ئەھزاب غازىتىدىن دەرس ۋە ئىبرەتلەر

0000-00-00
A-
A+

 ئەھزاب غازىتىدىن دەرس ۋە ئىبرەتلەر

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

(2013-يىلى 05-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى)

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھ تائالانى مەدھىيىلەپ، رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كېيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈزمىڭلىغان كىشىلەرگە:  "قىيىنچىلىققا يولۇققاندا تەۋرەنمەسلىك، بالا-مۇسىبەتكە دۇچار بولغاندا ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى" توغرىسىدا ئەھزاب غازىتىدىكى دەرسلەردىن ئىبرەت ئىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

     ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئۈچۈن توغرا دىننى تاللىدى، دىننى كۈچلاندۈرۇش، مۇسۇلمان بەندىلىرىگە ياردەم بېرىش، باتىل ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنى يوق قېلىش توغرىسىدا ۋەدە قىلدى. شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى تەرجىمىھالى ئىلىم-ھېكمەت، ۋەز-نەسىھەت، جاپا-مۇشەققەت ۋە ئىمتىھان-سىناقلار بىلەن تولغاندۇر.

     رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەرجىمىھالىنى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا زەينۇل ئابىدىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىيرەتلىرىنى قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى ئۆگەنگەندەك ئۆگىنەتتۇق".

     ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئەھزاب ئۇرىشى ۋەقەلىكنى بايان قىلىپ بۇ سۈرىنى مەزكۇر غازاتنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىدى.  مۆمىنلەرنى ھەر ۋاقىت ئاللاھ تائالانىڭ ئاشۇ ئۇرۇش دەۋرىدە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ئەسلەشكە بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّـهِ عَلَيْكُمْ إِذْ جَاءَتْكُمْ جُنُودٌ فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِيحًا وَجُنُودًا لَّمْ تَرَوْهَا ۚ وَكَانَ اللَّـهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرًا﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا ئۈستۈڭلارغا (كۇففارلاردىن ئۇيۇشقان ئۇرۇشقۇچى) قوشۇن كەلگەن ئىدى. بىز ئۇلارغا قارشى بوران ۋە سىلەرگە كۆرۈنمەيدىغان قوشۇن (يەنى پەرىشتىلەرنى) ئەۋەتتۇق، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.» [ئەھزاب سۈرىسى 9-ئايەت].

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ بارلىق سەپەرلىرىدە ئاللاھ تائالانىڭ ئاشۇ ئۇرۇشتا ئاتا قىلغان بۈيۈك نېمەتلىرىنى  ئەسلەيتتى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ  بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەج ياكى ئۆمرە سەپەرلىرىدىن ياكى ئۇرۇشتىن قايتقاندا: ئاللاھ كاتتىدۇر، (يەنى ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ ئۈچ قېتىم تەكبىر ئېيتاتتى، ئاندىن: ئاللاھ بىردۇر، ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، بارلىق پادىشاھلىق ۋە ماختاشلار ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، بىز ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتقۇچى، گۇناھلىرىمىزغا تەۋبە قىلغۇچى، ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلغۇچى، سەجدە قىلغۇچى ۋە پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھنى ئەڭ گۈزەل مەدھىيىلەر بىلەن ماختىغۇچىلارمىز، ئاللاھ ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنى ئورۇندىدى، پەيغەمبەرگە ياردەم بەردى، بىرلەشكەن قوشۇنلارنى ئۆزى يالغۇز مەغلۇب قىلدى، دەيتتى.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ نېمەتنى ئەسلەشنى ھەر بىر ھەج ياكى ئۆمۈر ئىبادىتى قىلغۇچى ئۈچۈن سۈننەت قىلىپ بېكىتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر قېتىم ساپا تېغىغا ئۆرلىگەندە: «ئاللاھ بىردۇر، ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، بارلىق پادىشاھلىق ۋە ماختاشلار ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، ئاللاھ يەككە-يىگانىدۇر، ئاللاھ ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، پەيغەمبەرگە ياردەم بەردى، بىرلەشكەن قوشۇنلارنى ئۆزى يالغۇز مەغلۇب قىلدى.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

     مۇسۇلمانلارنىڭ تارىختا ئەبەدىي ئۆچمەس نامى قالغان بۇ ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن باتۇرلۇقى، سەۋىرچانلىقى ۋە تەۋرەنمەس-كۈچلۈك ئىمانى تۆۋەندىكىدەك تەسۋىرلىنىدۇ: ئەھزاب ئۇرۇشى ھىجىرىيىنىڭ 5-يىلى قەھرىتان قىشنىڭ قاراڭغۇ-زۇلمەتلىك، سوغۇق-شىۋىرغانلىق بوران-چاپقۇنلۇق ۋەھىمىلىك بىر كېچىدە يۈزبەرگەن، خەيبەردىكى بەنى نەزىر يەھۇدىلىرى مەككە شەھىرىدىكى قۇرەيش كاپىرلىرىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا كۈشكۈرتكەن ۋە ئۇلارغا قورال-ياراق، ماددى ياردەم بېرىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىدۇ، مەككە كاپىرلىرى ئەتراپتىن قوشۇن توپلايدۇ، ئۇلارغا شەرق تەرەپتىن غەتەپان قەبىلىسى كېلىپ قېتىلىدۇ.

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا مۇسۇلمانلارنى مەدىنىنىڭ ئەتراپىغا خەندەك كولاشقا بۇيرىدى، مۇسۇلمانلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، تىزدىن قاتتىق سوغۇق، ئاچلىق، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، خەندەك كولاپ، توپىلارنى يۈدۈپ توشۇشقا باشلىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، مۇھاجىر ۋە ئەنسارىلار ئۈچۈن رەھمەت، بەرىكەت، ئىتتىپاقلىق تىلەپ ئاللاھقا كۆپ دۇئا قىلدى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە خەندەك كولاپ، توپىلارنى يۆتكەشكە باشلىدى.

     مۇسۇلمانلار بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا تەۋرەنمەس ئىرادە، كۈچلۈك ئىمان ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ئاچلىق، سوغۇق ۋە قورقۇنچلاردىن غالىب كەلدى، ئۇلار خەندەك كولاش جەريانىدا قاتتىق قورام تاشلارغا دۇچ كەلگەندە، رەسۇلۇللاھ خەندەككە ئۆزى چۈشۈپ، جوتۇنى ئىلىپ تاشنى پارچىلاپ يول ئېچىپ بېرەتتى، ساھابىلار جاپالىق ئىشلەپ ئون بەش كۈندە خەندەكنى پۈتتۈردى، كىشىلەر بۇ ۋاقىتتا قاتتىق ئاچارچىلىققا دۇچ كەلدى.

     جابىر رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «خەندەك كولاۋاتقاندا ساھابىلار يوغان بىر قورام تاشقا دۇچ كەلدى، ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ بۇ يوغان تاشنى پارچىلاشقا ياردەم سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: پارچىلاپ بېرەي دەپ خەندەككە چۈشتى، شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاچلىقتىن قورسىقىغا تاش تېڭىۋالغان ئېدى، بىز ھېچ نەرسە يېمەستىن ئۈچ كۈن ئىشلىدۇق،» دەيدۇ. [بۇخارىي رىۋايىتى].

     بۇ مۇبارەك غازاتنىڭ ئەمەلىي ۋەقەلىكلىرىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق، يەھۇدىيلار ۋە ھەر قايسى مىللەتلەردىن تەشكىللەنگەن ئون مىڭدىن ئارتۇق بىرلەشمە قوشۇن ھەر تەرەپتىن مەدىنە شەھىرىگە باستۇرۇپ كەلگەن ۋاقتىدىكى  مۇسۇلمانلارنىڭ سەۋىرچانلىقى، تەۋرەنمەس ئىرادىسى، كۈچلۈك ئىمانى بىلەن ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قېلىشى نەتىجىسىدە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

     بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِذْ جَاءُوكُم مِّن فَوْقِكُمْ وَمِنْ أَسْفَلَ مِنكُمْ﴾ تەرجىمىسى: «ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار يۇقىرى تەرىپىڭلاردىنمۇ، تۆۋەن تەرىپىڭلاردىنمۇ ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن ئىدى.» [سۈرە ئەھزاب 10-ئايەت].

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلاردىن تەشكىللەنگەن ئۈچ مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشقا چىقتى، ئۇلار بىلەن مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىنى خەندەك ئايرىپ تۇراتتى، مۇشرىكلار مۇسۇلمانلارنى بىر ئاي مۇھاسىرە قىلىپ، قورشاپ تۇردى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئالاھىدە ئۇرۇش بولمىغان بولسىمۇ ئەمما ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە ئوقيا ئېتىشىپ تۇردى، نەتىجىدە مۇشرىكلاردىن ئۈچ كىشى ئۆلدى، مۇسۇلمانلاردىن ئالتە كىشى شېھىت بولدى، ئۇلارنىڭ بىرى سەئد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېدى.

     بىرلەشمە قوشۇن مەدىنە شەھىرىنى مۇھاسىرە قىلىپ تۇرۇپ، قۇرەيش كاپىرلىرى مەدىنىنىڭ شەرقى جەنۇب تەرىپىدە ئولتۇراقلاشقان بەنى نەزىر يەھۇدىلىرىدىن تاغىسىنىڭ ئوغلى بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلدى. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئەقىلسىزلىكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ۋە قەبىلىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن يىراقتىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى.

     بەنى قۇرەيزە يەھۇدىلىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن تۈزگەن تېنىچلىق ئەھدىسىنى بۇزۇپ، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا كەلگەن بىرلەشمە قوشۇنغا قېتىلدى. ۋەزىيەت كەسكىنلەشتى، مۇسۇلمانلاردا قاتتىق سوغۇق ۋە ئاچارچىلىق بىلەن بىرگە ۋەھىمە-قورقۇنچ  ئاشكارا بولدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈپەتلەپ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېدى: ﴿وَإِذْ زَاغَتِ الْأَبْصَارُ وَبَلَغَتِ الْقُلُوبُ الْحَنَاجِرَ﴾ تەرجىمىسى: «بۇ چاغدا كۆزۈڭلار چەكچىيىپ قالغان، يۈرىكىڭلار ئاغزىڭلارغا قاپلىشىپ قالغان ئىدى.» [سۈرە ئەھزاب 10-ئايەتنىڭ بىرقىسمى]. 

     ھۇزەيپە رەزىيەللاھ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «كىم مۇشرىكلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ كەلسە، ئۇ كىشى قىيامەت كۈنى مەن بىلەن بىرگە بولىدۇ؟، دېۋىدى، ئارىمىزدىن ھېچ كىشى جاۋاپ بەرمىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى ئىككى-ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى،  بىزدىن ھېچ كىشى جاۋاپ بەرمىگەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئىي ھۈزەيپە! سەن بېرىپ مۇشرىكلارنىڭ ئەھۋالىنى كۈزۈتۈپ كەلگىن دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئىسمىمنى چاقىرىپ بۇيرۇغاندىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەھۋالنى كۈزۈتۈشكە باردىم.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

     بۇ قېتىمقى ئۇرۇش بولسا، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن  غەلىبە-نۇسرەتنىڭ ماددى سەۋەبلىرى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن، مۇشرىكلار سان ۋە تەييارلىق جەھەتتە مۇسۇلمانلاردىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن بولۇش بىلەن بىرگە، مۇسۇلمانلارنى ھەر تەرەپتىن قورشىۋالغان ئىدى. ئۇلار بۇ قىيىنچىلىقتىن پەقەت ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە تايىنىش ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىش بىلەن قۇتۇلدى.

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇھاسىرە ئاستىدا تۇرغاندا تەۋھىد كەلىمىسىنى كۆپ زىكىر قىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، ئاللاھ بىردۇر، ئاللاھ ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرىنى كۈچلەندۈردى، بەندىسىگە ياردەم بەردى، بىرلەشمە قوشۇننى ئۆزى يالغۇز مەغلۇب قىلدى، ئاللاھدىن باشقا ھېچقانداق كۈچ-قۇدرەت ئىگىسى يوق،» دېگەن سۆزنى كۆپ تەكرارلايتتى.

     ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ-ۋەھىمە تاشلىدى، مۆمىنلەرگە ئۆزىنىڭ ياردىمىنى چۈشۈردى، قۇرەيش مۇشرىكلىرى بىلەن يەھۇدىلار ئارىسىدا ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلدى، ئۇلار دەسلەپتە مۇسۇلمانلارغا قارشى بىرلەشمە ئىتتىپاق قوشۇن بولسا، كېيىن ئاچچىق يۇتۇپ، بىر-بىرىگە بولغان ئۆچمەنلىك، ۋە دۈشمەنلىكنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قايتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى قاتتىق سوغۇق شامال ئارقىلىق مەغلۇب قىلدى، ئۇلارنىڭ ئوتلىرى ئۆچۈپ، تىككەن چېدىرلىرى ئۆرۈلۈپ كەتتى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِيحًا وَجُنُودًا لَّمْ تَرَوْهَا﴾ تەرجىمىسى: «بىز ئۇلارغا قارشى بوران ۋە سىلەرگە كۆرۈنمەيدىغان قوشۇن يەنى پەرىشتىلەرنى ئەۋەتتۇق» [سۈرە ئەھزاب 9-ئايەت].

     مۇشرىكلار مەغلۇب بولغان ۋە زىيان تارتقان ھالەتتە مەدىنىدىن ئايرىلدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَرَدَّ اللَّـهُ الَّذِينَ كَفَرُوا بِغَيْظِهِمْ لَمْ يَنَالُوا خَيْرًا ۚ وَكَفَى اللَّـهُ الْمُؤْمِنِينَ الْقِتَالَۚوَكَانَ اللَّـهُ قَوِيًّا عَزِيزًا﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ كاپىرلار يەنى مەدىنىگە ھۇجۇم قىلغان ئىتتىپاقداش قوشۇننى خاپا قايتۇردى، ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلمىدى، ئاللاھ دۈشمەنگە بوران ۋە پەرىشتىلەرنى ئاپىرىدە قىلىپ مۆمىنلەرنى ئۇرۇشسىز غەلىبىگە ئېرىشتۈردى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر.» [سۈرە ئەھزاب 25-ئايەت].

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدى بىز ھۇجۇم قىلىمىز، ئۇلار ھۇجۇم قىلالمايدۇ.» [بۇخارىي رىۋايىتى].

     ئىي مۇسۇلمانلار! ئاللاھ ئۆزىنىڭ دىنىغا قارشى ئۇرۇش كۈچەيگەندە، دىنىغا ياردەم بەردى، ئىسلام نۇرىنى تولۇقلىدى، ئاللاھ ئۆز ئىشلىرىدا غالىبتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى بۇنى بىلمەيدۇ. قاتتىقچىلىق ۋە قىيىنچىلىق شارائىتلىرى، تەۋرەنمەس ۋە ئىرادىلىك ئەرلەرنى تاۋلاپ يېتىشتۈرىدۇ. بالا-مۇسىبەت، قىيىنچىلىق-سىناقلاردىن ئۆتكەن كىشى ئاخىرقى نىشانغا يېتەلەيدۇ.

     شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا بۇ ئۇرۇشتىكى ئېغىر سىناقلارنى بارلىق ئېسىللىكنىڭ باشلىنىشى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ  توغرا دەۋىتىنى زېمىن يۈزىدە تۇرغۇزۇشنىڭ ئاساسى قىلدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّا لَنَنصُرُ رُسُلَنَا وَالَّذِينَ آمَنُوا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَيَوْمَ يَقُومُ الْأَشْهَادُ﴾ تەرجىمىسى: «شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبىرىمىزگە، مۆمىنلەرگە ھاياتىي دۇنيادا ۋە (پەرىشتە، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەردىن بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھ بولىدىغان) گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز.» [سۈرە غاپىر51-ئايەت]. 

     مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبە قىلىشى كېچىككەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ تائالا  كاپىرلار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَلَا تَعْجَلْ عَلَيْهِمْ ۖ إِنَّمَا نَعُدُّ لَهُمْ عَدًّا﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىراپ كەتمىگىن، ئۇلارنىڭ كۈنى ئاز قالغان بولۇپ ئۇنى بىز ساناپ تۇرىمىز.» [سۈرە مەريەم 84-ئايەت].

     دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ھاياتىدا قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىپ ياشايدىكەن غەلىبە-نۇسرەت ئۇلار ئۈچۈن بولىدىغانلىقىدا شەك يوقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ  بىزلەرگە ئاتا قىلغان چەكسىز نېمەتلىرىنى ئەسلەپ، ئەگەر بىز ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇستەھكەملا تۇرساق، ئاللاھ بىزگە چوقۇم نۇسرەت ئاتا قىلىپ دىن دۈشمەنلىرىنى مەغلۇب قىلىدىغانلىقى قاتارلىق ئېھسانلىرىنى ئېسىمىزغا ئىلىپ، بارچە ئىشلىرىمىزدا ئۇ زاتقا سېغىنىشىمىز ۋە ئۇنى مەدھىيىلىشىمىز، ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

     ئاللاھ تائالا بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئاللاھنىڭ نۇسرىتىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلسۇن.