ماقالىلار

ھارامدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى

2020-09-28
A-
A+

ھارامدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى

مۇھەممەد يۈسۈپ
بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى «ھالال يېيىش ئىبادەتتۇر» دېگەن تېمىدىكى يازمىدا ھالال رىزىق ھاسىل قىلىشنىڭ پىرىنسىپلىرى، ھالالدىن يېيىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ھارامدىن قۇتۇلۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە توختالغان ئىدۇق. بۇ يازمىدا بەزى ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ تەلىپى بىلەن ھارامدىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرى ھەققىدە توختىلىمىز.
بارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى ھارام مالدىن دەرھال قۇتۇلۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىدە ئىتتىپاقتۇر. ھارامدىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرى ۋە چارىلىرى ھەققىدە ئەمەلىي ئەھۋال ۋە شارائىتقا قاراپ ئۆلىمالارنىڭ ھەرخىل كۆزقاراشلىرى مەۋجۇت. ئەللامە قۇرتۇبى مۇنداق دېگەن: «ئۆلىمالىرىمىز قولىدىكى ھارام مالنىڭ تەۋبىسى ئۇنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش بىلەن بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇ ھارام مال بىراۋدىن ئالغان ئۆسۈم (جازانە) ياكى زۇلۇم ۋە يولسىزلىق بىلەن ئالغان مال بولسا، ئۇنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش، ئەگەر ئىگىسىنى تاپالمىسا، يوقسۇللارغا سەدىقە قىلىۋېتىش بىلەن بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر قولىدىكى پۇل-مالنىڭ قانچىلىكى ھالال ۋە قانچىلىكى ھارام ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قالسا، ئۆزىنىڭ گۇمانىنىڭ كۈچلۈك تەرىپىنى ھېسابقا ئېلىپ ئىش كۆرسە بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر زىممىسىدىكى ھەقلەر كۆپ بولۇپ ئۇنى تۆلەشكە كۈچى يەتمەيدىغان دەرىجىدە بولسا، ئۇنىڭ تەۋبىسى قول ئىلكىدە بار بولغان نەرسىلەردىن بىر قۇر كىيىم ۋە يېمەك-ئىچمەكلىرىنى ئېلىپ قېلىپ قالغىنىنى سەدىقە قىلىۋېتىش ياكى ئومۇمىي مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق بولغان جايلارغا ئىئانە قىلىش بىلەن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان» .
ئىمام شافىئىي مۇنداق دېگەن: «ھارام مالدىن تەۋبە قىلىشنىڭ شەرتى زىممىسىدىكى ھارام مالنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش، ناۋادا مال ئىگىسى بولمىسا، ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ بېرىش، ئەگەر ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا بېرىش، ۋارسلىرى بولمىسا، مۇسۇلمانلارنىڭ جەمئىيەتلىرىگە، ئۇلارمۇ بولمىسا يوقسۇللار بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. ھارام مالدىن قۇتۇلماقچى بولغان ئادەم قۇتۇلۇش نىيىتى بىلەن ئۆلۈپ كەتسە، ئاللاھنىڭ ئۇنى مەغپىرەت قىلىشى ئۈمىدلىكتۇر» .
ھارام ئارىلىشىپ قالغان مالنى پاكلاش مەسىلىسى
بەزى كىشىلەر ھالال كەسىپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھارام ئىشلارنىمۇ قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ كەسىپتىن تاپقان ھالال پۇلغا ھارام پۇل ئارىلىشىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پۇل-مالغا ئارىلىشىپ قالغان ھارامنى ئايرىپ چىقىرىۋەتمىگەندە، قولدىكى ھالال پاكلانمايدۇ. قولدىكى ھالال ھارامدىن ۋە شۈبھىلىك ئىشلاردىن پاك-پاكىز بولمىسا، ئەمەل ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولۇشىغا، دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىغا توسقۇن بولىدۇ.
ھالالغا ھارام ئارىلىشىپ قالىدىغان ئىشلاردىن بەزى ئۆرنەكلەر
— ئىسلام شەرىئىتىدە سېتىشقا رۇخسەت قىلىنغان ھالال نەرسىلەرنى سېتىش بىلەن بىرگە تاماكا، ھاراق، ، چوشقا گۆشى، ئاق چېكىملىك دېگەندەك ھارام نەرسىلەرنىمۇ سېتىش ياكى بەزى ماللارغا باشقىلارنىڭ ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ماركىلىرىنى ئوغرىلىقچە چاپلاپ سېتىش ۋە ياكى سودىدا ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىقلار.
— مېۋە، كۆكتات، ئاشلىق قاتارلىقلارنى ساتىدىغانلارنىڭ ياخشىسىنى ئۈستىگە، ناچارلىرىنى ئاستىغا تىزىپ سېتىشى.
— قىلغان ئىشى ياكى كەسپى گەرچە ھالال بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ھەققىدىن زىيادە ھەق ئېلىش.
— مېھمانخانىلارنىڭ مېھمانلار ئۈچۈن تەقدىم قىلىدىغان خىزمەتلىرى ئىچىدە ھارام ئىشلارنىمۇ قىلىشى ياكى ھارام نەرسىلەرنى تەقدىم قىلىشى.
— بانكىلارنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرىئەت ھارام قىلغان جازانە دېگەندەك ھارام ئىشلارنىمۇ قىلىشى.
— بەزى شىركەتلەرنىڭ ھالال ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا جازانە قىلىدىغان بانكىلاردا پۇل قويۇش دېگەندەك بەزى ھارام ئىشلارنىمۇ قىلىشى ۋە باشقىلار.
ھارام ئارىلىشىپ قالغان مالنى پاكلاش ئۇسۇلى
ئىسلام ئۆلىمالىرى ھارام ئارىلىشىپ قالغان مالنى پاكلاشتا مۇنداق قائىدىنى ئوتتۇرىغا قويغان :
— ھالالغا ئارىلىشىپ قالغان ھارام ھەممىنى ھارام قىلىۋەتمەيدۇ.
— ھالالغا ئارىلىشىپ قالغان ھارامنى ئايرىپ چىقىپ، يوقسۇللارغا ياكى مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق جەمئىيەتلەرگە بېرىش لازىم.
— ھالال بىلەن ھارام ئارىلىشىپ قالىدىغان ئىشلاردىن كەسىپلەردىن ۋە مۇئامىلىلەردىن يىراق تۇرۇش تەقۋالىقنىڭ تەلىپىدۇر.
ھالال مالدىن ھارامنى ئايرىپ چىقىش قىيىن بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟
كۆپ سانلىق ئۆلىمالارنىڭ ئىتتىپاقى بويىچە، بانكىدا قويغان پۇلغا، شىركەت ھەسسىدارلىقىغا ۋە باشقا مۇئامىلىلەرگە ئارىلىشىپ قالغان ھارامنى ئايرىپ چىقىش قىيىن بولغاندا، بۇ ھەقتە ئىختىساس ئىگىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىش لازىم كېلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھېسابلاپ بېرەلەيدۇ. بۇنداق قىلىش دىنىمىزدا يولغا قويۇلغان ئۇسۇل بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زىرائەت ۋە مېۋىلەرنىڭ زاكىتىنى، ھەتتا تېخى يىغىۋېلىنمىغان مېۋىلەرنىڭ زاكىتىنى ھېسابلاشتا قوللانغان چارىدۇر. بۇنى فىقھى كىتابلىرىدا «خەرس» دەپ ئاتايدۇ.
ھارام مالنى ئىبادەت ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟
ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ كۆپ سانلىقى ھارام مالنى ھېچقانداق بىر ئىبادەت ئۈچۈن قوللىنىشقا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. ھەتتا بەزى ئۆلىمالار ھارام پۇلغا قۇرئان سېتىۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلار ھارام مالنى پېقىرلارنى ۋە مىسكىنلەرنى تائاملاندۇرۇش، قەرزىسىنى تۆلىيەلمىگەنلەرنىڭ قەرزىسىنى تۆلەپ بېرىش، ھەر قايسى ئىلىم ساھەلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا، تەتقىقاتچىلارغا ۋە ياشلارنىڭ ئۆيلىنىش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلەتسە بولىدۇ دەپ قارايدۇ .
ھارام مال بىلەن ھەج قىلىشقا بولامدۇ؟
ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ ئۆلىمالىرىنىڭ ۋە باشقا كۆپ سانلىق ئۆلىمالارنىڭ ئىتتىپاقى بويىچە، ھارامدىن پۇل تاپقان ئادەمنىڭ ئاشۇ ھارام پۇل بىلەن قىلغان ھەججى قوبۇل بولمايدۇ ۋە قىلغان ھەججىدىن ئۇنىڭغا ھېچقانداق ساۋاب بولمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن ھەج پەرزى ساقىت بولىدۇ. ھەج پەرزى ساقىت بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇ كىشى نامازنى تەرك ئەتكەن ئادەم جازالانغاندەك ھەج پەرزى ئۈچۈن جازالانمايدۇ .
ھارام ئارىلىشىپ قالغان مالنىڭ زاكىتى قانداق ئادا قىلىنىدۇ؟
ھالال مالغا ھارام مال ئارىلىشىپ قالغاندا، ھالال مالنىڭ مىقدارى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسا، ھالال مالنىڭ زاكىتى بېرىلىدۇ. چۈنكى ھارام مالغا زاكات كەلمەيدۇ. ئەگەر ھالال مالنىڭ مىقدارى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتمىگەن بولسا زاكات كەلمەيدۇ. ھاراملىقى ئېنىق ئەمەس، ھالاللىقىدا شۈبھە بولغان مالغا زاكات كېلىدۇ .
مەنبەسى ھارام ياكى ھارام ئارىلىشىپ قالغان مىراسنى ئېلىشقا بولامدۇ؟
ئاللاھ تائالا بىزنى مىراسنى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن مىقدار بويىچە تەقسىم قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە مىراس ئىلمىنى ئۆگىنىشنى پەرز قىلغان. شۇڭا مىراس ئىلمى «علم الفرائض» (پەرزلەر ئىلمى) دەپ ئاتالغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى تەكىتلەپ: «مىراس ئىلمىنى ئۆگىنىڭلار، چۈنكى ئۇ ئىلىمنىڭ يېرىمىدۇر، ئۇ تېز ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئەڭ ئاۋۋال سۇغۇرۇلۇپ كېتىدىغان ئىلىم مىراس ئىلمىدۇر» دەپ كۆرسەتكەن.
مىراس قالغان پۇل-مال ھالال بولسا، ۋارىسلارنىڭ ئۇ مىراستىن بەھرىمەن بولۇشىدا ھېچقانداق چەكلىمە يوقتۇر. ناۋادا مىراس قالغان پۇل-مال ھارام ياكى ھارام ئارىلىشىپ قالغان بولسا، ئۇنىڭ ھۆكمى مۇنداق بولىدۇ:
— ۋارىسلار ئۆزلىرىگە قالغان مىراسنىڭ مەنبەسى ھاراق، تاماكا، ئاق چېكىملىك، چوشقا گۆشى دېگەندەك نەرسىلەرنى سېتىپ تاپقان ياكى ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق، قويمىچىلىق دېگەندەك ھارام يوللار بىلەن باشقىلاردىن ئېلىۋالغان ھارام مال ئىكەنلىكىنى بىلسە، بۇ مالنى ئىشلىتىش ئۇلارغا ھالال بولمايدۇ. ئۇ مالدىن چوقۇم قۇتۇلۇشى كېرەك. بۇ ھالدا ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئىككىلا يول بار بولۇپ، بىرى، باشقىلاردىن ئېلىۋالغان مالنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش، مال ئىگىلىرىنى تاپالمىسا ياكى كىملەرنىڭ ھەققى ئىكەنلىكىنى بىلمىسە، ئومۇمىي مۇسۇلمانلار مەنپەئەتلىنىدىغان ئورۇنلارغا ئىئانە قىلىۋېتىشتۇر.
— مىراسنىڭ مەنبەسى ھالال بولۇپ، تىجارەتتە ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق، كۆز بوياش ۋە يالغاندىن قەسەم قىلىش ئارقىلىق ھارام قوشۇلۇپ قالغان بولسا، مۇنداق ھارامنى ھالالدىن ئايرىش قىيىن بولغانلىقتىن، ۋارىسلار مىراستىن مەھرۇم قىلىنمايدۇ. ئەگەر ۋارىسلار گۇناھتىن ۋە ھارامدىن پاكلىنىشنى خالىسا، مىراستىن ئۆزى ھارام دەپ تەخمىن قىلغان قىسمىنى ياخشىلىق يوللىرىغا، يوقسۇللارغا بەرسە بولىدۇ. ئەگەر مىراسنىڭ كۆپ قىسمى ھالال ۋە ئاز قىسمىلا ھارام بولسا، ۋارىسلار يەنىلا مىراستىن مەھرۇم قىلىنمايدۇ، مىراستىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش ھەققى بار. بەزى ئۆلىمالار ئاشۇ ئاز قىسىم ھارامنى ئايرىپ چىقىپ ياخشىلىق يوللىرىغا سەر قىلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇ توغرىدا بىرلىككە كېلىنگەن فىقھىي دەلىل يوق. ئەللامە يۈسۈپ قەرداۋىغا ئوخشىغا بەزى ئۆلىمالار مىراسنى ۋارىسلارغا ھالال قىلىدىغان ھارامنىڭ مىقدارى ئومۇمىي مىراسنىڭ يۈزدە 25 پىرسەنتىدىن ئارتۇق بولماسلىقى شەرت دېگەنلەرمۇ، ئومۇمىي مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئارتۇق بولماسلىقى شەرت دېگەنلەرمۇ بار. ھەربىرىنىڭ ئۆز ئىجتىھادىنى كۈچلەندۈرىدىغان دەلىللىرى بار» .
يېتىملەرنىڭ مېلىغا ئارىلىشىپ قالغان ھارام مەسىلىسى
يېتىملەرنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغان ئادەم (ۋەسىي) بەزىدە يېتىملەرنىڭ پۇل-مېلىنى بانكىدا قويۇپ ساقلاشقا ھاجەت بولىدۇ. يېتىملەر ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلالىغۇدەك ياشقا كەلگەندە، ۋەسىي ئۇلارنىڭ پۇل- مېلىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن، پۇلنى بانكىدىن ئالىدۇ. ئۇ چاغدا ئەسلىدىكى پۇل بىلەن بانكىدا يىللاردىن بېرى ئۆسكەن پۇل قوشۇلۇپ كەتكەن بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، يېتىملەرنىڭ پۇلىنى ئۇنىڭغا كىرىپ قالغان ھارامدىن قانداق پاكلاش كېرەك؟
ئۆلىمالار بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: «يېتىملەر ئۆزلىرىنىڭ پۇل-مېلىدىكى ھارامنى ياكى شۈبھىلىك مىقدارنى ئايرىپ چىقالىسا، ئاشۇ ئايرىغان مىقدارنى يوقسۇللارغا ياكى ئومۇمىي مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەتلىك ئورۇنلارغا ئىئانە قىلسا بولىدۇ. ئەگەر ئۆزلىرى بىلەلمىسە، بانكىدىن ئەسلى پۇل بىلەن ئۆسكەن پۇلنىڭ مىقدارىنى سورىسا، ئۇلار ھېسابلاپ بېرىدۇ. ئاشۇ ھېسابلاپ بېرىلگەن ئۆسۈم مىقدارىنى يۇقىرىقى ئېھتىياجلىق تەرەپلەرگە ئىئانە قىلىۋەتسە بولىدۇ. ناۋادا مەزكۇر يېتىم (ياكى يېتىملەر) يوقسۇل بولۇپ، ئۇلارغا زاكات ئېلىش دۇرۇس بولىدىغان دەرىجىدە بولسا، ئۆسكەن پۇلنى ئۆزى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، ئەمما ئۆسۈمدىن قۇتۇلغىنى ئەۋزەلدۇر» .
پۇل – مېلىغا ھارام قوشۇلۇپ قالغان ئادەمگە قىز بېرىشكە بولامدۇ؟
ھالالدىن پۇل تېپىش، ھالال يېيىش ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى ۋە ساغلام ئائىلىنىڭ كاپالىتىدۇر. ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان دىيانەتلىك، ئەخلاقلىق ۋە بەختلىك ئۆتەلەيدىغان بىرىگە ئۆيلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ھالال لوقما ئەخلاقلىق ۋە ئەقىللىق پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرۈشنىڭ يولىدۇر. شۇڭا، قىز-يىگىتلەرنى ئۆيلەندۈرۈشتە قۇدىلاشقۇچى ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ھالال كەسىپ قىلىدىغانلىقىغا ۋە ھالالدىن يەپ-ئىچىدىغانلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە بۇ ئىشنى سۈرۈشتە قىلىشى لازىم. ئەللامە مۇھەممەد راتىب نابلىسى ئېيتقاندەك، «ئەڭ ئېغىر ئىجتىمائىي زۇلۇم ئۆزىنىڭ دىيانەتسىز ئوغلىغا دىيانەتلىك قىز ئېلىپ بېرىشكە ئۇرۇنۇشتۇر».
ئاق چېكىملىك، ھاراق، تاماكا، چوشقا گۆشى دېگەندەك ھارام نەرسىلەرنى ئېلىپ ساتىدىغان، قىمارخانىلاردا، تانسىخانىلاردا ئىشلەيدىغان، سودىدا ئالدامچىلىق ۋە يالغانچىلىق قىلىدىغان، قويمىچىلىق قىلىدىغان يىگىتلەر دىيانەتلىك قىزلارغا خېرىدار بولۇپ كىرسە قانداق قىلىش كېرەك؟
بەزى ئۆلىمالار بۇنداق يىگىتلەرگە ھارام ئىشلار يۈز بېرىدىغان جايلاردا ئىشلەشتىن ۋاز كېچىشنى، ھالالدىن پۇل تېپىش يولىغا كىرىشنى تەۋسىيە قىلىش لازىم. ئەگەر ۋاز كەچسە ۋە ھالال ئىش قىلىپ پۇل تېپىش يولىغا كىرسە، ئۇنىڭغا قىز بېرىشكە بولىدۇ، ناۋادا نەسىھەتنى قوبۇل قىلمىسا ۋە ئۆزىنىڭ ئىش ئورنىدا ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، ئۇنىڭغا قىز بەرمەسلىك كېرەك، دەپ قارايدۇ.
ئىسلام فىقھىي ئالىملىرى قىز تەلەپ قىلغۇچى يىگىتنىڭ دىيانەتلىك ۋە ئەخلاقلىق بولۇشى شەرت ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:  وَالطَّيِّبَاتُ لِلطَّيِّبِينَ وَالطَّيِّبُونَ لِلطَّيِّبَاتِ « پاك ئاياللار پاك ئەرلەرگە لايىقتۇر، پاك ئەرلەر پاك ئاياللارغا لايىقتۇر» دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر سىلەر ئۇنىڭ دىيانىتىگە ۋە ئەخلاقلىغا قايىل بولساڭلار، ئۇلارنى دەرھال ئۆيلەندۈرۈڭلار، بولمىسا يەر يۈزىدە چوڭ بۇزغۇنچىلىق تېرىغان بولىسىلەر» دەپ كۆرسەتكەن.
ئۆلىمالارنىڭ ھارامدىن پۇل تاپىدىغان ئادەمگە قىز بەرمەسلىك لازىم دېگەنلىكىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۆيلىنىش ئىبادەتتۇر. چۈنكى ئۆيلىنىش ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى تۇتقانلىق ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغانلىقتۇر. ئاللاھ تائالاغا قىلىنىدىغان ئىبادەت ھارام بىلەن بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، ئاساسى ھارامدىن قۇرۇلغان بىر ئائىلىگە ئاللاھ تائالا قانداقمۇ بەرىكەت ئاتا قىلسۇن؟!