېلىپ، نامراتلارغا تارقىتىپ بەرسىمۇ، ھەتتا تىرىك قوي سېتىۋېلىپ، سەدىقە بەرسىمۇ قۇربانلىق ئوخشاشلا ئادا بولمايدۇ. قىلغىنى پەقەتلا ئادەتتىكى سەدىقە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىبادەت قان ئېقىتىشتىن ئىبارەت، چۈنكى، بوغۇزلاش بىلەن قان ئېقىتىشنىڭ ئۆزى ئالاھىدە مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىبادەت ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىدە ناماز بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنغان: ﴿پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن﴾.

دېمەك، ھەربىر شەرىئەتتە ناماز بىلەن قۇربانلىق باردۇر. باشقا بىر ئىبادەت ئۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ھەج تەمەتتۇ ياكى ھەج قىران قىلغاندا قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئورنىغا قۇربانلىقنىڭ پۇلىنىڭ نەچچە ھەسسىسىنى سەدىقە بەرسىمۇ، ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرالمايدۇ. قۇربانلىقمۇ شۇنداق».

دېمەك، كەئبىگە ھەدىيە قىلىنىدىغان قۇربانلىق، ھېيت قۇربانلىقى ۋە ئەقىقە قاتارلىقلار دىننىڭ ئالامەتلىرى، شوئارلىرى ۋە بەلگىلىرىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدۇر. ئەگەر قۇربانلىققا مال سويماي، نامراتلارغا پۇل ياكى گۆش تارقىتىپ بېرىش ئەۋزەل بولىدىغان بولسا ياكى قۇربانلىقنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەلۋەتتە شۇنداق قىلغان بولاتتى.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى پەتىۋا بۆلۈمى